مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
يايلاقتىكى ئەپسانە: باغنانى ئىزدەش [پوۋېست] (1)
تەۋە تۈر: تەرجىمىلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2011/06/03 | كۆرۈلۈشى: 954 قېتىم

ئاپتورى:خېلگىنا[مۇڭغۇل]

تەرجىمە قىلغۇچى: چۈشتاق

پوۋېست

1

باغنا بىلەن ئائىلىمىزنىڭ پادىلىرى يوقاپ كەتكەن كۈنگە ئۈلگۈرۈپ، دادامنىڭ زىققا كېسىلىمۇ قوزغىلىپ قالدى. ئەتىيازنىڭ قۇرۇق سوغۇق شامىلى ھەممە يەرنى قۇم بورانغا پۈركەپ، دادامنىڭ جېنىنى ئالغىلى تاس قالدى. ئانام دادامدىن يوشۇرۇنچە، يۇرتداشلاردىن سايلىققا ۋە قوشنا كەنتلەرگە بېرىپ ئىزدەپ بېقىشنى ئۆتۈنگەن بولسىمۇ، ئاكامنىڭ قىلچە دېرىكى بولمىدى. جاھاننى بىر قاپلىغان قۇم بوراننىڭ دەستىدىن كىشىلەر سىرتقىمۇ چىقماي، ھەممىسى ئۆز ئۆيلىرىدە ئارام ئېلىش ياكى ئۈچ-تۆتى بىر يەرگە جەم بولۇپ، ھاراق ئىچىش، كورت ئويناش، تېلېۋىزور كۆرۈش بىلەن ھەلەك ئىدى(ئۇ كۈنلەردە تېلېۋىزوردا «غەربكە ساياھەت» فىلىمىنى قويۇۋاتاتتى). پەقەت چاغان كەنتىدىكى ناشۇن بوۋايدىن ئازراق ئۇچۇرىنى ئالالىدۇق. ئۇ كۈنى بوۋاينىڭ قوشنا كەنتتىكى تۇغقىنى بوۋاينى مېھمانغا چاقىرغان بولۇپ، بوۋاي كەيپ بولغۇدەك ئىچىپ، ئېشەك ھارۋىسىنىڭ ئۈستىدە دۈگدىيىپ ئولتۇرغىنىچە، بەش قەدەمنىڭ نېرىسىنى ئىلغا قىلالمىغۇدەك دەرىجىدىكى قۇم بورانغا پەرۋا قىلماي ئۆيىگە قايتقان بولۇپ، يولدا قوي پادىلىرىنىڭ توختىماي مەرىگىنىچە ئالدىدا كېتىپ بارغانلىقىنى كۆرگەن، ئەمما قوينى ھەيدەپ ماڭغان بىرەر ئادەمنى كۆرمىگەن. ناشۇن بوۋاي تېخى ئەجەبلەنگەن ھالدا، قويلارنى قۇم بوراندا ئېزىپ قالغان چېغى، يولدا ئۇچرىغان بايلىق دەپ ئويلىغان. ئەمما ئاخىرىدا، ئېزىپ قالغان قوي پادىلىرى بولسا شامالنىڭ يۆلۈنۈشى بويىچە ماڭاتتى، لېكىن بۇ قويلار شامالغا قارشى يۆلۈنۈشتە شىمالغا قاراپ مېڭىۋاتىدۇ. چوقۇم بىرەرى ھەيدەپ ماڭغان گەپ دەپ ئويلىغان. قوي پادىلىرىنى ئەستايىدىل كۆزەتكەن بولسىمۇ بىرەر ئادەمنى بايقىمىغان. ئاكامنى ئىزدەۋاتقان يۇرتداشلار بوۋاينىڭ كوتۇلداشلىرىغا چىداپ بولالماي، ئۇنىڭدىن قويلارنىڭ سانى 11مىكەن دەپ سورىغاندا، بوۋاي بېشىنى قاشلىغىنىچە، ئۇ چاغدا بوران بەك كۈچلۈك ئىدى. ئېنىق دىققەت قىلماپتىمەن. بەلكىم 11دىن كۆپرەكتۇ دېگەن.

ئاشۇ يىلى ئەتىيازدا، ئائىلىمىزنى ھەقىقەتەنمۇ نەس باسقان ئىدى. يىل بېشىدىكى قۇرغاقچىلىق سەۋەبىدىن تۈزۈكرەك ھوسۇل ئالالمىغاننىڭ ئۈستىگە، دادامنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن ئالغان قەرزنى قايتۇرىمىز دەپ، چارۋىلار تۈگۈل ئۆزىمىزمۇ قوساقنى ئاران توقلىغان ئىدۇق. ئانام باققان بىر مېكىجىن دەل شۇ كۈنلەردە چۈرپىلىگەن بولۇپ، بەرگىلى تۈزۈكرەك يەم بولمىغاچقا، ئەتىدىن كەچكىچە قۇرۇق ئاداپنىلا ئىچەتتى. توققۇز چۈرپىنى ئېمىتىۋاتقان مېكىجىنغا بۇ ئەسلا دال بولمايتتى. ئورۇقلاپ تاياقتەك بوپ قالغان مېكىجىن دەلدۈگۈنۈپ يۈرۈپ، ئاچلىقتىن كۈن بويى سەت چىرقىرايتتى. ئەمما ئائىلىمىزدىكى بىردىنبىر ئىنەك بىلەن ئاشۇ بىر نەچچە قوينىڭ ئەھۋالىمۇ مېكىجىندىن پەرقلەنمەيدىغان بولۇپ، ھەركۈنى كەچتە ئاكام ئۇلارنى سايلىقتىن ھەيدەپ كەلگەندە، شامالدا ئۇچۇپ كېتىدىغاندەكلا جانسىز كۆرۈنەتتى. يۇرتىمىز قىرچىن قۇملۇقىدا بولۇپ، ئېتىزلىقلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، پۈتۈن ئەتراپ قۇملۇق بولغاچقا، قوي-كالىلار يېگۈدەك تۈزۈك ئوت-چۆپمۇ يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە نامراتلىقتىن ئائىلىمىزنىڭ ئەھۋالى شۇ تۇرسا، ئۇلارغا نەدىكى يەمنى بېرىمىز؟

شۇنچە تەشنا بولغان ئۆت-چۆپمۇ ئۆسۈپ چىقمىدى. ئاخىرى بىر كۈن كېچىدە ئۆيىمىزدىكى مال قوتىنىدا تراگېدىيە يۈز بەردى: ئاچلىقتىن كۆزىگە قان تولغان مېكىجىن قوتاندىكى تۇرغىدەك ماجالىمۇ قالمىغان ئورۇق ئىنەككە تاشلىنىپ، قورسىقىنى يېرىپ، ئارقا بىر پۇتىنى يەۋەتكەن ئىدى. دادام ئىككىنچى كۈنى سەھەردە ئاندىن بۇنى بايقىغان بولۇپ، شۇ چاغدا قان ئىچىدە ياتقان ئىنەكنىڭ كۆزلىرى تېخىچە پىلدىرلاپ تۇرغان ئىكەن.

ئىنەك ئۆلۈپ كېتىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن، ئۆيىمىزدىكى ئۈچ تۇياق قويمۇ ئارقا-ئارقىدىن ئۆلۈپ كەتتى. بىرسى ئاچلىقتىن ئۆلدى. قالغان ئىككىسى يول بويىدىكى ئەخلەتخانىدا كېرەكسىز سۇلياۋنى كۆپ يەۋالغاچقا، ئىچى قېتىپ ئۆلدى. دادام ئۇلارنىڭ قورسىقىنى يارغاندا، ئۇلارنىڭ قوسىقىدىن نەچچە كلوگرام كېرەكسىز سۇلياۋ چىقتى.

تېخىمۇ ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، بىر كۈنى كەچتە ئاكامنىڭ جان جەھلى بىلەن قوغلىشى ئارقىسىدا ئۆيىمىزدىكى خېلىلا يوغىناپ قالغان بىر جۈپ غاز پۇلاڭلاپ يۈگۈرگىنىچە قېچىپ، توساتتىن ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ، قوشنىلارنىڭ ئۆگزىسى ۋە ئېگىز سۆگەتلەردىن ھالقىپ، كەچكى شەپەق ئوتقاشتەك قىزارغان ئۇپۇق تەرەپكە قاراپ ئۇچۇپ كەتتى.

ئۆيدىكى غازنىڭ ئۇچۇپ كېتىشى بىزنىڭ ئۇ يەردە شۇملۇقنىڭ بىشارىتى بولۇپ، كىمنىڭ ئۆيىدىكى غاز ئۇچۇپ كەتسە شۇنىڭ ئۆيىگە بالايى-ئاپەت كېلىدۇ، دەپ قارىلاتتى. كېسەللىك ۋە نامراتلىق دەستىدىن مىجەزى تەرسالىشىپ قالغان دادام بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىنى ئاكامدىن كۆردى. ئاشۇ كۈنى كەچتە دادام دېمى ئىچىگە چۈشۈپ ئولتۇرغان باغناغا چېچىلىپ، بىرنەچچە غازغىمۇ ئوبدان قارىيالمايدىغان يارىماس دەپ تىللاپ كەتتى. دادامنىڭ چېچىلىشى ئاكامغا ئازار بولاتتى خالاس. ئەمەلىيەتتە باغنا شۇنچىلىك ئىشچان ئىدى. جاھىللىقتا كەنتىمىزدە داڭقى بار ئىدى. ناۋادا كىم ئۇنىڭ چىشىغا تېگىپ قويسا، ئۇ شۇنىڭ ئەدىپىنى بەرمىگۈچە بولدى قىلمايتتى.

2

ئائىلىمىزنىڭ نامراتلىقى سەۋەبىدىن ئاكام باغنا تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپلا ئوقۇشتىن توختاپ، ئۆيىمىزنىڭ ئېغىر يۈكىنى زىممىسىگە ئالغان ئىدى. ئاكام تېخى ئەجىر قىلىپ ئىشلەپ، ئېتىز ئېرىقنىڭ ئىشىدىن بوشانغان ۋاقىتلىرىدا چوكا مۇز سېتىپ تاپقان پۇلغا بەش توشقان سېتىۋېلىپ، باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللاندى. ئاكام مۇشۇ توشقانلارغا تايىنىپ ئائىلىمىزنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاپ كېتىمەن دەپ ئويلايتتى. ئەمما بۇ ئىشلار ئۇنىڭغا يەنە توشقانغا يەم تەييارلاش، كاتىكىنى قۇرۇغداش دېگەندەك جاپالارنى سالاتتى.

دەسلەپكى يېرىم يىلدا، توشقانلار ئاكامغا ئۈمىد ئاتا قىلىپ، خېلى كۆپ بالىلىدى. ئۆيدىكىلەرمۇ شۇنداق خۇشال بولدى. بۇنىڭدىن خۇشال بولغان ئاكام بىر قېتىم ئانام ساتقان بىر نەچچە چۈرپىنىڭ پۇلىنى ئۆزى ئېلىۋېلىپ، بازاردىن يەنە بەش توشقان سېتىۋالدى. ئەپسۇس ھەممە بالانى مۇشۇ توشقانلار تېرىپ، ئاكامنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقىنى بىكار قىلدى. بۇ بىر نەچچە توشقان كاتەككە كىرىشى بىلەنلا بىر خىل قاپارتقۇلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكنى باشقا توشقانلارغا يۇقتۇردى. ئاكام بىلەن دادام خۇددى ئۇستا مال دوختۇرىدەك بار ئاماللار بىلەن توشقانلارغا خىلمۇخىل دورىلارنى ئىشلىتىپ، توشقان كاتىكىگە كۆپ قېتىم دېزىنفىكسىيە سۇيۇقلىقى چاچتى. كېچە-كۈندۈز توشقان كاتىكىدىن نېرى كېتەلمەي، دېزىنفىكسىيە سۇيۇقلىقى بىلەن توشقانلارنى بىرمۇ بىر يۇيۇپ چىقتى. ئاقىۋەت توشقانلار بىر-بىرلەپ ئۆلۈپ تۈگىدى.

بۇنداق بولۇشىنى ئويلىمىغان ئاكام باغنا كۈنلەپ روھسىز يۈرۈپ، تۈگىشىپ كەتتى. بۇنىڭغا چىدىمىغان ئانام توختىماي ئاكامغا تەسەللىي بېرىپ يۈردى. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئاكام بۇ ئىشلارنى ئارقىسىغا تاشلىۋەتتى. قەھرىتان قىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، ئاكام قايتىدىن غەيرەتكە كېلىپ، باشقىلارنىڭ ھارۋىسىنى ياللاپ، باشقىلار بىلەن بىرلىكتە سودا-سېتىققا كىرىشىپ كەتتى. شەرقىي بازاردىن بېلىق يىغىپ غەربىي بازارغا، غەربىي بازاردىن كۆكتات ئېلىپ شەرقىي بازارغا ئاپىرىپ سېتىپ يۈردى. ئويلىمىغان يەردىن يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق ئىش ئاكامنىڭ بېيىش چۈشىنى يوق قىلدى. بىر قېتىم شەرقىي بازارغا بېرىش يولىدا، لىق ياڭيۇ بېسىلغان ھارۋا مۇز تۇتۇپ كەتكەن يولدىن ئۆتكىچە ئۆرۈلۈپ كېتىپ، ئاكامنىڭ پۇتىنىڭ ئۈچ بارمىقىنى ئۈزىۋەتتى. ئاكام پۇتىنى داۋالىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ-تىرمىشىپ يۈرۈپ تاپقان ئازغىنە پۇلىنى تۈگەتتى ھەم ئۆمۈرلۈك مىيىپ بولۇپ قالدى. پېيىگە دەز كەتكەن سول پۇتى ئاقساق بولۇپ قالدى.

كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە ئاكام توي قىلىش يېشىغا بېرىپ قالدى. (يۇرتىمىزدىكى ياشلارغا ئادەتتە 18-19ياشلاردىلا چاي ئىچۈرۈلۈپ قوياتتى.) ئاكام باغنا ئۆزى كېلىشكەن، تىرىشچان بولسىمۇ، ئائىلىمىزنىڭ نامراتلىقى ھەم پۇتىنىڭ ئەيىبى سەۋەبلىك ئۇنىڭغا ياتلىق بولۇشنى خالايدىغان قىز چىقمىدى. بۇ ئاكامغا تېخىمۇ زەربە بولدى. بۇ مەزگىلدە تەقدىر قەستەن ئاكام بىلەن قېرىشقاندەك قىرچىندا ئۇدا بىر نەچچە يىل قۇرغاقچىلىق بولدى. ئوتلاق ۋە سۇلۇق يەرلەرنىڭ ھەممىسى تېرىلغۇ يەر قىلىنىپ، ئېقىندىكى سۇلارمۇ بىر يەرگە بارغاچقا، قۇرغاقچىلىقنىڭ بولۇشىمۇ مۇقەررەر ئىدى. ئېتىزدىن ئۈمىد ئۈزگەن ئاكام باغنا قوشۇمچە كەسىپ بىلەن شۇغىللىنىمەن دەپ، قوشنا كەنتلەرگە بېرىپ دورا ماتېرىياللىرى كولاپ، جەرىمانە تۆلىدى. شەھەرگە بېرىپ قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىشلەپ، ھۆددىگەرگە ئالداندى. بىر يۇرتلۇق ھۆددىگەر بارلىق ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى سۈپۈرۈپ يوقالغان ئىدى. ئەسلىدىن جۇشقۇن، تىرىشچان ئاكام رەھىمسىز تەقدىر تەرىپىدىن غەمكىن، چۈشكۈن، كەمسۆز ھالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. ئەتىگەندىن كەچكىچە ئىشلەش، ئۇخلاشنىلا بىلەتتى. ئۆيدىكىلەر ياكى يۇرتداشلارغىمۇ گەپ قىلمايتتى. گاھىدا كەنتنىڭ نېرىسىدىكى قۇملۇققا بېرىپ قېرى ئادەمدەك كۈنگە قاقلىناتتى. ئەمەلىيەتتە نەچچە يىل ئىلگىرى بۇ قۇملۇق ئەسلىي كۆپكۈك ئوتلاق ئىدى. 70يىل بۇرۇن يۇرتىمىزدىن بىر داڭلىق قەھرىمان چىققان بولۇپ، ئۇ مۇڭغۇل بەگلىرىگە ۋە مىلتارىسلىرىغا قارشى كۆرەش قىلىپ، يۇرتىمىزنىڭ يۇقىرىسىدىكى يېڭى دەريادا قۇربان بولغان ئىكەن. ھازىر ئۇ دەريامۇ قۇرۇپ، قۇم بېسىپ كەتكەن ئىدى. بىزنىڭ ئەجدادىمىزمۇ ئەسلى مۇڭغۇللارنىڭ ئەڭ قەدىمكى چىيەن قەبىلىسىدىن بولۇپ، ئەينى يىلى بەگ-خوجايىنلارغا ئەگىشىپ جاھاننى سورىغان ئىكەن. ئەپسۇس ھازىر قارا دېھقان بولۇپ كېتىپ، ئانا تىلىنىمۇ ئۇنتۇپ كەتكەن ئىدى. دادام ئاكامنىڭ كۈنسېرى تۈگىشىپ كېتىۋاتقىنى كۆرۈپ، ئىچى پۇشاتتى، ئىچى پۇشسىلا جىددىيلىكتىن زىققا كېسىلى قوزغىلاتتى. دادام ئۇخلىيالماي، يۆتىلەپ تۇرۇپ:

-        تاغىسى خادگەينىڭ ئۆيىگە بىر بېرىپ باقساڭلار-دېدى ئانامغا.

-        نېمىشقا؟-سورىدى ئانام.

-        قويدىن بىر نەچچە تۇياق ئۆتنە ئېپ تۇرساق-دېدى دادام.

-        قوينى نېمە قىلىمىز؟-سورىدى ئانام.

   دادام باغنا تەرەپكە قاراپ ئاغزىنى ئۇچلاپ قويىۋىدى، ئانام ھەممىنى چۈشەندى. ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندىلا مېڭىپ، بەش كۈندىن كېيىن بىر نەچچە تۇياق قوينى يېتىلەپ كەلدى.

   دادامنىڭ ئويلىغىنىدەك، ئاكام قويلارنى كۆرۈشى بىلەنلا چىرايىغا ئاخىرى كۈلكە يۈگۈردى. ئۇ كۈنى ئاكام كىچىك بالىدەك قويلارنى ئەگىپ نېرى كېتەلمىدى. ھەتتا تامىقىنىمۇ يېمەي، قويغا ئېغىل  تەييارلىدى. ئۇ ئۆيىمىزدىكى كۈلرەڭ بايتالنى قوتاندىن يېتىلەپ چىقىپ، بىر تەرەپكە باغلاپ قويغاندىن كېيىن، قويلارنى قوتانغا ھەيدەپ كىردى. يەنە كېچىلەپ بېرىپ ئوت ئوراپ كېلىپ، قويلارغا بەردى. قويلارنىڭ ئوتنى تالىشىپ يېيىشىگە زوقلۇنۇپ ئولتۇرۇپ كەتتى. ئانام گاڭپەننى ئۇنىڭغا ئالدىغا ئېلىپ بارغاندىلا ئۇ ئاندىن قورسىقىنىڭ ئاچقانلىقىنى ھېس قىلدى. (كېيىن ئاكام قويغا بولغان ئامراقلىقى تۈپەيلى قويلار بىلەن ئېغىلدا بىللە تۇردى. بۇ ئىش يۇرتداشلارنىڭ پاراڭ تېمىسى بولۇپ قالدى)

ئۇ يىلى قۇرغاقچىلىق بەكلا قاتتىق بولدى. يۇرتداشلارمۇ ئازراقمۇ ھوسۇل ئالالمىدى. شال مايسىسى يېتىلىدىغان پۈتۈن بىر ياز بىز تېمىممۇ يامغۇر ياغمىدى. كۆپ يىل سۇ تارتىپ زىرائەت سۇغۇرغاچقا، يەر ئاستى سۈيىمۇ تارتىلىپ كەتكەن چېغى باسما قۇدۇقتىمۇ سۇ چىقمىدى. يۇرتداشلار قاغجىراپ كەتكەن ئېتىزلارغا قاراپ، چوڭقۇر ئۇھ تارتىشتىن باشقا ئامال قىلالمىدى. بىچارە ئاكامنىڭ 14تۇياق بولغان قويىمۇ يەم-خەشەكنىڭ تايىنى يوق قىشتىن چىقالىغان بىلەن، يازغا ئۇلىشالىشى تەس ئىدى.

ئاشۇنداق ئەھۋالدا، دادامدىن بىر ھازا تىل ئىشتكەن ئاكام، تۇيۇقسىز قويلىرى بىلەن بىللە غايىب بولدى.

(داۋامى بار…)

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 
    • بۇ ئەسەرنىڭ(ھەزرەتئەلى ئەخەت تەرجىمە قىلغان) ‹‹مىللەتلەر ئەدەبىياتى››ژۇرنىلىدىن ئوقۇغان ئىدىم. ئەسەرنىڭ ئاخىرى تولىمۇ ئېسىل.
      ئادەمنىڭ قويلارغا ئۆزگۈرۈپ كېتىشى، ياشاشقا ماس كېلىدىغان يايلاقنى تاپقانلىقىدەك يېڭى ئەپسانە(پانتازىيەلىك ) ۋەقەلىك ئوقۇرمەننى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىكەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى سەھەر 09:37
    • بۇ يىل بارلىققا كەلگەن بلوگلارنىڭ خاسىيىتىدە ئۆز ئىشتىھايىمىزغا ماس كېلىدىغان ئەسەرلەرنى ئوقۇيالايدىغان بولدۇق.
      ئەدەبىي تەرجىمە ۋە شېئىرىيەت ئىجادىيىتىدە مىننەتسىز ئەمگەك قىلىۋاتقان ھەزرەتئېلىگە مەدەت تىلەيمىز!

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى كەچ 13:11

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى