مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
بۇ كېچە كىم ئۇ يەردە ساز چالغىنى
تەۋە تۈر: تەرجىمىلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2012/06/20 | كۆرۈلۈشى: 712 قېتىم

ئاپتورى: لېي شۇيەن   

 چۈشتاق تەرجىمىسى

 

ئەركىن نەپەس

 

بوۋاق بېشى كۆرۈندى،

ئانا تېنى كۆكلىدى.

 

تەڭرى تۇرۇپ بىر چەتتە،

دېدى: خۇشۋاق، مەرھابا.

ھاۋا سەندىن ئايلانسۇن،

ئەركىن نەپەس ئال مانا.

 

دىماقلىرى ئالدىراش،

شاد-خۇراملىق ئىلكىدە،

كىشىلەر نەپەس ئالماقتا؛

راۋان، ئىللىق رېتىمدا،

ھايات سىرى ئاقماقتا.

 

گەر بولمىسا چارچاشتىن

دەم سىقىلىش، ھاسىراش؛

ياكى دەردۇئەلەمدىن

نەپەس كېسىپ ۋارقىراش؛

ھېچكىم ئېرەن قىلمىغاي،

نەپەس ئېلىش، تىنىشقا.

ئۆزگەرمىدى ئەزەلدىن،

چۈنكى ھاۋا كەڭتاشا.

 

تۇيغۇسىغۇ بەختنىڭ

ئەسلى ئاددىي بىر بايان.

سان-ساناقسىز دىماققا

ئەركىن نەپەس يار تامان.

 

چوڭايتىلغان خاتالىق

 

«مۇھەببەت» دېگەن سۆزنى گۈدەك چېغىم

بىر دەرەخ كۆكرىكىگە ئويۇپ قويدۇم.

مەن ئۇنى ئەبەد ئۆڭمەس پۈتۈك، دېدىم.

بىر قىزغا بەرگەن ۋەدەم ئەسلى چوقۇم.

 

ئارىدىن يېرىم ئەسىر ۋاقىت ئۆتۈپ،

شۇ دەرەخ يېنىغا مەن قەدەم ئالدىم.

بۇرۇنقى ئويغان سۆزۈم كۆكلەپ، ئۆسۈپ،

ساقايماس يارا بوپتۇ، تۇرۇپ قالدىم.

 

نەلەردە قېرىپ قالدى ئاشۇ قىزچاق،

مەن ئۇنى نەدىن بىلەي، كىمدە قالدى.

كۆرۈنمەس ۋاقىت قولى بىر تېپىشماق،

خاتالىق ئاشۇ قولدا چوڭايتىلدى.

 

 

ياش بۇلىقى قۇرىماستا

 

كىمكىنە ئاۋۇ يەردە ساز چالغىنى،

ياڭرىتىپ مۇڭ تامچىغان بىر ناخشىنى.

شۇ ناخشا گۈدەكلىكتە كۈلپەت كۆرسەم،

يار ئىدى ياشلىقىمدا ھەسرەت چەكسەم.

قەلبىمنى ئۆرتەلمىگەن، ئاقمىغان ياش،

مۇڭلىرى ئەسىر قىلىپ، قاتمىغان باش.

 

بۇ كېچە كىم ئۇ يەردە ساز چالغىنى،

ئەسلىتىپ ھەسرەت تامغان كەچمىشىمنى.

مەن بۇدەم ئاجىز، ئورۇق،غەمنى يەيمەن،

ئۆزۈمنى تۇتالماستىن ئېسەدەيمەن.

ياشلىرىم تۆكۈلۈڭلار بۈگۈن راسا،

بۇلىقى ياشلىرىمنىڭ قۇرىماستا.

 

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى