مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
ۋۇ جېنمو: گىياھ ھەم سۇدىمۇ بار سۆڭەك-چىدام
تەۋە تۈر: تەرجىمىلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2012/03/27 | كۆرۈلۈشى: 1,437 قېتىم

 

 

ئاپتورى:ۋۇ جېنمو

ھەزرەتئەلى ئەخەت تەرجىمىسى

 

 

ئانامغا

 

چاچلىرىڭ ئاقارغان ئاپئاق قار مىسال،

تىنماستىن يورغىلار ۋاقىت دېگەن چال،

تاغ يولى شاھىتدۇر، قەدەمدە بىر ھال.

 

كۈنلەرنى ئۇلايسەن كۈنلەرگە بەردەم،

ئويغىنار ياۋا گۈل ئەجرىڭدە ھەردەم،

جىلمىيار بۆلجۈرگەن ئالدىڭدا تال-تال.

 

ئۆتتى يىل مەن ئۈچۈن غەمدە ئەنسىرەپ،

بوي بەردى سېغىنچىڭ ماڭا ھەسسىلەپ،

كۆر، قەددىم بەھەيۋەت، ئەمەس بۇ خىيال.

 

دەل ۋىجىك قولۇڭدا كۆكلەيدۇ تۇپراق،

باغلىنار كۆزۈڭدە ئالەم سىن-سىياق،

ھالقىيدۇ تاغ-باغدىن، يىللاردىن جامال.

 

ياپيېشىل مەخمەل تاغ سېنى تىڭشايدۇ،

ئىزىڭ بار ئەگىم يول سېنى ساقلايدۇ،

قار، يامغۇر، ئوت قۇياش لەۋزىڭگە قامال.

 

ئەسكەندە شاماللار مەيىن رەۋىشتە،

زىرائەت كۆركىدە نازۇ كەرەشمە،

بۇ ھىممەت پەسلىدىن كۆڭۈلدە كۆپ لال.

 

قۇياشتىن بالقىغان نۇر-جۇلا تارام

ماڭلىيىڭ ۋەسلىدە يايراپ ھە، بايام،

قايتىدۇ قىيالماي كۆككە بىئامال.

 

گۈل-غۇنچە

 

سامادا سىر-ھېكمەت، زېمىندا قىسمەت،

كىشنەيدۇ چوققىلار غۇنچە قېتىدا؛

بۇلۇتلار مېھرىدىن ئايرىلماق ھەسرەت،

ساناقسىز بالھەرە خۇشھىد تېشىدا.

 

ۋاقىتنىڭ مۈلكىدۇر كۇللى مەۋجۇدات،

مۇئەمما كەچمىشكە شاھىددۇر قۇياش؛

ھە ئاندىن بىز ئۇنى قىلغاچقا ئىسپات،

سەكرىگەن قوللاردا ئالماستەك تۇتاش؛

شۇ سەۋەب گۈل بەرگى تاپمىدى مۇرات،

باھارغا خاس خىسلەت زېمىننى ئوراش.

 

كۆز نۇرۇم يول بويى ھارماي سايرىدى،

يەلكەمگە قۇم سۆزى قوندى شامالنىڭ؛

شاخلاردا ھاياجان يالقۇن ئايرىدى،

نە كېرەك سېغىنىش پەيتى ئامالنىڭ؛

ھەممىسى ياپراققا قەدەم قايرىدى،

پايانى يوقلۇقتا پۈتكۈل يارالنىڭ.

 

بېشىنى چىقاردى باھار بەك سىدام،

تۇپراققا تەر سىڭگەن، تاشقا قىزىل قان.

گىياھ ھەم سۇدىمۇ بار سۆڭەك، چىدام،

ھاياتقا ھەردەقىق ئەلەم يار پىنھان.

 

نېمانچە تەسىرلىك غۇنچە نىداسى،

كۆڭۈلگە تاشلىنار باھار شۇ سىياق؛

نە قەدەر يىراقتۇر ھايات قىياسى،

نە قەدەر يېقىن ھەم ئەسلا يوق پىراق.

 

غۇنچىنىڭ ئۇھسىنغان مەيۈس ئاۋازى

ئورايدۇ زېمىننى بوپ ئېغىر تىنىق؛

قۇياشقا تىۋىنغان غۇنچە پەرۋازى

كۆزۈمدىن قاچماقتا چىقىرىپ قىلىق.

 

«مىللەتلەر ئەدەبىياتى»(خەنزۇچە) ژۇرنىلىنىڭ 2010-يىللىق 2-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 
    • ھۇزۇرلاندىم.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى سەھەر 10:51
    • مىللەتلەر ئەدەبىياتى 2011- يىل (ئۇيغۇرچە) 2- سانىدا ئلرن قىلىنغان نۇسخىسى شۇمۇ ؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى سەھەر 11:44
    • ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ جاپالىق قايتا ئىجادىيەت ئىكەنلىكىنى بۇ شېئىرنىڭ تەرجىمىسىدىنلا كۆرۈۋېلىش مۈمكىن، ھەزرەتئېلى شېئىرغا ئۆز ئۇسلۇبى ۋە ماھارىتىنى سىڭدۈرۈپتۇ، ئەگەر ئاپتور نامى ئېلىنمىسا سىزنىڭ شېئىرىڭىز دەپ قالاتتىمكەن. يەنە سورىۋالاي، ئەسلى شېئىر ئۇسلۇب جەھەتتە بەك كۆپ ئۆزگىرەپ كەتكەنمۇ قانداق؟ سىزنىڭ تەرجىمە، بولۇپمۇ شېئىر تەرجىمىسى ھەققىدىكى قارىشىڭىز قانداق؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى سەھەر 09:22
      • تەرجىمە جاريانىدا ئەسلى شېئىرنىڭ شەكلىگە ئاساسەن ھۆرمەت قىلدىم. تەرجىمە قىلىشتا خەتمۇخەت تەرجىمە قىلىشتىن، لۇغەت مەنىسى بويىچە تەرجىمە قىلىشتىن ساقلاندىم.ئەسلىي شېئىردىكى بىرىنچى مىسرالار تەرجىمىدە بەلكىم ئىككىنچى مىسرا بولغان بولۇشى مۇمكىن. شېئىر تەرجىمىسىدە ئەسلىگە سادىق بولۇش دېگەن ئۆلچەم ماڭا تازا ياقمايدۇ.

        يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى سەھەر 10:07
        • تەرجىمىدىن كۆپ ئەجىر قىلغانلىقىڭىز ۋە ئىجادىيلىققا ئالاھىدە قارايدىغانلىقىڭىزنى سەزگىلى بولىدۇ.

          يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى كەچ 16:02

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى