مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
تەنھالىق، تەنھالىق، يەنە تەنھالىق …
تەۋە تۈر: نەسىرلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2012/04/01 | كۆرۈلۈشى: 1,646 قېتىم

 

ئاپتورى: چۈشتاق

 

(تۇيغۇنامە)

 

«ئۇ يۈكسەك مەنا مۇنبىرىدە تۇرۇپ مەندىن سورىدى:

— بەخىتلىكمۇ سەن؟

— قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتىم.

— بەخىتسىزمۇ سەن؟

— يەنىلا قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتىم.

— ساراڭمۇ سەن؟! – دىدى ئۇ تەئەججۈپ ئىلكىدە؟

— بەلكىم!! – دىدىممەن قوشۇمامنى تۈرۈپ.»

                                             — خاتىرەمدىن.

 

ئىڭڭە!— ھاياتقا بولغان تۇنجى سادايىم باشلاندى، ئوغۇل ئىكەنلىكىمنى بىلىپ ئاتام شاتلىنىپتۇ، ئانام قانداقدۇر بىر چۆچەكلەرنى ئەسلىگەنمىش… …

*    *

بىر سادا—يىراق، تولىمۇ يىراقتىن؛ يېقىن، بەئەينى قۇلاق تۈۋىمدىن،ئۆزلۈكسىز تۈردەغىدىققا ئامراق نىرۋىللىرىمنى غىدىقلاپ كەلدى؛ غىدىقلاندىم،غىدىق،غىدىق…. ، پەقەت غىدىقلىنىشلا مىنى تۇيغۇ بىئاراملىقىدىن تەپەككۇر ئەركىنلىكىگە ئۈندەيتتى.

ۋاھ!!—كۈلگۈم تۇرۇپ كۈلەلمىدىم، يىغلاي دەپ يىغلىيالمىدىم، راسا بىر يىغلىغۇم بار ئىدى، بولدىلا يىغلايمەن، ئاتا، تۇرقۇمغا قاراپ ئۈمىتسىزلەنمە!، ئانا، يېشىمغا قاراپ مەيۈسلەنمە!.

توختىغىنا ئاكا، بىر قۇچاقلىۋالاي! قاچما، مەن ئۇكاڭغۇ سېنىڭ………؟

تۇرۇپ-تۇرۇپ تۇيغۇ تەقەززاسىنى تەپەككۇر جىلۋىسىگە مىندۈرۈپ، ھاسىلات مەنزىلىگە چاپتۇرىدىغان بولۇپ قالدىم. ئورۇنسىز كۈلكىلەردىن بىزار بولۇپ، تەپەككۇر مىۋىسىگە باي «ئازاپسىز ئازاپ»لار قوينىدا ئۈمىد غۇلىچىمنى كەڭ كىرىپ«خۈنۈك نىشان»غاقاراپ ئۈزۈشكە خۇمار بولۇپ قالدىم.

— يۈرە ئاداش سىرىتنى ئايلىنىپ كىرەيلى…..

— كۆتەر قاسقىنىڭنى! ئۆزۈڭ ئايلان ئۇنداق كوچاڭنى!…

ئۆچمەنلىك نۇرى تاراتقان«سەبى»كۆزلەرنىڭ تەنتەك ھۇجۇمىدا قالدىم؛ بىر كۈلسەم ھە؟…

تەۋەللۇت تەقەززاسىدىن،سادالار قوينىغا،«ئۈمىتلەر»تەرىپىدىن سۈرگۈن سەۋەبلىك،مېنى ئۆز قوينىغا ئالغان كەڭرى تەبىئەت مېنى ھەيران قالدۇردى…

قۇشلاردىن يىتۈك تىلدا ناۋا قىلىشنى؛كىچىك-كىچىك ئېرىقلارنىڭ شىلدىرلىشىدىن ۋىلىقلاشنى؛ بۇلاقلارنىڭ تىنىمسىز بۇلدۇقىدىن سۈكۈتلۈك تەپەككۇرنى ئۈگەندىم،ئۈگەندىم ئەمەس ئۈگىتىلدىم. شاماللار گۈركىرەپ؛ قارلار لەپىلدەپ؛ يامغۇرلار شارقىراپ مېنى يەلپۈدى،ئورىدى، يۇيۇندۇردى. غۇلاچلىرىم كەڭرى بولسا تەبىئەتنى باغاشلىسام؛تەپەككۇرۇم شاش بولسا تۇيغۇلارنى چاپتۇرسام.

كەيىپلىك ئىچىدە چۈش كۆرۈپتىمەن—شاش ئاتلارنىڭ تۇياقلىرى دۈپۈرلەيتى،چەكسىز قۇملۇقتا كۆزلىرىم ئالۋۇنلارغا چەكچىيەتتى، قۇيۇنلارغا يەم بولسام ھە؟…

تۇيغۇلارنىڭ يۈگەنسىز تىپىرلىشى،تەپەككۇر سەيياھىنى ئەركىنلىكنىڭ ئەركىنلىكىگە ئاپىرىدۇ. بىلىم «تەشنالىق»ىنىڭ تەقەززالىق جىلۋىسى تۈپەيلى ، بىجىلۋە ماكانغا ۋاقىتسىزنىڭ ۋاقىتلىقىدا مەھكۇم بولدۇم؛ مەھكۇملۇق مېنى قىينايتى،قىيناش مېنى يېڭىلايتى،يېڭىلىنىش مەن ئۈچۈن ھايات ئىدى،ھايات مەن ئۈچۈن چەكسىزلىككە تۇتاشقان ئەگرى-بۈگرى يول ئىدى.

«بىجىلۋە ماكان»غا«سىرلىق چەمبىرەك» دەپ ئات قويىۋالدىم،ھەر دائىم سىرلىق كۆزلەرنىڭ چۈشىنىكسىز نۇرلىرىغا نىشان بولۇپ ياشىدىم. نىشانلانغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن نىشانلىغۇچىلار قىمىرلىشىدا ئۆز ئەكسىمنى تاپتىم،ۋە ھەم تېپىۋاتاتتىم، «سىرلىق چەمبىرەك»كە ھەر ۋاقىت سوقۇلدۇم، سوقۇلۇش مېنى سىلكىندۈرمەستىن ھەيران قالارلىق دەرىجىدە تەمكىن قىلىپ قويدى، «لاياقەتنامە» (شاھادەتنامە)نىڭ سىرلىق ۋەسلى مەن ئۈچۈن جەلىپكارلىقىنى يوقاتتى، بىمەنىلىك ئىچىدە بىمەنىلەرچە ياشاپ شالغۇتلۇق ۋەھىمىسى ئىچىدە چارچىدىم، چارچاش ئېلىپ كەلگەن سۈكۈتلۈك ئارام قوينىدا يۇلتۇزلارنىڭ چۈشىنى كۆردۈم، تۇرۇپ ئۆزۈمنى تولىمۇ بەخىتلىك ھىس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم ،ئەلۋەتتە باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئۇنداق ئەمەس، نىمىلا بولمىسۇن ئەبجەش مۇھىتنىڭ دىمىق ھاۋاسىدا قىينىلىپ نەپەسلىنىپ يۈردۈم، لىكىن نىمىشقىدۇر ئەشۇ دىمىقلىق مىنى ئۆزلىكسىز يېڭىلاپ، مىنى كۈندىن كۈنگە سۈكۈتلىككە يېقىنلاشتۇردى، مۇنداقچە ئېيتقاندا كۈلكىچان،چىرايىدىن كۈلكە ئۆچمەيدىغان كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى «چۈشكۈن»لۈككە قاراپ ماڭدىم .شۇ سەۋەب ئازغۇن سانالدىم،لىكىن مەن «پىتىر قۇلاق» بولۇپ ياشاۋەردىم، ئەلۋەتتە گاس ئەمەس… …

تۇرۇپ- تۇرۇپ كۈپۈكلۈك خانەمدىكى «تۇمانلىق»ئەللەيلەشلەر ئىچىدە، يىگانە ھالدا ئەشئارلىق بەزمە تۈزۈپ، بەخىت ۋىسالىنىڭ ماڭا تەئەللۇق بولىمىش ھوزۇرىدا يۈرەكنى ياشارتىپ، «جانسىز» ھەمراھلار بىلەن بىرگە سۈزۈكلۈككە قاراپ ماڭدىم،ئەلۋەتتە كەيىپلىك ئېلىپ كەلگەن تۇيغۇلار مەئىشىتى ماڭا «ئازاپ» نۇرى ئارقىلىق چىكىت-پەشسىز تۇيغۇ ئىلھامى ئاتا قىلدى،ئۆزۈمنىڭ ئەشۇ خىل «بەخىت» ئارىلى مىنى كۈندىن-كۈنگە ئۆزىگە مەھلىيا قىلىپ ماڭا سۈكۈناتتىن ۋىسال لەززىتى ئاتا قىلدى؛ شۇ سەۋەپ «جانسىز» ھەمراھلارنىڭ كەيپچان ۋەسلى ماڭا تۇيغۇ ئەركىنلىكىگە ئىرىشىشنىڭ نۇرىنى كۆرسەتتى، بۇ خىل ئېرىشىش مېنى ئالى دەرجىدە خۇشھال قىلسا ئەتراپىمدىكى «يۇلتۇز»لارنى تەئەججۈپ ئارىلىغا باشلاپ كۆزلىرىگە «ئۆچمەنلىك»، «ئوي»لىرىغا زارلىما ئامىللىرىنى ئايىماي تۆككىلى تۇردى، لىكىن مەن توۋا دەپ باقمىدىم، ھەم خالىمىدىم ، قۇلىقىمنىڭ ئەسلەتمىسىگە قارىسام ماڭا «توۋا» دىگەن سۆزنى قىلىش ماس كەلمەسمىش،بوپتىلا ، مۇناسىپلار دىسۇن،شۇلارلا ھەقلىقمىش!… «توۋا»

بەزىدە يۈرەكنى يۈرەك دىگۈم كەلمەيدۇ، يۈرەك دىگەن ئۇنچە سەزگۈسىز بولماس….ئازاپ…ئازاپ…..

*    *

قەلبىمنىڭ مۇڭدار قەلئەسى زۆرۈرىيەت تۈپەيلى تەۋەللۇت بولغان ياشلىق كۆزلەرنىڭ ئارامگاھىغا ئايلاندى.

پىژغىرىم ئىسسىقتا، ئورما ئورغاندا ئورغاق تۇتقان قوللىرىم؛ ئاتامغا سوغۇق دەملەنگەن چاي سۇنغان قوللىرىم؛ ئورماندىن چاۋا تەرگەن قوللىرىم؛ ئانامنىڭ گەجگىسىنى ئۇۋىلىغان،پۇتلىرىنى تۇتقان قوللىرىم، ئاتالمىش باتۇرلۇقنىڭ زەئىپلىكىدە كور بولغان كۆزلىرىم، دىلبەرنىڭ مۇڭسىز تەقەززاسىدا ئۆلگەن كۆزلىرىم: قوللىرىم.. قوللىرىم..كۆزلىرىم..كۆزلىرىم… ،سىرغىۋاتقان تەئەججۈپلەر..

بەزىدە ياشاش تەقەززاسى ۋە نىرىپلار ئارزۇسى بويىچە بىلىپ- بىلمەي(بەزىدە بىلىپ تۇرۇپ) ئەخلاقنىڭ ھايالىق يالۋۇرۇشلىرىغا پەرۋا قىلمىغان ھالدا، ئاتالمىش خىجىللىقنىڭ كۆزىگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ «بەندىلىك»ىمنى نامايان قىلدىم؛ ئەتراپىمدىكى دەبدەبىلىك نەسىھەتلەرنىڭ تەلمۈرۈشلىرىگە پەرۋاسىز تەبەسسۇم ئاتا قىلىپ ، پىنھانلارچە كۈلدۈم ؛ كۆزلىرىم بەزىدە كۆرۈشنى خالىمىغان غىدىقلىما مەنزىرلەرنى كۆرۈپ قالدى، ھەيران قالدىميۇ، لىكىن بەزىلەرنىڭ «دانالار»چە ئېيتقان سۆزلىرىنى ئەسلەپ ،ھەيران قالماسلىققا «تىرىشتىم»، چۈنكى «دانالار»نىڭ «ھىكمەت»لىرى بويىچە ھەيران قېلىش «نادانلىق»مىش؛ لىكىن كۆزلىرىم يەنىلا كۆرۈپ تۇردى؛ كۆرگەن كۈنلىرىم مىنى ئەمەس ،ھايانىڭ ئىپپىتىنى ۋە ھەم ئاتالمىش ئەخلاقنىڭ نازۇكلىقىنى غۇۋالىق ئىچىدە چەيلەپ ماڭدى،چەيلىگۈچىلەرنىڭ ئىچىدە «مەن»مۇ،«ئۇ»مۇ بار ،ۋە بەلكىم «سىز»مۇ بارسىز، كۆزلىرىڭىزگە قارىسام قۇسقۇم كىلىدىغۇ تاڭ؟!؟.

شاۋقۇنلۇقتا چۈش كۆرۈپ ،سۈكۈنات ئارىلىدا سەيلى قىلىپ يۈرگەندە، كۆپلىگەن «يىتىم»لەرنى ئۇچراتتىم، يىتىملىكنىڭ «دەرد»ىنى بەخىت ھىسابلاب يۈرگەن بۇ «يىتىملەر» كۆزۈمگە شۇنداق يېقىن كىشىللىرىمدەك بىلىنىپ كەتتىكى، ئەگەر ئۇلار خالىغىنىدا ئىدى،ئۇلار بىلەم مۇڭدىشاتتىم؛ ئەپسۇس!! سىرداشماق ئۇلارغا نىسبەتەن يات ئىش ئىدى ، ئۇلار شۇڭا «يىتىم»ئىدى، شۇ «يىتىم»لىكنىڭ ۋەسلىدە…….كۆڭۈللەر سەرسان؟!.

ھەممىنى كۆرىۋاتقان كۆزلىرىم، يۇمۇلما!!

ھەممىنى سىزىۋاتقان يۈرىكىم سەكرىمە!!

ۋاي چىداپسەن ھە! ياشاپ كەت.

«سىرلىق چەمبىرەك»كە ئالايغىنىڭ نىمىسى؟؟! كۈلۈمسىرە تەبەسسۇم ئەيلە!، گەرچە ئۆلگۈڭ كەلسىمۇ؟.

تۇيۇقسىز كىمدۇر بىرىنىڭ كۈلگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالدىم…

—كۈلە! راسا كۈل، سەن كۈلمىسەڭ كىم كۈلىدۇ ھەي!!! كۈلە…؟

سۈكۈنات ئارىلىنىڭ تەئەججۈپلۈك كىچىسى كۆكتىكى ئەسرارلىق يۇلتۇزلارغا ئاشىق بولۇپ ،كۆزلىرىمدىن ئاشىقلىقنىڭ بەخىت ياشلىرى تۆكۈلگەندە، ئەتراپىمغا ئىتتىك قارىدىم،زىمىننىڭ مىسكىنلىك شايىسىغا ئورالغانلىقىنى كۆرۈپ مەست بولدۇم، كەيىپلىكىمنىڭ لەيلەتمىسى بىرلە كۆڭۈلنى غەش قىلغۇچ ئەسلىمىلەر قوينىدىن شاشلىققا قاراپ ئۇچتۇم، سانسىز يۇلتۇزلارنىڭ جىلمىيىشى خۇددى مىنى ۋىسال تەسەۋۋۇرىغا ئۇلاشتۇرغاندەك بولدى. ئۇچقانسىرى ئەتراپىمدىكى دۇنيا نىقاب ئىچىدە كۆرۈنىشكە باشلىدى. بوپتىلا ،روشەنلىكتىن تەئەججۇپقا مىنگىشىپ سۈزۈكلۈكنى نىشانلاپ ئۇچقاندىن كىيىن ئۇچىۋىرەي ،بۇ مىنىڭ ئارزۇيۇمغۇ ئاخىر، قېنى كەيپ ۋەسلىنى ئاتا قىلغۇچ تەپەككۇر شارابى؟، قېنى تەئەججۈپلىكتىن ياسىلىپ ئازاپتىن نەقىش ئويۇلغان سۈكۈنات رومكىسى؟؟، ….

بولدى قىلاي، تۇيغۇم قانداقتۇر بىر بولغۇسى ۋىسالنى سەزمەكتە، ئەنە قولىدا تەپەككۇر شارابىنى سۈكۈنات رومكىسىغا لىپمۇ-لىپ قۇيۇپ «يىتىم»لىك ناخشىسىنى توۋلاپ سايەم كىلىۋاتىدۇ، تەنلىرىم يايراپ، كۆزلىرىم نۇرلىنىشقا باشلىدى ، مەنمۇ سايەمنى ئۈمىتسىز قويماسلىق ئۈچۈن كەيىپچى خانەمنى ئەشئارلاي… ئەنە سايەم مېنى چاقىرىۋاتىدۇ… … …

2002-يىل 8-ئاي بېيجىڭ.

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 
    • بۇنداق سەرۋەرىلىك نەسىر ئوقىمىغىلى خېلى ئۇزۇن بوپتىكەن، بەك ئوبدان يېزىپسىز

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى سەھەر 01:27
    • نەسىرلىرىڭىزدىن تولىمۇ ھوزۇر ھىس قىلدىم. كىشىنى ھەقىقەتەن چەكسىز خىياللار باياۋىنىغا باشلايدىكەن. تەپەككۇر دۇنياسى نىمىدىگەن چەكسىز-ھە! مىنىڭچە تەنھالىق بىزنى ئۆزىمىزىگە تېخىمۇ يىقىنلاشتۇرىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەر 11:36
    • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
      خالىسىڭىز ھەزرەت گرافىكى بىلەن ئۇلىنىش ئالماشتۇرساق.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى سەھەر 00:07
    • تۇيغۇنامەنىڭ باشلىنىشى بىلەن خاتىمىسىنىڭ جىپسىلىشىشى ئەسەرنىڭ قىممىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپتۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچ 16:33
    • بۇ يازمىنى ئوقۇدۇم،ئوقۇدۇمكى تۇيغۇلىرىم،خىياللىرى نەلەرگىدۇر سەپەر قىلماقتا…

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى سەھەر 04:25
    • تەنھالىق، تەنھالىق، يەنە تەنھالىق، تەنھالىق ئۆزلۈكنىڭ مەنزىلى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچ 15:54

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى