مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
تار كوچا (پوۋېست) (A)
تەۋە تۈر: نەسىرلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2012/01/08 | كۆرۈلۈشى: 620 قېتىم

ئاپتورى: چۈشتاق

 

(پوۋېست)

 

سۇلار شارقىراپ ئاقسا،

تۈگمەننىڭ نورى دەيمەن.

بېشىمغا ھەر بالا كەلسە،

ئۆزەمنىڭ شورى دەيمەن.

                                                             -خەلق قوشىقى

 

مۇقەددىمە

    بەختنىڭ جىلۋىگەر سىماسى ھەر ۋاقىت، تەسەۋۋۇر گۈلشەنىمىزدە ھەر خىل قىياپەتتە بىزنى مەست قىلىدۇ، ئەمما، ھەقىقىي بەخت تېخى بىزگە مەۋھۇم ئۇقۇم. ئەجەبا بىز تېخى ئۆز – ئۆزىنى بەزلەشنىڭ، نەقەدەر بىمەنە ئىكەنلىكىنى بىلمىسەك – ھە؟

نامەلۇم نەرسىلەر بىزنى غىدىقلايدۇ، ئەلۋەتتە غىدىق بىزنى ئويغا سالىدۇ. بەلكىم ئاشۇلار بىزنىڭ قولىمىزدىن كېلىدىغان ئىقتىدار ۋە دەخلىسىز ھوقۇقتۇر بەلكىم……

 

1

بۈگۈنمۇ، كۈندىكىگە ئوخشاش قۇياش شەرقتىن كۆتۈرۈلدى، شەھەر ئۆزىنىڭ قايتىلانما ھەرىكىتىنى باشلىۋەتتى.

_ ھەي نېرىراق تۇرايلى ماۋۇنىڭدىن……

_ ئوغرى ئوخشايدۇ، قارا تۇرقىغا…

خىيال بىلەن بولۇپ كەتكەن پازىل ئاپتوبۇستىكى ۋاراڭ – چۇرۇڭدىن ئېسىگە كېلىپ، ئەتراپىغا قارىدى، ھەممە كىشى خۇددى «ھە! ئېلىشىڭ باردەك قارايسەنغۇ؟» دېگەندەك ئۇنىڭغا تىكىلگەن ئىدى، پازىل دەرھال قولىنى يانچۇقىغا سالدى. «باشقىلار»مۇ خاتىرجەم بولدى.

پازىلنىڭ بۇ يەرگە كەلگىنىگە بىر يىلدىن ئاشتى. مۇنداق ئىشلار تالاي قېتىم يۈز بەردى، خورلۇقتىن ئۆرتەندى، ئەمما يەنىلا ئوشۇق گەپ پايدىسىز ئىدى.

مانا بۈگۈنمۇ ئارام ئېلىش كۈنىدىن پايدىلىنىپ بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلار توپلاشقان كوچنىڭ بىرى گەنجياكوغا يۇرتدىشىنى ئىزدەپ ماڭغان ئىدى. ئەسلىدە پازىل ئازراق پۇل لازىم بولۇپ قېلىپ كەلگەن ئىدى. ئەمما يۇرتدىشى تېخىچە ئاشخانىسىغا كەلمىگەن ئىدى.

_ ئۆيىگىلا بېرىڭ، ئۆيىنى بىلگەندىكىن كېيىن، _ دېدى كۈتكۈچى بالا. پازىل چوڭ ئۈمىد بىلەن تار كوچىلارنىڭ بىرىگە جايلاشقان ئاددىي قورۇنىڭ ئالدىغا كەلدى، ئىشىك قىيا ئوچۇق ئىدى، چاقىرىۋېدى ھېچكىم چىقمىدى. ئۇ ئىشىكنى ئىتتىرىپلا كىردى، سىرتتىن كىرگەن نۇر بىراقلا ئۆينى يورىتىۋەتتى. پازىل كىرگىنىگە مىڭ پۇشايمان قىلدى. يۇرتدىشى بىر ئايال بىلەن گىرە سالغان ھالدا ئېغىر ئۇخلاۋاتاتتى.

_ لاتا گۇي، شۇڭا بۇ قوتۇرنىڭ ئىشى ئاقمايدۇ. پازىل غۇدۇڭشىغىنىچە قايتىپ چىقتى.

تېخى ئەتىگەن مەكتەپكە بارسىمۇ قىلىدىغان ئىش يوق ئىدى. شۇڭا بىردەم بازار چۆرگىلەپ يۇرتدىشى ئاشخانىغا كەلگىچە ۋاقىت ئۆتكۈزمەكچى بولدى.

ئالاھەزەل بىر سائەتلەردىن كېيىن يۇرتدىشىنىڭ ئاشخانىسىغا قاراپ ماڭدى. بۇ ئاشخانىنىڭ ئەتراپىدا يەنە بىر مۇنچە ئۇيغۇر ئاشخانىلىرى بار ئىدى. بۈگۈن بۇ ئاشخانىدا ئادەم كۆپ ئەمەس ئىدى، كۈتكۈچى بالىلار قىزلارنىڭ پارىڭىنى قىلىپ كۈلۈۋاتاتتى، بۇلۇڭدا كۆزلىرى ئولتۇرۇشقان لەۋلىرى كۆكەرگگن، چىرايى تامدەك ئاقارغان بىرى، ھەدېسە بۇرنىنى رېتىملىق تارتىپ ئولتۇراتتى.

_ نېمە تاماق ئەكىلىمەن؟ _ سورىدى كۈتكۈچى.

_ نېمە بولسا مەيلى، تەييارنى ئەكەل، (بىكارلىق بولغاندىكىن شۇنداق دېمەي ئامال يوق.) پازىل تاماق بۇيرۇپ قويۇپ، تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇرۇپ سىرتتىكى باشقا ئاشخانىلاردا قويۇلغان ناخشىغا قۇلاق سالدى:

لاچىن سوققان توشقاننىڭ،

(جان ئادارگۈل)

جاڭگالدا ئۇۋاسى بار،

(جان ئادارگۈل)

مەن غېرىب مۇساپىرنىڭ،

بۇ يۇرتتا نېمەسى بار؟

… … … …

ناخشىنىڭ سېھىر كۈچى بۆلەكچە، پازىل بىردەمدىلا ئۆز يۇرتىدا كېچىدە سۇ تۇتۇۋاتقان مەنزىرىنى ئويلاپ قالدى…

_ مانا تاماق

پازىل تاماقنى تېزلا يەپ تۈگەتتى، يۇرتدىشى تېخىغىچە كەلمىگەن ئىدى. پازىل ئامالسىز كېتىشكە مەجبۇر بولدى. ئۇ تېخى ئىككى – ئۈچ قەدەم ماڭمايلا ئالدى تەرەپتىن بىر ئايال كىشىنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى:

_ نېمانداق ۋاقچە كېلىلا خېنىم! ئالدىغان نەرسىلىرىنىڭ تايىنى يوق! سەھرا ئەمەس بۇ قاتراپ يۈرىيدىغان، زېرىكىپ قاللىمۇ يا؟ ماڭسىلا، قاچا يۇسىلا، چاققان بولسىلا!

سېمىزلىكتىن قۇيغان ئۆپكىدەك لىغىرلاپ تۇرىدىغان قارامتۇل ئايال ھەدەپ چالۋاقايتتى. كوچىدىلا دەشنام يېگەن قىز، كۆز ياشلىرىنى تەستە يوشۇرۇپ ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى. قىز يانغا بۇرۇلغاندا پازىل قىزغا قاراپ ھەيران قالدى، قىزنى بىر كىمگە ئوخشاتتى، بولۇپمۇ قىزنىڭ سول مەڭزىدىكى نۇقۇتچىلىك خال پازىلنى جەلپ قىلىۋالدى.

«ئەجەپ ئوخشايدىكىنە، يېڭى كەلگەن ئوخشىمامدۇ؟» پازىل ئۆز – ئۆزىگە سۆزلەپ يولىغا ماڭدى.

_ ھەي! يول بوشات، پوش……

_ ئاناڭنى! بوش كاكىرا! يول كەڭرى تۇرسا…

 

2

ھاياتلىق ئالىمى ئۆزگىچە، قىسمەتلەر ھەر خىل، ئادەملەر تېخىمۇ ھەرخىل، كونىلارنىڭ «ھايات بىر تېپىشماق، دېگىنى راست بولسا كېرەك، كىشىلەر بىر ئۆمۈر ئاشۇ تېپىشماققا جاۋاب ئىزدەيدۇ، ئەمما ئاخىرقى ھېسابتا تاپقان جاۋابىنىڭ ئۆزى يەنە بىر تېپىشماق، بەلكىم ھاياتلىقنىڭ مەنىسى ئاشۇ خىل شەكىلدە داۋاملىشىدىغان ئوخشايدۇ. پازىل يۇرتدىشىنىڭ يېنىدىن قۇرۇق قول قايتىپ كەلگەن كۈنىنىڭ ئەتىسى، بېيجىڭدىكى ئاۋات كوچىلارنىڭ بىرىدە مەلۇم بىر تەربىيەلەش ئورنىنىڭ تەشۋىقات ۋاراقچىسىنى تارقىتىۋاتاتتى.

بۇمۇ بولىدىغان ئىش ئىدى، ۋاراقچىدىن 1- 2 مىڭ ئەتراپىدا تارقاتسا، قولىغا نەق 20 – 30 يۈەن تېگەتتى. ياندا پۇل قالمىغاندا 20 يۈەن ئەمەس، ئىككى يۈەنمۇ كىشىگە خېلى ئارام بولاتتى. كوچىدا گەرچە ئادەملەر كۆپ بولسىمۇ، مۇنداق تەشۋىقات ۋاراقچىسىنى ماڭدامدا بىر ئېلىپ زېرىكىپ كەتكەن كىشىلەر پازىل تەڭلىگەن ئالا – يېشىل ۋاراقلارغا قاراپمۇ قويماي ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى.

_ ئاناڭنى گۇيلار، ئالسا زىيىنى بارمىكىنە؟ بىكارغا قەغەز بېرىۋارتسا، خالادا ئەسقاتىدۇ ئەمەسمۇ؟ ھەي!_ پازىل ئۆزىچە غۇدۇراپ ئالدىدىن ۋېلىسپىتلىك ئۆتۈپ كېتىپ بارغان بىرسىنىڭ ئالدى سېۋىتىگە بىر تۇتام ۋاراقنى تاشلاپ قويدى ۋە ئەتراپىدىكىلەرگە زورمۇزور تارقىتىشقا باشلىدى.

تۇيۇقسىز بىرسى پازىلنى نۇقىغاندەك قىلدى. پازىل ئەندىكىپ يانغا قارىدى. قارىدىيۇ بىر ھازا تۇرۇپ قالدى، ئۆتكەندە گەنجاكودا كۆرگەن قىز كۆزلىرىنى مۆلدىرلىتىپ قاراپ تۇراتتى.

_ بىرەر ئىشىڭىز بارمىدى؟ _ سورىدى پازىل دەماللىققا نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي.

_ گەنجياكوغا قانداق بارىدۇ؟ شۇنى دەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن؟

_ بېيجىڭغا يېڭى كەلدىڭىزما؟

_ ھە، بىرەر ئايچە بولدى، خوجايىننىڭ بالىسى بىلەن بىر نەرسە ئالغىلى چىققان، ئازغىشىپ كەتتىم. قارىسام سىز ئۇيغۇرچە گەپ قىلىۋاتىسىز، شۇڭا. قىزىقچى ئىكەنسىز، ئۇلارنى ئۇيغۇرچە تىللاۋاتىسىز…

_ ھە! شۇڭا بىلىۋاپسىزدە! يۈرۈڭ مەنلا ئاپىرىپ قوياي…

_ بولدى، سىزنى ئاۋارە قىلماي، ئۆزۈم كېتەلەيمەن.

_ ئاپتوبۇس ئالمىشىپ بارىدىغان گەپ، يەنە ئېزىپ قېلىپ يۈرمەڭ، مەنمۇ مەكتەپكە قايتاي دېگەن، يۈرۈڭ.

_ سىز ئوقۇمسىز؟ _ دېدى قىز ھەيران بولۇپ.

_ ھە، يۈرۈڭ، قورقماڭ، مەن ئەسكىلەردىن ئەمەس، يۈرۈڭ.

قىز ئۆزىنىڭ قورقۇنچىنىڭ ئورۇنسىز ئىكەنلىكىنى سېزىپ پازىلغا ئەگەشتى.

قىزغا بۇ يەرگە كەلگەندىن بېرى، جاھاندىكى ھەممە نەرسە ئۆزگىرىپ كەتكەندەك بىلىنگەن ئىدى. قىز تۇرغان كوچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى تەلەتىدىن مۇز ياغقان ھالدا كۆرۈنەتتى. ئادەمگە سىرلىق قارايتتى. ئىشقىلىپ باشقا بىر دۇنيادەك ئىدى.

_ يۇرتىڭىز نەدىن؟ _ سورىدى پازىل ئارىدىكى جىملىقنى بۇزۇپ.

_ قەشقەردىن، _ بوشقىنا جاۋاب بەردى قىز.

_ ھوي! بىر يەرلىككەنمىز.

_ سىزمۇ قەشقەردىنما؟

_ ھەئە، بۇ يەرگە نېمە ئىش بىلەن كەلدىڭىز؟

_ تەتىلدە، سارىخان ئىسىملىك، مۇشۇ يەردە ئاشخانا ئاچىدىغان بىر ئايال يۇرتقا بېرىپتىكەن، شۇ ئايالغا ئەگىشىپ كەلگەن، ھازىر شۇنىڭ ئاشخانىسىدا.

_ ھىم، _ دېدى پازىل چۈشەنگەندەك بولۇپ، بۇ يەردىكى ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىنىڭ بەزىسىنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقى پازىلغا ئايدىڭ ئىدى.

_ سىز ئوقۇمىغانما؟ _ سورىدى پازىل، قىزغا ھەيران قېلىپ.

_ ئوقۇغان، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمەي شۇ…

_ ھە! پازىل قىزنىڭ غەمكىن تۇرقىغا قاراپ بىر ھازا تۇرغاندىن كېيىن ئۇنىڭ سول مەڭزىدىكى خالىنى كۆرۈپ قىزىقسىنىپ سورىدى:

_ ئىسمىڭىز نېمە؟

_ نۇربىيە دېسىڭىز بولىدۇ، سىزنىڭ؟

_ پازىل ، پازىل دېسىڭىزمۇ مەيلى. قىز مىيىقىدا كۈلۈپ قويدى. ئاپتوبۇس گەنجياكو بېكىتىگە كەلگەندە پازىل قىزغا ئادرېسىنى، تېلېفون نومۇرىنى يېزىپ بېرىپ، ياردىمى لازىم بولسا ئىزدەشنى تاپىلىدى. قىز پازىلغا رەھمەت ئېيتىپ چۈشۈپ قالدى. ئاپتوبۇس خۇددى خاتا توختاپ قالغاندەك قاتتىق بىر – ئىككى سىلكىنىپ قوزغالدى. قانچىلىك ماڭدىكىن، بىر چاغدا بېلەتچى ئايالنىڭ: «مىنزۇ داشۆ داۋلې» دېگەن ئاۋازىدىن پازىل ئېسىگە كەلدى ۋە ئاپتوبۇس ئىچىگە بىر قارىۋېتىپ چۈشۈپ قالدى. ئاپتوبۇس شوپۇرى ئۆزىنى قالتىس چاغلاپ، ئورۇندۇقتا كېرىلىپ ئولتۇرۇپ ئاپتوبۇسنى قوپال سىلكىتىپ قوزغاتتى، قارىغاندا شوپۇر ئۈچۈن توشۇغىلى يولۇچى بولسا، رولدىن ئايرىلمىسىلا كۇپايە ئوخشايدۇ.

 

3

_ توۋا قىلدىم، ماۋۇ يىتىم ئوغلاقنىڭ چوڭ شەھەرگە چىققىلى تۆت كۈن بولا – بولماي قىلغان ئىشىنى، ئوغلۇمنىڭ كەينىدىن ماڭماي نەلەرگە قاراپ ماڭغان بولغىيدى بۇ دۆت ساراڭ، كۆزى ئېچىلىۋاتىدۇ بۇ يىتىمەكنىڭ، بوپتۇ، ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەندىن كېيىن، تۇل ئانىسىنى قىيناپ قويمىسۇن دەپ ئالغاچ كەلسەم ماۋۇ ئىشنى ئەمدى! _ ئاشخانىنىڭ سېمىز ئايال خوجايىنى قوللىرىنى شىلتىپ قىزنى تىللىغىلى تۇردى.

نۇربىيە ئامالسىز قوللىرىنى تاتىلاپ تۇراتتى، ھەم شۇنداق قىلماقتىن باشقا ئامالمۇ يوق ئىدى.

_ ماڭا جۇگۇ! بۇتتەك تۇرماي قاچا – قۇچىلارنى يۇيىۋەت، ئەتە سەھەر قوپ، جىما! مەن، بۇ يەرگە سېنى سەمىرىتىپ سويغىلى ئەكەلمىگەن، ئىشىمنى قىلارمىكىن دېمىسەن، نېمە قىلاتتىم؟ سەن تۇل خوتۇننىڭ بالىسىنى بۇ يەرگە ئەكىلىپ.

قىز ئېتىلىپ چىقىۋاتقان يىغىدىن ئۆزىنى ئارانلا تۇتۇپ ياندىكى ئۆيگە كىرىپ كەتتى. ئۇ خېلى بىر ھازاغىچە ئېسەدەپ، قاچا – قۇچىلارنى يۇيۇپ ئاشخانىنى تازىلىدى، يىغىشتۇردى. ئاخىر ھېرىپ ماجالى قالمىغاندا ياتاق ئۆيگە كىرىپ كارىۋاتقا ئۆزىنى تاشلىدى.

ياتاق دەپ ئاتالغان بۇ ئۆي ئەمەلىيەتتە نۇربىيەنىڭ يېزىدىكى ئۆيىنىڭ قازنىقىدىنمۇ كىچىك ئىدى. ئۆينىڭ يېرىمىنى كونىراپ كەتكەن ياغاچ كارىۋات ئىگەللەپ تۇراتتى. بىر ھېسابتا بۇ شەھەردە مۇشۇنچىلىك بىر يەرنىڭ بولىشىمۇ تولا تەلەيلىك ئىش ھېسابلىناتتى. نېمىشقىدۇر نۇربىيە ئۇيان – بۇيان ئۆرۈلۈپ زادىلا ئۇخلىيالمىدى. ئايال خوجايىننىڭ بايىقى گەپلىرى نۇربىيەنى بۆلەكچە قىلىپ قويغان ئىدى. كۆزلىرىنى يۇمسىلا يىراقتا قالغان مەھەللىسى، رەھمەتلىك دادىسىنىڭ: «قىزىم، ياخشى ئوقۇڭ…» دېگەن چاغدىكى مۆلدۈرلەشلىرى، ساۋاقداشداشلىرى، بىچارە ئاپىسى كۆز ئالدىغا كېلىپ، ئىچ – ئىچىدىن بىر خىل يىغا ئۆرلەيتتى.

ئەلۋەتتە، كىشىنى غېرىبلىق، يېتىملىك باسقاندا ئۆتمۈشكە بولغان مۇنداقلارچە بىر خىيالمۇ كۆزدىن ياش ئالماي قويمايدۇ…

 

4

خۇشال كۈلكىلەر _ قانچىلىغان ئازاب بەدىلىگە كەلگەن، بۇنى پەقەت شادلانغۇچى بىلىدۇ ئەلۋەتتە.

نۇربىيە ئۆز يۇرتىدا بىر ئوبدان ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى ئىدى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا بىرەر ئايچە قالغاندا، رەھىمسىز تەقدىر نۇربىيەنى دادىسىدىن ئايرىپ قويدى. تىرىكلەر يەنىلا ياشىشى كېرەك. بىچارە ئانا مىڭ تەستە رەھمەتلىك ھەمرىيىنىڭ يەتتە نەزىرىسىنى قىلىپ بولۇپلا قىزىنى مەكتەپكە زورلىدى، ئۆزى بولسا دېھقانچىلىق بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

بىرەر ئايدىن كېيىن ئالىي مەكتەپ ئىتىھانىمۇ ئېلىندى. ئەپسۇس، نۇربىيە بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتەلمىدى، ساۋاقداشلىرىنىڭ ئالدى مەكتەپلەرگە مېڭىشقا باشلىدى. ئەنە شۇنداق بىر كۈنى چۈش ۋاقتىدا ئانىسى سىرتتىن خۇشال ئۆيگە كىرىپ كەلدى – دە، «قېنى سەن قىزىم، بۇياققا كەلگىنە» دېگىنىچە قىزىنىڭ قېشىغا كەلدى:

_ بالام، پېشانەڭ ئوڭ ئوخشايدۇ، بەختىڭ كەلدى، ھەممىگە قادىر ئاللا بىزدەك ئاجىز بەندىسىنى ئۇنتۇماپتۇ، قارا، يۇقىرىقى مەھەللىدىكى رەنەك بودەكنىڭ ئاچىسى سارىخاننى بىلىسەنغۇ؟

_ قايسى سارىخان، ئانا _ سورىدى ھەيران قالغان نۇربىيە.

_ ۋاي ماۋۇ بېيجىڭدا تىجارەت قىلىدىغان سارەك جومباقچۇ؟ كەلگىلى ئۈچ – تۆت كۈن بوپتۇ، بايام ئېتىزدىن يانسام ئاياغ مەھەللىدىكى بىر نەچچە ئايال يولۇقۇپ قالدى، نەگە مېڭىشلا؟ دېسەم: «ۋاي نەگە دەيلىغۇ؟، ماۋۇ سارىگۈل خېنىم بېيجىڭدىن كەپتىكەن، يوقلاپ كېلىشىمىز» دەيدۇ. شۇلار بىلەن بىرگە كىرىپ، ئۇنى يوقلاپ چىقتىم. قارا بالام، توۋا، بەك پۇزۇر كىيىنىۋاپتۇ، ھېلىقى تېلېۋىزوردا چىقىدىغان چەت ئەللىكتەك، پۇتىدىكى ئايىغى ئىككى مىڭ كويمىش، نېمە دەيدۇ بىر نېمىنىڭ تېرىسى ئىكەن، قولىدا ئالتۇن بىلەزۈك، كىيىۋالغان كۆينىكىلا پالانى پۇلمىش، ئۇنىڭ دېيىشىچە بېيجىڭنىڭ ئاۋات بىر يېرىدە بىر سودا دۇكىنى بارمىش، دۇكاندا ئۇيغۇرلارنىڭ نەرسىلىرىنى ساتىدىكەن، ئاشۇ دۇكانغا بىر ئۇيغۇر قىزى لازىم ئىكەن، ئەسلى باشقا مىللەت قىزلىرىمۇ بولىدىكەن، ئەمما چەت ئەللىكلەر ئۇيغۇر قىزىنى كۆرسە بىر نەرسە ئالىدىكەن، بۇ قېتىم شۇ ئىشقا بىرەر قىزچاق تېپىشقا كەپتۇ، بۇنداق بەلەن ئىشقا كىممۇ ئۆز قىزىنى بېرىشنى خالىمايدۇ دەيسەن، قىزىم، قارىسام باشقىلارنىڭ ئۆز قىزلىرىنى سايە قىلغۇسى بار، شۇڭا ئۇلاردىن چاققان كەلدىم. دېمەك بەخت قۇشى قوندى بالا، كىم بىلىدۇ، سەنمۇ بىر كۈنلەر سارىخاندەك ياسىنىپ يۇرتقا كەلسەڭ باشقىلارنىڭ ئىچىدىن ئوت كەتمىسە نېمە دەي، نە ئۇ بېيجىڭ دېگەن، خېلى – خېلى ئادەملەر بارالمايدۇ ئۇ يەرگە، كوچىلىرىدا ماڭسا ئاياغ توپا بولماسمىش، بىنالىرى بەك ئېگىزمىش، ئىشقىلىپ خۇدا بەردى بىزگە، ئۇنىڭ دېيىشىچە يەنە 10 – 15 كۈنلەردىن كېيىن ماڭىدىغان گەپكەن، شۇڭا ئوبدان تەييارلىق قىلايلى قىزىم…

قىز ئانىسىنىڭ گېپىنى يىرالمىدى، ئۆيىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا ئاساسەن قوشۇلمايمۇ بولمايتتى، شۇنداق قىلىپ نۇربىيە سارىخانغا ئەگىشىپ، بېيجىڭغا قاراپ يول ئالدى، ئۆزىگە يېڭى تۇيۇلىدىغان پويىزغا ئولتۇردى، سەپەر ئۈستىدە سارىخان قىزغا ياخشى مۇئامىلە قىلغاچ، قىزمۇ «راستتىنلا تەلىيىم كەلگەن ئوخشايدۇ» دەپ قالدى. نۇربىيە ئاخىر بېيجىڭغىمۇ كەلدى، پويىز ئىستانسىسىدىكى ھەر خىل ئېرق، ھەر خىل مىللەت كىشىلىرى نۇربىيەگە باشقىچە تۇيغۇ ئاتا قىلدى. سارىخاننىڭ تۇرالغۇسىغا كەلگىچە يول بويىدىكى ھەر خىل ئېگىز بىنالار، رەڭگارەڭ پىكاپلار، ئۇزۇنغا سوزۇلغان ياپيېشىل مەنزىرە دەرەخلىرى، ئىستېرېئولۇق ئۆتۈشمە كۆۋرۈكلەر… ئىشقىلىپ ھەممە نەرسە نۇربىيەنى ھەيران قالدۇراتتى، قىزىقتۇراتتى…

نۇربىيەنىڭ سارىخانغا ئەگىشىپ كەلگىنى قانداقتۇر سودا دۇكىنى ئەمەس، بەلكى بىر ئاشخانا بولدى. ئەتىسىدىن باشلاپ ھەممە ئۆزگەردى، سەھەردىلا قىزنى ئويغىتىپ سەي ئاقلاشقا، قاچا يۇيۇز، تاماق توشۇش دېگەندەك ئىشلارغا بۇيرىدى. نۇربىيە قانچىلىك ئويلاپمۇ بۇ ئىشلارنىڭ چۈش ياكى رېئاللىق ئىكەنلىكىگە ئىشىنەلمىدى…

قىز ئاچچىق ياش تۆكككىنىچە ئەسلىمىلەر قوينىدا خېلى كېزىپ يۈردى، كۆزلىرىدىن ئاققان ياش خۇددى نۇربىيەنى يۇتۇۋەتمەكچى بولغاندەك توختىمايتتى. ئاستىدىكى ئەبجەق كارىۋات بولسا ئۇنىڭ يىغىسىغا چاۋاك چېلىپ «خوپ بولدى!»، دېگەندەك بىر خىل تەرەزدە رېتىملىق غىچىرلايتتى. بۇ خىل رېتىملىق غىچىرلاشلار يەنە قانچە كۈن داۋاملىشىدۇ، بۇنىسى ئۇنىڭغا نامەلۇم ئىدى.

 

5

بىكارچىلىقتىن نېمىلەر كېلىپ چىقمايدۇ دەيسىز، گەرچە ئاغزىمىزدا ئومۇملاشقان، قائىدىلىك، ئەدەبلىك سۆزلەرنى قىلساقمۇ، ئەمما كۈنسېرى «زامانىۋىلىشىش»نىڭ ئەبجەش نەغمىسىگە بەل تولغاپ زامانىۋى تۈس ئېلىۋاتقان مەنىۋىيىتىمىز كۆڭۈل تەختىدە غالىبلارچە كېرىلىپ، كۈنسېرى ئۆز ئىتىدارىدىن قېلىپ، ئەلەسلىككە قاراپ جىلمىيىۋاتقان ئېتىقادسىز نېرۋىلاردا ماگمىدەك ئوتلۇق نەپەستە، نادانلارچە تەپەككۇردا بوينىمىزغا مىنىدۇ. ھەر دائىم ئۆزىمىزدىكى بەندىگە تىنغىلى بولمايدىغان، لېكىن ئۆز ھەرىكىتىمىزدە ئىشقا ئاشۇرمىساق تۇرالمايدىغان جەلپكار خىياللار بەدىنىمىزنى ئورىغاندا، شەيتان تەرىپىدىن ئازدۇرۇلۇپ، بىزنى ھالاكەت پاتقىقىغا سۆرەيدۇ. لېكىن، تولا ھاللاردا ئۆزىمىزنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىنى ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇۋالغاچ ئەتراپىمىزدىكى ئەۋزەل شارائىتلاردىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپ، يوشۇرۇن ئېڭىمىزدا گەندىگە چۈشكەن قۇرۇتتەك، ماغدۇرىمىزنى چەيلەۋاتقان ئەسەبىي ھېسسىياتنى ھۇزۇر – ھالاۋەت مەۋقەسىدە رېتىمسىز ئايلاندۇرماقچى بولىمىز، ئاقىۋەتتە يوشۇرۇپ يېگەن ئالما تاتلىق بولغاندەك، تەپەككۇر گەۋدسىنى قىسقا مۇددەتلىك قىمىرلاشنىڭ لەززىتى شېرىن دېگەن ئاسايىش ئېتىغا مىندۈرىمىز. جاھاندا كىشىلەر ئويلاشقا تېگىشلىك ئىشلار كۆپ بولغىنىدەك زېھنىي قۇۋۋەتنى سەرپ قىلىش بىھۇدە بولغان ئىشلارمۇ بىزگە ھەر ۋاقىت قاش ئاتىدۇ.

پازىل بىر نەچچە ياتاقدىشى بىلەن مەكتەپنىڭ يېنىغا ئېچىلغان بىر مۇسۇلمانلار ئاشخانىسىدا ئىچ – پۇشۇقىنى چىقىرىۋاتاتتى. ھاراق بوتۇلكىسى تىكلەنمىگەن سورۇننىڭ كۆڭۈللۈك بولۇشى ناتايىن بولۇۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، پازىللارمۇ سورۇننىڭ يارىشىقى، دېگىلى بولمايدىغان قىتىغۇر ھېسسىياتنىڭ تۈرتكىسى بىلەن بىر نەچچە بوتۇلكا تىكلەپ قويغان ئىدى. سورۇننىڭ پاراڭ تېمىسى بوتۇلكىدىكى سۈزۈك سۇيۇقلۇقنىڭ ئازىيىشىغا ئەگىشىپ، بارا – بارا قىزلار ئۈستىگە مەركەزلەشتى.

_ ئاڭلىدىڭلارمۇ، بىزدىن يۇقىرى يىللىقتىكى ھېلىقى داۋاملىق بېشىغا ياغلىق ئارتىپ يۈرىيدىغان ئايېبلىق دېگەن خوتەنلىك قىزنى، بالىلار دېسكوخانىدا بەدىنىنى تىترىتىپ دېسكو ئويناۋاتقان قىياپەتتە كۆرۈپتۇ.

_ ياغلىق ئارتىۋالسىلا ھېسابما، ئۇلارمۇ ئادەم ـ دە!

ــ ھېسسىيات بار ئۇلاردىمۇ؟ چىدىغىلى بولمايدۇ ئاداش!

ــ ئۇلارنى قويۇپ تۇرايلى، ئۆتكەندە ياتاقتا سېرىق فىلىم كۆرۈۋاتساق، ھېلىقى بەش ۋاخ ناماز ئوقۇيدىغان ئاسىم بارغۇ! بىزدىن بەكرەك ھاياجانلىنىپ تاس قالدى… ئىشقىلى بىر نېمە دېمەك تەس، شۇنداقمۇ پازىل؟ سەنمۇ بارغۇ شۇ يەردە؟

ــ بولدى، ھە، بار، تۇتە، ماۋۇ نۆۋىتىڭنى ئىچە! پازىل رومكىنى ئۇنىڭغا بېرىپ تاماكىنى كۈچەپ شورىغىنىچە ئالىيىپ قويدى.

ــ مۇشۇ قىز بالا دېگەن نەرسىمۇ پەقەتلا ئۆزىنى سورىمايدىكەن، كۆڭلىدىكىسى مانا مەن دەپ ئېنىق تۇرسىمۇ، ئۇلار ئۆزىنى نومۇسچان، ئىپپەتلىك كۆرسىتىشنى ئويلايدىكەن، خۇددىي بىز بىلمەيدىغاندەك، ــ دېدى پازىلنىڭ يۇرتدىشى قولدىكى رومكىنى قۇرۇقدىۋەتكەندىن كېيىن.

ــ ئاغىنىلەر ھاراقمۇ تۈگىدى، بىر مەسلىھەتىم بار. مۇشۇ كەيىپچىلىكتە دېسكوخانىغاكىرىپ تازا بىر سەكرىمەيلىما، قانداق دېدىم؟ ــ دېدى ئارىدىن بىرسى.

ــ كۆڭۈلدىكىنى تاپتىڭ، ــ دە ئاداش، يۈرۈڭلار ئەتە دەرس يوق بولغاندىكىن، تازا قاينىتايلى،… تۆتەيلەن بىر ـ بىرىنى يىتىلىشىپ مەكتەپنىڭ يېنىدىكى «يانار تاغ دېسكوخانىسى» غا كىردى.

ــ مەن ئوينىمايمەن ئولتۇرۇپ كۆرەي، سىلەر ئويناڭلار! ــ دېدى پازىل سوزۇپ تۇرۇپ.

ــ مەيلى ئەمىسە، لاتا گۇي، بالدۇر چىكەتمە ـ ھە!

ــ چاتاق يوق!

ــ پازىل ئۇلار مەيدانغا چۈشكەندىن كېيىن ئۆزى خام پىۋىدىن بىر ئىستاكان ئېلىپ ئىككىنچى قەۋەتكە چىقتى ۋە چەترەك ئورۇنغا جايلىشىپ دېسكو ئويناۋاتقانلارغا قارىدى.

زال ئىچىدە، ھەر تەرەپتىن ياڭراۋاتقان يۇقىرى ئاۋازدىكى مۇزىكا رىتىمغا تەڭكەش قىلىپ خۇددىي پۇتى كۆيگەن توخۇدەك توختىماي سەكرەپ، قوللىرىنى يۇقىرىغا شىلتىپ دېسكو ئويناۋاتقانلار ھەقىقەتەنمۇ كۆپ ئىدى.

پازىل تاماكا تۇتاشتۇرۇپ، دېسكو ئويناۋاتقانلارغا بىر خىل قىزىقىش، ھەيران قېلىش نەزىرىدە قاراپ تۇراتتى. شۇ چاغ بىلىكىگە ئىسسىق بىر نەرسە تەككەندەك بولۇپ، بۇرۇلۇپ يېنىغا قارىۋىدى، يېنىدىلا گىرىمنى بولۇشىغا قىلغان، كىيىمنىڭ ئەڭ تار، ئەڭ قىسقىسىنى كىيگەن بىر قىز تۇراتتى. بەدىنىدىن ئەقىلنى چەيلەپ، شەيتانغا دۇمباق چالغۇچى مىزىلىك پۇراق تارىلاتتى، تالاي كۆزلەرگە تالاي قېتىملاپ سىرتماق تاشلىغان كۆزلىرى تۇرۇپ ـ تۇرۇپ قورسىقى ئاچقان سائىل ناۋايغا تەلمۈرگەندەك پازىلغا قاراپ قوياتتى. كۆڭۈلمۇ سۇيۇق نەرسە، پەقەت تاشقى كۈچ ئەجەللىك يەرگە زەربە بېرەلىسىلا، مىخقا ئۈسكەن يەل توپتەك سالپىيىپ ئۆزىنىڭ لاتىلىقىنى ئاشكارىلايدۇ. قىزلارنىڭ نازلىق بېقىشىدىن ئۆز رېتىمدىن ئازىدىغان يۈرەكلەر ئاز بولمىسا كېرەك. بەئەينى شاخنىڭ ئاستىدىكى ئالمىىدىن شاخنىڭ ئۈستىدىكى ئالما ھامان ھېسسىيات نەزىرىدە جەلپكار، شېرىن بىلىنگىنىدەك، تۇرۇپ ـ تۇرۇپ چېلىنغان شايتان دۇمبىقى تەنلەردە خىيالىي ئىستەكنىڭ غۇۋا رېئاللىقىنى ئاشرىلىتىشقا ھەر ۋاقىت تەشنا، بەلكىم، گۈل ـ گۈل ئەمەس، گۈل كۆرۈنگەن ـ گۈل بولسا كېرەك، پازىلنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ھېلىقى شايتانغا دۇمباق چالغۇچ مېزىلىك پۇراقنىڭ ھۆكۈمرانى بېرىدىغان يەرلىرىگە ئۇستاتلىق بىلەن سۈركەلگىلى تۇردى. سەرەڭگە تىلى، سەرەڭگىنىڭ يېنىغا سۈركەلسە ئۆزىنىڭ ئوت ئالىدىغانلىقىنى بىلىپ بولغىلى نېكەم.

ــ ئۇسسۇزلۇق ئىچەمسىز؟ ــ گەپ دېگەننى ئەگىتىپ قىلىشقا ئۇستا بوپ كەتكەن بۇ جەلپكار شۇنداق دېگىنىچە پازىلغا يەن بىر جىلمايدى، ئۇنىڭ ھەرىكەتچان قوللىرى پازىلنىڭ غىدىقلىنىشقا تەشنا يەرلىرىنى غىدىقلاپ ئۈلگۈردى.

پازىل نېمە دېيىشىنى ۋە نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قۇرۇپ كېتىۋاتقان تامىقىنى چاكىلدىتىپ ئۆزىدىكى ھەدەپ ئۆرلەۋاتقان نومۇسچان ھېسسىياتىنى سۆڭەكنى كۆرۈپ باغلاقنى ئۈزۈشكە ئىنتىلىۋاتقان ئىتنى باغلىغاندەك تەستە كونترول قىلىپ ئولتۇراتتى.

ئۇ جەلپكار ئاخىرقى قېتىم ئۆزىنىڭ پاختىدەك يۇمشاق يەرلىرىنى پازىلنىڭ دۈمبىسىگە بىر يېقىپ قويۇپ قۇلقىغا بىر نېمىلەرنى شىۋىرلاپ كېتىپ قالدى. بىر مەيدان ئېلىپ بېىرلغان ئەقىل لەشكەرلىرى بىلەن ئىشرەت نۆۋكەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى بۇ جەڭدە ئىشرەت نەۋكەرلىرى غەلىبە دۇمباقلىرىنى ياڭراتتى. پازىل گېلىنى نەمدىۋېلىش ئۈچۈن «جەلپكار» دىن ئاشقان خام پىۋىدىن بىر يۇتۇم ئىچىۋېلىپ چوڭقۇر ئويغا پاتتى…

 

6

ھاياتنىڭ ھەر بىر دەقىقىسى تىنچ، ئازادە، غەمسىز ئۆتسە، نېرۋىلار ئۆز رېتىمىدىن ئازىدۇ، ئۆزىدە بار بولغان ھەرىكەتكە تۈرتكۈچى بولغۇچ تۈرلۈك ئامىللار تەدرىجىي زاۋاللىققا قاراپ يۈزلىنىدۇ. بەلكىم، كۆڭۈللەر ھەر ۋاقىت ئازادىلىكنى ئىزدىسىمۇ، ئەمما رېئاللىق كۆڭۈللەرنى ھەر كويغا سېلىشقا ئىختىيارسىز مايىلدۇر.

گەنجياكودىكى سارىخاننىڭ ئاشخانىسىدا ئادەملەر ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى، لەپتىكى ئورۇندا پۇزۇر كىيىنگەن ئىككى ياش بالا ئولتۇراتتى. نۇربىيە يەر سۈپۈرۈۋاتقان بولۇپ، كەيپىياتى بۆلەكچىلا سۇلغۇن ئىدى.

ــ قارا ــ قارا! ئاۋۇ تومۇچۇق قاچان كەلدىكىنە؟ ئەجەپ بىلمەي يۈرۈپتىمىز، كاساپەت!، خام يېگۈدەككەن، لەپتە ئولتۇرغان ئىككى ياشنىڭ قارامتۇل بىرى ھەدەپ پىچىرلايتتى.

ــ ھەي بولدى قىلە، قىز كۆرمىگەندەك… سارەك كەلسە ئىشنى پۈتتۈرۈپ ئاستا كېتىۋالايلى… ئۇ ئىككىسى قانداقتير بىر مەخپىي ئىشلار ئۈچۈن سارىخاننى ساقلاۋاتقاندەك قىلاتتتى، ھېلىقى قارامتۇل يىگىت ھەدەپ نۇربىيەگگ قارايتتى. دېمىسىمۇ، يېتىلگەن بۇ قىز باشقىلارنى ئوڭايلا ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالاتتى. ئۇنىڭ قىزىل مەڭزى، ئويماقتەك لەۋلىرى، كۆتۈرۈلۈشكە باشلىغان كۆكسى ھەر قانداق ئەركەك زاتىنى قىزىقتۇراتتى، سارىخان نۇربىيەنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قويماي، «بۇ دېگەن مەدەنىيەت»دەپ ئۇنىڭغا تار پادىچىلار ئىشتىنى ۋە بەدىنىگە چاپلىشىپ تۇرىدىغان مايكا كىيگۈزۈپ قويغان ئىدى، شۇڭا قىزنىڭ جەلپكار جىسمى مانا مەن دەپ ئۆزىنى ئاشكارىلاپ تۇراتتى.

تۇيغۇلار ئالىمىدە كىشىنى مەستخۇش قىلىدىغان تۇيغۇلار كۆپ، مەستخۇش بولۇشمۇ بەزىدە كىشىنى خىيالىي ۋىسالغا يەتكۈزۈپ، تەنلەرنى تىترىتىپ، نېرۋىلارنى بوشاشتۇرىد.

ــ ھە راست ئۆتكەنكى مالنى قاچان قولدىن چىقىرىمىز؟ ساقلاۋەرسەك پايدىسى يوق! جۇما…

ــ نېمىدىن قورقىسەن، ھازىر ماۋۇنى قولدىن چىقىرايلى، مەنمۇ ئادەم ئىزلەۋاتىمەن بىرەر شوركا تاپالىسام، ۋاڭفۇجىن ئەتراپىدا قولدىن چىقىرىمىز ــ دېدى قارامتۇل يىگىتنىڭ بۇرادىرى.

ــ ۋۇي سىلەرغۇ بۇ؟ قانداق ئەھۋالىڭلار؟ سىرتتىن كىرگەن سارىخان تىنچلىق سورىغىنىچە ئۇلارنىڭ قېشىغا كەلدى.

ــ ھە، يامان ئەمەس، يۇرتتىن ئامان ـ ئېسەن كەللە؟

ــ ھەر ھالدا ياخش، ھە ــ يوقاپ كەتتۇققۇ؟، ئىشنى پۈتتۈرۈپلا ئۇنتۇپ قالىدىغان گەپما؟

ــ ياقەي، بىزمۇ ئالدىراش شۇ.

ــ ھە، بىرەر ئىشىڭلار بار ئوخشىمامدۇ؟

ــ ئەمدى، شۇ، ئۆتكەنكىگە ئوخشاش ئازراق ئىش بار ئىدى. شۇڭا… … ئۇ، خەۋپسىرەپ ئەتراپىغا بىر قارىۋالدى.

ــ چاتاق يوق، قولۇمدىن كېلىشىچە، پايدىسى بۇرۇنقىدەكتۇ ــ ھە؟

ــ ئۇنىسى ئەلۋەتتە شۇنداق.

ــ ئەمىسە تەپسىلىي ئىشنى خالىي دېيىشكىنىمىز ياخشى، قوپسىلا ئەمىسە ــ دېدى سارىخىان قارامتۇل يىگىتنىڭ بۇرادىرىگە كۆز ئوينىتىپ.

ــ سەن بېرىپ مالنى بۆلۈپ قاچىلىغاچ تۇر، مەن سەل تۇرۇپ بارىمەن ــ دېدى قارامتۇل يىگىتنىڭ بۇرادىرى.

قارامتۇل يىگىتنىڭ بۇرادىرى نامى چىققان «سودىگەر» ئىدى، بۇ ئەتراپتا ئۇنى قادىر پاقا دېسە تونىمايدىغانلار يوق ئىدى، پاقا ــ بۇ لەقەم ئۇنىڭ چىرايىغا ۋە ناشايان ئىشلارنى كۆپ قىلىدىغانلىقىغا ئاساسەن قويۇلغان لەقەم ئىدى. سارىخان ئۇنىڭ بىلەن ئايرىم خانىسىدا خېلى ئۇزاق پاراڭلاشتى.

ــ ئەمىسە شۇنداق پۈتۈشتۇق، مەن ماڭاي، مال ئەتە قوللىرىغا تېگىدۇ ــ قادىر پاقا شۇنداق دېگىنىچە ئىشىڭ تەرەپكە ماڭدى.

ــ ھويت غوجام ئالدىرايمىزغۇ!؟ كۆرۈشمىگىلى خېلى كۈن بولدى جۇمۇسىلا، تاۋىلىرى يوقمۇ يا؟ ــ سارىخان كۆزلىرىنى ئوينىتىپ ئىشارەت قىلدى.

ــ ئەمدى… شۇ… لېكىن… تازا ياخشى بولماسمىكى، كۈندۈزدىلا…

ــ بولمايدىغان نېمىسى بار؟ ــ يامان ئىش قىلمىساق ياز بىز! ــ سارىخان شۇنداق دېگىنىچە ئۆزىنى قادىر پاقىغا سۈركىگىلى تۇردى.

بەندە ئاجايىپ كېلىدۇ، ئۇنىڭ ھەر بىر قىلىقلىرى ھەر دەقىقە بىراۋلەر تەرىپىدىن كۆزىتىلىدۇ. لېگەندەك قۇياش ھەممىسىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، يەنە ھەممىسىگە پەرۋاسىز ھالدا كۈلۈمسىرىگىنىچە ئۆز نۇرىنى زېمىنغا تۆكىدۇ. بەلكىم بۇ قۇياش خىسلىتىدۇر.

 

(داۋامى بار)

«قەشقەر» ژۇرنىلىنىڭ 2002-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 
    • ق « قەشقەر ئەدەبىياتى»(قەشقەر) ژۇرنىلىدا ئېلانب قىلىنىپتىكەندە! ئەجەب ئوقۇماپتىكەنمەن. داۋامنى يوللاپ بولغاندا ب بىراقلا ئوقۇپ چىقارمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى كەچ 13:35

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى