كۆز رىۋايىتى
قارچۇقلارنىڭ لىكىلدىشى تەنلەرنى غىدىقلايدۇ،غىدىق ئۇلارغا(كۆز ئىگىسى) كۆزنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئۈگىتىدۇ. كۆز— قارالغۇچى ،غىدىقلىنىدۇ: كۆز— قارىغۇچى،غىدىقلايدۇ.
… رىۋايەت…ئوغۇزخان دەرەخ كاۋىكىدىكى كۆك كۆزلۈك پەرىزاتنى كۆردى،پەرىزاتنىڭ كۆزلىرى ئۇنى كۆيدۈردى،ئۇ كۆيدى.كۆڭۈللەرنىڭ تەقەززاسىغا جۈر بولۇش كۆيۈش، كۆيدۈرۈلۈش نىرۋىلارنى چەكسىز شىرىنلىككە ئېلىپ باردى. كۆز— شىرىنلىك سەۋەبچىسى، بەندە — شىرىنلىك جەڭگاھى.
ئېگىز، تولىمۇ ئېگىزدىن: چوڭقۇر، تولىمۇ چوڭقۇردىن ھەر ۋاقىت ،ھەر سائەت سادا ياڭرايدۇ، سادا — گۈمبەز يىغىسىنىڭ ساداسى بەلكىم: سادا — تەكتى ھارارەتلىك ۋولقان ساداسى بەلكىم. كۆز — كۆرمەك ئۈچۈن لىكىلدىماقتا، ئەسەبلەر توپى كۆرىلىشتىن كەلگۈسى سەزگۈ ئۇچۇرىغا خۇشتار. كۆزنىڭ كۆز بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشى تاتلىق پەيىت ، ۋە ھەم ئاچچىق پەيىت . ئۇچراشتى — تەنلەرنى سىلكىتىپ يۈرەككە سىڭمەكچى: ئۇچراشتى — تەنلەرنى تىترىتىپ يۈرەكنى سىقماقچى.
كۆز— مۇپەسەل ياسالغان سۈرەت ئاپىراتى، بەندە تەربىلەنمىگەن ماھىر سۈرەتچى، …. سۈرەتلەر……. «سۈرەت» تۈگىمەس سۈرەتلەر !! «ياق» — قەتئىيلىك سىيماسى كۆزلەرگە نۇر بولدى، «ئىھ …» — ئىتائەتمەن تۇيغۇلار كۆزلەرنى كور قىلدى.
كۆك ئاسمان، كۆپكۈك ئاسمان — كامىللىق سامانى توقلاشتۇردى، شۇڭا كۆزلەر بىزگە دىدى ؛ — «كۆپكۈك ئاسمان».
— كۆك كۆزدە ۋاپا يوقمۇ؟ — سورىدى يوچونداش.
— ئاغزىڭنى يۇم ! — نۇرسىز كۆزلەر ھارارەتسىز… مانا بۇ مەستان نىداسىنىڭ قوپال سۈرىتى.
— يىغلىماڭ بالام ، بىر كۈلىۋىتىڭە قېنى، — ئانا سەپەرگە ئاتلانغۇسى بالىنىڭ كۆزىگە قاراپ شۇنداق دىدى
— ھىم ، سىزمۇ يىغلىماڭچۇ ئانا — دىدى بالا ئىسەدەپ. مانا بۇ بەندە يېزىۋاتقان «ۋاپا داستانى» نىڭ دىئالوگى.
— مۇشۇ كەتسىڭىز بىر يىلدا كىلىسىز، مەن قانداقمۇ…؟ مەشۇق مۇڭلىنىپ تۇرۇپ شۇنداق پىچىرلىدى.
— مانا بۇ سىناق، «بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر…!» — ئاشىق مەشۇقنى باغرىغا بېسىپ شۇنداق دىدى؛
«سۇ بويىدا سۇغا مەن تەشنا،
لەۋ يالىسام ئاغزىمغا پەشۋا.»
مانا بۇ تېخى كۆپ كۆز ئىگىللىرى ئۆتەلمىگەن ئىمتىھان سوئالىنىڭ مەلۇم بىر سوئالى.
كۆزلەرگە مەسلىكىم كىلەتتى،سۆيۈپ قويسام: كۆزلەرگە ئۆچلىكىم كىلەتتى، ئويىۋالسام . كۆز بىلەن كۆزۈم ،كۆزۈم بىلەن كۆزۈڭ تۇتاش. جۈپ كۆزلەر تەسىرچان، ئۈنسىز سۆزلەيدۇ.
«بىر كۈنلەر…» — مانا بۇ ئەمانىڭ ئۈمىد ساھىلى: «شۈكرى….»— مانا بۇ يەكچەشمىنىڭ روھىيەت ھالاكىتى. قېنى شۇ ئەما ؟! كۆزلىرىگە ئىھتىرام بىلەن سۆيۈپ يورۇقلۇق ئاتا قىلسام: قېنى شۇ يەكچەشمە؟! كۆزلىرىگە نەپرەت بىلەن تىكىلىپ ئەما قىلىپ قويسام، شۇندا يۈرەكلەر يۈرەك بولۇپ كىتەر ھە؟!
ئەلەسلەشكەن مۇھىت تەرىپىدىن ئەلەسلىككە مەجبۇرلاندىم، مەيلىمۇ؟ .
سادا — كۆز نۇرى — يالقۇن ؛
تۇيغۇمغا تېتىماس تۇيغۇمنىڭ كۈيى،
ئۆلەمدىم شۇنداقلا مەن ئۆلگەن كۈنى.
مانا بۇ ئۈمىد يېقىلغۇسى قاچىلانغان ۋىسال راكىتاسىغا ئوت ياققۇچ تەخىرسىز يالقۇن.
سۈكۈتلۈك سوئال چاراقلىدى؛ كۆزۈڭ قېنى؟؟؟ سەزگۈسىزلىككە يۈزلەنگەن كۆزلەر كۆز ياش ئىزلىدى! ،«كۆز ياش» ئۆز غەيرىلىكىدە قارچۇقتىن «قاچماقتا» سىرغىپ … سىرغىپ… .
- خۇشخۇي: بۇ بۆلەكتىن بىلىشىمچە ياخشى چىققان رومانكەن. ھەزرەتئىلىنىڭ ت
- غازى: ئۆزلۈك پايانىغا سەپەر قىلدىم
- Adeline K. Sampson: رەھمەت ئاكا، «يىگىرمە پارچە مۇھەببەت لېرىكىسى ۋە بىر ئۈمىدسى
- خۇشخۇي: ئالدى بىلەن «چۈشتاق تور پۈتۈكلىرى»تورى ئۇسلۇبىنىڭ يېڭىلانغان
- تۈركزات: شائىر ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ ئانا تىل ھەققىدىكى شېئىرىنى ئوقۇپ ي
- ئاتىلار، خەنجەر ئوسمانجان ساۋۇت، ئانا تىل ئىجادىيەت، خاسلىق ئىجادىيەت، يازغۇچى ئىجادىيەت، يازغۇچى، قەلەم ئىمىن تۇرسۇن، شېئىر ئۆز، رومكا، شامال ئۆزلۈك ئۈندىدار ئەدەبىيات، ئىستىل ئەدەبىيات، بىمەنە ئەدەبىيات، نادىر، ئالىيجاناب باغنا، يايلاق باھار، شېئىر بۇلاق، سۆيگۈ بېي داۋ، تۇيغۇ بەخت، فىلىم تار كوچا، پوۋېست تارىم تارىم، ئەدەبىيات تۇلپار، ئەسەر، پوۋېست تېڭىرقاش، ياشاش، ھېكمەت تەرجىمە، شېئىر تەنقىد، بايقاش تەنھالىق، ئالۋۇۇن جىبران، شەپە جەننەت، ئەما خازان، كىتاب دادام رومان، ۋاڭ ئەنيى رىيۇ ئەنكىم زاھىر ئابدۇراخمان سايە، تەنھالىق، يېتىم سوسۇر، ئانا تىل سوسۇر، ئەدەبىيات شائىر، ئاۋام، قەلب شۈ جىمو، شېئىر، تەبىئەت شېئىر، ئانا، ۋاقىت شېئىر، تەرجىمە شېئىر، شامال، ئۆلۈم شېئىر، ماكان شەھەر، غېرىبلىق غوجىمۇھەممەد غېرىپ، ساراڭ قار، يار قىسمەت، مۇھەببەت كاتلىن راينى، شېئىر كۆز، دادام كۆز، گۈل كۆكلەم، چىمەن مويەن، نوبېل مۇھەممەد خېۋىر مېھىر، ئىران نەسىر، تەرجىمە نەسىر، تەرجىمە، سىرلىق يالعۇز يايلاق، خاتىرە يۇرتۇم، بەشكېرەم پابلو نېرۇدا، شېئىر پەرھات تۇرسۇن چۈشتاق گوركى، ۋاقىت ۋىسال، ھىجران، پەسىل، ئەركەم
ئېسىل نەسىر،بولسا يەنە يوللاپ قويۇڭا.