مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
بىھۇدە خىتاب
تەۋە تۈر: نەسىرلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2011/02/02 | كۆرۈلۈشى: 1,055 قېتىم

بىھۇدە خىتاب

 

      ئېسىڭدىمۇ دوستۇم ؟

     كىچىك چاغلىرىمىزدا، مومام بىزگە چۆچەك ئېيتىپ بېرەتتى، يىرىك ئەمما، ئىللىق قوللىرى بىلەن بېشىمىزنى سىلايتتى، بىز كۈلەتتۇق، شادلىناتتۇق، تەئەججۈپلۈك ئويلارغا چۈمەتتۇق، بەزەن- بەزەن مومامغا سوئال مەنىسىدە قاراپ قوياتتۇق، موما- سېنىڭ چېچىڭ نېمىشقا ئاق؟ نېمىشقا بىزلەرنىڭ قارا؟- دەپ سوئال قوياتتۇق. مومام ئۇنداق چاغلاردا كۈلۈپ قوياتتى، بەلكىم بىزنىڭ سەبىيلەرچە سوئالىمىزدىن شادلانسا كېرەك.

    ئەپسۇس! مومام تالاي سوئاللارغا كۈلۈپ قويۇپ، بىزلەرنى تاشلاپ كەتتى. سېنىڭمۇ موماڭ يوق ئىدى، مېنىڭمۇ مومام يوق بولدى.

    ئېسىڭدىمۇ دوستۇم ؟

    ئاكاڭ بىزگە لەگلەك ياساپ بەردى، بىز ئۆينىڭ ئارقىسىدىكى بىدىلىكتە لەگلەك ئۇچاردۇق. شۇنداق ئىگىز ئۇچتى، بىز قوغلىشىپ كۈلدۇق. خەپ! خەپ!!، تاش يۈرەك شامال لەگلىكىمىزنى ئۈزۈپ قاچتى، يەرگە يەكسان قىلدى، شۇنداق قىلىپ بىز لەگلەكتىنمۇ ئايرىلىپ قالدۇق.

    ئېسىڭدىمۇ دوستۇم ؟

    ئاپىمىز بىزگە جىلتە تىكىپ بەردى. بىز ئۇنى بوينىمىزغا ئېسىپ، نۇرغۇن قۇرداشلار بىلەن بىرگە بولدۇق. ھېلىقى قارا كۆز ئاكىمىز «ئاي» دېسە، بىزمۇ «ئاي» دېدۇق؛ «باغ» دېسە، بىزمۇ «باغ» دېدۇق. شۇنداق، ھېلىقى قارا كۆز ئاكىمىز نۇرغۇن نەرسىلەرنى دېدى، بىزمۇ نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئەگىشىپ دېدۇق. بارا- بارا ئۆزگەردۇق، ھېلىقى قارا كۆز «باغ» دېسە، بىز ياق، «باغ» ئەمەس، «تاغ» دەيدىغان بولدۇق. شۇنداق قىلىپ بىزمۇ بىر نەرسىلەرنى دەيدىغان بولدۇق.

    ئېسىڭدىمۇ دوستۇم ؟

    بوۋىلىرىمىز دەيدىغان ھېلىقى بەخت قۇشى بىزگە قوندى. سەن ئۇياققا، مەن بۇياققا قۇشقا ئەگىشىپ يول ئالدۇق، ئەمما نىيەت بىر ئىدى.

    شۇنداق، بىز خەت يېزىشتۇق، خەت دېگەن يېرىم دىدارغۇ ؟!.

    ئېسىڭدىمۇ دوستۇم ؟

    بەخت قۇشى ئاپارغان ماكان مېنى ئۆز قوينىغا ئالدى، ھەم سېنىمۇ!. ئانا ماكان مېھرى بۆلەكچە بولىدىكەن، مېنىڭ مەھەللىمىزنى كۆرگۈم، لاي سۇلارغا سەن بىلەن بىرگە چۈمۈلگۈم، تام ئاتلاپ قوغۇن ۋاشاڭ قىلغۇم كەلدى. يېڭى ماكانمۇ ماكان دە؟! قاخشىساق بولماس، يەنىلا مېھىرلىك، باغرى يۇمشاق بولىدۇ دەپ ئويلىدۇق.

    ئۇ مېنى يولغا سالدى، مەن يولغا چىقتىم، يۈرەكلىرىم ھاياجاندىن قاتتىق دۈپۈلدەيتتى، بەلكىم سېنىمۇ يولغا سالغاندۇر ؟، سەنمۇ يولغا چىققانسەن ؟ ھاياجانلانغانسەن ؟. ئانا ماكان باغرىغا ئۆزۈمنى ئاتتىم، تىپىچەكلىدىم، سېنى ئىزلىدىم، لېكىن سېنى تاپالمىدىم…

    ئەپسۇس! مىڭ- مىڭ ئەپسۇس! كۆككە باقسام ئاي غەمكىن سىياقتا، يۇلتۇزۇڭ نەگىدۇر يول ئالغان، قۇياش بولسا ئاللىبۇرۇن نۇرلۇق كۆزلىرىنى يۇمۇپ مۇسىبەتكە چۈمگەن.

    ئېسىڭدىمۇ دوستۇم ؟

    بىز نۇرغۇن ئىشلارنى قىلماقچى ئىدۇق، گەرچە ئۇ ئاددى بولسىمۇ؛ ئىككىمىز نۇرغۇن يەرلەرگە بارماقچى ئىدۇق، گەرچە ئۆينىڭ ئارقىسىدىكى تاغ بولسىمۇ؛ ئىشقىلىپ ئارمان بار ئىدى، ئارمان…

    شۇنداق! مومام بىزدىن ئايرىلغاندا ئىككىمىز بىللە مومامنىڭ گېپىنى قىلاتتۇق؛ ئاكاڭ ياساپ بەرگەن لەگلەك شامالغا يەم بولغاندا، ئىككىمىز بىرلىكتە شامالنى تىللىغان، قاخشىغان ئىدۇق؛ ئەمدىچۇ؟! ئەمدى مەن كىم بىلەن بىللە بۇ رەھىمسىز قىسمەتنى تىللايمەن، زارلايمەن… !

    گەپ قىلساڭچۇ دوستۇم؟! قۇلاقلىرىڭ پاڭ، تىللىرىڭ كېكەچمۇ يا؟!؟…

                                                                                        

                                                        ‹2003- يىل 13- ئاپرىل›

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى