مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
سىرلىق ھەم جەلىبكارلىققا تولغان پىنتېر مەنزىلى
تەۋە تۈر: تەرجىمىلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2011/02/02 | كۆرۈلۈشى: 698 قېتىم

 

سىرلىق ھەم جەلىبكارلىققا تولغان پىنتېر مەنزىلى

پاۋل يوستبو

(شىۋىتسىيە خان جەمەتى ئاكادىمىيىسىنىڭ ئاكادىمىكى، نوبىل مۇكاپاتىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ رەئىسى)

   

   خارولد•پىنتېر 20-ئەسىر ئەنگىلىيە دراممىچىلىقىنىڭ گۈللەندۈرگۈچىسى، «پىنتېرچە ئۇسلۇب» دېگەن بۇ سۈپەت سۆزى «ئوكسفورد ئىنگىلىز تىلى لۇغىتى»گە كىرگۈزۈلگەن. پىنتېرمۇ كافكا، لۇئىس پروست ۋە گراخاملارغا ئوخشاش ئۆزىگە خاس يول تۇتقان بولۇپ، روشەن خاسلىققا ئىگە پىنتېرچە ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.

    ئۇ 29 پارچە درامما ئىجاد قىلغان بولۇپ، ئۆزى رېژىسورلۇق قىلغان ياكى ئۆزى رول ئالغان ئەسەرلىرى 100پارچىدىن ئاشىدۇ. درامما ئاللىقاچان ئۇنىڭغا خاس بىر ساھە بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى پىرسوناژلار سىرلىق دىئالوگلار ئىچىدە ئۆزىگە توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭ دراممىلىرى نامەلۇم تەھدىتكە تولغان دىئالوگلار ئىچىدە يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ ۋە شۈكلەيدۇ. بىزنىڭ ئاڭلىغانلىرىمىز بىز تېخى ئاڭلىمىغان بارلىق نەرسىلەرنىڭ شەپىسىدۇر. قۇرۇق پاراڭلاردىكى ماھىيەت شۇكى، ئۇلار(پېرسوناژلار) —— يۈزەكى تاقابىللىقتىن باشقا، باشقىلار بىلەن چۈشىنىشىشنى، ماسلىشىشنى ۋە ئۆز-ئارا قايمۇقتۇرۇشنى خالىماسلىقنىڭ ئېھتىياجىدۇر، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى جىددىي ئىشلار پەيدا قىلغان بۇرۇختۇم تۇيغۇدۇر، خەۋپلىك ئىشلار تىنتىلغاندىكى جىددىي كەيپىياتتۇر. بۇلارنىڭ ھەممىسى پىنتېر ئەسەرلىرىدە جۇلالاپ تۇرىدۇ. ئەتراپىمىزدا ئۇنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى پىرسوناژلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى تەبىقىسى ئايرىلغان، تۇراقلىق قىسقا جۈملىلەرنى دېيىش ئارقىلىق جاھىللىقا ئادەتلەنگەن تۈرمىدىكى مەھبۇسلاردۇر. ئۇلارنىڭ سالاھىيىتى، كېلىپ چىقىشى ۋە تارىخى مۈجىمەلدۇر. ناۋادا بىرەرىنىڭ يادىدا بولغان تەقدىردىمۇ ئوخشىمىغان ھالەتلەردە مەۋجۇتتۇر. ئۇلار ئاساسەن سىرداشمايدۇ، ئەمما، دەل ئۇلارنىڭ روھىيىتىدىكى «پاڭلىق» بىزنى ئەستايىدىل تىڭشاشقا مەجبۇر قىلىدۇ. سەۋەبسىز دېيىلگەن بىرەرمۇ سۆز يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ ئاغزى بىردەممۇ بېسىقمايدۇ. مەخپىيەتلىك ئاشكارىلىنىپ، ھوقۇق تەقسىماتىنى ئۆزگەرتىۋاتقان ۋاقىتتا، كەيپىياتتىكى بېسىم ھەر تەرەپتىن كۈچىيىدۇ.

ئەستە ساقلاش —— شۈبھىسىزكى بۇرمىلانغان، قېلىپلاشقان ياكى ھەقىقىي بولىدۇ—— ئۇ خۇددى يوشۇرۇن ئېقىندەك پىنتېر ئەسەرلىرىدە ئېقىپ يۈرىدۇ. بىز ئۆتمۈشكە ئاساسەن بۈگۈننىڭ ئېھتىياجىغا ئىنكاس قايتۇرىمىز ھەم كەلگۈسىنى يارىتىمىز.

   چىڭ تاقالغان ئىشىكنىڭ سىرتقى جەمئىيەتكە ئېچىۋىتىلىشىگە ئەگىشىپ، پىنتېر رومانتىك مۇھەببەتنى ھاياتىي كۈچنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدىغان مۇھەببەتكە ئايلاندۇردى. بۇ خىل مۇھەببەت دوستلۇق ۋە ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق ئادالەتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تەقەززالىق كەيپىياتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «تاغلىق رايۇن تىلى»* دا مۇھەببەتنىڭ قوللانغان شەكلى شەرتسىز ھەققانىيلىق. بۇلار پىنتېرنىڭ دەسلەپكى ئەسەرلىرىدە يوق. تېرورلۇق ۋە زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى ئۆزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقان دەۋردە بىز چوقۇم مەۋجۇتلۇق ئۈچۈن  خەيرلىك ئىشلارنى قىلىپ، قۇللۇققا ئۇچراۋاتقان كىشىلەرنى قەتئىي قوللىشىمىز لازىم.

   ئادەتتە بىز پىنتېر سىياسىيغا كېيىنرەك ئەھمىيەت بەردى دەيمىز، ئەمما پىنتېر ئۆزى ئېيتقاندەك ئۇنىڭ دەسلەپكى ئەسەرلىرى بولغان «كۆكتات توشۇغۇچ ئەپتاختا»*، «تۇغۇلغان كۈن كېچىلىكى»* ۋە «ئىللىق ئۆي»* قاتارلىق ئەسەرلىرى سىياسىيلىققا تويۇنغان. يۇقارقى «تەھدىتلىك كومىدىيە»(پىنتېر ئەسەرلىرى)لەردە تىل ھۇجۇم قىلىش، دالدىلىنىش ۋە ئادەم قىيناش قورالىغا ئايلىنىپ قالغان. پىنتېرنىڭ دەسلەپكى ئەسەرلىرىنى مۇستەبىت زوراۋانلىقنىڭ تىمسالى دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇ بىر قانچە قاتلاملاردا ئىپادىلىنىدۇ: دۆلەتنىڭ ھوقۇقى، ئائىلىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتى ۋە دىنىي ھوقۇق-مەنپەئەت —— بۇلارنىڭ ھەممىسى شەخسكە زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان تەنقىدلىك مەسىلىلەردۇر. پىنتېر باشقىلارنىڭ سالاھىيىتىگە زىيانكەشلىك قىلماقچى بولۇشنىڭ سەۋەبىنى ئېچىپ بەردى، ساختا زوراۋانلىقنىڭ تەھدىتىنى ئېچىپ بەردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل زوراۋانلىق دەل ئاشۇ پارتىيە-گۇرۇھ، گۇرۇپپىلارغا تەۋە بولغان ھەم مىللەتنىڭ سىرتىدىكى كىشىلەرگە قارىتىلغان.

      پىنتېرنىڭ ئەسەرلىرىدە يەڭگۈچى يوق، شۇنداقلا يېڭىلگۈچىمۇ يوق. كىشىلەر ئارىسىدىكى ھوقۇق كۆرىشىدە ، كىمنىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەنلىكىنى ئوڭايلىقچە بىلەلمەيمىز؛ ئۇلار ئۆز ئورنىنى ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ، قارىماققا شۇنداقلا ئېيتىلغان دىئالوگلاردا  ئۇلار گاھ ئۈستۈنلىكنى ئىگىلىسە، گاھ تەھدىتكە ئۇچرايدۇ. پىرسوناژلارنىڭمۇ ئۆزگىچە بىر تەرىپى بولۇپ، ئىككى ياقلىمىلىققا ئىگە ئىنفىرا نۇرى ئاستىدا ئاشكارىلىنىدۇ، بىز پەقەت ئاددى كۆزىمىز بىلەن كۆرەلمەيمىز خالاس. ئۇلار كۆرۈنمەس تاملار ئارىسىدا  تىرمىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، ھەم ئوخشىمىغان رىئال قاتلاملارنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇلار ھۇجۇمدىن مۇداپىئەلىنىش جاريانىدا، خۇددى باشقا ئەل زېمىنىدا مىنا كۆمگەندەك، سەۋەبسىزلا ئۆزىگە توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ.

    پىنتېر ئۆزىنىڭ ئېغىر بېسىق سۆزلىرى ۋە سىرلىق تۇيغۇسى بىلەن ئەنئەنىۋى رېئالىزملىق دراممىنى بۇزۇپ تاشلىدى. ئۆز قەلىمى ئاستىدىكى مۇبالىغىلاشقان پېرسوناژلارنىڭ ئۆز ھېسسىياتىنى ئىپادىلىشىگە نۇرغۇن شەكىللەرنى ئاتا قىلدى. بىزمۇ ئوخشاشلا ئۇلار بىلەن بىللە ياشاپ، ئۇلارنىڭمۇ بىزگە ئوخشاش قېرىۋاتقانلىقىنى ۋە ئاجىزلاۋاتقانلىقىنى بايقايمىز. ئاشۇ ئورتاق  تۇرمۇشقا، كەسكىن ھەم ئادىللىققا ئىگە سىرلىق پېرسوناژلار ئاپەت خاراكتېرىگە ئىگە جۈملىلەردە تالاي قېتىم ھالاك بولىدۇ. ئۇلار تارقاتقان ئۇچۇر ئەزەلدىن يېتىپ كېلەلمەيدىغاندەك، ئەمما بىز تىياتىرخانىدىن ئايرىلىدىغان چاغدا، تىياتىرخانىغا كىرمەيدىغان  ۋاقتىمىزنىڭ يېتىپ كەلگىنى توغرىدەك ھېس قىلىمىز.

تۈزۈم تۇرغۇزغۇچىغا نىسبەتەن، دۇنيا مەۋجۇت بولغان ئىكەن تۈرلۈك تۈزۈملەرنى تۇرغۇزۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئەمما پىنتېرغا نىسبەتەن دۇنيا مەۋجۇت بولغان ئىكەن ئۇنى پەردازلاشقا توغرا كېلىدۇ. شۇ ئارقىلىق ئاقكۆڭۈل ۋە مېھرىبان كىشىلەر بىر چارە تېپىپ، تەۋرەنمەس تەپەككۇرنىڭ نائېنىق تۈرمىسىدىن قۇتۇلۇپ چىقالايدۇ. ھاكىممۇتلەقچىلەرگە قارىتىلغان رەھىمسىزلەرچە تەھلىلدە پىنتېر شەخسنىڭ ئازابىنى ئايدىڭلاشتۇرغان.

مۇنداقلا بولۇنغان دېئالوگ كىشىنى ئازابلايدۇ، قىسقىغىنە جۈملىلەرمۇ كىشىنى بىئارام قىلىدۇ. دېيىلگەن بىر تالاي گەپلەر كىشىنى تۈگەشتۈرىدۇ ياكى ئېغىر بېسىقلىق، بىزۇۋانلىق ئاپەتتىن بىشارەت بېرىدۇ. تىككۈچىنىڭ ئوغلى بولغان پىنتېر قايچا ئارقىلىق تىلنى(سۆز-جۈملىلەرنى) كېسىپ تۈزەپ، پېرسوناژلارنىڭ ئاۋازى ۋە ماسلىشىشى ئارقىلىق ھەرىكەتنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، ئالاھىدە بېكىتىلگەن ۋەقەلىك يوق. بىز «ئەمدى قانداق ئىش يۈز بېرەر؟» دەپ سورىمايمىز، بەلكى «نېمە ئىش يۈز بېرىۋاتىدۇ؟» دەپ سورايمىز.

سۆز-جۈملىلەر ھوقۇقنىڭ قورالى. سۆز-جۈملىلەر توختىماي قايتىلىنىپ، ئاندىن ھەقىقەتكە ئوخشايدۇ. ئۇچۇر زىيادە كۆپتۈرۈلگەن بۇ زاماندا پىنتېر سۆز-جۈملىلەرنى رېئاللىقنى تەسۋىرلەشتىن ئازاد قىلىپ، رېئاللىقنىڭ ئۆزىگە ئايلاندۇرۇپ، بەزىدە شېئىرىي پۇراققا تويۇندۇرسا، يەنە بەزىدە كىشىدە بېسىم پەيدا قىلىدى. بىز ئەڭ ئاخىرىدا، پەقەت تىل ئارقىلىقلا ئۆز تەقدىرىمىزنى گۇمران قىلىمىز ھەم ئۇنى يەنە قايتا يارىتىمىز.

قەدىرلىك خارولد.پىنتېر:

تەكىتلەشكە تېگىشلىكى شۇكى، شىۋىتسىيە خان جەمەتى ئاكادىمىيىسى نوبىل مۇكاپاتىغا مۇشەررەپ بولغۇچىنى تاللىغان ۋاقىتتا، پەقەت شەخسنىڭ ئىجادكارلىق تالانتىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، مىللەت، جىنس ۋە يېزىق تۈرى دېگەنلەرنى ئويلىمايدۇ. كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە سىز قويۇق ئەنگىلىيە ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولسىڭىزمۇ، درامما ساھەسىدە ھەرقايسى دۆلەت ۋە مىللەت ئارىسىدىكى تەسىرىڭىز تولىمۇ زور، يېرىم ئەسىردىن بۇيان ئىزچىل تۈردە كىشىلەرنى ئويغىتىپ كەلدىڭىز. ئەگەر بەزىلەر سىزنى نوبىل مۇكاپاتىغا سەل كېچىكىپ ئېرىشتى دېسە، جاۋابىمىز شۇكى: ھەرقانداق ئالاھىدە شارائىتتا، دۇنيانىڭ مەلۇم يېرىدە، سىزنىڭ دراممىلىرىڭىز يېڭى بىر ئەۋلاد رېژىسسور ۋە ئارتىسلار تەرىپىدىن قايتىدىن جانلىنىدۇ.

سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىز كىشىنى مەھلىيا قىلغۇدەك جەلىبكارلىققا ۋە كىشىنى ئەندىكتۈرگىدەك سىرلىق تۇيغۇغا تويۇنغان. پەردە ھامان قويۇق ھايات مەنزىرىسى ۋە كىشىنى ئازابلىغۇچى كىشەنلەر ئۈستىدىن يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ. سىز شېئىرىي مەنىگە تويۇنغان ئىماگلىرىڭىز ئارقىلىق خام خىيال بىلەن رېئاللىقنىڭ قاباھەتلىك چۈشى ئارىسىدىكى زىددىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردىڭىز.

بۇ يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى ساقسىزلىق سەۋەبىدىن بۈگۈنكى مۇراسىمغا قاتنىشالمىغاچقا، مەن ئۇنىڭ نەشرىيات سودىگىرى  سىتىۋېن. پېچنى پىنتېرغا ۋاكالىتەن خان ئالىيلىرىنىڭ قولىدىن نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى ئېلىشقا تەكلىپ قىلىمەن.

 

سەنئەت، ھەقىقەت ۋە سىياسەت

خارولد پىنتېر

 

  2005- يىللىق نوبىل مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى 2005- يىلى 12- ئاينىڭ 10- كۈنى سىتوكھولىمدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ نۆۋەتلىك نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى ئەنگىلىيەلىك يازغۇچى خارولد.پىنتېر ساقسىزلىق سەۋەبىدىن مۇراسىمغا قاتنىشالمىدى. تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ لېنتىغا ئېلىنغان نۇتقىنىڭ تەرجىمىسى. تېكىستىكى كىچىڭ ماۋزۇلار خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغۇچى تەرىپىدىن قويۇلغان.

 

ھەقىقەتنى بايقاش ھامان مۈشكۈل

       1958- يىلى دەپ ئۆتكىنىمدەك،تەبىئىيلىك بىلەن ياسالمىلىق ئارىسىدا ئېنىق پەرق بولمايدۇ، شۇنداقلا چىنلىق بىلەن ساختىلىق ئارىسىدىمۇ ئېنىق پەرق بولمايدۇ. مەلۇم بىر ئىش راست بولمىسا ئۇنىڭ يالغان بولۇشى ناتايىن، ئۇ ھەم راست ھەم يالغان بولۇشىمۇ مۇمكىن.

      مېنىڭچە بۇ قاراش يەنىلا پۇت دەسسەپ تۇرالايدۇ. سەنئەت ئارقىلىق رېئاللىق ئۈستىدە ئىزدىنىشكە يەنىلا باپ كېلىدۇ. شۇڭا بىر يازغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن يۇقارقى قاراشلىرىمدا يەنىلا چىڭ تۇرىمەن. ئەمما بىر پۇقرا بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇنداق قارىمايمەن. پۇقرالىق سالاھىيىتىمگە قارىتا ئۆز- ئۆزۈمدىن  چىنلىق نېمە؟، ساختىلىق نېمە؟ دەپ سورىشىم لازىم. دراممىدىكى ھەقىقەتنى بايقاش ھامان مۈشكۈل، بەلكىم سىز مەڭگۈ بايقىيالماسلىقىڭىز مۇمكىن. ئەمما ھەقىقەتكە بولغان تەلەپكارلىق مۇقەررەردۇر. ئېنىقكى بۇ خىل تەلەپكارلىق كىشىلەرنىڭ تىرىشچانلىقىغا تۈرتكە بولىدۇ. بۇ خىل تەلەپكارلىق سىزنىڭ ۋەزىپىڭىزدۇر. سىز دائىم قاراڭغۇلۇق ئىچىدە تاساددىپىي ھالدا ھەقىقەتنى بايقاپ، ئۇنىڭ بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالىسىز ياكى مەلۇم خىل شەكىل ياكى ئىماگنىڭ ھەقىقەتكە يېقىنلىقىنى ھېس قىلىسىز. ئەمما سىز كۆپىنچە مۇشۇنداق قىلغانلىقىڭىزنى بىلەلمەيسىز. ھەقىقىي ماھىيەت شۇكى، درامما سەنئىتىدە بۇ خىل ھەقىقەتنى ئەسلا تاپالمايسىز. ھەقىقەتلەر بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئۇلار ئارىسىدا رىقابەت، تەشۋىش، ئىپادىلىنىش، بىپەرۋالىق، مەسخىرە قىلىش ۋە كۆزگە ئىلماسلىق شەكىللىنىدۇ. بەزىدە سىز ھەقىقەتنىڭ ئالقىنىڭىزدا ئىكەنلىكىنى، لېكىن ناھايىتى تېزلا بارماقلىرىڭىز ئارىسىدىن چۈشۈپ غايىپ بولغانلىقىنى ھېس قىلىسىز.

        باشقىلار دائىم مەندىن دراممىلىرىمدا نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى سورايدۇ. مەن چۈشەندۈرۈشكە ئامالسىز. دراممىلىرىمدا يۈز بەرگەن كونكرېتنى ئىشلاردىن باشقىلىرىنى يەكۈنلەشكە مەنمۇ ئامالسىز. بۇ دەل ئاشۇ دراممىلىرىمدا دېيىلگەن، بۇ دەل ئاشۇ درامممىلىرىمدا روياپقا چىققان.

 

بىرەر جۈملە، بىرەر سۆز ياكى بىرەر ئىماگدىن باشلىنىش

كۆپلىگەن درامما ئەسەرلىرى بىرەر جۈملە، بىرەر سۆز ياكى بىرەر ئىماگدىن باشلىنىدۇ. ئېيتىلغان سۆزلەرگە ياندىشىپ كەلگىنى دەل مەلۇم بىر ئىماگ. مەن ئىككى مىسال ئالاي. بۇ كاللامدا تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ، ئاندىن بىر ئىماگ شەكىللەنگەن. شۇ سەۋەب مەن بۇ ئىماگغا ياندىشىمەن. بۇ ئىككى جۈملە «قايتىش»* ۋە «ئۆتكەن كۈنلەر»* ناملىق دراممىلىرىمدا ئۇچرايدۇ.

 «قايتىش» دىكى تۇنجى جۈملە «قايچىنى نېمىگە ئىشلەتتىڭ؟»؛ «ئۆتكەن كۈنلەر» دىكى تۇنجى سۆز «قارا رەڭلىك» دىن ئىبارەت. ھەرقانداق ئەھۋالدا بۇنىڭدىن ئارتۇق ئۇچۇر بەرمەيمەن.

   تۇنجى خىل ئەھۋالدا، ئېنىقكى بىرى قايچا ئىزدەۋاتىدۇ، ھەم ئۆزى گۇمانلانغان، قايچىنى ئوغرىلاش ئېھتىماللىقى بار كىشىنىڭ ئىش ھەرىكىتىنى بىلمەكچى. لېكىن، نېمىشقىكىن ئۇ گۇمانلىق ئادەم قايچا توغرۇلۇق ھېچنېمە دېمىگەن. گۇمانلانغۇچىغا قارىتامۇ ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن. «قارا رەڭلىك» دېگەن بۇ سۆز مېنىڭچە مەلۇم بىرىنىڭ چېچىغا قارىتا ئېيتىلغان، ئۇ دەل ئايال كىشىنىڭ چېچى، شۇنداقلا مەسىلىگە بېرىلگەن جاۋاب. بىرىنچى خىل ئەھۋالدا بۇ مەسىلىگە چىڭ يېپىشمىسام بولمايدۇ. كۆرۈش سەزگۈسى جەھەتتىن بۇنداق ھادىسە ناھىيىتى ئاستا غۇۋالىشىپ، قاراڭغۇلۇقتىن نۇر شولىلىرىغا بۆسۈپ كىرىدۇ.

  مەن ئەسەر يېزىشقا كىرىشكەندە پېرسوناژلارنى دائىم پېرسوناژ A، پېرسوناژB ۋە پېرسوناژC، دەپ ئايرىۋالىمەن.

  «قايتىش» ناملىق دراممىنى يازغان ۋاقتىمدا بىر ئەرنىڭ غېرىبانە بىر ئۆيگە كىرگەنلىكىنى قىياس قىلدىم. ئۇ ئەبجەق كېرىسلودا ئولتۇرۇپ بەيگە گېزىتى كۆرۈۋاتقان ياش بىر ئەردىن سوئال سورايدۇ. نېمىشقىكىن پېرسوناژAنى دادىسى، پېرسوناژBنى ئۇنىڭ ئوغلى دەپ پەرەز قىلدىم. ئەمما مەندە پاكىت يوق، لېكىن بۇ گۇمان بىر ئازدىن كېيىن ئايدىڭلاشتى. چۈنكى پېرسوناژB (كېيىن لۇننى دېيىلگەن) بىر ئازدىن كېيىن پېرسوناژ A (كېيىن مىكىس دېيىلگەن)غا: دادا، بىر گەپ قىلسام خاپا بولمايدىغانسىز؟ سىزدىن سورايدىغان سوئالىم بار ئىدى. بىز بۇرۇن بىرۋاخ تاماق يېگەن ئىدۇق. قانداق تاماق ئىدى؟ سىز ئۇنى نېمە دېگەن ئىدىڭىز؟ نېمىشقا ئىتتىن بىرنى سېتىۋالمىدىڭىز؟ سىز ئىتنىڭ ئاشپىزى، راست، سىز ئۆزىڭىزنى ئىتلار ئۈچۈن يەم تەييارلىغۇچى دەپ قارايسىز- دەيدۇ. شۇڭا پېرسوناژB گەرچە پېرسوناژ A نى دادا دەپ ئاتىغان تەقدىردىمۇ، ماڭا نىسبەتەن ئۇلارنى ئاتا- بالا دەپ قىياس قىلىش ئەقىلگە مۇۋاپىق. ئۇنىڭدىن باشقا پېرسوناژ A ھەقىقەتەنمۇ ئاشپەز ھەم ئۇنىڭ ئەتكەن تامىقى باشقىلارغا يارىمايدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئۆيىدە ئانىنىڭ يوقلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ قانداق؟ بىلمەيمەن. ئەمما شۇ ۋاقىتتا ئۆزۈمگە ئېيتقىنىمدەك باشلانغان ۋاقىتتا ئاخىرلاشقاندا قانداق بولۇشىنى مەڭگۈ بىلمەيمىز.

  «قارا رەڭلىك»، تاق راملىق چوڭ دېرىزە، كەچكى ئاسمان. بىر ئەر يەنى پېرسوناژ A (كېيىن دىللى دېيىلگەن)، بىر ئايال يەنى پېرسوناژB (كېيىن كەيتى دېيىلگەن) مەلۇم بىر يەردە ئولتۇرۇپ ئىچىملىك ئىچىۋاتىدۇ. ئەر ئايالدىن: ئورۇقمۇ ياكى سېمىزمۇ؟- دەپ سورايدۇ. ئۇلار كىمنىڭ پارىڭىنى قىلىۋاتىدۇ؟ ئەمما كېيىن يەنە بىر ئايالنى كۆردۈم. يەنى پېرسوناژ C (كېيىن ئاننا دېيىلگەن) دېرىزە تۈۋىدە، باشقىچە بىر خىل يورۇقلۇق ئاستىدا ئۇلارغا كەينىنى قىلىپ تۇراتتى، ئۇنىڭ چېچى «قارا رەڭلىك» ئىدى.

 

دراممىدىكى پېرسوناژلار ئەركىن نەپەس ئالسۇن

 بۇ تولىمۇ ئۆزگىچە بىر پۇرسەت. ئوبراز يارىتىدىغان پۇرسەت. پۇرسەت كەلگەندە ئۇلار تېخى مەۋجۇد ئەمەس ئىدى. گەرچە بەزىدە تېزگىنلەشكە ئامال بولمىسىمۇ، پۇرسەتكە ئەگىشىپ كەلگىنى ئۆتكۈنچى، بىلىش تەس بولغان، ھەتتا خىيالىي تۇيغۇ پەيدا قىلىدىغان سىلكىنىشتۇر. يازغۇچىنىڭ مۇھىتى ئىنتايىن ئۆزگىچىدۇر. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ئۇ پېرسوناژنىڭ قارشى ئېلىشىغا نائىل بولالمايدۇ. پېرسوناژلار ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەپ ئۆتمىكى تەس. ئۇلارنى ئايرىۋىتىشمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئەلۋەتتە سىزنىڭمۇ ئۇلارغا بۇيرۇق چۈشۈرەلىشىڭىز ناتايىن. مەلۇم دەرىجىدىن ئېيتقاندا سىز ئۇلار بىلەن ئايىغى چىقماس ئويۇن ئوينايسىز: مۈشۈكنىڭ چاشقان تۇتۇشى، مۆكۈشمەك ئويۇنى دېگەندەك. ئەڭ ئاخىرىدا بايقايسىزكى قەلىمىڭىز ئاستىدىكى پېرسوناژ جانلىق ھەم روھلۇق، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئىرادىسى ۋە ھېسسىياتى بولىدۇ. سىز بۇ تەرەپلەرنى ئۆزگەرتىشكە، مۇرەككەپ تەشكىللىگۈچى ئامىللارنى باشقۇرۇشقا ئامالسىز.

   شۇڭا سەنئەتتىكى تىل يەنىلا قالتىس يېقىملىق ۋە تولىمۇ گۇڭگا بولۇشتەك ئىككى ياقلىمىلىققا ئىگە؛ ئۇ كۆچىۋاتقان قۇم، ئېلاستىك كارىۋات ۋە مۇز تۇتقان كۆلچەكتۇر، ھەرۋاقىت سىزنىڭ كۈچلۈك بېسىمىڭىزدا چېچىلىدۇ، سىلكىنىدۇ ۋەيا پارە- پارە بولىدۇ. ئەمما، دەل مەن ئېيتقاندەك ھەقىقەتنى ئىزدەش سەپىرى ھامان توختىمايدۇ. ئاياغلىشىشىمۇ، ئارقىغا سۈرۈلىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. چوقۇم شۇ ۋاقىت، شۇ جايدا ئۇنىڭغا يۈزلىنىشىڭىز كېرەك. سىياسىي دراممىلاردا ئىپادىلىنىدىغىنى بىر قاتار ئوخشىمىغان مەسىلىلەردۇر، ئۇنىڭدىكى مەقسەت —— ئۇنى بۇنى دەپ قانداقلا بولمىسۇن مەلۇم بىر ئىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتۇر.

  ئوبيېكتىپلىق ئاساس. يازغۇچى ئەسەردىكى پېرسوناژنى ئەركىن نەپەسلەندۈرۈشى، ئۇنى  چەكلەپ، كىشەنلەش بەدىلىگە ئۆزىنىڭ قىزىقىشى، مىجەزى ۋە بىر تەرەپلىمە قارىشىنى قاندۇرماسلىقى لازىم. يازغۇچى ھەرخىل ئوخشىمىغان نۇقتا، مۇتلەق چەكلىمىسىز كۈزىتىش نۇقتىسىدىن ئۇلارغا يېقىنلىشىشقا، مۇئامىلە قىلىشقا، پات- پات ئۇلارنى ھەيران قالدۇرۇشقا تەييار تۇرۇشى لازىم. ئاندىن ئۆز قەلىمى ئاستىدىكى پېرسوناژغا چوقۇم ئەركىنلىك بېرىشى، بارغۇسى كەلگەن جايغا بېرىشقا يول قويۇشى لازىم. ئەلۋەتتە بۇ نۇقتا ھەمىشە ئوڭۇشلۇق بولۇۋەرمەيدۇ. سىياسىي كىنايە ئەدەبىياتى بۇ قائىدىلەرگە مۇتلەق ئەمەل قىلمايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئەمەل قىلىدىغىنى دەل ئاشۇ قائىدىلەرنىڭ ئەكسىدۇر. بۇمۇ دەل ئۇنىڭغا خاس ئىقتىداردۇر.

 مەن ئويلايمەنكى «تۇغۇلغان كۈن كېچىلىكى»* ناملىق دراممامدا خىلمۇ- خىل تاللاشلارنى مۇمكىنلىكتىن ئىبارەت باراقسان ئورماندا ئەركىن ماڭدۇردۇم. ئاندىن ئەڭ ئاخىرىدا باش قەھرىماننىڭ قايىل بولۇش ھەرىكىتىگە مۇجەسسەملىدىم.

  «تاغلىق رايۇن تىلى»* ناملىق ئەسىرىمدە بۇ خىل دائىرىلىك ئىشلىتىشنى قەستەن سۆرەپ چىقمىدىم. ئەمما ئۇ يەنىلا ۋەھشىيلىك، جىددىيلىك ۋە ئاددىيلىققا تولغان. ئەسەردىكى ئەسكەر شۇ ئارقىلىق خۇشاللىق تاپىدۇ. كىشىلەر بەزىدە باشقىلارنى ئازابلىغۇچىنىڭ ئاسانلا بۇرۇختۇم بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. ئۇلار كۈلكە ئارقىلىق ئۆز روھىنى ئۇرغىتىشقا مۇھتاج. «تاغلىق رايۇن تىلى»نىڭ ئومۇمىي  ئورۇندىلىش ۋاقتى پەقەت 20مىنۇت. ئەمما ئۇ سائەت- سائەتلەپ داۋاملىشالايدۇ، ئاياغلاشمايدۇ. ئوخشاش  شەكىل توختاۋسىز تەكرارلىنىدۇ، سائەت- سائەتلەپ داۋاملىشىدۇ.

  «گۇمراھلىقتىن گۇمراھلىققا»* ناملىق دراممىدىكى ۋەقە ماڭا نىسبەتەن سۇ ئاستىدا يۈز بەرگەندەك تۇيىلىدۇ. سۇغا چۆكۈپ كەتكەن بىر ئايال دولقۇنلار ئىچىدىن قولىنى سۇ يۈزىگە چىقىرىپ يەنە چۆكۈپ كېتىدۇ، سۇغا غەرق بولىدۇ. ئۇ قولىنى سوزۇپ باشقىلاردىن ياردەم سورىماقچى ئىدى، ئەمما ھېچكىم كۆرۈنمەيدۇ. باشقىلار بىر بولسا قىرغاقتا، بىر بولسا سۇ ئاستىدا. ئۇ ئايال پەقەت كۆلەڭگىنىڭ سۇدىكى ئەكسىنى كۆرىدۇ. ئايال سۇغا چۆكۈپ غايىب بولىدۇ. ئايال باشقىلارغا تەۋە كاج قىسمەتتىن قۇتۇلالمايدۇ. ئەمما باشقىلار ئۆلگەچكە ئۇ ئايالمۇ ئۆلۈشى كېرەك.

 

يالغاندىن تاپتىم دېمىسىڭىزلا، سىز قالقان تاپالمايسىز

     يازغۇچىنىڭ تۇرمۇشى تولىمۇ بىچارە، ھەتتا ھىمايىسىز بولغان تۇرمۇشتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن ياش تۆكىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. يازغۇچى ھەق ئۈچۈن سەۋىرچان ياشاشنى تاللىدى. راستىنى ئېيتقاندا يازغۇچى بولغان ئىكەنسىز ھەرخىل بورانلارغا دۇچ كېلىسىز، بەزى بورانلارنىڭ سوغۇقى جاندىن ئۆتىدۇ. لېكىن يەنىلا ئۆزىڭىزگە تايىنىشىڭىز لازىم. سىز پۈتۈنلەي يىگانە، ھىمايىسىز بىر دائىرىدە تۇرغان بولىسىز. بوران- چاپقۇندىن دالدا بولغىدەك جاي تاپالمايسىز، يالغاندىن تاپتىم دېمىسىڭىزلا قالقانغا ئېرىشەلمەيسىز. بۇ خىل ئەھۋالدا سىز ئەلۋەتتە ئۆزىڭىزگە قالقان ياسايسىز، ھەم سىياسىئون بولىسىز، بۇ ئىشنى مۇنازىرە قىلىشقا  ئەرزىيدۇ ئەلۋەتتە. مەن بۈگۈن ئۆلۈمنى كۆپ قېتىم تەگەپ قالدىم. ھازىر ئۆزۈمنىڭ بىر پارچە شېئىرىمنى ئوقۇپ ئۆتەي، شېئىرىمنىڭ تېمىسى «ئۆلۈم»:

جەسەت قايدىن تېپىلدى؟

تاپتى كىم ھەم جەسەتنى.

تېپىلغاندا ئۆلگەنمۇ؟

جەسەت قانداق تېپىلدى؟

 

ئاۋۇ جەسەت كىم؟

تاشلىۋىتىلگەن ئاشۇ جەسەتنىڭ

دادىسى كىم، قىزىچۇ؟

قېرىندىشى ۋەھەم كىم؟

كىم ھەم ئۇنىڭ تاغىسى؟

ئاچىسىچۇ، ئانىسى؟

ھەمدە ئۇنىڭ ئوغلى كىم؟

تاشلىۋىتىلگەندە ئۆلۈپ بولغانمۇ؟

تاشلىۋىتىلگەنمۇ ئۇ جەسەت؟

تاشلىۋەتكەن كىم ھەم ئۇ؟

يالىڭاچمۇ ئۇ يەنە؟

بولسا ئەگەر كىيىمى

ئالدىرايدۇ قەيەرگە ؟

نېمە ئۇ جەسەتنى ئۆلدى دېگۈزگەن؟

سەن جەسەتنى ئۆلدى دېدىڭمۇ؟

قانچىلىك چۈشىنىسەن جەسەتنى؟

ھەم قانداق بىلىسەن ئۇنىڭ ئۆلگىنىنى؟

 

سەن جەسەتنى يۇيۇپ قويدۇڭمۇ؟

جۈپ كۆزىنى ھىملەپ قويدۇڭمۇ؟

گۆر ئىچىگە يوللاپ قويدۇڭمۇ؟

ھەم ئۇنىڭدىن جۇدا بولدۇڭمۇ؟

لەۋلىرىڭنى ئاڭا ياقتىڭمۇ؟

ھەقىقەت ئەينەكنىڭ كەينىدە بىزگە تەلمۈرمەكتە

       ئەينەككە قارىغان ۋاقتىمىزدا كۆرگەن ئەكسىمىزنى توغرا دەپ قارايمىز. ئەمما ئازراقلا يۆتكەلسەك ئەكسىمىزمۇ ئۆزگىرىدۇ. ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ كۆرگىنىمىز ئۆزگىرىشنىڭ پايانى بولمىغان تەسۋىرىدۇر.

       ئەمما يازغۇچى بەزى ۋاقىتلاردا ئەينەكنى چېقىپ تاشلىشى لازىم. چۈنكى ھەقىقەت ئەينەكنىڭ كەينىدە بىزگە قاراپ تۇرىدۇ. مېنىڭچە زور ئېھتىماللىق بولغان تەقدىردىمۇ ئاددىي پۇقراغا نىسبەتەن مۇقىم، تەۋرەنمەس، كۈچلۈك بولغان روھىي جەھەتتىكى قەتئىيلىك بىلەن تۇرمۇشىمىز ۋە جەمئىيىتىمىزنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى بېكىتىشىمىز لازىم. تولىمۇ مۇھىم بولغان بۇ مەجبۇرىيەت بىزنىڭ ئۈستىمىزگە يۈكلەنگەن. ئەمەلىيەتتە بۇ مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك بولىدۇ. ئەگەر بۇ خىل قەتئىيلىك سىياسىي قارىشىمىزدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپمىسا، ئاللىبۇرۇن يوقىلاي دەپ قالغان نەرسىمىز —— ئىنسانىيەتنىڭ قەدىر-قىممىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈمىدىمىز يوققا چىقىدۇ.

چاڭجياڭ ئەدەبىيات-سەنئەت نەشرىياتى 2006-يىلى 1-ئايدا نەشىر قىلغان «پىنتېرنى چۈشىنىش» ناملىق كىتابتىن ئايرىم جايلىرى قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى.   ھەزرەتئەلى ئەخەت تەرجىمە قىلدى

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى