سەنئەت پۇرىقى كۈچلۈك شەھەر— مېكسىكا | WWW.QUXTAK.COM

سەنئەت پۇرىقى كۈچلۈك شەھەر— مېكسىكا

 

سەنئەت پۇرىقى كۈچلۈك شەھەر— مېكسىكا

ھەزرەتئۆمەر ئەخەت تەرجىمىسى

شېن لۈ

 

بۇنىڭدىن 600-700يىل ئىلگىرى، بۇ يەر پەقەت كىچىك بىر ئارال بولۇپ، تېنوچدىلەنت دەپ ئاتىلاتتى. شەھەر مەركىزىدە ئېھرام شەكىللىك مۇنار بولۇپ، مۇناردا كۆك ۋە قىزىل رەڭلىك ئىككى ئىبادەتخانا بار ئىدى. كۆڭ رەڭلىك ئىبادەتخانىدا يامغۇر ئىلاھىغا تىۋىنىپ، مول-ھوسۇل تىلىنەتتى؛ قىزىل رەڭلىك ئىبادەتخانىدا بولسا قۇياش ئىلاھىغا تىۋىنىپ، غەلىبە تىلىنەتتى.

شۇنىڭدىن 600-700يىل كېيىن، بۇ يەر 20مىليون ئاھالىسى بار چوڭ شەھەرگە ئايلىنىپ، مېكسىكا دەپ ئاتالدى. شەھەر مەركىزىدىكى ئېھرام شەكىللىك مۇنار ھازىرمۇ بار بولۇپ، پەقەت كونا خارابىلىككە ئايلاندى.

 

مېكسىكىدىكى خەلق مەيدانى

مېكسىكا شەھىرى كۆلنى تىندۇرۇش ئارقىلىق بەرپا قىلىنغان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن بولغان ئېگىزلىكى 2259 مېتىر كېلىدۇ. شەھەر رايونى 1500كۇۋادىرات كلومېتىر بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ شەھەر ھېسابلىنىدۇ. شەھەر مەركىزىدىكى قانۇن مەيدانى دۇنيادىكى 2-چوڭ مەيدان بولۇپ، ھەركۈنى مۇشۇ مەيداندا بايراق چىقىرىلىدۇ ۋە چۈشۈرىلىدۇ. بۇ مەيدان ئۇلارنىڭ «خەلق مەيدانى» بولۇپ، تەكشى كەلگەن بۇ مەيداننى تارىخى ئىزنالار ئوراپ تۇرىدۇ.

قۇياش ھەركۈنى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى تەرەپتىن كۆتۈرۈلۈپ، ئۆز نۇرىنى چاچىدۇ. بۇ يەر ئىلگىرى ئىسپانىيە مۇستەملىكىسى ۋاقتىدىكى ۋالىي مەھكىمىسى بولغان ئىكەن. بىنالار مەيداننىڭ بىر تەرىپىگە رەتلىك جايلاشقان بولۇپ، دەل ئوتتۇرىدىكى ئۈچىنچى قەۋەتكە بىر سائەت ئېسىلغان ئىدى. بۇ سائەت دەل دولورېس ساداسى ياڭرىغان سائەت ئىدى. بىنانىڭ ئىچىدىكى تۇتاش كەتكەن تام رەسىملىرى كىشىنى ئاسانلا قايمۇقتۇرۇپ، قاراۋۇللار زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنى ئەمەس بەلكى تام رەسىملىرىنى قوغداۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرەتتى. تام رەسىملىرى مەركىزىي پەلەمپەيدىن ئىككىنچى قەۋەتكىچە بولغان تاملارغا سىزىلغان بولۇپ، ئىككىنچى قەۋەتنىڭ كارىدور تاملىرىمۇ رەسىم بىلەن تولغان ئىدى. كارىدورغا ئازراقلا ئىچكىرىلەپ كىرسە رەسىملەرنى قەيەردىن باشلاپ كۆرۈشنى بىلگىلى بولمايتتى. جۇلالىق رەڭلەر، سىدام سىزىقلار، تەكشى كۆرۈنۈشلەر جۇڭگوچە رەسىمنىڭ ئەركىن كۆرۈنۈشلۈك ھەم قىيپاش تەسۋىرلىك ئالاھىدىلىكىگە ئوخشايتتى. پەلەمپەينىڭ ئىككىنچى قەۋەتكە يېقىن جايىدىكى سول تەرەپ تامدا ماركىس، ئېنگىلىس ۋە لېنىنلارنىڭ سېيماسى كۆزگە تاشلىنىدىغان بولۇپ، قارىماققا شۇنچە يېقىملىق كۆرۈنسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئادەمنى تەمتىرىتىپ قوياتتى. ئەسلىدە رىۋرار كوممۇنىزىمغا چوقۇنىدىكەن. بۇ رەسىملەر ئامېرىكىدىكى روكفېللىر سارىيىدا بولۇپ، بۇ ئۈچ داھىينىڭ رەسىمىنىڭ تامدا پەيدا بولىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئامېرىكا رەسىمنى داۋاملىق سىزىشقا يول قويمىغان. شۇنىڭ بىلەن رىۋرار مىيىقىدا كۈلۈپ قويغىنىچە مېكسىكىغا قايتىپ، ئەشۇ ئوخشاش رەسىمنى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ تېمىغا سىزغان ئىكەن. ئىككىنچى قەۋەتتىكى رەسىم ۋە قاپارتما شەكىللەر ئىسپانىيە مۇستەملىكىسىدىن بۇرۇنقى تارىخنى ئەكىس ئەتتۈرگەن بولۇپ، كۆممىقوناق، كاكائۇ ۋە ئاگاۋا گۈلى توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر سىڭدۈرۈلگەن ئىدى. بىر تەرەپتىكى تام رەسىمىدە كوردېس سىزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ مەشۇقى ئارغۇن بالىسىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا ئەگەشكەن كۆرۈنۈش بار ئىدى. ئۇ بالىنىڭ كۆك كۆزلىرىدىن ئىسپان ۋە يەرلىك خەلقتىن بولغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى. بۇ يەردىكى رەسىملەرنى رىۋرار 18يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ سىزغان ئىكەن.

مېكسىكا شەھىرىدە كاكتۇس دەرىخى كۆپ ئىكەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، كاكتۇسنىڭ تۈرى مىڭ خىلدىن ئارتۇق بولۇپ، مېكسىكىدىلا يېرىمىدىن كۆپ خىلى بار ئىكەن. 200خىلدىن ئارتۇق تۈرى پەقەت مېكسىكىدىلا بار ئىكەن. بەلكىم كۆنگەنلىكتىن بولسا كېرەك، ئاسلانلارمۇ ئۇنىڭ تىكىنىگە پەرۋا قىلماي، زۇڭتوڭ مەھكىمىسىنىڭ ئارقىسىدىكى كاكتۇسلار ئارىسىدا ئويناپ يۈرىدىكەن.

غەرب تەرەپتە چوڭ چېركاۋ ۋە ساگرىلا ئىبادەتخانىسى بولۇپ، چىركاۋ ئىسپانىيە مۇستەملىكىسى ۋاقتىدىكى تۇنجى چېركاۋ ئىكەن. 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە ھازىرقى باركو ئۇسلۇبىدا، سۇس قوڭۇر رەڭلىك تاش ماتېرىياللار بىلەن ئوڭشالغان بولۇپ، ئىككى يان تەرىپىگە 67مېتىر ئېگىزلىكتە قۇڭغۇراق مۇنارى ياسالغان ئىكەن. چېركاۋنىڭ ئىچىگە كىرگەندە سىرتتىكى ئاۋازلار قۇلاققا ئاڭلانمايدىكەن. چىركاۋنىڭ ئىچى ھەشەمەتلىك بېزەلگەن بولۇپ، قارىماققا سېتىرىئولۇق كۆرۈنىدىكەن. كارىدورنىڭ ئىككى تەرىپىگە قەدىمكى فىسگارمۇن قويۇلغان بولۇپ، بىر تەرىپىدىكىسى رېمونت قىلىنىۋاتاتتى. يەنە بىر تەرەپتىكىسى ھەيۋەتلىك بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئازادە مۇھىت ئىچىدە ئۆيگە تىزىپ قويۇلغان نەپىس لوڭقىدەك ئانچە كۆزگە تاشلانمايتتى. ئالتۇن رەڭدىكى ياغاچ قۇرۇلمىلىق مېنسا(مۇنبەر) سىدام ھەم نەپىس بولۇپ، ئارىسىدا روھلار لەيلەپ يۈرگەندەك تۇيغۇ بېرىدىغان رەڭلىك ئەينەكلەر كۆزنى قاماشتۇراتتى.

ساگرىلا چىركاۋىمۇ ئوخشاشلا باركو ئۇسلۇبىدا بولۇپ، ئۇدۇلدىكى تاملار ھەرخىل دىنىي رەسىملەر بىلەن تولغان ئىدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا قۇياش كالىندارى مۇشۇ يەردىن بايقالغان ئىكەن. ئەپسۇس بۇ چېركاۋ ئۇزۇن يىللار مابەينىدە رېمونت قىلىنمىغاچقا، يەر تەۋرەش تۈپەيلى پىسا يانتۇ مۇنارىدەك قىيسىيىپ قالغان بولۇپ، پەقەت باركو ئۇسلۇبىدىكى بىر ئەگمە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. بىر چارشەنبە كۈنى قايتا كەلگىنىمدە، ئاپئاق مېنسا(مۇنبەر)، قىزغۇچ خاس ئورۇنلار، قەدەمدە بىر قويۇلغان جۈپ-جۈپ گۈلتەشتەكلەر، نەپىس نەقىشلەر ئويۇلغان ئالتۇنرەك تۈۋرۈكلەر، تورۇسقا سىزىلغان ئاپئاق دەستارگۈل ۋە ھالرەڭ گۈلسامساقلارنىڭ سىرلىق، جىمجىت ۋە خيايابان ھالىتى كۆزۈمگە تاشلاندى. يەڭگىل مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، بىر جۈپ ياش ئاتا-ئانىنىڭ قولىدا نۇر چېچىپ تۇرغان بوۋاقنى كۆردۈم. ئۇلار ئاپئاق خاس دىنىي كىيىم كىيگەن بولۇپ، باشلىرىغا كېپىنەك شەكىللىك ئاق بانتىك قىسقان ياكى ئاق چۇچىلىق ياغلىق ئارتىۋالغان ئىدى. مۇزىكىنىڭ تەسىرىدىمۇ ياكى بۇ يەرنىڭ مۇقەددەسلىكىدىنمىكىن، كىچىك بالىلارنىڭ ۋاڭ-چۇڭلىرى ياكى يىغا ئاۋازى ئاڭلانمايتتى. ئۇلار بالىلارچە ساددىلىق ۋە ھەيرانلىق بىلەن باشقا بالىلارغا قارىشاتتى. فىسگارمۇندىن چىققان ئاۋاز بىلەن تەڭ قىزىل جىيەكلىق ئاق كىيىم كىيگەن باش پوپ ئىككى تەرەپتىكى ئورۇندۇقلار ئارىسىدىن چىقىپ كېلىپ، ھەر بىر بوۋاققا نەزەر تاشلىدى. ئاندىن ياردەمچىسىنىڭ قولىدىكى ئالتۇن تاۋاققا ئېلىنغان مۇقەددەس سۇغا بارمىقىنى چىلاپ، باش بارمىقى بىلەن ھەر بىر بوۋاقنىڭ مەيسىسىنى چېكىپ قۇياتتى. بوۋاقلار بولسا قانداقتۇر بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك ئىپادىدە تۇراتتى. دېمەك مەن چوقۇندۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشقان ئىدىم.

ھەپتە ئاخىرىدا، بىر قىسىم يەرلىك ئاھالە كەڭرى خەلق مەيدانىغا يىغىلىپ، ئۈستى-باشلىرىغا ھەرخىل پەي-بېزەكلەرنى تاقاپ ئۇسسۇل ئوينايدىكەن. كىشىلەرگە ئىسرىق سالىدىكەن. ئاڭلىشىمچە، بۇ يەرلىك خەلقنىڭ ئەمىنلىك تىلەش مۇراسىمى ئىكەن.

 

بازاردىكى خاتىرجەم تۇرمۇش

بۇ دەل مېكسىكىنىڭ يامغۇرلۇق پەسلى بولۇپ، ھەركۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 4-5لەردە دائىم يامغۇر ياغىدىكەن. مېكسىكىلىقلار كۈنلۈك ئىشلىتىشنى ئاۋارىچىلىك دەپ قاراپ، ئانچە ئېرەن قىلمايدىكەن. دەرۋەقە بۇ يەرگە كەلگەندىن بۇيان ئۇدا نەچچە كۈن يامغۇر ياغقان بولسىمۇ، كىشىلەرنىڭ يامغۇردا تەمكىن قەدەملەر بىلەن يۈرىۋاتقانلىقىنى، يامغۇرغا ئانچە پەرۋا قىلمايدىغانلىقىنى كۆردۈم. تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى، ئىككى قىز بىر كۈنلۈكنى تۇتقىنىچە، يول بويىدىكى تاش ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، يامغۇر يېغىۋاتقانلىقىنى ئۇنتىغان قىياپەتتە ئۆز پارىڭىغا چۈشكەن بولۇپ، خۇددى ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى ئاپتاپ سىنغاندەك ھالەتتە ئولتۇراتتى.

شەھەر ئىچىدە ئاياغ مايلاش ماشىنىلىرى كۆپ ئىكەن. ماشىنىدىكى ئورۇندۇقلار ئېگىز بولۇپ، مايلامچىلارنىڭ ئاياغ مايلىشىغا ئەپلىك ئىكەن. بۇنداق بولغاندا ئاياغ مايلاتقانلارمۇ ئىنتايىن رازى بولىدىكەن. مايلامچىلار يامغۇر ياغقان كۈنلىرىمۇ ھېچ ئىش بولمىغان قىياپەتتە سەنئەتكارغا خاس ھالدا ئۆز ئەسىرى بولغان ئاياغلارنى ئەستايىدىللىق بىلەن مايلايدىكەن.

كوچىلاردىكى ساقچىلارمۇ بالىلارنىڭ غالتەكلىك ئايىغىدىن پەرقلەنمەيدىغان غالتەكلىك كىچىك ھارۋىلاردا، جۇشقۇن قىياپەتتە كوچا چارلايدىكەن. ساقچىلار قامال قىلغان بىر كوچىغا كەلگەندە فوتو ئاپپاراتنىڭ «كارت» قىلغان ئاۋازى بىلەن تەڭ، بىر ساقچى ھەيۋە بىلەن ئالدىمىزغا كېلىپ، بۇ يەردە سۆرەت تارتىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئاندىن بىزگە كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا، ئۆزلىرى بىكىتكەن قائىدىنى بۇزۇپ، بىز تارتىپ بولغان سۆرەتنى ساقلىشىمىزغا رۇخسەت قىلدى.

مېكسىكىلىقلارنىڭ سەنئەتخۇمارلىقى ھەممە ئىشتا ئايان بولۇپ، ھەتتا كوچىدىكى ئورۇندۇقلارمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس ئىدى. ئالىقان شەكلىدىكى، مايماق قارتا شەكلىدىكى ۋە تەتۈر ئېسىلغان ئورۇندۇقلار بۇنىڭغا گۇۋاھ ئىدى. ئاپتوبۇس بېكەتلىرىدە، بىكەت تاختىسى يوق بولۇپ، بىكەتتە ئاپتوبۇس ساقلاۋاتقانلار ئاپتوبۇس ئالدىدىكى كۆرسەتمىگە قاراپ ئاپتوبۇسقا چىقىدىكەن، كۆزى ئاجىزلىرى بولسا شوپۇردىن سوراپ ئىش كۆرىدىكەن. بېكەتتە ئاپتوبۇس ساقلاۋېتىپ، يولدىن ئۆتكەنلەرگە مەقسەتسىز كۆز يۈگۈرتكەچ، ئەرلەرنىڭ چاچ قاتۇرغۇچنى پارقىرىغىدەك سۈركەپ، چاچلىرىنى كىرپە تىكىنىدەك قىلىۋالغانلىقىنى كۆردۈم.

رەستىلەرنى ئارىلاپ يۈرۈپ، سەنئەت ئەسلىي ئاددىيلىققا يول بېرىشى كېرەك ئىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم. تام رەسىملىرى ماڭا قەدىمكى ھىندىئانلارنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى تەرتىپلىك بازىرى بارلىقىنى بىلدۈرگەن —— ھەممە خىل-خىلى، رەت-رېتى بىلەن بولۇپ، بۈگۈنمۇ شۇ ھالەتتە ئىدى. كۆكتات ساتىدىغانلار بىر يەرگە، كىيىم-كېچەك ساتىدىغانلار بىر يەرگە يىغىلغان ئىدى. ئەمما، پىشرۇق ساتىدىغان بىر ھارۋىدا مىۋە-چىۋە بىلەن تولغان بىر سۇلياۋ ئىستاكان بولۇپ، ئۈستى قىپقىزىل تۇراتتى. سوراش ئارقىلىق بىلدىمكى ئۇ قىزىلمۇچ سالات ئىكەن. گەرچە بۇ بىر يېڭىلىق بولسىمۇ، سەنئەتنىڭ خاسىيىتى بولسىمۇ، ئەمما بۇنى يىگىلى بولارمۇ؟

مېكسىكىلىقلارنىڭ تۇزغا ئامراقلىقىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. نېمىلا يىمىسۇن تۇز سۈركەپ يىيىشكە ئادەتلەنگەن ئىكەن. ئاگاۋا ھارىقى ئىچسىمۇ تۇز قاتىدىكەن. قوناق قاتلىمىسىغىمۇ تۇز سېپىپ يىيىشكە ئادەتلەنگەن ئىكەن. ئۇلار يەنە ئاچچىق تاماق يىيىشكە ئامراق بولۇپ، نېمىلا يىمىسۇن مۇچ قىيامى سۈرمەي قالمايدىكەن. ئۇلارنىڭ مۇشۇ ئادىتى بويىچە قىزىلمۇچ سالاتمۇ يىيىشلىك تاماق ھېسابلىنىدىكەن.

 

مېكسىكىدا فرۇيدانى كۆرۈش

سەنئەت خۇددى قۇياش نۇرىدەك ئوخشىمىغان دەۋرلەردە ئوخشىمىغان يەرلەرنى يورىتىدۇ. مېكسىكىنىڭ سەنئەت ئاساسى كۈچلۈك بولۇپ، 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ماركىسىزم، ئىسپانىيە رومانتىزمى ۋە مىكسىكىنىڭ مىللەتپەرۋەرلىكى، ۋەتەنپەرۋەرلىكى بىرلىشىپ، تارم رەسىملەردە تولۇق ئىپادىسىنى تاپقان. تام رەسىملىرى ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر سىڭىپ، سىياسىيغا تەسىر كۆرسىتىپ، تۇرمۇش سەنئەتكە باغلانغان ئىكەن. سىتسىلىيا ئوبرازلىق سەنئەت سالونىنىڭ رەسسامى بولۇپ، بۇ سالوننى فرۇيدا 1949-يىلى قۇرغان ئىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە تام رەسىملىرى ياكىلغا ئوخشاش رەڭلەرنى ئىشلىتىپ، تاشلارغا سىزىلغاندىن كېيىن، سۇ بىلەن گىپىسنى ئارلاشتۇرۇپ، رەڭنى مۇقىملاپ سىزىلىدىغان بولغاچقا، سىزىلىپ بولغاندىن كېيىن، قايتا ئۆزگەرتىشكە بولمايدىكەن. تام رەسىملىرىنى سىزغاندا يەنە ماشىنىلارغا ئىشلىتىدىغان پۈركىمە سىردا سىزسىمۇ بولىدىكەن، ئەمما رەڭ ئۇزاققا بەرداشلىق بېرەلمەيدىكەن. كەسپداش رەسساملار تام رەسىملىرى بىلەن جۇڭگوچە رەسىمنىڭ مەلۇم ئوخشاشلىقلىرى ئۈستىدە توختالغاندا، گەرچە بوياق ماتېرىيالى ئوخشىمىسىمۇ، تەكشىلىك، رەڭ ماسلاشتۇرۇش، سىممىتىرىكلىك، ئويناق شەكىل، ئىماگقا ئەھمىيەت بېرىش بىلەن ئابستراكىتلىق ۋە كونكرىتلىق تەرەپلەردىن ئوخشايدىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

دۆلەتلىك گۈزەل-سەنئەت سارىيى ھەشەمەتلىك بولۇپ، سېرىق رەڭلىك قۇببىسىمان ئۆگزىسى پارقىراپ تۇردىكەن. رەڭ سۇسلۇقتىن قېنىقلىققا قاراپ ماسلاشتۇرۇلغان بولۇپ، كىشىگە «سەنئەت قەسىرى» دېگەن سۆزنى ئەسلىتىدىكەن.    

مەن بۇ يەرگە كېلىشتىن ئىلگىرى مېكسىكىلىق بىر نەچچە زات فرۇيدانىڭ رەسىم كۆزگەزمىسىنى چوقۇم كۆرۈشۈمنى، بولمىسا ئارماندا قالىدىغانلىقىمنى قايتا-قايتا جىكىلىگەن ئىدى. بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن مەيلى سەنئەت ساھەسىدىكىلەر بولسۇن ياكى باشقا ساھەدىكىلەر بولسۇن، ھەتتا شوپۇرلارمۇ ھازىر دەل  فرۇيدا تۇغۇلغانلىقىنىڭ يۈز يىللىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزىلىۋاتقانلىقىنى، بىر كۆرۈشكە ئەرزىيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

شۇنداق قىلىپ ئاخىرى باردىم. ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىن يېرىم كۈن دېگۈدەك ئۆچرەتتە تۇرۇپ بېلەت سېتىۋالدىم. بىرىنچى قەۋەتتىكى ئىككى كۆرگەزمە زالى ۋە ئىككىنچى، ئۈچىنچى قەۋەتتىكى زاللاردا ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىن ساراينىڭ تېشىغىچە ئۆچرەت بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئەھۋال كۈندە مۇشۇنداق بولسىمۇ مېكسىكىلىقلار سەۋرچانلىق بىلەن ساقلاپ نۆۋەت كۈتىدىكەن.

ھەقىقەتەنمۇ كۆرگۈچىلىكى بار ئىكەن. رەسىملەر جۇڭگوچە رەسىملەردەك مول مەزمۇنلۇق بولۇپ، تەسەۋۋۇرغا مول ئىدى. رەسىمدە، فرۇيدا خۇددى ئەرلەردەك قويۇق قاشلىق سىزىلغان ئىدى. قاپقارا ئۇزۇن چاچلىرى تۈگۈلگەن بولۇپ، چىرايلىق گۈللەر قىسىلغان ئىدى. چىرايى شۇنچە سالماق ۋە تەمكىن ئىدى. رەسىمدىكىگە قارىغاندا سۆرەتتىكى چىرايى يېقىملىق ئىدى. ئۇنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئىدىيىسى شۇنچە جۇلالىق تۈستە رەسىمگە سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، خۇددى ئۇ ئىككى كىشىدەك تۇيىلاتتى.

فرۇيدا 1907-يىل 7-ئاينىڭ 6-كۈنى مېكسىكىدا تۇغۇلغان داڭلىق ئايال رەسسام، كوممۇنىزمچى ۋە ئاياللار ھوقۇق تەرەپدارى. ئۇ تۇنجى بولۇپ ئامېرىكا پوچتا ماركىسىغا سۆرىتى بېسىلغان لاتىنلىق ئايالدۇر. دادىسى گېرمانىيەلىك يەھۇدىي فوتوگراف، ئانىسى ئىسپانىيەلىك ۋە ئامېرىكىلىق ئىندىئانلارنىڭ ئەۋلادى. ئۇ 6ياش ۋاقتىدا بالىلار پارالىچى بولۇپ قالغان. 15يېشىدا تەييارلىق مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەن. مەكتەپتە 2مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بولۇپ، ئارىسىدا قىز ئوقۇغۇچى ئاران 35نەپەر ئىدى. مەكتەپتىكى چېغىدا رىۋرار بىلەن تونۇشۇپ قالغان. رىۋار ئەينى چاغدا مەكتەپتە تام رەسىمى سىزىۋاتقان ئىدى. شۇنداق قىلىپ فرۇيدا رىۋارنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. 3يىلغىچە يوشۇرۇن كۆيۈپ يۈرىدۇ. دەل شۇ كۈنلەردە فرۇيدا ماشىنا ھادىسىسىگە يولۇقۇپ، ئۇمۇرتقىسى كۆپ يەردىن سۇنىدۇ ۋە ئايال بولۇش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قالىدۇ. ئاغرىق توختىتىش دورىلىرى كار قىلمىغاندا، «ھاراق ئارقىلىق ئازابلىرىمنى پەسەيتىمەن، ئەمما بۇ ئۆلگۈر ئاغرىق ئازابى يەنىلا مەۋجۇت»، دەپ ھاراققا بېرىلگەن.

1929-يىلى فرۇيدا بىلەن 42ياشلىق رىۋرار ئاخىرى جەم بولىدۇ. ئۇ رىۋراردىن رەسىم سىزىشنى، ئۆزىنى ئىپادىلەشنى ۋە مېكسىكىنىڭ ئەنئەنىۋى سەنئىتى ۋە دىنىي رەسىملەرنىڭ ئۇسلۇبىنى ئۆگىنىدۇ. ئۇنىڭ رەسىملىرى ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ۋە ئازابلىق ھالىتىنى رەھىمسىزلەرچە ئىپادىلەيدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە: «مېنىڭ رەسىملىرىم ئۆزۈمگە نىسبەتەن ئەڭ سەمىمىي ئىپادىلەش.» دەيدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ رەسىملىرى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئۆزىنى ئاساس قىلغان ئىدى. شۇڭا بەزىلەر ئۇنى ئۆزىنى ئازابلىغۇچى، ھالقىما رېئالىزمچى، ئەسەبىيلەشكەن خىيالپەرەس ۋە غەيرى ئەپلاتونچىلار تىپىدىكى بىمەنە ئايال دەپ قارايدۇ. ئەمما مەن فرۇيدانىڭ رەسىملىرىدىكى سىزىقلار ۋە ھەرخىل رەڭلەر ئارىسىدىن ئۇنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدىكى ئۆزىگە بولغان مېھرى-مۇھەببەتنى، قىيىنچىلىق ئىچىدىكى تىركىشىشلىرىنى ھېس قىلغاندەك بولدۇم. خۇددى ئۇ ئۆزى دېگەندەك: «مەن كېسەل ئەمەس، مەن پەقەت كاردىن چىقتىم».

ئەگەر ئۇ ئۆز ئارابلىرىنى رەسىمىگە سىڭدۈرمىسە، ئۇ ئازابتىن ھەركۈن ۋايىم يەيدۇ. رەسىم ئارقىلىق ئىپادىلىنىپ چىققاندىن كېيىن بولسا، خۇددى بوۋاق بالا باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن يىغلىغاندەك ئۇمۇ باشقىلارنى ئۆزىگە جەلب قىلىدۇ. ئاياللارنىڭ بەختۇئامىتى ۋە ئازاب ئوقۇبىتىنىڭ مەنبەسى مۇھەببەتتۇر، رىۋراررمۇ بۇنىڭدىن خالىي قالغان ئەمەس. فرۇيدا ئەر ئاياللارنى جەلب قىلىش بىلەن بىرگە يەنە ئۆزىمۇ ئۇلارغا مەپتۇن بولىدۇ. سەرگەردانلىق مەزگىلىدىكى تروتىسكىيمۇ فرۇيدانىڭ مەشۇقلىرىدىن بىرى ئىدى. فرۇيدا بىلەن رىۋرار توي قىلغاندىن كېيىن ئاجرىشىدۇ، كېيىن يەنە يارىشىۋالىدۇ. بىر رەسىمدە فرۇيدا ئىككى خىل سىياقتا سىزىلغان بولۇپ، بىرىدە ماشىنا ھادىسىسىدىن بۇرۇنقى بىغۇبار ھالىتى سىزىلغان بولۇپ، ئۇچىسىدا ئاق رەڭلىق ياۋرۇپاچە يوپكا كىيگەن. يەنە بىرىدە كۆكۈچ يېشىل رەڭلىك مېكسىكىچە ئۇزۇن يوپكا كىيگەن ھالىتى سىزىلغان ئىدى. رەسىمدە قىپقىزىل ئىككى يۈرەك يوپكىنىڭ تېشىدا سوقىۋاتقان بولۇپ، قان تومۇرلار قول ۋە بويۇنلىرىدا يۆگىشىپ تۇرغان ئىدى. ئىككى گەۋدىنىڭ تومۇرلىرى تۇتاش ئىدى.

ئۇ 1954-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئۇيقۇلۇق ھالىتىدە ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، بەزىلەر ئۇنى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالدى دەپ گۇمانمۇ قىلغان. ئۇ كۈندىلىك خاتىرىسىنىڭ ئاخىرىغا: « مەن ئۆلۈمنىڭ ئادەمگە خۇشاللىق ئاتا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، شۇنداقلا، مەڭگۈ قايتا ياشىمىسامكەن دەيمەن»، دەپ يېزىپ قويغان.



ئىنكاس يازىمەن | نەقىل ئالىمەن

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت *

تور بېكەت