كاتلىن راينى شېئىرلىرىدىن
ئىلتىجا
بىر شېئىر بار كېلەر مەن تامان،
بىر شېئىر بار مېنى ئورىغان،
كېلەچەكتە مەن دېگەن شېئىر،
بوشلۇقلاردا مەن دېگەن شېئىر،
خىرە تۇتۇق تۇمانلار ئارا،
كېزىپ يۈرەر بىر خىل روھ كەبىي،
تەۋەللۇتقا يوللاي مەن ئۇنى.
تەنلىرىمنى راسا تەرلەتكەن،
يىلانلارغا مەيدەم يوللاتقان،
كۆزۈمنى كور، قۇلاقلارنى پاڭ،
قولنى تۇتماس، تىلىمنى يارغان،
ماتكا ۋەيران، قورساقنى يارغان،
تىل يېرىلىپ تانىدەك بولغان،
كاللام كېسىڭ، كۆكرەك تاش پاتقان.
پەقەت ئىمكان بولسا سۆزلەشكە،
شۇندا ئىلاھ زاھىر بۇ يەردە.
چىراق نۇرى
تۈن قوينىدا قىزلار كۆيمەكتە،
پەردە ئىچرە چاچرىتىپ يالقۇن.
شام كىم ئۈچۈن ياشىن تۆكمەكتە،
ئۆچۈرمەكچى ئۇنى قاي مەلئۇن.
ئۆلسەم ئىگەم ئۆلدۈم سەن ئۈچۈن،
سۆيگۈ، ھايا، ھەق پەزلىم ئۈچۈن.
نۇرلىنار پاھىشخانا، پاك تەن بىر نۇردىن،
ئىنسان كۆيدى ئۇنىڭ ۋەسلىچۈن.
ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەممە پاكلىقتا،
كۆيگەن يۈرەك تىنجار شۇنىڭدا،
روھ چىللار ئۇ كۈچلۈك ئارزۇدا،
تىنچ سۆيگۈ نىيەت ئارىلىغا.
شارقىراتما ئىلھامى
كۆك بىلەن بوي تالاشقان ھەيۋەت چوققا،
تىمتاسلىق ئىچرە ياڭرار زىل بىر سادا،
بۇلۇتتىن چۈشەر ئېقىن ھەيۋەت مانا.
ھەيۋەتلىك چوققىسىدا پىرس تاغنىڭ،
ئۆزگىچە ھۇشقىرتىدۇ ۋەھشىي بوران،
مەخلۇقات نالىسىدەك ئىزگۈسىمان.
دەر ماڭا سۈكۈتكە مەن يېقىن مۇنچە،
تىڭشىغان سۈكۈتلىرىم ئېغىر شۇنچە،
دەردىنى بىلمەس ھېچكىم كۆكنىڭ مەنچە.
سادا
كۆك، يېشىل، سېرىق، قىزىل رەڭگە باقتىم،
ئاھ نېتەي پەرىشتەمنى تاپالمىدىم.
ئورماندا، گۈل-غۇنچىلىق چىمەنزاردا،
ھەي ئېسىت ئاۋازىنى تۇتالمىدىم.
تىڭشىسام چالىقۇشى، قارلىغاچنى،
ۋاي ئاڭا ئايان بوپتۇ ياتلاشقىنىم.
كەپتىرىم، ھەسەن-ھۈسەن، مەيىن شامال،
يوقاتتى مەنىسىنى دىل قاتلىرىم.
بىلىمەن ئۇنىڭ سۆزى ۋۇجۇدۇمدا،
تاش ھالقار ئوكيان تامان ئوقۇپ نەزىم.
بىر نىدا ساقلىنىدۇ دىلدا ئەبەد،
ھەقىقەت يارىتىدۇ چۈش زەرلىرىم.
ئەمدىكىم بولماس نېسىپ قايتا ئاڭلاش،
كۈن ئۆتسە، ئەندىكمىسە شۇ چۈشلىرىم.
گۈل-گىياھ
قىلما ۋەيران چۈش ماكانىمنى،
يېشىل دۇنيا-ياپراقلىرىمنى،
ئۇنىڭ سانسىز ئالقانلىرىدا،
يارات دەرەخ ئىززەتلىرىنى.
زۇلمەت ئىچرە يارالغان سۆيگۈ
تەلپۈنىدۇ مەۋھۇم قۇياشقا،
ئەسلىمىدىن بەكمۇ يىراققا،
ۋاقىتنىڭ قەبرىسىدىنمۇ
تېرەن پىكىر چوڭقۇرلىقىغا.
ھۈجەيرىلەر ئايلىنىپ بەك تېز
بوشلۇقلاردا
ئاستا-ئاستا توقۇيدۇ ئورمان،
سۆيگۈ ئۇسسۇلى، كەڭرى تەبىئەت.
ۋاقىت سىرتىدا لەيلىمەس ياپراق،
يازدىن باشقىسى قوغلىماس سالقىن.
«ئىشچىلار ھەرىكىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2002-يىللىق 6-سانىدىن.
- خۇشخۇي: بۇ بۆلەكتىن بىلىشىمچە ياخشى چىققان رومانكەن. ھەزرەتئىلىنىڭ ت
- غازى: ئۆزلۈك پايانىغا سەپەر قىلدىم
- Adeline K. Sampson: رەھمەت ئاكا، «يىگىرمە پارچە مۇھەببەت لېرىكىسى ۋە بىر ئۈمىدسى
- خۇشخۇي: ئالدى بىلەن «چۈشتاق تور پۈتۈكلىرى»تورى ئۇسلۇبىنىڭ يېڭىلانغان
- تۈركزات: شائىر ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ ئانا تىل ھەققىدىكى شېئىرىنى ئوقۇپ ي
- ئاتىلار، خەنجەر ئوسمانجان ساۋۇت، ئانا تىل ئىجادىيەت، خاسلىق ئىجادىيەت، يازغۇچى ئىجادىيەت، يازغۇچى، قەلەم ئىمىن تۇرسۇن، شېئىر ئۆز، رومكا، شامال ئۆزلۈك ئۈندىدار ئەدەبىيات، ئىستىل ئەدەبىيات، بىمەنە ئەدەبىيات، نادىر، ئالىيجاناب باغنا، يايلاق باھار، شېئىر بۇلاق، سۆيگۈ بېي داۋ، تۇيغۇ بەخت، فىلىم تار كوچا، پوۋېست تارىم تارىم، ئەدەبىيات تۇلپار، ئەسەر، پوۋېست تېڭىرقاش، ياشاش، ھېكمەت تەرجىمە، شېئىر تەنقىد، بايقاش تەنھالىق، ئالۋۇۇن جىبران، شەپە جەننەت، ئەما خازان، كىتاب دادام رومان، ۋاڭ ئەنيى رىيۇ ئەنكىم زاھىر ئابدۇراخمان سايە، تەنھالىق، يېتىم سوسۇر، ئانا تىل سوسۇر، ئەدەبىيات شائىر، ئاۋام، قەلب شۈ جىمو، شېئىر، تەبىئەت شېئىر، ئانا، ۋاقىت شېئىر، تەرجىمە شېئىر، شامال، ئۆلۈم شېئىر، ماكان شەھەر، غېرىبلىق غوجىمۇھەممەد غېرىپ، ساراڭ قار، يار قىسمەت، مۇھەببەت كاتلىن راينى، شېئىر كۆز، دادام كۆز، گۈل كۆكلەم، چىمەن مويەن، نوبېل مۇھەممەد خېۋىر مېھىر، ئىران نەسىر، تەرجىمە نەسىر، تەرجىمە، سىرلىق يالعۇز يايلاق، خاتىرە يۇرتۇم، بەشكېرەم پابلو نېرۇدا، شېئىر پەرھات تۇرسۇن چۈشتاق گوركى، ۋاقىت ۋىسال، ھىجران، پەسىل، ئەركەم
ھەر بىر شېئىرنىڭ ئاخىرقى مىسرالىرىدا ھېكمەتلەر چاقناپ تۇرىدىكەن.
ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەرجىمە قىلىنىپتۇ
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۈم! پاستىرناك، گۇمىلوۋ. شېئىرلىرىدىن تەرجىمە قىلىپ باقسىڭىز!
مول، رەڭدار ، ئۇسسۇلۇق قانىدىغان بلوككەن!
قەيەرلىك،قايسى مىللەتلىك شائىركىنا بۇ كىشى،بىر تونۇشتۇرۋەتمەمسىز
تور دۇنياسىنى ئارىلاۋېتىپ بلوگىڭىزنى تاسادىبىي ئۇچرىتىپ قالدىم،شىئىرلارنىڭ تەرجىمىسى بەك ياخشى چىقىپتۇ،تەرجىمە شىئىرلىرىڭىزنى ئوقۇپ باقماپتىكەنمەن،مۇنداقمۇ ھۈنىرىم بار دەڭ ئاكا،تەرجىماننىڭ سىز ئىكەنلىڭىكىزنى بىلمەي ئوقۇغان بولسام مىجىت تاشنىڭ تەرجىمىسى ئوخشايدۇ دەپ قالاتتىمكەن راستلا.سىڭلىڭىز ئوقۇش پۈتتۈرۈپ يۇرتقا قايتىپ كېلىپلا بۇرۇنقى تۇيغۇلىرىنى، ئىلھامىنى يوقىتىپ قويدى، ھازىر ھەر قانچە كۈچىسەممۇ شىئىر چىقمايدۇ مەندىن. بۇرۇن ئويلىغانلىرىمنىڭ ھېچقايسىسىنى قىلالمىدىم دىسە.بۇرۇنمۇ يازالمىغىنىم بىلەن زوقلىنىشنى بىلەتتىم.ھى ھى …ئايىمنىسا سۇلايمان ھەدەمنىڭ شىئىرلىرىنى شۇنچىلىك ياقتۇراتتم، ئوقۇسام شۇنچىلىق ھاردۇقۇم چىقاتتى،ھازىر شىئىردىن ھوزۇرلىنىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالغىلى ئاز قاپتىمەن.ئىككىلىڭلارنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيەت ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
、ئەجەب تاتلىق شېئىر يازىدىغان شائىركىنا بۇ!