مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
ئەدەبىيات، ھەر مىللەتكە ئورتاق بىر روھنىڭ جۇلاسىدۇر
تەۋە تۈر: ئۇچۇرلار، تەرجىمىلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2013/05/24 | كۆرۈلۈشى: 144 قېتىم

ئاپتورى: سوسۇر

ھەزرەتئەلى ئەخەت تەرجىمىسى

1

ئەدەبىيات مۇقەددەس بىر كەسپ، بىز ئەدەبىيات قەسىرىگە قەدەم ئېلىشقا ھەقىقىي مۇشەررەپ بولالىساقلا، ئىنسانىيەتنىڭ غايە-ئىرادىسىنى چەكلىك دائىرىدىن چەكسىز ئىمكانىيەتكە باشلاشتەك مەسئۇلىيەت ھەم مەجبۇرىيەتنىڭ ئەدەبىياتنىڭ زېممىسىدە ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق تونۇپ يېتەلەيمىز. ئىنساننى قەلبىدىكى ئەخلەتنى سۈپۈرۈش ۋە غەپلەتتىن تۈرتۈش ئارقىلىق ئىنسانىيەت جەمئىيىتىگە ئورتاق بولغان ھەقىقەت، مۇھەببەت ۋە پەزىلەتكە ئۈندەش ئەدەبىياتنىڭ ۋەزىپىسىدۇر. بۇ مۇقەددەس ۋەزىپىنى ئورۇنداش ئۈچۈن، بىز شائىر-يازغۇچىلار قايناق ھېسسىياتىمىز، سالماق ھاياتىمىز ئاساسىدا، ئوخشىمىغان رايون، دۆلەت، تىل، مەدەنىيەت ۋە دىنلاردىكى پەرق ۋە توساقنى بۆسۈپ، ئىنسان روھىغا ئەركىنلىك ۋە پاكلىق ئاتا قىلىش ئۈچۈن تۇرمۇشنى تەسۋىرلىشىمىز لازىم. بىزنىڭ ئىجادىيىتىمىز ئۆزى ئىنتىلگەن ئەركىنلىك ۋە پاكلىققا ئۇلاشقاندىلا، بىز ئىنسان مەنىۋىيىتىنىڭ مۇقەددەس زېمىنىغا قەدەم ئېلىشقا مۇشەررەپ بولالايمىز.

دۇنيادىن ئىبارەت بۇ زور سەھنىدە، ھەرقايسى دۆلەت ۋە مىللەتلەر ئۆزلىرىگە تايىن تېپىلغان ياشام شەكلىدە مەۋجۇتلىقىنى ساقلايدۇ، تەرەققىي قىلىدۇ ۋە ئۆزىنى نامايان قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە خاس تەپەككۇر ۋە ئىزھار قىلىش ئۇسۇلى، دۇنياغا بولغان خاس چۈشەنچىلىرى ۋە ئوخشىمىغان قاراشلىرى بولىدۇ. مانا بۇلار دەل دۇنيادىكى رەڭدار مەدەنىيەتنىڭ شەكىللىنىش ئاساسىدۇر. ئەدەبىيات مەدەنىيەت مۇھىتىدىكى دولقۇنلۇق ئۈزۈلمەس ئېقىنلىق سۈپىتىدە، دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ بىپايان باغرىدا ھەيۋەت ھەم غەيرەت بىلەن ئېقىپ، كىشىلەرنىڭ تەپەككۇرى، ھېسسىياتى ۋە ئىرادىسىنى ھەرۋاقىت غىدىقلاپ تۇرىدۇ.

قەدىمدىن بۇيان، جۇڭگو ئەدەبىيات چوڭ دۆلىتى بولۇپ، ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق ئەدەبىيات ئەنئەنىسىگە ئىگە. شۇسەۋەب، جۇڭگو ئەدەبىياتىغا كۆرە دۇنيا ئەدەبىياتى بىر ئۆرنەك بولۇپ، قانداقتۇر مەڭگۈلۈك ئىستەك ياكى يەتكىلى بولمايدىغان يۈكسەكلىك ئەمەس. جۇڭگو ئۆزىگە خاس ئەدەبىيات مۇھىتى، يولى ۋە ئەنئەنىسىدە تەرەققىي قىلىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ خاس ئەدەبىيات قەسىرىنى بەرپا قىلغان. مەسىلەن: نەزمىنامە(بەشنامە)، تاڭ شېئىرلىرى، سوڭ نەزمىلىرى ۋە يۈەن نەغمىلىرى دېگەندەك. مانا مۇشۇ ئەدەبىيات نەمۇنىلىرى دۇنيا مىقياسىدا تەسىر قوزغىغان. كېيىنچە، مەلۇم تارىخىي سەۋەبلەر ۋە ئەدەبىياتنىڭ ئۆزىدىكى سەۋەنلىكلەر تۈپەيلىدىن ئەدەبىياتىمىزدا چېكىنىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن. ئەمما، دۇنيا ئەدەبىياتى نۇقتىسىدىن جۇڭگو ئەدەبىياتىغا نەزەر سالساق، ئەدەبىيات ئاسمىنىمىزدا ھازىرمۇ نۇرلۇق ۋە قۇتلۇق مەنزىرە ھېلىھەم مەۋجۇت. بۇ جۇڭگو ئەدەبىياتىنىڭ دۇنيا ئەدەبىياتى بىلەن بىرسەپتە تۇرۇشقا ھەقلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ ھەم بىزدە چوقۇم مۇشۇنداق ئىشەنچ بولۇشى كېرەك.

قەدىمدىن بۇيان، جۇڭگو ئەدەبىياتى زور ئېقىنىنىڭ تارام-تارام تارماق ئېقىنلىرى بولمىش جۇڭگو ئازسانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىمۇ زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. جۇڭگودىكى ھەرقايسى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىياتى جۇڭگو ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىدا ئۆزىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان رولىنى ئارتتۇرۇپ كەلدى. ئۇلار ئۆزگىچە سۈپىتى، ھىدى ۋە قىياپىتى بىلەن جۇڭگو ئەدەبىياتىنىڭ رەڭدارلىقى ۋە تەرەققىياتىغا پۇرسەت ھەم قۇۋۋەت ئاتا قىلىپ كەلدى. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئەپسانە، رىۋايەت، چۆچەك، داستان ۋە قوشاقلىرى ئازسانلىق مىللەتلەر خەلق ئەدەبىياتىنىڭ خەزىنىسىنى بارلىققا كەلتۈردى. بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى كۆپلىگەن ئەسەرلەر بۇرۇنقىلارنىڭ توپلاپ رەتلىشى بىلەن خەنزۇچە تارىخىي ئەسەرلەردە ۋە ئازسانلىق مىللەت كىلاسسىك ئەسەرلىرىدە ئۆز ئورنىنى تاپتى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، ھەرقايسى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ خەلق ئەدەبىياتى مىراسلىرى مۇناسىپ قوغداشقا ۋە كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېرىشتى. بولۇپمۇ، ئىسلاھات ئېچىۋېتىلگەن 30يىلدىن بۇيان ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ نەچچە مىڭلىغان خەلق ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى توپلاپ رەتلەندى. بۇ ئەسەرلەر ھەرقايسى مىللەت خەلقىنىڭ رېئال تۇرمۇشى، مەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە غايىسىنى جانلىق ئوبرازلار ئارقىلىق بىزگە نامايان قىلدى. ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىدە ياشاۋاتقان 56 مىللەت خەلقى ھەرۋاقىت ئەدەبىياتنىڭ ھىممىتى ۋە ھېكمىتىگە نائىل بولۇپ كەلدى.

لېكىن، دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ خەنزۇ ئەدەبىياتىغا بولغان تەسىرى، خەنزۇ ئەدەبىياتىنىڭ (خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان دۇنيا ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.) ئازسانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىغا بولغان تەسىرىمۇ مۆلچەرلىگۈسىز بولدى.

بۈگۈن، شىنجاڭدىكى ئازسانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ۋە تەرجىمانلىرى بىريەرگە جەم بولۇپ، ئەدەبىيات خۇسۇسىدا مۇھاكىمە يۈرگۈزىۋاتىمىز، ئەلۋەتتە، مۇھاكىمىمىزنىڭ ئۆز مىللىتىمىزنىڭ ئەدەبىياتى ياكى ئازسانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى خۇسۇسىدا يۈرگۈزۈلىشى مۇتلەق. مەيلى بىز ئۆز مىللىتىمىزنىڭ ئەدەبىياتى ياكى ئازسانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى خۇسۇسىدا مۇھاكىمە يۈرگۈزەيلى، بۇ مۇھاكىمىلىرىمىز جۇڭگونىڭ غەربى رايون ئەدەبىياتى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان. چۈنكى غەربى رايون بىزنىڭ ئانا يۇرتىمىز. جۇڭگو ئازسانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى «غەربى رايون» دېگەن ئۇقۇم بىلەن چوڭقۇر تارىخىي باغلىنىشقا ئىگە.

2

جۇڭگونىڭ غەربى رايونى كۈچلۈك ئەپسانىگە، سېھرىيلىككە ۋە ئىمكانىيەتلەرگە تولغان، كۆپ مىللەتلىك تۇرمۇش ئالاھىدىلىكىگە تويۇنغان ماكان. ئۇ كۆپ تەركىبلىك رەڭدار يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغاندىن سىرت، ئۇزۇنغا سوزۇلغان تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا، يىپەك يولى، قەدىمىي چاي يولى، تاڭ-تىبەت قەدىمىي يولى ۋە قاشتاش قەدىمىي يولى قاتارلىق قەدىمىي كارۋان يوللىرىنىڭ تەسىرىدە كۆپلىگەن سىرتقى مەدەنىيەت ئامىللىرىنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈپ ماڭغان، بۇلار ئوتتۇرا دېڭىز مەدەنىيىتى، ئەرەب مەدەنىيىتى، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى، پارىس مەدەنىيىتى ۋە قەدىمكى ھىندىستان مەدەنىيىتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك تەركىبلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. شۇ سەۋەبلىك بۇ رايون ئەدەبىياتىمۇ سىرلىق ۋە كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى ئۆزىدە ھازىرلىغان. ئېنىق ئېيتقاندا، ئۇ كۆپ خىل تىل، كۆپ خىل كەچمىش ۋە كۆپ خىل روھنىڭ بىرىكىشىدىكى ئەدەبىيات بولۇپ، كۆپ خىل مەدەنىيەت، كۆپ خىل خۇسۇسىيەت ۋە كۆپ خىل تۇرمۇش گىرەلەشكەن ئەدەبىيات. ئۇ ئومۇميۈزلۈك كۆز سېلىۋاتقان تېمىدىن قارىغاندا، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى، ئادەم بىلەن تەڭرىنىڭ سۆھبەتلىرى، ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ مۇھەببىتى، ھايات بىلەن ماماتنىڭ تۇتاشلىقى، ماددا بىلەن روھنىڭ ھەمدەملىكى، رېئاللىق بىلەن تارىخنىڭ ئۇچرىشىشى ۋە قەلب بىلەن زېمىننىڭ ئىناقلىقى قاتارلىقلار غەربىي رايون خەلقىنىڭ ۋە ئەدەبىياتىنىڭ مەڭگۈلۈك تېمىسىدۇر. ھازىرقىدەك كۆپ خىل تىل-مەدەنىيەت مۇھىتى شارائىتىدا، بارلىق ئوتتۇرىغا تاشلانغان تېمىلار ۋە جۇڭگو غەربىي رايون جەمئىيىتىدىكى نىگىزلىك مەسىللەرنىڭ ھەممىسى كۆپ خىل تىل-مەدەنىيەتلەر تەرىپىدىن قايتا رەتلىنىدۇ ۋە نەزەرگە ئېلىنىدۇ، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنى نامايان قىلىشنىڭ يېڭى پۇرسىتىگە نائىل بولىدۇ. ئۇ كۆپ خىل تىللارنىڭ تەپەككۇر شەكلى ۋە روھىي مەۋقەسى ئارقىلىق مەۋجۇتلۇق ھالىتىنى ۋە ئەنئەنىنىڭ داۋاملىشىشىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ، قاقاس، نامرات ۋە جاپالىق زېمىنغا ھەم شۇ زېمىنغا تالىق بولمىش مۇھەببەتكە يۈزلىنىپ، ماكان، زامان ۋە ئۆتمۈشنىڭ تارازىسىدا، ئۆزى تەۋە بولغان مەدەنىيەت ۋە تەبىئەت ھادىسىلىرىنى ئىزاھلاپ ماڭىدۇ.

غەربىي رايون ئەدەبىياتىنى مۇھاكىمە قىلغىنىمىزدا، چەكسىز ھەم تەڭداشسىز بىر روھ ئۇپۇق سىزىقىدىن باشلانغان سەراپ(ئېزىتقۇ)قا ئوخشاش باش كۆتۈرىدۇ. مانا بۇ رەھىمسىز تەبىئەت ۋە شەپقەتسىز مەئىشەت ئاپىرىدە قىلغان ئىنسان روھىنىڭ خۇي-پەيلىدۇر ھەم بىز مەۋجۇتلۇق مەۋقەسىدە تەشەببۇس قىلغان ھەم ئىنتىلگەن قەيسەرلىك ۋە تەۋرەنمەسلىكتۇر. بۇرۇنقى ئىنسانلارمۇ دەل مۇشۇ خىل روھلۇق خۇي-پەيلى شاپائىتىدە بۈگۈنگە ئۇلاشقان ئەمەسمۇ؟ بەلكىم، جۇڭگودىن ئىبارەت بىر ۋەتەننىڭ قوينىدا ياشاۋاتقان شەھەرلىكلەر غەربىي رايون كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىدىكى مۇشەققەت ھەم روھىدىكى ئازاب-ئوقۇبەتنى مەڭگۈ چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن. غەربىي رايۇندىن ئىبارەت جاپالىق ھەم نامراتلىق قوينىدا ياشاۋاتقان كىشىلەر مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، تەقدىرگە تەن بېرىپ، كۆرگەن كۈنىگە شۈكرى قىلىپ ياشايدۇ؛ ئىنسان ھەممىگە قادىر ئەمەس، ئىنساننىڭ كۈچ-قۇدرىتىمۇ چەكلىك بولىدۇ-دە. شۇڭا، تەڭرى، يايلاق ۋە ئېتىز-ئېرىق ئۇلارنىڭ بارلىقىدۇر. ئىنساننىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى تويۇنۇشى ئەرش بىلەن پەرشنىڭ ماسلىقىدا ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇ يەردە دېيىلگەن ئەرش ۋە پەرش بىرخىل كۈچنىڭ مەۋجۇتلۇقى بولۇپ، غەربىي رايون كىشىلىرى دەل ئاشۇ مەۋجۇتلۇق ئىلكىدە ئۆزلىرىنىڭ تەسەۋۋۇرى ۋە گۈزەل كەلگۈسىگە بولغان تەلپۈنۈشىنى داۋام ئېتىدۇ.

3

نادىر ئەدەبىي ئەسەرنىڭ دۆلەت چېگرىسى بولمايدۇ. ئۇ چوقۇم پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ھېس-ھاياجىنىغا ئۇيغۇنلىشىشى، ھېچ بولمىغاندا، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ روھىيەت ئالىمىدە ئورتاق سادا پەيدا قىلالىشى، قايسىبىر مىللەت ياكى دۆلەت خەلقى ئۇ ئەسەرنى ئوقۇغاندا ئۇلارغا قايىللىق تۇيغۇسى ئاتا قىلالىشى كېرەك. غەربىي رايوندىن ئىبارەت تەبىئىي شارائىتى ناچار، جاپالىق بولغان سىرلىق ماكاندا ياشاۋاتقان كىشىلەر دۇچار بولغان مۇشەققەت ۋە ئوقۇبەت پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئورتاق يۈزلىنىدىغان ئازابتۇر. ئىنسانىيەتنىڭ ئازاب-ئوقۇبىتى ۋە دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ئېقىنىدا ھەربىر دۆلەت ياكى مىللەت دۇچار بولغان ئازابتۇر. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، غەربى رايون يەرلىك يازغۇچىلار قەلىمىدىكى تېما بولۇپلا قالماي، ھەربىر ۋىجدانلىق شائىر، يازغۇچى يۈزلىنىشكە ھەم قەلەمگە ئېلىشقا تېگىشلىك تېمىدۇر. گۇمانتارلىق نۇقتىسىدىن ئېيتقاندىمۇ، جۇڭگونىڭ غەربىي رايونى ئەزەلدىن تېگىشلىك بايقاشقا ۋە قېزىشقا نائىل بولالمىغان مۇنبەت زېمىن بولۇپ، نۇرغۇنلىغان قەدىمي ئاسار-ئەتىقە ئورۇنلىرى، تەبىئىي مەنزىرە ئورۇنلىرى قايتىدىن كۆڭۈل بۆلۈشكە، سىرتقا يۈزلەندۈرۈشكە ۋە ئۆز قىممىتىنى تېپىشقا مۇھتاج. بۇنىڭدىن باشقا، غەربىي رايوندىكى خەلق، بولۇپمۇ، ئىقتىساد، مەدەنىيەت جەھەتتە ئارقىدا قالغان ئازسانلىق مىللەت رايونىدىكى خەلق بىرخىل ساددا، ئاقكۆڭۈل، كەڭ قورساق ۋە كىچىك پېئىل پەزىلەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ پەزىلىتى ئانا تەبىئەت، ئانا زېمىن بىلەن بارىغا شۈكرى، يوقىغا سەۋرى قىلىپ، مەردۇ-مەردانە ھالدا تەقدىرگە تەن بېرىپ، بىرگە مەۋجۇت بولۇپ ياشىشىدا ئىپادىلىنىدۇ. مانا بۇ شائىر، يازغۇچىلارنىڭ ئىلھام بۇلىقى، ئۈزۈلمەس ئېقىنى، تۈگىمەس بايلىقىدۇر.

يېقىنقى ئون يىلدىن بېرى، غەربىي رايون يازغۇچىلىرى ئارىسىدا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن شىنجاڭغا كېلىپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغىللىنىۋاتقان كۆچمەن يازغۇچىلار بارلىققا كەلدى. ئۇلارنىڭ غەربىي رايوننى تونۇشى، ھېس قىلىشى ۋە ئىپادىلىشى نىسبەتەن ئومۇميۈزلۈك ۋە ئۆزگىچە بولدى. بۇ غەربىي رايوندىكى يەرلىك شائىر، يازغۇچىلار قەلىمىگە يېڭىچە پۇراق، غەربىي رايون ئەدەبىياتىغا يېڭىچە سىياق ئاتا قىلدى. شائىر، يازغۇچىلار قەيەردىلا ياشىمىسۇن، ئۆز مەنىۋىيىتىنىڭ يىمىرىلمەس قورغىنىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. ئۆزى ياشاۋاتقان ماكان ۋە زاماندىكى ھەرقانداق زور ئۆزگىرىش ۋە رېئاللىق قوينىدىكى بېسىملار يازغۇچىنىڭ ئەشۇ مەنىۋىيەت قورغىنىنى يىمىرەلمەسلىكى كېرەك. ھەربىر ئىنسان روھىيىتىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا گۈزەللىككە ئىنتىلىش ئىستىكى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ھاياتلىق مەۋقەسى ھەرۋاقىت رېئاللىقنىڭ تاۋلىشى ۋە تاللىشىغا، ئۆز ھاياتىغا مەنا ئاتا قىلىش ئىستىكىنىڭ ئازابىغا دۇچار بولۇپ تۇرىدۇ. لېكىن، مۇرەككەپ تۇرمۇش ھادىسىلىرىنى ۋە ئىنسان مەنىۋىيىتىدىكى ھاسىلاتلارنى ھەقىقىي ۋە ئوبيېكتىپ ھالدا ئەدەبىي ئەسەردە ئەكىس ئەتتۈرۈشلا كۇپايە قىلمايدۇ. چۈنكى، ئوقۇرمەن تۇرمۇش، ھاياتلىق ۋە دۇنيانىڭ پەردازسىز قىياپىتىگە ئەمەس، تېخىمۇ ئوبرازلاشقان، تېخىمۇ ئېنىقلاشقان ۋە تېخىمۇ ئورتاقلاشقان جانلىق تەسۋىرگە ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتىگە تەلمۈرىدۇ. مانا بۇ شائىر، يازغۇچىلار چوقۇم يۈزلىنىدىغان رېئاللىق.

ئەدەبىيات ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئىپادىلەيدىغان ھېسسىياتنىڭ مەھسۇلى. نادىر بىر ئەدەبىي ئەسەر خۇددى قېرى ھاپىز ئېيتقان داستانغا ئوخشاش تەڭداشسىز سېھرىيلىككە ۋە بەدىئىي جەلبكارلىققا تويۇنغان بولىدۇ. كىشىلەر پەقەت ئۇنىڭ زوق-شوقلۇق بايانىغا قۇلاق سالسا ۋەياكى ئەسەردىكى ئاشۇ قايناق ھاياجانغا تولغان ھايات قىسمەتلىرىگە قايىل بولسىلا، چەكسىز بىر روھىيەت ئالىمىگە ساھىب بولىدۇ. مانا بۇ بىر ئەسەرنىڭ ئوقۇرمەن قەلبىدىكى جەزبىسى. ئوقۇرمەن ئەدەبىي ئەسەردىن زوق ئېلىش جەريانىدا، ماكان، زامان، ئىنسان ۋە يازغۇچى بەرپا قىلغان روھىيەت ئىمكانىدىكى ماھىيەتلەرنى چۈشىنىشتىن سىرت، باش پېرسوناژغا ياندىشىپ، قىزغىن ھايات قوينىدا جاپا-مۇشەققەتلىك ھەم راھەت-پاراغەتلىك كۈنلەرنىڭ ئىنئامىغا نائىل بولىدۇ. بۇ يەردىكى مۇھىم مەسىلە قانداقتۇر سەنئەتنىڭ جەلبكارلىقى ئەمەس، بەلكى، يازغۇچىنىڭ مەنىۋى مەنزىلى، سەگەك تۇيغۇسى ۋە ئۆتكۈر كۆزى، سالماق تەپەككۇرى، دۇنيا قارىشى ۋە ئىگىلمەس-سۇنماس ئىرادىسىدۇر.

مېنىڭچە، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە، روھى پۈچەك، ھېسسىياتى تۇراقسىز، چۈشكۈن كىشىلەر ئاز ئەمەس. ئەدەبىيات دەل ئەنە شۇنداق كىشىلەرنىڭ سەكسەن خالتىسىدۇر. ئەمەلىيەتتە، ھەربىركىشى ئەدەبىياتقا ھەقىقىي يۈزلىنىش، ئەدەبىياتتىن زوق، تۇرمۇشتىن ھوزۇر ئېلىش، ھاياتنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى تونۇش ئارقىلىق ئۆز روھىيىتىنىڭ يۈكسەكلىكىگە ساھىب بولۇشى كېرەك. دەرۋەقە، ھازىرقىدەك تۇرمۇش رېتىمى تېز بولغان جەمئىيەتتە ھەربىر كىشىدىن ئەدەبىياتقا ھېرىسمەنلىك تەلەپ قىلىش بىھۇدىدۇر. شۇڭا، مەن ئەدەبىيات ئارقىلىق بارلىق كىشىلەرنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشنى خام خىيال قىلمايمەن، پەقەت ئۆز ئىختىيارىم بويىچە تەسەۋۋۇر ھەم تەپەككۇرۇمنى داۋاملاشتۇرىمەن.

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى