ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 148 قېتىم
ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 154 قېتىم
ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 142 قېتىم
ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 94 قېتىم
ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 109 قېتىم
ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 207 قېتىم
ئىنكاس: 1 پارچە | كۆرۈلۈشى: 1,054 قېتىم
تىنىق كۆل بويىدىن پارچە ئاق بۇلۇت ئۆرلەپ چىقتى بىرچاغ ماۋى پەلەككە.شامال قانىتىدا ئۇچتى خۇش بولۇپ،ماكانىدىن ئۇزاق-ئۇزاق تەرەپكە…نەگە ئالدىرايدۇ؟ بىلمەيدۇ بۇنى،ئېشىپ ئۆتتى چۆللەر، تاغلاردىن يىراق،جېنىغا تېگىپ بۇ كېزىش بىر كۈنى،قايتماق بولدى شۇندا كەينىگە، بىراق،بىراق… يول بەرمىدى شاماللار ھەيدەپ،ئۇ يىغلاپ تۈگەشتى ياشنى سەل قىلىپ،كېيىن ئېقىن بولدى، بىلمەيدۇ نەدە…ماكانىنى ئىزدەپ كەتتى باش ئېلىپ.[شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن1989-يىلى 1-ئايدا نەشىر قىلىنغان «ئابدۇللا ئارىپوۋ شېئىرلىرىدىن تاللانما» ناملىق توپلامدىن ئېلىندى.]
ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 775 قېتىم
[ئاپتورى: ئابدۇرېھىم ئابدۇللا]ھەممە شائىر «ئانام»لا دېدى،ئاتىلىرى يوقمىكىن ئەستە.ئۇلار شۇنداق ئاتىلار ئىدى،يولۋاسنىمۇ قويغان ھەۋەستە.ئۇلار شۇنداق ئاتىلار ئىدى،نى گۈزەللەر بولغانتى شەيدا.خەنجەر بولۇپ قادىلار ئىدى،بولسا مەلئۇن ھەر جايدا پەيدا.دائىم ئۆتۈك بىلەن سۇ كېچىپ،كۆردى نى-نى دەردۇ بالالار.ھەتتا يۈگەن بىلەن سۇ ئىچىپ،كەزمىدىمۇ تاغۇ-دالالار.نەيزىسىنىڭ ئۇچىدا چولپان،قىلىچىدا تاڭنىڭ يالقۇنى.ۋەتەن ئىشقى ئوقلارغا قالقان،ئايىغىدا قاننىڭ دولقۇنى.تالاپەت يەپ چۆللەردە قالسا،ئاسمان يىغلاپ تۆكمىدىمۇ ياش.يۇلغۇنزارلار قوينىغا ئالسا،شىر-يولۋاسلار تاۋۇتقا قولداش.بىز ئاتالدۇق بەزمىدە يىگىت،ئاھ، جان ئاتىلار جەڭلەردە شېھىت.
ئىنكاس: 1 پارچە | كۆرۈلۈشى: 1,735 قېتىم
تىنىقىڭ قاپلىدى ئۆيۈمنى كۆكلەم،
يانلارغا يالتىراق يالپۇزلار ئۈندى.
كېپىنەك تونلىرىڭ يېشىل ۋە كۆركەم،
ئىزغىرىن قارلارنىڭ جىلۋىسى سۇندى.
قاپتالدا يولۇڭغا قارىدۇق ئەركەم،
تاقەتسىز ئادەملەر تازا ئۇمۇندى.
ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 1,092 قېتىم
- خۇشخۇي:
بۇ بۆلەكتىن بىلىشىمچە ياخشى چىققان رومانكەن. ھەزرەتئىلىنىڭ ت
- غازى:
ئۆزلۈك پايانىغا سەپەر قىلدىم
- Adeline K. Sampson:
رەھمەت ئاكا، «يىگىرمە پارچە مۇھەببەت لېرىكىسى ۋە بىر ئۈمىدسى
- خۇشخۇي:
ئالدى بىلەن «چۈشتاق تور پۈتۈكلىرى»تورى ئۇسلۇبىنىڭ يېڭىلانغان
- تۈركزات:
شائىر ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ ئانا تىل ھەققىدىكى شېئىرىنى ئوقۇپ ي
- ئاتىلار، خەنجەر ئوسمانجان ساۋۇت، ئانا تىل ئىجادىيەت، خاسلىق ئىجادىيەت، يازغۇچى ئىجادىيەت، يازغۇچى، قەلەم ئىمىن تۇرسۇن، شېئىر ئۆز، رومكا، شامال ئۆزلۈك ئۈندىدار ئەدەبىيات، ئىستىل ئەدەبىيات، بىمەنە ئەدەبىيات، نادىر، ئالىيجاناب باغنا، يايلاق باھار، شېئىر بۇلاق، سۆيگۈ بېي داۋ، تۇيغۇ بەخت، فىلىم تار كوچا، پوۋېست تارىم تارىم، ئەدەبىيات تۇلپار، ئەسەر، پوۋېست تېڭىرقاش، ياشاش، ھېكمەت تەرجىمە، شېئىر تەنقىد، بايقاش تەنھالىق، ئالۋۇۇن جىبران، شەپە جەننەت، ئەما خازان، كىتاب دادام رومان، ۋاڭ ئەنيى رىيۇ ئەنكىم زاھىر ئابدۇراخمان سايە، تەنھالىق، يېتىم سوسۇر، ئانا تىل سوسۇر، ئەدەبىيات شائىر، ئاۋام، قەلب شۈ جىمو، شېئىر، تەبىئەت شېئىر، ئانا، ۋاقىت شېئىر، تەرجىمە شېئىر، شامال، ئۆلۈم شېئىر، ماكان شەھەر، غېرىبلىق غوجىمۇھەممەد غېرىپ، ساراڭ قار، يار قىسمەت، مۇھەببەت كاتلىن راينى، شېئىر كۆز، دادام كۆز، گۈل كۆكلەم، چىمەن مويەن، نوبېل مۇھەممەد خېۋىر مېھىر، ئىران نەسىر، تەرجىمە نەسىر، تەرجىمە، سىرلىق يالعۇز يايلاق، خاتىرە يۇرتۇم، بەشكېرەم پابلو نېرۇدا، شېئىر پەرھات تۇرسۇن چۈشتاق گوركى، ۋاقىت ۋىسال، ھىجران، پەسىل، ئەركەم