مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
ئابدۇللا ئارىپوۋ: بۇلۇت
تەۋە تۈر: تەرمە گۈل | يوللانغان ۋاقتى: 2011/10/10 | كۆرۈلۈشى: 775 قېتىم

تىنىق كۆل بويىدىن پارچە ئاق بۇلۇت

ئۆرلەپ چىقتى بىرچاغ ماۋى پەلەككە.

شامال قانىتىدا ئۇچتى خۇش بولۇپ،

ماكانىدىن ئۇزاق-ئۇزاق تەرەپكە…

نەگە ئالدىرايدۇ؟ بىلمەيدۇ بۇنى،

ئېشىپ ئۆتتى چۆللەر، تاغلاردىن يىراق،

جېنىغا تېگىپ بۇ كېزىش بىر كۈنى،

قايتماق بولدى شۇندا كەينىگە، بىراق،

بىراق… يول بەرمىدى شاماللار ھەيدەپ،

ئۇ يىغلاپ تۈگەشتى ياشنى سەل قىلىپ،

كېيىن ئېقىن بولدى، بىلمەيدۇ نەدە…

ماكانىنى ئىزدەپ كەتتى باش ئېلىپ.

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى