مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
ناخشىدىكى قىسمەت: قارا تۇلپار(4)
تەۋە تۈر: تەرجىمىلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2011/09/14 | كۆرۈلۈشى: 691 قېتىم

ئاپتورى: جاڭ چېڭجى

چۈشتاق تەرجىمىسى

(پوۋېست)

7

باقىمەن ئەتراپقا چەكسىز، بار ئىمىش

ئىزلىرى شۇ «ئەكە» گۈللۈك دالىدا.

ھەي، ئەگەر بىز بالدۇرراق كىشلىك ھاياتنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىۋالالىغان بولساق، ئەگەر  بىز ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق ئالەم ۋە كىشلىك تۇرمۇش قائىدىلىرىنى ،چوقۇم مېڭىشقا تېگىشلىك جاپالىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈدىغان ۋە چوقوم ئۇچرايدىغان يامان ئاقىۋەتلەرنى بىلىۋالىدىغان كىتاپتىن بىرنى ئوقۇۋالالىغان بولساق، ئېھتىمال بىز چوقۇم ۋاقتىدا  بەختكە ئېرىشكەن، ئۇنىڭغا ئېرىشىش بىلەن يوقىتىش ئارىسىدا تىپىرلىمىغان بولاتتۇق. لېكىن مەيلى ئۇ قانچىلىك ئاددىي ۋە كىچىك ئارزۇ بولسۇن، ئۇنى كۆڭۈلدىكىدەك قىلىش شۇنچە قىيىن ئىكەن. ئېھتىمال شۇنىڭ ئۈچۈن ھاياتتا خۇرسىنىپ ياشىساق كېرەك. بىز  چوڭىيىۋاتىمىز، كۈچلىنىۋاتىمىز ۋە تولۇۋاتىمىز، ھالبۇكى ھېسسىياتىمىزدىكى ئېغىرلىق ۋە ئەپسۇسلۇقمۇ كۈچىيىپ،بىزگە ئاستا-ئاستا ئەستايىدىللىقنىڭ ھەسرىتىنىمۇ ھېس قىلدۇرماقتا. بىز تۇيۇقسىز ئىدىيىدە بىر قەدەم يېتىلگەنلىكىمىزنى بايقىغاندا شۇنداقلا قارشى تەرەپنى ئېنىق كۆرۈپ يەتكىنىمىزدە ، ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى بايقايمىز. بىز بىزدىن كېيىنكى ياشلارغا باققىنىمىزدا  ئۇلاردىكى قورقۇمسىزلىق ،خامخىيال ۋە ھاياجاننى  كۆرگىنىمىزدە، ئازراق چۈشىنىپ بولمايدىغان   قاراشقا كېلىپ قالىمىز. شاماللار ئىچىدە ئادەملەر تپوى ئىچىدە بىز سالماق قەدەملار بىلەن كېتىۋاتقىنىمىزدا بىز يوۇشۇرۇنچە قەدىمىمىزنى تېزلەتكەن بولىمىز.

مەن سۇمىيەنى كۆرگەندىن كېيىن يۇقىرىدا دېيىلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ھېس قىلىپ يەتتىم.

 بىز ئۇچراشقاندا ھېچقانداق كومىدىيىلىك كۆرۈنۈش  بولمىدى.سۇمىيە كالىنىڭ چۇلۋۇرۇنى كۈچەپ تارتىپ، چوڭ قەدەملەر  مېڭىپ كەلدى، ئۇ مەندىن كۈلۈپ تۇرۇپ ئەھۋال سورىدى:

_ ھەي، بايىنبالىگ، مەن داۋاساڭدىن كەلگىنىڭىزنى ئاڭلىدىم، قانداقراق، يولدا ھاردىڭىزمۇ؟ خىزمىتىڭىز قانداق، سىز يەنىلا شۇ پېتى تۇرۇپسىزغۇ؟ چۇۋ، خېي، _ ئۇ چۇلۋۇرنى كۈچەپ تارتاتتى.

ئۇ باش ھارۋىدىكى بىر  چار كالىنى يېتىلىپ، مەن بىلەن قاتارلىشىپ ماڭدى. ئۇ ۋاررىدە قىلىپ يىغلاپمۇ كەتمىدى، بىراقلا ئۆزىنى قوينۇمغىمۇ ئاتمىدى، ھەتتا مېنى < پابا> دەپ چاقىرىپمۇ قويمىدى. ئۇنىڭدىن ئۆتكەن ئىشلارنىڭ ھەسرىتى ۋە تۇرمۇشىدىكى ئۇۋالچىلىق تۇغرىسىدا قىلچىمۇ ئىپادە كۆرۈلمىدى. ھەتتا مان ئۇنى توسۇپ، كۈچۈمنىڭ بارىچە ئۇچ چىشلىق ئارا ۋە كۆرەك بىلەن  ئۇنىڭ ئورنىدا تۆت ھارۋا كۆمۈرنى مەكتەپنىڭ ئاشخانىسى  كەينىگە چۈشۈرۈپ بەرگەن چاغدىمۇ  ئۇ يەنىلا ئوخشاشلا  تۇردى. ئۇ  خۇددىي ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئۆز ەېپىنى قىلىپ يۈردى.

ئۇ ئۆزگەرگەن ئىدى. ئەگەر ئۇ تونۇش چىراي، قىيپاش مۆرە ۋە قاپقارا كۆزلەرنى دېمىگەندە ، ئېھتىمال مەن ئۇنى راستىنلا تونۇمىغان بولاتتىم. بىز ئايرىلغىلى 9 يىل بولدى- دە. ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى مەن مەڭگۈ ئۇنتۇيالمايدىغان پۇراق، بىر خىل ىچىك چاغدىكى ئۇنىڭ  كالىغا مىنىۋېلىپ مېنىڭ مۆرەمگە ئېسىلىۋالىدىغان  چاغدا خاتىرەمدە ساقلىنىپ قالغان خۇش پۇراق يوقالغان ئىدى. ئۇ ئىلگىرىكىدىن بەستلىك بولۇپ كەتكەن ئىدى، ئۇستىخانلىرى ئۆز ئورنىنى تاپقان ئىدى. ئاۋازى بوغۇق بولۇپ ، خۇددىي چوڭ يەڭگە ۋە مومايلارغا ئوخشاش تېز  گەپ قىلاتتى ۋەئاخىرلاشتۇراتتى. ئۇ بىر جەينەكلىرى يىرتىلىپ كەتكەن  كۆك رەڭلىك پاىتىلىق چاپان كىيىۋالغان ئىدى. چاپاننىڭ پەشلىرىدە قارا كۆمۈر داغلىرى ۋە مايلار بار ئىدى. ئۇ ھېچنېمىنى ئېغىر ئالمىغان ھالدا چوڭ چوڭ كۆمۈر پارچىلىرىنى  مەيدىسىگە يۆلەپ توشۇيتتى. مەن ئۇنىڭ بارماقلىرىنىڭ قىزىرىپ، قوپاللىشىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدىم. مەن ئۇنى ئىتتىرۋېتىپ، ئۈچ چىشلىق  ئارا بىلەن كۆمۈرلەرنى بىر تەرەپ قىلىۋاتقان ۋاقتىمدا ، ئۇ خۇددىي مېنىڭ كەيپىياتىمنى چۈشەنمىگەندەك يەنە دەرھاللا كالا ھارۋىسىنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە ئۆتۈپ، يەنە بىر پارچە كۆمۈرنى قۇچاقلاپ ئالدى. ئۇ مەن ئىلگىرى ياردەملەشكەن ئاشپەز بىلەن ھاۋارايى ۋە يولدا كۆرگەنلىرى توغرىلىق تەبىئىي، ئېغىر –بېسىق پاراڭلىشاتتى. لېكىن مەن بۇلارنى پەقەت ئۇنىڭ ناھايىتى نېپىز تاشقى قىياپىتى دەپ ئىشىنەتتىم. چۈنكى  مۇشۇ چاغدىكى مەنمۇ ئۇنىڭ نەزەرىدە  ئوخشاشلا ئېغىر-بېسىق ۋە ئۆزۈمنى تۇتىۋالغان ئىدىم.‍تۇرمۇش بىزگە ئوخشاش ئىقتىدارنى، چىن قەلبىمىزدىكى ھەقىقەتنى قايسى تاشقى قىياپەتنىڭ كەينىگە يوشۇرۇشنى ئۆگەتكەن ئىدى.بىز بىرلىكتە ئىشلىدۇق، بەس-بەستە كۆمۈر چۈشۈردۇق. بىز  چوقۇم ئوخشاشلائۆتكەن ئىشلارنى ئويلىدۇق،ئۇ ئىشلار قەلبىمىزدە ئېسيان كۆتۈرمەكتەئىدى.

چۈشتىن كېيىنكى نوگەيچور كۆلىنىڭ بويىدىكى كىچىك بازار قۇياش نۇرىغا چۈمگەن ئىدى. مەكتەپتىن قايتقان بالىلار خۇددىي قۇش بالىلىرىغا ئوخشاش سۇمىيەنىڭ ئەتراپىدا ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىشاتتى، دەم ئېلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار، سۈت فېرمىسىنىڭ ۋاقىتلىق خىزمەتچىلىرى ، يەنە ئۆيمۇئۆيدىن چىققان بۇۋايلار بايىلا چۈشۈرۈلگەن كۆمۈر دۆۋىسى ئەتراپىغا توپلىنىپ، كۆمۈرنىڭ سۈپىتىنى باھالىشاتتى. مەن سۇمىيەنىڭ بۇ يەردىكىلەر بىلەن ناھايىتى چىقىشىدىغانلىقىنى ، ھەمىشە باشقىلار ئۇنى توختىۋېلىپ بىر قانچە ئېغىز پاراڭلىشىدىغانلىقىنى بايقىدىم.

ئىش تۈگىگەندىن كېيىن ئۇ مېنى باشلاپ ئۆيگە قايتىدىغان چاغدا بىز يەنىلە بۇرۇنقىدەك ئەركىن پاراڭ قىلىپ ماڭدۇق. بىز  ئايلىنىپ مەكتەپنىڭ ئالدىدىكى توپىلىق ئۆرىدەشكە كەلگەندە ، كۆل بويىدىكى چىغىر يولنى بويلاپ، يېرىم ئۆڭكۈر شەكلىدىكى توپا ئۆيگە قاراپ كېتىۋاتقاندا تۇيۇقسىز ئاتنىڭ جىددىي كىشنىگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. گانگا قارا پۇتىدىكى چۈشەكنى سۆرەپ، بىر قەدەم -بىر قەدم  سەكرەپ كېلىۋاتاتتى. ئات بىزنىڭ ئالدىمىزغا كېلىپ، ھېچنېمىگە قارىماي، بوينىنى سۇمىيەغا سوزۇپ، تىترەپ تۇرغان ئېغىزىنى سۇمىيەنىڭ قوينىغا تىققاندىلا مەن بۇ قارا ئاتنىڭ ھەممىگە تەييارلىنىپ بولغىنىنى بىلدىم.

مەن ناھايىتى ھەيرانلىق ئىچىدە گانگا قاراغا قارىدىم، ئۇ ئۈن-تىنسىز ھالدا يوغان قارا باشلىرىنى سۇمىيەنىڭ قوينىغا سۈركەيتتى. ئىككى قۇلىقىنى تىككىدە قىلىپ، توختىماستىن كەھرىۋادەك كۆزلىرىنى ئۇنىڭغا تىكىپ، نېمىلەرنىدۇر تىلسىز دەۋاتقاندەك قىلاتتى.

سۇمىيە كۆمۈر ئۇۋاقلىرى چاپلىشىپ قالغان قوللىرى بىلەن ئاتنىڭ بېشىنى سىيلىدى، ئاتنىڭ بېىشىنى ئۇزاق سىيلىدى. مەن ئۇنىڭ كۆزلىرىنىڭ ياشقا تولغانلىقىنى، يەلكىسىنىڭ تىترەۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. لېكىن ئۇ باشتىن ئاخىر ماڭا قارىمىدى، بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى.

ئۇ ناھايىتى تېزلىكتە ئۆينى يىغىشتۇردى، دەرىزىنى ئېچىپ ئۇچاققا ئوت ياقتى. قازان-قومۇچلارنى يۇيدى، ئۇچ ئوغۇل بالىنىڭ يۈزىدىكى مەينەتچىلىكلەرنى يۇيدى، چىچىگېنى ھەر خىل ئىشقا بۇيرۇپ ئالدىراش قىلىۋەتتى.

ئۆي ئىچى يەنە ئىللىقلىققا تولدى، لېكىن تۈنۈگۈن ئاخشامقىدەك ئۇنداق قايناق، قالايمىغان ئەمەس ئىدى. ئۇ چوڭ بىر قازاندا قويۇق ئەتكەن چاي ئەتتى. ئاندىن  چاي ئېلىنغانچەينەكنى ئوچاقنىڭ يېنىدىكى قىزىل چوغنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قويدى.  بىر قۇتا سېرىق ماي ۋە بىر خالتا قارا شېكەر ئېلىپ نۇرغۇن كىچىك  قۇيمەق قۇيدى، ئۇ قۇيماقلارنى ئالدىمغا قويدى، ئادەمنىڭ ئىشتاھاسىنى قوزغايدىغان قۇيماقلارنىڭ ئۈستىدە مايلار ۋىژىلداپ چېچەك ئاچاتتى.

تاغ تەرەپتىكى بايىن ئۇرا گوڭشېسى تېخى سەلەركە ماتوردىن توك تارقاتمىغان ئىدى، قاراڭغۇ چۈشتى، ئۆي ئىچى قاراڭغۇلاشتى، سۇمىيە كۆمۈر مېيىلىق چىراقنى ياقتى. يەنە بىر ئاخشام، مەن ئىزچىل ئىنتىلىپ كەلگەن، شۇنداقلا قورقۇپ كەلگەن بىر ئاخشام كىرىپ كېلىۋاتاتتى. ئوچاقتىكى كالا تېزىكى سۇس سېرىق رەڭدە يالقۇنجايتتى.بۇ تېتىك ئىلللىق رەڭلەر قويۇق كۈلرەڭ قاراڭغۇلۇقنى جۇلالاندۇرۇپ، لىپ-لىپ يۆتكىلىپ،قاتتىق بېسىلىپ كەتكەن خىجىللىق ۋە ھاياجاننى خۇددىي  ھاۋا دولقۇنىدەك قوزغاپ تۇراتتى. خۇددىي ئاۋازسىز مېلودىيىدەك پاكار لاي ئۆينىڭ ئىچىدە بارغانسېرى قويۇق تۈستە دەۋىر قىلاتتى.

كىچىك قۇيماق ھەم تاتلىق ھەممەززىلىك ئىدى، مەن خېلى كۆپ يېدىم. بۇ چاغدا مەن كۆل بويىدا ئۇخلاپ قېلىپ، چۇشلۇك چاينى ئۇنتۇپ قالغانلىقىمنى ئېسىمگە ئالدىم.

بالىلار كاڭ ئۈستىدە غەلۋە قىلىشاتتى، يوتقان –كۆرپە، ياستۇقلارنى تارتىشاتتى.

سۇمىيە چىچىگېنى ماڭا بىر ئاق كېگىز سېلىپ بېرىشكە بۇيرىدى. قىزچاق ياندىكى ئۆيگە يۈگرەپ كىرىپ بىر ئاق كىگىزنى كۆتۈرۈپ چىقتى، كىگىزنى تامغا يېقىن كاڭنىڭ بېشىغا سالدى، ئاندىن چاققانلىق بىلەن ئۈستىدىكى ئوت-چۆپلەرنى قېقىشتۇرۇپ،  يېڭى بىر تېرە چاپاننى كېگىز ئۈستىگە سالدى. بۇلارنى قىلى بولغاندىن كېيىن  كاڭدىن چۈشۈپ ، بىر چەتتە تۇرۇپ جىممىدە ئانىسىغا قاراپ تۇردى، ماڭىمۇ پات-پات قاراپ قويدى. نېمىشقىكىن بىلمىدىم، مەن ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي، چىچىگېنى يېنىمغا تارتىپ، چېچىنى سىيلىدىم. ئارقىدىن مەن  ئۇخلاش ئۇچۇن ياتتىم.

سۇمىيە چىراقنى پۈۋلەپ ئۆچۈردى.

قاراڭغۇلۇقتا كۆزۈم ئوچۇق ئىدى، مەن تۆت بالىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى كاڭنىڭ بېشىدىن كېلىۋاتقان ھەر بىر يېنىك تىۋىشنى دىققەت قىلىپ ئاڭلايتتىم. مەن ىېلى ئۇزۇنغىچە سۇمىيەنىڭ ئۇخلىغان ئۇخلىمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلالمىدىم. مەن  ئاڭسىز ھالدا ئۆينىڭ تورۇسىغا قارىدىم، ئۇ يەرمۇ قاپقاراڭغۇ ئىدى، قانچە تال جەگە ياغاچ بارلىقىنى ساناپ بولغىلى بولمايتتى.ئەڭ كىچىك ئوغۇل بالا ،ئېھتىمال ھارۋىكەشنىڭ ئامراق قوزىسى بولسا كېرەك، توساتتىن خىڭىلداشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن سۇمىيەنىڭ پەس ئاۋازدا ئۇنى پەپىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم. مەن نەپىسىمنى يىغىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ تۆۋەن ھەم يېقىملىق ئاۋازىنى دىققەت بىلەن ئاڭلىدىم. ئۇ ئاشۇ خىل پەقەت ئانا بىلەن باللىلا چۈشىنەلەيدىغان، پەقەت ئۇيقۇغا كەتكەن موڭغۇل ئۆيلىرىدىلا ئاڭلىغىلى بولىدىغان تاتلىق، تۈسى ناھايىتى ئېغىر بولغان چۈشىنىكسىز سۆزلەر بىلەن نېمىدۇر دەۋاتاتتى.

بۇ خىل ئاۋاز  ئادەمگگە ناھايىتى يېقىنلا يەردىن ئاياللارغىلا خاس بولغان كۈچلۈك پۇراقنى ھېس قىلدۇراتتى…. شۇنداق قىلىپ مەن بىلەن مېنىڭ بۇرۇنقى مەشۇقۇم ، مېنىڭ شانارىم بىر پاكار ئۆينىڭ ئىچىدە ، بىر كاڭنىڭ ئۈستىدە ياتاتتۇق. ھەر ئىككىمىز پەسرەك ئاۋاز چىقىرىشقا تىرىشاتتۇق. بىز شۇنداق ناتونۇش ،شۇنداق يات ئادەمگە ئوخشايمىز. ھەي،  ئالۋىدا مېنىڭ يايلاقتىكى بۇلبۇلۇم، مېنڭ شەپەقنى يېپىنچاقلىۋالغان، قارا كۆزلۈك مەشۇقۇم، مەن سېنى مەڭگۈگە يوقاتتىم…

ئاي قاراڭغۇسى. ئاسماننى قارا بۇلۇتلار قاپلاپ كەتكەندۇ،ھەتتا دەرىزىنىڭ پەنجىرىسىمۇ قاپقاراڭغۇ. پەقەت ئوچاقتىكى كالا تېزىكىنىڭ قالدۇقلىرىدىن ئاجىز قىزىل نۇرلار پىلدىرلاپ تۇراتتى، پات-پات  پەس ئاۋازدا چىرىسلىغان ئاچاز ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئۆينىڭ ئىچىدىن بىر خىل ئاۋازدا خورەك ئاڭلىنىشقا باشلىدى: بالىلار ئۇخلاپ كەتكىنىدى.

بۇ چاغدا مەن سۇمىيەنىڭ پەس ئاۋازدا ناھايىتى ۇزۇن خورسىنغىنىنى ئاڭلاپ قالدىم. بۇ خۇددىي تىترەپ چىققان ئىڭراشتەك ، ئاستا  چىققان ئۇھسىنىشتەك ئاڭلاندى.

 مەن خۇددىي چاقىرىقنى ئاڭلىغاندەك بولۇپ دەرھال ئۆرە بولدۇم. مەن ئۆلۈپ  كېتىشكە رازى ئىدىمكى بۇنداق جىمجىتلىق ئىچىدە چىداپ تۇرالمايتتىم. مەن خىرىلداپ تۇرۇپ ، قاراڭغۇلۇققا قاراپ ئۈنلۈك ئاۋازدا دېدىم:

_ سۇمىيە، ياق ، شانا، سىز، سىز نېمە دەۋەتىسىز!

مەن گەپنى دەپ بولۇپلا كۆزۈمنى يۇمۇپ، لېۋىمنى قاتتىق چىشلىدىم.

خېلى ئۇزۇن ئۆتكەندىن كېيىن سۇمىيە پەس ئاۋازدا ئېغىز ئاچتى:

_ مومام ئۆلۈپ كەتتى.

يەنە جىمىپ كەتتۇق. مەن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن سوئاللىرىمغا جاۋاب تاپقانلىقىمنى  چۈشەندىم.

مەن ناھايىتى تەستتە چۇشەندۈرۈشكە باشلىدىم. مەن قارا تۇلپارنى مىنىپ سەپەرگە چىققىنىمدىن باشلاپ بۇ مەسىلىلەر توختىماي  باغرىمنى تىلىپ كەلگەن ئىدى. 9 يىلدىن ئېشىپتۇ، ئىنىستىتۇتتا ۋە ئورگاندا، تەتقىقات ئورنىدىكى خىزمەتداشلىرىم ۋە بارلىق دوستلىرىم ئارىسىدا  مەن ئەزەلدىن چەت-ياقا يايلاقتا مۇنداق قاتتىق ستونىڭ بارلىقىنى، مېنىڭ روھىمغا تەييارلانغان ھۆكۈمنىڭ بارلىقىنى ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغان ئىدىم. ھازىر سۇمىيە مېنى سوتلاۋاتىدۇ، ئېھتىمال بۇ ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق سوتتۇر. مەن كۈچەپ سۆزلىمەكتە ئىدىم. تاشلىرى تىك تاغ جىلغىسىنى سۆزلىدىم، ئوچۇقچىلىققا دەپنە قىلىنىدىغان چارۋىچىلارنىڭ سۆڭىكى توغرىلىق سۆزلىدىم، ئۇ يەردە مومام بىلەن قانداق خوشلاشقىنىمنى ۋە ئۇنىڭدىن كەچۈرۋېتىشنى ئۆتۈنگەنلىكىمنى سۆزلىدىم. ھارۋىكەش داۋاساڭنىڭ مېنى ئەيىبلىگەنلىكىنىمۇ سۆزلىدىم، سۆزلىگەنسېرى كۆز ياشلىرىم توختىماي ئېقىشقا باشلىدى.

 بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم يىغلىغىنىم ئىدى، ئىلگىرى مەن ئەزەلدىن يىغلاپ  باقمىغان ئىدىم. ھەتتا مەن بۇنى ئۆزۈمدىكى بىرخىل فىزولوگىيەلىك كەمتۈكلۈك دەپ قارىغان ئىدىم. مەن ھەمىشە چىشىمنى چىشلەپ، قاپىقىمنى تۈرۈپ، ھەممە ئازابنى ئىچىمگە يۈتىۋېتەتتىم. شۇڭا كىشىلەر ھەمىشە مېنى باغرى تاش، رەھىمسىز ئەبلەخ دەپ قارىشاتتى…

مەن  بالىلارنى ئويغىتىۋېتىشتىن قورقۇپ جېنىمنىڭ بارىچە يېڭىمنى چىشلىدىم، لېكىن مەن بۇ قېتىم بەرداشلىق بېرەلمىدىم. گەپنىمۇ داۋاملاشتۇرالمىدىم، پەقەت يارامسىزلارچە خىتىلداپ يىغلىۋەردىم.

_ ئۇنداق قىلماڭ، بايىن باۋرگىن… سۇمىيە پەز ئاۋازد مېنى چاقىرىپ، بوغۇق ئاۋازدا دېدى،_ ئەجەبا دۇنيادا ئۆلمەيدىغان ئادەم بارمۇ؟

مەن ھەسرىتىمنى باسالماي قېلىۋاتاتتتىم. مەن مومام ئۈچۈن ياكى ئۆزۈم  ئۈچۈن يىغلىۋاتقىنىمنى پەرقلەندۈرەلمىدىم.  مەن خەنجەرنى يەرگە تاشلىغىنىمندا موماينىڭ مېنى كەمسىتكەنلىكىنى، شۇنداقلا يارىلانغان قورسىقىمنى بېسىپ تۇرۇپ ئۆيگە قايتۋاتقان ھالەتنى ئويلىدىم. مەن قاقاسلىقتىكى ئوچۇقچىلىقتا دەپنە قىلىش جىلغىسىنىڭ يېنىدا تۇرغاندىكى تەنھالىق تۇيغۇسىنى ئويلىدىم. شۇنداقلا ئۆزۈم تېرە چاپاننى سۇمىيەغا يېپىپ قويغاندىكى نازۇكلۇقنى ئويلىدىم. مەن شەپەقنى، قارا تۇلپارنى، ئىپلاس  خىرانى ، قورقۇنلۇق  پارچىلىنىشنى ئويلىدىم. مەن يەنە  خۇددىي چۆمۈچكە ۋە چوڭ كىچىكلىكى ئاسلانغا ئوخشايدىغان بوۋاق، مۇئەللىمە، ھارۋىكەش ۋە نوگەيچور كۆلىنىڭ كۆپكۆك دولقۇنلىرىنى ئەسلىدىم.مەن ئۆزۈمنى ئۇۋالچىلىقلىرىنى پەرقلەندۈرەلمەيدىغان بولۇپ قالغىنىمنى، زادىلا تولۇق ئەسلەپ بولالمايدىغان خاتىرىلىرىمنى، مېنى بىر بالىلىقتىن يىگىت قىلغەن نۇر غۇن يىللارنى ،كىچىگىندىنلا ئانسىز قالغان مېنى  دادامنىڭ قانداقلارچە ئۇ شەپقەتچى مومايغا بېقىشقا ھاۋالە قىلغانلىقىنى ئەسلىدىم… مو-ما!  مەن قاتتىق ئازابلاندىم. مەن بېشىمنى ئىككى قولۇم ئارىسىغا ئېلقپ ھۈ تارتىپ يىغلاپ كەتتىم: موما! مەن تىرىلمەيدىغان موماينى قايتۇرۇپ كېلىشنىلا ئويلايتتىم، مەن ئارقىدىنلا ئۇنىڭغا قاراپ ئازابلىق يىغلاپ كەتتىم.

سۇمىيە كاڭدىن ئاۋايلاپ چۈشۈپ ،ئوچاققا كالا تېزىكى سالدى، ماڭا بىر چىنە چاي ئەكىلىپ بەردى.

ئۇ كاڭنىڭ قىرىدا ئولتۇرۇپ مېنىڭ چاي ئىچىشىمگە قاراپ تۇردى، مەن چاينى ئىچىپ بولۇپ  ئاستا-ئاستا تىنجىپ قالدىم.

ئوت يېنىك تەۋرىنەتتى، قىزىل يالقۇن سۇمىيەنىڭ تامدىكى كۆلەڭگىسىنى ئىرغاڭلىتىپ، بىز بىلەن بىرگە ۋاقىتنى جىممىدە ئۇزاتماقتا ئىدى.

_ سۇمىيە،_ مەن ئېھتىيات بىلەن ئۇنى مۇشۇنداق چاقىردىم.

-ھىم؟_ئۇ بايا خىيالغا چۆكۈپ قالغاندەك قىلاتتى.

_ سىز مەكتەپتە ۋاقىتلىق ئىشلەپ چارچىغانسىز؟- سورىدى.

_ياق، ھېچقىسى يوق، مەن بەرىبىر ئىشلىشىم كېرەك. ئايدا 4-5 يۈز يۇئەن تاپالايدىكەنمەن.

_ تۈنۈگۈن لىن فامىلىلىك بىر مۇئەللىمە سىز تۇوغرىلىق نۇرغۇن سۆزلەپ بەردى، ئۇ سىزگە بەك ئامراقكەن،

سۇمىيە سۇز كۈلۈمسىرەپ: _ئۇنىڭ كۆڭلى ياخشى،_ دەپ قويدى.

مەن يەنە:

_ ئاخشام داۋاساڭ بىلەن نۇرغۇن ھاراق ئىچتىم، ئۇمۇ ياخشى ئادەم،_ دېدىم.

سۇمىيە ئۈندىمىدى،سەلدىن كېيىن بوش ئاۋازدا:

_بايىنبالىگ، بېرگىن دەرياسى ئېسىڭىزدە بارمۇ؟ _ دېدى،

_ نېمە؟ يۇرتىمىزدىكى بولىگىن كىچىك دەرياسىنى دەمسىز؟

_ ھە، _ ئۇنىڭ ئاۋازنىڭ تۆۋەنلىكىدىن گېپىنى ئاڭلىماقمۇ تەس ئىدى>- ئېسىڭىزدىمۇ، مومام  ئېيتىپ بەرگەن< بولىگىن، بولىگىن، قىز كىچىپ ئۆتسە دەريانى، كۆرەلمەيدۇ،قېرىنداش ئەھدۇ يارنى…> دېگەن ناىشا ئېسىڭىزدىمۇ،  مومام يەنە مېنىڭ مەڭگۈ بولىگىن دەرياسىدىن ئۆتۈپ باشقا يۇرتقا ياتلىق بولۇشۇمنى ئۈمىد قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. لېكىن مەن قارىغاندا  يەنىلا ئۇنىڭ ئارزۇيىدىكىدەك ئىش قىلماپتىمەن.، بىلەمسىز، ئۇ كۈنى مەن ئېرىمنىڭ ئات ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ، بىز شۇنچە يىل ئولتۇرغان  بارگاھتىن ئايرىلدۇق، ئۇ بارگاھ  قاقىر تاشلىنىپ قالدى،  ئۇ بىر قەۋەت كۈلۋەڭ قوينىڭ قىغىلا قېلىپ قالدى، كېگىز ئۆي چۇۋۇلۇپ، ھارۋىغا بېسىلدى، گانگا قارا … سىز كېتىپ قالغاچقا مەن ئۇنىڭ گوڭشېغا سېتىۋەتتىم. ئۇ كۈنى ئاجايىپ كۈچلۈك شامال چىقتى، ئات ھارۋىسى بولىگىن دەرياسىدىكى  قومۇشلۇققا كەلگەندە شامال قومۇشلۇقتىن شاراق- شۇرۇق ئاۋاز چىقىراتتى. كېيىن بىز ئۇ يەردىن ئۆتتۇق، ئۇ يەر ئىلگىرى بىز مومىمىز بىلەن بىرلىكتە چاي قاينىتىپ ئارام ئالىدىغان يەر ئىدى. ئۇ چاغدا مەن تۇيۇقسىز ئانام دېگەن گەپلەرنى، ئېيتقان ناخشىلارنى ئېسىمگە ئېلىپ… يىغلاپ كەتتىم، مەن  يەنىلا مۇڭغۇل ئاياللىرى دۈچ كېلىدىغان تەقدىردىن قېچىپ قۇتۇلالمىغانلىقىمنى ئويلىدىم، يەنىلا بولىگىن دەرياسىنى كېچىپ ئۆتتۈممۈ، بۇ بايىن ئۇلادىكى بولىگىنغا ئايلاندىم.

سۇمىيە ئاخىرى گېپىنى تۈگەتتى، ئۇنىڭ  گېپىنى ئاڭلاپ ھېچنېمە دېمىدىمم دەرىزىنىڭ سىرتىغا قارىدىم، بۇلۇتلار تارقاپ كەتكەندەك ئىدى، سۇس نۇرلانغان كېچە ئاسمىنىدا بىر قانچە يۇلتۇز پىلدىرلايتتى، مەن بۇرۇلۇپ سۇمىيەنىڭ قاراڭغۇلۇق ئىچىدىكى ۋۇجۇدىغا قاراپ، ئۇنىڭدىن چاقنىۋاتقان نۇرنى كۆردۈم، مەن ئۇنىڭ ياشلىرىنى سۈرتىۋەتمەكچى بولدۇم، لېكىن جۈرئەت قىلالمىدىم.

بۇ چاغدا سۇمىيە يەنە ئېغىز ئاچتى:

_بايىن باۋرگىن،  ئۇچاغدا مەن  سىزنىڭ قايەردىلىكىڭىزنى بىلەلمىگەن ئىدىم، پەقەت ئات ھارۋىسىنىڭ دەريا ئىچىدە ئىرغاڭلاپ ماڭغىنى، ھارۋا چاقىنىڭ تېيىز سۇدىكى دولقۇنلارغا ئۇرۇلغىنى، ماڭا سۇلارنىڭ چاچرىغىنىلا ئېسىمدە، مەن قىزىمنى مەھكەم قۇچاقلاپ، يۇزۇمنى  قىزىمنى دۈمبىسىگە قىلىۋالغان ئىدىم.،ھە، ئۇ چاغدا مەن چىچىگېدىن ناھايىتى مىننەتدار بولغان ئىدىم، مەن پەقەت مۇشۇ كىچىكىنىنە بالاپاننىڭ مېنى ئىللىتىپ كېلىۋاتقىنىنى ھېس قىلغان ئىدىم… بايىن باۋرگىن ئەلۋەتتە مۇنداق گەپلەرنى ئاڭلاشنى خالىمايسىز، مۇنداق قىزىمنىڭ بولغانلىقىدىن ناھايىتى بىزالىقىڭىزنى بىلىمەن.‎

‎- ياق، _ مەن ئۈمىدسىزلىنىپ ۋارقىراپ، ئۇنىڭ گپىنى ئۈزۈۋېتىپ ھاياقان بىلەن ئۆۈمنى ئاقلاپ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدىم:

_شانا، ىاتالاشتىڭىز، مەن قىزىڭىزغا ئامراق، چىچىگېمۇ ياخشى بالا…ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇمۇ ماڭا ئامراقتەك قىلىدۇ، ئۇ مېنى< باپا> دەپ چاقىرىدۇ، ئۇ تېىچە گانگا قارانى بىلمەيدۇ، ئۇنىڭ مەن بىلەن بىرگە بولغان چاغدا سۆزمەن بولۇپ كېتىدىغان لىقىنى بايقىدىم.

 سۇمىيە ئۇھ تارتىپ قويدى، مەن ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە  ھەسرەتلىك كۈلۈپ قويغاندەك ھرس قىلدىم.

_ سىز ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلمەيسىز بايىن باۋرگىن،_ ئۇ دېلىغۇل بولۇپ يەنە گېپىنى داۋاملاشتۇردى،_ئىش مۇنداق، ئېرىم بۇ قىزىمنى ياخشى كۆرمەيدۇ، ئۆتكەن يىلى ئۇ مەست بولۇپ قېلىپ، چىچىگېنى ئۇرنى، يەنە ئىتنىڭ بالىسى دەپ تىللىدى. كېيىن قىزىم ماڭا تىكىلىپ قاراپ تۇردى، ئۇ كۈنى قىزىم ئەتىدىن كەچكىچە ماڭا تىكىلىپ تۇردى، ئۇنىڭ قارىشى ئادەمنى قورقۇتاتتى. مەن ھودۇقۇپ قالدىم، شۇنىڭ بىلەن چىچىگېغا پەس ئاۋازدا:

< چىچىگې، سېنىڭ بىر باپاڭ بار، ئۇ ھازىر دۇنيادا تەڭدىشى يوق بىر قارا تۇلپارنى مىنىپ جاھان كېزىۋاتىدۇ، بىز بۇ ئاتقا گانگا قارا دەپ ئىسىم قويغان، ئۇ بىر قارا تۇلپار. بۇ باپا سېنىڭ داداڭ، ئۇنىڭ ئىسمى بايىنبالىگ، ھامان بىر كۈنى  تۇيۇقسىز قارا  تۇلپارنى مىنىپ بۇ يەرگە بىزنى كۆرگىلى كېلىدۇ> دېدىم.

 مەن كاڭغا قارىسام، چىچىگې بىر ئەدىيالنى قۇچاقلاپ ئۇخلاپ قاپتۇ، كىچىككىنە قوللىرىنى ئېڭىكى ئاستىغا قويۇۋالغان ئىدى. سۇمىيەنىڭ ئۇيقىسى كېلىپ بېشى چۈشۈپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ سوزۇپ بىر ئۇھ تارتىپ قويدى.

_ ماڭا ئۆچمەنلىك ساقلاپ يۈرمە،-دېدى ئۇ زەئىپ ئاۋاز بىلەن گۇدۇڭلاپ،_ ماڭىمۇ راستىنلا ئامال يوق، سېنى بۇ ئۆمرۈمدە قايتا كۆرەلمەيدىغان بولدۇم دەپ ئويلىغان ئىدىم.

مەن غەيرەتلىنىپ، ئۇنىڭغا قولۇمنى سوزۇپ، ئۇنىڭ چۇۋۇلغان چاچلىرىنى سىيلىدىم. سۇمىيە مەن تەرەپكە قىيسىيىپ يۈزىنى قولى بىلەن ئېتىۋالدى. مېنىڭ سىيلاپ سىپىشىم بىلەن ئۇنىڭ بەدىنى جالاقلاپ تىترەشكە باشلىدى.

 خېلى ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ تۇيۇقسىز بېشىنى كۆتۈرۈپ، غەيرىي بىر تەرىزدە ماڭا قاراپ، بوغۇق ، ئۈنلۈك ئاۋازدا مەندىن سورىدى:

_سىز نېمىشقا چىچىگېنىڭ دادىسى بولمايسىز؟ نېمىشقا؟ ئەگەر شۇنداق بولسىڭىز بەك ياخشى بولاتتى… مەيلى سىز قانچە يىراقلارغا كېتىڭ،  مايلە بۈگۈنكىدەك بىزنى كۆرگىلى كەلمەڭ، يانىلا ياخشى بولاتتى.

مەن ياغاچتەك قېتىپ ئولتۇرۇپ خېلى ئۇزۇنغىچە  ئۇنىڭ گېپىگە قاۋاب بېرەلمىدىم. كېيىن كىمنىڭدۇر بىرسىنىڭ بىر جۇملە سۆزىنى يادلاپ بەردىم:

_ مەن ئۇنداق قىلالمىدىم، سۇمىيە، سەن نېمە دېگەن گۈزەل ھە؟

ئوچاقتىكى كالا تېزىكى كۆيۈپ بولغان ئىدى. ئۇچاق ئېغىزىدا سۇس سېرىق ياكى سۇس قىزىل ئوت يورۇقى كۆرۈنمەيتتى. لېكىن  بۇ كىچىك ئۆي ھازىر ئۇنداق قاراڭغۇ ئەمەس ئىدى، ياغاچ دەرىزىنىڭ غۇۋا ئەينىكىدىن  ئاق يورۇقلۇق بالقىپ تۇراتتى، بىلىپ بىلمەيلا ئەتراپىمىزغا سەھەرنىڭ يورۇقى سىڭىپ كىردى.

تاڭ ئاتتى.

بۇ يەنە ئىككىمىزنىڭ ئۇنتۇلماس بىر كېچىسى بولۇپ قالدى.

 

8

قارا تۇلپار چاپىدۇ تاغقا قاراپ،

شۇ تونۇش كۆلەڭگە بار، يوق ئۇ زىبا.

مەن سۇمىيەنىڭ كىچىك ئۆيىدە جەمئىي 5 كۇن تۇرۇدۇم. ھېلىقى كۈنى سەھەردىن باشلاپ، بىز  ئەسلەش ئېغىر كېلىدىغان ئىشلارنى قايتا تىلغا ئېلىشمىدۇق. مەن داۋاساڭ قايتىپ كەلگەندە خوشلاشماقچى بولدۇم، ھەرقايسى جەھەتتىن ئويلىغاندا شۇنداق قىلسام  ، ئەڭ ياخشى بولاتتى.

نوگاي كۆلىنىڭ بويىدىكى بۇ جىمجىت كەنتتە بىز تىنچ ئۇچ كۈننى ئۆتكۈزدۇق. مەن ھەر كۈنى قارا ئاتقا قارىغاندىن باشقا مەكتەپتىكى سۈت كالىسى قوتىنى ۋە ئاشخانا كەينىگە ئۆتۈپ كۈچۈمنىڭ بارىچە سۇمىيەنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملەشتىم. بۇندىن باشقا  دىققىتىم چىچىگېدا بولدى. مەن ئاتلىق بايىن ئۇرا تەمىنلەش كوپىراتىپىغا بېرىپ، چىچىگېغا  يېڭى سومكا، قەلەم ۋە ھاۋا رەڭ شارپا ئېلىپ سېتىۋېلىپ كەلدىم. مەن يوشۇرۇنچە سۇمىيەنىڭ ھېلىقى گېپىنىڭ  كۈچىيىشىگە ياردەم قىلماقچى ئىدىم. نېمە ئۈچۈن؟ نېمە ئۇچۇن 10 ياشقا تولمىغان كىچىك قىزچاقنىڭ قەلبىدە ئويغانغان ئارزۇنىڭ ئۇچقۇنىنى ئۆچۈرۋەتكۈدەكمەن؟ ئۇ داۋاملىق مېنى دادىسى دەپ يۈرسۇن، مەن بىر ئۆمۈر تىرىشىپ بۇ رولنى ئېلىشقا رازى، ئېھتىمال، بۇ ماڭا قارىغاندا چىچىگې ئۈچۈن تېخىمۇ مۇھىم ۋە زۆرۈردۇر.

 لېكىن  مەن ئىشنىڭ بۇ دەرىجىدە ئاددىي ئەمەسلىكىنى بايقىدىم. چۈنكى ئۇ ماڭا تېخىمۇ جاھىللىق، ئۆتكۈر كۆزلىرى بىلەن تىكىلەتتى. ئۇ بەكرەك خۇشالمۇ بوپ كەتمىدى ياكى بالامىجەز بولۇپ ئۆزگەرمىدى. مەن شەھەردە بىر دوستۇمنىڭ قىزىنىڭ رەسىمىنى كۆرگىنىمنى ئويلىدىم. ئۇ ئامېرىكىدىن ئىۋەرتىلگەن  چوڭ رەسىم قەغىزىدىكى رەڭلىك رەسىم ئىكەن. رەسىمدىكى ئۇ قىز  چىچىگې بىلەن چوڭ-كىچىكلىك جەھەتتىن پەرقلىنىپ كەتمەيتتى. ئۇ قىز ئاجرىشىپ كەتكەن ئانىسى بىلەن بۇ ناھايىتى شادىمان دۇنياغا ئېلىپ كېلىنگەن ئىدى. رەسىمدىكى ئۇ قىز مەيدىسىگە <خۇشاللىق> دېگەن خەت  بېسىلغان پوسمىلىق مايكا كېيىۋالغان ئىدى. ئۇ كۈچىنىڭ بارىچە سېرىق چاچ، كۆك كۆز كىچىك دوستلىرى بىلەن  بېرىلىپ ئويناۋاتقان ئىدى. ئۇنىڭ كۈلكىسى ھەقىقەتەن شۇنچە شادىمان ۋە بەىتىيار ئىدى. مەن  ئۇ قىزچاق غەمسىز ھالدا دادىسى ۋە ۋەتىنىنى ئۇنتۇپ كەتكىنىگە ھەسرەتلەنگەن ئىدىم. لېكىن چېچىگې بولسا پۈتۈنلەي ئوخشىمايتتى. ئۇنىڭ كىيىملىرى جۇلجۇل، چاچلىرى چىگىشلىشىپ كېگىز بولۇپ كەتكەن  ئىدى. ئۇ كىچىك پۇتلىرىنى كۈچىنىپ يۆتكەپ ۋە قولىنى سېلىپ كۆل تەرەپتىن لىق توشقۇزۇلغان چېلەكنى كۆتۈرۈپ كېلەتتى. ئۇ  ئادەمنىڭ كۈلكىسىنى كەلتۈرىدىغان شۇنداقلا ئادەمنىڭ با غرىنى  ئېزىدىغان ھالدا ئۆزىدىن ھېچقانچە كىچىك بولمىغان ئىنىسىنى قۇچاقلاپ كۆتۈرەتتى. ئۇ مەن سېتىۋېلىپ كەلگەن سومكا، گاڭبىي ۋە شارپىنى جىممىدە ئالدى، ئاندىن ئۈنتۈنسىز  بىر تەرەپكە ئۆتۈپ دەرسلىكىنى ۋاراقلاشقا باشلىدى. ئۇ پات-پات  نۇرلۇق ۋە جىددىي كۆزلىرى بىلەن ماڭا قاراپ قوياتتى، بۇ ماڭا خۇددىي قىلبىدە مەن بىلەن توختىماي مۇنازىرە قىلىۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى.

مەن بالىنىڭ روھىدا ساقلىنىپ قالغان جاراھەتنى ساقايتقىلى بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندىم. بۇ جاراھەت ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدا قاناپ ئۇلارنى ئاغرىتاتتى، مەن بۇ خىل جاراھەتنى پەيدا قىلىدىغان رھزىل كۈچلەرگە شۇنداق ئۆچ بولدۇم. ئەجەبا  بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر زىيانكەشلىك بارمىدۇ.؟

 سۇمىيە ىېلىقى تاڭدىن كېيىن قايغۇ-ھەسرەتلىرىنى ئۇنتۇپ كەتتى. ئۇ مەكتەپكە كەلگەندە ئۇنىڭ چېھرىنى قاپلىغان ھاياجان ھەتتا خۇشالللىق بولدى. ئۇ قىممەت ئالابالداق گوللاندىيە سۈت كالىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭ مۈڭگۈزىگە ئۇرۇپ قويدى. ئۇ كالا پارقىراپ تۇراغان بوينىنى بۇراپ،زېرەكلىك بىلەن مۇلايىم كۆزلىرىدە ئۇنىڭغا تىكىلدى. ئۇ ئېڭىشىپ سوغىنى ئېتىكىگە مۇقىملاشتۇردى، جىرت، جىرت قىلىپ سۈتلەر سوغىنىڭ ئىچىگە ئېقىشقا باشلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا بىرقانچە سېغىن كالىمۇ ئۇنىڭغا يۇپۇرۇلۇپ ، ئۇنىڭ ئەتراپىغا كېلىپ ئۆزلىرىگە نۆۋەت كېلىشىنى ساقلاپ تۇردى.  ئۇ ئىككى بىلىكىنى يۇقىرى تۆۋەن ھەرىكەتلەندۈرۈپ، كۈچەپ كالا ساغاتتى، چىرايىدا خاتىرجەملىكنىڭ كۈلكىسى يامرايتتى. مەن قوتننىڭ سىرتىدا تۇرۇپ، ئۇنىڭغا قاراپ قېتىپ قاپتىمەن. دەرستى چۇشۇش قوڭغىرىقى چېلىندى. بىر توپ بالىلار چوقان- سۈرەن سېلىشىپ كېلىشتى، ئۇلارنىڭ كىچىك باشلىرى قوتان تېمىدىن  قاتارلىشىپ كۆرۈندى. ئۇلار توختىماي بىر گەپلەرنى تالىشاتتى، مۇھاكىمە قىلىشاتتى، ياڭراق ئاۋازدا سۇمىيەدىن ئەھۋال سورىشاتتى، سۇمىيە بىر سوغا سۈت سېغىپ بولغان ئىدى، بالىلار بۇنى كۆرۈپ قۇلاقنى يارغۇدەك ۋارقىرىشىپ ،  كۈچىنىڭ بەرىچە ئۇنىڭغا قول سوزۇشتى. سۇمىيە سۈتنى بالىلارغا سۇنىۋېتىپ، ئۇلارغا دىققەت قىلىشنى جېكىلەپ تاكى ئۇلار سۈتنى ئاشخانىغا ئاپىرىپ بولغۇچە قاراپ تۇردى. يەنە دەرسكە  كىرىش قوڭغىرىقى چېلىندى. ئۇلار خۇددىي قوتان سىرتىدىن بىر توپ كىچىك قۇشلار ئۇچۇپ ئۆتكەندەك ۋاراڭ چۇرۇڭ بىلەن سىنىپلىرىغا كىرىپ كېتىشتى.

  سۇمىيە قوتاننىڭ ئىشىكىنى تاقاپ، ياتاق تەرەپتىكى چارۋىچىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ياتىقىغا قاراپ ماڭدى. ئۇ يەردە مەن ئەكىلىپ بەرگەن سۇدا يۇيۇش ئۈچۈن چىلاپ قويغان بىر دۆۋە پەردە ۋە كىرلىكلەر بار ئىدى. سەھەر قۇياشى ئاللا بۇرۇن بايىن ئۇرا تېغىدىن ئۆرلەپ كەتكەن ئىدى. نوگەيچور كۆلىنىڭ بويىدىكى بىر قانچە قاتار  ئاددىي كېسەك ئۆيلەردىن تىنىچ تەرتىپ ۋە ئەمگەك ئىشلىرى باشلىنىپ كەتكەن ئىدى. سۇمىيە كىيىم يۇيۇۋاتاتتى،  ھۆل قوللىرى بىلەن چۇۋۇلغان چاچلىرىنى ئوڭشاپ قوياتتى،  يېنىدىن ئۆتكەنلەر بىلەن پاراڭلىشىپ قوياتتى. قۇياش ئۇنىڭ قارامتۇل مەڭزى ۋە قارا كۆزلىرىنى يورۇتۇپ تۇراتتى. ئۇ خاتىرجەم، ئۆزىگە ئىشەنگەن ۋە  ئېغىر –بېسىق كۆرۈنەتتى. ئۇ ئۇزۇن ئۆتمەي ئاق تېرەك ياغىچىغا بىر ئارغامچىنى چىگدى، يۇيۇپ بولغان كىرلىك تارتىلغا ئارغامچا ئۈستىدە ئۇسۇل ئويناپ، خۇددىي قاتار تىزىلغان بايراقلارغا ئوخشايتتى. سۇمىيە كۈچەپ ئورنىدىن تۇردى، بەللىرىنى يىنىك قورۇپ قويدى، ئېغىر قەدەملەر بىلەن كۆل بويىدىكى  سوقما تاملىق ئۆيگە  يول ئالدى، يول  بويىدا ئۇچرىغان بىر پارچە سىم، بىر قانچە تال كالا تېزىكى ۋە ئويۇنلارنى تېرىپ ماڭدى. ئۇ خوشنىسى خەنزۇ موماينىڭ ئۆيىدىن ئوغۇللىرىنى چاقىرۋالدى، شۇ ئارىلىقتا ئۇ ئائىلە باققان بىر ئوغلاقنى ئېمىتىپ قويدى، ئۇ ئوچاققا ئوت ياقتى، پالتا بىلەن چاينى ئەزدى، بىر ئائىلە كىشىلىرى كاڭغا چىقىپ ئولتۇرۇشتى، قا زاندا ئەتكەن چاي  پاراقشىپ قاينىماقتا ئىدى.

مەن خېلى ئۇزۇنغىچە ئۇنىڭ ھەر بىر  ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ تۇردۇم. مەن ئۇنىڭ ئۆتكەن كۈنلىرىنى كۆرگەندەك بولۇم، شۇنداقلا كەلگۈسىدە كۆرىدىغان كۈنلىرىنىمۇ كۆرۈپ يەتكەندەك بولدۇم.

مەن بۇ يەرىن ئايرىلىشنىڭ ئالدىنقى كۈنى داۋاساڭ ئات ھارۋىسىنى ھەيدەپ قايتىپ كەلدى. ئۇ كۈنى چۈشتە مەكتەپتىكى لىن مۇئەللىمە كېلىپ، ھەممىمىزنى مەكتەپتىكى ياتىقىغا بېرىپ چۇشلۇك تاماق يېيىشكە تەكلىپ قىلدى.

 بىز 3 چوڭ ئادەم 4 كىچىك بالىنى ئەگەشتۇرۇپ ئۇنىڭ كاڭدىكى شىرەسىنى چۆرىدەپ ئولتۇردۇق. بۇ چاغدا  مۇئەللىمە ناھايىتى خوشال ھالدا يۈزلىرى قىزىرىپ تۇرۇپ بىزگە خۇش خەۋەر يەتكۈزدى.

_ بايا مەكتەپتە يېغىن ئاچتۇق، يىغىندا سۇمىيە ھەدەمنى رەسمىي ئىشچىلىققا قۇبۇل قىلىش قارار قىلىندى،ھىم، ئاڭلىشىمچە سىزنى مەخسۇس ئوقۇغۇچىلار نىڭ تۇرمۇش ئىشىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل قىلىدىكەن، سۇمىيە ھەدە ، بۇندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىزنى< مۇئەللىم> دەپ چاقىرىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ – ئۇ قىزىپ سۆزلىگەچ يەنە بىر تەرەپتىن ناھايىتى تېزلىكتە ھورى ئۆرلەپ  ھور نانلارنى شىرەگە قويدى،_ھەي، ھەقىقەتەن خۇشالمەن، ھا ھا .. ھەي ھارۋا خوجايىنى نېمىگە قاراپ تۇرىسىز

ئۇ داۋاساڭغا قارىدى. ئۇ پارۋايىغا ئالماي، بېشىنى ئىرغاڭلىتىپ قويۇپ قەدەھنى قولىغا ئالدى. ئۇ ماڭا قاراپ:

_بايىن باۋرگىن بۇرادەر، ئىچەيلى، قاراڭ، ئۇمۇ مۇئەللىم بوپتۇ،  ئەتە مېنى ئاپتونوم رايونغا شۇجى قىلىپ ئەۋەتەمدۇ ، بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ، ھا!

مۇئەللىمە شىرەگە قورۇمىلارنى قويۇۋېتىپ، داۋاساڭنى تىللاپ تۇرۇپ گەپ قىلىدى:

_ نۇمۇسسىز، سىز نېمىگە ھېساب، ھارۋا ھەيدەشتىن باشقا ھاراق ئىچىسىز، لېكىن سۇمىيە ھەدەمچۇ؟ يىغىندا بەزى مۇئەللىملەر <سۇمىيە بولغاچقىلا ياتاقتا ياتىدىغان بالىلار ئۆيىنى  سېغىنمايدۇ> دېيىشتى.

سۇمىيە ھودۇقۇپ، خىجىل بولۇپ ئولتۇراتتى، ئۇ توختىماي چوكىنى مىجىقلاپ تاماق يېيىشنى ئۇنتۇپ قالغاندەك قىلاتتى، ئۇ ئىشتىھا بىلەن تاماق يەۋەتقان بالىلارغا قاراپ بىر ھازا تۇرۇپ قېلىپ ىېلى ئۇزۇنغىچە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى. ئۇ خۇددى ئەمدىلا  ئويغانغان ئادەمدەك ئاۋازىنى قويىۋەتتى:

_ ئەستەغپۇرۇللا، ئۇلار خاتالىشىپتۇ، مەن قانداقمۇ… مېنى قانداقمۇ مۇئەللىم دەپ چاقىرىدۇ!

ئۇ چوكىنى قويۇپ ئىككى قولى بىلەن يۈزىنى ئىېتىۋالدى. لېكىن مەن ئۇنىڭ يۈزىدىن قايتا تىرىلگەن گۈزەل قىياپەتنى كۆردۈم، ئۇنى خىجىللىق بىلەن جىددىيلىك يوشۇرۇپ قالالمايدىغان بولۇپ،ناھايىتى تەستە كۆرۈنىدىغان روھ ئىدى.لىن مۇئەللىم كۈلۈپ يۇرۇپ سۆزلىگەچ بالىلارنىڭ قاچىسىغا قورۇما سېلىپ قويدى، بىز ئەرلەرگە ھاراق لىقلاپ قويدى. چىچىگې بىر تەرەپتىن تاماق يېگەچ ، بىر تەرەپتىن بىر رەسىملىك كىتاپچىنى ۋاراقلىماقتا ئىدى. داۋاساڭ بىر قەدەھ مەينى ئىچىۋېتىپ، پۇرسەتپەرەسلىك قىلىپ قالايمىقانچىلىق چىقىرىۋاتقان ئوغلىنى ئەدەپلەش بىلەن بولۇپ كەتتى. پەقەت سۇمىيەلا بۇلۇڭدا جىممىدە ئولتۇرۇپ قاراپ تۇراتتى. ئۇ نېمە ئويلىۋاتقاندۇ؟ بالىلار قەغىشلىك قىلىۋاتاتتى، مۇئەللىمە كۈلۈپ تۇرۇپ سۆزلەۋاتاتتى، ئېرى ھاراق ئىچىۋاتاتتى. ئۇ ئاڭسىز ھالدا  ئۇلارغا قاراپ قوياتتىيۇ يەنە ئۆزىنىڭ خىيالى ئىچىگە كىرىپ كېتەتتى. ئېھتىمال ئۇ  بۇ ۋاقىتتا ھېرىپ چارچىغانلىقىنى ھېس قىلغاندۇ، تۇنجى قېتىم ئاام ئېلىش پۈرسىتىگە ئېگە بولغاندۇ، ئۇ ھازىر چوقۇم ئەينى يىللاردىكى جاپالىق كۈنلىرىنى ئەسلەۋاتىدۇ، ئۇنتۇلىۋاتقان  قايغۇ-ئەلەملىرىنى ئويلاۋاتقاندۇ. ئۇنىڭ  تۇرقى ئازادىلەشتى، قېتىپ قالغان كۆزلىرى نېمىگىدۇ تىكىلىۋاتقاندەك ئىدى، ئۇنىڭ بۇخىل تىكىلىپ تۇرۇشلىرى ماڭا ئاجايىپ مېھرىبانلىق ۋە خاتىرجەملىك ھېس قىلدۇردى. سەن ئۆزگىرىپسەن ، شانارىم، مېنىڭ شەپەقتەك مەھبۇبەم. سەنمۇ خۇددى يايلاقتىكى بارلىق  قىزلارغا ئوخشاش  يايلاقتىكى چىغىر يوللارنى مېڭىپ بولۇپسەن، ئۇلار باشتى كەچۈرگەن خۇشاللىق، جاپا-مۇشاقەت، چىدام ۋە خورلۇقنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ بوپسەن. سەن ئەمدى ئارقاڭغا يانمايسەن، يايلاقتا يەنە بىر پىشقان يېڭى ئايال پەيدا بوپتۇ.

< قەدىمقى تۇلپار ناخشىسى> نىڭ ئاخىرقى جۈملىلىرىدە، ئۇ چەۋەنداز ئاخىرى  كۈكۈچ كۈلرەڭ ئەك ئوتلىرى بولۇق ئۆسكەن كۆپكۆپ تاغلارنىڭ قىرىدىن ھېلىقى قىزنى تېپىپتۇ، بۇ ئەسلىدە ئۇ ئىزلىگەن قىز ئەمەس ئىكەن دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلىغىنىمدا ، بۇلار نەقرات قىلىنغاندا  ئۇنىڭ مەنىسىنى زادىلا چۈشەنمەيتتى. كېيىن چوڭ بولغاندىن كېيىن، سۇمىيەنى سېغىنىپ بۇ ناخشىنى ئېيتقان چېغىمدا، مەن ئىزچىل بۇ قەدىمىي ناخشا بۇ يەردە  گۈزەل يۈكسىلىشنى تامامالاپتۇ، دەپ قارىدىم. بۇ ناخشا <يوق ئۇ زىبا> دېگەن ناھايىتى ئاددىي سۆزنىڭ ناھايىتى جىق قۇدرىتى بىلەن تۈگىمەس سېىغىنىشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، چەكسىز ھەسرەتلىك پىكىر ۋە ساددا، تىراگىدىيەلىك گۈززەللىكنى يۇغۇرىۋەتكەن ئىكەن.

 لېكىن  بۇ قېتىم مەن ھەقىقىي ھالدا بۇ ناىشىنىڭ رېتىمىگە كەلتۈرۈپ، ناخشا ئۆز ئىچىگە ئالغان تۇرمۇشنى بىۋاستە ھېس قىلغاندىن كېيىن،  قايتا چوڭقۇر ئويلىنىشقا چۆكەلمىدىم.

ئەتىسى سەھەردە مەن گانگا قارانى يېتىلەپ ، داۋاساڭ، چىچىگې ۋە بالىلار بىلەن خوشلاشتىم. سۇمىيە ماڭا ھەمرا بولۇپ ،ئاتنى يېتىلەپ، تىنىق،سەھەرنىڭ نوگەيچور كۆلىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، بايراق قادالغان ئۇ كىچىك  يولغا ئۇدۇل ئاستا ماڭدى.

مەن ئامالنىڭ بارىچە ئۇنىڭ بىلەن ئوچۇق يوتۇق پارڭلىشىشقا تىرىشتىم،ئۇنىڭغا ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتىدىكى خىزمەت ۋە تۇرمۇشۇم توغرىلىق سۆزلەپ بەردىم. يەنە چىچىگېنى قانداق بېقېىش ۋە تەربىيىلەش  قاتارلىق نۇرغۇن ئىشلار توغرىسىدا مەسلىھەتلەشتۇق.

ئۇ كۈنى ئەتىگىنى  كۆلنىڭ سۇ يۈزىدە سۇس ئاق رەڭلىك تۇمان لەيلەپ يۈرەتتى. ئاسماندا نەمخۇش بۇلۇتلار  تالا-تالا  لېنتىلارنى پەيدا قىلغان ئىدى، تاغ جىلغىسىدىكى شامالدىن پاناھلىدىغان يەر  كۆلدىكى تۇمان بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن ئىدى. پەقەت ئاسمان پەردىسىنىڭ كەينىدىن غايەت زور  سۇس قىزىل قۇياش ئۈنسىز ئۆرلىمەكتە ئىدى. دەستە-دەستە سۇس قىزىل نۇرلار تۇمانلاردىن ئۆتۈپ، كۆپكۆپ كۆل بېتىگە قىيپاش چۇشەتتى.

سۇمىيە بېشىنى يەردىن ئۈتۈن قىلماي يېنىمدا كېلەتتى، شەبنام ئۇنىڭ ئېتەكلىرىنى ھۆل قىلىۋەتكەن ئىدى. چىغىر يول تاغ باغرىغا سوزۇلغان بىر پارچە  مالەن ئوتى بار يەرگە  كەلگەندە مەن بۇرۇلدۇم. مەن يەنە ئادەمنى ھەسرەتلەندۈرىدىغان ئايرىلىش مەنزىرىسى شەكىللەندۈرمەسلىك قارارىغا كەلدىم، شۇنىڭ بىلەن:

_خەيرى-خوش سۇمىيە،- دېدىم دە، ئىرغىپلا ئاتقا مىندىم.

_ باپا!- سۇمىيە  توساتتىن كىشىنىڭ ئىچى باغرىنى ئەزگۈدەك ۋارقىرىۋەتتى.

شۇ ھامان ۋۇجۇدۇم لەرزىگە كېلىپ،ئاتنىڭ تېزگىنىنى قاتتىق تارتتىم، بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم شۇنداقلا ئاخىرقى قېتىم ئۇنىڭ بۇنداق كۆيۈم بىلەن چاقىرغىنىنى ئاڭلىشىم بولۇپ قالدى.

سۇمىيە بىر قانچە قەدە يۈگرەپ كېلىپ، ئىككى قولى بىلەن ئاتنىڭ تېزگىنى تۇتۇپ، ھاسىراپ تۇرۇپ سۆزلەشكە باشلىدى:

_مېنىڭ بىر ئويۇم بار، ياق، بىر تەلىپىم بار، مەن دېيىش دېمەسلىكنى بىلەلمىدىم،_ ئۇ ئۈمىدكە تولغان كۆزلىرى بىلەن كۆزلىرىمگە تىكىلدى، ئۇ ئىككىلىنىپ تۇراتتى. تۇرۇپلا ئۇ يەنە قىزغىن، ھاياجانلىق ئاۋاز بىلەن ماڭا،_ئەگەر، ناۋادا كەلگۈسىدە سىزنىڭ بالىڭىز بولسا ، يەنە… ئۇ  بىزار بولمىسا ، بالىڭىزنى  ئەۋەتىپ بېرىڭ. بالىنىڭ مېنىڭ يېنىمغا ئەكىلىپ بېرىڭ. چۈشەندىڭىزمۇ؟ مەن چوڭ قىلىپ يەنە سىلەرگە قايتۇرۇپ بېرىمەن،_ دېدى، شۇنداق دېدىيۇ كۆزلىرىدىن بۇلدۇقلاپ ياش قۇيۇلۇشقا باشلىدى.-بىلەمسىز، مەن ئەمدى بالىلىق بولالمايمەن، لېكىن مەن چىدىيالمىدىم، مەنمۇ بوۋىقىمنى باغرىمغا بېسىشىم كېرەك ئىدىغۇ؟ مەن ھەمىشە ئېمىتىدىغان بالام بولمىسا ياشاشقا ئامالسىز قالغاندەك ھېس قىلىمەن. مەن داۋاملىق بالام بولسىكەن دەپ كەلدىم. سىز توي قىلغاندىن كېيىن ،خىزمىتىڭىز كۆپ بولىدۇ، بالىلىق بولۇپ ماڭا ئەۋەتىپ بېرىشكە ماقۇل بولۇڭ، مەن قاتارغا قوشۇپ يەنە سىلەرگە ئەۋەتىپ بېرىمەن.

مەن ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى تىترەپ تۇرۇپ ئاڭلىدىم.

مەن  مومامنى ئەسلەپ قالدىم، مومامنىڭ ھەمىشە رەسمىي تەرىزدە  مېنى شەيتانلىق قىلىپ كۈلۈشكە مەجبۇرلايدىغان نۇرغۇن ئالەم ۋە كىشلىك تۇرمۇش قائىدىلىرىنى ئويلاپ قالدىم. مومام مەڭگۈلۈك ئۇيقىغا كەتكەن، لېكىن مەن شۇ دەقىقىدە ئۇنىڭ چوقۇم خاتىرجەملىككە ئېرىشكەنلىكىگە ئىشەندىم. مەن ھاياجانلىنىپ سۇمىيەغا:شانا، مېنىڭ سۆيگىنىم، سەن كەلگۈسىدە چوقۇم مومامغا ئوخشاش  مېھرىبان بولىسەن >دېۋېتەي دېدىم. لېكىن مەن جۈرئەت قىلالمىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق دېسەممۇ توغرا بولمىغۇدەك. مەن پەقەت ئېگەردە قېتىپ قالغاندەك ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىغا قۇلاق سالاتتىم. مېنىڭچە مەندەك ئادەملەر ئۇلارنىڭ بارلىقىنى ئۈزىل كېسىل ھەل قىلىشىمىز ناھايىتى قيىن  ئىكەن. مەن سۇمىيەغا كۆزۈمنى ئۈزمەي قاراپ تۇراتتىم. ھېلىقى ئۆچكە مۈڭگۈزىدەك چاچ قويۇپ مەن بىلەن بىر كالىغا مىنىدىغان  قىز،  بېلىنى چىڭ باغلاپ ماڭا قاراپ يۈەرەپ كېلىدىغان قىز، ھېلىقى شەپەق ئىچىدىن چىقىپ كېلىدىغان قىز  يەنە ھېلىقى ھارۋىكەشنىڭ ئۆيىدىكى ئايال چاىماقتەك كۆز ئالدىمدىن ئۆتتى. مەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ئوربىتانى، ئۇنىڭدىكى كىشىنىڭ يۈرۈك –باغرىنى لەرزىگە سالىدىغان كىشىلىك ھايات ۋە ئۇنىڭ ھېكايىسىنى كۆردۈم.< تېزرەك قىيمىڭغا يەت> دەپ ئۆز ئۆزۈمگە چاقىرىق قىلدىم.

مان ئاتنىڭ چىڭ تارتىلغان تېزگېنىنى قويىۋەتتىم، گانگا قارا  يايلىسىنى يەلپۈتۈپ ئۇچقاندەك ئالغا ئېتىلدى. شاماللار كەينىمدە قالاتتى، خېلى ئۇزۇنغىچە شامالنىڭ ۋىژىلدىشى ئاڭلىنىپ تۇردى. مەن ئۇپۇققىچە چاپتىم. ئېگىز  دۆڭلۈككە يەتكەندە ئاتنىڭ بېشىنى بۇرىدىم. چەكسىز  يايلاقتا  سۇمىيەنىڭ كىچىك ۋۇجۇدى قارشى تەرەپكە دەلدۈگۈنۈپ كېتىپ باراتتى. خەيرى خوش ،  مېنىڭ شانارىم، ئۆزۈڭنىڭ ھاياتلىق يولىنى داۋام قىلغىن. مەن ئۆزۈم بىلەن ساڭا بولغان سېغىنىشىمنى، بىزنىڭ مەڭگۈ لۈك ساپ مۇھەببىتىمىزنى،  سەن ماڭا ئاتا قىلغان كۈچ ۋە تەپەككۈرنى ئالغاچ كېتىپ،  ئۆزۈمنىڭ ئىستىقبالىنى ئاچاي… ناۋادا ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇپ قالسام مەن  چوقۇم يەنە قارا تۇلپارغا مىنىپ، ساڭا خەۋەر قىلمايلا ئۇنى ساڭا ئەكىلىپ بېرەي، خۇددى ئەينى چاغدا دادام  مېنى سۆيۈملۈك ئاقباش مومامغا تاپشۇرغىنىغا ئىوخشاش ئۇنى ساڭا تاپشۇراي، ئۇ چىچىگې بىلەن بىللە  چوڭ بولسۇن. لېكىن مەن ھەرگىزمۇ دادامدەك ئۇنداق ئاددىي ھەم مەسئۇلىيەتسىز ئادەم بولمايمەن. مەن سەن بىلەن بىللە پۈتۈن كۈچىمىزنى چىقىرىپ، كېيىنكى ئەۋلاتلىرىمىزنى بەخىتكە ئېرىشتۈرىمىزكى ھەرگىزمۇ ئۇلارنى رەزىللىكنىڭ  يوقىتىۋېتىشىگە يول قويمايمەن.

گانگا قارا كەڭ يانباغىردا ئۇچقاندەك چېپىۋاتاتتى، چارۋىچىلىق نازارىتى پىلانلاش باشقارمىسىدىكى خىزمەتداشلىرىم چوقۇم خوشۇندىكى تەكشۈرۈش ئىشلىرىنى تۈگىتىپ بولدى. مەن دەرھال ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىپ  ئاندىن يېڭى خىزمىتىمنى باشلىۋالاي.

 بۇ چاغدا ئالەمنىڭ ئىچكىرىسىدىن بىر  ئاۋاز كەلدى، بۇ ئاۋاز بارغانسېرى يېقىنلاغتى، لېكىن ئاڭلىماق تە س ئىدى، خۇددىي يايلاق ئۈستىدىكى قويۇق ھاۋادىن بىر شۇمخەۋەرنى يەتكۈزىۋاتقانداك قىلاتتى. مەن ئۇنى ئەمدىلا پەرقلەندۈرۈپ تۇرىۋىدىم، ئۇ  تاغنى تالقان قىلىدىغان ھەيۋە بىلەن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، شىددەتلىك بۇران كۆتۈرۈلدى. شمال كۈچىنىڭ بارىچە مېنى ئۆزىگە تارتاتتى، قارا تۇلپار  شمالنىڭ قەدەملىرىگە ھەمجۆر ئىدى. ئارقىدىنلا  ئەسبىيلەشكەن  كۈچلۈك مۇقەددىمە ئىچىدىن گۈزەل ھەسرەتلىك  مېلودىيە ئاڭلاندى، ئۇ كۈچلۈك ھەم سىپايە  ،دولقۇنسىمان ئىدى،  خۇددىي يايلاقتىكى قەدىمىي تۇرمۇشتىن شىكايەت قىلىۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى.

دولقۇنلاپ كېلىۋاتقان قىرتاق ئاددىي ئاھاڭ  يۈرىكىمنى تىلغايتتى شۇنداقلا گانگا قارانىڭ تېز ئاياقلىرىغا   تەڭكەش بولۇپ،  بىزنىڭ قەلبىمىزنى چەكسىز يايلاققا يەتكۈزەتتى. بۇنداق زېمىن بىلەن ئاسماننىڭ  تەڭكەش قىلغان مۇزىكا ساداسى ئىچىدە مەن پەس ئاۋازدا <قارا تۇلپار> نى ئېيتاتتىم. ئۇنىڭ ناخشىنىڭ باشلانمىسىدىن تاكى <ئەمەس ئىدى> دېگەن يېرىگىچە ئېيتتىم.

كۈيلىرىم ۋە پۈتۈن مۇزىكىنىڭ خېلى ئۇزۇنغىچە تارقىماس ئاۋازى قۇلاق تۈۋۈمدە خېلى ياڭراپ، ئاخىرى تۈگەيدىغان چاغدا مەن ئاتتىن يىقىلىپ،  ئۆزۈمنى ياپيېشىل ئوت چۆپلەر ئىچىگە تاشلىدىم. مەن بۇ قىرتاق تۇپراقنى ئاستا سۆيدۈم، سۇمىيە ئىككىمىزنىڭ ئوتلۇق مۇھەببىتى ۋە ئاياق ئىزى قالغان،مەڭگۈ ئۇنتۇيالمايدىغان  گۈزەل شەپەق ۋە مېنىڭ كىشلىك ھايات يولۇمغىچە سوزۇلغان بىپايان يايلاقنى سۆيدۈم. مەن جىممىدە يىغلىۋەتتىم، ئوت _چۆپلەرنىڭ غولى ۋە يوپۇرماقلىرىدا  مېنىڭ ئۆتمۈش بىلەن ۋىدالاشقاندىكى بولۇق  كۆز ياشلىرىم قالدى. مەن ئۆتمۈشۈمدىكى بارلىق نەرسىلەرنى بۇ يەرگە تۆكىۋەتتىم. ئاندىن تېخىمۇ باي، تېخىمۇ  تويۇنغان قەلب بىلەن خۇددىي ھېلىقى قەدىمىي ناخشىدىكى قارا تۇلپار مىنگەن كىشىگە ئوخشاش ئەتىنى قارشى ئالماقچى بولدۇم.

 

(تامام)

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 
    • ۋەئەلەيكۇم پاساھەت ئەپەندى، تەلەپلىرى بەجا كەلتۈرۈلدى. يول توغرىلاندى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى كەچ 15:00
    • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھەزرىتى ئەلى، پاساھەت بلوگىنى ۋوردپرەستە قايتىدىن ئاچتىم. بىلوگىڭىزىدىكى پاساھەت بلوگىنىڭ ئۇلىنىش ئادرېسىنى http://pasahet.com/ غا ئۆزگەرتىپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. رەھمەت!

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچ 15:47

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى