مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
باھاردا باھاردەك بىر جانان كېرەك
تەۋە تۈر: شېئىرلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2012/04/08 | كۆرۈلۈشى: 600 قېتىم

ئاپتورى: چۈشتاق

 

يىللاردا كۆپ قىسمەت، پەسىلدە ھېكمەت،

كۆكلەمگە ئاشىقلىق دىلغا زەپ بېزەك.

باھاردا يۈز ئاچار ئالەمچە ھىممەت،

باھاردا باھاردەك كۈنلەر ھەم كېرەك.

 

كۆزۈمگە قارىساڭ باھار ئاقىدۇ،

جانانغا مېنىڭدەك ئاشىق نەدە بار.

دىللاردىن دىللارغا سۆيگۈ ئاقىدۇ،

باھاردا باھاردەك كۆڭۈل ئەتىۋار.

 

ئالەمنى گۈل قىلار بىر ئوتلۇق زىيا،

جاناننىڭ جىلۋىسى باھاردىن دېرەك.

بۇ مىسكىن دىلىمغا كىمكىنە شىپا،

باھاردا باھاردەك بىر جانان كېرەك.

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 
    • ئۆزلۈك پايانىغا سەپەر قىلدىم

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچ 16:59
    • باھاردىكى ئىلھامدىن تاتلىق لىرىكا پۈتۈپ چىقىپتۇ. ھوزۇرلىنىپ قايتا-قايتا ئوقۇدۇم.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى سەھەر 08:14

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى