مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
تەئەججۈب داغلىرى
تەۋە تۈر: شېئىرلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2011/11/09 | كۆرۈلۈشى: 1,473 قېتىم

 

بېشىمدا مىڭ سەۋدا، ئالىيار چالام،

تاپ بېسىپ كېلىدۇ ئالۋۇن لەشكىرى.

پەسلىمنى رەڭلەيدۇ يالتىراق سالام،

كۈتكەنگە بويلىماس ئەجىر چەشلىرى.

قىسمەتنىڭ قىينىقى چاچانكىم تامام،

ئەجەبكىم، ھاياتقا مۇھەببەت داۋام.

 

ھەۋەسنىڭ قولىدا كۆزۈم تېشىلەر،

ئەقلىمنى ئىلغايدۇ ئالدىمدا ئاچال.

باشتىكى تۈگۈنلەر ئەمەس يېشىلەر،

قايسى چاغ مەلئۇنغا بولدۇممەن قامال.

شەلۋەرەپ تۇرىدۇ ساقايماس يارام،

ئەجەبكىم، ھاياتقا مۇھەببەت داۋام.

 

چۈشۈمنى بۇزغىنى ئەمەستۇر ئەجەم،

قۇلاقنى يىرتىدۇ يېڭى بىر ئاھاڭ.

تىلىمغا تۇزكوردۇر قەغەزدە قەلەم،

بوۋامنىڭ كۆزىدە مەن چوقۇم ساراڭ.

قاراقتا مۇڭ بولۇپ قاتىدۇ بالام،

ئەجەبكىم، ھاياتقا مۇھەببەت داۋام.

 

قولۇمغا ئېسىلغان قول ئەمەس سېنىڭ،

پېشىمنى تارتىدۇ پاسىقنىڭ پەيلى.

رايىڭنى ياندۇرغان يول ئەمەس مېنىڭ،

لەنەتكە ئورىساڭ، دېگەيمەن مەيلى.

كۈندە مىڭ چىشلىنەر توۋىدا ياقام،

ئەجەبكىم، ھاياتقا مۇھەببەت داۋام.

 

خېتىمنى كېكەچلەپ ئوقۇيدۇ تەستە،

سەپەردە تاللىغان مەڭگۈلۈك قاياش.

مەيلىمنى ئۇتالماس گۈللەردىن دەستە،

يىرتىلغان يۈرەككە نە كېرەك ياماش.

كۆڭۈلگە ياقمىغاي بىر بوغۇم كالام،

ئەجەبكىم، ھاياتقا مۇھەببەت داۋام.

 

رەقىبكە ئاياندۇر كۆڭلۈم ساماسى،

سىرىمنى يايغىنى قول بەرگەن ئاداش.

قېنىمغا قېتىلماس شەپقەت تاماسى،

ئىتلارغا راۋاكەن تىنماستىن تالاش.

ئۆسەكنىڭ باغرىدا بىنەزەر ئارام،

ئەجەبكىم، ھاياتقا مۇھەببەت داۋام.

 

تىكەندەك ياشىغان دەملىرىم بولغان،

قېرىنداش مېھرىكەن ئەسلىدە ئاتەش.

ئالايسا تونۇش كۆز، چىرايىم سولغان،

چېچىلغان يۇلتۇزدەك قىلىپ مەن نالەش.

بالانى كۆرسەتتى ياندىكى ئاغام،

ئەجەبكىم، ھاياتقا مۇھەببەت داۋام.

 

ئەتىنىڭ ئەپتىنى سىزالماس پەرەز،

تاك سەھەر ھويلىدا قاغا قاقىلدار.

تاپقاننى تەڭ يىگەن ئۇقمىدى غەرەز،

توپىدا تويغۇسى نەپسى تاقىلدار.

نەچارە، يىغامنى يىغلايدۇ ئانام،

ئەجەبكىم، ھاياتقا مۇھەببەت داۋام.

 

بىر رەقەم ئوتتۇزدا سىزىلدى تەمكىن،

بار بىلەن يوقلۇقنىڭ ئارىسى نۆلدۇر.

ئېيتمىغان شۇ سۆزلەر كىملەرگە ئەمكىن،

سۇ ئىچكەن كۆللەرمۇ ئەسلىدە چۆلدۇر.

كەچمىشلەر ئاياندۇر ياشتا بىر تارام،

ئەجەبكىم، ھاياتقا مۇھەببەت داۋام.

 

قۇياشقا تىكىلدىم، گۇناھكار كۆزۈم،

باھانە ئىلكىدە تالاي سەپسەتە.

غېرىبلىق قەستىدە پۈتۈلگەن سۆزۈم،

بەندىگە نەھاجەت ھەشەم-دەبدەبە.

يوق گۇمان بىۋىسال يۈتىدۇ قارام،

ئەجەبكىم، ھاياتقا مۇھەببەت داۋام.

 

ئۆزۈمنى چۇۋۇيمەن كۈندە مىڭ قېتىم،

قولۇمغا چىقىدۇ يەنە مىڭ سوئال.

ئەزەلدە ئاشۇنداق بويالغان بېتىم،

كىم ماڭا مۇلايىم، كىم شۇنچە قوپال.

كۆرگۈلۈك بار تېخى پۈتكىچە ياشام،

ئەجەبكىم، ھاياتقا مۇھەببەت داۋام.

 

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى