مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
قار سېغىنىش
تەۋە تۈر: شېئىرلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2012/01/30 | كۆرۈلۈشى: 466 قېتىم

قار سېغىنسام يار سېغىنغاندەك،

قارمۇ ياغدى ياردەك بىر كېچە.

ئۆزۈم قاردەك، ئىزىم ئۆزۈمدەك،

تەنھا قالدىم قاردەك شۇ كېچە.

 

قار ياغدىمۇ مەندەك ئۇ يەردە؟

چۈشلىرىڭگە كىردىممۇ قاردەك؟.

قار چۈشىسەڭ مەندەك ئەگەردە،

ئېسەدەمسەن قاردەكلا مەندەك؟.

 

قاردەك يۈرسەم سەندەك ئايدىڭدا،

قار ئىزىمدىن ئۈنەر مىڭ خىيال.

قارلار سەندەك كەلسەڭ يادىمغا،

قاردەك ئىزلەپ بولىمەن مالال.

 

سەن تىلەمسەن مەندەكلا قارنى؟،

مەن تۇرغان بۇ شەھەردىكىدەك.

مەن تىلەيمەن سەندەكلا قارنى،

سەن تۇرغان ئۇ شەھەردىكىدەك.

 

يېغىپ قالسا مەندەكلا شۇ قار،

سەنمۇ قاردەك بولامسەن مالال؟.

قارغا تىزسام ئىسمىڭنى تەكرار،

تۇرقىڭ كۆكتە بولامدۇ ھىلال؟

*             *

قار سېغىنسا مەن سېغىنغاندەك،

قار يېغىپتۇ مەندەك بىر كېچە.

يارىم قاردەك، ئىزى ئۆزىدەك،

تەنھا قاپتۇ قاردەك شۇ كېچە.

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى