مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
باھار ناخشىسى
تەۋە تۈر: شېئىرلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2011/07/04 | كۆرۈلۈشى: 1,132 قېتىم

يىغلىۋەتتىم ئۈنۈم پۈتكىچە ،

دېرەكلەنسە مېنىڭدىن باھار .

كۈلۈپ كەتتىم كۆزۈمنى يۇمۇپ ،

ئەگىپ ئۆتسە مېنىڭدىن باھار .

 

چىمەنلىكتە سەيلە قىلمىدىم ،

ئىلتىجالىق بوغسىمۇ مېنى .

دەرتلىرىمنى ياتقا تىنمىدىم ،

ئەركىلەتسە بىراۋلار سېنى .

 

باغلىرىمدىن ئۆلۈم پۇرايدۇ ،

ئەمدى ھېچكىم يۈرمەيدۇ ئېزىپ .

تۈتۈن شوراپ غەمدە ئولتۇرسام ،

كەلمەس بىرى تەسەللىي بىرىپ .

 

مەن كۆرمىدىم بىر تال گۈل تېخى ،

ئىنتىزارلىق باھار پەسلىدە .

مەن ساقلىغان ئەقىدە قېنى ،

ئۆلسەم دەيتتىم يارنىڭ ۋەسلىدە .

 

ئاخشام ئەسلى بولغانتى ئايدىڭ ،

ئايدىڭ دېگەن قوشماق چىللايدۇ .

تەنھا چىقسام تاماكا شوراپ ،

نېچۈن ئايمۇ مېنى تىللايدۇ .

 

كۈلكىلەرگە مەيلىم يوق ھامان ،

بىلەلمىدىم يوقاتتىم قاچان .

ئۆتسە كۈنلەر يەنە مۇشۇنداق ،

قانچە كۈنلەر يۈرەيمەن ئامان .

 

قار ياغقاندا قاپتىمۇ ئىزىم ،

سۈبھىي پەيتى مەھەلەڭ تامان .

ساقلاپ تۇرسام كاچكۇل تۈۋىدە ،

ماڭا سىرلار بولامدۇ ئايان .

 

(2002-يىل)

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى