مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
خاتىرەمدىكى كىچىك ھويلا
تەۋە تۈر: تەرجىمىلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2011/06/26 | كۆرۈلۈشى: 1,050 قېتىم

ئاپتورى: ۋاڭ شياۋجوڭ

چۈشتاق تەرجىمىسى

ماچۈ دېگەن سۆز تىبەتچە «سېرىق دەريا» دېگەن مەنىدە بولۇپ، بۇ ناھىيە خۇاڭخې دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا جايلاشقان ئىدى. يەنى ئاتالمىش دەريا قولتۇقى رايونى ئىدى. ئۇ گەنسۇ، چىڭخەي ۋە سىچۈەن ئۆلكىسى تۇتىشىدىغان پايانسىز كەڭرى يەر بولۇپ، قەدىمدىنلا چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ ماكانى ئىدى. خۇاڭخې دەرياسى بۇ سېھىرلىك زېمىنغا مەپتۇن بولغاندەك بۇ ناھىيەدىن ئۆتىدىغان يەردە 180گرادۇسلۇق بۇرۇلۇش ياساپ، گۈزەل ماچۈنى ئۆز قوينىغا ئالغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ بۇ يايلاقتا گۈزەل بىر مەنزىرە—خۇاڭخېنىڭ تۇنجى ئەگىم ئېقىنى بارلىققا كەلگەن ئىدى. يايلاقنىڭ تۇيغۇمدىكى مەپتۇنكار سېيماسى ۋە ئاپئاق قوي پادىلىرىنىڭ ئۈنسىز تەشنالىقى ۋەجىدىنمىكىن، تەقدىر-قىسمەت بىلەن ئۇ يەرگە بېرىپ ئوقۇتقۇچى بولدۇم. ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىمدە، ئۇ دەل 2004-يىلنىڭ كۈز كۈنلىرى ئىدى.

ماچۈ ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپ خۇاڭخېنىڭ تۇنجى ئەگىم ئېقىنى بولغان جوگېنما ساھىلىغا جايلاشقان ئىدى. مەكتەپنىڭ ئەتراپىدا ئېگىز تاغلارمۇ، كىچىك ئېقىنلارمۇ يوق بولۇپ، ئەتراپ چەكسىز كەتكەن يايلاق ئىدى. كۈز كۈنلىرى ئەتراپنى سارغۇچلۇق قاپلاپ، ھەممە ياق بىر خىل سوغ تۈستە كۆزگە تاشلىناتتى. ئۇ چاغدا مەن مەكتەپنىڭ ئالدىدىكى كونا بىر ھويلىدا(ئاڭلىشىمچە بۇ يەر ئەسلى قوتان ئىكەن) تۇراتتىم. يەنە مەكتەپتە قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان بىر قانچە ئىشچىمۇ مەن بىلەن بىرگە تۇراتتى. ئۇلار بىر قانچە ئوۋ ئىتى باققان بولۇپ، بەك قورقۇنۇچلۇق ئىدى. باشقىلار بۇ قورۇغا ئاساسەن قەدەم باسمايتتى، ئىشچىلارمۇ ئىككى-ئۈچ كۈندە بىر كېلىپ قوياتتى. شۇنداق قىلىپ، مەن ئوۋ ئىتلىرى بىلەن بۇ قورۇنىڭ خوجايىنى بولۇپ يۈردۈم، كۈنلەر ئۆتكەنسېرى ئوۋ ئىتلىرى بىلەن چىقىشىپمۇ قالدىم، ئۇلارمۇ كۆزۈمگە ئىسسىق كۆرۈنۈشكە باشلىدى. تېخى مېنى كۆرسە، ئالدىمغا كېلىپ سۈركىشىپ، يېقىنچىلىق قىلىپ كېتەتتى. كېيىنچە بۇ قورۇغا يەنە جى فامىلىلىك بىر يېڭى مېھمان قېتىلدى، ئۇ بۇ يەرگە ئوقۇتۇشقا ياردەم بەرگىلى كەلگەن بولۇپ، بىز بىلەن بىرگە تۇردى. بۇ مۇئەللىممۇ ئۆزگىچە خاراكتېرغا ئىگە بولۇپ، يەڭگىل مۇزىكىلارنى ئاڭلاشقا، ئەدەبىي كىتابلارنى ئوقۇشقا ھېرىسمەن ئىكەن. قىزىقىشىمىز ئورتاق بولغاچقا، قىلىشىدىغان پاراڭلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس ئىدى. كالا تېزىكى قالايدىغان ئوچاق بىلەن ئىككى پاكار ئۈستەلنى جۈپلەپ ياسىۋالغان كارىۋاتلا قويۇلغان، غورىگۈل بولسىمۇ ئىللىق، تار بولسىمۇ ئەركىن-ئازادە ياتاق بىزنىڭ كىچىك ماكانىمىز ئىدى.

مەكتەپتە ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپ بولۇشىغا قارىماي، ھەرخىل پائالىيەتلەر يوق دېيەرلىك ئىدى. مەن بۇ يەرگە كېلىپ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي مەكتەپ ماڭا ئوچۇق دەرس ئورۇنلاشتۇردى. ھېلىمۇ ئېسىمدە، ئۇ چاغدا مەن «ماگنۇلىيە قىسسىسى»نى سۆزلىدىم. بۇنىڭغا ئالاقىدار بارلىق بىلىدىغانلىرىمنى سۆزلىدىم. ئوقۇش پۈتتۈرگىلى ئۇزۇن بولمىغاچقا، ئۆزۈمنى راسا بىر كۆرسىتىپ قويماقچى بولدۇم. ئەپسۇس، ئويلىمىغان ئىش يۈز بەردى. ئوقۇتۇش-تەتقىقات گۇرۇپپىسى دەرسىمنى باھالاپ بولغاندىن كېيىن، بىر مۇنچە ئاچچىق يۈتۈپ، سالپايغىنىمچە قورۇغا قايتىپ كەلدىم. بىرنەچچە ياش ئوقۇتقۇچى يېنىمغا كىرىپ، ماڭا تەسەللىي بەردى ھەم بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلىشىمنى تاپىلىدى. كېيىنچە ئۇ قېتىم ئاڭلىغان تەنقىدلىرىمنىڭ خېلىلا يەڭگىللىكىنى ھېس قىلدىم. كېيىنچە ياش ئوقۇتقۇچىلارمۇ بۇ قورۇغا پات-پات كېلىپ تۇرىدىغان بولدى. ئۇلار قورۇغا كەلگەندە پىۋا ئىچىشكەچ كورت ئوينايتۇق، ئەمما خىزمىتىمىزگە قىلچىمۇ تەسىر كۆرسەتمەيتتۇق ھەم بىخەستەلىك قىلمايتۇق. بىر قېتىم بىز تاماق پۇلىنى دو تىكىپ كورت ئويناۋاتساق مەكتەپ مۇدىرىمىز كىرىپ قالدى، ئەمما ئارتۇق گەپ قىلماي، بىزگە ئالىيىپ قاراپ قويغاندىن كېيىن چىقىپ كەتتى.

كېيىنكى ئوقۇش مەۋسۈمى دەرس باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، بىر قانچە ئوقۇتقۇچى يىراق بىر يېزىغا يۆتكىۋېتىلدى. ئۇلارنىڭ يۆتكىلىپ كېتىشى مەن بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟ ياكى ھېلىقى ئىش سەۋەبىدىنمۇ؟ بۇلارنىڭ ھەممىسى ھازىرغىچە مەن ئۈچۈن بىر سىر بولۇپ قالدى.

ماچۈ ناھىيىسىنىڭ يېزىلار بىلەن بولغان ئارىلىقى بەكلا يىراق بولۇپ، نەچچە يۈز چاقىرىم ئارىلىق نىسبەتەن يېقىن ھېسابلىناتتى. شۇنداقتىمۇ مېنىڭ ئاشۇ يىراق يېزىلارغا بارغۇم بار ئىدى. يىراقتىكى ئاشۇ ئاۋانساڭ، مۇش دەرياسى ۋە ۋېرما قاتارلىق جايلارغا تەلپۈنەتتىم. ئاشۇ يىلى قىشتا، مەنمۇ ۋەزىپە بىلەن ئۆز ئورنۇمغا قايتتىم، جى مۇئەللىمنىڭمۇ ۋاقتى توشۇپ، ئۆز مەكتىپىگە قايتتى. شۇنداق قىلىپ، ماڭا بىريىلدىن ئارتۇق ئىللىق ئۇۋا بولغان ئاشۇ كىچىك قورۇدىن، ئوبدانلا چىقىشىپ قالغان خىزمەتداشلىرىم ۋە ئوقۇغۇچىلىرىمدىن ئايرىلىپ، سىرلىق ھايات مۇساپەمنى باشلىدىم.

كېيىن ئاڭلىسام، ئۇ ياش ئوقۇتقۇچىلار يېزىغا بارغاندىن كېيىن، ئۇ يەرنىڭ تۇرمۇش شارائىتىغا كۆنەلمەپتۇ. مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى چارۋىچىلارنىڭ بالىلىرى بولۇپ، خەنزۇچە سەۋىيەسى ئانچە ياخشى بولمىغاچقا، ئۇلار زىرىكىشلىك ھېس قىپتۇ. ناھىيەدىن بىرەر ماشىنا كەلسە، ئۆزلىرىگە بىرەر خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلدىمىكىن دەپ، تەلمۈرىدىكەن. ئەمما، يايلاقنىڭ سوغۇق شامىلىدىن باشقا نەرسە بولمىغان زىرىكىشلىك تۇرمۇش رىتىملىق داۋاملىشىۋېرىپتۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئۇلارنىڭ بۇ خىل قىسمەتكە دۇچار بولۇشى مەن بىلەن، ئاشۇ كىچىك قورۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىكتەك بىلىنىپ، كۆڭلۈمنى بىر خىل خىجىللىق تۇيغۇسى قاپلىۋالدى. بۇنداق چاغلاردا كىچىڭ قورۇ تۇيغۇمغا ئەيبكار ۋە پۇشمانلىق تۇيغۇلارنى ئاتا قىلاتتى.

ئەمەلىيەتتە، ئاشۇ كىچىك قورۇدا ئۆتكەن كۈنلىرىم تولىمۇ مەنىلىك ئۆتكەن ئىدى. چۈنكى مەن ئاشۇ قورۇدا بىپايان يايلاقنىڭ چۆللىشىپ خارابلاشقان ھەم كۆكىرىپ ئاۋاتلاشقان سىياقىغا شاھىد بولدۇم؛ ئىنسانغا كەڭ قورساقلىقنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى ھېس قىلىپ يەتتىم. ھەركۈنى قۇياش بىلەن تەڭ ئورنۇمدىن تۇرۇپ، كەڭ يېيىلغان قۇرۇق ئوت-چۆپلەرنى دەسسەپ ماڭغىنىمدا، قەلبىم تەسۋىرلىگۈسىز مۇرەككەپ تۇيغۇلارغا غەرق بولاتتى. ھەتتا شۇ چاغدا مەن:

ئايلىنىش يۇمران گىياھقا دىلدا كۈلگەن ئىشتىياق،
ياكى سۈبھى پەيتىدە پاكلاش زېمىن شەبنەم سىياق.
شۇ خىيال بىرلە ئۆتەرمەن سەيرى قىپ يايلاق ئارا،
ھەم دېگەيمەن ھەر گىياھنىڭ كۆركىگە ھۆرمەتتە باق.

-دېگەن مىسرالارنىمۇ يازغان ئىدىم. تېخى كېيىنچە مەن يەنە:

چېلىقماس كۆزگە نۇر ئاپتاپ، قۇلاق تىڭشارغا سۆز نەدە،
بۈگۈن ھەم تۈنۈگۈنگە باق، ئەلەم بىرلە كۈتەر ئەتە،
ئىشەن مۇتلەق ئاشۇ كەچمىش تەپەككۇرغا بېرەر شەپە.

ئاقار يۇلتۇز كۆزۈم باغلاپ، گۈزەل ماچۈ خىيالىمدا،
تونۇش ھويلا، غېرىب كەچكۈز ئايان مىسكىن قاراقىمدا،
سىياقلار ئۇز، لېكىن يىللار ۋاپا قىلماس، قىلار تەنە.

-دەپمۇ يازغان.

ئەپسۇس، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆتمۈشكە ئايلاندى. خىيالىمدا پەقەت ئاشۇ مېھرى ئىسسىق كىچىڭ ھويلا، بىر نەچچە جۇشقۇن ياش ئوقۇتقۇچى ھەم سەبىي بالىلار، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ دەرسىمنى تىڭشاۋاتقان چاغدىكى تەشنالىققا تولغان جۈپ-جۈپ قارا كۆزلىرىلا مەڭگۈلۈك ئەستىلىك بولۇپ قالدى.

ئۇ يەردىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بىر كىچىك يېزىدا ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىمنى داۋاملاشتۇردۇم. ئەمما، ئاشۇ ماچۈدىكى كەچمىش، مېھرى ئىسسىق غېرىبانە ھويلا بىردەممۇ كۆڭلۈمدىن نېرى بولمىدى. شۇنداق قىلىپ مەن قەلبىمنىڭ دەۋىتىدە سىز ھەم ئۇنىڭ ئۈچۈن، ئەڭ مۇھىمى ئاشۇ سەبىي بالىلارنىڭ تەشنالىقى ۋە قىزغىنلىقى ئۈچۈن ئۆز سەمىمىيىتىمنى قۇرلارغا تىزماقچى بولدۇم. ھازىر، ئاشۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇمران قوللىرىدا يېزىپ چىققان شادلىقى ۋە خاپىلىقىنى ئوقۇغىنىمدا، قەلبىم ئۇلارنىڭ سەمىمىيىتى ۋە قىزغىنلىقىدىن كۈچلۈك ھاياجانغا تولىدۇ. راست، ئۇلار بىر توپ شادىمان قۇشلار، ئۇلار بىر توپ بىغۇبار پەرىلەردۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭ قەلبى پاكلىق ھەم گۈزەل غايىلەر بىلەن تولغان، شۇنداقلا، ئۇچۇرما بولۇش ئالدىدىكى تەشۋىشلەرگىمۇ تولغان.

كۆزۈمگە سىڭماقتا سەپەردە تەشۋىش،
مۈشكۈلدىن ئەقىدەم تاپىدۇ پەرۋىش.

سەپەردە قەلبىمدىن ياڭرىغان ھېكمەت،
سەپەردە ماڭا خاس يىگانە ئۈلپەت.

سەپەردە ئۆمۈرگە چەكسىزلىك ئىمكان،
سەپەردە ماڭا ئوت مېھىرلىك ئىنسان.

ناخشىچى ليۇ خۈەننىڭ «سەپەردە» ناملىق بۇ ناخشىسى مېنى بىر مەزگىل تەگسىز خىياللارغا غەرق قىلغان ئىدى. ئەلۋەتتە، ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى ئاددىيلىق ھەم ئاددىي ئەمەسلىك ئىچىدە داۋاملىشىدۇ، شۇنداقلا مەنمۇ بىلىپ-بىلمەي ئۆزۈم قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىشقا باشلىدىم.

ۋاقىتنىڭ رەھىمسىزلىكى تۈپەيلى گۈزەل شەيئىلەرنىڭ غايىب بولۇشى ۋە ۋايىغا يېتىشىنى توسۇپ قېلىشقا ئامالسىزمىز. ۋاقىتنىڭ قاخشال شاخلىرىغا مىنگىشىپ، كەچكى قۇياشنىڭ ئاخىرقى نۇرلىرىغا باققىنىمدا، قەلبىم بىر خىل تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز ئازابقا ھەم ئىچ ئاغرىقىغا تولىدۇ. ئاشۇ سەبىي بالىلار بىلەن بىرگە بولۇپ، ئۇلارنىڭ شوخ كۈلكىلىرىنى ئاڭلىغىنىمدا، ئاشۇ غەمسىز چاغلارغا قايتىش ئىستىكى مېنى قىينايدۇ. ھەركۈنى شەرقتىن چىققان ئوتقاشتەك قۇياش زەر نۇرلىرىنى زېمىنغا چاچقىنىدا، سىز نېمىلەرنى ئويلايسىز؟ مەن شۇ چاغ بەردەم بىلەن مۇھەببەت ئىلكىدە ياشاپ، بەختلىك ئىنسان بولىمەن،-دەپ پىچىرلايمەن. ھەر كۈنى قۇياشنىڭ زەر نۇرلىرى بەستىمگە چېچىلغىنىدا، ھاياتنىڭ ھەربىر دەقىقىسىنىڭ شۇنچىلىك قەدىرلىك ھەم مېھىرلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمەن.

شۇنداق، ئاشۇ مېھىرلىك كىچىك ھويلا ئەسۇ يادىمدىن پەقەتلا نېرى بولمىدى. چۈنكى ئاشۇ كىچىك ھويلا ياشلىقىمنىڭ ئىزنالىرىغا، ھاياتلىق سەپىرىمدىكى رەڭگارەڭ كەچمىشكە ھەم مىننەتدارلىقىمغا شاھىددۇر.

«مىللەتلەر ئەدەبىياتى»(خەنزۇچە) ژۇرنىلىنىڭ 2010-يىللىق 5-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 
    • ئەدەبىي خاتىرەنى مۇنداق ئۇسلۇبتا يازسىمۇ ئېسىل چىقىدىكەن.
      تەرجىمەلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي! بىراق، شېئىرىيەتنىمۇ تەرك ئەتمەڭ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچ 15:52

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى