مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
ﺋﯘﻻﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺗﯩﻼﺭ ﺋﯩﺪﻯ
تەۋە تۈر: تەرمە گۈل | يوللانغان ۋاقتى: 2011/06/19 | كۆرۈلۈشى: 1,737 قېتىم

ئاپتورى: ئابدۇرېھىم ئابدۇللا

ھەممە شائىر «ئانام»لا دېدى،
ئاتىلىرى يوقمىكىن ئەستە.
ئۇلار شۇنداق ئاتىلار ئىدى،
يولۋاسنىمۇ قويغان ھەۋەستە.

ئۇلار شۇنداق ئاتىلار ئىدى،
نى گۈزەللەر بولغانتى شەيدا.
خەنجەر بولۇپ قادىلار ئىدى،
بولسا مەلئۇن ھەر جايدا پەيدا.

دائىم ئۆتۈك بىلەن سۇ كېچىپ،
كۆردى نى-نى دەردۇ بالالار.
ھەتتا يۈگەن بىلەن سۇ ئىچىپ،
كەزمىدىمۇ تاغۇ-دالالار.

نەيزىسىنىڭ ئۇچىدا چولپان،
قىلىچىدا تاڭنىڭ يالقۇنى.
ۋەتەن ئىشقى ئوقلارغا قالقان،
ئايىغىدا قاننىڭ دولقۇنى.

تالاپەت يەپ چۆللەردە قالسا،
ئاسمان يىغلاپ تۆكمىدىمۇ ياش.
يۇلغۇنزارلار قوينىغا ئالسا،
شىر-يولۋاسلار تاۋۇتقا قولداش.

بىز ئاتالدۇق بەزمىدە يىگىت،
ئاھ، جان ئاتىلار جەڭلەردە شېھىت.

      ٭٭ ٭٭ ٭٭
يىڭنىلەرگە رەھمەت ئوقۇلدى،
جەڭگاھ بىلەن ئۇنتۇلدى ئوقيا.
كۆسەيلەرگە داستان پۈتۈلدى،
قىلىچ بىلەن يارالدى دۇنيا.

توقاچ بەرسە ئانام تونۇردىن،
ئەرك بەرگەن ئاتام جەڭلەردە.
كۆڭلەك بەرسە ئانام ماتادىن،
بايراق بەردى ئاتام زەپەردە.

مەن يىقىلسام ئانام يىغلىدى،
ئاتام سىلكىپ مىندۈردى ئاتقا.
جاپالاردا راسا تاۋلىدى،
خار قىلماي دەپ ياۋلارغا-ياتقا.

سايىلەردە ئانام ئەللىيى،
مەن قۇچاقتا، كۆزۈم ئۇيقۇدا.
خامانلاردا ئاتام لاي-لېيى،
شەھەر ئالغان شاھتەك تۇيغۇدا.

چىللاپ كەتتى ئاتامنى ۋىجدان،
ئانام قالدى ئۆينىڭ غېمىدە.
ئەلنىڭ غېمى ئاتامدا ۋولقان،
يېشى دەريا، ئۆزى كېمىدە.

مىڭ يىگىتنىڭ ھىممەت لەرزى بار،
قولىدىكى ھەر بىر قاداقتا.
ھەر كۈلكەمنىڭ پۈتمەس قەرزى بار
ئۇ ئىشلەتكەن خەنجەر، ساداقتا.

مەن ئاتالدىم بەزمىدە يىگىت،
ئاھ، جان ئاتام جەڭلەردە شېھىت.

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 
    • بۇ شېئىرنىڭ ناخشىسىمۇ شۇنداق ئېسىل.
      مەن شائىرنىڭ ‹‹سۇنۇق قىلىچ›› ناملىق شېئىرىنى، غەزەللىرىنى ئوقۇسام- ئوقۇسام قانمايمەن. شائىرغا ساقلىق، بەخت يار بولسۇن!

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچ 15:49

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى