مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
ئوسمانجان ساۋۇت: كۆكلەم
تەۋە تۈر: تەرمە گۈل | يوللانغان ۋاقتى: 2011/03/21 | كۆرۈلۈشى: 1,092 قېتىم

 

تىنىقىڭ قاپلىدى ئۆيۈمنى كۆكلەم،

يانلارغا يالتىراق يالپۇزلار ئۈندى.

كېپىنەك تونلىرىڭ يېشىل ۋە كۆركەم،

ئىزغىرىن قارلارنىڭ جىلۋىسى سۇندى.

قاپتالدا يولۇڭغا قارىدۇق ئەركەم،

تاقەتسىز ئادەملەر تازا ئۇمۇندى.

 

ئەجەبمۇ ھۆسنۈڭگە تولۇپسەن بۇ رەت،

قايسى بىر بەدەلگە بولدى بۇ تولۇش؟

شولىلار كۈلىدۇ چېچىپ مۇھەببەت،

نەقەدەر جەننەتتۇر ئۇزغا تاج بولۇش.

ناۋالار ياڭرىتار تاغ-دەريا پەقەت،

مۇزلارنىڭ بەختىدۇر نۇرغا ئۇتۇلۇش.

 

بېغىمدا بىر دەرەخ بىخ ياردى ئاخشام،

يېڭى جان، يېڭى دەم يارقىن نەقەدەر.

كائىنات كۈيىگە ئۇلاندى ناخشام،

دەۋرەپ ئۇز زېمىندا كېزەر دەر بەدەر.

چىمەنلەر لالىدىن بەرگىڭگە ياق شام،

زەررىچە يورۇقلۇق ئالەمگە جەۋھەر.

 

شاماللار تارتقۇچلاپ قىياقنى تۈزدە،

كۆڭلۈمگە ھېكمەتتىن قويۇپ قويار ئوي.

قارايمەن شەپەقتەك قان تەپكەن يۈزدە،

سەرۋىلەر بىردەمدە تارتار غۇلاچ بوي.

ئاھ كۆركىڭ ھازىردا، سالمىقىڭ كۈزدە،

تۈگىمەس ھەرگىزمۇ سەن بار يەردە توي.

 

قارايمەن تۇرقۇڭغا ھەۋەستە ھەيران،

باغرىمغا تاشلاندىڭ قەيەردىن قانداق؟

ھۆسنۈڭنى سانالماي بولدۇما ۋەيران،

ئاي تەركىب، كۈن تەركىب نۇرغۇن نېمانداق.

دالىلار ئۇسسۇلغا چۈشمەكتە سەيلان،

ئاسمان بىر ئەينەكتۇر، جۇسۇنۇڭغا باق.

—————–

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى