مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
غېرىپ ناخشا
تەۋە تۈر: شېئىرلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2011/03/21 | كۆرۈلۈشى: 1,075 قېتىم

تەنھالىقنىڭ سۆيدۈم مەڭزىگە ،

تەشنا بولۇپ سوغۇق لىۋىگە .

 

بىزگە مەنسۇپ بۇ گۈزەل دۇنيا ،

ماڭا مەنسۇپ بۇ رەزىل دۇنيا .

تەنھالىققا ئەگەشتىم تەنھا ،

مەيلىڭ بولسا تارتقىن قېشىڭغا.

 

ياد ئېتەمسەن پىنھاندا مېنى ؟،

ئېسىڭدىمۇ سۆيگىنىم سېنى ؟ .

غېرىبلىقنىڭ كۈيى ئەمەسمەن ،

چۈشەنمەيسەن ئەمدى سەن مېنى .

 

نىمانچىلا مۇڭلۇق قارايسەن ؟،

كىملەر چەكتى ئاخشام ئەينەكنى ؟

يۈرىگىڭنى «قاندان» دەپ ئاتا !

سەن بىلەمسەن يۈرەك دىگەننى .

 

راست ئېيتىسەن ئاخشام مەست ئىدىم ،

ماراپسەندە پەردەڭنى قايرىپ .

توۋلىغانتىم «ئادارىگۈل» نى ،

ئاڭلاپسەندە ئەلەملىك تىنىپ .

 

ھەممە كىشى ساراڭدۇر بەلكىم ،

ياكى مەنلا ساراڭمەن ئاخشام .

ساراڭ دىمەس رومكاملا مېنى ،

چۈنكى ئاڭا يارايدۇ ناخشام .

 

ئۇنتۇپ قالما قار ياغقان كۈننى ،

ئۇنتىمايدۇ قارلارمۇ بىزنى .

باھار پەسلى كەلمەي تۇرۇپلا ،

يوقاتتىمغۇ تۇنجى ئەلبۇمنى

 .

رومكىلاردىن ياڭرايدۇ ئەلەم ،

كەلمەيدۇ ھىچ ساقلىغان لالەم.

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 
    • ھەزرەتئەلى ئەپەندىنىڭ شېئىرللىرىمۇ ئۆزگىچە ئىكەن .
      ‹‹ باھار پەسلى كەلمەي تۇرۇپلا ،

      ي يوقاتتىمغۇ تۇنجى ئەلبۇمنى .››

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى كەچ 15:28
    • ھەزرەتئەلىنىڭ شېئىرلىرىدا ۋايىغا يەتكەن مۇزىكىدارلىق جۇش ئۇرۇپ تۇرىدۇ…بۇ خىل شېئىرى كەيپىياتنى بۇرۇن ئوسمانجان ساۋۇت ئاكىمىزنىڭ شېئىرلىرىدا ئۇچرىتاتتىم،ئەمدىكى ھەزرەتئەلىنىڭ شېئىرلىرىدا بولسا تېخىمۇ ۋايىغا يەتكەن ھالەتتە ئۇچرىتىۋاتىمەن…قۇت بولسۇن!

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى سەھەر 10:18
    • «تەنھالىققا ئەگەشتىم تەنھا،»
      بىر جۈپ بولدۇق ئارمانلىرىمدا.
      ئارمانلىرىم ئارمانلارغا زار،
      ۋىسال قاچان رىئاللىقىمدا.
      كىشىنىڭ تەنھالىقى ئۆزىدىن ھالقىش تۇيغۇسىنى شەكىللەندۈرسە كېرەك.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچ 16:10
    • ھارمىغايسىز ھەزرەتئەلى! شېئىرىڭىزنى كومپوزىتورلارغا بەرسىڭىز، مۇزىكا ئىشلەپ باقسا بولغۇدەك. ئاجايىپ بىر مۇڭلۇق ناخشا روياپقا چىققۇدەك.
      سالامەت بولۇڭ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى كەچ 17:22

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى