مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
ئەما ئۆسمۈرنىڭ دۇنياسى: «جەننەتنىڭ رەڭگى»
تەۋە تۈر: تەۋسىيە | يوللانغان ۋاقتى: 2011/03/05 | كۆرۈلۈشى: 1,249 قېتىم

نەچچە يىللار ئالدىدا ئىراننىڭ بالىلار فىلىمى «كىچىك ئاياغ» (جەننەتتىكى بالا)نى كۆرۈپ، ئاددىي تۇرمۇش تەپسىلاتلىرىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلانغان، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان خاسلىقىدىن ھەيران ھەم قايىل بولغان ئىدىم. مانا بۈگۈن ئارام ئېلىش كۈنىدىن پايدىلىنىپ، ئىراننىڭ يەنە بىر بالىلار فىلىمى «جەننەتنىڭ رەڭگى»نى كۆردۈم. بۇ فىلىممۇ ئاددىي تۇرمۇش تەپسىلاتى ئارقىلىق بالىلارنىڭ روھىي دۇنياسىغا چوڭقۇرلىغان.
فىلىمدىكى باش قەھرىمان مۇھەممەد ئانىسىدىن كىچىك قالغان بولۇپ، ئەمالىق سەۋەبىدىن شەھەردىكى ئەمالار مەكتىپىدە ئوقۇيدۇ. ئۇزاق يىل يوقسۇزلۇقنىڭ دەردىنى تارتقان ھەم ئايالىدىن ئايرىلىپ قالغان مۇھەممەدنىڭ دادىسى تۈرلۈك بېسىملار ئالدىدا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. دادىسى قايتا بىر ئائىلە قۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزىگە روھىي دەرمان بولغىدەك ھالال جۈپتىگە ئىگە بولۇش خىيالى تۇغۇلغاندا، تەتىلگە چىققان مۇھەممەدنى شەھەردىن يېزىغا ئېلىپ كېلىدۇ. مۇھەممەد يېزىنىڭ كەڭرى قوينىدا ئۆز خۇشاللىقىنى تاپىدۇ. تەبىئەتتىكى ھەربىر گۈزەللىكنى ئۆز ئىمكانىنىڭ بارىچە ھېس قىلىدۇ. ئەمما مۇھەممەدنى ئۆزىگە يۈك ھېسابلىغان دادىسى ئۇنى ئائىلە قۇرۇش ئىشىدىكى توسالغۇ دەپ قاراپ، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يىراقتىكى بىر ياغاچچىغا شاگىرتلىققا ئاپىرىپ بېرىدۇ…. ….. …. ….
ئاخىرىنى فىلىمنى كۆرۈپ ھېس قىلىڭلار….
توردىن ئىزدەپ كۆرسەڭلار چۈشۈرۈش ئادرېسى بار. ئىلاج بار گۇگۇلدىن ئىزدەڭلا… 

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 
    • تىلى ئۇيغۇر چىمۇ چۈش تاق

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى كەچ 14:40
    • فىلىملەرنى چۈشۈرۈپ قويۇپ،كۆرۈشكە ھىچ ۋاقىت چىقىرالمايۋاتىمەن دېسە…

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى كەچ 16:10
    • رەھمەت . ۋاقىت چىقىرىپ چۇقۇم كۆرىمەن … شىكارچى فىلىمى بوپ قويىدىكەن … ئىران كىنولىرىنى كۆرۈشكە بەكمۇ سەۋىرچانلىق كىتىدۇ … ھا ھا

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى سەھەر 03:25
    • سىزدىن سوراپ باقسام، سىز يازغۇچىمۇ؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى سەھەر 04:56
      • ياق. مەن يازغۇچى ئەمەس، ئەمما شۇ كوچىدىكى بىر ئاددىي ئىزدەنگۈچى.

        يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى سەھەر 05:03
    • بەك ياخشى ئەسەرلەرنى يوللاۋاتىسىز جۇمۇ، ئۆتكەندە ئىنكاس يازاي دېسەم خەتنى كۆرەلمىدىم، بەك كىچىك. ئەمدى ukij tuz tom دا خېلى چوڭ كۆرۈندى.
      eot تونۇمىغانمۇ قانداق ئۆتكەندە ھە؟!

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى سەھەر 04:52

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى