مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
ئۆزىنى سۆيۈش
تەۋە تۈر: شېئىرلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2011/03/03 | كۆرۈلۈشى: 1,006 قېتىم

 

 

چاچلىرىمنى سېغىنماس شامال،

چىقماس بەلكىم بۇ كېچە شامال .

مەن ياشايمەن ئەتىمۇ يەنە،

قىسمىتىمگە ئىزدىگەچ ئامال.

 

قار ياغمىدى چېچەككە ئوخشاش،

ۋەھىم سېلىپ تەنھا رومكىغا .

ئېسەدەيدۇ سۆيۈملۈك باتناش،

مەيلىمىكىن كۈلسەم زورىغا؟

 

شۇنچە سىرلىق كۆڭۈلنىڭ رايى،

تەڭلىمەيدۇ دوستلىرىم خەنجەر.

يا بولمايدۇ دىلبىرىم ساقىي،

ئۇنتۇپ قالغان ئوخشايدۇ ئەنبەر .

 

سىزىپ چىقتىم تاملارغا ئازاب،

يادىكارنى ئاتتىم تالاغا.

يالغۇز قالدىم ئەينەككە قاراپ،

تەشنا بولۇپ سۈلھى-سالاغا .

  

مەن يۈرمەيمەن كۆزۈمنى ياشلاپ،

شاماللارغا مەيلىم يوق ئەمدى.

دىلبەر كەتسۇن ئازابنى تاشلاپ،

سىرداش رومكام سۆيمەكتە مېنى،

 

گۈللەر دەيدۇ: سەندە يوق يارا،

كۆزلىرىڭدە گۈلنىڭ ئەكسى يوق.

تىكەن دەيدۇ: قولۇڭغا قارا،

ئاتا قىلار قانلا ساڭا زوق.

 

مەن سۈكۈتتە كەيپىمنى سۈرۈپ،

تىترەپ باقتىم ياپراق تۇرقىدا.

ئۆتمۈشۈمنى رومكامدىن سۈزۈپ،

تېتىپ باقتىم ئاشىق خۇلقىدا.

 

كۆكلىگۈم يوق يەنە بىر قېتىم،

تۆككۈم يوقتۇر يۈرەك سۆزۈمنى.

ئۆز ئۆزۈمگە ئاياندۇر سىرىم،

بۈگۈن ئاخىر سۆيدۈم ئۆزۈمنى .

 

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 
    • باش سۈرەت ئىلتىماسىنى چېكىپ باش سۈرىتىنى تەڭشەي دىسەم ،،،قىلالمىدىمغۇ؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى كەچ 15:25
    • بەك ياخشى يېزىپسىز ،،ئىككى قېتىم ئوقۇپ چىقتىم، ماڭا ماۋۇ مىسرالار بەكلا يارىدى:
      مەن سۈكۈتتە كەيپىمنى سۈرۈپ،
      تىترەپ باقتىم ياپراق تۇرقىدا.
      ئۆتمۈشۈمنى رومكامدىن سۈزۈپ،
      تېتىپ باقتىم ئاشىق خۇلقىدا.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى كەچ 16:45

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى