مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
گوركى: سائەت بايانى
تەۋە تۈر: تەرجىمىلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2011/03/02 | كۆرۈلۈشى: 892 قېتىم

 

 

1

چىك-چىك -چىك!

ھەممە ياق سۈكۈتكە پاتقان كېچىدە، تەنھا ئولتۇرۇپ، سائەت ماياتنىكىنىڭ ھەممىگە بىپەرۋا ھالدا توختاۋسىز چىكىلدىغان ئاۋازىغا قۇلاق سېلىش ئەشەددىي قورقۇنۇچلۇقتۇر. بۇ خىل ئاۋاز بىر خىل رېتىمدا، مەڭگۈ خاتاسىز تۈستە «تۇرمۇش سەۋدايىلارچە ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە» دېگەن سۆزنى تەكرارلايدۇ. كائىنات زۇلمەت ئىلكىدە چۈش قوينىغا غەرق بولۇپ، كۇللىي مەۋجۇدات سۈكۈتكە پاتقان چاغدا پەقەت سائەتلا رەھىمسىزلىك بىلەن جاراڭلىق ئۈندە مىنۇت-سىكۇنتنىڭ ئۆتۈۋاتقانلىقىنى كىشىلەرگە خەۋەر قىلىدۇ. سائەت ماياتنىكىنىڭ ھەربىر چىكىلدىغان ئاۋازى ھاياتلىقنىڭ بىر مىنۇت قىسقارغانلىقىنىڭ، تەبىئەت ھەر بىر ئىنسانغا ئاتا قىلغان ھاياتلىقنىڭ بىر دەقىقىسىنىڭ مەڭگۈ قايتىلانمايدىغانلىقىنىڭ بەلگىسى. بۇ  مىنۇت-سىكۇنتلارنىڭ كېلەرى قايان؟ بارارى قايان؟ بۇ سوئاللارغا ھېچكىم جاۋاب بېرەلمەيدۇ، يەنە تالايلىغان مۇھىم سوئاللارمۇ جاۋاب ئالالمايدۇ، ئەمما دەل مۇشۇ سوئاللارنىڭ يەشمىسى بىزنىڭ بەختىمىزنى بەلگىلەيدۇ. ھاياتقا كېرەكلىك ئادەم بولۇش ئۈچۈن قانداق ياشاش كېرەك؟ ئېتىقاد ۋە ئارزۇدىن ۋاز كەچمەسلىك ئۈچۈن قانداق ياشاش كېرەك؟ روھىمىز ۋە ئەقلىمىزنى ھەردەم جۇشقۇنلۇققا ئىگە قىلىش ئۈچۈن قانداق ياشاش كېرەك؟ بەلكىم بىر كۈنلەر توختاۋسىز ھەرىكەتتىكى سائەت بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ نېمىلەرنى دېيىشى مۇمكىن.

 

2

     چىك- چىك- چىك!

سائەت ئۆز رەھىمسىزلىكى بىلەن دۇنيادا يىگانىدۇر. سىز بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقاندىمۇ،  ياشلىقنىڭ خىيالىي گۈللىرىنى ئاچكۆزلەرچە سۇندۇرغان دەملەردىمۇ ئۇ ئوخشاشلا خاتاسىز ھالدا چېكىلدايدۇ. ئىنسان يورۇق ئالەمگە كۆز ئاچقان كۈندىن باشلاپ، ھەر كۈنى ئۆلۈم چاڭگىلىغا بىر قەدەم يېقىنلىشىدۇ. ئەزرائىل ئىلكىدە جان تالاشقان پەيتتىمۇ، بىپەرۋالارچە سىزنىڭ ئۆلۈم پەيتىڭىزگە چوت سوقىدۇ.ئەستايىدىل تىڭشىسىڭىز، ئۇنىڭ رەھىمسىزلەرچە ھېسابىدا، ھەممىگە قادىرلىق ۋەجى تولغان سادا ياڭرايدۇ. قەدىمدىن ھازىرغىچە ھېچبىر شەيئى ئۇنى تەسىرلەندۈرگەن، ئۇنىڭغا ئۆز قىممىتىنى تونۇتالىغان ئەمەس. ئۇ شۇنچە رەھىمسىز. شۇڭا، ياشايمىز دەيدىكەنمىز، ئۆزىمىزگە باشقا بىر سائەت— ھېس-ھاياجىنى قايناق، قاپيۈرەك بىر سائەت ياساپ، مەنىسىز، تېتىقسىز ، قايغۇسى روھنى جاراھەتلەيدىغان، رەھىمسىز سائەتنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشىمىز لازىم.

 

3

   چىك- چىك- چىك!

   سائەتنىڭ توختاۋسىز ھەركىتى داۋامىدا توختاش پەللىسى يوق. قانداق نەرسىلەرنى «ھازىرقى» دەيمىز؟ بىر سىكۇنت پەيدا بولىشىغا ئىككىنچى سىكۇنت تاپبېسىپ پەيدا بولۇپ، ئالدىنقىسىنى نامەلۇم ھاڭغا ئىتتىرىدۇ.

چىك-چىك-چىك! مانا بۇ سىزنىڭ بەختىڭىز. چىك-چىك-چىك! كىشى قەلبىنى ئۆرتەيدىغان ئازابلىق ئوغا قەلبىڭىزگە سىڭىدۇ. ناۋادا سىز بار ئاماللار بىلەن يېڭى، ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان نەرسىلەر ئارقىلىق تۇرمۇشىڭىزنىڭ ھەربىر پەيتىنى يېڭىلاپ تۇرمىسىڭىز، بۇ خىل ئازاب سىزگە ئەبەدىي ھەمرا بولۇپ، ھاياتىڭىزنىڭ ھەربىر دەقىقىسىدە سىزگە يار بولۇشى مۇمكىن. كۈلپەت كىشىنى ئۆزىگە تارتىدۇ، بۇ تولىمۇ خەتەرلىك ئالاھىدە لەززەتتۇر. شۇ سەۋەب، ئادەتتە بىز تېخىمۇ يۈكسەك بولغان، يېڭىدىن يېڭى ئادىمىيلىك ھەققىمىزنى ئىستىمەيمىز. لېكىن بۇ خىل ئازاب ھەردائىم كۆزگە چېلىقىپ تۇرغاچقا ئېتىبارسىز بولدى، كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن ساقىت بولدى. شۇڭا، كۈلپەتنىڭ ئېتىبارلىق بولۇشى ناتايىن، تېخىمۇ ئۆزگىچە، تېخىمۇ قىممەتلىك نەرسىلەر ئارقىلىق ئۆزىمىزنى ئاۋۇندۇرىشىمىز كېرەك، ئۇنداق ئەمەسمۇ يا؟ كۈلپەت كۇرسى چۈشكەن سېرىق ئالتۇندۇر. ھېچكىمگە تۇرمۇشتىن زارلىماسلىقىمىز لازىم، تەسەللىي سۆزلىرىدە كىشىلەر ئىزدەۋاتقان نەرسە تولىمۇ ئاز. كىشىلەر ئۆز تۇرمۇشىغا دەخلى قىلىۋاتقان نەرسىلەر بىلەن كۆرەش قىلغاندىلا، تۇرمۇش ئاندىن رەڭدارلىشىدۇ، ئۆز مەنىسىنى تاپىدۇ. بىزنى جىلە قىلغان مەنىسىز ۋاقىت پەقەت كۆرەش داۋامىدىلا بىلىپ بىلمەي بىزدىن يىراقلىشىدۇ.

 

4

چىك-چىك-چىك!

ھاياتلىق تولىمۇ قىسقا. قانداق ياشاش كېرەك؟ بەزىلەر تالاي تەدبىرلەر ئارقىلىق رېئاللىقتىن قاچىدۇ. يەنە بەزىلەر بارلىقىنى ئۇنىڭغا بېغىشلايدۇ. ئالدىنقىلارنىڭ قېرىلىق دەۋرى روھىيىتى مەززىسىز، ھېچبىر ئەسلىمىسىز؛ كېيىنكىلەرنىڭ روھىيىتى تەمەسىز، ئەسلىمىلەر توختاۋسىز ھالدا بولىدۇ. ھەر ئىككى خىلدىكى كىشىلەر ھامان ئۆلىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئۆز زېھنىنى ۋە پاراسىتىنى پىداكارلىق بىلەن تۇرمۇشقا ئاتىمايدىكەن، ئۇلارنىڭ پانىيلىقى مازغاپ مىسالىدۇر. ئەمما، جان ھەلقۇمىغا يەتكەن ۋاقىتتا، سائەت قالغان دەقىقىلەرنى رەھىمسىزلىك بىلەن ھېسابلايدۇ، دەل شۇ دەقىقىلەردە يەنە يېڭى بىر ھاياتلىق ئاپىرىدە بولىدۇ. ئەمما سىز باقىيغا يول ئالغاندا، تېنىڭىزدىن باشقا ھەرقانداق نەرسىڭىز رېئاللىقتا قالمايدۇ، لېكىن تېنىڭىزمۇ چىرىپ بەتبۇي تارىتىدۇ. ياراتقۇچى سىزنى ئاپىرىدە قىلىدۇ ھەم ئاخىرى بېرىپ يەنە سىزنى پانىيدىن ئۇزىتىدۇ. ئەجىبا سىزنىڭ تۇيغۇلىرىڭىز بۇنىڭغا چىدامدا؟ ناۋادا ھاكاۋۇرلۇق بىلەن، ۋاقىتنىڭ سىرلىق دەۋىتى سەۋەبلىك ئۇۋالچىلىق ھېس قىلسىڭىز، تۇرمۇشتا ئۆزىڭىزگە بولغان تونۇشىڭىزنى موللاشتۇرۇڭ! ئۆزىڭىزنىڭ تۇرمۇشتىكى ئورنىنى ئويلاپ بېقىڭ: بىر پارچە كېسەك ئىمارەت ئىچىدە جىمجىت تۇرىدۇ، ئاخىرى توپىغا ئايلىنىپ يوقايدۇ. بۇنداق ياشاش مەنىسىزلىك، مىشچانلىق، شۇنداقمۇ؟ ئەگەرسىزدە پاراسەت ۋە جاسارەت بولسا، تۇرمۇشتىكى گۈزەللىكتىن ھوزۇرلىنىپ، قايناق ھاياجانلىق دەملەردىن بەھرە ئالماقچى بولسىڭىز، ھەرگىزمۇ كېسەكتەك بولماڭ.

 

5

      چىك- چىك- چىك!

     ئەگەر سىز سائەتنىڭ توسقۇنسىز ھەرىكىتىدە ئۆزىڭىزنىڭ قانچىلىك قىممىتىنىڭ بارلىقىنى ئەستايىدىل ئويلىنىپ كورسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ بىر تىينغىمۇ ئەرزىمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، كۆڭلىڭىز يېرىم بولىدۇ. بۇ خىل ھېسسىيات سىزنى خۇددى خورلانغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرىدۇ، مەنمەنلىكىڭىزنى قوزغايدۇ. شۇ سەۋەب تۇرمۇشقا سىزدە ئۆچمەنلىك تۇغۇلىدۇ،ھەم تۇرمۇشقا جەڭ ئېلان قىلىسىز. نېمىنى كۆزلەيسىز؟ بىپايان تەبىئەت ئىنسانىيەتتىن پۇت- قولى بىلەن ئۆمىلەش ھوقۇقىنى تارتىۋالغاندا، ئۇنىڭغا يەنە بىر ھاسا ھەدىيە قىلغان، مانا بۇ غايە. ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ ئىنسانىيەت ئاڭسىز، تەبىئىي رەۋىشتە گۈزەل شەيئىلەرنى قوغلاشتى، يۇقىرىغا ئىنتىلدى. بۇ خىل ئاڭسىز ئىنتىلىشنى ئاڭلىق ئىنتىلىشكە ئايلاندۇرۇڭ، پەقەت گۈزەل شەيئىلەرگە ئاڭلىق ئىنتىلىش ئىچىدىلا ھەقىقىي بەخت بارلىقىنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈڭ. ئۆزىڭىزنىڭ يارىماسلىقىدىن زارلىماڭ، ھېچبىر شەيئىدىن قاخشىماڭ. زارلاشلىرىڭىزنىڭ سىزگە ئاتا قىلىدىغىنى پەقەت روھىيىتى نامرات كىشىلەرنىڭ ئېچىنىشى ۋە سەدىقىسى خالاس. كىشىلەر ئوخشاشلا بەختسىزدۇر، ئەمما ئاشۇ بەختسىزلىك بىلەن ئۆزىنى ئاۋۇندۇرۇپ يۈرگەن كىشىلەر تېخىمۇ بەختسىزدۇر. بۇخىل كىشىلەر باشقىلارغا قارىغاندا ئۆز قەدىر-قىممىتىنى قانچە ئارزۇ قىلغانچە، باشقىلارنىڭ ئېتىبارىغا شۇنچە ئېرىشەلمەيدۇ. ئىلگىرىلەش، ئىنتىلىش تۇرمۇشنىڭ مەقسىتىدۇر. پۈتكۈل تۇرمۇشىڭىزنى بىر خىل ئىنتىلىشكە ئايلاندۇرۇڭ، شۇندىلا تۇرمۇشىڭىزدا ھەقىقىي گۈزەل دەقىقىلەر پەيدا بولغۇسى.

 

6

     «بەندىچىلىك توسالغۇلارغا باي بولسىمۇ، تەڭرى يەنە ئۈستىلەپ مۈشكۈللەپ، يەنە نېمىشقا بەندىكە يورۇقلۇق ئاتا قىلىدۇ؟» بۇ يابۇ تەڭرىگە قويغان سوئال. ھازىر بۇنداق قاپيۈرەكلەر يوق، ئۇلار ئۆزىنى تەڭرىنىڭ ئەۋلادى، تەڭرى ئۆز قىياپىتىگە ئاساسەن بىزنى ياراتقان دەپ، يابو تەڭرىدىن سوئال سورىغان كەبى ئويلايدۇ. ھازىرقى كىشىلەر ئۆزىنى پەس چاغلايدۇ، تۇرمۇشنى قىلچىمۇ سۆيمەيدۇ، ئۆزىنى ئەسلا سۆيمەيدۇ. گەرچە ئۆلۈمنىڭ مۇقەررەرلىكىنى بىلسىمۇ، ئۆلۈمدىن خاۋاتىرلىنىدۇ. مۇقەررەر نەرسىلەر ھامان قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن. شۇنى بىلىش كېرەككى، ئىنسان يەرشارىدا پەيدا بولغاندىن باشلاپلا ئۆلۈممۇ ھەم باشلانغان، بۇنى بىلىش ھەردەم پەيتتۇر. ھاياتنىڭ چۈش ئەمەسلىكىنى تونىغاندىلا ئۆلۈم ۋەھىمىسىنى يوقاتقىلى بولىدۇ. پىداكىرانە بېسىلغان ھايات يولى كىشىگە خاتىرجەم تۈگەللىمە ئاتا قىلىدۇ. چىك- چىك- چىك! كىشى ئۆلگەندىن كېيىن قالىدىغىنى پەقەت ئۇنىڭ ئىزى خالاس. ئۇنىڭ پۇرسەتلىرى بىلەن ئىستەكلىرى بىرگە ئاخىرلىشىدۇ. ئەمما دەل شۇ دەقىق ئۇنىڭ پانىيلىقىغا باھا بېرىشنىڭ كەسكىن پەيتى تاپ بېسىپ يېتىپ كېلىدۇ.

 

7

     چىك- چىك- چىك!

ئەمەلىيەتتە، ساناقسىز زىددىيەت، ساختىلىق ۋە ئۆچمەنلىككە تولغان بۇ دۇنيادا ھەممە نەرسە شۇنچىلىك ئاددىي. ئەگەر كىشىلەر ئۆز-ئارا چۈشىنىشسە ۋە ئۆزىنى تونۇسا ئىدى، ھەممە نەرسە شۇنچىلىك ئاددىيلاشقان بولاتتى.

  بەندە يەككە ھالدا تولىمۇ ئەرزىمەس، پەقەت ئۇلۇغلاردىن بولمىسىلا ئەلۋەتتە. بىز ئۆز-ئارا چۈشىنىشىمىز كېرەك: چۈنكى بىزنىڭ تەپەككۇرىمىز ۋالاقلىشىمىزغا قارىغاندا شۇنچىلىك دانا، شۇنچىلىك ئەينەندۇر. كىشىلەر باشقىلار ئالدىدا كەڭ قورساق بولۇشنى ئويلايدىيۇ، ئەمما، گەپ سۆزدە چولتىلىقىنى ئەلەم بىلەن ھېس قىلىدۇ؛ تۇرمۇشتىكى تالايلىغان ئۇلۇغ، مۇھىم پاراسەتلەرنىڭ ۋەيران بولۇشى پۈتۈنلەي مۇۋاپىق ئىپادىلەش شەكلىنى دەل ۋاختىدا ئويلىيالمىغانلىقىنىڭ سەۋەبىدىندۇر. كاللىغا مەلۇم خىل پىكىر كەلسە، ئۇنى ئېنىق ۋە قايىل قىلارلىق سۆزلەر ئارقىلىق ئىپادىلەشنى شۇنچە ئارزۇ قىلىمىزيۇ، ئەمما دەل كېلىدىغان سۆز تاپالماي قالىمىز.

     تەپەككۇرغا ھەسسىلەپ كۆڭۈل بېرىڭ! ئۇنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىگە سەۋەب بولۇڭ! بۇ مېھنىتىڭلار تېگىشلىك جاۋابقا ئېرىشىدۇ. شۇ چاغدا، بارلىق شەيئىلەردە تەپەككۇر تەپچىرەيدۇ، ھەتتا تاشنىڭ يېرىقىدىنمۇ ئۇنى بايقايسىلەر، سىلەردە شۇنداق ئارمان بولسىلا ئەلۋەتتە. ئەگەر كىشىلەر ئېرىشىشنى ئويلىسىلا، ھەممە نەرسىگە ئېرىشەلەيدۇ؛ ئەگەر كىشىلەر تۇرمۇشنىڭ خوجايىنى بولماقچى بولسا چوقۇم بولالايدۇ؛ ھازىرقىغا ئوخشاش تۇرمۇشنىڭ تۇرمۇشنىڭ قۇلى بولمايدۇ. پەقەت ياشاش ئىستىكىلا بولىدىكەن، ئۆز قۇدرىتىنى غالىبلارچە ھېس قىلىدۇ، پۈتكۈل تۇرمۇش روھىي قۇدرىتىنى تولۇق نامايان قىلغان دەقىقىلەر كېلىدۇ، كىشى ئەقلىنى لال قىلىدىغان مۆجىزىلىك پەيتلەر، شېرىن دەقىقىلەر، بۈيۈك چاغلار ئاپىرىدە بولىدۇ.

 

8

      چىك- چىك- چىك!

روھىي جۇشقۇن، جاسارەتلىك كىشىلەر، ئۆزىنى ھەقىقەت، ھەققانىيەت ۋە گۈزەللىككە ئاتىغان كىشىلەر ياشىسۇن! بىز ئۇلارنى تونىمايمىز، چۈنكى ئۇلار شۇنچە مەغرۇر، تەمەسىزدۇر. بىز ئۇلارنىڭ ئۆز يۈرىكىنى قانداق يالقۇنلاتقانلىقىنى كۆرەلمەيمىز. ئۇلار جۇلالىق پارلاپ تۇرمۇشنى يورۇتىدۇ، ئەمالارغا قۇياشنى كورسىتىدۇ. تېخىمۇ كۆپ ئەمالارغا قۇياشنى كۆرسىتىش كېرەك، بارلىق كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ نەقەدەر مەززىسىز، ئادالەتسىز ۋە مەنىسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش، بۇ خىل تۇرمۇشقا نىسبەتەن قورقۇش ۋە بىزارلىق تۇيغۇسى قوزغاش لازىم. ئۆز ئارمىنىغا دەرماندارلار ياشىسۇن! پۈتكۈل كائىنات ئۇلارنىڭ قەلبىدە، پۈتكۈل دۇنيانىڭ ھەسرىتى، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئازابى ئۇلارنىڭ قەلبىدە. تۇرمۇشتىكى جىنايەت ۋە ئىپلاسلىق، ساختىلىق ۋە ۋەھشىيلىك… ھەممىسى ئۇنىڭ دۈشمىنى؛ ئۇ ئۆزىنىڭ پۈتكۈك ۋاختىنى خۇشاللىق بىلەن جەڭگە ئاتىۋەتكەن، ئۇنىڭ تۇرمۇشى قاينام-تاشقىنلىققا تولغان، دىلنى قايىل قىلىدىغان غەزەپ، غالىبانە سۇنماس روھ… پىداكارلىق، مانا بۇ دۇنيادىكى ئەڭ مەغرۇر، ئەڭ گۈزەل پاراسەتتۇر.

پىداكار كىشىلەر ياشىسۇن!  ياشاشنىڭ پەقەت ئىككى خىل ئۇسۇلى بار: سېسىپ تۈگەش ۋە كۆيۈپ تۈگەش. توخۇ يۈرەكلەر ۋە بالاخورلار سېسىپ تۈگەشنى تاللىسا؛ مەردانە، جەسۇر، پىداكار كىشىلەر كۆيۈپ تۈگەشنى تاللايدۇ. گۈزەللىككە مۇھەببىتى بارلارغا بۈيۈكلۈك ماكانى شۇ قەدەر ئېنىق.

——————————————————-

«تاللانغان خاتىرىلەر» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى.    

 

 

 

 

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى