مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
تامنىڭ كۆزى
تەۋە تۈر: شېئىرلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2011/02/25 | كۆرۈلۈشى: 1,172 قېتىم

 

  

تامنىڭ كۆزى

 

تامنىڭ كۆزى

 

كۈنلەرنىڭ پەرقى يوق ئۆتكەن كۈنلەردىن،

مەن يەنە سەھەردە جىمجىت ئويغاندىم.

نېسىۋەم بار تۇرۇپ نازلىق ئۈنلەردىن،

تاراملاپ تۆكۈلدۈم، يالغۇز مۇڭلاندىم.

 

گۈللەرنىڭ ھىدى يوق ئۈزگەن گۈللەردە،

مەن يەنە سىرىمنى سايەمگە تۆكتۈم.

قۇشلىرىم سەرساندۇر ئالۋۇن چۆللەردە،

قۇرىغان دەريادا لەيلىدىم-چۆكتۈم.

 

كۆزلەرنىڭ دەردى يوق كۆرگەن كۆزلەرگە،

مەن يەنە ھەممىگە بىپەرۋا باقتىم.

ئىزىمدا ئىڭرىغان كېكەچ سۆزلەرگە

ئۆزۈمنى كاچاتلاپ قۇلاقنى ياقتىم.

 

تاملارنىڭ كۆزى بار تاملاردەك سوغۇق،

ئۇخلاشقا ئامال يوق تۈندە خىرامان.

ئېيتمىغان ناخشام بار يۈرەكتە بوغۇق،

تىڭشايدۇ بىر كۈنلەر ئۇنى باياۋان.

  

چۈشلەرنىڭ تەبىرى چۈشلەردە ئايان،

مەن يەنە تەدبىرنى مەيلىگە قويدۇم.

بۇلبۇلنىڭ قىسمىتى تاپمىغاچ ئىمكان،

بىر مەۋھۇم ئىسىمنى يۈرەككە ئويدۇم.

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 
    • ئالماش قاپىيىلىرىڭز بۇزۇلمۇسۇن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى كەچ 14:37
    • سىزنىڭ شېئىرىڭىزنى ئىككى قېتىم ئوقۇمىسام چۈشەنمەمدىم نېمە؟ نادىر شېئىر ئىكەن. قەلىمىڭىزگە قۇۋۋەت تىلەيمەن

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى كەچ 16:59
    • سىز شېئىردىن يىراقلاشماڭ نوھ. شېئىر سىزنىڭ پروزا ئىجادىيىتىڭىزگە لىرىك تۇيغۇ بېغىشلايدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى كەچ 15:02
    • ئەرچىن ئەپەندى، دىمىسىمۇ شېئىردىن يىراقلىشىپ كەتكەنلىكىمنى بارا بارا ھىس قىلىۋاتىمەن، چۈشتاقنىڭ بۇ خىل تۇيغۇنى ھىس قىلدۇرغان شېئىرىغا ۋە بۇ بۇ مۇنبىرىگە رەخمەت!

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى سەھەر 06:10
    • نوھ ئەپەندى، سىز شېئىر ئوقۇمايدىغان ئوخشاسىز، چۈشتاق بولسا ياخشى يازىدىغان ياش شائىرلارنىڭ بىرسى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچ 18:41
    • ئىلگىرى تەرجىمە ئەسەرلىرىڭىزنى ئوقىغان بولساممۇ شېئىرلىرىڭىزنى كۆرمىگەن ئىكەنمەن، ھىسسىياتنىڭ چىن ۋە قېنىقلىقى، پىكىرنىڭ جانلىقلىقى، تۇيغۇنىڭ ئۆزگىرىشچان ۋە تەسەۋۇرنىڭ زىچ باغلىنىشى (ماسلىشىش)ئۆزگىچە ئىكەن. سىزگە يەنىمۇ مۇۋاپىقىيەتلەر يار بولسۇن!

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى كەچ 15:31
    • …….
      قۇرىغان دەريادا لەيلىدىم-چۆكتۈم،
      …………
      ئېيتمىغان ناخشام بار يۈرەكتە بوغۇق،
      تىڭشايدۇ بىر كۈنلەر ئۇنى باياۋان.
      …………….
      ئېسىل مىسرالاردا پۈتۈلگەن نادىر شېئىر بوپتۇ.
      ئوسمانجان ئاكىمىزنىڭ ئۇسلۇبىغا ئوخشىسىمۇ، يەنە ئۆزگىچە تېرەنلىك چاقناپ تۇرىدىكەن.
      قەلىمىڭىزگە يەنىمۇ نۇسرەت تىلەيمەن!

      ………..

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى كەچ 13:30

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى