ئاپتورى: جاۋ لىخوڭ
چۈشتاق تەرجىمىسى
1
ئالەمدە پەقەت بىرلا نەرسە توسالغۇسىز، ئۇ دەل ۋاقىتتۇر.
ۋاقىت بىزگە يۈزلىنىپ ئۈن-تىنسىز كېلىدۇ. ئۇ يېنىڭىزدىن ھېچ شەپىسىزلا ئۆتۈپ كېتىدۇ، پۇشمانغا ئىمكان بەرمەيدۇ. سىز تۇتۇپ قالماقچى بولغان ھازىر دەقىق ئىچىدە ئۆتمۈشكە ئايلىنىدۇ. مۇستەھكەم تام-توسۇقلار، زەبەردەس پەھلىۋانلار، كۆككە تاقاشقان چوققىلار، تەگسىز دېڭىز-ئوكيانلار ئىلكىڭىزدە بولسىمۇ ئۇنىڭ قەدىمىنى توختىتىشقا ۋەياكى ئاستىلىتىشقا قادىر ئەمەسسىز.
كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە، سىز كۆرگەن رېئاللىق تارىخقا ئايلىنىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئالەمدىكى ئىزناسىغا ئايلىنىدۇ.
2
كۆزىمىزگە سىغدالغان بارلىق دەل ئۆتمۈشنىڭ دەقىقىلىرىگە جەملەنگەن، ھەممىسى ۋاقىتنىڭ قەدەم ئىزى.
يېقىندا مەن ياۋرۇپادا ساياھەت قىلدىم. پومپېيە شەھرىدە، بۇنىڭدىن 1000نەچچە يۈز يىللار بۇرۇن يانار تاغ پارتلاش سەۋەبلىك ھالاك بولغان قەدىمىي شەھەر ئىزنالىرىغا قاراپ، ئىنسانىيەتنىڭ سىرلىق تەبىئەت ئالدىدا قانچىلىك ئاجىز ۋە ئەرزىمەسلىكىنى ھېس قىلدىم. پومپېيە شەھرىنىڭ ھالاك بولۇشى دەقىقە ئىچىدىكى ئىش، يانار تاغ شىددەتلىك پارتلاپ، ماگما ۋە لاتقىلار دەقىقە ئىچىدە يەر يۈزىدىكى ئاۋاتلىقنى دەپىنە قىلغان. ئەينى يىلىدىكى شەھەر ئاۋاتلىقىدىن ئەسەرمۇ يوق، ئەتراپ جىمجىت. ئەمما ھەممە نەرسە يەنە ئۆز جايىدا، قاتار كەتكەن كوچا ئىزنالىرى، سۇنغان، ئۆرۈلگەن تۈۋرۈكلەر، غېرىبانە خان ساراي، كۆلچەكلەر، ئۆتكەن 1000نەچچە يۈز يىل… لارنىڭ ھەممىسى ئەنە شۇ نەقىشلىك تاشلارغا ھىملەنگەن. ئاشۇ ئۆلۈم ئالدىدىكى تىركىشىش قىياپىتى ئىپادىلەنگەن كۈلرەڭ ھەيكەللەرمۇ قانداقتۇر كېيىنكىلەرگە ۋاقىتنىڭ رەھىمسىزلىكىنى بايان قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى. نېرىدىكى يانار تاغ سۈكۈتكە چۆمگەن بولۇپ، ئەينى يىلىدىكى پارتلاش ئۇنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن ئىدى. تەبىئەت ھەرقانچە تەڭداشسىز بولسىمۇ، ۋاقىت ئالدىدا ئۆز ھەيۋىسىدىن مەھرۇم ئىدى. ۋاقىت بارلىق ئۆتمۈشنى تاش ھەيكەللەرگە سىزغان ئىدى.
3
مەن رىمدا 2400يىللىق تارىخقا ئىگە مۇقەددەس ئىلاھ قەسرىگە كىرىپ، قۇياش نۇرىنىڭ تورۇستىكى ئەگمىلەردىن چۈشۈپ، قەسىرنىڭ ئىچىگە يېيىلغانلىقىنى كۆردۈم. 2000يىلدىن بېرى قۇياش ھەركۈنى ئۆز خاسلىقىدا بۇ مۇقەددەس قەسىرنى يورۇتۇپ كەلگەن. ئوخشاشلا ۋاقىتمۇ يىلسېرى ئۆز ھىممىتىدە بۇ ھەيۋەتلىك قەسىرنى قەدىمىيلىككە قاراپ يۈزلەندۈرگەن.
قەسىرنىڭ بىر بۇلۇڭىدا رەسسام رافېلنىڭ قەبرىسى بولۇپ، بۇ قەدىمىي قەسىردە پەقەت ئۇلا ياش كۆرۈنەتتى. ئەمما مەن بۇ قەسىر ئىچىدە تۇرۇپ، ئۆزۈمنى خۇددى دۇنياغا يېڭى كۆز ئاچقان سەبىي بوۋاقتەك ھېس قىلدىم.
دانالار ئۆز مىسرالىرىدا ۋاقىتنى ئېقىن سۇغا ئوخشىتىدۇ، ئەمما ئېقىن سۇنىڭمۇ توختاش پەيتى بولىدۇ. ۋاقىت نۇرغا ئوخشايدۇ، قاراڭغۇدا بىرلا چاقناپ غايىب بولىدۇ. كۆز نۇرۇم قەسىرنى يورۇتۇپ تۇغان قۇياش نۇرى بىلەن كېسىشىپ، قەدىمىي ھەيكەللەرنىڭ كۆزى بىلەن ئۇچراشقان دەقىقىدە، ۋاقىت قىسقا مۇددەت تۇرغۇنلۇققا ئېرىشكەندەك تۇيغۇدا بولدۇم. بۇ بىر خام خىيال خالاس، ئۆتكەن ۋاقىت ئەسلا قايتىپ كەلمەيدۇ، ئەلۋەتتە. بىز ۋاقىتنىڭ ھەيكەللىرىدىن زوقلىنالايمىز، ئەپسۇس، ئۆتكەن ۋاقىتنى باغاشلاشقا بىچارىمىز.
4
ئاقىۋەت يەنە جۇڭگوغا، ئۆز تۇرمۇشۇمغا قايتىپ كەلدىم. ۋاقىت ھەردەقىق، ھەرجايدا مەۋجۇت. بىزنىڭ ھاياتىمىز مەڭگۈ ئالغا مارشىدۇر.
ھازىرقى ۋاقىت دەل يېنىمىزدىن شەپىسىز ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ۋاقىتتۇر، بەلكىم ئۇ ئەڭ قىممەتلىك، ئەڭ جەلبكاردۇر. ئۇ خام خىيالنى رېئاللىق، رېئاللىقنى خام خىيال قىلىشقا ئىمكانلىقتۇر.
مەن ئەتراپىمدىن ھەرۋاقىت ۋاقىتنىڭ رېتىملىق تىۋىشىنى ئاڭلاپ تۇرىمەن. ياسىلىۋاتقان يول-كۆۋرۈكلەردىن، قەۋەت-قەۋەتلەپ ئېگىزلەۋاتقان بىنالاردىن، يولدىكى قىز-يىگىتلەرنىڭ شوخ قىلىقلىرىدىن، باغچىدا چېنىقىۋاتقان بوۋاي-مومايلارنىڭ تەبەسسۇمىدىن، ھەتتا يول بويىدىكى گۈل-گىياھلارنىڭ قۇياش نۇرى ھىممىتىدە يايرىغان ياپراقلىرىدىن ۋاقىتنىڭ دۇنيانى ئۆزگەرتىش ئىستىكىدە تىرمىشىۋاتقانلىقىنى كۆرىمەن.
بوۋاقلارنىڭ يىغىسى، سەبىيلەرنىڭ كۈلكىسى، ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ خۇمارلىق بېقىشلىرى، قىران ياشلىقلارنىڭ ئاق چاچلىرى، قېرىلارنىڭ چېكىسىدىكى قورۇقلىرى دەل ۋاقىتنىڭ ياڭراق كۈيىدۇر. يۇمران بىخ، خۇشھىد چېچەك، ئەركىن ياپراق، تاڭدىكى شەپەق، كىشىنى مەھلىيا قىلغۇچ كەچكى قۇياشلارنىڭ ھەممىسى ۋاقىتنىڭ تىنىقىدۇر.
ۋاقىتقا يۈزلەنگىنىمىزدە، زەپەرمۇ بار، خەتەرمۇ ھەم بار. غالىبلار ۋاقىتنىڭ يۈكسەكلىكىدە شادلانغاندا، غاپىللار ۋاقىتنىڭ رەھىمسىزلىكىدە نادامەت چېكىدۇ.
ۋاقىتنى قەدىرلەش تۇرمۇشنى، ھاياتنى ۋە ئىنسانىيەتنى سۆيگەنلىكتۇر.
5
ئەڭ سىرلىق، بوي بەرمەس نەرسە دەل كەلگۈسى ۋاقىتتۇر. ھېچكىم ئۇنىڭ قىياپىتىنى خاتاسىز تەسۋىرلىيەلمەيدۇ، ئەمما، ئۇ يېقىنلاۋاتقان ئىمكانىيەتلەرنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. بەلكىم، پەقەت كەلگۈسى ۋاقىتلا پىلانغا، قىياسقا لايىقتۇر. چۈنكى، بىز ۋاقىت ئاتا قىلماقچى بولغان ئىمكانىيەتلەرگە ياراشماقچى بولىمىز، كەلگۈسى تۇرمۇشقا ماسلاشماقچى بولىمىز. ھەرخىل بولغۇسى مالامەتكە، تالاپەتكە رۇسلانماقچى بولىمىز. يېڭى سەپەر ئۈچۈن يول، كۆۋرۈك، ماياكلارنى راسلىماقچى بولىمىز.
بىز زارىققان ھاياتلىق ھامان گۈزەلدۇر.
مەن كەلگۈسى ۋاقىتقا دەيمەن: كەلگىن، كۆزىمىز تۆت بولدى!
- خۇشخۇي: بۇ بۆلەكتىن بىلىشىمچە ياخشى چىققان رومانكەن. ھەزرەتئىلىنىڭ ت
- غازى: ئۆزلۈك پايانىغا سەپەر قىلدىم
- Adeline K. Sampson: رەھمەت ئاكا، «يىگىرمە پارچە مۇھەببەت لېرىكىسى ۋە بىر ئۈمىدسى
- خۇشخۇي: ئالدى بىلەن «چۈشتاق تور پۈتۈكلىرى»تورى ئۇسلۇبىنىڭ يېڭىلانغان
- تۈركزات: شائىر ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ ئانا تىل ھەققىدىكى شېئىرىنى ئوقۇپ ي
- ئاتىلار، خەنجەر ئوسمانجان ساۋۇت، ئانا تىل ئىجادىيەت، خاسلىق ئىجادىيەت، يازغۇچى ئىجادىيەت، يازغۇچى، قەلەم ئىمىن تۇرسۇن، شېئىر ئۆز، رومكا، شامال ئۆزلۈك ئۈندىدار ئەدەبىيات، ئىستىل ئەدەبىيات، بىمەنە ئەدەبىيات، نادىر، ئالىيجاناب باغنا، يايلاق باھار، شېئىر بۇلاق، سۆيگۈ بېي داۋ، تۇيغۇ بەخت، فىلىم تار كوچا، پوۋېست تارىم تارىم، ئەدەبىيات تۇلپار، ئەسەر، پوۋېست تېڭىرقاش، ياشاش، ھېكمەت تەرجىمە، شېئىر تەنقىد، بايقاش تەنھالىق، ئالۋۇۇن جىبران، شەپە جەننەت، ئەما خازان، كىتاب دادام رومان، ۋاڭ ئەنيى رىيۇ ئەنكىم زاھىر ئابدۇراخمان سايە، تەنھالىق، يېتىم سوسۇر، ئانا تىل سوسۇر، ئەدەبىيات شائىر، ئاۋام، قەلب شۈ جىمو، شېئىر، تەبىئەت شېئىر، ئانا، ۋاقىت شېئىر، تەرجىمە شېئىر، شامال، ئۆلۈم شېئىر، ماكان شەھەر، غېرىبلىق غوجىمۇھەممەد غېرىپ، ساراڭ قار، يار قىسمەت، مۇھەببەت كاتلىن راينى، شېئىر كۆز، دادام كۆز، گۈل كۆكلەم، چىمەن مويەن، نوبېل مۇھەممەد خېۋىر مېھىر، ئىران نەسىر، تەرجىمە نەسىر، تەرجىمە، سىرلىق يالعۇز يايلاق، خاتىرە يۇرتۇم، بەشكېرەم پابلو نېرۇدا، شېئىر پەرھات تۇرسۇن چۈشتاق گوركى، ۋاقىت ۋىسال، ھىجران، پەسىل، ئەركەم
نەچچە مىڭ يىللىق تارىخنىڭ قىسقا كۆرۈنۈشلىرى، ھاياجانلىق خىياللار قىسقا نەسردە(ساياھەتنامەدە) شۇنداق يىغىنچاق ئىپادە قىلىنىپتۇ. ھەزرەتئەلىنىڭ تىل بايلىقى بارغانسېرى تاكامۇللىشىپ بېرىۋېتىپتۇ.ئەدەبي تەرجىمە ئەمگەكلىرىڭىزنىڭ مېۋىسى تېخىمۇ ھوسۇللۇق بولسۇن!
مەن بۇ نەسرنى ئوقۇپ چىقىپ، ‹‹ بىزنىڭ نەسر يازغۇېىلىرىمىز خەنزۇلارنىڭ نادىر نەسىرلىرىدىن ئۆرنەك ئالسىمۇ ياخشى ئەسەرلەر يېزىلىپ چىققۇدەك›› دەپ ئويلاپ قالدىم.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بلوگنى رەسىملىك ئۇلىنىش قىلىپ قويدۇم. بلوگىمنى ئۇلىنىش قىلىپ قويالارسىزمۇ؟
لوگو:http://www.quttikin.com/wp-content/uploads/2011/06/3578485.gif
بلوگىڭىز ئۇلىنىشقا قېتىلدى.
ھەممىمىز ۋاقىت ھەممىدىن قىممەتلىك دەيمىز، ئەمما مۇتلەق كۆپچىلىكىمىز شۇ قىممەتلىك ۋاقىتنىڭ قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرمايمىز!…
تەرجىمىڭىزگە رەھمەت، مۇشۇ كۈنلەردە تەرجىمىڭىزگە قول قويىدىغان بولۇپ قالدىم جۇمۇ!