مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
قىزىل راۋاقتىكى چۈشنىڭ ماكانى
تەۋە تۈر: تەرجىمىلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2011/11/09 | كۆرۈلۈشى: 838 قېتىم

ئاپتورى: ليۇ شىڭلوڭ

تەرجىمان: چۈشتاق

ھەرقانداق تارىخىي دەۋردە، سىياسىي بىلەن ئەدەبىياتنىڭ ئارىلىقى يىراق بولىدۇ. ئۆز-ئارا كۈزىتىشى نىسبەتەن كەڭرەك بولىدۇ. ئەدەبىيات ئاۋۋال ئۆزى مەۋجۇت دەۋر بىلەن تەقدىرداش بولىدۇ. ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ بارلىققا كېلىشىدىن تارتىپ گۈللىنىشىگىچە، جۇڭگو ئەدەبىياتى ئىزچىل دۆلەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆز زىممىسىگە يۈكلەپ، ھەممە كىشى تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان، ئەسلىدىن ئەدەبىيات ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك بولمىغان بىر تالاي ئېغىر مەسئۇلىيەتكە يۈزلەندى. بۇ بىر مەزگىللىك تارىخ تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن ئەلۋەتتە. ئەدەبىياتتا كىلاسسىكلىقنىڭ مۇھىم ئامىلى دەل ئۇنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ تەقدىرى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغانلىقىدىدۇر.

پەقەت ئاشۇ ئەمەلىي نەپ بېرىدىغان كىتاب-خاتىرىلەرگىلا ئېسىلىۋېلىش ئەمەلىيەتتە كىتاب ئوقۇغانلىق بولمايدۇ. بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى كىتاب ئوقۇش ئەمەلىيەتتە كىشىنىڭ تەپەككۇرىنى غىدىقلاش، ئويغىتىش ھالىتىدىكى كىتاب ئوقۇشتۇر. شۇڭا، كۆپ ساندىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئەدەبىي كىتابلارنى ئوقۇش ئەڭ ياخشى تاللاشتۇر. مەسىلەن، ئەمەلىي نەپگە زىيادە ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن، لۈشۈن ھايات چېغىدا بولسۇن ياكى كېيىنكى چاغلاردا بولسۇن، ئۇنىڭغا قارىتا بولغان تەتقىقات ۋە شەرھىلەردە ھامان چوڭقۇر بىر تەرەپلىمە قاراش مەۋجۇت بولۇپ كەلدى. مۇشۇ جەھەتتىن، مەن ئەسەرلىرى ئارقىلىق چۈشەنگەن لۈشۈن ھەرگىزمۇ ھەممە ئېتىراپ قىلغان، ئۆز يازمىسىنى خەنجەر ھەم نەشتەر ئورنىدا كۆرۈدىغان لۈشۈن ئەمەس. مېنىڭچە بۇ نۇقتا ئىنتايىن مۇھىم، لۈشۈن روھىنى پەقەتلا مەلۇم سىنىپ ياكى ھاكىمىيەت دائىرىلىرىنىڭ دۈشمىنى دەپ چۈشىنىشكە بولمايدۇ.

پەقەت ئەدەبىي ئوزۇقلا بىزگە ئالىيجانابلىقنىڭ دەل ئىجتىمائىي قىممەتنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرالايدۇ. بىز بىرئەۋلاد كىشىلەر رۇسىيە ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىدۇق، زور كۆپچىلىك نۇقتىسىدىن قارىغاندا يەنىلا گوركىينىڭ تەسىرىگە بەكرەك ئۇچرىدۇق. مەن ئالىيجانابلىقنىڭ قانداق قىلىپ ئەدەبىيات بىلەن بىللە مەۋجۇت بولىدىغانلىقىنى خىيال قىلغىنىمدا، گوركىينىڭ كىلىپ-چىقىشى ۋە ئىجادىيىتى سەۋەبلىك گاڭگىراپ قالغان چاغلىرىم بولغان. جۇڭگو ئەدەبىياتى گوركىي ئىزچىل مۇنداق دەپ باھا بېرىدۇ: «سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پۇرۇلتارىيات يازغۇچىسى، سوتسىيالىستىك رېئالىزىملىق ئەدەبىياتنىڭ ئاساسچىسى. ئۇ نامرات ئائىلىدە قىيىنچىلىق ئىچىدە چوڭ بولغان، دادىسى كىچىكىدە تۈگەپ كەتكەن. 11ياش چېغىدىن باشلاپلا تىرىكچىلىك ئۈچۈن سەرسان بولۇشقا باشلىغان. ھامماللىق ۋە بولكىخانا ئىشچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. نامراتلار كەپىسى ۋە پىرىستان ئۇنىڭ جەمئىيەت ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دەرسخانىسى بولغان. ئۇ ئەمگەكچى خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇپ، كاپىتالىزىمنىڭ رەھىمسىز ئېكىسپالاتاتسىيەسى ۋە زومىگەرلىكىنى باشتىن كەچۈرگەن. بۇ ئۇنىڭ ئىدىيەسى ۋە ئىجادىيىتىنىڭ يۈكسىلىشىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن.» يۇقارقى بايانلاردىن بىز ناھايىتى ئاسانلا ئۇ يازغان مەشھۇر ئەسەرلەرنى چۈشىنىپ يىتەلەيمىز. ئەمما، جۇڭگولۇق ياش ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن تەسىرى تېخىمۇ زور بولغىنى بەلكىم ئۇنىڭ روھىي دۇنياسىنى بەكرەك ئېچىپ بېرەلەيدىغان ئەسەر «بورانقۇش قوشىقى» ناملىق ئەسىرى بولسا كېرەك. ئاشۇ ئالىيجاناپ بورانقۇش شۈبھىسىزكى گوركىي پەزىلىتىگە تەققاستۇر.

خېلى يىللاردىن كېيىن، ئوغلۇممۇ مېنىڭ ئەينى چاغدىكى ياش چاغلىرىمغا ئۇلاشقاندا، گوركىي ئۆسمۈرلۈك ۋە بالىلىق چاغلىرىدا ياشىغان قازان شەھرىدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. مەن شۇندىلا، رۇسىيەلىكلەرنىڭ تۇرمۇشىنى چۈشىنىشكە مۇۋەپپەق بولدۇم. ئوغلۇم كېيىنچە ماڭا زارلاپ، قازان شەھرىنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنىڭ ئىنتايىن ناچارلىقىنى، كوچىلاردا بۇلاڭچىلارغا ئۇچرايدىغان ئىشنىڭ جۇڭگودا خالىغان يەرگە تۈكۈرگەندەكلا كۆپ ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئون نەچچە يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان بىر جۇڭگولۇق پرافېسسور ئۇلارغا بىر مەخپىيەتلىكنى ئېيتىپ بېرىپ، ئوغۇللار ناۋادا سىرتقا چىقماقچى بولسا چوقۇم بىر قىز ساۋاقدېشىنى ھەمرا قىلىۋېلىشنى تاپىلىغان. چۈنكى رۇسىيەلىك ئەرلەر ئۆيدە ئايالىنى ئۇرسا، قۇسۇققا مىلىنىپ كوچىدا يېتىپ قالسا قالىدىكەنكى، ھەرگىز بىر ئايالنىڭ ئالدىدا بىر ئەرنى بۇلىمايدىكەن. شۇندىلا مەن رۇسىيە ئەدەبىياتىنىڭ يۈكسەك ئالىيجاناب ئورنىغا دەل تۇرمۇشتىكى كىچىك ئىشلارنىڭ مەنبە بولغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم. كېيىن قارىسام، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى بىلەن دۇنيانىڭ تەرەققىياتىدىكى چوڭ پەرقنىڭ ھەرگىزمۇ بۈيۈك شەيئىلەر ۋەجىدىن ئەمەس، بەلكى ئاددىي تۇرمۇشنىڭ ئۆزىدىلا ناھايىتى زور ئارقىدا قالغانلىقىمىز ۋەجىدىن ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، جەمئىيەتتە راستىنلا يېڭىش-يېڭىلىش بولىدىغان بولسا، مەيلى يەڭسۇن ياكى يېڭىلسۇن، مەيلى يەڭگەنلەر سۇلتان، يېڭىلگەنلەر ئۇلتان بولسۇن، بارچە نەتىجە دەل ئاشۇ باشلىنىش نۇقتىسىدىكى تۇنجى قەدەم سەۋەبىدىن بولىدىكەن. تېزەكنى بۆرەك ئورنىدا كۆرۈدىغان مۇھىتتا، گۆھەرنىڭ پەيدا بولۇش ئىمكانىيىتى ئەسلا يوق بولىدىكەن. ئار-نومۇسنى بىلمەيدىغان بىر قەلب ئىگىسىنىڭ قولىدىن ھەرگىزمۇ ئالەمشۇمۇل ئۆلمەس ئەسەر روياپقا چىقمايدىكەن.

يېقىنقى زامان تارىخىدىكى بىر ئۆلمەس ئەسەرگە ئوخشاش، شاڭخەينىڭ جۇڭگودىكى، ھەتتا دۇنيادىكى ئورنىمۇ دەل ئۇنىڭ ئۆزىگە جەم قىلغان ئالىيجاناپ سالاپىتىدىن بولغان. ماددىي بايلىقنىڭ كۆپىيىشى ئۇنچە تەس ئەمەس، ئەمما كىشىلەرنىڭ ئەدەبىيات سەنئەتكە بولغان دائىملىق ئىشەنچىسى ۋە مۇھەببىتىنى كۈچەيتمەك تولىمۇ مۈشكۈل. ھازىرقى كىشىلەرنىڭ ئەدەبىياتنى رايونلار بويىچە تۈرگە ئايرىش خاھىشى بويىچە، جۇڭگولۇقلارغا نىسبەتەن، ئاشۇ كىلاسسىك ئەدەبىيات ئىچىدىن ئېنىق ئايرىلىپ چىققان يېڭىچە ئەدەبىياتنى «شاڭخەي ئەدەبىياتى» دېيىشكە تامامەن بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، شاڭخەينىڭ ئىجتىمائىي ئورنى ۋە شۆھرىتى ئەدەبىياتنىڭ ئۆزىگە زور ئىمكانىيەتلەرنى ئاتا قىلدى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 20-،30-يىللىرىدىكى پروزىچىلىق، شېئىرىيەت ۋە كىنو-تىياتىرچىلىق شاڭخەينىڭ شەرقتىكى نۇرغۇن شەھەرلەرنى بېسىپ چۈشىدىغان ئالىيجاناب سالاھىيىتى ۋە سۈلكىتىگە ئاساس سالدى. ئۇچۇر-ئالاقە ئارقىدا قالغان ئەينى دەۋردە، كېچە بولماس شەھەر دەپ تەرىپلىنىۋاتقان شاڭخەي دەل ئەدەبىياتنىڭ مول سېھرىي كۈچىگە تايىنىپ، شەھەرنىڭ كۆركەم قىياپىتىنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن بىر تالاي كىشىلەر ئۈچۈن، كىشىلىك ھاياتنىڭ ئارزۇ سەپىرىنى باشلاپ بەردى.

نېمىشقا «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»نى نادىر بىر ئەسەرنىڭ ئۈلگىسى دەپ قارايمىز؟ چۈنكى «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»نىڭ ئەسلى ماھىيىتى ئالىيجانابلىق، ئۇنىڭدىكى پىرسوناژلار بولسۇن ياكى تۇرمۇش بولسۇن، ھەممىسى بىر دەۋر روھىنىڭ جەۋھىرى. مۇشۇ ئاساسىي ماھىيەت كەمچىل بولىدىكەن، كوچا پاراڭلىرىغا تايىنىپلا تەقلىد قىلىش بىھۇدىدۇر. ئىنساننىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىشى دەل ئۇنىڭ قەلبىدە پىنھان بولغان ئالىيجانابلىق ئىستىكىنىڭ قۇترىتىشىدىندۇر. كىشىلىك تۇرمۇشتىكىگە ئوخشاش، بەزىلەر پەسەندىلىككە تايىنىپ ۋاقتىنچە گىدەيسىمۇ، ئەمما بىر ئۆمۈر ئاشۇنداق پەسەندىلىك قىلالامدۇ؟

ئاتالمىش ئاقىللىق ئەلۋەتتە ئاز سانلىق بولىدۇ. كۆپ ساندىكى كىشىلەر پەقەت مەلۇم بىر خىل ئېقىمغا ئەگىشىپ ئېزىقىپ يۈرەمدۇ قانداق؟ ھەقىقەت بەزىدە ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئىلكىدە بولۇشى مۇمكىن. ئاشۇ ئەدەبىياتنىڭ نامىنى سېتىپ يولدىن چىقىپ، ئەينى يىللاردىكى ئوڭچىللىققا قارشى تۇرۇش ۋە چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش دېگەندەك ئۆزىنى چاغلىمىغان ئىشلار ھەددىدىن ئاشقان مۇبالىغىدۇر. ھەممىسى بېسىلماس نەپسى ئۈچۈندۇر، يەنە ئەينى يىللاردىكى كىشىنى ئۆلۈم گىردابىغا ئىتتىرىدىغان زوراۋان ۋاستىلەرمۇ ھەم نەپسىنى ھەممە ئۈچۈن ئىشقا سالغانلىقتۇر. بۇ خىل چېكىدىن ئاشقان زوراۋانلىق ھەم تېرىقچىلىك نەپنىمۇ قولدىن بەرمەيدىغان نەپسانىيەتچىلىك خائىشى ئەدەبىياتنىلا ئەمەس بەلكى يەنە ئىنساننىڭ ئۆز مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن چوقۇم ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئەقىل پاراسىتىنىمۇ ئۆز سىنىقىدىن ئۆتكۈزىدۇ.

ئەدەبىيات مۇھتاج بولغان ئالىيجانابلىق يازغۇچىنىڭ قېنىدا بولىدۇ. ئەگەر يازغۇچى ئالىيجانابلىقنىڭ تەخىرسىزلىكى ھەم مۇھىملىقىنى ماھىيىتىدىن تونۇپ يەتمەيدىكەن، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئالىيجانابلىقنىڭ شەپىسىنى ئىزدەشكە ئىمكان يوق. ئەمما، تالاي كىشىلەر ئالىيجانابلىقنى كۆپىنچە كۆرەڭلىك، ئوقۇرى ئېگىزلىك دەپ چۈشىنىۋالىدۇ، ياكى ئەكسىچە كۆرەڭلىكنى ئالىيجانابلىق دەپ چۈشىنىۋالىدۇ. ھەقىقىي ئالىيجانابلىق دەل ئىنساننىڭ زەكىيلىكىنىڭ بىر بەلگىسى.

بىزنىڭ كۈندىلىك كىتاب ئوقۇش ئادىتىمىزگە قارايدىغان بولساق، بىر مەزگىل ئەۋج ئالغان چۆچەكلەر ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا ئىپادىلەنگىنى ئىنساننىڭ قەلبىگە يوشۇرۇنغان تۈرلۈك نارازىلىق ۋە ئىسيانلاردۇر. مەسىلەن، داڭلىق تىپ «ليۇ ھەدە» گە ئوخشاش رىۋايەتلەر ئەل ئارىسىدا نەچچە مىڭ خىلدىن ئارتۇق ۋارىيانتا تارقالغان بولسىمۇ، ماھىيىتى ئوخشاش، يەنى پۇلدار ئەخمەقلەرنىڭ ھەمىشە ئەقىللىق نامراتلارنىڭ ئەخمەق قىلىشىغا ئۇچرىشى؛ ئىلىمدە كامالەتكە يەتكەن ئاقىللار، يەنى كېيىنچە زىيالىي ئاتالغانلارنىڭ دائىم يارىماس كىتاب خالتىسىغا ئوخشىتىلىشى؛ ھېچ بىر ئىشنى تۈزۈك قىلالماسلىقى قاتارلىقلار ئاساسەن ئوخشاشتۇر. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىمىزغا بىر خىل زوراۋانلىق خائىشى يوشۇرۇنغان بولۇپ، مەلۇم بىر نەرسىگە ئېرىشەلمىگەن ۋاقىتتا، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئاشۇ نەرسىنى يوقىتىش ۋە سەلبىيلەشتۈرۈش يولسىزلارچە باشلىنىدۇ. ئۆزى ئېرىشەلمىگەن نەرسىگە باشقىلارمۇ ئېرىشىشنى خام خىيال قىلماسلىقى كېرەك، بۇ خىل مۇتەھەملەرچە يۈزسىز ھالەت پەيدا قىلغان ناچار ئاقىۋەت دۇنيا تارىخىدىلا يۈز بېرىپ قالماي، بۈگۈنكى دۇنيادىمۇ، مەدەنىيات ساپاسى قانچىكى تۆۋەن جايدا شۇنچىكى ئەدەپ يۈز بەرمەكتە.

ئىنسانىيەتنىڭ ئالىيجانابلىقى ئۆتمۈشتىكى دەۋرلەردە بىر قىسىم ھەشەم بويۇملار ۋە ھەشەم تۇرمۇش شەكلىنىڭ ياردىمىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. ماددىي جەھەتتىكى تۇرمۇش پەرقى كۈنسايىن يوقىلىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋردە، روھىي پاكىزلىقنىڭ مۇھىملىقى تېخىمۇ گەۋدىلىك بولماقتا. ياشاش سۈپىتى جەھەتتىكى پەرق بارغانسېرى ئازىيىۋاتقان كەلگۈسىدە بۇ خىل ئامىلنىڭ تولىمۇ زۆرۈر ئامىلغا ئايلىنىشىدا ئەسلا گۇمان يوق.

كىتابخانلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار جۇڭگوچە مەسىلىلەرگە دەل ھەممە كىشىنىڭ قىلدەك ئەجرىگە پىلدەك نەپ ئېلىش ئىستىكى سەۋەب بولغان. ياۋروپانىڭ بەزى جايلىرىدا يۈز يىل بۇرۇن قۇرۇلۇش باشلانغان سەنئەت سارايلىرىنىڭ ھازىرغىچە پۈتمەسلىكىنى جۇڭگولۇقلار ئۆزىچە ھاماقەتلەرچە مەسخىرە قىلىدۇ. كىشىلەرنىڭ مەنىۋىي تەشنالىقىنى قاندۇرىدىغان ئەدەبىيات مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ دەستىكى ئەمەس، ئەمما ئۇ چوقۇم دۇنيانىڭ غورۇرى بولۇشى كېرەك.

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى