مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
تۇيغۇ سەپىرى
تەۋە تۈر: تەرجىمىلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2011/10/26 | كۆرۈلۈشى: 521 قېتىم

ئاپتورى: جاۋ لىخوڭ

 چۈشتاق تەرجىمىسى

 

سۈبھىدىكى قۇياش نۇرى دەرەخ شاخلىرى ئارىسىدىن شۇڭغۇپ، دېرىزە پەردىسىگە چۈشتى. نۇرلۇق چىكىتلەر ساناقسىز كۆزلەردەك شوخ، يارقىن ۋە ھەيرانلىق ئىلكىدە تەرەپ-تەرەپتىن كۆز ئالدىمدا جۇلالاندى. ئۇلارغا زېھىن بەرمەكچى بولدۇم، ئەپسۇس، ئۇلار بىردىنلا تۇتۇقلىشىپ، غۇۋالىق ئىچرە غايىب بولدى. كۆزۈم تورلىشىپ، ئالدىم قاراڭغۇلاشتى. ئۇلار يەنە پەيدا بولۇپ، بايىقى ئورۇندا گاھ غۇۋا، گاھ سۈزۈك سىياقتا جەملەندى. شوخ كۆزلىرىم بىردىنلا قېرىلارنىڭ كۆزىدەك غۇۋالاشتى. گۇمان، ئەندىشە، پەرەز ئىلكىدە كۆزلىرىم ئېنىق كۆرەلمىدى.

سىلەر كىم؟

كۆزۈمنى يوغان ئاچتىم، رەڭگارەڭ نۇر تالالىرى مېنى ئورىۋالدى. بايىقى ئېنىقسىز نۇرلۇق چىكىتلەر غايىب بولۇپ، نۇر تالالىرى لەيلىگەندەك، ئېرىۋاتقاندەك بولدى. كۆزلىرىم يەنىلا شۇلارنىڭ ئارىسىدا تەمتىرەپ، چىمىرلايتتى، ئەمما مەن ھېچنېمىنى كۆرەلمىدىم. پەقەت دېرىزە پەردىسىنىڭ بوشلۇقتىن چۈشۈۋاتقان شارقىراتمىدەك نازۇك، يەڭگىل يەلپۈنۈشلىرىنىلا كۆردۈم. بۇ تولىمۇ يىراقتىكى مەنزىرە ئىدى. كۆزۈمنى يۇمدۇم، نۇر تالالىرى قۇلاق تۈۋۈمدىن ئۆتتى، سانسىز نۇر ئوقيالىرى مەڭزىمنى، چاچلىرىمنى سىيپاپ ئۆتۈپ كەتتى. ئارقامغا بۇرۇلۇشقا ئۈلگۈرەلمىدىم، ئاشۇ يىراقتىكى شارقىراتمىنىڭ يېقىنلاپ كەلگىنى ئېنىق ئىدى. قارلار چاقنايتتى، سۇلار شارقىرايتتى، مەن بىر تامچىغا ئايلىنىپ ماڭا يۈز ئاچقان ئاشۇ شارقىراتمىغا قوشۇلماقچى ئىدىم.

ئاڭلىشىمچە، چۈشمۇ رەڭلىك، رەڭسىز دەپ ئايرىلىدىكەن. بەزىلەر ئىزچىل رەڭسىز چۈش كۆرۈدىكەن. مەنمۇ كۆپ قېتىم چۈشۈمدىن ئويغىنىپ چۈشۈمنىڭ رەڭلىك ياكى رەڭسىزلىكىنى ئەسلىدىم. گاھىدا ئېنىق ئايرىيالمىساممۇ، گاھىدا شۇنداق روشەن.

دېڭىزنى چۈشىگەنلىكىم ئېسىمدە، بەلكىم قېنىق كۆك بولسا كېرەك، ئەمما قارا ۋە ئاقتىن باشقا رەڭ كۆرۈنمىدى. دولقۇن كۈچىگەنسېرى سىياھرەڭ تۈسكە كىردى، دولقۇندىن چاچرىغان تامچىلار كۆزنى چاققۇدەك ئاپپاق ئىدى. دولقۇنلارنىڭ شاۋقۇنى ئارىسىدىن قۇشلارنىڭ زىل ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم، ئەمما قۇش كۆرۈنمەيتتى. ئۆزۈممۇ خۇددى ئاشۇ دولقۇنلارنىڭ بىر قىسمىدەك ئىدىم. ئەپتىم قاپقارا، چوڭقۇر سۇ تەكتىدىن ئۆرلەپ سانسىز ئاپپاق سۈزۈك تامچىلارغا ئايلىناتتىم. ئاشۇ نۇرلۇق ئاق رەڭگە سېغىناتتىم، ئەمما كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يەنە ئاشۇ تەگسىز قاراڭغۇلۇققا غەرق بولاتتىم. ئەمما قۇشنىڭ زىل ئاۋازى ئۈزۈلمەيتتى. گاھ يىراقتىن ئاڭلىناتتى، گاھ قۇلاق تۈۋىمدىلا سايرايتتى. زىل ئاۋازى گاھ نۇسرەت ناخشىسىدەك، گاھ ھەسرەت ناخشىسىدەك ئاڭلىناتتى. گاھىدا تېخى يۇقىرى ئاۋازلىق ئايال ناخشىچىنىڭ ئاۋازىدەك لەرزان ھەم ھېسسىياتلىق ئىدى. بۇ ئاۋازلار خۇددى بوشلۇقتىكى ئىللىق نۇرلاردەك قاپقارا دېڭىزنى يورۇتاتتى. دولقۇندىن چاچرىغان ئاپپاق سۈزۈك تامچىلار دەل ئاشۇ ناخشىنىڭ ئەكس ساداسى ئىدى. قارا رەڭ بىلەن ئاق رەڭنىڭ گىرەلىشىشىدە توختىماي پىرقىرايتتىم، بېشىم ئازراق قايسىمۇ، يەنىلا بىر ئىستەك مېنى قىينايتتى: سايراۋاتقان قۇشچۇ؟ ئۇ نەدە؟ ئۇ زادى قانداق قۇش؟

ئەشۇ سىرلىق ئاۋاز ئىستىكىدە كۆزۈمنى يوغان ئېچىپ، ئۇنى تاپماق بولدۇم. بىر كۆرۈم تۇم قاراڭغۇلۇقنىڭ غايىب بولۇشىغا ئەگىشىپ، قۇشنىڭ سايرىشىمۇ غايىب بولاتتى. ئالەم سۈكۈتكە چۆمۈپ، بارچە كۈلرەڭ سىياققا غەرق بولاتتى. كۈلرەڭ دەل ئاق بىلەن قارىشىنىڭ بېرىكىشى ئىدى. دېڭىز سۈيى پارلىنىپ، بوشلۇقتا غايىب بولغاندەك قىلاتتى. ئەجىبا مەنمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، پەرۋاز قىلايمۇ؟ قۇشنىڭ سايرىشى يەنە ئاڭلاندى، جىددىي بىر چاقىرىققا ئوخشايتتى. دولقۇنلار يەنە مېنى ئورىۋالدى، مۇزدەك ھەم چوغدەك ئىدى. دەل شۇ چاغ ئۇ قۇشنى كۆردۈم. ئۇ قاندەك قىزىل چىكىت ئىدى، بارغانسېرى يېقىنلاپ زورايماقتا ئىدى، ئاق ۋە قارىلىق ئارىسىدا تەۋرىنەتتى. ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارىدىم، كۆزۈم ئۇنىڭ كۆزى بىلەن ئۇچراشتى. ئۇنىڭ كۆزلىرى قىزىل ياقۇتتەك ئىدى. رەڭلىك ئىدى.

مەن نېمىشقا دوپپا كىيىشنى ياقتۇرمايمەن؟ ئەتراپنى قار-مۇز قاپلىغان قەھرىتان كۈنلىرىمۇ دوپپا كەيمەيمەن. دوپپىنىڭ بېشىمنى چىڭ سىقىپ تۇرۇشىدىن سالقىن شامالنىڭ چاچلىرىمنى يەلپۈتۈشىنى ئەۋزەل بىلىمەن. شەكلى ھەرخىل رەڭدار دوپپىلار ئەينى كىشىلەر ئارىسىدا ئېچىلغان گۈلدۇر، ئەنسىزلىك ئىچىدە تەۋرەيدۇ، ئېسەنكىرەيدۇ،. ئۇلار زادى قانداق رىشتىلەرگە سەۋەبكار؟ نېمىشقا ئېچىلىدۇ؟

بالىلىقىمدا دوپپا دۇكىنىدا يۈز بەرگەن بىر ئىش ھازىرغىچە ئېسىمدىن چىقمايدۇ.

ئۇ چاغدا دادام تېخى ياش ئىدى، بەزىدە مېنى ئويناتقىلى ئېلىپ چىقاتتى. بىر قېتىم بىر دوپپا دۇكىنىغا كىردۇق، دادام دوپپا تاللاۋاتاتتى. لېكىن تەكچىلەردىكى مەنزىرە مېنى ئۆزىگە رام قىلىۋالغان ئىدى. تەكچىلەردىكى ھەرخىل دوپپىلار ئادەم بېشىغا ئوخشاش قېلىپلارغا كېيدۈرۈپ قويۇلغان ئىدى. باشسىمان قېلىپلاردىكى ئىپادىسىز ھالەتتىن بىر خىل سۈنئىي كۈلگە جىلمىيىپ تۇراتتى. قارا رەڭلىك دوپپا كىيدۈرۈپ قويۇلغان بىر باشسىمان قېلىپ ئۆزگىچە ئىدى. ئەر يا ئاياللىقىنى بىلمەك تەس ئىدى. كۆزىنىڭ بىرى چوڭ، بىرى كىچىك ئىدى. كۆزلىرىدىن قانداقتۇر بىر گېپى باردەكلا قىلاتتى. مەن قەيەرگىلا بارماي ئۇ ھامان ماڭا تىكىلىپ تۇرغاندەك قىلاتتى، ھەم: مېنىڭ قارا دوپپامنى ياخشى كۆرەمسىز؟ -دەپ ماڭا تەئەججۈپ ئىلكىدە قارىغاندەك قىلاتتى. يالغان تۇرۇپمۇ ئەجەب راستەكلا ھە؟

بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، چۈشۈمدە ئاشۇ قارا دوپپىلىق باشسىمان قېلىپنى كۆردۈم: تالادىن ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، ئىشىكنى ئاچالماي تۇرسام ئارقامدىن يۆتەل ئاۋازى ئاڭلاندى. بۇرۇلۇپ قاراپ ئەندىكىپ كەتتىم، نەچچە كۈن ئاۋۋال دوپپا دۇكىنىدا كۆرگەن ھېلىقى باشسىمان قېلىپ ماڭا قاراپ ھەييارلارچە كۈلىۋاتاتتى. بىرھازا قارىشىپ تۇرغاندىن كېيىن ئۇ توپتەك سەكرەپ كەتتى. بار كۈچۈم بىلەن ئىشىكنى ئاچتىم، ئۆي ئىچىمۇ قاراڭغۇ ئىدى. پۇتلىرىم مىخلىنىپ قالغاندەك قەدەملىرىم مىدىراي دىمەيتتى. ئارقامدىن بولسا پالاقشىغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ھېلىقى قارا دوپپىلىق قېلىپ ماڭا قاراپ كېلىۋاتاتتى…

شۇ يەرگە كېلىپلا ئويغىنىپ كەتتىم. كۆزۈمنى ئاچسام دادام بېشىمدا مېھرىبانلىق بىلەن ماڭا قاراپ تۇرۇپتۇ.

سۈكۈتكە چۆمگەن تۇپراققا بالىلىقتىكى سىرلار يوشۇرۇنغان بولىدۇ.

مەن تۇپراق ئاستىغا كۆمگەن كىچىككىنە ھەشقىپىچەك ئۇرۇقى تۇپراق ئاستىدا ئۆز مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن تىركەشمەكتە. ھەركۈنى سەھەر ئۇلارنى سۇغىرىمەن، كۈزىتىمەن. جىمجىت ئەمما ھەيۋەتلىك نەمخۇش تۇپراق گەرچە ئاددىي بىر تەشتەكتە تۇرسىمۇ، مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇ دەل ئېتىزدۇر، دالىدۇر، تەبىئەتتۇر. ئۇرۇق ئاخىرى بىخ ياردى، قۇش بالىسى تۇخۇمنى چېقىپ چىققاندەك ئىككى ياپراقلىق سۈزۈك بىخ ئۆزىنى ئوراپ تۇرغان تۇپراقتىن بىر جۈپ يۇمران قولدەك بوي سوزۇپ چىقىپ، كۆككە ئىنتىلدى. مەن ئۇنىڭ بوۋاقنىڭ يىغىسىدەك نازۇك شادلىق تەنتەنىسىنى ئاڭلىدىم. ئۇلارنىڭ پەرۋىشى مېھرىبان ئانا كەبى تۇپراققا تالىق.

يۇمران مايسا كۈنسېرى پەرۋىش تېپىپ، ياپراقلىرى چوڭايغانسېرى، يەنە يېڭى مايسىلارمۇ ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا ئۆسمەكتە ئىدى. گاھىدا مەن بۇ يۇمران مايسىلارنىڭ بوي سۈرىۋاتقان تىۋىشىنى، كۆككە ئىنتىلىشىنى ئاڭلىغاندەك بولاتتىم. ئۇلار ساماغا ئىنتىلەتتى، مەن ئىنچىكە يىپ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۆسۈشىگە ياردەم قىلماقچى بولاتتىم. يىپنى تەشتەك بىلەن تورۇس ئارىسىغا باغلىدىم، ئۇزارغان غوللار بۇ يىپقا چىرمىشىپ كۆككە بوي سوزماقتا ئىدى. ھەيرانمەن، كىچىككىنە بىر ئۇرۇق پەرۋىش تېپىپ، كۆككە بوي سوزغان يېشىل نوتىلارغا ئايلاندى.

ناۋادا ساما ئۇرۇقنىڭ ئارمىنى بولسا، بۇ تولىمۇ يىراقتىكى بىر مەنزىل. ئۇلار قىزغۇچ ياڭراتقۇلاردەك ياپراقلىرىنى كېرىپ، بوشلۇققا يۈز تۇتقان ئىدى. يەڭگىل تەۋرىنىپ، ئاۋازسىز كۈيلەرنى ياڭراتقان ئىدى. مەن ئۇلارنىڭ مۇھەببەتكە تولغان ياڭراق كۈيلىرىنىمۇ، نادامەتكە تولغان ھەسرەتلىرىنىمۇ ئاڭلىغان ئىدىم.

ياپراقلار سارغىيىپ قۇرۇشقا باشلىدى، شامالدا يەڭگىل لەيلەپ، بوشلۇقتا پەرۋاز قىلدى. بۇ خىل ھالەتنى ھەرقانداق كۈچ توسۇپ قالالمايدۇ ئەلۋەتتە.

مەن توساتتىن ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلىقىدىكى سىرنى بىلگەندەك بولدۇم. چېچەكلەر تۆكۈلگەن يەردە كىچىك مىۋىلەر پەيدا بولۇپ ئاخىرىدا يەنە سولىشىپ، تۆكۈلىدىكەن.مانا بۇ ئۇرۇقنىڭ ماكانى. قۇياشلىق بىر كۈنى چۈشتە «غىرىس» قىلغان بىر يەڭگىل ئاۋازنى ئاڭلىدىم. ئەسلىدە پىشقان ئۇرۇقنىڭ قېپى يېرىلىپ، قارامتۇل ئۇرۇق تۇپراق قوينىغا چۈشكەن ئىكەن…

ھاياتلىق پەيدا بولۇش، تەرەققىي قىلىش ۋە يوقىلىشتىن ئىبارەت ئەڭ ئاددىي ھەم ئەڭ سىرلىق بىر جاريان.

ناۋادا ئەشۇ كۈچلۈك نۇر بولمىغاندا ئىدى، دۇنيا مېنىڭ تەسەۋۋۇرۇمدا غۇبارسىز ھەم قاراڭغۇ ئىدى.

دېرىزىسى يوق قاراڭغۇ بىر ئۆيدە ياتقىنىم ئېسىمدە، ئەتراپ قاراڭغۇلۇقتا چەكسىزلىككە سوزۇلغان ئىدى. دۇنيامۇ ھەم مۇشۇ غۇۋالىق ئىچىدە تەسەۋۋۇرۇمدىن ھالقىغان مەنزىلگە قاراپ سوزۇلغان ئىدى. كۆزنى ئېچىش ھەم يۇمۇشنىڭ تۇيغۇسى ئوخشاش ئىدى. مېنىڭ جان ھەم تېنىم ئوخشاشلا بىر غۇۋالىق ئىچىدە بۇ پايانسىز بوشلۇقتا ئۈنسىز لەيلەيتتى.

قاراڭغۇلۇقتا، ئەركىن ھالدا چوڭقۇر نەپەس ئېلىشمۇ شۇنچىلىك راھەت، قىلچىمۇ بۇرۇختۇملۇق ھېس قىلمايسىز. تېنىڭىزگە سىڭىپ كىرگەن ھاۋادا سۈزۈكلۈكمۇ، نەمخۇش گىياھلار، ياپراقلار ۋەھەم چاڭ-توزاننىڭمۇ ھىدىمۇ بار… ئەپسۇس، بۇ پەقەت خام خىيال خالاس. مەن ھاۋانى كۆرۈشكە ئامالسىز، بەلكىم مەڭگۈ كۆرەلمەسمەن.

دەل شۇچاغ، بىر نۇر تالاسى پەيدا بولۇپ، تورۇسنىڭ مەلۇم بىر يېرىدىكى قىسلاچتىن خەنجەردەك يالتىراپ ئۆيگە چېچىلدى. بۇ نۇر تالالىرى كىچىككىنە بىر تۆشۈكتىن قۇياشنى باشلاپ كىرگەن ئىدى. قاراڭغۇلۇق ئىچىدىكى بۇ نۇر تۇرۇپلا تورۇس بىلەن يەرنى تۇتاشتۇرغان بىر كۆۋرۈككە ئايلاندى. ئۇنىڭ ئېگىزلىكىدىن ئۆينىڭ ئېگىزلىكى ئايان ئىدى. ئەتراپتىكى تۆت تاممۇ غۇۋالىق ئىچىدە كۆرۈنۈپ، بۇ ئۆينىڭ نەقەدەر پاكار ھەم كىچىك ئىكەنلىكىنى ئايان قىلىپ تۇراتتى. تەسەۋۋۇرۇمدىكى بوشلۇق شۇدەم غايىب بولدى. نۇر تالاسى ئەينى بىر خرۇستال تۈۋرۈكتەك سانسىز توزانلارنى ئۆزىگە غۇۋالىق ئىچىدە جەم قىلغان ئىدى. بۇلار دەل ئۆيدىكى توزانلار ئىدى. تەسەۋۋۇرۇمدىكى پاكىزلىقمۇ شۇدەم غايىب ئىدى.

نۇر تالاسى غايىب بولغاندىن كېيىن ئۆي يەنە غۇۋالىق ئىچىگە غەرق بولدى. ئەمما تەسەۋۋۇرۇمدىكى ئەشۇ پايانسىز بوشلۇق ئەمدى يوق ئىدى. كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمغان تەقدىردىمۇ تام، تورۇسلار مېنى قىستاپ كېلەتتى، توزانلار ئەتراپىمدا لەيلەيتتى.

ئۇزۇن بىر تامنى بويلاپ ماڭدىم. تام ماڭا قاراپ سىلجىيتتى، ئالدىمدىمۇ پايانى يوق بىر تام كۆزۈمنى ئوۋلايتتى، ئۈستۈمدىمۇ ئاسمان كۆرۈنمەيتتى. پەقەت تاملا ھەممە يەرنى ئىلكىگە ئالغان ئىدى. ئۆزۈمنىڭ ئۆيدە ياكى سىرتتا ئىكەنلىكىنى ئىلغا قىلالمىدىم. پەقەت تام ياقىلاپ مېڭىپ، ئىشىك ئىزدىدىم.

لېكىن بۇ تامنىڭ ئىشىكى يوق ئىكەن، قانچىلىك ماڭغىنىمنى بىلمەيمەن، ئۇچرايدىغىنى يەنىلا تام. لېكىن يەنىلا مېڭىش كېرەك ئىدى. بۇ دۇنيادىكى بارلىق نەرسىنىڭ سېمونت ۋە كېسەكلەرگە يەم بولغانلىقىغا ئىشەنمەيتتىم.

ئاقىۋەت، كىچىك ھەم پاكار بىر ئىشىك ئالدىمدا پەيدا بولدى. ئىشىكنى ئىتتەردىم، لېكىن، مەن كۈچىمىسەممۇ ئىشىك ئۆزلىكىدىن ئېچىلدى. بېشىمنى ئىگىپ، ئېڭىشكىنىمچە ئىشىكتىن كىردىم، تام ئەسلىدە قەغەزدەكلا نىپىز ئىكەن.

كۈچلۈك بىر ئاۋاز بىلەن ئىشىك تاقالدى. بۇ ئاۋاز چوڭ دەرۋازا بىلەن قېلىن تاملار ئارىسىدا بولىدىغان ئاۋاز ئىدى.

ئۆزۈمنىڭ تامنىڭ سىرتىدا ياكى ئىچىدە ئىكەنلىكىمنى بىلەلمىدىم. ئىشىكتىن كىرگەن تۇرۇقلۇق، ئۆزۈمنىڭ كىرگەن ياكى چىققانلىقىمنىمۇ بىلەلمىدىم. كۆز ئالدىم يانىلا تام ئىدى. تاملارنىڭ ئۈستىدە يۇلتۇزلارغا تولغان كېچە ئاسمىنى پارقىراپ تۇراتتى. ئەمما، ئاشۇ يۇلتۇزلارنىڭ ئارقىسىنىڭ چەكسىز قاراڭغۇلۇق ئىكەنلىكى ماڭا ئايان ئىدى.

پەرق راستىنلا بەك چوڭ ئىدى. تامنىڭ ھەممە يېرى ئىشىڭ ئىدى. بۇ ئىشىكلەر، چاسا، يۇمىلاق، قەدىمكى ھەم ھازىرقى، جۇڭگوچە ھەم چەتئەلچە ئۇسلۇبتا ھەرخىل ئىدى. كۆزۈم تورلىشىشقا باشلىدى. مەن چوقۇم بىر ئىشىكنى تاللاپ كىرىشىم كېرەك ئىدى. ئىشىكنىڭ ئىچىدە مېنى بەلكىم ھازىرقىدىنمۇ ئارتۇق قاماللىق ۋەياكى ئەركىنلىك كۈتۈپ تۇرغاندۇر.

بىر جىگەررەڭ ئىشىككە كۆزۈم چۈشتى. ئىشىكنىڭ كېشەكلىرىگە قەدىمكى بەلگىلەر، مەپە، ياساۋۇللار، ئەجدىرھالار ئويۇلغان ئىدى. ئىشىكنىڭ تۇتقۇچىغا يىرتقۇچ مەخلۇقنىڭ ئاغزى چىقىرىلغان ئىدى. يىرتقۇچ مەخلۇقنىڭ كۆزلىرى غەزەبتىن ئالايغان، چىشلىرى كارىسلاپ تۇرغان بولۇپ، خۇددى: «كىرىشكە پېتىنالامسەن؟» دەۋاتقاندەك قىلاتتى.

يەنە ئالتۇن رەڭلىك ئىشىككىمۇ قارىدىم، ئىشىككە ھەرخىل گۆھەر، ياقۇتلار بېكىتىلگەن بولۇپ، ھەرخىل رەڭدە جۇلالاپ كۆزنى چاقاتتى. ئىشىكنىڭ تۇتقۇچىمۇ سىلىقلىقىدىن يالتىراپ تۇراتتى. دېمەك، ساناقسىز قوللار ئۇنى تۇتقان ئىدى.

يەنە بىر تاش ئىشىكمۇ بار ئىدى. تەپسىلى قارىسا ئىشىكنىڭ قىسلاچلىرىمۇ كۆزگە ئايان بولاتتى. ئەشۇ قىسلاچتىن ئۆتۈپ، ئىشىك سىرتىنى كۆزەتمەك بولدۇم. بىخسىغان بىر پۇراق دىماققا يوپۇرۇلاتتى.

يەنە بىرقانچە ياغاچ شالدىن ياسالغان، كىچىك ۋاقتىمدا يېزىدا كۆپ كۆرىدىغان دېھقانلارنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكىدەك ئاددىي بىر ياغاچ ئىشىكنى كۆردۈم. قولۇمنى سوزۇپ، ئىشىكنى ئاستا سىيلىدىم. ياغاچتىكى يىل ھالقىلىرى قولۇمغا ئۇرۇلدى. مانا بۇ دەرەخنىڭ يېشى، ھاياتلىقنىڭ يارىسى ئىدى. كۆز ئالدىمدا بىردىنلا ياپراقلىرى شىۋىرلاپ تۇرغان دەرەخلەر، يۇمران شاخلار، گۈللەرنىڭ خۇش ھىدى، قۇشلارنىڭ ئەركىن پەرۋازى ئايان بولدى.

ئىشىكنى كۈچەپ ئىتتەردىم. ئىشىكنىڭ سىرتى ئويلىغىمدەك ئىدى. دەل-دەرەخلەر، تەبىئەتكە خاس شىۋىرلاشلار كۆز ئالدىمدا يېيىلىپ تۇراتتى. قەدەملىرىمنى چوڭ ئېلىپ، شامالدەك يەڭگىللىك بىلەن ئالدىمغا قاراپ ماڭدىم. ئارقامغا بۇيرۇلۇپ قارىسام ئىشىك ۋە تاملاردىن ئەسەرمۇ يوق، غايىب بولغان ئىدى. پەقەت ئەتراپقا يېيىلغان يېشىللىققا كۆزگە تاشلىناتتى. بېشىمنى كۆتۈرۈپ كۆككە باقتىم. قۇياش شاخلار ئارىسىدىن زەر نۇرلىرىنى زېمىنغا سېپىۋاتاتتى.

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى