مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
ناخشىدىكى قىسمەت: قارا تۇلپار(3)
تەۋە تۈر: تەرجىمىلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2011/09/05 | كۆرۈلۈشى: 807 قېتىم

ئاپتورى: جاڭ چېڭجى

چۈشتاق تەرجىمىسى

 

(پوۋېست)

 

5

سورىدىم بىر قويچىدىن بىلمەك بولۇپ،

قىغ توشۇپ كەتكەن ئىمىش دېدى يانا.

 

نوگاي كۆلى جىمجىت ھەم سىرلىق ئىدى.ئۇل تېغىنىڭ يان باغرى بۇ كۆلگە تۇتاش بولۇپ، جانۇب تەرەپتىن قارىسا بۇ كۆل بەئەينى قار سۈيىدىن شەكىللەنگەن تاغ باغرىدىكى كۆلدەك كۆرۈنەتتى. ئەمما، سىرگىل يايلىقىدىكى بۇلاقلاردىن شەكىللەنگەن كۆللەردىن پەرقلىنەتتى. چوڭقۇر بولغاچقا كۆل سۈيى مەينەت ئەمەس ئىدى. سەھەردە چارۋىلار كېلىپ سۇ ئىچىشتىن ئىلگىرى كۆل سۈيى جىمجىت ھالدا خرۇستالدەك پارقىراپ تۇراتتى. بەلكىم مۇشۇ كۆل سۈيىدىن پايدىلىنىش مەقسىتىدە بولسا كېرەك، ئۇل كوممۇناسىدىكى سۈت تالقىنى زاۋۇتى، خۇرۇم پىششىقلاش زاۋۇتى، يىمەكلىك شىركىتى دېگەندەك نۇرغۇن ئورۇنلار مۇشۇ يەرگە جايلاشقان ئىدى. ھەرقېتىم بۇ يەرگە ئاتلىق كەلگىنىمدە ئۆزۈم خۇددى يايلاقتىن ئايرىلغاندەك تۇيغۇدا بوپ قالاتتىم. بۇ يەردە تېخى دانلاپ يۈرگەن مېكىيان ۋە ئۆردەكلەرمۇ كۆزگە چېلىقاتتى. ئەجىبا سۇمىيە مۇشۇنداق يەردە ياشامدۇ؟

ھارۋىكەش داۋساڭنىڭ توپا تاملىق ئۆيىنى تاپتىم.

بۇ كۆلگە يانداش سېلىنغان ئۆي بولۇپ، ئۈچ تەرەپ تېمىلا بار پاكار ئۆي ئىدى. ياغاچ ئىشىكنىڭ يېنىدا ئىسلىشىپ كەتكەن لاي ئوچاق تۇراتتى. يېنىدا چاقلىرى يوغان ئات ھارۋىسى توختىتىپ قويۇلغان ئىدى. ھارۋىغا لىق مال بېسىلغان بولۇپ، ئات جابدۇقلىرى بىر چەتتە تاشلىنىپ تۇراتتى. تارتىلغان ئارغامچىدا ھەرخىل كىيىملەر ئارتىغلىق ئىدى. ئارىسىدا تېخى ئەرزان باھالىق رېزىنگە ئويۇنچۇقمۇ تۇراتتى.

ئىككىلەنگىنىمدىن ئۇزاققىچە ئاتتىن چۈشمەي تۇردۇم. سۇمىيە دەل مۇشۇ ئۆيدە تۇراتتى. ئىشىكنى چېكەيمۇ ياكى چاقىرايمۇ؟ ھەي، ئاتالمىش ھاياتتىكى قايتا ئۇچرىشىش يۈز بېرىش ئالدىدىلا تۇراتتى… يۈرىكىم دۈپۈلدەيتتى. نېرىدىكى كۆل يۈزى بىر خىل رېتىمدا دولقۇنلىنىپ، كىشىنى ئازابلايدىغان ۋاقىتنىڭ سەۋرىسىنى ھېس قىلدۇراتتى.

لىۋىمنى چىشلىگەن ھالدا، گانگا قارىنى ئات ھارۋىسىنىڭ چوقىيىغا باغلاپ، ئىشىك ئالدىدىكى كال تېزەكلىرىنى دەسسەپ ئۆتۈپ، ئىشىككە يېقىنلاشتىم. يەردە تۇرغان چاقماق گۈللۈك بىر كىيىمنى قولۇمغا ئالدىم-دە، ئىشىكنى ئىتتەردىم.

ئۆي ئىچىدە چوڭ بىر كاڭ كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. كاڭنىڭ بەزى يەرلىرىدىكى ياغاچ يوق بولۇپ، ئىچىدىكى توپىلار كۆرۈنۈپ قالغان ئىدى. كاڭنىڭ ئۈستىدىكى تېرە يېپىنچا، ئۆچكە تېرىسى، مۇڭغۇلچە يەكتەك ۋە خەنزۇچە پاختىلىق چاپان ئارىسىدا تاتلىق ئۇخلاۋاتقان ئۈچ بالىنى ئىلغا قىلدىم. ئۇلار ئۆزلىرى خالىغانچە ياتقان بولۇپ، مەينەت پۇتلىرى كىيىملەر ئارىسىدىن كۆرۈنۈپ تۇراتتى، چوڭلار يوقتەك قىلاتتى. غەرب تەرەپتىكى تامدا يەنە كىچىك بىر ئىشىك بار ئىدى. ئىشىكنى ئىتتىرىپ ئاچقاندىن كېيىن، تور بېكىتىلگەن مۇڭغۇلچە ئۇسلۇبتىكى ياغاچ تۈڭلۈك تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. يېنىدا يەنە قىزغۇچ بىر ياغاچ ئىشىك قانىتى دېگەندەك نەرسىلەر تۇراتتى. كۆزلىرىم نەملەشتى: مانا بۇ بىزنىڭ ئۆيىمىز، ئۈچ ئەۋلاد بىرگە ياشىغان، ياق گانگا قارىمۇ ياشىغان ئۆي.

مەن بۇ چۇۋۇۋىتىلگەن مۇڭغۇلچە ئۆيگە زەن سېلىپ قارايتتىم. شۇنداق، سۇمىيە راستىنلا مۇشۇ يەردە تۇرىدۇ. ئۇ راستىنلا بېرگىن دەرياسىدىن يىراق بولمىغان بۇ يەرگە ياتلىق بوپتۇ. ئۇ خۇددى بۇ مۇڭغۇلچە ئۆينى بۇ يەرگە يوشۇرغاندەك ئۆتمۈشىنى يوشۇرىۋاتىدۇ، سىرتتىكى ھېلىقى لاي تاملىق ئۆيدە بولسا قاتتىقچىلىققا تولغان، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ياشاۋاتقان تۇرمۇشنى ياشاۋاتىدۇ.

-سىز، كىمنى ئىزدەيسىز؟-كەينىمدىن بىر ئايال كىشىنىڭ زىل ئاۋازى ئاڭلاندى. ھودۇققىنىمدىن بەدەنلىرىم تىترەپ كەتتى. ئارقامغا بۇرۇلدۇم، غەرچە كۆڭلەك كىيىۋالغان كالتە چاچلىق بىر ئايال ماڭا قاراپ تۇراتتى—ئەلۋەتتە بۇ سۇمىيە ئەمەس. مەن چوڭقۇر بىر نەپەس ئېلىۋالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا:

-مەن سۇمىيەنى ئىزدەيتتىم، ھېلىقى…. داۋساڭنىڭ….. خوتۇنى، ئۇ مېنىڭ سىڭلىم بولىدۇ، مەن بېرگىن يايلىقىدىن كەلدىم.-دېدىم خەنزۇ تىلىدا.

-ھىم، يولداش بايىن باۋرگىن،-ئۇ خۇشاللىقىدىن ۋارقىراپ،-مەن سىزنى بىلىمەن، سىز ئوقۇشقا كەتكەن ئەمەسمۇ؟-دېدى.

-شۇنداق، ئوقۇشۇم تۈگىدى،-دېدىم مەن ئەنسىزلىنىپ. ئۇ مېنى قانچىلىك بىلىدىغاندۇ دېگەنلەرنى ئويلىغاچ.

-قايسى مەكتەپتە ئوقۇدىڭىز؟ قايسى كەسپتە؟ سۇمىيە ئاچاممۇ ئېنىق بىلمەيدىكەن بۇلارنى.-دېدى ئۇ خۇشال ھالدا.

-دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق ئىنىستىتۇتىدا،-دېدىم مەن،-سىز…؟

ئۇ كۈلۈپ كەتتى، كۆزەينىكىنى ئۈستىگە تىرىگەچ:

-مەنما؟ فامىلەم لىن، بۇ يەردىكى مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى. ئىچكى مۇڭغۇل پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن، بۇ يەردە تۇنجى قېتىم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى ئۇچرىتىشىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە تېخى كىچىك چىچىگنىڭ تۇغقىنى ئىكەن.-دېدى.

-چىچىگ.-سورىدىم ئۇنىڭدىن قايتۇرۇپ.

-ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ؟ سۇمىيە ئاچامنىڭ چوڭ قىزىغۇ؟ ھازىر 2-يىللىقتا ئوقۇيدۇ. مەن ئوقۇتىۋاتىمەن.-دېدى. مەن ئەلۋەتتە ئۇنتۇپ قالمايمەن. ئاشۇ كەچمىشلەرنى، ئاشۇ رەزىل ئەبلەخنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايمەن. دەپنە جىلغىسىدا مومام بىلەن خوشلاشقان چاغدا ، ئۇ سېرىق چاچ سىرا بىلەن ئۇچرىشىشنى ئويلاپ باقمىغان ئىدىم. بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئىش تېخى تۈگىگىنى يوق ئىدى. چىچىگ، چىچىگ… توختىماي بۇ ئىسىمنى تەكرارلايتتىم. بىتەلەي بالا، بىچارە غۇنچە، ساڭىمۇ ئاشۇ ئەبلەخنىڭ سېرىق چاچلىرى ئۆسمىگەندۇر ھە! قىزبالا قانداقلا بولمىسۇن ئوغۇل بالىسىدن پاكىز ، پاك بولغىنى ياخشى، خۇددى، سۇمىيە مەندىن پاك بولغانغا ئوخشاش. مەن چىن دىلىمدىن بۇ بالىنىڭ ياخشى ئوقۇشىنى ئانىسىغا ئامراق بولۇشىنى تىلىدىم. نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇ سۇمىيەنىڭ يۈرەك پارىسى-دە. مەيلى مەن خالاي ياكى خالىماي، ھازىرنىڭ ئۆزىدە مەن ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلالمايتتىم.

-لىن مۇئەللىم، چىچىگ رايىشمۇ؟ مېنىڭچە ئۇنىڭ بويىمۇ ئىگىزغۇ دەيمەن.-سورىدىم مەن.

-ھەئە، ئېگىز، قارىغاندا سىز ئوقۇشقا كەتكەندىن كېيىن بىلمەيدىغان ئوخشايسىز.-دېدى لىن مۇئەللىم، ئاندىن تۇيۇقسىز بىز ئىشنى ئېسىگە ئالغاندەك:

-مەن ياردەملەشكىلى كەلگەن، سۇمىيە ئاچام بۈگۈن كەلمەيدۇ، مەن سۇ ئەكىلىپ بەرمەكچى بولغان.-دېدى.

ئۇ چاققانلىق بىلەن چىلەكنى قولىغا ئېلىپ، ماڭا بۇرۇلدى-دە:

-سىزچۇ؟ ساقلاپ تۇرامسىز ياكى مەن بىلەن بىرگە بارامسىز؟-دەپ سورىدى.

قولۇمغا ئىككى چېلەكنى ئېلىپ، ئۇنىڭ يول باشلىشىدا يۈرۈپ كەتتۇق. پايانسىز بوشلۇق بىلەن غۇۋا گۇگۇمدىكى كۆل يۈزى سىڭىشىپ كەتكەن بولۇپ، كەيپىمنى بىر خىل بۇرۇختۇرما قىلىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ داۋاملىق سۆزلىشىنى كۈتۈپ تۇراتتىم، چۈنكى بۇلار مەن بىلمەيدىغان ئىشلار ئىدى. لىم مۇئەللىم مېنىڭ كەيپىياتىمنى سەزمىدى، خۇشاللىق بىلەن بىرتالاي يوقىلاڭ پاراڭلارنى قىلغاندىن كېيىن ئاندىن:

-ئويلاپ بېقىڭە، چىچىگ تۇغۇلغاندا قانچىلىك ئىدى؟ ھاھا… پەرەز قىلالمايسىز، چۆمۈچتەك چوڭلۇقتا دەڭا، راستلا، مەن بۇ بالا ئۈچ ياشقا كىرگەندە بۇ يەرگە كەلدىم. ئەگەر مەن ھازىر ئۆز ئوقۇغۇچۇمنىڭ يېشىنى بىلمىگەن بولسام، ئۇنىڭ شۇ چاغدا ئۈچ ياشقا كىرگەنلىكىگە ئىشەنمىگەن بولاتتىم. باشقىلارنىڭ ئالتە ئايلىق بولغان بالىسىدىنمۇ كىچىك دەڭا، سىز ئىشىنەمسىز بايىن باۋرگىن؟

-ھىم،-مۈجىمەللا بېشىمنى لىڭشىتتىم مەن.

-سۇمىيە ھەدەمنىڭ دېيىشىچە، بالا تۇغۇلغاندا بەكلا كىچىك بولۇپ، بېشى مۇشتۇمچىلىكمۇ كەلمەيدىكەن. دېمەك چۆمۈچتەكلا چوڭلۇقتا دەڭا،-ئۇ ھەدەپ ھاياجانلىناتتى، قاشلىرىنى ھىمىرىپ، قوللىرىنى سىلكىپ سۆزلەيتتى.مەن قولۇمدىكى ئىككى چېلەكنى ئاۋايلاپ كۆتۈرگەن ھالدا، ئۇنىڭ گەپلىرىنى جىددىيلىك ئىچىدە تىڭشايتتىم.

-بەكلا كىچىك ئىكەن. ئېيىغا توشمىغانلىقتىن بولسا كېرەك….. ….. بېرگىن يايلىقىدىكىلەر تاماشا كۆرۈش ئۈچۈن ھەممىسى كۆرگىلى بېرىپتۇ. ئەرلەر بارمىقىنى چىقىرىپ بوۋاقنىڭ پۇتىغا تەڭلەشتۈرۈپ باقسا، بالىلار مۇشتۇمى بىلەن بوۋاقنىڭ بېشىنى سېلىشتۇرۇپ ئويناپتۇ. بوۋاقنىڭ كىچىكلىكىدىن سۇغۇرنىڭ تېرىسىدىمۇ يۆگىگىلى بولارمىش. كىشىلەرنىڭ ھەممىسى: «بەكلا كىچىككەن، تاشلىۋىتىڭلار، بۇ بالا ئەي بولمايدۇ» دېيىشىپتۇ. يەنە بەزىلەر تېخى زەھەرخەندىلىك بىلەن بوۋاقنى ئادەم بالىسى ئەمەس، غەلىتە مەخلۇق دەپ مازاق قىپتۇ، ئەمما، سۇمىيە ھەدەمنىڭ مومىسى،-مۇئەللىمە قىز ھەدەپ سۆزلەيتتى،-ئاڭلاۋاتامسىز بايىن باۋرگىن، مومىڭىزنىغۇ ئۇنتۇپ قالمىغانسىز؟-سورىدى ئۇ ئاخىرىدا چاخچاق ئارىلاش.

-ھە، ياق،-دېدىم جاۋابەن، ئەمما يۈرىكىم ئېچىشىۋاتاتتى.

-شۇ، سۇمىيە ھەدەمنىڭ مومىسى بوسۇغىدا ئولتۇرېۋېلىپ، ئاشۇ زەھەرخەندە چارۋىچىلارغا: ئاغزىڭنى يۇمۇش، ئەقىلسىزلەر! بۇ بىر تىرىك جان! تىرىك جان! مەن مۇشۇ 70نەچچە يېشىمغا كەلگۈچە تېخى تىرىك بىر جاننى تاشلىۋەتكەننى ئاڭلىمىدىم. قوي، كالابولسۇن ياكى ئىت، مۈشۈك بولسۇن جېنى بار ھاياتلىقنى تاشلىۋەت دەۋاتامسىلەر؟ ئاغزىڭلاردىن قانداق چىقتى؟ مەن ئۆز سۈتۈم ئارقىلىق ئەي قىلغان قوزىلارمۇ  ھازىر كۆپىيىپ بىر توپ بولدى. مەن باققان تايچاقلارمۇ شۇنداق بىجىرىم ئات بولدى… گانگا قارىنى بىلەمسىلەر؟ سەن قارىغۇلار گانگا قارىنىمۇ بىلىشمەمسەن؟ ھەرقايسىڭنىڭ ئۇنداق ياخشى ئاتنى مىنىشىگە پۇرسەتمۇ چىقمايدۇ. ھىم، تاشلىۋەت دېيىشكىنىنى…. بالىنى ئىنەككە تاشلاپ بېرىشسەڭمۇ ئىنەك ئۇنى يالاپ، پەپىلەيدۇ. كۆزۈمدىن يوقىلىش، دەرھال يوقىلىش، ئىپلاس قوللىرىڭلار بىلەن بالامنى بۇلغاشما، بىرنەچچە يىل كۆزۈمگە كۆرۈنگۈچى بولۇشما، مەن بۇ بالىنى ئەي قىلىپ، بىجىرىم ئادەم قىلغاندا، چىرايلىق گۈلگە ئايلاندۇرغاندا ئاندىن كېلىپ كۆرۈش، دەپتۇدەك.-مۇئەللىمە قىز ھاياجانلىنىپ سۆزلەيتتى، ھاياجاندىن يۈزلىرى قىزىرىپ كەتكەن ئىدى. بۇ چاغدا بىز كۆل بويىغا كېپ قالغان ئىدۇق. ئۇ ئىڭىشىپ ئولتۇرۇپ قولى بىلەن كۆل سۈيىنى سۈزۈلدۈرگەچ، تۇيۇقسىزلا كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ، ماڭا قارىغىنىچە:

-موماڭلار ھەقىقەتەنمۇ ئېسىل ئىكەن. بىلەمسىز، مەن مۇشۇ ئىشلارنى ئاڭلىغاندىن ئىتىبارەن ھەرقېتىم كىچىك چىچىگى بىلەن بولغاندا، ئۇنىڭغا دەرس سۆزلىگەندە ئۆزۈمنىڭ بىر پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويغىنىمغا، بۇ ئۇلۇغ ئايالنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرەلمىگىنىمگە ئۆكۈنىمەن….-دېدى.

ئۇ يەنە نېمىلەرنى دېدى، قۇلىقىمغا كىرمىدى. بۇ خەنزۇ مۇئەللىمە قىزغىنلىق بىلە ئۆزىنى تۇتىۋالالمىغان ھالدا ئۆزىنىڭ مومامغا بولغان ھۆرمىتىنى سۆزلەۋاتاتتى. گۇگۇم قوينىدىكى كۆل سۈيى يەنىلا شۇنداق سۈرلۈك ۋە جىمجىت ئىدى. غەربكە قىيسايغان قۇياش ئۆزىنىڭ ئاخىرقى زەر نۇرلىرنى كۆل يۈزىگە چاچاتتى. مەن چېلەكنى سۇغا پاتۇرغاندا تەۋرىنىۋاتقان زەر نۇرلار تېخىمۇ جۇلالىق تەۋرىنىپ كەتتى. كۆل يۈزىگە قاراپ تۇردۇم، تۇيغۇمدا تەۋرىنىۋاتقان كۈمۈش نۇرلار ئۆز جۇلالىشىدا مومامنىڭ كۈمۈش چاچلىرىنى زاھىر قىلىۋاتاتتى. سۇغا لىق تولغان چېلەكنى تارتىپ ئالدىم، ئاشۇ كۈمۈش چاچلار يەنە مومامنىڭ تورلاشقان، كىشىنى ئويغا چۆمدۈرىدىغان كۆزىگە ئايلاندى. كۆزۈمنى يۇمدۇم. شۇتاپنىڭ ئۆزىدە مەن راستىنلا يېنىمدىكى بۇ ئۇقۇغۇچى  مىجەزلىك مۇئەللىمەنى پەرۋايىمغا ئالماي سۇغا سەكرەپ چۈشۈپ، مومامنىڭ ئاشۇ سۇس تەۋرىنىۋاتقان، تىنماي چاقناۋاتقان چاقىرىشلىرى ئىچىگە شۇڭغۇپ كىرىپ، قەلبىمدىكى ئازابلىرىمنى، كىشىگە ئېيتقۇسىز ئۇۋالچىلىقلىرىمنى ۋە ئۆچمەنلىكىمنى مومامنىڭ ئاشۇ قىزغىن ھەم ئىللىق كۈمۈش چاچلىرى ھەم ئويچان كۆزلىرىگە ككمۈپ تاشلاشنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلىۋاتاتتىم.

مەن مۇئەللىمەنى ئاۋارە قىلماي، ئۆزۈم يالغۇز ئىككى چېلەك سۇنى كۆتۈرۈپ، ئۆي تەرەپكە قاراپ ماڭدىم. مۇئەللىمە خۇددى بايىقى ئەسلىمىلەرنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرىۋاتقاندەك ماڭا ئۈنسىز ئەگىشەتتى. بەلكىم، مېنىڭ جىمغورلۇقۇم ئۇنى تەئەججۈبلەندۈرگەندۇر. مەن ئۆزرىلىك ھالدا:

-لىن مۇئەللىم، گەپ قىلغاچ ماڭمامسىز. سىزگىمۇ ئايان، مەن بۇ يەردىن ئايرىلغىلى ئۇزۇن بولغاچ، كۆپ ئىشلاردىن خەۋىرىم يوق.-دېدىم.

-گەپ قىلسام قىلاي…. ھە…سىزچۇ؟ راستىنلا قاملاشمىدىڭىز. سىز تېخى سۇمىيە ھەدەمنىڭ قانچىلىك ياخشىلىقىنى بىلمەيسىز. ھەي، ئىشقىلىپ بۇ ئۆمرۈم مۇشۇ يايلاقتا ئۆتسىمۇ چوڭ ئىشلار يۈز بەرمەس، ئەمما سۇمىيە ھەدەم بىلەن تونۇشقۇنۇم مېنىڭ زور بەختىم… بىلەمسىز؟ مەن ھەمىشە بۇنداق بىر خام خىيالنى سۈرىمەن: سۇمىيە ھەدەم ماڭا ھەمىشە يېڭىلا يەڭگىگەن ئايالدەك بىلىنىدۇ.  ئۇ ئۇدا بىرقانچە يىل بىر يىغلاڭغۇ بوۋاقنى كۆتۈرۈپ، مۇشۇ يولدا ئاستا ماڭغاندەك ھېس قىلىمەن. كېيىن، بىر كۈنى ئۇ مېنى ئىزدەپ كېلىپ: «لىن مۇئەللىم، چىچىگې قىزىمنى ئوقۇشقا ئالسىڭىز!»-دەپ ئۆتۈندى. ھەيران قالدىم. ئۇنىڭدىن:«ھەدە، قىزىڭىز ئوقۇيالارمۇ؟ ئۇ كۆپ بولسا ئۈچ ياشقا كىرگەندۇ»، دېدىم. ئۇ جىددىيلەشكەن ھالدا: «كىم دەيدۇ، مېنىڭ قىزىم يەتتە ياشقا تولدى، ئۆتۈنۈپ قالاي، ئۇنى ئوقۇشقا ئېلىڭ، مەن ھەركۈنى سىزگە سۇ توشۇپ، ھاي قاينىتىپ، تاماق ئېتىپ بېرىمەن! سىيىرلىرىڭىزنى سېغىپ بېرىمەن! يايلاققا بېرىپ سىزگە قالىغىلى تېزەك تېرىپ بېرىمەن!، دېدى، ھە! ئۇ سۆزلەۋېتىپ يىغلاپلا كەتتى، كېيىن ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتى، كىيىملىرىمگە ئېسىلىپ تۇرۇپ….، بەكلا ئېچىنىشلىق…. ئۇ نېمىشقا شۇنچىلىك ئازابلىنىدۇ؟ مېنىڭچە ئۇ بالىنى بېقىپ مۇشۇنچىلىك قىلغۇچە يەتكۈچە جاپا تارتقان….-دېدى-دە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، ياشلىرىنى ئېيتقاندىن كېيىن يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ:

-شۇ چاغدا مەن چىچىگىنى قۇچىقىمغا ئالسام ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارغا ئەسلا ئوخشىمايتتى، ئورۇق ھەم پاكار، قارىماققا يېڭىلا ئايىغى چىققان بالىدەك كۆرۈنەتتى. ئەمما سۇمىيە ھەدەم راستىنلا قاتتىق يىغلىدى، ئۇچىسىدىكى كۆك يەكتەكنىڭ خېلى كۆپ يېرى ھۆل بولۇپ كەتتى. چاچلىرىمۇ قالايمىقان، يۈزىدە ياش يۇقى بىلەن ماڭقىلار ئارىلىشىپ كەتكەن ئىدى.مەنمۇ ئۆزۈمنى تۇتالماي بىللە يىغلاپ تاشلىدىم. شۇنداق قىلىپ ئوقۇشمۇ باشلاندى. مەن چىچىگىنى سىنىپنىڭ ئەڭ ئالدىدىكى پارتىدا ئولتۇرغۇزۇپ قويدۇم. ماڭا يېقىن ئولتۇرسا، ھەرۋاقىت ئۇنىڭغا كۆز قۇلاق بولالايمەن دەپ ئويلىدىم. بىخەستەلىك قىلسام بولمايتتى. سۇمىيە ھەدەم دائىم دېرىزە سىرتىدا تۇرۇپ ساقلايتتى، سىرتتا يامغۇر ياغسىمۇ ئۇ ئوخشاشلا ھېچ ئىش بولمىغاندەك بىپەرۋا ھالدا تۇرىۋىرەتتى….-دېدى.

ئىشىك ئالدىغا كەلگەندىمۇ مۇئەللىمە تېخىچە سۆزلەۋاتاتتى. بۇ چاغدا مېنىڭ ئاڭلىغۇم بولمىسىمۇ ئۇ سۆزلەۋاتاتتى. مېنىڭچە ئۇ ئىشلار بۇ مۇئەللىمەگە بەكلا چوڭقۇر تەسىر قىلغان ئوخشايدۇ، شۇڭا مۇشۇنداق ھاياجانلىنىپ سۆزلەيتتى. ئەلۋەتتە كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، بۇ تۈز كۆڭۈل، گېپى ئوچۇق قىز ئىدى. بۇنداقلا ئاشۇنداق شەكىل ئارقىلىق ئۆز كۆڭلىنى ئىپادىلەيدۇ. مەن ئوخشىمايمەن، ھەممىنى ئىچىمگىلا يۇتىۋىتىمەن. ئۇنىڭ ماڭا ئاستىرىتتىن قاراشلىرىدىن ئۇ مېنىڭ سۇمىيەنى چۈشىنىدىغانلىقىمدىن گۇمان قىلىۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى. بەلكىم ئۇنىڭ گۇمانى توغرىدۇ. چۈنكى مەنمۇ ئۇ بايان قىلىۋاتقان ئايالنىڭ قىلىقلىرى بىلەن مەن تونۇيدىغان سۇمىيەنىڭ قىلىقلىرىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان ئىدىم. مەندە ئۇ ئويلىغاندەك خىيالمۇ يوق ئىدى. مېنىڭ كاللامدا پەقەت ئۆز قىزغىنلىقى بىلەن كىشىنى ەىتتىن مەست قىلغۇچ تاڭ شەپىقىگە تىكىلگەن سۇمىيەلا بار ئىدى. سۇمىيە، سىز قانداقمۇ بۇ مۇئەللىمە دېگەنگە ئوخشايسىز؟ سىز دېگەن شۇنچىلىك مېھىرلىكم مۇلايىم، بىغۇبار بىر قىزچاقسىز.

ئىشىكنى ئېچىپ، كىچىك بىر قىزچاقنىڭ ئۆز ئىشى بىلەن ھەلەك بولىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.

-چىچىگى،-توۋلىدى لىن مۇئەللىم،-چىچىگى، تاغا دەڭا، بۇ بايىن باۋرگىن تاغىڭىز. بىلەمسىز، بۇ ئانىڭىزنىڭ ئاكىسى.

كىچىك قىزچاق قولىدىكى ئىشنى قويۇپ، بۇرۇلۇپ بىزگە قارىدى.

قارىماققا بۇ قىز 6-7ياشلاردا كۆرۈنەتتى. ئۇچىسىغا ياماق چۈشكەن گۈللۈك چاپان بىلەن كۆك ئىشتان كىيىۋالغان ئىدى، پۇتىغا ئۆز يېشىغا ماس كەلمىگەن چوڭ بىر ئاياشنى يالاڭ ئاياغلا كىيىۋالغان ئىدى. ئۆي ئىچىدىكى بايامقى قالايمىقانچىلىقنى ئۇنىڭ رەتلىگەنلىكىنى بايقىدىم. يوتقان ۋە كىيىملەر كاڭنىڭ ئۈستىگە رەتلىك قىلىپ تىزىلغان ئىدى. يەرلەر سۈپۈرۈلۈپ، ئوچاقمۇ ئادالانغان ئىدى. كاڭنىڭ ئۈستىدە چېچىنى ئالدۇرىۋەتكەن ئۈچ بالا ئەمبەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، مەينەت قوللىرى بىلەن ئەمبەلدىكى خېمىرنى ئېلىشقا ئۇرىناتتى.

قىزچاق يىتىرقىغان ھالدا قولىدىكى خىمىر يۇقىنى سۈرتكەچ ماڭا قاراپ تۇراتتى. قاراشلىرىدا ھەيرانلىق، ئەجەبلىنىش، ئىككىلىنىش كۆرۈنۈپ تۇراتتى. مەن ئۇنىڭ مېنى قارشى ئالغانلىقىنى ياكى خۈدۈكسىرىگەنلىكىنى بىلەلمىدىم. نىمە قىلارىمنى بىلمىگەن ھالدا، دۇدۇقلاپ تۇرۇپ ئېغىز ئاچتىم:

-چىچىگى تېچلىقمۇ؟ مەن…

قىزچاقنىڭ ئاغزى يىنىك تىترەپ:

-         بايىن باۋرگىن.-دېدى.

-         بىرخىل ئاچچىق تەم شىددەت بىلەن بۇغۇزۇمغا ۋە بۇرنۇمغا كەپلەشتى.

-   بايىن باۋرگىن، مەن ئىشىك تۈۋىگە باغلاقلىق قارا تۇلپارنى كۆردۈم.-قىزچاق ئالدىرىماي سۆزلەيتتى،-ئانام ماڭا: بايىن باۋرگىن قارا تۇلپارنى مىنىپ بىزنى كۆرگىلى كېلىدۇ، دېگەن.

 

6

سورىسام بىر يىلقچىدىن بىلمەك بولۇپ،

تەرگىلى تېزەك كېتىپتۇ، ھەسرىتا.

 سىرتتىن ئاتنىڭ دۈپۈرلىگەن تۇياق ئاۋازى كەلدى،شۇنىڭ بىلەن بىرگە بوم توۋلىغان ئاۋاز ئاڭلاندى، مۇئەللىمە كۈلۈپ تۇرۇپ،:

قاراڭلار، داۋاساڭ قايتىپ كەلدى، ھەي، _ ئۇ ئىشىك سىرتىغا قاراپ ۋارقىرىدى،_خوجايىن، مېھمان كەلدى، سۇمىيەنىڭ ئاكىسى كەلدى.

سىرتتىكى بوم ئاۋاز ئۇنلۈك قىلىپ قايىللىقىنى بىلدۈرۋاتاتتى:

_ ھىم،  نېمە دېگەن كۈچلۈك  قارا ئات!

ئارقىدىنلا 40 ياشلاردىكى قامەتلىك بىر ئەزىمەت ئىشىكىنى ئىتتىرىپ ئېچىپ كىرىپ كەلدى.

مۇئەللىمە ئۇنى بىزگە تونۇشتۇرۇپ قويۇپ،ئاندىن خوشلاشتى.

_ مەن قايتاي،بايىنبالىگ يولداش، سىڭلىڭىز ئەتە قايتىپ كېلەلەيدۇ، ئۇ مەكتەپكە كۆمۈر ئەكەتتى، ئەگەر باشقا ئىشىڭىز بولمىسا ئەتە مەكتەپكە كېلىپ ئولتۇرۇپ كېتىڭ، شەھەردە كۆرگەنلىرىڭىزنى تېخى ئاڭلىمىدۇق.

ئۇ گېپىنى تۈگىتىپ كېتىپ قالدى.

ئەزىمەت مۆرەمگە  قېىقىپ تۇرۇپ:

-     ئولتۇرۇڭ، ئولتۇرۇڭ، كاڭغا چىقىڭ، ھەي،_ ئۇ كاڭنىڭ ئۈستىدىكى بالىلىرىغا ۋارقىرىدى،_ يوقىلىش، ناخچىنى كاڭدا ئولتۇرغىلى قويۇڭلار، ئىتنىڭ بالىلىرى، كاڭنى ئىتنىڭ ئۇۋىسىدەك قىلىۋېتىپسىلەرغۇ!

-     ئۇ كاڭنىڭ قىرىغا يامىشىپ بولغان ئىككى كىچىك بىلىنى بىراقلا تارتىۋىدى، ئىككىسى گۈلدۈرلەپ يىقىلىپ چۇشتى، مەن ئالدىراپ ئۇلارنى يۆلىۋېلىشقا قولۇمنى سوزغان بولساممۇ ،لېكىن بۇ ئىكى كىچىك شەيتانلار بۇنداق ئىشلارغا كۆنۈپ كەتكەچكە ئېغىنىغىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ، <ئات ئوينايلى، ئات ئوينايلى> دەپ ۋارقىرىغىنىچە سىرتققا قاراپ يۈگۇردى. ئەڭ كىچىكى بولسا كاڭنىڭ ئۈستىدە قىرقىراپ يىغلاشقا باشلىدى. ئۇ يىقىلىپ قوپۇپ ئاكىلىرىغا ئەگەشمەكچى بولدى. ئەزىمەت ئۇنىڭ ئېغى ئوچۇق ئىشتىنىدىن تۇتۇپلا كۆتۈرۈپ باغرىغا  باستى.

-     قاچما قوزام، ئۇلارغا ئەگەشمە، ماڭ قوزا بول، ھۈممە!_ ئۇ يوغان ئېغىزى بىلەن بالىنىڭ كاسىسىغا بىرنى سۆيدى، قولى بىلەن بالىنىڭ يۈزىدىكى ئىككى تارام كۆك پوتلىنى سۈرتۈپ، ئۇ قولىنى يەنە كەڭنىڭ قىرىغا سۈرتىدى،_ كاڭغا چىقىپ ئولتۇرۇڭ بايىنبالىگ بۇرادەر، ھەي، چىچىگې، نېمىگە ھاڭۋېقىپ ئولتۇرىسەن، تېز تاماق ئەتمەمسەن، ھىم.

-     جەمئىي تۆت بالىمۇ؟- دەپ گەپ باشلىدىم،

-     شۇنداق، تۆت بالا، ئاڭلىمىغانمۇ، گوڭشېنىڭ شىپاخانىسى ھەممە يەردە قىزلارنى تۇتقىلى تۇرۇپتۇ، ئۇلارنى تۇغماس قىلىۋەتكىلى تۇرۇپتۇ، سۇمىيە_ سېنىڭ سىڭلىڭ، ئۆتكەن يىلى ئۇلارنى ئاختا قىلىۋەتتى، ھەي، چىچىگې  يۈزۈڭنى كۆكەرتىۋەتمىگىنىمنى كۆر، يەنە نېمىگە ھاڭۋېقىپ تۇرىسەن، ئۆلۈمنى ساقلاۋاتامسەن، _ئۇ توساتتىن يەنە قوپاللىشىپ ، قىزچاققا قەھىرلىك ۋارقىرىدى.

-     ئۇننى يېيىپ بولغان،_ دېدى قىز بوش ئاۋازدا، ئۇ كاڭنىڭ قىرىدا ئولتۇرغان بولۇپ، تولىمۇ كىچىك كۆرۈنەتتى.

-     _ ماڭ بېرىپ ناخېچىنىڭ ئېتىنى سۇغىرىپ كەل!ئۆينىڭ ئارقىسدىن ئاغامچە تېپىپ، ناخېچىنىڭ قارا ئېتى بىلەن مېنىڭ سېرىق شوتىدىكى ئاتنى بىرگە باغلاپ ئوت سېلىپ بەر! نېمە ئاتنى ئۆلسۈن دەمسەن! ئۇ كۆكرىكىنى كېرىپ تۇراتتى ، ئېغىزىدىن چىققان كۆپۈكلەر قۇچىقىدىكى ئوغلى بىلەن مېنىڭ ئۈستبېشىمغا  چاچرايتتى. مەن دەرھال كاڭدىن چۈشۈپ:

-     _ ئاتنى يەنىلا ئۆزۈم سۇغىراي، بۇ ئات سەل شاشراق،_ دېدىم.

-     ئەمىسە ناخېچىغا يول باشلا، يەنە كاناپ تۇلۇمنى ئېلىۋال، ئەگەر ئات كۆل سۈيى ئىچمىسە، قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ بەر،- ئۇ داۋاملىق بادەشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇپ  ۋارقىرايتتى،  ناھايىتى كىبىرلىك كۆرۈنەتتى،_ ھەي بايىنبالىگ بۇرادەر، تېز بېرىپ تېز قايتىپ كېلىڭلار، بۈگۈن ئىككىمىز قاپاق ئىچىشمىسەك بولمايدۇ!

تېخى تولۇق قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتمىگەن ئىدى،چىچىگې بىلەن ئىككىمىز كۆل بويىغا بارىدىغان يولدا جىممىدە كېتىۋاتىمىز، بۇ قىز يول ماڭغاندا قەدەمنى ناھايىتى يېنىك ئالاتتى، بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمايتتى. لېكىن ھەر قېتىم مەن ئۆرۈلۈپ ئۇنىڭغا قارىغىنىمدا  ئۇ ناھايىتى تېزلىكتە ماڭا بىر بېقىۋېتىپ، مەن يېتىلىۋالغان گانگا قاراغا كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا قاراپ قوياتتى.

_ چىچىگې  ئانىڭىز بۇ ئات توغرىلىق سۆزلەپ  بەرگەنمۇ؟- مەن ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن ئېغىز ئاچتىم.

_ئىم، سۆزلەپ بەرگەن،- ئۇ قىسقىلا جاۋاب بەردى.

بىز بىردەم جىممىدە مېڭىشتۇق. سەلدىن كېيىن ئۇ ئۆزى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېغىز ئاچتى.

_ باپا، بۇ ئاتنىڭ ئىسمى راستىنلا گاڭگا  قارامۇ؟

_ شۇنداق.

 ئۇ ئۆرۈلۈپ ئاتقا قاراپ بوش ئاۋازدا:

_گاڭگا  قارا،گاڭگا  قارا! – دەپ چاقىردى.

قارا ئات ئىتتىكلا بېشىنى كۆتۈرۈپ پارت- پۇرت قىلىپ پۇشقۇرۇپ قويدى. قىزچاق خۇشال بولۇپ كۈلۈپ كېتىپ:

_ نېمە دېگەن ياخشى! –دەۋەتتى.

مەن تەسىرلەنگىنىمدىن زوڭزىيىپ، قىزنى يەڭگىل  قۇچاقلىدىم. ئۇ خۇددى پەيدەك يەڭگىل ئىدى. مەن ئۇنى كۆتۈرۈپ ئاتنىڭ ئۈستىگە ئولتۇرغۇزدۇم. شۇنداق قىلغاندىلا ئۇ ئاندىن مەن بىلەن تەڭ ئېگىز بولدى. مەن ئۇنىڭ ۋىجىك مۆرىسىدىن تۇتۇپ ئۇنىڭغا سىنچىلاپ قارىدىم. مەن ئۇنىڭ چېھرىدىن خىيالىمدىكى ئۇ كىچىك قىزنىڭ ئىزناسىنى تاپالمىدىم. ئۇ ئانىسىغا ئوخشىمايتتى. سۇمىيە بۇنداق ئۇرۇق ئەمەس ئىدى، بۇنداق غەمكىن كۆرۈنمەيتتى. بۇ قىزدا سۇمىيەنىڭكىدەك قىپقىزىل مەڭىز ۋە مۇلايىم ئىپادە يوق ئىدى. لېكىن مەن يەنىلا قىزنىڭ چىرايلىق تۇغۇلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدىم. قاراڭغۇلۇقتا ئۇ ئاتنىڭئۈستىدە ئولتۇرۇپ، ئىككى قولى بىلەن ئاتنىڭ يايلىنى سىلايتتى، ئۇنىڭ ۋىجىك بەدىنى شۇنداق ئۇرۇق ۋە ئاجىز كۆرۈنەتتى. مەن نەزىرىمنى ئۇنىڭ چېچىغا ئاغدۇرماقچى بولدۇم، تۇيۇقسىزلا بۇنداق قىلىشنىڭ نۇمۇسسىزلىق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن كاناپ تۇلۇمنى كۆتۈرۈپ  كۆل بويى تەرەپكە قاراپ ماڭدىم.

گانگا قارا بېشىنى تىقىپ خېلىغىچە سۇ ئىچتى، ئۇنىڭ ئېغىزى تەگكەن  يەردىن چەمبەر چەمبەر  دولقۇنلار كۆتۈرۈلدى، قارڭغۇدىكى كۆل يۈزىدە قات- قات ھالقىلار شەكىللەندى، بۇ لار توپلىشىپ قارشى قىرغاقتا غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇرغان قىيالىققا ئۇرۇلاتتى.

چىچىگې ئاتنىڭ يېنىدا زوڭزىيىپ تۇرۇپ، قولىدىكى ىېمىر يۇقۇندىلىرىنى يۇيىۋاتاتتى.< توققۇز ياشقا كىرىپلا تاماق ئېتىشكە باشلاپتۇ> دېگەنلەرنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزۈپ ئۇنىڭغا قارىدىم. قارا ئات سۇغا تويغان ئىدى، ئۇ بېشىنى يېنىچە كۆتۈرۈپ، يېنىدىكى بۇ قىزغا قىزىقسىنىپ قاراپ قالدى، چىچىگې خۇشاللىقتىن كىچىككىنە قوللىرىنى سوزۇپ  ئاتنىڭ تۈكلۈك لەۋلىلىرىگە تەككۈزدى.

_ سىز مەكتەپتە خۇشالمۇ؟ ئۆگىنىشىڭىز ياخشىمۇ چىچىگې؟- دەپ سورىدىم.

-تۈنۈگۈن ھېسابنى ياخشى ئىشلىيەلمىدىم، مۇئەللىم ئىككى نومۇر  قويدى.

_ سوئال تەسمىكەن.

_ ياق،- ئۇ بۇرۇلۇپ ماڭا قارىدى،-  چۈنكى ئانام تۈنۈگۈن  سەھەردىلا  خەيراجىن تېغىغا كۆمۈر ئېلىپ كەتكەن. ئۆتكەن يىلى ئانام ياشلىق تەتىلدە بارغان، شۇڭا مەنمۇ بىللە بارغان ئىدىم. ئۇ يەر ناھايىتى يىراق، بىلىمەن.

_ سىز ئانىڭىزنى ئويلىماسلىقىڭىز كېرەك، چىچىگې ، قانداق قىلىپ ھېسابنى توغرا ئىشلەشنى ئويلىشىڭىز كېرەك،_ مەن ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ دېدىم.

_ ئىم، شۇنداق ،- دېدى قىز ئۆتكەن يىلى قايتار يولىمىزدا ھارۋىنىڭ  بىر چاقى ېتىلىپ كەتكەن، ئانام مېنى كۆتۈرۈپ، قاراڭغۇ كېچىدە بىر  كېچە ئولتۇرغان… بۇ يىل، كالا ھارۋىسىنىڭ يەنە بىر يېرى بۇزۇلۇپ قالارمۇ؟دەپ ئويلاپ ھېسابنى خاتا ئىشلەپ قويۇپتىمەن. بۇ يىل ئۇ تۆت كالا ھارۋىسى ھەيدەپ كەتتى.

قىزچاق يەنە جىمىپ كەتتى. مەن ئەمدى ھېچنېمە دېەلمىدىم. بىز ئاتقا مىنىپ ئۆي تەرەپكە قاراپ ماڭدۇق. ئازراق ماڭغاندىن كېيىن يەنە چىدىيالماي قىزچاقتىن سورىدىم:

_ چىچىگې ، دادىڭىز ئانىڭىزغا__ دېمەكچى بولغىنىم، نېمە ئۈچۈن دادىڭىز كۆمۈر توشۇمايدۇ، ئۇ يەر شۇنچە يىراق تۇرسا،

_ ياق، ئۇ ئانامنىڭ ئىشى، ئۇمەكتەپكىمۇ ئىشلەيدۇ، كۆمۈر توشۇشتىن باشقا يەنە سۈت ساغىدۇ، سۇ توشۇيدۇ، مەكتەپچۇ، ھەر ئايدا بىزگە پۇل بېرىدۇ.

پۈتۈنلەي قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتتى. چىچىگې ئاتنىڭ نوختىسىنى ماڭا تۇتقۇزۇپ قويۇپ، ئۆزى قاراڭغۇلۇق ئىچىگە كىرىپ كەتتى، بىر دەمدىن كېيىن، ئۇنىڭۇ   چۇ ،ۇ دەپ توۋلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.

 ئۇ رەڭگىنى پەرقلەندۈرگىلى بولمايدىغان  ئېگىز ئاتنى ھەيدەپ چىقتى. ئۇ ئارغامچا بىلەن ئاتنىڭ پۇتىنى تىزىدىن چۈشەپ بولغاندىن كېيىن، ئارغامچىنىڭ قالغان بىر ئۇچىنى ماڭا سۇندى.

_ گانگا قارا ئوت_ چۆپ يېسۇن، مەنمۇ كىرىپ ئېشىمنى پۇشۇراي، دېدى ئۇ.

ئارغامچىنىڭ ئۇچىنى تۇتۇىۋاتقىنىمدا قولۇم ئۇنىڭ مۇزدەك سوغۇق كىچىك قوللىرىغا تەگدى.

 ئۇ مېنىڭ قوللىرىنى سىقىشىمغا جىممىدە  بويسۇندى، سەلدىن كېيىن:

_ باپا، ئەتە سىزنى ئانامنىڭ كالا سېغىشىنى كۆرسىتىشكە ئاپىرايمۇ؟ بەك قىزىق،- دېدى، ئاندىن قولۇمنىڭ دۈمبىسىنى ئېھتاتچانلىق بىلەن چىمدىپ قويدى.

داۋاساڭ كىيىملىرىنى يېشىۋەتتى، بۆرتۇپ چىققان مۇسكۇللىرى، تۈكلەك مەيدىسى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ھېلىقى كچىك بالا ئۇنىڭ قوينىدا غەلۋە قىلىۋاتاتتى، ئۇنىڭ مەيدىسىدىكى قاتتىق ئەمچەك توپچىسىنى چىشلەيتتى، يەنە ئىككىسى بولسا ياندا غۇژمەكلىشىپ نېمىنىدۇر تالىشىۋاتاتتى.

_بايىنبالىگ بۇرادەر ،- دېدى ئۇ خۇشال ھالدا مېنى چاقىرىپ، تېز  كاڭغا چىقىڭ، يەنە بىر  پىيالە ئىچىۋېتىپ ئاندىن تاماق يەيمىز، چىچىگې ، چۆپنى سال!

بىز ھاراقنى سوقۇشتۇردۇق. ئىككى چوڭ ئادەمنىڭ ھاراق ئىچىۋاتقانلىقىنى كۆرۈش ئىككى شۇمتەككە قزىق تۇيۇلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھاراق بوتولكىسى بىلەن قولىمىزدىكى قەدەھنى تالاشقىلى تۇردى.بىز بىر تەرەپتىن ھاراق ئىچىپ، بىر تەرەپتە قىيا –چىيا، چۈشتىن كېيىن ماڭا سوغۇق كۆرۈنگەن كىچىك كېسەك ئۆي قىزىپ كەتتى. ئۆي ئىچى سۇيۇقئاشنىڭ پۇرىقى، ھاراقنىڭ ھىدى ۋە بالىلارنىڭ شاۋقۇنى بىلەن تولدى.

مەن قاچانلاردىدۇر  ئوقۇغان بىر شېئىرنى ئېسىمگە ئالدىم .ئۇ شېئىر كىشىگە بىر سېرىق ئوت كۆيۈپ تۇرغان ئىللىق ئائىلىدىكى كەچلىك تاماقنى ھېس قىلدۇراتتى. بۇ ھارۋىكەش ئەزىمەت بىلەن  بىرلىكتە كۈچلۈك ھاراق ئىچىپ، مەن ئۇ شېئىردىكى مەنزىرىنى ھېس قىلغاندەك بولدۇم. داۋاساڭ ئېچىلىپ ئىچىۋاتاتتى، سۆلىۋاتاتتى. پات-پات قوپال سەت ئاڭلىنىدىغان ئادەم تىللايدىغان سۆزلەر بىلەن كاڭنىڭ ئۈستىدە غەلۋە قىلىشىۋاتقان بالىلارغا ۋارقىراپ قوياتتى، قۇرۇپ كەتكەن سامانلىق لاي تام ئوتنىڭ ھارارىتىنى سۈمۈرمەكتە ئىدى، بۇ ھارارەت يەنە قىيسىق كىچك ئۆيدىكى ھاياتلىققا تارىماقتا ئىدى. بالىلارنى ۋاڭ-چوڭى قۇلىقىمنى يەپ كەتتى، مەن ئازراق مەست بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلدىم.ھارۋىكەش ئوڭدىسىغا راھەتلىنىپ ياتاتتى، مەن بىلەن، ھاۋا رايى، ئۆرپ-ئادەت ۋە يايلاقنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە ناچار تەرەپلىرى توغرىلىق مۇھكىمىگە چۈشكەن ئىدى. مەن بۇ بەستلىك ئەزىمەتنىڭ گەرچە قوپال بولسىمۇ ئوچۇق-يورۇقلۇقىنى يوقاتمىغانلىقىنى بايقىدىم. ئۇ شۈبھىسىزكى بۇ ئائىلىنىڭ مۇستەھكەم تۈۋرۈكى ۋە ھەقلىق ئىگىسى ئىدى.ھەي، بۇلاردىن سۇمىيەنىڭ بۇ كىچىك ئۆيدە ئۆتكۈزگەن كۇنلىرىنىڭ گەرچە جاپالىق بولسىمۇ  لېكىن چىدىغۇسىز ئازاب ئوقۇبەت ئىچىدە ياشىمىغانلىقىنى  تەسەۋۋۇر  قىلغىلى بولاتتى. ئەگەر ئۇ ھازىر بۇ كىچىك ئۆيدە بولغان بولسا ، مەيلى ئۇچاق بېشىدا بولسۇن ، مايلى كاڭنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغان بولسۇن ياكى يوتقان كۆرپە  دۆۋىسى ئۈستىدە ياتقان بولسۇن، ئىللىغان بۇئائىلىگە تېخىمۇ كۆپ ئىللىقلىق ۋە مېھرىبانلىق يەتكۈزگەن بولاتتى. قارىغاندا ئادەمدىكى ھارارەت  دۇنيانىڭ ھەرقانداق بۇلۇڭىدىكى  مۇزلاپ كەتكەن ھاياتلىقىنى ئىللىتالايدىكەن. ھەقىقىي تيرمۇش تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگىنى ماڭا ئوخشاش  بارىغا شۈكرى قىلالمايدىغان ئادەملەر بولسا كېرەك. بۇ ئېھتىمال مېنىڭ تىراگىدىيەمدۇر…

 بىراق، چىچىگې بىلەن بۇ قايناق ئائىلە شاتلىقى دېگەندەك ماسلاشمىغاندەك قىلاتتى. پۈتۈن ئاىشام ئۇ ئىزچىل  ئۆينىڭ بۇلۇڭىدىكى بىر دۆۋە ئىگەر جابدۇقلار ئۈستىدە ئولتۇردى، قولىدا بىر كونا دەرسلىكنى مىجىقلاپ تۇراتتى. مەن ئۇنىڭغا قارىساملا ھەمىشە ئۇنىڭ ئالاقزادىلىك ئىچىدە ئېلىپ قاچقان كۆزلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قالاتتىم. پۈتۈن ئاىشام مەن داۋاساڭ بىلەن دۇنيانىڭ ئىشلىرىنى پارڭلىشىپ تۇرغان بولساممۇ  لېكىن مەن ئۇ قىزنىڭ ئوتلۇق كۆزلىرىنىڭ ماڭا تىكىلىپ تۇرغانلىقىنى، بۇ قاراشلانىڭ مېنىڭ كىيىمىم، تېنىمدىن ئۆتۈپ، مېنىڭ يۈرىكىمنى كۆيدۈرۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ تۇراتتىم.

ككەچ بولۇپ كەتتى.  دېرىزە ئەينىكىدىن  قاراڭغۇ كېچە ئاسمىنى ۋە  چار رەڭ كۆل دولقۇنىنى كۆرۈپ تۇراتتىم. ئويلىمىغان يەردىن ئۇ ئۇچ كەپسىز بالا ئۇيقۇغا كەتتى. ئۇ لار بىرسى-بىرسىگە بېشىنى قويۇپ ئۇيقۇغا كەتكەن ئىدى.داۋاساڭ ھاراق كېكىرۋەتكەندىن كېيىن بالىلارنىڭ پۇت- قوللىرىدىن تارتىپ ئۇلارنى بىر رەتكە كەلتۈردى. ئەڭ ئاخىرىدا بىر چوڭ يوتقاننى كۈچەپ چىچىگېنىڭ ئۈستىگە يېپىۋەتكەندىن كېيىن ، پەس ئاۋازدا تىللاشقا باشلىدى:

_ھىم، جىنتەگكۈر خوتۇن، بۈگۈن نەدە ئۆلۈپ كەتكىنىڭنى بىلگىلى بولمايدۇ، تۆشەك سېلىپ بېرىدىغان ئادەممۇ يوق دېسە… ئۇ چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ ئېغىزىنى پۈرۈشتۈردى، ئىككىمىزنىڭ كۆزى ئۇرىشىپ قالدى. ئۇ دەھال كۆزىنى يۇمۇۋالدى. لېكىن مەن شۇ دەقىقىدە نېمىنىدۇر ھېس قىلغاندەك بولدۇم.

ئوڭايسىز جىمجىتلىق بىر قانچى سېكۇنت داۋاملاشتى. ئېھتىمال ھاراقنىڭ كۈچىدۇ،مەن ئۇنىڭ كەڭ مۆرىسىدىن تۇتۇپ سورىدىم:

مەندىن بىزار بولۇپ كەتتىڭغۇ دەيمەن؟

ھارۋىكەش پۇشۇلداپ نەپەس ئالاتتى، ئۇ سەل ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن يەنە يېرىم قاچا ھاراق قۇيدى.ئۇ چوڭقۇر بىر ئۇھ تارتىۋەتكەندىن كېيىن تۆۋەن ئاۋازدا ئېغىز ئاچتى:

_ قارا،مېنىڭچە شەھەرلىكلەردە ۋىجدان يوق، ئۆز ئانىسى ئۆلۈپ كەتسىمۇ پەرۋا قىلمايدۇ…

 مەن ئوڭايسىزلىنىپ بېشىمنى تۆۋەن قىلدىم.

_ بۇرادەر،  گېپىم قۇلىقىڭغا ‍خۇش ياقماسلىقى مۇمكىن، لېكىن راست گەپنى قىلغاندا سېنى خېلى بولدى ئۇنتۇپ كەتكىلى،سېنى ھەرگىز قايتىپ كېلىدۇ دەپ ئويلىمايتتىم. _ قارا،مېنىڭچە شەھەرلىكلەردە ۋىجدان يوق، ئۆز ئانىسى ئۆلۈپ كەتسىمۇ پەرۋا قىلمايدۇ…

 مەن ئوڭايسىزلىنىپ بېشىمنى تۆۋەن قىلدىم.

داۋاساڭ ئۆزرە ئىچىدە ھاراق سۇنۇۋېتىپ، كەڭ قورساقلىق بىلەن دېدى:

_ ھەي، بۈگۈن خاتا ئويلىغانلىقىمنى بىلدىم،قارا سەن بۈگۈن ئاتمۇ مىنمەي، تاغلاردىن ئېشىپ بىزنىڭ بايىن ئۇرانى تېپىپ كەپسەن، قېنى ، ھاراق ئىچ، ھاراق ئىچ.

مەن بۇ ئاچچىق ھاراققا بىر قاراۋېتىپ، ئارقىدىن غۇتۇلدىتىپ ئىچىۋەتتىم مەن نېمىمۇ دېيەلەيتتىم. ئىككىمىز بىر دۆۋە كىيىم كېۋەك، يوتقان كۆرپىگە يۆلىنىپ يېتىپ، جىممىدە ھاراق ئىچەتتۇق،ھار ۋىكەش ئۆزى بىلەن ئۆزى سۆزلەشكە باشلىدى:

_ھەي، بۇرادەر، گەپنىڭ راستىنى قىلغاندا، سەن ئۇ چاغدا ئۇناق قىلماسلىقىڭ… ئۇ ئىشلار، بىر قىزغا ئائىلىنى تاشلاپ قويۇپ كەتمەسلىكىڭ كېرەك ئىدى.ھەي، 10 يىل بولاي دېدى.

مەن ئولتۇرۇپ ,ئۇنىڭغا ئاستا ھاراق قۇيۇپ بەردىم.

_ ئۇ كۈنى كېچىسى قۇرۇق ھارىۋىنى ھەيدەپ ئايدىڭدا كېتىۋاتاتتىم.ھەي، بەك چارچاپ كېتىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن. كېيىن قانداق ئويغانغىنىمنى بىلمەيمەن. بىر ئايا؛نىڭ يىغا ئاھازىنى ئاڭلىغاندەك قىلدىم، راست گەپنى قىلسام، قورقىنىمدىن پۈتۈن بەدىنىمگە تىرەك ئولىشىپ كەتتى. لېكىن،  مەن خۇددىي جىن چاقىرغاندەك ئاتنى بۇراپ،يىغا ئاۋازى چىققان تەرەپكە قاراپ ماڭدىم. يېقىن بېرىپ قارىسام، ھا، بىر ئايال ياغاچ چارقى سۇنۇپ كەتكەن كالا ھارۋىسىنى بېقىپ يىغلاپ ئولتۇرۇپتۇ.

مەن ھارۋىدىن چۈشۈپ نېمە ئىش بولغانلىقىنى سورىدىم. ھېي، ئۇ خۇددىي مومىسىنى ئاخىرەتكە ئۇزاتقاندەك يىغلاپ كەتتى. كېچە قاراڭغۇ، يول ناچار، ھارۋا بۇزۇلۇپتۇ، شۇڭا كۆڭلى يېرىم بولۇپ يىغلىغان ئىكەن. ئۇ بىر بالىنى قۇچاقلىۋاپتۇ، ئۇ بالا خۇددىي تېرىسىنى سويىۋالغان مۈشۈككىلا ئوخشاش بولۇپ ،كىچىكلىكىدىن ئادەمنىڭ قورققۇسى كېلەتتى. ئۇنىڭ يىغىسىنى كۆرۈپ، ئىچىم ئاغرىپ قالدى. مەن قىزچاق يىغلىماڭ دېدىم، مەن سىلەرگە ئوغۇل بولاي، ئۇ  موماينى دەپنە قىلىشقا ئۈلگۈرۈپ كەلدى. شۇنداق، قېرى ئايالنىڭ كېگىزىنى ھارۋىغا باستىم. يەنە ئۇنىڭ نەس باسقان ھارۋىسىنى چۇۋۇپ، ئۇنى چوڭ ھارۋىغا باستىم،  موماينى ھېلىقى تاغ جىلغىسى ئىچىگە  ئاپىرىۋەتتىم… مەن ئانا-بالىنى  كىگىز ئۆيگە ئاپىرىۋەتكەندىن كېيىن، بۇندىن كېيىن قانداق قىلماقچى ئىكەنلىكىنى سورىسام، بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. كېيىن مەن ھارۋىنى ھەيدەپ كېتىپ قالدىم. قايتىپ كەلەەندىن كېيىن ھەمىشە ئۇنى ئويلاپ يۈردۈم. ئويلىغانسېرى ئۇنى بىچارە بىچارە ھېس قىلدىم. شۇنداق قىلىپ يەنە ھارۋا بىلەن يولغا چىقىپ،  توي خېتى ئېلىپ، ئىككىنچى قېتىم بولىگىن دەرياسى  قولتىقىغا كەلدىم…

ئۇ ھاراقنى بىر كۆتۈرۈپلا ئىچىۋەتتى، كاڭدىن چۈشۈپ ئوچاق يېنىدا تۈگۈلۈپ ئۇيقۇغا كەتكەن چىچىگېغا تېرە يوتقان يېپىپ قويدى،  ئاندىن يەنە مېنىمغا كېلىپ ياتتى.

_ كىيىن مەن سىڭلىڭدىن سورىدىم. ئۇنىڭدىن سۇمىيە<ئەر قېرىندىشىڭ يوقمۇ؟ ئادەم دەپنە قىلىدىغان ئىشنى قىز بالا قىلمىسا باشقا ئادەم چىقمىدىمۇ؟> دەپ سورىدىم. ئۇ، بىر ئاكام بار ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ شەھەرگە كەتكەن، دېدى. بۇرادەر مەن ئاندىن سەندەك بىر ئاكىسى بارلىقىنى بىلدىم. مەن يەنە سىز بىر ئاسلاننى كۆتۈرۋېلىپ، ئۆزىڭىز دەپنە ئىشىغا ماڭدىڭىزمۇ؟ يايلاقتا شۇنچە ئادەم كۆپقۇ؟ دەپ سورىسىام ،ئۇ ، باشقىلارغا يالۋۇرغۇم كەلمىدى، ئۆزۈم بارمىسام بولمايتتى، دېدى. ھەي بەك ئاخماقلىققۇ!

ئەتىسى ھاۋا ئوچۇق بولدى. داۋاساڭ سەھەردىلا تۇرۇپ كېتىپ، تۆت ئاتنى چوڭ ھارۋىغا قوشتى. ئۇ ئۆي ئىچىنى بىرھازا قېزىپ چىقتى، ئۇ قانداقتۇر تالقان تاپالمايۋاتقاندەك قىلاتتى. كېيىن ئېغىزىنى بۇزۇپ يۈرۈپ، بىر شىشە ھاراقنى قوينىغا تىقىپ چىقىپ كەتتى.

ئۇ يوغان قامچىسىنى تاراسلىتىپ قويدى، ئاندىن مۆرەمگە قېقىپ قويۇپ:

_ بۇرادەر، ھاۋا ياخشى، مەن ھارۋا بىلەن مال يەتكۈزمىسەم بولمايدۇ، قورسىقىڭ ئېچىپ كەتسە، چىچىگې دېگەن ئاسلان چاي قىلىپ بەرسۇن، مەن يېرىم يولدا سىڭلىڭغا يولۇقىمەن، ئۇ قاراڭغۇ چۈشۈپ بولغۇچە قايتىپ كېلىپ بولىدۇ. مەن ئۇنىڭغا مەكتەپنىڭ مۆرىمەس كالىلىرىنى ساۋاپ مېڭىشنى ئېيتىمەن. ھەي، بۇ ۋاقىتلىق ئىشچى دېگەننىزە.. ھەي… ئۇ يەنە نېمىدۇر ئويلىغاندەك قىلاتتى،_ بىر قانچە كۈن كۆپ تۇر، مەن4-5 كۈندە قايتىپ كېلىمەن. بىز يەنە ئىككى قاپاق ئىچىشەيلى، ھاراق كۆتۈرەلەيدىكەنسەن.

ئۇ ھارۋىنى ھەيدەپ ماڭدى، كۆل بويدىكى ئېگىز تاغ قىرىغا تۇتاشقان ھارۋا يولىدا ئۇ ھارۋىنى ناھايىتى تېز ھەيدەيتتى، قامچىنىڭ تارسىلدىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، ھارچا چاقىدىن سېرىق توپا ئۆرلەپ تۇراتتى. ئۇ ھارۋىنىڭ شوتىسىدا قەددىنى تىك تۇتۇپ ئولتۇراتتى، قوپال ئاۋازدا نېمىلەرنىدۇر تىللايتتى، ناھايىتى روھلۇق كېتىپ باراتتى، <ئەزىمەت> دېدىم ئۆز –ئۆزۈمگە. قەلبىمدە بىر مىسكىنلىك كۆتۈرۈلدى.

مەكتەپتىكى تەنەپۇس ۋاقتىدا چىچىگې مېنى باشلاپ مەكتەپنىڭ كالىلىرىنى كۆرسەتتى. بۇ لار ئەسلىدە مەن ئالىي مەكتەپتە تەتقىق قىلغان سورتى ئۆزگەرتىلگەن  گوللاندىيە كالىسى ئىدى. ئېگىز ئالا-چىپار سۈت كالىسى سالماق قەدەم تاشلاپ مېڭىپ، بىر كىچىك ھويلىدا ئاپتاپسىنىۋاتاتتى. مەن چىلە بولۇپ كەتكەن كالا قوتىنىغا كىردىم، ئايىغىم ئاستىدىن شىلىپشىغان ئاۋاز چىقىپ تۇراتتى. مەن بۇ يەردە ىېلى ئۇزۇن تۇردۇم. شۇنداق، سۇمىيە ھەر كۈنى مۇشۇ يەردە زوڭزىيىپ كالا ساغىدۇ… چىچىگې يەنە مېنى مەكتەپنىڭ ئاشخانىسىنىڭ ئارقىسىدىكى ھويلىغا باشلاپ چىقتى. ئۇ يەرگە قىشلىق يېقىلغۇ بۇيۇملىرى_ سېرىق رەڭدىكى كالا تېزىكى،  كۆمۈر دېگەندەكلەر دۆۋىلىۋېتىلگەن ئىدى. بۇ قىزمېنى مېنى باشلاپ كۆل بويىغا كېلەي دېگەندە،  دەرسكە كىرىش قوڭغىرىقى چېلىندى. چىچىگې يىراقتىن ماڭا كۆل بويىدىكى ىر قارا رەڭلىك شىبەن تاشنى كۆرسىتىپ قويۇپ، يۈگۈرگىنىچە دەرسكە كىرىپ كەتتى.

مەن كۆل بويىغا كېلىپ ئۇ تاشنىڭئۈستىدە ئاستا ئولتۇردۇم. قاتمۇ قات مۇز تۇتىدىغان قىش كۈنى سۇمىيە بۇ تاشنىڭ ئۈستىدە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ  قاتتىق مۇزلارنى چوقۇپ، چېلەكنى سۇلاققا پاتۇرۇپ سۇ ئېلىپ، ئۇنى مەكتەپكە توشۇيدۇ.

مەن ئۇنىڭ بۇ تۇپراقتا قالدۇرغان ئىزلىرىنى تېپىۋالدىم. مەن ئۇنىڭ تۇرمۇشى ۋە جاپاسىنى كۆردۈم. بىر كېچە كۈندۈز ئىچىدە كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرىم  كۆز ئالدىمغا  ئۇنىڭ تىنىمسىز، قولى قولىغا تەگمەيۋاتقان سۇمىيەنىڭ تەسىراتىنى بەرگەن ئىدى. لېكىن بۇلار شۇ دەرىجىدە راست بولسىمۇ مەن يەنىلا بۇلارغا ئىشىنەلمەيتتىم ۋە قۇبۇل قىلالمايتتىم. لېكىن ئۇنىڭ مەن كۆرەلەيدىغان ئوبرازى مۇنداق ئىدى:ئۇ شەپەققە يۈزلەنگەن،كۆز قارىچۇقلىرىدىن ئالتۇنرەڭ ئارمانلار بالقىپ تۇرىدىغان گۈزەل قىزچاق. مەن قىرغاقتىكى چۆپلۈككە قىڭغىيىپ بىئاراملىق ئىچىدە كۆزۈمنى يۇمدۇم، ئامالنىڭ بارىچە ئۆتكەن ئىشلارنى ئويلىماشلىققا تىرىشتىم، كېيىن مەن ئۇيقىغا كېتىپتىمەن.

مەن ناھايىتى ئۇزۇندىن كېيىن بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسىام، قۇياش ئاللا بۇرۇن غەربكە قىيسىيىپ كېتىپتۇ.مەن گانگا قارانىڭ يېنىمدىكى كۆلنىڭ ئىچىدە تۇرغانلىقىنى كۆردۈم، ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىدىكى تۈكلەر كۆل سۈيىدە يۇيۇنغاندىن كېيىن پاكىزلانغان كۆمۈردەك كۆرۈنەتتى، قۇياشقايۈزلەنگەن تەرىپى قارا سىردا سىرلىغاندەك پارقىرايتتى.

ئۇ يىنىك تەۋرىنىۋاتقان كۆلسۈيىنىڭ تېيىز ساھىلىدا مىدىرلىماستىن دىڭڭىدە تۇراتتى.ئۇ بېشىنى ئېگىز كۆتۈرىۋالغان، يا ئوقىغا ئوخشايدىغان ئىككى قۇلىقىنى تىككىدە قىلىپ  ، نېمىگىدۇردىققەت بىلەن قارىۋاتقاندەك قىلاتتى.

مەن دەرھال ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇ تەرەپكە__ خۇددىي كۆل يۈزىدە  مانان كۆتۈرۈلۈپ لەيلىگەندەك كۆرۈنىدىغان قارا كۈلرەڭ تاغلارنىڭ قىرىغا قارىدىم. تاغ قىرىدىكى خۇددىي تېز كۆتۈرۈلىۋاتقاندەك  يېنىك تۈتۈندەك كۆرۈلىدىغان ھارۋا يولىدا بىر تۇتاش ت‍ۆت قارا چېكىت كۆرۈندى. ئۇ ئالدى كەينى ئۆز-ئارا چېتىلغان كالا-ھارۋىسى بۇ تەرەپكە قاراپ لۆلمۈلدەپ كەلمەكتە ئىدى.

(داۋامى بار)

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 
    • شىرىن بۇلاق بلوگى سېلەر بىلەن ئۇلىنىش قىلىشنى خالايدۇ،خالىساڭلار ئۇلىنىش قىلىۋالغان بولساڭلار
      تور ئادىرسى:http://shirinbulaq.com
      تۇغ:http://shirinbulaq.com/wp-content/uploads/2011/09/logo1.gif

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچ 23:36

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى