مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
ناخشىدىكى قىسمەت: قارا تۇلپار(2)
تەۋە تۈر: تەرجىمىلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2011/08/30 | كۆرۈلۈشى: 782 قېتىم

ئاپتورى: جاڭ چېڭجى

چۈشتاق تەرجىمىسى

 

(پوۋېست)

 

3

ئۆتتۇق مانا «ئاسەي» دېگەن قۇدۇقتىن،

يېنىدا يوق ئويۇق بىلەن ھەم سوغا.

گانگا قارا جىلغا بويلاپ چاپماقتا. مەن كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمۇپ، ئاتقا چىڭ چاپلىشىۋالغان ئىدىم. دەريا ساھىلىنى، قۇمۇشلۇقنى، پۈتكۈل بېرگىن يايلىقىنى، ھەتتا ئاشۇ سۈرلۈك دەپنە جىلغىسىنى ئەسلەشمۇ مەن ئۈچۈن ئازاب ئىدى. بىلىمەن، شۇتاپتا مومام ئاشۇ شاللىق يېنىدا مېنى ئەيىبلىگەن ھالدا ماڭا قاراپ تۇرىدۇ. موما، مېنى ئۇنتۇپ كەتكىن… مەن ھەدەپ ئاتنى دېۋىتەتتىم، موما، بۇرۇنقى بايىن باۋرگىننى ئۇنتۇپ كەت، چۈنكى ئۇ سېنىڭ ئۆمرۈڭنىڭ ئاخىرىدىكى ئارزۇيۇڭنى يوققا چىقاردى، شۇ سەۋەب سۇمىيە ھېلىقى دەريادىن ئۆتۈپ، يىراق ناتونۇش يەرگە ياتلىق بولدى، مەن يەنىلا ھەدەپ ئاتنى دېۋىتەتتىم. كېچە ئۆزىنىڭ تۇم قارا قوينىنى كەرمەكتە. ئۈنسىز ھالدا ماڭا ئىچ ئاغرىتىپ ئەگەشمەكتە، ئۇ مېنىڭ تەڭقىسلىقىمنىڭ سەۋەبىنى بىلىدىغاندەك قىلاتتى، ئەلۋەتتە، پەقەت كېچىلا، نۇرلۇق سۈبھىگە ھامىلىدار كېچە يايلىقىلا ھەممىنى بىلەتتى. ئۇ ئۆز قوينىدا يۈزبەرگەن تالاي ئىشلارغا شاھىت ئىدى. مېنى، ئەخمەق ھەم قوپال بايىن باۋرگىننىڭ ئۆتمۈشتە قانچىلىك مۇلايىم ھەم ئاقكۆڭۈل ئىكەنلىكىنىمۇ بىلەتتى.

سۇمىيە ئىككىمىز ئوچاقنىڭ شىمال تەرىپىدىكى مومام بىزگە بوشىتىپ بەرگەن ئاق كىگىزلىك ئورۇننى ئىگەللىمىدۇق. مومامنىڭ ياخشى نىيەتلىك سۆزى سۇمىيە ئىككىمىزنى راستىنلا يىراقلاشتۇرىۋەتتى. مەن پۈتۈن ئىشتىياقىم بىلەن كىتابقا ھەم مال دوختۇرلۇققا خۇشتار بولغاندىن كېيىن، گەپ سۆزلىرىم غەيرىلىشىشكە ۋە يايلاقتا چوڭ بولغان يىگىتكە ئوخشىماي قالغان ئىدىم. سۇمىيە قوي پادىلىرىنى ئېغىلغا سولاپ بولغاندىن كېيىن، كۆپ ھاللاردا ئىشىك يېنىدىكى مەپە ھارۋىدا ئۇخلايتتى، ئارىمىزدا گەپ-سۆزمۇ ئازلاپ قالغان ئىدى. ئەمما بىز يەنىلا بىر-بىرىمىزنى ئاستىرىتتىن كۈزىتىپ يۈرەتتۇق. قارىماققا، ھەرئىككىمىز كۈنلەرنىڭ مۇشۇ تەرىزدە ئۆتۈشىنى ھەم قىممەتلىك ، بىقىياس بىر ئىستەك-بىخنى شۇ پېتىچە ساقلاشنى خالايدىغاندەك ئىدۇق. پەقەت بىز بەزىبىر ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارنى، يەنى كىمگە يەكتەك تىكىپ بېرىش، كوپراتىپتىكى ئالدىراش دادامنى چاقىرىپ كېلىپ ئوبدان بىر كۈتۈش دېگەندەك ئىشلارنى دېيىشكەن چاغدا سۇمىيەنىڭ ئىنتايىن خۇشال ئىكەنلىكىنى بايقايتتىم. ئۇ تۇرمۇشتىكى ئاددىي بىر ئىشلاردىنمۇ ئۆز خۇشاللىقىنى تاپالايتتى. ھەتتا بىر قېتىم بازاردىن ئەكەلگەن «قىيام»نى يىگەن چاغدىمۇ ئۇ شۇنچىلىك خۇش بوپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭدا ئاللىبۇرۇن ئۈمىد پەيدا بولغانلىقىنى ئېنىق ھېس قىلدىم. بىر جەلبكار باھارسىياق كەلگۈسى بەخت بىزنىڭ كونا كىگىز ئۆيىمىزگە كىرىشكە تەقەززا ئىدى.

دەل شۇ چاغدا، دادام بۇيرۇق بويىچە خىزمەت ئالماشتى. ئۇ قوشنا خوشۇندىكى يىراق بىر كوممۇناغا مېڭىشتىن ئاۋۋال بىز بىلەن خوشلاشقىلى كەلدى.  مەن سىرتتا قوي بوغۇزلاۋاتقاندا دادام بىلەن مومامنىڭ نېمىلەرنىدۇر دەپ پىچىرلاشقانلىقىنى ئاڭلىدىم. كېيىن دادامنىڭ:

-ئۇلار تېخى كىچىڭ، ئەمدىلا 17ياشلارغا كىرگەن تۇرسا، بىراق ئېرجى، ئىشلار سېنىڭ قارارىڭچە بولسۇن. نېمىلا بولمىسۇن بايىن سېنىڭ بالاڭ دە، ھەي، ھاراق بارمۇ؟ ئازراق ئىچەيلى، راستلا تەلەيلىك جۇمۇ مەن.-دېگەن گېپىنى ئاڭلاپ قالدىم.

دادام ماڭىدىغان چاغدا مېنى مەھكەم قۇچاقلىۋالدى. مەن خىجىل بولساممۇ بوشىنالمىدىم. ئۇ يەنە ئۇرغۇلۇق قىلىپ:

-بايىن باۋرگىن! مەن بەك خۇش، ئاناڭ ھايات بولغان بولسا…، ھەي، بولدىلا! يارايسەن شۇمتەك.-دېدى.

بىرقانچە كۈندىن كېيىن، كوممۇنانىڭ مال دوختۇرلۇق پونكىتى ماڭا خوشۇندا يېرىم يىللىق تەربىيەلەش كۇرسى ئاچىدىغانلىقىنى، چارۋىچىلىق كەسپىگە مال دوختۇرى تەربىيەلەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى بەردى.

نەچچە يىللاردىن بېرى، كەسپىي تەربىيەلىنىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئىدىم. چۈنكى داۋاملىق ئاشۇ پېشقەدەم مال دوختۇرىغا ئەگىشىۋەرسەم بۇ ئىشنى بىر باشقا ئېپ چىقالمايتتىم. تىراكتورنىڭ گاز تۇرۇبىسىنى ئىنەكنىڭ ئارقىسىدىن كىرگۈزۈپ يەل بېرىش ئارقىلىق ئىنەكنى داۋالاش، ئىت سۈتىنى ئاتقا ئىچۈرۈپ، بايتالنىڭ قوسىقىدىكى ئۆلۈك ھامىلىنى چۈشۈرۈش دېگەندەك تېخنىكلار ھەقىقەتەن ئۈنۈملۈك بولسىمۇ، بۇلارنىڭ نەزەرىيە ئاساسى نېمە؟ بەلكىم، بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش كۇرسى ماڭا ھەقىقىي چارۋىچىلىق بىلىملىرىنى بېرەلىشى مۇمكىن، شۇڭا مەن بۇ قېتىمقى ئاسانغا كەلمىگەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشنى قارار قىلدىم.

ئەلۋەتتە، سۇمىيەنىمۇ ئويلىدىم. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، دەل سۇمىيە سەۋەبلىك مەن بۇ قارارنى چىقاردىم. يېرىم يىلدىن كېيىن، گانگا قارا ھەقىقىي ئات بولىدۇ. مەنچۇ؟ مەنمۇ 18ياشقا تولىمەن. 18ياش، يىگىتلىك، ئۇزاقتىن تەلپۈنگەن ياشلىق، مۇستەقىل ھەم ئۆي-ئوچاقلىق بولىدىغان مەزگىل. 18يېشىمدا مەن قاۋۇل بەستىم ھەم قابىلىيىتىم بىلەن يايلاققا قايتىمەن. ئەلۋەتتە، 18ياشلىق سۇمىيەمۇ ئۇ چاغدا تېخىمۇ ئىشچان، تېخىمۇ ھارماس، تېخىمۇ كۆيۈمچان ۋە تېخىمۇ گۈزەل بوپ كېتىدۇ. ئۇ چاغدا، مەن تەۋرەنمەس روھىم ھەم ئەركەكلەرگە خاس سالاپىتىم بىلەن ئۇنىڭغا كۆڭۈل ئىزھار قىلىمەن. ئىككىمىزنىڭ پۈتكۈل يايلاقتىكىلەر ھەۋەس قىلغۇدەك ئىللىق ئائىلىمىز بولىدۇ، بەختىيارلىق ئىچىدە مومامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىمىز، ئۇنىڭ ئاخىرقى ئۆمرى بەخت ھەم خۇرسەنلىك ئىچىدە ئۆتىدۇ. ۋاھ، مەن ئۆز خىيالىمدىن ئۆزۈم مەست بولغان ئىدىم. ئاشۇ كەلگۈسىگە ئۇلاشماقنى ئىستەيتتىم، قارا تۇلپىرىمغا مىنىپ، يايلاققا قايتىدىغان كۈنلىرىمگە ئالدىرايتتىم. تۇرمۇش ماڭا قاراپ كەڭ قۇچاق ئاچماقتا ئىدى، مېھنەت، ھارارەت، مەئىشەت ھەم مۇھەببەت ئىلكىدە ماڭا قاراپ كۈلمەكتە ئىدى.

سۇمىيەنى چاقىرىپ كېلىپ، ئۇقتۇرۇشنى ئۇنىڭغا سۇنغاچ:

-قارا، خوشۇنغا ئۆگىنىشكە بارماقچى بولىۋاتىمەن، نەرسە كېرەكلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ بەر.-دېدىم.

ئۇ خورجۇننى ئىزدەپ ماڭدى، مەنمۇ ئارتۇقچە گەپ قىلمىدىم. ھەممىگە كەلگۈسى بىرنەرسە دېسۇن. ئەتىسى بىر كوزۇبلۇق ماشىنا ئەترىتىمىزگە قوي يۇڭى يىغقىلى كەلدى. مەن شوپۇر بىلەن دېيىشىپ، خوشۇنغا ماشىنىلىق بارماقچى بولدۇم. شوپۇر تولىمۇ تۈز كۆڭۈل خەنزۇ يىگىت بولۇپ، ئۇ كابىنكىدىكى ئىككى ئورۇننى باشقىلارنىڭ ئىگەللەپ قويغانلىقىنى، ماڭا كوزۇبتىن ئولتۇرغىدەك يەر چىقىرىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

-ۋەدە بېرەيكى، ئايروپىلاندا ئولتۇرغاندەك راھەت.-قوشۇپ قويدى ئۇ.

بىزنىڭ بېرگىن يايلىقى خوشۇندىن خېلىلا يىراق ئىدى. شۇكۈنى يېتىپ بېرىش ئۈچۈن شوپۇر ماڭا كېچە سائەت 3تە يولغا چىقىدىغانلىقىمىزنى ئۇقتۇردى.

ئۆيدىكىلەرنىڭ مەسلىھەتى بويىچە، سۇمىيە مېنى خوشۇنغىچە ئۇزۇتۇپ بارىدىغان، مېنى جايلاشتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن يەنە مۇشۇ ماشىنىدا قايتىپ كېلىدىغان بولدى.

كېچىدە، سۇمىيە ئىككىمىز ئارغامچا بىلەن كىگىز ئۆيدىنمۇ ئېگىز بېسىلغان قوي يۇڭى ئۈستىگە چىقتۇق، ئۈستىدە چاسا قىلىپ باغلانغان قوي يۇڭىدىن چىقىرىلغان ئوقۇرسىمان جاي بار ئىدى. شۇپورنىڭ ئولتۇرغىدەك جاي چىقىرىپ بېرىمەن دېگىنى مۇشۇ ئىكەن.

ماشىنا چاقى يايلاقتىكى ئوت-چۆپلەرنى بېسىپ، بىر خىل ئاۋاز چىقىرىپ كېتىپ باراتتى. كېچە ئاسمىنىدا يۇلتۇزلار ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى. كېچە ئاسمىنىدىكى ھىلال ئاي بارغانسېرى غۇۋالىشىپ بارماقتا ئىدى. ماشىنا تۇرۇپ-تۇرۇپ تاغ باغرىغا كىرگەندە، پايانسىز كەڭرىلىكنىڭ ئۇ –بۇ يەرلىرىدە سارغۇچ نۇرلار پارقىراتتى. بۇ چىدىرلار ئىچىدىكى ئۆچمىگەن ياكى يېڭىدىن ياققان ئوتلارنىڭ يورۇقى ئىدى. ئەمما، ماشىنا تاغ جىلغىلىرىغا كىرگەندە بولسا، سىرلىق ئوت ئۇچقۇنلىرى غايىب بولۇپ، تۆت تەرەپتىكى تاغلار غۇۋالىشىپ باراتتى ھەم تەننى شۈركەندۈرگىدەك كۈزنىڭ سوغۇقىنى ئۇراتتى.

-توڭدىڭىزمۇ؟- مەن ئۈستۈمدىكى يېپىنچىنى تۈزىگەچ سۇمىيەدىن سورىدىم.

-ھىم، توڭدۇم، شامال بەك كۈچلۈك ئىكەن-دېدى ئۇ چىشلىرىنى كاسىلدىتىپ.

مەن بىردەم دېلىغۇل بولغاندىن كېيىن، بەلباغنى يېشىپ، يەكتەكنى كەڭرى ئاچتىم، ھەم ئىككىمىزنىڭ تىزىنى ۋە ئالدىمىزنى يۆگىدىم. قوي يۇڭىغا يۆلىنىپ تۇرغاچقا، دۈمبىمىز توڭلىمايتتى. ئەمما مۇزدەك شامال ئوچۇق قالغان يەرلەردىن شۇڭغۇپ كىرەتتى. مەن توسۇپ بولالماي ئاۋارە ئىدىم.

-بولدى، سىز كىيىۋېلىڭ. ئاغرىپ قالماڭ يەنە.- دېدى سۇمىيە بۇرۇلۇپ.

-ياق، بولدى.

-ئاغرىپ قالسىڭىز مومام مېنى تىللايدۇ، يەنە تېخى…

-بولدى كاپشىماڭ،-قاخشىدىم ئۇنىڭغا.

-ھەي، بايىن باۋرگىن، يېقىنراق ئولتۇرۇڭ، توڭۇپ كېتىپسىز.

-سوغۇقتىن قورقمايمەن.-دېگىنىمچە قەستەن ئۇنىڭدىن نېرىراق سۈرۈلۈپ، پايانسىز كەتكەن يايلاققا قارىدىم. ماشىنا بىر خىل رېتىمدا غۇيۇلداپ ئالغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە. يول بويىدىكى جەرەنلەر چۆچۈپ ئويغىنىپ، غەلىتە مەخلۇق—ماشىنىغا ھاڭۋېقىپ قاراپ تۇرىشاتتى. ماشىنا ئۇلارنىڭ سايىسى يېنىدىن ئۆتكەندە ئۇلار بەئەينى قارا قىيا تاشلارغىلا ئوخشاپ قالاتتى. بېرگىن دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى نۇرغۇن كىچىك ئېقىنلار مۇشۇ يەردە تىنىمسىز بىر-بىرىگە قوشۇلاتتى. ئاشۇ كىچىك ئېقىنلار خۇددى بۇ ماشىنىنى ئەتىگە باشلاپ مېڭىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. ئۆزۈمچە تەسەۋۇر قىلىپ باقتىم، قەلبىمدە بېسىلغۇسىز بىر ھاياجان دەۋرەيتتى. شۇ ئەمەسمۇ؟ مۇشۇ ھارماس، تىنىمسىز كىچىك ئېقىنلارغا ئوخشاش مەنمۇ بىپايان چۆللۈكنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئۆتمۈشتىكى ساددىلىقلىرىمنى ئارقامدا قالدۇرماقتىمەن. دەل مۇشۇ جىمجىت يايلاق كېچىسىدە يۇرتۇم قىزى سەپىرىمگە ھەمدەم بولۇپ مېنى ئۇزىتىۋاتسا، مەن قانداقمۇ توڭلاي؟ ئەخمەق قىز!. يەكتىكىمنى سېلىۋەتكەنگە نىم بولاتتى؟  كەلگۈسىدە سېنى قانچىلىك قوغدايدىغانلىقىمنى ھەم كۆيۈنىدىغانلىقىمنى بىلەمسەن؟… شۇتاپ سۇمىيە يېنىمدا سوغۇقتىن تۈگۈلۈپلا قالغان ئىدى. خۇددى بىر قوزىدەكلا مەن يېپىپ قويغان يەكتەكنىڭ ئىچىدە ياتاتتى. كېچە يورۇقىدا مەن ئۇنىڭ يوغان كۆزلىرىنىڭ قاراڭغۇلۇققا تىكىلگىنىنى، كېچىدىكى پايانسىز يايلاققا تىكىلگەنلىكىنى كۆردۈم. تۇرۇپلا قەلبىمدە كۈچلۈك بىر مۇھەببەت دولقۇنى مەۋج ئۇردى، يېنىمدىكى بۇ بىغۇبار گۈزەل قىزنى قوغداش ئىرادىسى مەندە قارار تاپتى. مەن ئىتتىك ئۆرۈلۈپ، يېپىنچىنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭغا يېپىپ قويدۇم. ئۇنىڭ قارشىلىقىغا ۋە ھەيرانلىقىغا پەرۋمۇ قىلمىدىم. ئۇنىڭ ھەممە يېرىنى مەھكەم يۆگىدىم. گەرچە سوغۇق شامال شۇئانلا كىيىمىمدىن ئۆتۈپ، تېنىمنى تىترەتكەن بولسىمۇ، ئەمما مەن شۇنچىلىك راھەت ھېس قىلدىم. ياق بۇ راھەت ئەمەس، بۇ مەغرۇرلۇق، بۇ غالىبلىق. مەن ئەزەلدىن بۇنداق ئىپتىخارلىق ئىلكىگە چۆمگەن ئەمەس.

-بولمايدۇ!- سۇمىيە قارشىلىق قىلاتتى.-بايىن باۋرگىن!…. ساراڭ بولدىڭىزمۇ؟ توڭلاپ ئۆلۈپ قالىسىز!-ئۇ ھەدەپ ۋارقىرايتتى، يەكتەكنى ماڭا قارىتىپ ئاتاتتى.

شۇچاغدا، ماشىنا بىرلا سىلكىنىپ، تىيىز بىر ئېقىنغا كىرىپ كەتتى. لىق قوي يۇڭى بېسىلغان ماشىنا كۈچلۈك تەۋرىنەتتى. مەنمۇ بىرلا سىلكىنىپ، يۆلىنىپ ئولتۇرغان قوي يۇڭى تېيىغا چىقىپ قالدىم. سۇمىيە ۋارقىرىغىنىچە ئۆزىنى قوينۇمغا ئاتتى. ئۇنىڭ مۇزدەك يۈزى بوينۇمغا سۈركەلدى. قەلبىمدە شىددەتلىك بىر غەليان كۆتۈرۈلدى، يۈرىكىم جەڭ دۇمبىقىدەك دۈپۈلدەيتتى. مەن ھېچنىمىگە پەرۋا قىلماي ئۇنى باغرىمغا باستىم، پەپىلىدىم. ئۇنى شۇنچىلىك چىڭ قۇچاقلىۋالغان ئىدىمكى، ئۇ بوش ئاۋازدا ئىڭرايتتى. ھاياجاندىن تىلىم گەپكىمۇ كەلمەيتتى، توختىماي: سۇمىيە، سانا، سانا…، دەيتتىم.

سۇمىيەمۇ مېنى چىڭ قۇچاقلىۋالغان بولۇپ، بېشىنى ھەدەپ قوينۇمغا تىقاتتى، بېشىنى كۆتۈرۈشنى خالىمايتتى. كىيىمىم ھۆل بولغاندىلا ئۇنىڭ يىغلىغانلىقىنى سەزدىم.

بۇ چاغدا ماشىنا كەڭرى كەتكەن سايلىقتا كېتىۋاتاتتى. ماشىنا موتۇرى ھەدەپ گۈرۈلدەيتتى. ئېگىز بېسىلغان قوي يۇڭى باغلاملىرى ھەدەپ ئىرغاڭلايتتى. مەن توختىماي سۇمىيەنى بەزلەيتتىم. ئۇنىڭ ئېڭىكىدىن تۇتۇپ: سۇمىيە!ئەخمەق قىز، يىغلىما! ماڭا قارا، مەن ئويلاپ قويدۇم، كېلەر يىلى مەن قايتىپ كەلسەملا توي قىلىمىز. ئاڭلىدىڭمۇ؟ يېرىم يىل ساقلىساڭلا توي قىلىمىز!-دەيتتىم. سۇمىيە يىغلاپ تۇرۇپ بېشىنى لىڭشىتاتتى.

شۇنداق قىلىپ ئىككىمىز چىڭ قۇچاقلاشقانچە، ياشلىقنىڭ ھارارىتى ۋە قەلبى ياشارتقۇچ گۈزەل ئارزۇلار بىلەن كۈز كېچىسىنىڭ سوغۇقىدىن غالىپ كەلدۇق. ماشىنا بەئەينى غايەت زور تۇلپاردەك بارغانسېرى تېز مېڭىۋاتاتتى. چەكسىز يايلاق، تارام-تارام تاغ ئېقىنلىرى ئىككى يېقىمىزدىن ئۇزاپ باراتتى. ھەي، دۇنيا نېمىدىگەن كەڭرى ھە، كەلگۈسى نەقەدەر گۈزەل ھە! مەن ئىختىيارسىز غىڭشىپ ناخشا ئېيتىشقا باشلىدىم. ئەمما سۇمىيە مېنى توختىتىۋالدى. ئۇ قولى بىلەن ئاغزىمنى ئىتىۋېلىپ، يۈزلىرىمنى يەڭگىل سىيلايتتى. ئاندىن بارماقلىرى بىلەن چاچلىرىمنى ئوينايتتى. سۇمىيە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماستىن ئۇزاقتىن –ئۇزاق مېنى سۆيەتتى. سۆيۈشلىرى شۇنچىلىك راھەت، يېقىملىق، ھوزۇرلۇق ئىدى. بىر جۈپ چوڭ كۆزلىرى مەندىن نېرى بولمايتتى. قارچۇقلىرى شۇنچىلىك سۈزۈك ئىدى. يۈرىكىم ھاياجاندى يەنە دۈپۈلدەيتتى. ئاشۇ دۈپۈلدەشلەرگە بەختنىڭ نازاكىتى، سىرلىق ئىزتىراپلار، ئىلاھىي تۇيغۇلار ۋە يەنە يىگىتلىك لەۋزى جۆر ئىدى. مەن يەنىلا خۇرۇم يەكتەكتە سۇمىيەنى چىڭ يۆگەپ قويۇپ، ئۇنىڭ قوللىرىنى چىڭ تۇتتۇم. ماشىنا چاقى كىچىك ئېقىنلاردىكى سۇلارنى چاچرىتاتتى، چاچرىغان سۇ تامچىلىرى خۇددى بىزنىڭ ھارارەتلىك يۈزىمىزگە تەگكەندەك تۆت ئەتراپقا چېچىلاتتى. باش ئۈستىمىزدە قويۇق بۇلۇتلار بىزنى ئوراپ تۇراتتى. ئەمما بىز ئۇلارنى كۆرەلمەيتتۇق. ئەمما دەل ئاشۇ بۇلۇتلارنىڭ خىرە يۇلتۇزلارنى ۋە سۇنۇق ئاينى توسىۋالغانلىقىدا شۈبھە يوق ئىدى. بىز قۇچاقلاشقان ھالدا قوللىرىمىزنى تۇتۇشۇپ ئولتۇراتتۇق، قوللىرىمىز ئىسسىقتىن تەرلەپ كەتكەن ئىدى. شەرق ئاسمىنىدا كېچىنىڭ سۈزۈكلىكى تارتىلغان ئىدى. گەرچە قارىماققا يەنىلا قارامتۇل كۆرۈنسىمۇ، ئۇيەر-بۇيەردىكى يۇلتۇزلار غۇۋا چاقناپ تۇرسىمۇ، ئاشۇ غۇۋالىق ئىچىدىن ئۇ ئاللىبۇرۇن ئويغانغان ئىدى ھەم بىزتامان گۈزەل بىر ئاۋاز تارىلاتتى. ئۇ ئاڭلىيالمايدۇ، بەلكىم ئەسلا ئاۋاز يوقتۇر. ئەمما ئۇ ھەقىقەتەنمۇ بىزتامان يېقىنلاپ كېلىۋاتاتتى. شەرق ئاسمىنى ئۇزۇنغا سوزۇلغان كېچىدىن جىمجىتلىقنى جۇدا قىلغان ئىدى. بەلكىم ئۇ دەل مۇھەببەتتۇر، ئۇ يوپۇرۇلۇپ كەلمەكتە. چاپچىپ تۇرغان، ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان بىر كەيپىياتنى كېچە قوينىدا ئۇزۇن تۇرغان يايلاققا سىڭدۈرمەكتە.

سۇمىيە چاچلىرى بىلەن يۈزۈمنى سىيپايتتى، ئاران ئاڭلىغۇدەك تۆۋەن ئاۋازدا: «بايىن، سەن نېمىدىگەن ياخشى»-دەيتتى.

دەل شۇ چاغدا، ماشىنا سىگنال بەرگىنىچە چىڭگىرئوبادىكى ئەڭ ئېگىز تاغ ئېغىزىغا كىرىپ كەلدى. سۇمىيەنىڭ يۈزلىرى شۇ دەقىق ئوتقاشتەك قىزىرىپ، جەلبكار تۈسكە كىرگەن ئىدى. مەن ھەيرانلىقىمدىن، شەرق تەرەپكە بۇرۇلۇپ قارىدىم. ئاھ، قۇياش چىقىپتۇ… … تولىمۇ يىراقتا، نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتا، يايلاقنىڭ شەرقىدىكى دېڭىزدا، كۆزنى قاماشتۇرغۇچ ئۇپۇق سىزىقىدا قىپقىزىل سىياقتىكى يەڭگىل تەۋرىنىۋاتقان قۇياش ئاستا كۆتۈرىلىۋاتاتتى. بىزنىڭ باش ئۈستىمىزدىن باشلاپ شەرققە سوزۇلغان قارا بۇلۇتلار ئەنە شۇ يەردە قىزىل قۇياشنىڭ كۆيدۈرىشىدە غايىب بولىۋاتاتتى. يالقۇنجان كۆيۈۋاتقان، قىزىللىقىدىن كىشىنى مەھلىيا قىلىدىغان ئەتىگەنكى شەپەق چەكسىزلىك ئىچىدە سوزۇلماقتا ھەم ھاياتى كۈچكە تولماقتا ئىدى. ئۆز ھەيۋىسى ھەم قۇدرىتى بىلەن يايلاقتىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان كېچىنى گۇمران قىلماقتا ئىدى.

ھەي، تەرىپىگە سۆز يەتمەيدۇ. بۇ مەن مۇشۇ يېشىمغىچە كۆرگەن ئەڭ گۈزەل، ئەڭ ھەيۋەتلىك سۈبھى جامالىدۇر.

بىز ئۆزىمىزمۇ تۇيمايلا ئورنىمىزدىن تۇرۇپ كېتىپتۇق، يىراقتىن شىددەت ھەم ھەيۋەت بىلەن يۇپۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان شەپەق جۇلاسىدا شەرققە قاراپ تۇراتتۇق. سۇمىيە ھەيرانلىقتىن كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ، تىكىلىپ تۇراتتى. يۈزلىرىدە ھاياجانلىق تۇيغۇسى جۇلالاپ تۇراتتى. ئالتۇنرەڭ شەپەق ئۇنىڭ قاراقلىرىدا جۇلالايتتى، خۇشاللىق ئۇچقۇنلىرىغا ئايلىناتتى. مەن ھاياجاندىن ئۆزۈمنى ئاران تۇتىۋالغان ھالدا، ئۇنىڭ قولىنى چىڭ تۇتىۋالغان ئىدىم. تىنىمسىز تەۋرىنىۋاتقان، سەكرەۋاتقان قۇياش ئاخىرى يەر يۈزىدە تولۇق ھۆسن ئاچتى، ھاياتلىققا شۇڭغۇپ كىردى. سۇمىيە توساتتىن مېنى مەھكەم قۇچاقلىۋالدى، مەنمۇ ئۇنى باغرىمغا كۈچەپ باستىم. بىز كۆزلىرىمىزنى مىت قىلمىغان ھالدا بۇ تېپىلغۇسىز گۈزەللىككە مەستانە ھالدا تىكىلگەن ئىدۇق، ئىچ-ئىچىمىزدىن قۇياش ۋە زېمىنغا تەشەككۈر ئېيتاتتۇق، يايلاق ئانىمىزغا تەشەككۈر ئېيتاتتۇق، ئۇلارنىڭ بىزگە بەرگەن بەختىگە تەشەككۈر ئېيتاتتۇق.

ۋاھ… سۈبھى، تاڭ شەپىقىگە تويۇنغان سۈبھى! سەن بىزگە ئالەمچە بەخت ئىلكىدىكى باشلىنىشنى ئاتا قىلدىڭ!

ھالا بۈگۈن، مەن ئاشۇ گۈزەللىكلەرنىڭ ھەممىسىدىن مەھرۇم بولغان، بىئاراملىق ئىچىدە يايلاقتا ئۆتمۈشتىكى ئاشۇ قىزنى ئىزدەپ يۈرگەن ھەم ئۇنىڭ ئەمدى ماڭا تەۋە ئەمەسلىكىنى بىلگەن ھالەتتىمۇ؟  شۇنداقلا يەنە ئۇ قىزنى ئىزدەپ تېپىشقا ئۆزۈمنى مەجبۇرلاپ ھەم ئۇنى تاپقان تەقدىردىمۇ ئاشۇ كونا دەرتلەرنىڭ قايتا قوزغىلىدىغانلىقىنى بىلسەممۇ، مەن يەنىلا ئۆزۈمنى بەختلىك ئىنسان دەپ قارايمەن. قانداقلا بولمىسۇن، مېنىڭ ئاشۇ چاغلىرىم بولغان. چۈنكى تۇرمۇش ماڭا ئۇنتۇلغۇسىز ئاشۇ كەچمىشنى ئاتا قىلغان.  مەن ئاشۇ كىشىنى مەھلىيا قىلغۇچ تاڭ شەپىقى ھەم تىترىگىنىچە زېمىننىڭ باغرىدىن چىققان قۇياشنى مەڭگۈ ئۇنتىمايمەن. چۈنكى مەن ئاشۇ كۈندىكى قۇياش ئەڭ ساپ، ئەڭ گۈزەل مۇھەببەتنى زاھىر قىلغان دەپ قارايمەن. گەرچە مەن ھازىر قەدىمىي ناخشا «قارا تۇلپار»غا مەستانە بولۇپ، تەگسىز ھەسرەتلەرگە جۆر ھالدا، ماڭا تالىق ھەم لايىق بولغان ھەسرەت ھەم نادامەتلەر ئىلكىدە تۇرساممۇ، يەنىلا، كەچمىشلەرگە باي، مۇھەببەت-نەپرىتى ئېنىق ئىنسان يەنىلا ئەڭ بەختلىك ئىنسان دەپ قارايمەن.

 

4

مېڭىپ ئۆتتۈم ئىككى ئۆينىڭ ئالدىدىن،

يوق لېكىن مەن ئىزدىگەن سىڭلىم مانا.

 گانگا قارا ھەقىقەتەنمۇ ياخشى ئات ئىدى. گەرچە ئۇ قېرىپ قالغان بولسىمۇ، چېپىشى يەنىلا تېز ھەم سىلىق ئىدى. مەن ئۇنىڭغا مىنىپ، چىقمىغان دۆڭ، چۈشمىگەن جىلغا قالمىدى. بىركېچە-كۈندۈزدە 200چاقىرىمدىن ئارتۇق يول ماڭدۇق. يولنىڭ سول قاسنىقىدا ئۇل تېغىنىڭ سايىسى يېقىنلاپ كېلەتتى.

قاش قارايغان چاغدا، ئۇل تېغىنىڭ يايلىقىدا ئاتنى مېڭىشىغا قويۇۋېتىپ، يىراقتىكى ھەربىر ئايالنىڭ قارىسىغا زەڭ سالاتتىم. ئەتراپنى قاراڭغۇلۇق قاپلىغاندىلا، بىر قارارغا كېلىپ، كونا بىر كىگىز ئۆينىڭ ئالدىدا توختىدىم.

مەن ئىشىكنى ئىتتىرىپ، غۇۋا ئۆي ئىچىگە قاراپ سالام بەردىم. ئۆيدە جىمجىت ئولتۇرۇپ تاماكا چېكىۋاتقان ئىككى بوۋاينى خېلى ئۇزۇندا ئىلغا قىلدىم. ئازراق پاراڭلاشقاچ، ئەتراپقا قارايتتىم. بۇ ئۆيدە ئايال كىشى يوق ئىدى. ئاددىي ھەم رەتلىك ئۆي سايمانلىرىدىن قارىغاندا، بۇلار بۇرۇن  لاما بولغانلار ئىدى. بۇنداقلارنىڭ ئۆيى دەل مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىدەك قونالغۇ ئىدى.

بىر بوۋاي ئەمبەلنى ئېلىپ ئۇنىڭ ئارقىسىغا قىستۇرۇلغان پىچاقنى ئالدى-دە، گۆش پارچىلىدى، ئاندىن ئەمبەلدە خېمىرنى پىلتە قىلىشقا باشلىدى. ئاشنى قازانغا تاشلاپ بولۇپ، ئەمبەلنى قازانغا ياپقاندىن كېيىن، مەن ئېھتىيات بىلەن ئۇلاردىن سۇمىيەنىڭ گېپىنى سورىدىم.

-بىلدىم، سورىغىنىڭىز ھېلىقى داۋساڭ خوجايىننىڭ ئايالىغۇ. بىراق، ھىم… ئۇلار يايلاقتا تۇرمايدۇ، كوممۇنا تەرەپتە تۇرغاندەك قىلغان. شۇنداققۇ؟-دەپ سورىدى ئاش ئېتىۋاتقان بوۋات يەنە بىر بوۋايدىن.

يەنە بىر بوۋاي تاماكىسىغا ئوت تۇتاشتۇرغاندىن كېيىن، تاماكىسىنى ئۇزۇن چىشلەپ تۇرۇپ، ئېرىنچەكلىك بىلەن:

-شۇنداق، داۋساڭلار نوگاي گۆلى ئەتراپىدا تۇرىدۇ. ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا مەن ئۇنىڭ ئايالىنى كۆرگەن.- دېدى-دە پۇتىنى سوزۇپ، ئۆتۈكىنىڭ پاشنىسىغا غاڭزىسىنى ئۇرۇپ كۈلىنى قاقتى. ئىچكىرىلەپ سورىمىدىم. ئۇ بىر ئەسنىگەندىن كېيىن، ئورنىنى يىغىشتۇرۇپ، يېتىشقا تەمشەلدى.

جىن چىراغ ئۆچتى. مەن ئەديالنى چىڭ يېپىنىپ، قولۇمنى ياستۇق قىلغان ھالدا كېچە ئاسمىنىغا قاراپ خىيالغا پاتتىم.

يايلاقنىڭ كېچىسى باشلانغان ئىدى.

سۇمىيە راستىنلا مۇشۇ ئەتراپتا بارمىدۇ؟

ئاشۇ قېتىمقى تەربىيەلەش كۇرسى ئىككى ئايغا سوزۇلدى. مەن بېرگىن يايلىقىغا قايتىپ كەلگەن ۋاقتىمدا ئەتراپ يېشىللىقا تولغان 5-ئايمۇ كىرىپ بولغان ئىدى.

كۇرستا ئوبدان ئۆگەندىم. چارۋىلارنىڭ نەسلىنى ياخشىلاش ۋە مال دوختۇرلۇق دەرسىدە ئوقۇتقۇچۇمنىڭ ماختىشىغا سازاۋەرمۇ بولدۇم. كۇرس تۈگىگەندە تەقدىرنامە ۋە مال دوختۇرلۇق سايمانلىرى قاچىلانغان دورا ساندۇقىنى مۇكاپات ئالدىم.

خوشۇن چارۋىچىلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنىڭ دېيىشىچە، ئىچكى مۇڭغۇل دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق ئىنىستىتۇتى چارۋىچىلىق فاكۇلتېتى بىلەن مال دوختۇرلۇق فاكۇلتېتى بۇ يىل بىزنىڭ بۇيەردىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىكەن، مېنىڭ ئۆگىنىش نەتىجەمگە ئاساسەن، پەقەت مەنلا خالىسام مېنى ئوقۇشقا ئەۋەتىش ئويى بار ئىكەن. مەن ئانكىت جەدۋىلىگە بىرقۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن ئىدارە باشلىقىغا سۇنۇپ:

-بۇ راستىنلا ئوبدان پۇرسەت ئىكەن. ئەمما مېنىڭ يايلاقتىن ئايرىلغۇم يوق.-دېدىم.

ئىدارە باشلىقى مېنى قايتا بىر ئويلىنىپ بېقىشقا دەۋەت قىلىپ:

-سەن بۇنىڭ بىر پۇرسەت ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭ كېرەك. يايلاقتىكى ھەممە ياش بۇنداق پۇرسەتكە ئېرىشەلمەيدۇ.-دېدى. ئەمما مەن ئەتىسى سەھەردىلا بىر ئاتنى ئارىيەت ئېلىپ، بېرگىن دەريا قولتۇقىغا قاراپ چېپىپ كەتتىم.

ئۆيگە يېقىنلاشقاندا، يىراقتىنلا مومام بىلەن سۇمىيەنىڭ ئىشىك تۈۋىدە تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ يەكتىكىنىڭ پەشلىرى شامالدا يەلپۈنەتتى.

ئوھوي، مانا تېپىلغۇسىز پۇرسەت دېگەن! ئۆز دىلبىرى بىلەن بىرگە ئىشلەپ، بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈش، تاڭ شەپىقىدە قىزارغان ھەربىر سۈبھىنى بىرگە كۈتىۋېلىش. ھەقىقىي بىر ئەركەك بولۇش. بۇنداق گۈزەل ھالەتلەر مېنى شۇنچە مەپتۇن قىلاتتى.

مومام يەنىلا ئۆز ئادىتى بويىچە مەندىن ئۇنى-بۇنى سورايتتى. سۇمىيە ئالدىمغا بىرتالاي يىيىشلىك نەرسىلەرنى تىزىۋەتتى. مەن ئېلىپ كەلگەن چوڭ بىر بولاق كىتابلىرىمنى رەتلەيتتىم، كەيپىم بەك خۇش ئىدى. كىتابلىرىمنى ساندۇقنىڭ ئۈستىگە رەتلىك تىزىپ چىقتىم، ئۆيىمىز بىردىنلا پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كەتكەندەك بىلىندى. ھەممە يېڭىدىن باشلىنىش ئالدىدا تۇراتتى. بىز جىددىيلىك ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن سۇمىيە ئىككىمىزنىڭ توي ئىشىنى مەسلىھەت قىلدۇق. كۈزگە بارغاندا، تۆل ئېلىش، قوي قىرقىش، چارۋىلارغا ۋاكسىنا ئەملەش ئىشلىرى تۈگىگەندىن كېيىنكى ۋاقىتنى بېكىتتۇق، ئۇ چاغدا داداممۇ ئانچە ئالدىراش بولمايتتى. مومام يازدا ئۇنىڭغا چوڭ بىر تۇڭ قىمىز تەييارلاپ قويۇپ، ئۇنىڭغا قانغۇچە قىمىز ئىچۈرمەكچى بولدى.

كىتاب بولسىلا كىتابتىن نېرى بولالماسلىقىم ئېنىق ئىدى. مەن يەنىلا كونا ئادىتىم بويىچە بىرەر بەت ئوقۇغاندىن كېيىن قولۇمنى چايغا سوزاتتىم. سۇمىيەمۇ يەنىلا بۇرۇنقى ئادىتى بويىچە ھورى ئۆرلەپ تۇرغان ئەتكەن چاينى قولۇمغا تۇتقۇزاتتى.

ئۇ چاغدا مەن بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا، ئۇنىڭ بىر قاراپ قوياتتىم، گاھىدا ئۇنىڭ مەندىن كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆرەتتىم. ئەمما ئۇنىڭ كۆزلىرى ۋە كەيپىياتى تولىمۇ غەلىتە ئىدى، ھەتتا بىرەر دەردى باردەك كۆرۈنەتتى. تولىمۇ ئېھتىيات ۋە خۈدۈكسىرەش بىلەن ماڭا تىكىلەتتى، ئۇنىڭ بۇنداق قاراشلىرىدىن ئۇنى تونىيالمايتتىم، ھەتتا ئۇنىڭ بۇ قاراشلىرىدا ئازراق مەقسەتلىك شەپىمۇ باردەك قىلاتتى. بۇ پەقەت ئاياللارغىلا خاس قاراش ئىدى.

ھەيران بولاتتىم، ئەجىبا قىزلار بولغۇسى ھەمراھىغا ئاشۇنداق گۇمان  بىلەن قارامدىغاندۇ؟ سۇمىيە، زادى نېمە بولدى؟ بۇياققا كېلە! دەيتتىم گاھىدا، ئەمما ئۇ ئالاقزادە بولغان ھالدا بېشىنى سىلكىپ، سىرتقا قاچاتتى.

نەچچە كۈندىن كېيىنكى بىركۈنى كەچتە بىر چارۋىچىنىڭ بىر نەچچە ئۆچكىسىنى داۋالىغىلى باردىم، ئىش تۈگىگەندىن كېيىن ئۆي ئىگىسى ئازراقتىن ئىچەيلى دەپ تۇرىۋالدى. بۇچاغدا بىكارچى چارۋىچىلاردىنمۇ بىرنەچچىسى كەلدى. شۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك ئوچاقنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، ئىچىشنى باشلىدۇق.

بىرھازا ئىچكەندىن كېيىن ھەممىمىز كەيپ بولدۇق. مەنمۇ خۇشلۇقىمدا ناخشا توۋلاشقا باشلىدىم. بۇ چاغدا سېرىق چاچلىق سىرا ئەلەڭلىگەن ھالدا مۈرەمگە شاپىلاقلاپ:

-بايىن باۋرگىن، سەن… سەن ئەجەب خۇشالغۇ؟ خۇشاللىقىڭنى بىزمۇ ئاڭلاپ باقايلى، قېنى دېمەمسە!-دېدى.

-بولىدۇ، سىرا بۇرادەر،-خۇشلۇقىمدىن ئۇنىڭغا سۆزلەيتتىم،-ئۇزۇنغا قالماي مەن سۇمىيە بىلەن توي قىلىمەن، ئوقۇشقا بارمايمەن، مەن سۇمىيە…  ئېرجى…. لار بىلەن مەڭگۈ… بىرگە ئۆتىمەن.-گەپلىرىم پەقەت قولاشمايتتى.

-سۇمىيەما؟ ھاھا… ھاھاھا-سىرا مەسخىرە ئارىلەش كۈلگىنىچە، يېرىم چىنە ھاراقنى غۇتۇلدىتىپ ئىچكەندىن كېيىن، ماڭا قاراپ،- ئۇ ھەقىقەتەنمۇ چىرايلىق موزاي، ھى ھى،  تاتلىقلىقى ئۇنىڭ….-ئۇ كېرىلگىنىچە ئالدى كەينىگە ئىغاڭلايتتى.

غۇۋالىق ئىچىدە بىرلىرى ئۇنىڭغا:

-ئاغزىڭنى يۇم سىرا، نېمىلەرنى دەپ يۈرۈيسەن، مەست بوپ قاپسەن.-دەپ دوق قىلاتتى.

-مەن جۆيلۈپتىمەنما؟-سىرا چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ كۆزلىرىنى پولتايتىپ، ئەتراپتىكىلەرگە ئۆچمەنلىك بىلەن بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، ماڭا ئۇزاق سەپ سېلىپ، مەسخىرىلىك كۈلگەن ھالدا:-بەرىبىر بايىن باۋرگىنغا ئايان، شۇنداققۇ؟ سېنىڭ ئۇ چىرايلىق موزايچىقىڭ  پات ئارىدا موزايلايدۇ. شۇنداق، سېرىق تۈكلۈك موزاي! ھاھاھا، شۇنداققۇ بۇرادەر؟-دەپ كۆرەڭلىدى.

غەزەبتىن يېرىلايلا دېگەن ئىدىم، باشقىلارنىڭ تۇتىۋالغىنىغا قارىماي، سېرىق چاچلىق سىرانى بىر تېپىپ كىگىزگە دۈم چۈشۈرگەندىن كېيىن ئۆيدىن ئوقتەك چىقىپ كەتتىم.

ئاچچىقتىن ئۆزۈمنى ئاران تۇتىۋالغان ھالدا گانگا قارىنى باغلاقتىن يىشىپ، مىنەي دەپ تۇرسام، ئۆي ئىچىدىن ھېلىقى سېرىق چاچلىق سىرانىڭ:

-بېرىپ موزايچىقىڭنىڭ قورسىقىنى سىلاپ باق، موزايچىقىڭنىڭ بالىسىنىمۇ ساڭا بېرىۋىتىمەن!-دېگەن زەھەرخەندە سۆزلىرى ئاڭلاندى.

ئاتنى كۈچەپ قامچىلاپ، ئۆيگە قاراپ چاپتىم. سېرىق چاچنىڭ گەپلىرى جېنىمدىن ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى. يايلاقتا چوڭ بولۇپ مۇشۇ كەمگىچە بۇنداق سېسىق گەپنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىدىم. ئۇنى راسا بىر ئەدەبلىمىگىنىمگە پۇشمان قىلاتتىم. ئۇ تەپتارتماستىن مېنىڭ قەدىرلىك سۇمىيەمگە ھاقارەت قىلسا-ھە…

ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئاتتىن ئىرغىپ چۈشتۈم-دە، ئىشىكنى ئىتتىرىپلا ئاچتىم. ئكيدىن ۋارقىرىغان ئاۋاز ئاڭلاندى.

ئەسلىدە سۇمىيە كىيىم ئالماشتۇرىۋاتقان بولۇپ، يەكتىكىنىڭ ئالدىنى ئېتىشكە ئۈلگۈرمىگەن ئىدى. كۆزلىرىم ئۇنىڭ ئالدى ئوچۇق يەكتىكىدىن تومپىيىپ چىققان قورسىقىدا قېتىپلا قالدى.

ئىشىككە يۆلەنگىنىمچە تۇرۇپلا قالدىم. كۆزلىرىم ئۇنىڭ 5-6ئايلىق بولغاندەك تومپىيىپ تۇرغان قورسىقىدا قېتىپ قالغان ئىدى. تۇرۇپلا، سېرىق چاچنىڭ زەھەرخەندىلىك بىلەن دېگەن گەپلىرىنىڭ تېگىگە يەتكەندەك بولدۇم، سۇمىيەنىڭمۇ غەلىتە قاراشلىرىنىڭ مەنىسى بىلگەندەك بولدۇم.

مومام بىرچەتتە تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى. سۇمىيە ھودۇققان، قورققان ھالدا ماڭا قاراپ، كەينىگە داجىيتتى. يەكتىكىنىڭ ئالدىنى ئەتمەكچى بولاتتىيۇ ئېتىلمەيتتى. ئۇنىڭ چوڭ ئېچىلغان كۆزلىرىنىڭ ياشقا تولغانلىقىنى كۆردۈم. ھاراق ۋە ئاچچىقنىڭ كۈچىدىن ئۆزۈمنى ئاران تۇتۇپ تۇراتتىم، ئەمما يەنىلا بىر خىل بېسىلغۇسىز ئازاب قەلبىمدە يامراپ چەكسىز ئازابلىناتتىم. مەن ئۇنىڭغا يېقىنلاشقانسېرى ئۇ ھەدەپ كەينىگە داجىيتتى. مەن ئۈمىتسىزلەنگەن ھالدا:

-راستما؟… راستىنلا سېرىق چاچ سىرانىڭما؟-دەپ سورىدىم، ئاۋازىم ئۆزۈمگە يىغلىغاندەك ئاڭلىناتتى.

سۇمىيە كىگىز تامغا يۆلەنگىنىچە ھەدەپ تىترەيتتى. بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي ماڭا تىكىلىپ تۇراتتى، كۆزلىرىدىن ياشلار تاراملايتتى.

كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشتى… سېرىق چاچ سىرا راستىنلا ئەبلەخ ئىكەن. ئۇ چېقىلمىغان چارۋىچى ئاياللاردىن زادى قانچىلىك قالدى، ھېچكىم ئېنىق بىلمەيتتى. يايلاقتىكى خېلى كۆپ بالىلار سېرىق چاچلىق تۇرقىدا كىشىلەرگە قارىشاتتى. مەن كىشىلەرنىڭ ئاشۇ سېرىق چاچلىق بالىلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:

-ۋاھ، ھەممىسى سېرىق چاچنىڭ پۇشتى!-دېگەنلىكىنى تالاي قېتىم ئاڭلىغانمەن.

غەزەبتىن يېرىلغۇدەكلا بولغان ئىدىم، كۆز ئالدىمدا سېرىق يۇلتۇزلار جىمىرلايتتى. غەزەب بىلەن بېرىپ، سۇمىيەنىڭ ياقىسىدىن تۇتتۇم-دە، ئۇ سىلكىگىنىمچە سوراقلايتتىم. ئەمما ئۇ ئۈندىمەستىن جىم تۇرۋالاتتى. مەن تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ، ئۇنى كۈچەپ سىلكىگىنىمچە:

-ئېيتە؟ ئېيتىڭە؟… زادى نېمە ئۈچۈن؟ دېمەمسەن؟ سېرىق چاچلىق ئەبلەخ.-دەيتتىم.

-قويىۋېتىڭ!-سۇمىيە تۇيۇقسىز ۋارقىرىدى،-بالام، مېنىڭ بالام، قولىڭىزنى تارتىڭ!-ئۇ يىغلىغىنىچە قولۇمدا يۇلقىناتتى. تۇيۇقسىز ئۇ بېشىنى ئىگىپلا قولۇمنى قاتتىق بىر چىشلىدى.

ئاغرىقتىن ئۈنۈم ئىچىمگە چۈشۈپلا كەتتى، قولۇممۇ بوشىدى. سۇمىيە بىردەم ھاڭۋاققاندىن كېيىن، يۈزىنى ئەتكىنىچە يىغلاشقا باشلىدى-دە مېنى ئىتتىرگىنىچە ساىرتقا قاراپ يۈگۈردى.

قولۇمدىكى قاننى سۈرتىۋەتتىم، يارا ئورنىدا يەنە يېڭىدىن قان تامچىلىرى پەيدا بولدى. جايىمدىلا ئولتۇردۇم، تۇيۇقسىز ئاپئاق چاچلىق مومانىڭ ماڭا پەرۋاسىز قاراپ تۇرغانلىقىغا كۆزۈم چۈشتى. ئەسلىدە ئۇ بۇرۇنلا ئويغىنىپ كەتكەن ئىدى. «موما» دەپ چاقىرغۇم بولسىمۇ چاقىرالمىدىم. ئۇنىڭ بىر خىل قاراشلىرىدىن كۆڭلۈم بىرقىسمىلا بوپ قالغان ئىدى. تۇرۇپلا، مەن ئەسلى بۇ موماينىڭ ئكز بالىسى ئەمەس، دېگەن بىرخىل قورقۇنۇچلۇق خىيال كاللامدا پەيدا بولدى.

مومام تولىمۇ سالماقلىق بىلەن گەپ باشلىدى. بىر تالاي ئىشلارنى سۆزلىدى. ئەمما ھېچقايسىسى قۇلىقىمغا كىرمىدى. ئۇنىڭ ئېيتقانلىرى بۇ قەدىمىي يايلاقتا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان، بىز يوقاتماقچى بولغان رەزىللىكلەر ئىدى. بۇ رەزىللىكلەر خۇددى زۇلمەت قۇياشنى قوغلىغاندەك، ھەر جايدا گۈزەل نەرسىلەرنى قوغلاپ يۈرەتتى، بۇلغاپ يۈرەتتى. شۇ سەۋەب سۇمىيەمۇ سۇ ئەكىلىش يولىدا سېرىق چاچنىڭ رەزىل چاڭگىلىدىن ئامان قالمىغان ئىدى.

-ھەي، سەن ئوقۇشقا كەتكەندىن باشلاپ ئۇ سېرىق چاچ بىزنى ئارامىمىزدا قويمىدى،-دېدى مومام ئۇھ تارتىپ،-ئىتنىڭ بالىسى!. مومانىڭ گەپلىرىدىنمۇ بۇ ئۇنچىۋالا چوڭ ئىش ئەمەس دەپ ئويلىغانلىقى چىقىپ تۇراتتى.

جىمىپ كەتتىم. ئۆي ئىچى سۈكۈتكە چۆمدى. مومام بېشىنى تۆۋەن سالغىنىچە تەسۋى سىرىپ ئولتۇراتتى. تالادا، ئانچە يىراق بولمىغان جايدا ئىتنىڭ قاۋىغان ئاۋازى ئاڭلىناتتى، سۇمىيەنىڭ يىغلىغان ئاۋازىمۇ ئاران ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

ساندۇقنى ئاچتىم، دادام بەرگەن مۇڭغۇل پىچىقىنى قولۇمغا ئالدىم. غەزەبتىن پىچاقنى قولۇمغا ئېلىپ، سىلكىدىم، پىچاق بىسىدىن يانغان نۇرلار يالتىرايتتى. مومام بېشىنى كۆتۈرۈپ، ھەيرانلىق ئىچىدە ماڭا قاراپ تۇراتتى.

-بايىن باۋرگىن، نىم بولدى؟-سورىدى مومام ھەيرانلىق ئىلكىدە،-بالام، مۇشۇنچىلىك ئىشقا ئادەم ئۆلتۈرۈش كېتەمدۇ؟.

ئاچچىقىم راسا كەلدى، غەزەبلەنگەن ھالدا:

-ھە؟ ئەجىبا ئاشۇنداق ئەبلەخلەر يەنە ياشاپ يۈرسە بولامتى؟-دەپ سورىدىم.

مومام بېشىنى چايقىغىنىچە، ئاق چاچلىرىنى تۈزەپ:

-ياق، بالام، يايلاقتىكى كىشىلەرمۇ؟ تەڭرىممۇ بۇنداق قىلىشىڭغا قارشى. ئىتنىڭ بالىسى سىرانىڭمۇ ئۇنچە چوڭ گۇناھى يوق.-دېدى-دە ئورۇق قوللىرىنى ماڭا سۇنۇپ،-پىچاقنى ئەكەل بالام، بۇ قورقۇنۇچلۇق نەرسىنى يىغىشتۇر، نېمە كەپتۇ بۇنچە قىلىپ، ئايال كىشى ئەزەلدىن ئاشۇنداق بوپ كەلدىغۇ؟ ھەي، سۇمىيەنىڭمۇ بالا تۇغۇپ-باقالايدىغىنى ئادەمنى خاتىرجەم قىلىدىغان ئىش ئەمەسمۇ؟-دېدى يەنە.

ئاچچىقتىن بەدەنلىرىم تىترەيتتى. ئەمما مەن چىدىغۇسىز بىر خىل غېرىبلىق ھېس قىلاتتىم. قولۇمدىكى پىچاق يەرگە چۈشتى. گەپ قىلىشقا رەغىم يوق ئىدى. پەقەت ئازابلانغان، ھەسرەتلەنگەن ھالدا ئالدىمدىكى بۇ ئاق چاچلىق مومايغا زەڭ سالاتتىم. تالاغا چىقتىم، جىمجىت كۆكتە ئاي نۇرى جىمىرلايتتى. ئىشىككە يۆلەنگەن ھالدا، ئالدىمدىكى بۇ چەكسىز، سىرلىق يايلاققا ئۇزاقتىن-ئۇزاق زەڭ سېلىپ قارىدىم.

گانگا قارا كىشنەپ كەتتى، توختىماي پۇتلىرىنى يەرگە ئۇراتتى، ئېنىقكى ئۇ مېنى ساقلاۋاتاتتى. ياق، ئۆچ ئېلىشنىڭ ھاجىتى قالمىدى دوستۇم. ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئىگەرلىرنى يەشتىم. سۇمىيە چىشلىۋالغان قولۇم تېخىچە ئاغرىۋاتاتتى. ھەممە يېرىم چۇل-چۇل بولغاندەك ھېس قىلاتتىم، يۈزۈمنى ئاتنىڭ يايلىغا سۈركەيتتىم، ئات ھەدەپ پۇشقۇرتاتتى، ئالدى پۇتلىرى بىلەن يەرنى تېپەتتى.

بەلكىم نەچچە يىللاردىن بۇيانقى كىتاب ئوقۇش ئادىتىم مەندە باشقىچە بىر مىجەزنى يىتىشتۈرگەنلىكى ۋەجىدىندۇ، ۋەياكى تېگىدىن ئېيتقاندا مەن مېنىڭ ھەقىقىي بىر چارۋىچى ئەمەسلىكىمنىڭ سەۋەبىدىندۇر، ئىشقىلىپ مەن ئۆزۈم بىلەن بۇ يەردىكى پەرقنى ھېس قىلغان ئىدىم. گەرچە مەن يايلاقنى جان جەھلىم بىلەن ياخشى كۆرسەممۇ، موماملار كۆنۈپ كەتكەن يايلاقنىڭ ئادىتىگە ۋە ئۆزگەرمەس قانۇنىيىتىگە چىداپ تۇرالمايتتىم. مەن قاراڭغۇلۇق قوينىدا گانگا قارىنىڭ بوينىنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ، ئىچ ئىچىمدىن ئۆرلەۋاتقان پىغانغا چىداپ تۇرىۋاتاتتىم. مەيلى مەن ئۆزۈمنى قانداقلا بەزلىمەي ۋە ئۆتكەن ئىشلار ئارقىلىق ئۆزۈمگە تەسەللىي بەرمەي، يېڭىچە بىر ئىستەك ئازاب ئىچىدە باش كۆتۈرمەكتە ئىدى. بۇ خىل ئىستەك مېنى چاقىراتتى، تېخىمۇ پاك، تېخىمۇ مەدەنىي، تېخىمۇ ئىززەتلىك بولغان گۈزەل، سېھىرلىك بىر تۇرمۇشنى ئىزدەشكە ئۈندەيتتى.

ئەمما ماڭا سۇمىيە بولمىسا بولمايتتى. مەن بالىلىقىمدىن باشلانغان ئون نەچچە يىللىق ئەسلىمىلىرىمنى ئويلىدىم. بۇرۇنقى تۇرمۇش خۇددى باھاردا تاغ جىلغىلىرىدا يۇمران گىياھلارنى سۆيۈپ ئاققان تارام-تارام ئېقىنلاردەك شۇقەدەر شېرىن ئىدى. شۇ ئېقىن سۇلار ئۆز سۈزۈكلىكى ھەم شېرىنلىكىدە قەلبىمنى ئوراپ تۇراتتى. مەن خۇددى ئاشۇ ئىككى سەبىينىڭ غەم غۇبارسىز كۈنلىرىنى كۆرگەندەك بولدۇم. يەنە سۇمىيەنىڭ قاراقلىرىدىن نۇرلۇق ئۇچقۇنلارنى، تىنماي يالقۇنجاپ، تەبىئەت ۋە ئادەملەر ئارىسىدىكى گۈزەللىكلەر جەم بولغان جەزبىلىك تاڭ شەپىقىنى كۆرگەندەك بولدۇم. مەپە ئكينىڭ ئالدىغا بېرىپ سۇمىيەنى چاقىردىم. ئۇنىڭ دەرھال سەكرەپ چۈشۈپ، خۇددى بۇرۇنقىدەكلا، باغرىمغا ئۆزىنى ئېتىشىنى نەقەدەر ئارزۇ قىلىمەن ھە. مەن يەنە ئۇنىڭ ئوتلۇق لەۋلىرى بىلەن مېنى سۆيۈشىنى، بارماقلىرى بىلەن چاچلىرىمنى ئوينىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم. مەن ئۇنىڭ بارلىق ئىچ-پۇشۇق ۋە ئەلەملىرىنى ماڭا تۆكۈشىنى ئارزۇ قىلاتتىم. مەن ئاقىۋەت ئۇنى ئەپۇ قىلاتتىم، ھەم بار ئاماللار بىلەن سېرىق چاچ سىرا ئەبلەخنى ئۆلگىچە پۇشمان يىگۈزۈشكە ئىشەنچىم بار ئىدى.

سۇمىيە ئەمدى يىغلىمىدى، ئەمما مېنىڭ چاقىرىشىمغا جاۋاب بەرمەيتتى. مەن مەپە ئۆينىڭ ئالدىدا خېلى ئۇزاق تۇرغاندىن كېيىن، ئۆيگە قايتىپ كىردىم. ئاشۇ كېچە كۆزۈم ئەسلا ئۇيقۇغا بارمىدى.

ئىككى كۈن ئۆتتى. سۇمىيە يەنە ئاۋۋالقى ھالىتىگە قايتتى. مەن يەنىلا ئۇنىڭ ماڭا دەرت تۆكۈشىنى ئارزۇ قىلاتتىم. مەن ھەرقېتىم ئاتنى سۇغىرىپ كەلگەندە، چارۋىلارنى داۋالاپ قايتقاندا ۋەياكى كېچىدە مەپە ئۆينىڭ ئالدىدا تۇرغاندا، ئۇ ھازىرلا چىقىپ قوينۇمغا ئۆزىنى ئاتىدۇ، دەپ ئويلايتتىم.

ئەمما ئۇنداق بولمىدى، ئىككى كۈن جىمجىتلا ئۆتۈپ كەتتى.

ئۈچىنچى كۈنى سەھەردە، مەن بېرگىن دەريا بويىغا كالا باققىلى بېرىپ، قۇمۇشلار ئوراپ تۇرغان بىر چىملىقتا رەقىبىم سېرىق تۈك سىرانى ئۇچرىتىپ قالدىم.

ئۇ بىر ئالا-چىپار ئاتنى مىنىۋالغان بولۇپ، بېشىغا شەپكە كىيىۋالغان ئىدى. ئۇ مېنى كۆرۈپ نېمە قىلارىنى بىلمەيلا قالدى، تېخى ماڭا گەپ قىلغۇسى باردەكمۇ قىلاتتى. ئۇنىڭ ئاغزى ئەمدىلا ئېچىلىۋىدى، ئۇنىڭ ھېلىقى زەھەرخەندە كۈلكىسى كۆزۈمگە ئايان بولدى.

ئىچ-ئىچىمدىن بىر خىل غەزەب قاينايتتى. قوللىرىم قىچىشىپ مەيلىمگە باقمايتتى. تۇيۇقسىز گانگا قارا كىشنىگىنىچە بىر سەكرەپلا ئۇنىڭغا قاراپ ئېتىلدى. مەنمۇ قامچامنى كۈچەپ ئوينىتىپ، ئۇنىڭ ئىپلاس يۈزىگە بىرقامچا سالدىم. شەپكىسى قاياقلارغىدۇر ئۇچۇپ كەتتى، سېرىق تۈك بېشى شورلۇق يەردە توپىغا مىلىنىپ ياتتى. ئاتتىن چۈشۈپ ئۇنىڭ قېشىغا باردىم. سىرا ماڭا ھومىيىپ قاراپ تۇراتتى. تۇيۇقسىز بىرلا ئىرغىپ ئورنىدىن تۇردى-دە، ماڭا قاراپ ئېتىلدى.

ئىككىمىز پومداقلاشقان ھالدا قۇمۇشلۇقتا دومۇلاپ كەتتۇق. قورسىقىم ئۇنىڭ بىر تىپىكىدىن قاتتىق ئاغرىۋاتاتتى. ئەمما، ئاقىۋەت ئۇ يەنىلا مېنىڭ بىر مۇشتۇمۇم بىلەن كۆپكۆك دەريا سۈيىگە موللاق چۈشتى-دە، ئەتراپقا سۇلار چاچراپ كەتتى.

پۈتكۈل بەدىنىم توپا-چاڭ، قورسىقىم ئاغرىق ھالدا گانگا قارىغا مىنىپ ئۆيگە قايتتىم.

ئۆينىڭ يېنىدا، سۇمىيە بىلەن مومامنىڭ ئۆي ئىچىدە دېيىشىۋاتقان گەپلىرىنى ئاڭلاپ قالدىم. مەن قورسىقىمنى تۇتقىنىمچە قەدەملىرىمنى تەستە يۆتكەپ، ئىشىككە يېقىنلاشتىم. سۇمىيەنىڭ: «موما، بۇ رەخت ئەجەب چىرايلىقكەن»، دېگەن گېپىنى ئاڭلىدىم. ئۇلار مېنىڭ كەلگىنىمنى تۇيمىغان ئىدى. شۇنداق ئۇسساپ كەتكەن ئىدىم، ھۆ تۇتۇپ تۇراتتى. سۇمىيەنى چاقىرماقچى بولدۇميۇ ئەمما ئاۋازىم چىقمىدى. ئىشىكنى تەستە ئاچتىم، سۇمىيەمۇ جىم بولدى. مەن ئۇنىڭ ئالاقزادىلىك بىلەن بىر گۈللۈك بوۋاقلار ئايىقىنى يوشۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇ ماڭا ئېھتىيات بىلەن قاراپ تۇراتتى، بوۋاققا تەييارلىغان ئاياغنى كەينىگە تىقىۋالغان ئىدى.

بىرخىل ئەزەلدىن ھېس قىلمىغان ئازاب ۋە ئۈمىدسىزلىك مېنى قىينايتتى. بوغۇزۇمغا ئاچچىق بىرنەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك ھېس قىلاتتىم. كەينىمگە بۇرۇلۇپ، بىرپارچە شىلىمشىق قاننى تالاغا تۈكۈردۈم، مەنمۇ ئۇلارغا ئوخشاشلا بۇنى ئۇلارغا كۆرسەتمىدىم. جانسىز قوللىرىم بىلەن ئىشىكنى تۇتۇپ، بوسۇغىدىلا ئولتۇردۇم. كۆزۈم سۇمىيەدىن ئۈزۈلمەيتتى. سۇمىيە تۇيۇقسىز بىر نېمىنى ئېسىگە ئالغاندەكلا ئىشىك تەرەپكە قاراپ كەلدى. مەن قولۇمنى كۆتۈرۈپ، ئاسستاغىنا:

-مەپە ئۆيگە بارماڭ بولدى، سۇمىيە، … بۇيەرمۇ سىزنىڭ ئۆيىڭىزغۇ؟.-دېدىم ئۆزۈممۇ بىلمىگەن ھالدا. كېيىن قانداق ئويلاپ تاپقىنىم ئېسىمدە يوق، يەنە سۇمىيەگە قاراپ دېدىم:

-سىز كەتمەڭ، كېتىشكە تېگىشلىكى مەن… … … سۇمىيە، موما، مەن كەتتىم.

 

(داۋامى بار)

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى