مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
شائىرانە قەلب ۋە ئاۋامچە قەلب
تەۋە تۈر: تەرجىمىلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2011/06/12 | كۆرۈلۈشى: 889 قېتىم

ئاپتورى: فەن شياۋبو

تەرجىمان: چۈشتاق 

     نەزىرىمدىكى ئەسلا سىغىشمايدىغان بۇ ئىككى ئۇقۇمنى ئۆز-ئارا ھۈرپەيتىپ تىلغا ئالغان ئىكەنمەن، باشقىلارنىڭ خاتا چۈشىنىشىگىمۇ تەييارمەن.

     ئەگەر ئون نەچچە يىل ئاۋۋال باشقىلارنىڭ مۇشۇنداق ماۋزۇدا بىرنەرسە يازغانلىقىنى كۆرگەن بولسام، ئاپتور ئۆزىنىڭ شائىرانە قەلبى ئارقىلىق كۆپچىلىكنىڭ ئاۋامچە قەلبىنى مەسخىرە قىلماقچى ئوخشايدۇ، دەپ ئويلىشىم مۇمكىن ئىدى. چۈنكى ئۇ چاغدا مەن شائىرانە قەلب ئۇقۇمىنى ئۆز مايىللىقىم بىلەن ئېسىل چۈشىنەتتىم، ئاۋامچە قەلب ئۇقۇمىنى مەنسىتمەسلىك ۋە قارشىلىشىش خاھىشىمغا تۇترۇق قىلاتتىم. گەرچە ئاۋامچە قەلب مىشچان ھەم جان باقتى مەنتىقىلەرنىڭ جۈملىسىدىن بولمىسىمۇ، ئاۋامچە قەلبنىڭ تىلىمنى ھەم دىلىمنى بۇلغىشىدىن ئەندىشە قىلاتتىم.

     گەپ بۇيەرگە كەلگەندە، مېنى 10نەچچە يىل ياشاپ ئۆزىنىڭ ئەكسىنى تېپىپتۇ، دەپ شۈبھىلەنگەنسىز. ئەلۋەتتە، بۇ خىيالىڭىز بىھۇدە. مەن پەقەت تىنماي مۇرەككەپلىشىۋاتقان كىشىلىك ھايات سەپىرىدە تالاي ئىشلارغا شاھىد بولۇش بەدىلىگە، شائىرانە قەلب خۇسۇسىدىكى ئويلىرىمغا ھۇشيارلىق، ئاۋامچە قەلب خۇسۇسىدىكى ئويلىرىمغا ئەپۇچانلىق ھەم دەلىللىك تاپتىم.

     بىر قېتىملىق تەسىرلىك ئۆرپ-ئادەت پائالىيىتىگە قاتناشقاندىن كېيىن، شائىرانە قەلب ئۆزىگە ئاشىق، ئاۋامچە قەلب جەمئىيەتكە تالىق، بولىدىكەن، دەپ ئويلىدىم. شائىرانە قەلبنىڭ ئۆزلۈك ئىززىتى دەل ئۇنىڭ ئەسلىي مۇددىئاسىدۇر. دېمەكچىمەنكى، شائىرانە قەلب ئىستىكى كۈچەيگەنسېرى كىشىنىڭ شەخسىيەتچىلىكى كۈچىيىدۇ، ئەمما ئاۋامچە قەلب بىپەرۋالىق بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك ئەمەس.

     شائىرانە قەلب نۇقسانسىز گۈزەللىكنى ۋە ئەركىنلىكنى ئىستەيدۇ، ئەمما، بۇلار دەل رېئاللىقتا تۇتىيا تەركىبلەردۇر. شۇ سەۋەب شائىرانە قەلب مەنىسىزلىككە قاراپ بوي سۈرۈش ھەققىگە زېمىننىڭ روھى ھەم تۇپراقنىڭ زوقىدىن خالاس تاپىدۇ. ئۇنىڭ يىتىلىش جەريانى يالتىراق كۆركەملىككە ئىگە بولسىمۇ، غايىۋى شائىرانە قەلب بەلكىم قان داغلىرى(ئادەتتە ئۆزىنىڭ قېنى بەدىلىگە) ئارقىلىق چاقنىشى مۇمكىن، قەدىمدىن ھازىرغىچە بۇخىل قىسمەتلىك شائىر، سەنئەتكارلار بىرتالاي ئۆتتى، سەنئەتكارلىقتىن خالىي كىشىلەردىنمۇ غايىۋى شائىرانە قەلب ئىستىكىدە ئۆلىۋالغانلار تېخىمۇ كۆپ.

     شائىرانە قەلبنىڭ بىر تالاي قىستاڭلىرىنى ھېس قىلىپ يەتكەنسېرى، باشقىلارنىڭ شائىرانە سۆزلەر بىلەن مېنى سۈپەتلىشىنى، ئەسەرلىرىمنى باھالىشىنى ياقتۇرماس بولدۇم. چۈنكى ئۇ خىل ئۆلچەم مەن ئۈچۈن تولىمۇ يۈزەكى ھەم كونا مۇقامدەك بىلىنىدىغان بولدى.

ئەكسىچە، كۈندىلىك ياشام پائالىيەتلىرىمىزدە، ئاۋامچە قەلب ئوراپ تۇرغان كىشىلەردىكى مېھىر-ھارارەت بىر تەرەپلىمە قاراش ئىچىدە ئالدىمىزدا پەيدا بولماقتا. ئاۋامچە قەلبنىڭ مەدەنىيەت شەكلى بولغان نەچچە مىڭ يىللىق ئۆرپ-ئادەت، ئەخلاق، پەزىلەتلەر دەل ئاۋامنىڭ غۇرۇرى ھەم ھەققىگە بولغان ھۆرمەتتۇر.

 20نەچچە ياش ۋاقىتلىرىمدا ئاۋامچە قەلبنىڭ مىشچان، جان باقتى تەرىپىگىلا كۆز تاشلاپ، بارلىق ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ ئەسلىي ماھىيىتى بولمىش ئۆز-ئارا ھەمدەم بولۇش ئاساسىدا ئىنسانىيەتكە مۇھەببەت ۋە بەخت تىلەشتەك مۇھىم تەرىپىگە سەل قارىغان ئىكەنمەن.

شۇنىمو تونۇپ يەتتىمكى، ئاقىللار تەرىپىدىن ئاددىي ئىنسان دەپ قارالغان بەزىلەر تۇغما خۇلقى ھەم ياشىغان مۇھىتىنىڭ تەسىرىدە بىر ئۆمۈر ئۆگىنىش، ماسلىشىش، بوي سۇندۇرۇشنى ئۆزىگە بۇرچ سانىدى، ئۆز قەدرىنى تىكلەشتىن تارتىپ، قېرىنداشلىق، مۇھەببەت، دوستلۇق ئىشلىرىغىچە شۇ تەرىزدە ئىش تۇتتى. ناۋادا ئۇلار بۇ جەرياندا، ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن باشقىلارغا ئورا قازمىغان، داپيۈزلۈك قىلمىغان بولسىلا ئۇلارنىڭ ئاۋامچە قەلبىدىن قەلبىم لەززەتلىك تىترەيدۇ.

ئەتراپىمدا ئاشۇنداق كىشىلەر بىر تالاي بار. بەزىلىرى كىچىك تۇرۇپلا ئائىلىسىنىڭ ئېغىر يۈكىنى زېممىسىگە ئالغان، ھايات سەپىرىدىكى ئاچا يوللاردا شائىرانە قەلب ئىستىكىدىن ۋاز كېچىپلا قالماي، ھەتتا ئۆز ئارزۇسىدىنمۇ ۋاز كېچىپ، ئىنى-سىڭىللىرىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن زور بەدەللەرنى تۆلىگەن. ئىلگىرى ئۇلارنىڭ گەپ-سۆز، يۈرۈش-تۇرۇشلىرىدا مەنە تاپقان ئادىمىيلىكلەرگە تازا ئېرەن قىلمىغان ئىكەنمەن. ئۆزۈممۇ ئاۋامچە قەلب روھىدىن مەلھەم تاپقاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ نەقەدەر لەززەت ھەم گۈزەللىك ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى تونۇپ يەتتىم.

بۇنداق كىشىلەر ساددا بولۇشى، ھەتتا، ئۆزلۈك ئېڭى ۋە ھۆرمەت تۇيغۇسىمۇ كەمچىل بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، مەندە ساختا ئالىيجانابلىق ئىستىكى يوق، ناۋادا ئۇلارنىڭ ئاشۇ ئاۋامچە قەلبىگە ئازراق شائىرانە قەلب ئامىللىرى قوشۇلسا ئوبدان بولاتتى. ئىنسانىيەت جەمئىيىتى بارلىققا كەلگەندىن بۇيانقى رېئاللىق بۇنداق قىلىشنىڭ قىيىنلىقىنى، شائىرانە قەلب ساھىبلىرىنىڭ ئۆزىنى سۆيۈشىنىڭ ئاۋامنى سۆيۈشتىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىدىنمۇ قېلىشمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.

دۇنيادا شائىرانە قەلبنىڭ غايىسى ۋە رومانتىكىلىقى بىلەن ئاۋامچە قەلبنىڭ ئەمەلىيەتچىل، ئەپۇچانلىقىنى ئەپچىل بىر تەرەپ قىلالىغان ئادەم بارمىدۇ؟ ئەلۋەتتە بار. ئەمما 40يىللىق ھاياتىمدا ناھايىتى ئاز كۆردۈم. چۈنكى بۇ تۇغما ئامىل، ئائىلە شارائىتى، تەربىيەلىنىشى، قىسمىتى، تاۋلىنىشى قاتارلىقلارنىڭ ئەۋزەل ماسلىشىشىغا باغلىق. بۇ خىل ھالەت دەل تېپىلغۇسىز شارابقا ئوخشايدۇ، ئاددىي شاگىرت بۇنى ئېچىتالمايدۇ، پەقەت يىراقتىنلا خۇش ھىدىنى ھىدلايدۇ. ئەلۋەتتە ھەركىم بۇنى ئۆز غايىسى سۈپىتىدە ئىستىسە بولىدۇ، ئىستىكىگە يىتەلمىسىمۇ، شۇنىڭغا چەكسىز يېقىنلىشىدۇ.

قەلەم بۇ قۇرلارغا كەلگەندىلا ئۆزۈمنىڭ بۇ يازمىنى يېزىشتىكى ئەسلىي مۇددىئايىمنى چۈشەنگەندەك بولدۇم. يەنى، ئاۋامچە قەلبكە پارلاش پۇرسىتى بېرىش. ماڭا ئوخشاش شائىرانە قەلب مەغرۇرلىقىدا گىدەيگەن كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش: ئەقەللىي ئاۋامچە قەلب ئىلكىڭىزدە بولمىسا، شائىرانە قەلبىڭىز قانسىز سۇلياۋ گۈلدۇر. خۇشھىددىن مەھرۇمدۇر، ھىد بار دېيىلسىمۇ، مۇتلەق زەھەرلىك ھىددۇر.

«خەلق گېزىتى»دىن تەرجىمە قىلىندى.

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى