مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
يايلاقتىكى ئەپسانە: باغنانى ئىزدەش [پوۋېست] (3)
تەۋە تۈر: تەرجىمىلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2011/06/09 | كۆرۈلۈشى: 1,058 قېتىم

ئاپتورى:خېلگىنا[مۇڭغۇل]

تەرجىمە قىلغۇچى: چۈشتاق

پوۋېست

5

باغنا ئاكام قويلار بىلەن بىر يەردە بولمىغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاغاممۇ ئىزدىسەڭلار تاپالمايسىلەر دېگەچكە، نەۋرە ئاكام خاس ئەتىسى ئەتىگەندىلا كەنتكە قايتماقچى بولدى. بۇ ئىش ماڭا بەكلا ئېغىر كەلدى. ئاتا-ئانامنىڭ ئالدىغا ئەمدى قۇرۇق قول قانداق بارىمەن؟ نەۋرە ئاكام ئىككىمىز بىر قارارغا كېلەلمەي تۇرساق، كۆزلىرى يىغىدىن قىزىرىپ، ئىششىپ كەتكەن نەۋرە ئىنىم بات كەينىمىزدىن يۈگۈرەپ كەلدى. ئۇ كونا بىر ئات ئىگىرىنى نەۋرە ئاكامغا بەرگەچ:

-   دادام سىلەرگە ئاپىرىپ بېرىشىمنى ئېيتقان، ھېلىقى ئاتنى دادام سېتىۋەتتى، شۇڭا ئەمدى ئىگەرنىڭ لازىمى قالمىدى،-دېدى. ئۇ گېپىنى تۈگىتىپلا ئارقىغا ئۆرۈلۈپ ماڭدى، بىر نەچچە قەدەم ماڭغاندىن كېيىن يەنە بىزگە قاراپ:

-   راست، دادام سىلەرگە ئېيتىپ قويۇشۇمنى تاپىلىغان. بۇ يەردىن شىمالغا قاراپ 300چاقىرىم يىراقلىقتىكى بەييىن قاراۋۇلخانىسىدا بىر ئايال باخشى بار ئىكەن. باغنا ئاكامنىڭ دېرىكىنى ئاشۇ باخشى بىلەلىگۈدەك.- دېدى.

بىزنىڭ بۇ قىرچىندا ئۇ ئايال باخشىنىڭ داڭقى بار ئىدى. يىراق يېقىندا ئۇنى بىلمەيدىغانلار يوق بولۇپ، ئۇ بۇ يەردىكى ئاخىرقى باخشى ئىدى. كىچىك چاغلىرىمىزدا كەپسىزلىك قىلساق، ئاتا-ئانىمىز ئۇ باخشىنى شىپى كەلتۈرۈپ بىزنى قورقۇتاتتى. ئاڭلىشىمىزچە ئۇ پاخماق باش قېرى باخشى كۈندۈزى ئۇخلاپ، كېچىسى ھەرىكەت قىلىپ، كىچىك بالىلارنىڭ گۆشىنىلا يەيمىش. ئايال باخشىنىڭ قېشىغا بارىدىغانلىقىمىزنى ئاڭلاپ، نەۋرە ئاكام خاس بۆلەكچىلا جانلىنىپ كەتتى. بۇمۇ بولغىنى، كىممۇ بۇ ئەپسانىۋى قېرى خوتۇننى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ بېقىشنى خالىمايدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز ھازىر ئۇنىڭ قېشىغا بارىمىز دەۋاتساق، ئەلۋەتتە ھاياجانلىنىمىز- دە.

يول ئۈستىدىكى غېرىبلىق ۋە ھارغىنلىققا چىداش ھەقىقەتەنمۇ تەس ئىدى. ئۇدا نەچچە كۈن چىققان قۇم بوران نەۋرە ئاكام ئىككىمىزنىڭ چىرايىنى قارىغۇسىز قىلىۋەتكەن ئىدى. يانچۇقلىرىمىزدىكى قورۇلغان گۈرۈچ بىلەن پىشلاقلارغىمۇ قۇم ئارىلىشىپ كەتكەن بولۇپ، چاينىغاندا غىرىسلىغان ئاۋاز چىقاتتى. ئەمما يېگۈدەك باشقا نەرسە بولمىغاچقا، ئامالسىز چاينىمايلا يۈتاتتۇق. مىنىۋالغان ئېشىكىمىزمۇ قاشاڭلىشىپ كەتكەن بولۇپ، قانچە ئۇرۇپ-تىللىشىمىزدىن قەتئىنەزەر، يەنىلا مىسىلداپ ماڭاتتى. نەۋرە ئاكام يەنە ئېغىر ئۇھ تارتىپ: «ئەينى يىلى دونكخوت شامال چاقپىلىكى بىلەن قانداقمۇ جەڭ قىلغان بولغىيتتى»- دېدى. تۆت-بەش كۈن ماڭغاندىن كېيىن، بەييىن قاراۋۇلخانىسىنىڭ قارىسى كۆرۈندى. تېخى كەنتكە كىرمەي تۇرۇپلا ئۇ قېرى باخشى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدۇق.

ئۈچەيدەك تار ھەم ئەگرى-بۈگرى دەريا ساھىلىدا، نەچچە ئون تۇياق چوشقا چېپىشىپ يۈرۈپ، دەريا سۈيىنى بولغاپ قارىغۇسىز قىلىۋەتكەن ئىدى. ئۇ قېرى باخشى 80-90ياشلاردا بولۇپ، چاچلىرى كۈمۈشتەك ئاقارغان، ئاغزىدا بىرتالمۇ چىشى قالمىغان ئىدى. يۈزىنى ئەسكى لاتىدەك قورۇق باسقان بولۇپ، ئىككى كۆزى لامپىدەك پارقىراپ تۇراتتى. ئۇنىڭ بۇ ئادەتتىكىچە تۇرقى بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدەك چىقمىدى. نەۋرە ئاكام تېخى خاتا تونۇپ قالغان ئوخشايمىز، دەپ قالغان ئىدى. چۈنكى بايام چوشقا بېقىۋاتقان بالا بىزنىڭ ئايال باخشىنى ئىزدەيدىغىنىمىزنى ئاڭلاپ، بىزنى ئۇنىڭ ئالدىغا باشلاپ بارغان ئىدى. ئەمما كېيىن ئۇ قېرى خوتۇننىڭ ماڭلىيىدىكى ھىلالسىمان مېڭىنى كۆرگەندىن كېيىنلا ئاندىن جەزم قىلغان ئىدۇق. ئۇنىڭ بۇ بەلگىسىنى بىلمەيدىغان ئادەم يوق ئىدى.

ئايال باخشى قولىدىكى ھاسىغا تايانغىنىچە چوشقىلارغا تاش ئېتىپ، ھەدەپ ئۇلارنى تىللايتتى. ئەسلىدە ئۇ چوشقىلارنىڭ دەريا سۈيىنى بولغىغىنىغا ئاچچىقلىغان ئىدى. نەۋرە ئاكام يۈرىكى پوك-پوك ھالدا ئايال باخشىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئامانلىق سورىدى. ئايال باخشى بۇنى ئاڭلىمىغاندەك، توختىماي چوشقىلارنى قاغايتتى. نەۋرە ئاكام بىلەن ئىككىمىزگە قارىغۇدەكمۇ چولى يوق ئىدى. نەۋرە ئاكام يەنىلا بولدى قىلماي، قاپ يۈرەكلىك بىلەن ئۇنىڭغا يېقىنراق بېرىپ، يۇقىرى ئاۋازدا:

-        باخشى موما، سىلىدىن سورايدىغان گەپ بار ئىدى؟- دېدى.

نەۋرە ئاكامنىڭ ئاۋازى يۇقىرى چىقىپ كېتىپ، ئايال باخشىنى چۆچۈتىۋەتكەن چېغى، باخشى موماي كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ نەۋرە ئاكامغا بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن، كۈچەپ ئۈچ قېتىم تۈكۈرگەندىن كېيىن، كەينىگە بۇرۇلۇپ كېتىپ قالدى. ئۇ بەكمۇ ئىتتىك ماڭىدىكەن، خۇددى كىچىك بالىنىڭ ئۆزىلا.

بۇ مۇڭغۇللار بىلەن خەنزۇلار ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان كەنت ئىكەن. نەۋرە ئاكام ئىككىمىز ئايال باخشىغا ئەگىشىپ بىر ھويلىغا كىردۇق. ئەمما كېيىن، بۇ ئۆيدىكى ئوتتۇرا ياش بىر ئەرنىڭ غۇۋا چىراق يورۇقىدا ئېيتقان گەپلىرىدىن نەۋرە ئاكام ئىككىمىز ئىشتانغا چىقىرىۋەتكىلى تاسلا قالدۇق. ئۇ بىزنىڭ ئايال باخشىغا ئەگىشىپ كەلگىنىمىزنى ئاڭلاپ، بېشىنى چايقىغىنىچە:

-   بۇ مۇمكىن ئەمەس، ئانام بىر ئاي ئىلگىرى ئالەمدىن ئۆتكەن.- دېدى ئۇ سول بېلىكىدىكى قارا لاتىنى كۆرسىتىپ،-مانا قاراڭلار، ھازىرغىچە تېخى قارىلىق تۇتىۋاتىمەن مانا.

ئۇ كۈنى كېچىسى نەۋرە ئاكام ئىككىمىز ئايال باخشىنىڭ ئوغلىنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالدۇق. مەن كىيىمىم بىلەنلا ياتتىم. قورقۇنچۇم تېخى بېسىلمىغان ئىدى. ئاران تەستە ئۇخلىسام، يېرىم كېچە بولغاندا نەۋرە ئاكام تۈرتۈپ ئويغىتىۋەتتى. ئاندىن تولىمۇ سىرلىق قىياپەتتە:

-   مەن ئەمدى چۈشەندىم. ھېلىقى ئايال باخشى باغنانىڭ نەدىلىكىدىن بىزگە بىشارەت بېرىپتۇ.- دېدى پىچىرلاپ تۇرۇپ.

-        قانداق دەيسەن؟-دېدىم مەن ھەيران قېلىپ.

-   مەن ئۇنىڭغا گەپ قىلغان چاغدا، ئۇنىڭ ئۈچ قېتىم تۈكۈرگىنى ئېسىڭدىمۇ؟ ئۇ ئۈچىلى قېتىم ئوخشاش بىر تەرەپكە تۈكۈردى. ئۇ تۈكۈرگەن تەرەپ شىمال ئەمەسمۇ؟…-دېدى نەۋرە ئاكام.

 

6

دۇنيادا كىشىنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان ئىشلار ھەقىقەتەنمۇ كۆپ. نەۋرە ئاكام ئايال باخشىنىڭ تۈكۈرىشىنى بىشارەت دەپ تۇرىۋالدى. مەنمۇ ئامالسىز ئۇنىڭ دېگىنىگە كۆندۈم. ئەتىسىدىن باشلاپ، نەۋرە ئاكام خاس ئايال باخشىنىڭ ئۆزىگىلا ئوخشاپ قالدى. ئۇ قاياققا ماڭىمىز، نېمە قىلىمىز دېسە شۇنىڭغا كۆنەتتىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ توختىماي زارلاپ، قاشاڭلىق قىلغىلى تۇردى.

توختىماي شىمال تەرەپكە مېڭىش نەتىجىسىدە، ئۆزىمىزمۇ ئويلىمىغان ھالدا، يوقاپ كەتكەن قويلارنىڭ تۇياق ئىزىنى ئۇچراتتۇق. نەۋرە ئاكام بىلەرمەنلىك قىلىپ: قارا، قارا، باغنا يەنىلا مۇشۇ قويلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك، پەقەت مۇشۇ قويلارنى تاپالىساقلا، باغنانىڭ دېرىكىنى ئالالايمىز، دېگىلى تۇردى. قويلارنى ئىزدەش داۋامىدا، تاغامنىڭ ئۆيىدىكىدەك ئىشلار ئارقا ئارقىدىن ئۇچرىغىلى تۇردى. گەپنىڭ ھەممىسى ئاۋۋال ئۇلار قوي پادىلىرىنى تېپىۋالغان، ئاندىن ئىككى-ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۇ قويلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆيىدىكى قويدىن بىر نەچچىنى ئەگەشتۈرۈپ يوقاپ كەتكەن بولۇپ چىقاتتى. ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، قويلار بارغانسېرى كۆپىيىپ بېرىۋاتاتتى. بىزنىڭ ئۆيدىكى قويلار بارغانسېرى كۆپلىگەن قويلارنى ئەگەشتۈرۈپ يوقاپ كەتكەن ئىدى. قويلارنى تېپىۋالغانلارنىڭ بەزىلىرى بىزنىڭ قوي ئىزدەپ چىققانلىقىمىزنى بىلىپ، بىزگە ئەگىشىپ ماڭدى. ئۇلار نەۋرە ئاكام ئىككىمىزنىڭ قويلارنى تاپقاندىن كېيىن ئۆزىمىزنىڭ قىلىۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ قالغان ئىدى. ئاقىۋەتتە بىزگە ئەگىشىپ ماڭغانلار كۆپىيىپ كەتتى. بىر ئايدىن كېيىن، بىزگە ئەگىشىپ ماڭغانلار 30نەچچە ئادەمگە يەتتى. شۇ يىلى ئەتىيازدا، كىشىلەر بىر توپ ئادەمنىڭ باھار شامىلىغا ئەگىشىپ، توختىماي شىمال تەرەپكە كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

ئالدىراش سەپەردىكى بۇ كىشىلەر دەسلەپ ئۆزلىرىنىڭ قوي ئىزدەپ چىققانلىقىنى بىلسىمۇ، ئەمما بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نېمىشقا ئەگىشىۋاتقانلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ قېلىشتى. تېخىمۇ قىزىقارلىقى، يەنە بىر بۆلۈك كىشى قوي ئىزدەش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆيىدىكىلەرنىڭ توسقىنىغا ئۇنىماي، بىزنىڭ تاماشايىمىزنى كۆرۈش ئۈچۈن بىزگە ئەگىشىۋاتاتتى. ئۇلار تېخى بىزگە: سېپىڭلارغا بىزنىمۇ قېتىۋېلىڭلار، بىزمۇ بېرىپ تاماشا كۆرمەيمىزمۇ؟…-دېيىشەتتى.

بۇ كىشىلەرنىڭ يىراققا سەپەرگە چىقمىغىنىغا ئۇزۇن بولغان ئىدى. ئۇلار ئاللىبۇرۇن كۆچمەن چارۋىچىلىقتىن قول ئۈزۈپ، مۇقىم بىر يەردە ياشاپ كېلىۋاتقاچقا، يىراقلارغا سەپەر قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتىمۇ يوق ئىدى. ئۇلار بىر ئۆمۈر بالام، كالام دەپ، ئۆزلىرىنىڭ ئاددىي چارۋىچىلىق تۇرمۇشى بىلەن، كۆز ئالدىدىكى كىچىككىنە ئوتلاق ۋە ئېتىزلارغا باغلىنىپ، تاشقى دۇنيانىڭ ئىشلىرىدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز ھالدا، بېكىنمە ياشاپ كەلگەن ئىدى. ھالا بۈگۈن، ئۇلار ئاخىرى ئۆيلىرىدىن ئايرىلىشقا باھانە تېپىۋالدى. شۇڭا ئۇلار پەقەت ئالدىغا ماڭىدىغانلا ئىش بولسا، نەگە بېرىشى، نېمە ئىش قىلىشىدىن قەتئىنەزەر ھېرىپ-چارچاشقا قارىماي ماڭاتتى. ناۋادا بىرەر ئادەم ئۇلاردىن: نېمە ئىش قىلغىلى بارىسىلەر،-دەپ سورىغىدەك بولسا، ئۇلارنىڭ گاڭگىرىغان ھالدا: ھە، بىزما؟… بىلمەيمىز…-دەپ جاۋاب بېرىشى ئېنىق ئىدى.

بىز يول بويى شامال يەپ بوران كېكىرىپ، سەپەر ئازابىنى يەتكۈچە تارتتۇق. بۇنچىۋالا كۆپ ئادەمنىڭ يوقاپ كەتكەن قويلىرىنى ئىزدەپ يۈرۈشى ئۇچرىغان كىشىلەرگە غەلىتە تۇيىلاتتى. چوڭلار قىلىۋاتقان ئىشىنى قويۇپ، بىزگە ھەيرانلىق ئىلكىدە قارىسا، كىچىك بالىلار خۇددى ياڭگىر ئۇسسۇلى كۆرۈۋاتقاندەك چۇرقىرىشىپ كەينىمىزدىن يۈگۈرىشەتتى. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بىز تالاي كەنت، مەھەللىلەرنى، بىپايان قۇملۇقلارنى، يۇمران مايسىلار ئۆسۈپ چىققان چەكسىز ئېتىزلارنى، تۇتاش كەتكەن ئېدىرلارنى ۋە سىرلىق قىيالارنى كېسىپ ئۆتتۇق. چۆل-باياۋاندىكى قۇياش چىققان ھەيۋەتلىك مەنزىرە ۋە ئېتىزلىقلاردىكى كىچىك جانىۋارلارنىڭ چۇرۇلداشلىرى بىزنى ھەيران قالدۇرسا، ئىللىق قۇياش نۇرى ۋە سوغۇق شاماللار بىزنى چەكسىز سۆيۈندۈردى. قورسىقىمىز ئاچسا يول بويىدىكى كەنتلەردە غىزالاندۇق. چاڭقىساق بىرەر قاچا سۇ تېپىپ ئىچتۇق. ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر ھامان بىزگە ياردەم قولىنى سۇندى.

ئەمما، ئۆيدىن ئايرىلغان ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، كۆڭلۈم يېرىم بولۇشقا باشلىدى. گەرچە، ئەتراپىمدا بىر توپ ھەمراھلىرىم تۇرسىمۇ، قويلارنىڭ مايىقى قەدەمدە بىر كۆزگە تاشلىنىپ تۇرسىمۇ، ئەمما، تېخىچە ئاكامنىڭ دېرىكى يوق ئىدى. ئەكسىچە، ئارىمىزدا، تاغام تىلغا ئالغان ھېلىقى قوي توغرىسىدىكى پاراڭ سىرلىقلىشىپ كېتىۋاتاتتى. ئادەم دېگەن بەزىدە ئاشۇنداق بولىدىكەن. مەلۇم بىر ئىش غەلىتە تۇيۇلغان چاغدا، ئادەملەر مىش – مىش گەپلەرنى ئاۋۇتۇپ، تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرىدىكەن.

بەييىن خوشۇنىدىكى خەنجىنسەن ئۆزىنىڭ ئۇلاغ ھارۋىسى بىلەن سېپىمىزگە قېتىلغان بولۇپ، ئۇ ھارۋىغا قېتىلغان جانىۋارنى تىللىغاچ، شالىنى چېچىپ تۇرۇپ: ئاشۇ قوي توپى ئۆيىمىزنىڭ يېنىدىكى قۇدۇققا سۇ ئىچكىلى كەپتىكەن، ئۆيۈمدىكى ئۈچ قورۇقچى ئىت ئۇلارنى يات كۆرۈپ، ئېتىلىپ بارغان ئىدى. قانداق بولدى دېمەمسىلە؟ قوي توپى ئارىسىدىكى بېشى قارا بىر قوي سەكرەپ چىقىپ، ئىتلارغا غەلىتە ئاۋازدا ۋارقىرىدى، قوي دېگەن ئۇنداق ئاۋاز چىقارمايدۇ دەيمەن، ئاقىۋەت ئىتلىرىم ئۇ قوينىڭ ئەلپازىنى بىلگەندەك، قۇيرۇقىنى قىسىپ تىكىۋەتتى.-دېدى.

خەنجىنسەن يەنە ئاشۇ كۈنى كېچىدە تەرەت قىلغىلى سىرتقا چىققاندا كۆرگەن ئىشىنى سۆزلەپ بەردى. سۆزلەپ يېرىمىغا كەلگەندە جىيا موماي ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈۋەتتى. جىيا موماي ئارىمىزدىكى يېشى ئەڭ چوڭ ئادەم بولۇپ، ئۇنىڭ قېرىلىقى قارىداپ پۈرلىشىپ كەتكەن چىرايىدىن مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى. بۇ موماي دۈمچەك بولۇپ، كۆزىمۇ تازا ئېنىق كۆرمەيتتى. پۇتلىرى ئىككى يانغا دەلدۈگۈنۈپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئىككى قولىدا ھاسىغا تايىنىۋالغان ئىدى. ئۇنىڭمۇ قويى يۈتۈپ كەتمىگەن بولۇپ، ئۆزى كەينىمىزدىن ئەگىشىپ كەلگەن ئىدى. مومايغا خەنجىنسەننىڭ غەلىتە گەپلىرى خۇشياقمىدى بولغاي: ئىلاھىم زۇۋانىڭ تۇتۇلغاي، مەن بىر ئۆمۈر قوي بېقىپمۇ سەن دېگەندەك قوينى كۆرۈپ باقمىغان…-دەپ قايناپ كەتتى.

ئەپسۇس، ماڭا تالاي يىل ھەمرا بولغان ئاكا، سەن نەدە؟ ئەجىبا ئۆيدىن شۇنچە بىزار بولدۇڭمۇ؟ ئانام ئىككىمىزنىڭ سېنى قانچىلىك سېغىنغىنىمىزنى بىلەمدىغانسەن؟

(داۋامى بار…)

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 
    • سىزنىڭ ئىجادىي ئەسەرلىرڭىزگە قىزىقىپ قالدىم.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى كەچ 17:23
    • ھەزرىتى ئەلى، ئەسەرنىڭ تەرجىمىسىنى ياخشى قىلىپسىز. شۇنداق راۋان، پاساھەتلىك چىقىپتۇ. تىلى ماڭا يارىدى. جىبراننىڭ نەسىرىنىمۇ بەك ياخشى قىلىپتىكەنسىز. ئەدەبىي تەرجىمىنى پات- پات قىلىپ بېرىڭ. بولسا چەتنىڭ مەشھۇر ئەسەرلىرىنى كۆپرەك قىلىڭ. ۋورد پرېستە يېڭىدىن بلوگ ئاچتىم. بۇرۇنقى پاساھەت بىلوگىدىن كۆچۈپ چىقماقچى . قوللاپ قويارسىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى سەھەر 04:36
      • رەھمەت، ۋوردپرېسكە كۆچكىنىڭىز بەك ياخشى بوپتۇ. يان سىتونغا ماس كەلگۈدەك رەسىم ئىشلەپ ئادرېسىنى قالدۇرۇڭ…

        يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى سەھەر 01:06

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى