2011 مارت | WWW.QUXTAK.COM

2011-يىلى مارتدىكى يازمىلار

«تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 4-سان مۇندەرىجىسى

tarim

شېئىرلار
كەلدى نورۇز، كۈلدى غۇنچە……………ئىمىن تۇرسۇن
تەۋەررۈكلەر………………………………..تاھىر تالىپ
سەھەر لىرىكىلىرى………………..رەشىدە سېيىت
تۇغقان ئۇنى گويا نۇر قۇياش…………….تۇرسۇن روزى
ئىككى شېئىر……………………………….سىدىق قاۋۇز
بەشنامە……………………………….ئابدۇقادىر سادىر
باھار غەزەللىرى………….مۇھەممەدئىمىن قۇربان تۇغلۇق
غەزەللەر…………………………………….ئابلىكىم تالىپ

غېرىپ ناخشا

gerib

تەنھالىقنىڭ سۆيدۈم مەڭزىگە ،
تەشنا بولۇپ سوغۇق لىۋىگە .
بىزگە مەنسۇپ بۇ گۈزەل دۇنيا ،
ماڭا مەنسۇپ بۇ رەزىل دۇنيا .
تەنھالىققا ئەگەشتىم تەنھا ،
مەيلىڭ بولسا تارتقىن قېشىڭغا.

ئوسمانجان ساۋۇت: كۆكلەم

22

تىنىقىڭ قاپلىدى ئۆيۈمنى كۆكلەم،
يانلارغا يالتىراق يالپۇزلار ئۈندى.
كېپىنەك تونلىرىڭ يېشىل ۋە كۆركەم،
ئىزغىرىن قارلارنىڭ جىلۋىسى سۇندى.
قاپتالدا يولۇڭغا قارىدۇق ئەركەم،
تاقەتسىز ئادەملەر تازا ئۇمۇندى.

تەنھالىق چېكى

تامنىڭ كۆزى

دېرىزەم سىرتىدا ھايات بىپەرۋا،
تېنىمدىن چىپىلداپ سوغۇق تەر ئاقتى.
تامدىكى كالىندار بۈگۈنمۇ مانا
مەسخىرە ئىلكىدە كۆزۈمگە باقتى.
ياشىدىم بەك ئۇزاق ئۆزۈمنى چاناپ،
يېشىمنى كۆكلەتتى يىللارنىڭ يېشى.

ئەما ئۆسمۈرنىڭ دۇنياسى: «جەننەتنىڭ رەڭگى»

نەچچە يىللار ئالدىدا ئىراننىڭ بالىلار فىلىمى «كىچىك ئاياغ» (جەننەتتىكى بالا)نى كۆرۈپ، ئاددىي تۇرمۇش تەپسىلاتلىرىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلانغان، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان خاسلىقىدىن ھەيران ھەم قايىل بولغان ئىدىم. مانا بۈگۈن ئارام ئېلىش كۈنىدىن پايدىلىنىپ، ئىراننىڭ يەنە بىر بالىلار فىلىمى «جەننەتنىڭ رەڭگى»نى كۆردۈم. بۇ فىلىممۇ ئاددىي تۇرمۇش تەپسىلاتى ئارقىلىق بالىلارنىڭ روھىي دۇنياسىغا چوڭقۇرلىغان.
فىلىمدىكى باش قەھرىمان مۇھەممەد ئانىسىدىن كىچىك قالغان بولۇپ، ئەمالىق سەۋەبىدىن شەھەردىكى ئەمالار مەكتىپىدە ئوقۇيدۇ. ئۇزاق يىل يوقسۇزلۇقنىڭ دەردىنى تارتقان ھەم ئايالىدىن ئايرىلىپ قالغان مۇھەممەدنىڭ دادىسى تۈرلۈك بېسىملار ئالدىدا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. دادىسى قايتا بىر ئائىلە قۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزىگە روھىي

ئۆزىنى سۆيۈش

oz

چاچلىرىمنى سېغىنماس شامال،
چىقماس بەلكىم بۇ كېچە شامال .
مەن ياشايمەن ئەتىمۇ يەنە،
قىسمىتىمگە ئىزدىگەچ ئامال.
قار ياغمىدى چېچەككە ئوخشاش،
ۋەھىم سېلىپ تەنھا رومكىغا .
ئېسەدەيدۇ سۆيۈملۈك باتناش،
مەيلىمىكىن كۈلسەم زورىغا؟

گوركى: سائەت بايانى

wakit

ھەممە ياق سۈكۈتكە پاتقان كېچىدە، تەنھا ئولتۇرۇپ، سائەت ماياتنىكىنىڭ ھەممىگە بىپەرۋا ھالدا توختاۋسىز چىكىلدىغان ئاۋازىغا قۇلاق سېلىش ئەشەددىي قورقۇنۇچلۇقتۇر. بۇ خىل ئاۋاز بىر خىل رېتىمدا، مەڭگۈ خاتاسىز تۈستە «تۇرمۇش سەۋدايىلارچە ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە» دېگەن سۆزنى تەكرارلايدۇ. كائىنات زۇلمەت ئىلكىدە چۈش قوينىغا غەرق بولۇپ، كۇللىي مەۋجۇدات سۈكۈتكە پاتقان چاغدا پەقەت سائەتلا رەھىمسىزلىك بىلەن جاراڭلىق ئۈندە مىنۇت-سىكۇنتنىڭ ئۆتۈۋاتقانلىقىنى كىشىلەرگە خەۋەر قىلىدۇ. سائەت ماياتنىكىنىڭ ھەربىر چىكىلدىغان ئاۋازى ھاياتلىقنىڭ بىر مىنۇت قىسقارغانلىقىنىڭ، تەبىئەت ھەر بىر ئىنسانغا ئاتا قىلغان ھاياتلىقنىڭ بىر دەقىقىسىنىڭ مەڭگۈ قايتىلانمايدىغانلىقىنىڭ بەلگىسى.