
قار سېغىنغان، يار سېغىنغان شۇ چاغلار بۈگۈن ئېسىمگە كەپ قالدى. قارمۇ يېغىپ تۇرسا ياخشىكەن، قاردا قالغان ئەسلىمىلەر تەكرارلانمايدۇ ھەم ئۇنتۇلمايدۇ. بىلىمەن، ئەمدى ئۇنداق قار ياغمايدۇ. ياغسىمۇ مەن پەقەت دېرىزىدىن قاراپ قالىمەن خالاس. مەن ئۈچۈن ھازىر قارنىڭ ئىسمى بار، جىسمى يوق، قار ئۈچۈن مېنىڭ ئىسمىممۇ ھەم يوق، جىسمىممۇ ھەم يوق. يوقىلىشنىڭ دەھشىتىنى يوقالغانلار بىلمەيدۇ. يوقىلىش يوقالغانلار ئۈچۈن يېڭى بىر باشلىنىش. ئىسسىق تىنىقلاردا قار ئېرىگەن شۇ دەقىقىلەر مەنمۇ قاردەك ئېرىگەن ھەم قارنىڭمۇ ئوتتەك ھارارەتلىك ئىكەنلىكىنى تەن ئالغان. قارنىڭمۇ سۆزى بار، كۆزى بار، شۇ سۆزلەرنى تىڭشاش نېسىپ بولمىدى، شۇ كۆزلەرنى ياشلاش نېسىپ بولدى. لېكىن شۇ ئېرىش داۋاملاشمىدى… قارمۇ ئەمدى ئۇ ھارارىتىدىن مەھرۇمدۇر بەلكىم.