
دېڭىزنى چۈشىگەنلىكىم ئېسىمدە، بەلكىم قېنىق كۆك بولسا كېرەك، ئەمما قارا ۋە ئاقتىن باشقا رەڭ كۆرۈنمىدى. دولقۇن كۈچىگەنسېرى سىياھرەڭ تۈسكە كىردى، دولقۇندىن چاچرىغان تامچىلار كۆزنى چاققۇدەك ئاپپاق ئىدى. دولقۇنلارنىڭ شاۋقۇنى ئارىسىدىن قۇشلارنىڭ زىل ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم، ئەمما قۇش كۆرۈنمەيتتى. ئۆزۈممۇ خۇددى ئاشۇ دولقۇنلارنىڭ بىر قىسمىدەك ئىدىم. ئەپتىم قاپقارا، چوڭقۇر سۇ تەكتىدىن ئۆرلەپ سانسىز ئاپپاق سۈزۈك تامچىلارغا ئايلىناتتىم. ئاشۇ نۇرلۇق ئاق رەڭگە سېغىناتتىم، ئەمما كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يەنە ئاشۇ تەگسىز قاراڭغۇلۇققا غەرق بولاتتىم. ئەمما قۇشنىڭ زىل ئاۋازى ئۈزۈلمەيتتى. گاھ يىراقتىن ئاڭلىناتتى، گاھ قۇلاق تۈۋىمدىلا سايرايتتى. زىل ئاۋازى گاھ نۇسرەت ناخشىسىدەك، گاھ ھەسرەت ناخشىسىدەك ئاڭلىناتتى. گاھىدا تېخى يۇقىرى ئاۋازلىق ئايال ناخشىچىنىڭ ئاۋازىدەك لەرزان ھەم ھېسسىياتلىق ئىدى. بۇ ئاۋازلار خۇددى بوشلۇقتىكى ئىللىق نۇرلاردەك قاپقارا دېڭىزنى يورۇتاتتى.