
دادامنىڭ كۆزى؛ ئاپتورى: چۈشتاق؛سىياھقا رەڭلەشتى چۈشۈم بىسوراق،ئوڭۇمدا كېچىنىڭ باغرى سۆكۈلدى.كۆزۈمنى قەستلىدى بىر دەريا پىراق،دادامنىڭ كۆزىدىن ئارمان تۆكۈلدى.دادامنىڭ كۆزىدىن يۇلتۇز سانىدىم،بىر، ئىككى، ئۈچ دېدىم، تۆتتە يىغلىدىم.كۆزۈمگە باققاندا ئۈنسىز قانىدىم،مۇھەببەت، مۇھەببەت، تەنگە سىغمىدىم.قولۇمنى چىڭ تۇتتى، كۆزى سۆز بەردى،سۆزدىكى ئۇلۇغلۇق ئەسلى شۇ ئىكەن.ئەتراپقا زەن سېلىپ، كۆزى سۆز تەردى،سۆزدىكى ئاسىيلىق ئەسلى بۇ ئىكەن.جان ئۇچتى، تەن قوندى، كۆزى كۆرمىدى،ئاۋازىم يەتمىدى قوغلاپ كەينىدىن.ياش ئاقتى، تاڭ ئاتتى، كۆزى كۆرمىدى،كىم كۆرگەن يانغاننى پەلەك پەيلىدىن.كۆزۈمگە شۇ كۆزدىن بىر زىيا كۆچتى،شۇ زىيا كۆزۈمگە ئالەمنى يايغاي.دېمەڭلار ئۇ كۆزنى مەڭگۈلۈك ئۆچتى،ئۆچمىگەن، ئۆچمەيدۇ، بەختىمنى ئاچقاي.