يۇمتاللار
كېرەكلىك يۇمتاللار
كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەرگە دائىملىق كېرەك بولىدىغان بىر قىسىم يۇمتاللارنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى بېتىمىزدە تەمىنلەندى. بۇ يۇمتاللارنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئەسلى ئىگىسىگە ھەم شىركەتكە تەۋە. ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزۈشتە زۆرۈر بولغان يۇمتاللارمۇ تەمىنلەندى.
يۇمتاللار:
رەسىم بىرتەرەپ قىلىشتىكى داڭلىق يۇمتال photoshop:
تۆۋەندىكى تۇغنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ:
كومپيۇتېرىمىزنى ھەرخىل ۋروسلاردىن ئۈنۈملۈك قوغداش يۇمتالى 360ۋروسخورى
تۆۋەندىكى تۇغنى بېسىڭ
نىسبەتەن مۇكەممەل ھېسابلانغان دۇنيا تور كەزگۈچ
تۆۋەندىكى تۇغنى بېسىڭ
ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقىنىڭ كودىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئاپتونۇم رايونلۇق تىل يېزىق كومىتېتى باش بولۇپ تۈزگەن دېتال، قوشۇمچە كود ئالماشتۇرۇش قورالىمۇ تەمىنلەنگەن
تۆۋەندىكى تۇغنى بېسىڭ
ئۆلچەملىك يۇنىكود ئۆلچىمىدە ئىشلەنگەن خەت نۇسخىلىرى (ئاپتونۇم رايونلۇق تىل يېزىق كومىتېتى تارقاتقان نۇسخا)
تۆۋەندىكى تۇغنى بېسىڭ
********************************************************
يۇقارقى دېتاللارنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئەسلىي ئاپتورىغا تەۋە.سىزگە يەنە قانداق يۇمتال كېرەك، تەكلىپ-پىكىرلىرىڭىزنى ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرغايسىز،
سالام دوستم قانداق ئەھۋالىڭ ؟ ئەسەرلىرىڭنى كۆردۈم بەك ياخشى يېزىپسەن ،بولۇپمۇ بەشكىرەم دىگەن شىئىرنى بەك ياشى يېزىپسەن.
«تارىم» ژۇرنىلىنىڭ تور بېتىنىڭ ئېچىلغانلىقىدىن ناھايىتى سۈيۈندۈم. مەنمۇ سىلەرنى دوراپ WordPress
بىر بلۇگ سېتىۋېلىپ تېخى يېقىندىلا ئاچتىم. ئەمدى مۇشۇنى داۋاملاشتۇرۇپ يېزىش ئويىدا بولۇۋاتىمەن… نېمىلا دېگەن بىلەن ھەقلىق نەرسە دېگەن ئىشەنچلىك تۇيغۇ بېرىدىكەن.
مەن «تارىم» ژۇرنىلى تور بېتى ۋە سىلەرنىڭ بلۇگىڭلارنى بلۇگىمغا ئۇلىنىش قىلىپ قويدۇم. ۋاقتىڭلار چىقسا زىيارەت قىلىپ قويارسىلەر.
يەنە بىر دوستانە تەكلىپ: ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى ھەقلىق نەرسە، سىلە چۈشۈرۈشنى تەمىنلىگىنى باشقىلار بۇزىۋەتكەن چەكلىمىسىز نۇسخىسى ئوخشايدۇ. مېنىڭچە بۇنى چۈشۈرۈش بېتىڭلاردىن ئۆچۈرىۋەتكىنىڭلار ياخشىمىكىن. ئەتە-ئۆگۈن ياخشى نىيەت يامانغا ئۆرۈلۈپ قالىدىغان ئىشلار بولمىسۇن.
سالام بىلەن ئابدۇرېشىت ئېلى
سالام ئابدۇرېشىت، مەنمۇ ئۇلىنىشقا قېتىپ قوياي. تەكلىپىڭلارنى توغرا تاپتىم.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
لۇغەت دىگەننى بېسىپ ئەلكاتىپ لۇغىتىنى چۈشۈرگەن ئىدىم ، ئەمما پىرستىن يەشسەم ھۆججەت بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان دىگەندەك ئۇچۇر چىقىۋاپ پىرىستىن پەقەت يەشكىلى بولمىدى ، تەكشۈرۈپ باقسىڭىز بوپتىكەن.