2011 فېۋرال | WWW.QUXTAK.COM

2011-يىلى فېۋرالدىكى يازمىلار

تامنىڭ كۆزى

تامنىڭ كۆزى

كۈنلەرنىڭ پەرقى يوق ئۆتكەن كۈنلەردىن،
مەن يەنە سەھەردە جىمجىت ئويغاندىم.
نېسىۋەم بار تۇرۇپ نازلىق ئۈنلەردىن،
تاراملاپ تۆكۈلدۈم، يالغۇز مۇڭلاندىم.
گۈللەرنىڭ ھىدى يوق ئۈزگەن گۈللەردە،
مەن يەنە سىرىمنى سايەمگە تۆكتۈم.

ئىمىن تۇرسۇن: شېئىرنىڭ مونولوگى

ئىمىن تۇرسۇن

تونۇلغان ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس، ئەدەبىي تەرجىمان، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ ئۇل سالغۇچىلىرىدىن بىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتچىسى ھاجى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى2011 –يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى87 يىشىدا بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى . ئالىمنىڭ ۋاپاتى بىز ئۈچۈن تولدۇرغۇسىز يوقىتىشتۇر. مەن تەۋەررۈك سۈپەت ئالىمنىڭ ۋاپاتىغا قاتتىق قايغۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ «شېئىرنىڭ مونولوگى» ناملىق شېئىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇم.

جىبران: شەپە

22

«مۇھەببەتسىز ھايات مېۋىسىز دەرەخكە ئوخشايدۇ؛ شۇنداقلا گۈزەللىك بولمىغان مۇھەببەت پۇراقسىز گۈلگە، ئۇرۇقسىز مېۋىگە ئوخشايدۇ. ھايات، مۇھەببەت، گۈزەللىك بىر ئۆزلۈككە مۇجەسسەم. ئۇلار ئەركىن- ئازادە، چەكسىز ھەم پايانسىز، ئۆزگەرمەس ھەم ئايرىلماستۇر.»- دېدى- دە، يەنە ئۆز ئورنىدا ئولتۇردى. شۇ چاغ ئىككىنچى بىرى ئورنىدىن تۇرۇپ، جاراڭلىق، جۇشقۇن ئاۋازدا: «قارشىلىق بولمىغان ھاياتلىق باھارى يوق پەسىلگە؛ ئورۇنسىز قارشىلىق قاقاس قۇملۇققا كۆمۈلگەن باھارغا ئوخشايدۇ. ھايات، قارشىلىق، ھەققانىيەت بىر ئۆزلۈككە مۇجەسسەم. بۇلار ئۆزگەرمەس ھەم ئايرىلماستۇر»- دېدى- دە، ئۆز ئورنىدا ئولتۇردى.

ئىران بالىلار فىلىمى: كىچىك ئاياغ

ayak

مەزكۇر فىلىمنى كۆرگىنىمگە ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ، بۈگۈن توردىن ماتېرىيال ئاختۇرىۋېتىپ يەنە ئۇچرىتىپ قالغاچقا، كەڭ تورداشلارغا تەۋسىيە قىلىشنى لايىق تاپتىم. بۇ فىلىمنى بەلكىم كۆپ كىشىلەر كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن. مەنمۇ دەسلەپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا كۆرگەن. كېيىن ئۈرۈمچىنىڭ قايناق كوچىلىرىدا 10سومغا 3دانە پلاستىنكا ساتىدىغان كىنو باققاللىرىنىڭ قولىدا «قازاقىستان ھېكايە فىلىمى: ئاكا-سىڭىل» نامىدا كۆرۈپ ھەيران قالغان ئىدىم. فىلىم گەرچە ئىراننىڭ فىلىمى بولسىمۇ، ئەمما بۇ نادىر فىلىمنىڭ قاراڭغۇ بازارچىلار تەرىپىدىن بولسىمۇ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغانلىقىدىن مەمنۇن

ئوسمانجان ساۋۇت: ئانا تىلىم

osmanjan

سەن ئىزھار قىلمىغان نازۇك ھېكمەت يوق،
ھەر مەنا سەندىكى چېچىلغان ئۇرۇق.
رەنا سەن ئالەمدە رەنالار ئارا،
يۈرىكىم پۈتۈندۇر، روھلىرىممۇ توق.
ھەر مۆچەڭ باغرىمدۇر سۆيگۈگە سوغراق،
مۆچەڭدىن كەچكىچە ئۆلگىنىم خوپراق.

تېڭىرقاش

تۇغۇلمىقىم نۇرانە ھېكمەت،
زورۇقىمەن ياشامدا رەت – رەت.
كۆز نۇرۇمغا قانماستىن بىر رەت ،
مەن نېمىگە ئىزدەيمەن قىممەت؟
بىلەلمىدىم يۈرەك ئۇ نېمە؟

شامال

يارىم قېنى مۇڭلۇق كۆزلىرىڭ ،
قوش كەپتەرنى چەككەن ياغلىقىڭ.
كوچىلاردا يۈرسەم تامادا ؟،
ماڭا دەرمان بولماس پاكلىقىڭ .
ئازاپ…ئازاپ… ھەممىسى ئازاپ،
ئىسەدەيسەن تۇرقۇمغا قاراپ.

ۋاڭ مېڭ: ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە بىمەنىلىك

ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ بىمەنە تەرەپلىرى مەۋجۇت. ئەمما ئۇنىڭ كىشىلەرگە يېقىنلىشىشتەك يەنە بىر تەرىپىمۇ بار. ئەدەبىيات-سەنئەتنى مەجبۇرلاش ياكى قايمۇقتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق كىشىلەرگە قوبۇل قىلدۇرغىلى بولمايدۇ. ئەلۋەتتە، يىغىپ ساقلاپ تۇتىيا كۆرسىتىشمۇ بەزىدە ئەسقاتىدۇ. ئەمما ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا، ئەدەبىيات-سەنئەت كىشىلەرنى جەلب قىلىشتا قايمۇقتۇرۇشقا ئەمەس، كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا، خۇشتار بولۇشىغا تايىنىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئەدەبىيات-سەنئەت ئالەمنى مالەم قىلىدىغان، كىشىلەرنىڭ نەپرىتىنى قوزغايدىغان يىرگىنىچلىك نەرسە ئەمەس. يەنە بىر جەھەتتىن، ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ دائىم كىشىلەر تەرىپىدىن رەت قىلىنىشى، ئەيىبلىنىشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى شۇكى، كىشىلەر دائىم ئاتالمىش بىر كۆرۈپلا چۈشىنىش ياكى چۈشەنمەسلىكنى ئۆلچەم قىلىۋالىدۇ.

غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت: ناتونۇش(داستان)

ئىلاھا! دېدىم- دە، قەلەمنى ئالدىم،
قەلبىمدە بىر زەررە شېئىر قالمىدى.
بولغاچ مەن خۇدانىڭ قولىدا ھەردەم
ئاھ، مېنى ئۇنىڭدەك ھىچكىم چالمىدى.
ئايال بار بولسىمۇ مەندە، يوشۇرۇن
سالدىم مەن قاتمۇ- قات كىيىملىرىمنى.
چۈشلەرگە لىق تولغان كارۋاتقا قاراپ
يىغلىدىم دەھشەتلىك شېئىرلرىمنى.

ئاشىقنىڭ چۈشكۈن ھاياتى:خولىرا مەزگىلىدىكى مۇھەببەت

نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى، داڭلىق يازغۇچى گارسىيا ماركۇسنىڭ شۇ ناملىق ئەسىرىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن، ئىككى ياشنىڭ 50يىللىق ئەگرى توقايلىق ۋىسالسىز مۇھەببەت سەپىرى ھەم ھەقىقىي مۇھەببەتنىڭ پەقەت پىراق ۋە ھىجران دەشتىدىلا مۇڭلۇق قىسسە ئىكەنلىكىنى ئاشىقنىڭ 50يىللىق چۈشكۈنلۈككە تولغان بويتاق ھاياتى ئارقىلىق نامايان قىلغان، كىشىنى ھەم قاتتىق ئازابقا سالىدىغان ھەم زور ئۈمىدكە ئۈندەيدىغان، بىز ئارزۇلىغان كۆپ نەرسىلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىچ-ئىچىمىزدىن ئۆچ ھەم بىزار بولغان نەرسىلەر ئىكەنلىكىنى سەزدۈرىدىغان كۆرۈشكە ئەرزىيدىغان، ساقلاشقا ئەرزىيدىغان فىلىمدۇر.