مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
جىبران: شەپە
تەۋە تۈر: تەرجىمىلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2011/02/22 | كۆرۈلۈشى: 1,080 قېتىم

 

 

شەپە

جىبران

 

 

 

كېچە قاراڭغۇسى كۈچىيىپ، بىپايان زېمىن تۈن پەردىسىگە ئورالدى.

شۇ دەقىق ، كارۋىتىمدىن چۈشۈپ، دېڭىز تامان ماڭدىم ۋە ئۆزۈمگە شۇنداق دېدىم:

«بىپايان دېڭىز مەڭگۈ ئويغاق، دېڭىزنىڭ ئويغاقلىقى ئۇيقىدىن بىدار روھلارغا تەسەللىي بولىدۇ.»

دېڭىز ساھىلىغا يېقىنلاشقان چېغىمدا، قويۇق تۇمان چوققىلاردىن پەسلەپ، شايى رومال مەسۇم قىزنىڭ يۈزىنى ئورىغاندەك زېمىنغا يېيىلغانىدى.

دېڭىز ساھىلىدا تۇرۇپ دولقۇنلارغا نەزەر تاشلىدىم. شاۋقۇنلارغا قۇلاق ياقتىم. دولقۇنلار لەرزىدىكى كۈچنى بىلمەك بولدۇم. بۇ كۈچ بوران كەبى ئالغا ئىنتىلەتتى، يانار تاغلارغا ئوخشاش پارتلايتتى، چىرايلىق گۈللەرسىمان كۈلۈمسىرەيتتى، ئېرىقتىكى سۇلاردەك شىلدىرلايتتى.

بىر ئازدىن كېيىن ئارقامغا بۇرۇلۇپ، يېقىن جايدىكى تۇمانلار ئارىسىدا غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇرغان قىيا تاش ئۈستىدە ئۈچ كىشىنىڭ سايىسىنىڭ ئولتۇرغانلىقىنى كۆردۈم. مەلۇم بىر سىرلىق كۈچنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۇلار ئولتۇرغان يەرگە قاراپ ماڭدىم.

ئۇلارغا بىر نەچچە قەدەم قالغان جايدا تۇرۇپ ئۇلارغا نەزەر سالدىم.

ئۇ يەردىكى بىر خىل سېھرىي كۈچ نىشانىمنى تېخىمۇ ئېنىق، تېخىمۇ روشەنلەشتۈرۈپ، تەسەۋۋۇرۇمنى ئويغاتتى.

شۇ چاغ ئۇلاردىن بىرى ئورنىدىن تۇرۇپ، دېڭىزنىڭ ئاستىدىن ئاڭلىنىۋاتقاندەك ئاۋازدا:

«مۇھەببەتسىز ھايات مېۋىسىز دەرەخكە ئوخشايدۇ؛ شۇنداقلا گۈزەللىك بولمىغان مۇھەببەت پۇراقسىز گۈلگە، ئۇرۇقسىز مېۋىگە ئوخشايدۇ. ھايات، مۇھەببەت، گۈزەللىك بىر ئۆزلۈككە مۇجەسسەم. ئۇلار ئەركىن- ئازادە، چەكسىز ھەم پايانسىز، ئۆزگەرمەس ھەم ئايرىلماستۇر.»- دېدى- دە، يەنە ئۆز ئورنىدا ئولتۇردى. شۇ چاغ ئىككىنچى بىرى ئورنىدىن تۇرۇپ، جاراڭلىق، جۇشقۇن ئاۋازدا:

«قارشىلىق بولمىغان ھاياتلىق باھارى يوق پەسىلگە؛ ئورۇنسىز قارشىلىق قاقاس قۇملۇققا كۆمۈلگەن باھارغا ئوخشايدۇ. ھايات، قارشىلىق، ھەققانىيەت بىر ئۆزلۈككە مۇجەسسەم. بۇلار ئۆزگەرمەس ھەم ئايرىلماستۇر»- دېدى- دە، ئۆز ئورنىدا ئولتۇردى. ئاندىن ئۈچىنچى بىرى ئورنىدىن تۇرۇپ، گۈلدۈرمامىدەك ھەيۋەتلىك ئاۋازدا:

«ئەركسىز ھايات روھسىز تەن، تەپەككۇرسىز ئەركىنلىك ھەق- ناھەق، ئاق- قارىنى ئايرىيالمىغان روھتۇر. ھايات، ئەركىنلىك، تەپەككۇر مەڭگۈلۈك ئۆزلۈككە مۇجەسسەم، يوقالماس، ئۆزگەرمەس، ئەبەدىيدۇر.»

ئۇ گېپىنى تۈگىتىپ بولۇشىغا، قالغان ئىككىسىمۇ ئورنىدىن تۇردى- دە، ئۈچى بىرلىكتە جاراڭلىق ۋە كەسكىن ئاۋازدا:

«مۇھەببەت ۋە مۇھەببەتتىن ئاپىرىدە بولغان نەرسىلەر، قارشىلىق ۋە قارشىلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان ھادىسىلەر، ئەركىنلىك ۋە ئەركىنلىك تاۋلىغان نەرسىلەر — تەڭرىنىڭ ئۈچ تەرىپىدۇر. لېكىن تەڭرى يەنىلا چەكلىڭ ۋە ئاڭلىق دۇنيادىكى تەڭداشسىز روھتۇر» – دېدى.

سۈكۈت ئەۋج ئالدى، سۈكۈت كۆرۈنمەس قانىتىنىڭ تىترەشلىرى ۋە ۋىجىك تېنىنىڭ لاغىلداشلىرىغا ئەسىر ئىدى.

كۆزۈمنى يۇمدۇم. ھېلىلا ئاڭلىغان ھېكمەتلەرنىڭ ئەكس ساداسىغا قۇلاق ياقتىم…

كۆزۈمنى ئاچقان ۋاقتىمدا، تۇمانلار ئىلكىدىكى بىپايان دېڭىز ئالدىمدا يېيىلىپ تۇراتتى.

قىيا تاشقا يېقىنلاپ ماڭدىم…

پەقەت بىر خىل خۇشبۇي ھىدنىڭ ئاستا- ئاستا كۆككە ئۆرلىگەنلىكىنى سەزدىم.

 

«تاللانغان خاتىرىلەر» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى. 

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 
    • تتەرجىمىسى تولىمۇ ياخشى چىقىپتۇ. ماڭا يارىدى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى كەچ 15:18
    • جىبراننىڭ ‹‹ياش ۋە كۈلكە››دېگەن توپلىمىنى يېنىش يېنىشلاپ ئوقىغان ئىدىم بىرچاغلاردا…بۇ نەسىرىنى ئوقۇپ مەنمۇ بىر نەرسىنىڭ ئاستا-ئاستا كۆككە كۆتۈرلىۋاتقانلىقىنى سەزدىم…

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى كەچ 14:19
    • جىبراننىڭ تىل ئىشلىتىش ماھارىتىگە ئىنتايىن بەك قايىلمەن. بىر چاغلاردا مەپتۇن بۇلۇپ يۈرگەن ئىدىم . رەھمەت سىزگە .

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى كەچ 15:16
    • چارچىغاندا ئارام ئالىدىغان جايىمغا ئايلانغىلى تۇردىغۇ بۇيەر….. :razz:

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى كەچ 17:41

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى