مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
ۋاڭ مېڭ: ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە بىمەنىلىك
تەۋە تۈر: تەرجىمىلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2011/02/12 | كۆرۈلۈشى: 829 قېتىم

ۋاڭ مېڭ: ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە بىمەنىلىك

(2007-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلەنگەن نۇتۇق)

ھەزرەتئەلى ئەخەت تەرجىمىسى

مەن بۈگۈن «ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە بىمەنىلىك» تېمىسىدا سۆزلەيمەن. مەن بۇ قورقۇنۇچلۇق تېمىنى قەستەن ئىشلەتتىم. ئەمەلىيەتتە يۈرىكىم ئۇنچە چوڭ ئەمەس، سۆزلەپ-سۆزلەپ ئاخىرىدا يەنە بوشاپ قالىمەن. بىز دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئەدەبىيات-سەنئەتنى ئازدۇر-كۆپتۇر بىمەنىلىككە بۇرايدىغان خاھىشنىڭ بارلىقىنى بىلىمىز. «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»تە بۇ ناھايىتى روشەن بولۇپ، لىن دەييۈ سۆزلىگەن چاغدا «غەربىي يۇرت خاتىرىسى»دىكى سۆزلەرنى ئىشلىتىدۇ، بۇ چاغدا شۆ باۋچەي ئۇنى بىر چەتكە تارتىپ: «سەن بايام نېمىلەرنى دەپ يۈرىسەن؟ ئاشۇنداق نەرسىلەرنىمۇ ئوقۇمسەن؟ مەن كىچىك ۋاقتىمدا بەك كەپسىز ئىدىم، چوڭلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايتتىم، ئۇ نەرسىلەرنى مەنمۇ ئوقۇغان. كېيىن ئۆيدىكى چوڭلار مېنى ئۇرۇپ، ئۇ نەرسىلەرنى كۆيدۈرىۋەتتى.» دەيدۇ. مانا بۇ بىمەنىلىككە مۇئامىلە قىلىشنىڭ ئىككى خىل ئۇسۇلى. بىرى: ئەدەبىيات-سەنئەت بىلەن ئۇچراشقانلارنى ئۇرۇش. يەنە بىرى: ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىنى كۆيدۈرۈش. شۇ ئارقىلىق كۆڭلى ئەمىن تېپىش. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە، سىز ئۇ نەرسىلەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن مىجەزىڭىز ئۆزگىرىپ، روھىڭىز زەھەرلىنىدۇ. مىجەزىڭىز ئۆزگەرگەندىن كېيىن چاتاق تېخىمۇ چوڭىيىدۇ. مەن ئەدەبىيات-سەنئەتنى بىمەنىلىك دەپ قارايدىغان مىسالدىن يەنە بىرنى كەلتۈرەي. يەنى ئەنگىلىيىلىك ماۋھام يازغان «ئاي ۋە ئالتە پېنىس[①]» ناملىق روماننىڭ خام ماتېرىيالى فرانسىيەلىك رەسسام گارگىننىڭ ھاياتىدىن ئېلىنغان. باش قەھرىمان ئەسلىدە پاي شىركىتىدىكى ئاددىي بىر خىزمەتچى. ئۇ 40ياش چېغىدا توساتتىن ئەدەبىيات-سەنئەتكە مەپتۇن بولۇپ، روھىي جەھەتتە بىنورماللىق كۆرۈلىدۇ، ئۆيىگىمۇ قايتمايدۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئايالى بىر شەخسىي رازۋىدچېكنى تەكلىپ قىلىدۇ. ئېرىنىڭ سىرتتا ئاشنىسى بارلىقىدىن گۇمان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئېرىنىڭ قايسى ئايال بىلەن تېپىشىۋالغانلىقىنى رازۋېدچېكنىڭ ئېنىقلاپ بېرىشىنى ئۆتۈنىدۇ. رازۋېدچېكمۇ ئىنتايىن ئەستايىدىللىق بىلەن تەكشۈرىدۇ. چەتئەللىكلەر كەسپچان بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەق ئالغاچقا، ئىشلارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدۇ ئەمەسمۇ. رازۋېدچېك ئەستايىدىل تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئايالغا ئېرىنىڭ سىرتتا ھېچقانداق ئايال بىلەن غەيرىي مۇناسىۋىتىنىڭ يوقلىقىنى، ئۇنىڭ ھازىر سەنئەتكە مەپتۇن بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئايال بۇ گەپنى ئاڭلاپ يىغلاپ كېتىدۇ. ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ: تۈگىشىپتىمەن! ئەگەر ئۇ باشقا ئايالغا مەپتۇن بولۇپ قالغان بولسا، كۆپ بولسا ئۈچ يىلدا ئۇنىڭدىن بىزار بولاتتى. مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ ئاياللىق لاتاپىتىمگە تايىنىپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى يەنە ئۇتىۋالغان بولاتتىم. ئەگەر ئۇ زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالغان بولسىمۇ ئامال قىلىپ ئۇنى زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىغا ئاپىرىپ بېرىپ، ئىككى يىلغا قالماي ئۇنى يېڭىدىن ئادەم قىلاتتىم. سەنئەتكە مەپتۇن بولۇپ قاپتۇ ئەمەسمۇ؟ ئەمدى پۈتۈنلەي تۈگىشىپتىمەن.-دەيدۇ ھەم رازۋېدچېكقا: سىز ئەمدى يولدىشىم ئۈستىدىن ئۇنىڭ سىرتتا ئاشنىسى بارلىقى، مەلۇم بىر ئايال بىلەن ئىش-پەش تارتىشىپ يۈرگەنلىكى توغرىسىدا ئۆسەك سۆز تارقىتىڭ، شۇندىلا ئۇنىڭ ئابرۇيىغا تەسىر يەتمەيدۇ. ئەرلەرنىڭ 40ياشتىن ئاشقان مەزگىلى پىشقان، كۈچ-قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان مەزگىل، بۇنداق مەزگىلدە بىر-ئىككى قىز دوستىنىڭ بولۇشى نومۇسلۇق ئىش ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق بولسا مەنمۇ قالتىس كۆرۈنىمەن. گەرچە ئۇ بىر نەچچە ئايالغا مەپتۇن بولۇپ قالسىمۇ، ئاخىرقى ھېسابتا ئۇ يەنىلا مېنىڭ ئىلكىمدە. شۇڭا، مەن ئاشۇ ئاياللاردىنمۇ قەيسەر، جەلبكار كۆرۈنىمەن. بۇنىڭ ئەكسىچە، ناۋادا سىز ئۇنىڭ سەنئەتكە مەپتۇن بولغانلىقىنى ئاشكارىلاپ قويسىڭىز، ھېچبىر شىركەت ئۇنىڭغا قەرز بەرمەيدۇ. ھېچكىم ئۇنى نورمال ئادەم ھېسابلىمايدۇ. ھېچبىر چېركاۋ سەنئەتكە مەپتۇن بولغان ئادەمنىڭ تىلاۋەت قىلىشى ئۈچۈن ئۇنى قارشى ئالمايدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئاخىرى جەمئىيەتتە يېتىم قالىدۇ-دەيدۇ. بۇ بۆلەك تەسۋىر ناھايىتى ياخشى يېزىلغان. بىر ئادەم سەنئەتكە مەپتۇن بولۇپ قالغاندىن كېيىن ئاشۇنچىلىك ناچار بولۇپ كېتەمدۇ؟ ئۇنىڭدىن سىزنىڭ ئىشقۋازلىق قىلىشىڭىز، قىمار ئوينىشىڭىز ياخشىمىش. توغرا، ئۇ بايانلارنىڭ ئىچىدە يەنە قىمار ئويناشمۇ تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئەگەر قىمارغا ئۆگىنىپ قالسا، بىر يىلغا قالماي قاقسەنەم بولۇپ، قىماردىن قول ئۈزىدۇ. قىمارغا بېرىلىشكە بولىدۇكى، سەنئەتكە بېرىلىشكە بولمايدۇ.-دېيىلگەن. مەيلى شۆ باۋچەي بولسۇن ياكى بۇ ئايال بولسۇن ھەر ئىككىسى يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرى. يەنە ئادەتتىكى كىشىلەر ئارىسىدىمۇ ئاشۇنداق ئىشلار بار. سىلەرگە بېشىمدىن ئۆتكەن بىر ئىشنى سۆزلەپ بېرەي. 1970-يىللىرىغۇ دەيمەن، ئۇ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلى بولۇپ، سىنىپى قوشۇننى تازىلاشتىن ئىبارەت «بىرگە زەربە بېرىپ، ئۈچكە قارشى تۇرۇش» ھەرىكىتى بولۇۋاتاتتى. ئۇ چاغدا مەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونۇم ئوبلاستى قىزىل بايراق خەلق كوممۇناسىنىڭ 2-چوڭ ئەترىتىدە ئىدىم. سىنىپى قوشۇننى تازىلاش داۋامىدا، قىزىل قوغدىغۇچىلار بىلەن ئەترەت كادىرلىرى بىر قېتىم چوڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، بىز بىلەن بىرگە ئەمگەك قىلىدىغان بىر دېھقاننىڭ ئۆيىدىن 6-7پارچە كىتاب تېپىۋالدى. ھەممىسى سوۋېت ئىتتىپاقىدا نەشر قىلىنغان ئۇيغۇر يېزىقىدىكى كىتابلار بولۇپ، گوركىنىڭ «كىشىلەر ئارىسىدا» ناملىق رومانى ۋە ئۇيغۇر، ئۆزبېك شائىرلىرىنىڭ بىر قانچە كىتابىمۇ بار ئىدى. شۇنداق قىلىپ بۇ كىتابلارنىڭ ھەممىسى مۇسادىرە قىلىندى. كېيىن ھاشىم ئىسىملىك ئەترەت سېكرىتارىنىڭ ئۇ دېھقانغا تەربىيە قىلىپ، «ئۇ كىتابلارنى ئوقۇماڭ. ئۇ كىتابلارنى ئوقۇسىڭىز ئىدىيىڭىزدە، روھىڭىزدا ئۆزگىرىش بولىدۇ. بۇ بەك خەتەرلىك» دېگەنلىكىنى ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىغان. ئەدەبىيات-سەنئەتنى بىمەنىلىك دەپ قاراشقا ئائىت جۇڭگو، چەتئەل ۋە يەرلىكتىن ئۈچ مىسال كەلتۈردۈم. ھەممىسى ئوخشاش.

مېنىڭچە، دەڭسەپ كۆرىدىغان بولساق خەتتاتلىقنىڭ ئەھۋالى ناھايىتى كۆڭۈلدىكىدەك. خەتتاتلىقنى بىمەنىلىك دەپ قارايدىغانلار ناھايىتى ئاز، خەتتاتلىقنى خەتەرلىك دەپ قارايدىغانلار يوق دېيەرلىك. كىشىلەر تېخى خەتتاتلىقنى بىمەنىلىكتىن خالى بولۇشنىڭ تەدبىرى دەپ قارايدۇ. جيا جېڭ جيا باۋيۈگە تەربىيە قىلىشتا دائىم ئۇنىڭغا خەت يازدۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۇنى كۆپ مەشق قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. لىن دەييۈنىڭ جيا باۋيۈگە ۋاكالىتەن خەت يېزىشىغا كەلسەك، ئىككىسىنىڭ خېتى بەك ئوخشىشىپ كەتكەچكە شۇنداق قىلغان. بۇ جيا جېڭنىڭ بالىغا قاتتىق قوللۇق قىلىپلا، قانداق باشقۇرۇشنى بىلمىگەنلىكىدىن بولغان.

ئەدەبىيات-سەنئەت نېمىشقا باشقىلار تەرىپىدىن بىمەنىلىك دەپ قارىلىدۇ؟ مېنىڭچە، بىرىنچىدىن، ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادچانلىقنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىجادچانلىق ھامان ئاددىيلىققا خىرىس قىلىدۇ. ھەرقانداق ئىجادىيەت بىر خىل خىرىستۇر. ھەرقانداق ئىجادىيەت زور تەسىر پەيدا قىلىدۇ. بولۇپمۇ بۇ خىل ئىجادىيەت ئىلغار ھەم كىشىلەرنىڭ كۆنۈككەن ئىستېتىك ئادىتى، تەپەككۇر ئادىتى بىلەن پەرقلىق بولغان ئەھۋالدا، ئىنتايىن كۈچلۈك زىددىيەت كېلىپ چىقىدۇ. ھىيۇگو ئەينى يىلى قوزغىلاڭچى قەھرىماننى ئاساس قىلغان بىر درامما يېزىپ چىقىدۇ. ئويۇن قويىلىدىغان چاغدا، تىياتىرخانىنىڭ سىرتىدا نامايىش يۈز بېرىپ، نامايىشچىلار «قوزغىلاڭچى قەھرىمان»غا قارشى چىقىدۇ. قاراپ تۇرۇپ «قوزغىلاڭچى قەھرىمان»نى ماختىسا، بۇ ئىنتايىن خەتەرلىكتە! جۇڭگودىمۇ شۇنداق. «سۇ بويىدا»نى ئوغرى-قاراقچىنى يازغان، «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»، «غەربى خاتىرىلىرى»نى ئىشقۋازلىقنى يازغان دەپ قاراپ، بۇلارنى سۆزلەپ يۈرۈشكە، ئۆگىتىشكە بولمايدۇ، دەپ قارايمىز. مېنىڭچە، ئىجادىيەت ئاددىيلىققا نىسبەتەن بىر تەھدىت. شۇڭا، نۇرغۇن ئىجادچان كىشىلەردىن خەۋپسىرەيمىز. ئىجادىيەت ئەزەلدىن ئۆلچەمگە چۈشمەيدۇ. ئەمىسە ئىجادىيەت بىلەن ئالدامچىنىڭ پەرقى نەدە؟ سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلىكى، گەپ يورغىلاتقانلىقى ئېنىق تۇرسىمۇ، ئەمما ئۇ مانا بۇ ئىجادىيەت دەيدۇ. ياكى بولمىسا ئىجادىيەت ئىكەنلىكى ئېنىق تۇرسىمۇ باشقىلار ئۇنى گەپ يورغىلاتتى، دەيدۇ. سىز بۇنى قانداق ئايرىيسىز.

بىناكارلىق ساھەسىدىمۇ بۇ خىل مۇنازىرە بەك كەسكىن. فىرانسىيەدە ھازىرمۇ، ئىففىل تۆمۈر مۇنارىنىڭ گېپى چىقسا بەزىلەر ئىنتايىن غەزەپلىنىپ، «ناھايىتى شۇ تۆمۈر تەسەكقۇ، نەدىمۇ مۇشۇنداق مۇنار بار! ياۋروپادا بۇنداق مۇنار يوق. بۇ مۇنار پارىژنىڭ نەپىس، ئېسىل ھالىتى بىلەن ماسلاشمىغان!»-دەيدۇ. مەن پارىژدىكى ۋاقتىمدا بىرەيلەن ماڭا مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ بەرگەن: پارىژدا ئىففېل تۆمۈر مۇنارىغا ئىنتايىن ئۆچ بىر كىشى بولۇپ، مۇنار رېمونت قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ كىشى ھەركۈنى ئىففېل تۆمۈر مۇنارىدىن نېرى كېتەلمەيدىكەن. چۈنكى مۇنارنىڭ ئۈستىدە قەھۋەخانا، كۆرگەزمىخانا، ئاشخانا بار ئىكەن. باشقىلار ئۇنىڭدىن مۇنارغا شۇنچىلىك ئۆچ تۇرۇپ، يەنە نېمىشقا ئۇنىڭدىن نېرى كېتەلمەيدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ، پۈتكۈل پارىژنىڭ بىرلا يېرىدە بۇ مۇنار كۆزۈمگە كۆرۈنمەيدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئېففېل تۆمۈر مۇنارىنىڭ ئۈستى. بولمىسا، مەيلى مەن سىنا دەرياسى بويىغا باراي، ياكى فونتاينبلۇغا باراي، ۋە ياكى ۋېرسايل سارىيىغا باراي بېشىمنى كۆتۈرسەملا كۆزۈمگە ئىففېل تۆمۈر مۇنارى كۆرۈنىدۇ. قېچىپ قۇتىلالمايمەن -دېگەن ئىكەن. ئەمما بىزنىڭ جۇڭگولۇق شوپۇرلار ئىففېل تۆمۈر مۇنارىغا ئامراق. ناۋادا يولدىن ئېزىپ قالغۇدەك بولسا، مۇنارنى بەلگە قىلىپ تۇرۇپ، ئاخىرى يەنە ئۆز جايىنى تېپىۋالىدۇ. پارىژدا يەنە بىر ؟مۇزىيخانا بار. بۇ مۇزىيخانىنى لايىھىلەشتە سانائەتلەشكەن تەسەۋۋۇر قوللىنىلغان بولۇپ، لېفىتلىرىمۇ ئەينەك تۇرۇبا شەكلىدە ياسالغان. سۈزۈك ئەينەك ياكى سۇلياۋ ماتېرىيال ئىشلىتىلگەن بولۇپ، يىراقتىنلا ئىچىدىكى ئادەملەرنى كۆرگىلى بولىدۇ. بىر قارىماققا ئىچىدىكى ئادەملەر خۇددى ئەينەك تۇرۇبا ئىچىدە توشىلىۋاتقان خام ماتېرىيالدەك، پۈتكۈل قۇرۇلۇش خۇددى ئىلەشتۈرۈش ماشىنىسىدەك كۆرۈنىدۇ. سانائەتلەشكەن نەرسىلەرنى بىناكارلىق سەنئىتىدە ئىشلىتىش فىرانسىيەدە كۆپ ئۇچرايدۇ.

فىرانسىيەلىكلەرنىڭ بۇ خىل ھۈنىرى ھازىر جۇڭگودىمۇ پەيدا بولدى. مەسىلەن ئېلىمىزنىڭ دۆلەتلىك چوڭ تىياتىرخانىسىنى بەزىلەر تۇپراق بېشىغا ئوخشاتسا، بەزىلەر ئۆردەك تۇخۇمىغا ئوخشىتىدۇ. چاڭگا مەيدانىنىمۇ فرانسىيەلىكلەر لايىھەلىگەن. مېنىڭ بىر بىناكار دوستۇم بار. ئۇ ئۆزى پۇل خەجلەپ بىر كىتابچە باستۇردى ھەم ھەممە يەردە تارقىتىپ، بېيجىڭدىكى ئۆردەك تۇخۇمى (دۆلەتلىك تىياتىرخانا)، چاڭگا مەيدانى ۋە مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ Zشەكىللىك يانتۇ مۇنارىنى «ئۈچ غەلىتە» دەپ ئەيىبلەپ يۈردى. بۇنداق ئىش ئادەمنى قىيىن ئەھۋالدا قويىدۇ. ھەقىقىي ئەھۋالنى سىلەرگە ئازراق ئېيتىپ بېرەي، ئەينى چاغدا مەدەنىيەت مىنىستىرلىكىنىڭ مەلۇم مۇئاۋىن مىنىستىرى مېنى قۇرۇلۇشنىڭ لايىھەسىگە پىكىر بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. تاللاشقا قاتناشتۇرۇلغان لايىھەلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، مۇكەممەل لايىھەدىن ئون نەچچىسى بار ئىكەن. بۇلارنىڭ ئارىسىدا چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا لايىھىلەنگىنىمۇ، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، گىرمانىيەدە لايىھەلەنگىنىمۇ، نەنجىڭ، شاڭخەيدە لايىھەلەنگىنىمۇ بار ئىكەن. مەن كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن ئاخىرى تۇپراق بېشى يەنى ئۆردەك تۇخۇمىنى  كۆرسەتتىم. چۈنكى ئۇنىڭدا مول تەسەۋۋۇر بار. ئەمما ئۇنىڭ ئىچىگە كىرسىڭىز شۇنداق نورمال، ھېچ يېرىنى ئۆردەك تۇخۇمىدەك ھېس قىلمايسىز. يېقىندا مەن بىر كىرىپ چىقتىم، ئىچى شۇنداق ئوبدان. بولمىسا بىز پەرەز قىلىپ باقايلى، بۇ دۆلەتلىك تىياتىرخانىنى ياساش جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60يىللىقى يېقىنلاپ قالغان مەزگىلگە توغرا كەلدى. ئۇنداقتا بۇ تىياتىرخانىنى قانداقراق شەكىلدە ياسىساق بولار؟ تيەنئەنمىن مەيدانىغىمۇ؟ خەلق تىياتىرخانىسىنىڭ يېنىغىمۇ؟ ياكى جۇڭنەنخەينىڭ قىيپاش ئۇدۇلىغىمۇ؟ ۋە ياكى تيەنئەنمىن راۋىقىنىڭ يېنىغىمۇ؟ ئەگەر جۇڭگوچە ئۇسلۇبتا ياسىساق چوڭ قەسىردىن بىرنى ياسىيالامدۇق؟ بەلكىم چوڭ-كىچىك قىلىپ بەشنىمۇ ياسارمىز. ئەمما جۇڭگو مەدەنىيىتىدە تىياتىرخانا يوق، چاڭچىلە راۋىقى بار. چاڭچىلە راۋىقىمۇ شۇنداق قىممەتلىك، ئوبدان ئاسرىشىمىز لازىم. يىخېيۈەن باغچىسىدا چاڭچىلە راۋىقى بار، گوڭۋاڭفۇدا چاڭچىلە سۇپىسى بار. مەن مەدەنىيەت مىنىستىرلىكىدىكى ۋاقتىمدا گوڭۋاڭفۇ چاڭچىلە سۇپىسىنى ئوبدان ئاسرىشىمىز لازىملىقىنى دەپ ئۆتكەن. جۇڭگونىڭ جىڭجۈ تىياتىرى زامانىۋىلاشقان تىياتىرخانا، ھەرىكەتچان سەھنە، سەھنە چىرىغى دېگەنلەرنى كېرەك قىلمايدۇ. مېنىڭچە، چاڭچىلە سەھنىسى شۇنداق ياخشى. ئاستى-ئۈستى ماسلاشقان. يۇقىرى تەرەپتە ئويۇن قويىدۇ. تۆۋەن تەرەپكە ئۈستەللەرنى تىزىپ، ئويۇن كۆرگەچ چاي ئىچىپ، ئۇنى بۇنى يىگىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە، بەزىبىر قالايمىقان نەرسىلەر مۇۋاپىق ئۆزگەرتىلىشى كېرەك. ئەمما جۇڭگو تىياتىرى بىلەن غەرب تىياتىرىنىڭ ئۇسلۇب-شەكىللىرى ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭ رېتىمى ئاستا، ئالدىرىماي ھوزۇرلىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئولتۇرۇپ چاي ئىچكەچ تىياتىر كۆرسە شۇنداق ھوزۇر ئەمەسمۇ؟ كۆز يۇمساق بولمايدۇ. ئەمىسە ھازىر 21-ئەسىر تۇرسا دەپ، ۋىنا ئالتۇنرەڭلىك تىياتىرخانىسىغا ياكى لوندۇن تىياتىرخانىسىغا ۋە ياكى موسكىۋا تىياتىرخانىسىغا تەقلىد قىلامسىز؟ ياۋرۇپادىكى ئۇ تىياتىرخانىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى 1. ھەيكەلتاراشلىق گاۋدىلىنىشى كېرەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىناكارلىقنىڭ ئۆزىلا ھەيكەلتاراشلىق. 2. گىلەم، تام رەسىملىرى ۋە تورۇس رەسىملىرى گەۋدىلىنىشى؛ تورۇس رەسىملىرى تاللانغان رەسىملەر بولۇشى كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ رەسىملەر دىن بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. 3. ئۆزگىچە فونتان بولۇشى كېرەك. 4. ئۇنىڭ قۇرۇلۇش ماتېرىيالى مەرمەر تاش، گرانىت تاش ۋە باشقا ئېسىل تاشلارنى ئاساس قىلىدۇ. جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى قۇرۇلۇشلىرىدا تاش ماتېرىيالى ئاز ئىشلىتىلىدۇ. ژۇرنالدىن كۆرۈشۈمچە، جۇڭگولۇقلار مۆدىتىللىكنى ئاساس قىلىدۇ. تاش بولسا سالقىن قۇرۇلۇشلارغا ئىشلىتىلىدۇ. تاش دېگەن ئۆلۈك نەرسە، ئەمما ياغاچ ئۇنداق ئەمەس. ئۇ ھاۋا ئۆتكۈزۈش، نەملىكنى تارتىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.

ئەدەبىيات-سەنئەت سىزنى ئازدۇر-كۆپتۇر ئارامسىزلاندۇرىدىغان زەربىسى بار نەرسە. بىز ھېچ بولمىغاندا بىر خىل چاخچاق ۋە كەپسىزلىك ھېسسىياتى بىلەن كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ ئۆردەك تۇخۇمىنى ئېتىراپ قىلايلى. بۇ ئۆردەك تۇخۇمىنىڭ جۇڭگو مەدەنىيىتىگە، جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئىتىگە قانداق تەسىرلەرنى كۆرسىتىدىغانلىقىغا قاراپ باقايلى. ئىدىيىمىزگە ئەركىنلىك ئېلىپ كېلەمدۇ؟ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ئاپەت ئېلىپ كېلەمدۇ؟ ياكى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ھالاكەت ئېلىپ كېلەمدۇ؟ مېنىڭچە بۇنداق ئويلاش ئورۇنسىز. بۇنىڭ ئەكسىچە بىزنىڭ ئىسلاھات ئېچىۋېتىشتىكى يېڭى بىر خىل مەيدانىمىزنىڭ نامايەندىسى بولۇشىمۇ مۇمكىن. تۆۋەندە ئولتۇرغانلاردىن بارسېلوناغا بارغانلار بارمۇ-يوق بىلمەيمەن. بارسېلونا ئىسپانىيەنىڭ كاتلىنيا ئاپتونۇم ئوبلاستىنىڭ مەركىزى. ئۇ يەردە ئىسپان تىلى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان كاتلىنيا تىلى قوللىنىلىدۇ. ئەمما ئۇ يەردە تالانتلىقلار بەكلا كۆپ. ئۇ يەردە گود ئىسىملىك بىر بىناكارلىق ئۇستىسى بولۇپ، ئۇنىڭ قۇرۇلۇشلىرىنى كۆرسىڭىز ھەيران قالىسىز. چۈنكى ئۇ لايىھەلىگەن دېرىزە، ئىشىك ۋە تۈۋرۈكلەر قىڭغىر-سىڭغىر بولۇپ، ھېلىلا ئۆرۈلۈپ چۈشىدىغاندەك بىلىنىدۇ. ئەينى چاغدا ئۇ «بىناكارلىق ساھەسىدىكى ساراڭ» دەپ قارالغان. ئەمما ھازىر ئۇ بارسېلونانىڭ داڭلىق ماركىسىغا ئايلانغان. ئۇ يەرگە بارغانلار چوقۇم ئۇنىڭ قۇرۇلۇشلىرىنى كۆرۈپ بېقىشى كېرەك. شۇڭا، ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادچانلىق نۇقتىسىدىن بىر خىل رىقابەتتۇر.  ھەتتا بۇ خىل رىقابەت سىزنى ئىنتايىن بىئارام قىلىدۇ.

ئەمما شەيئىلەرنىڭ يەنە بىر تەرىپىمۇ بولىدۇ. مەن دېگەن يەنە بىر تەرەپ قايسى؟ ئۇ بولسىمۇ، ناۋادا ھەقىقىي سەنئەت ۋايىغا يېتىش مەزگىلىگە قەدەم قويسا، ئۇ رىقابەتنى نەزەرگە ئالمايدۇ. ھەتتا قارشىلىقىمۇ بولمايدۇ. كىشىلەرنى تۇيۇقسىز ھەيران قالدۇرۇشنىمۇ قوغلاشمايدۇ. قانچىكى ۋايىغا يەتكەن نەرسىلەر سىزگە شۇنچە ئاددىي، سىڭىشلىق بىلىنىدۇ. ئەينى يىلى خۇچيامۇ ئەپەندى ماڭا مۇشۇ خىلدىكى مىساللارنى سۆزلەپ بېرەتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە ئەنگىلىيىلىك يازغۇچى گوۋرېسنىڭ بىر پارچە ماقالىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا «ئورۇق ئېشەكنىڭ ھاڭرىشى قاتتىق» دېگەن ھېكمەتلىك سۆز تىلغا ئېلىنغان. ئەمەلىيەتتە، ئارتۇق ھەشەم-دەرەم قىلىش، قىلىق چىقىرىش، چالۋاقاش ھاجەتسىز. پەقەت سىز ئۆزىڭىزگە تولۇق ئىشىنىپ، ئۆز ھېسسىياتىڭىز، پاراسىتىڭىز ۋە ئىبلىس سىياق ئەمەس بەلكى پەرىشتە سىياق قەلبخانىڭىزنى ئىپادىلىسىڭىزلا يېتەرلىك. يەنى 1. ئۆزىڭىزنى ئىبلىس سۈپەت قىلماڭ. 2. ئۆزىڭىزنى مىسكىنلەشتۈرمەڭ. 3. توختىماي چالۋاقىماڭ. شاڭخەيدە ۋاڭ ئەنيى ئىسىملىك بىر يازغۇچى بار. مەن ئۇنىڭ قارىشىغا قوشۇلىمەن. ئۇ: «مەن ئۇسلۇبلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرمەيمەن، چۈنكى ئۇسلۇب قانچە ئۆزگىچە بولغانسېرى باشقىلار شۇنچە ئاسان تەقلىد قىلىدۇ-دە، مەنمۇ ئۇسلۇبىمدىن شۇنچە ئاسان مەھرۇم قالىمەن.»-دېگەن. بۇ گەپنى چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرغۇم يوق. مەن بىر ئىشنى سۆزلەپ بېرەي، ئىنتايىن غەلىتە ئەسەر يازىدىغان بىر يازغۇچى بولىدىغان، ئەمما ئۇ ئەيىبلەشكە ئۇچرىغاندا، ئىنتايىن كۆرەڭلەپ كېتىدۇ. چۈنكى بۇنداق ئەسەر يازىدىغان ئادەم يوق. ئۇنىڭ بايان قىلىشتىكى جەلبكارلىقىمۇ باشقىلارغا ئوخشىمايدۇ. مەن مۇشۇنداق  غەلىتە نەرسىلەرگە چاپان يېپىشقا، كەڭ قورساق بولۇشقا، تاقەت قىلىشقا ئامراق ئادەم. ئەلۋەتتە، ماڭا ئوخشاش ئادەملەرنىڭ چاپان يېپىشى ئارقىلىق كىشىلەر ئۇنىڭ غەلىتە نەرسىلىرىدىن بىزار بىزار بولماي، ئاستا-ئاستا قوبۇل قىلىدۇ. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن بۇ يازغۇچى تازا ئىلگىرى باسمىدى. چۈنكى بۇنداق ئۆزگىچە نەرسىلەر بەك تار دائىرىلىك بولغاچقا، ئاخىرقى ھېسابتا ئىككى خىل قىسمەتكە دۇچ كېلىدۇ. بىرى، ھەدەپ ئۆز ئىزىغا دەسسەيدۇ. ئۆزگىچىلىكىنى تەكرارلايدۇ. ئەمما، ئۆزگىچىلىكنىڭ جەبكارلىقى، قارشىلىشىشچانلىقى، يوچۇنلىقى ۋە تەسىرچانلىقى تەكرارلانماسلىقى كېرەك. سىز توختىماي ئۆز ئىزىڭىزغا سەكرىسىڭىز، بولۇپمۇ باشقىلار قارشى چىقمىغان شارائىتتا ئۆز ئىزىڭىزغا سەكرىسىڭىز، زوقلانغۇچىنى چارچىتىپ قويىسىز. سىز ھەدەپ زورۇققانسېرى، شۇنچە مەززىسى قالمايدۇ. شۇڭا جۇڭگولۇقلاردا «ئۆزىنى چاغلىماي شىلتىڭ ئاتتى، پالاسقا يۆگىنىپ ھەپتە ياتتى.» دەيدىغان گەپ بار. ئىككىنچى بىرى، «موزاينىڭ يۈگۈرۈشى سامانلىققىچە» بولىدۇ. مەن ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ، ئۆزىڭىزنى چۈشەپ قويماڭ. غەلىتە نەرسىلەرنى يازسىڭىزمۇ، نورمال، ئاممىباب، باشقىلارنىڭكىدىن كۆپ پەرقلەنمەيدىغان نەرسىلەرنى يازسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ،-دېگەن. ئۇ ئۆزىمۇ پىكىرىمنى لايىق كۆرگەن. ئەمما، ئۇ ئاشۇ ئاممىباب ئەسەرلەرنى يازغان چاغدا، ئوقۇرمەنلەر زور ئۈمىدسىزلەندى. ئۇنىڭدا نە ئۇسلۇب، نە خاسلىق قالمىغانلىقىنى ھېس قىلدى.

مېنىڭچە، مۇشۇنداق ئىشلار ھەقىقەتەن مەۋجۇت. ئىنتايىن غەلىتە ئۇسلۇب، كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر ۋە ئاتالمىش «ئاغدۇرمىچە ئوقۇش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، سەن شۇنداق ياقتۇرساڭ، مەن نېمىشقا يازمىغۇدەكمەن، دېگەن خاھىشتا يېزىلغان ئەدەبىي ئەسەرلەر كۆپ ھاللاردا سىزنى بىردىنلا ئۆزىگە رام قىلىۋالىدۇ. ئۇنىڭ تەسىرچانلىقى، ھەيران قىلارلىقى، يېڭىلىقى ۋە ئۆزگىچە بىر دۇنيالىقى سىزنى قايىل قىلىدۇ، ئەمما بۇ قايىللىق ئۇزۇن داۋام قىلمايدۇ. ئەكسىچە، بەزىبىر ئادەتتىكى نەرسىلەر، مەسىلەن: ساپ ھېسسىيات، بىپايان، ئالىيجاناب قەلب، شەيئى ۋە ئوبيېكتقا بولغان ئەتراپلىق غەمخورلۇق، تاللانغان سۆز-جۈملىلەر، رەسىمدىكى سىزىق، رەڭ، يوشۇرۇن ۋە ئاشكارىلىقلارلا ئۇزاققىچە كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدۇ. شۇڭا دەيمىزكى، بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئىنتايىن چوڭ زىددىيەت. بىمەنە نەرسىلەر كۆپ ھاللاردا بەلكىم يېڭى ئىجادىيەت بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا سەنئەتتە بىمەنىلىكنى ھەرگىزمۇ چەتكە قاقماڭ. ئەمما، ئاشۇ ھەقىقىي ۋەزنى بار ئىجادىيەتلەر كۆپ ھاللاردا بىمەنە نەرسىلەرگە قارىغاندا ئاسان ماسلىشىش، كۈچلۈك قوغدىنىش ۋە ئاسانلىقچە چەك كەتمەسلىكتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. مەن دائىم ھەقىقىي سەنئەت، ھەقىقىي ئىجادىيەت «قوغدىنىش كۈچى»گە ئىگە دەيمەن. ئاتالمىش قوغدىنىش كۈچى دەل ئۇنىڭ تۇيۇقسىز كۆككە كۆتۈرۈلۈشى ياكى تۇيۇقسىز يەرگە يەكسان قىلىنىشى مۇمكىن ئەمەسلىكىدىن ئىبارەت. چۈنكى ئۇنىڭدا چېكىدىن ئېشىش ھەم غەيرىي مۇددىئا يوق. ئۇنىڭ ھايات ۋە كائىناتقا بولغان مۇپەسسەل چۈشىنىشى ۋە ئىپادىلىشىگە بىر خىل كۆيۈنۈش ۋە زور بوشلۇق يوشۇرۇنغان. شۇڭا، نۇرغۇن ئادەم ئۇنى ياقتۇرىدۇ. سىزھەم ئۇنى ئىنكار قىلالمايسىز. ناھايىتى ئاسانلا يوققا چىقىدىغان ئاشۇ نەرسىلەرنىڭ چېكىدىن ئېشىشنىڭ بىرەر تال شېخى، ياپرىقى بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن. ھەم قارىماققا گۈزەل كۆرۈنىدىغان شاۋقۇنلۇق ئېرىق بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەمما ئۇ دەريا ۋەياكى دېڭىز ئەمەس.

ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ بىمەنە تەرەپلىرى مەۋجۇت. ئەمما ئۇنىڭ كىشىلەرگە يېقىنلىشىشتەك يەنە بىر تەرىپىمۇ بار. ئەدەبىيات-سەنئەتنى مەجبۇرلاش ياكى قايمۇقتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق كىشىلەرگە قوبۇل قىلدۇرغىلى بولمايدۇ. ئەلۋەتتە، يىغىپ ساقلاپ تۇتىيا كۆرسىتىشمۇ بەزىدە ئەسقاتىدۇ. ئەمما ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا، ئەدەبىيات-سەنئەت كىشىلەرنى جەلب قىلىشتا قايمۇقتۇرۇشقا ئەمەس، كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا، خۇشتار بولۇشىغا تايىنىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئەدەبىيات-سەنئەت ئالەمنى مالەم قىلىدىغان، كىشىلەرنىڭ نەپرىتىنى قوزغايدىغان يىرگىنىچلىك نەرسە ئەمەس. يەنە بىر جەھەتتىن، ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ دائىم كىشىلەر تەرىپىدىن رەت قىلىنىشى، ئەيىبلىنىشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى شۇكى، كىشىلەر دائىم ئاتالمىش بىر كۆرۈپلا چۈشىنىش ياكى چۈشەنمەسلىكنى ئۆلچەم قىلىۋالىدۇ. ئەمما بۇ ئىلمىي ئۇسۇل ئەمەس. مەسىلەن بىر پارچە رەسىمنى مىسالغا ئالساق، بىر قاراپلا بۇ مايمۇن ئىكەن، بۇ گۈل ئىكەن، بۇ تاش ئىكەن، بۇ بامبۇك ئىكەن دېسىلا بۇ رەسىمنى چۈشەنگەنلىك بولامدۇ؟ بۇنىڭغا ئېنىق بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ. ئەدەبىي ئەسەرلەرمۇ مۇشۇنداق بولىدۇ. چۈشىنىش دېگەن نېمە؟ چۈشەنمەسلىك دېگەنچۇ؟ ھەقىقەتەنمۇ بەزىبىر غەلىتە ئىشلار بار، مەسىلەن: ئەسەر ئىنتايىن بازار تاپتى، كۆرمىگەن ئادەم قالمىدى. ئەمما ھەممىسى چۈشەنمىدۇق دېيىشتى. ھېچكىم چۈشەنمىگەن نەرسىنى نېمىشقا ھەممە ئادەم ياقتۇرىدۇ؟ ھەممە ئادەم كۆرىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە، بىز ئەدەبىيات-سەنئەت بىلەن ئۇچراشقان ۋاقتىمىزدا ئۇنى چۈشىنىشتىن سىرت، ئۇنى ھېس قىلىشىمىز، ئۇنىڭدىن ھوزۇرلىنىشىمىز كېرەك. نۇرغۇن نەرسىلەر تۇيغۇغا ۋە مەپتۇنلۇققا تايىنىدۇ. بۇنىڭ چۈشىنىش ياكى چۈشەنمەسلىك بىلەن ئالاقىسى يوق. بۇنداق ئىشلار مېنىڭمۇ بېشىمدىن ئۆتكەن. باشقىچە قىلىپ ئېيتسام، چەتئەللىكلەر تۇيغۇنى بەكرەك تەكىتلەيدۇ. مەن دائىم چەتئەلدىكى بەزىبىر پائالىيەتلەرگە قاتنىشىمەن. ئۇلارنىڭ دېكلاماتسىيە يىغىلىشىغىمۇ قاتناشقان. بىر قېتىم ئەنگىلىيىلىك، تۈركىيىلىك، لاتىن ئامېرىكىق ۋە جۇڭگولۇق بولۇپ بىرقانچە كىشى ئۆز تىلىمىزدا ئۆز ئەسەرلىرىمىزنى دېكلاماتسىيە قىلدۇق. كىمنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ھېچكىم چۈشەنمەيدۇ. ئەمما كۆپچىلىك شۇنداق ئىشتىياق بىلەن ئاڭلىدى. ئەمما، مەن بىلەن تەڭ دېمەتلىك بىر يازغۇچى دوستۇم ئاشۇ قېتىملىق دېكلاماتسىيە يىغىلىشىدىن قايتىپ كېلىپ، بىر پارچە ماقالە يازدى. ماقالىسىدە: «مەن خورلۇق ھېس قىلدىم. مەن بىر جۇڭگولۇق، نېمىسچە ياكى ئېنگىلىزچىنى بىلمەيدىغان تۇرسام، مېنى بىرتالاي نېمىسچە ۋە ئېنگىلىزچە ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىدىغان يىغىلىشقا تەكلىپ قىلدى. بۇ دوستانە ئەمەسلىكنىڭ، جۇڭگولۇقلارنى كۆزگە ئىلمىغانلىقنىڭ ئىپادىسى. نېمىدەپ ماڭا بىر تەرجىماننى ھەمرا قىلمايدۇ.»-دەپ قاقشىدى. دېكلاماتسىيە قىلغان چاغدا قانداق تەرجىمە قىلىپ بېرىدۇ؟ توۋا قىلدىم، نەدىمۇ ئاشۇنداق تەرجىمە قىلىش بار؟ سېنى يازغۇچىلارنىڭ ئاۋازىنى، خاسلىقىنى ئاڭلاپ باقسۇن دەپ تەكلىپ قىلغان تۇرسا!

1985-يىلى، مەن بېرلىنغا بېرىپ، ئۇپۇق سىزىقى سەنئەت بايرىمىغا قاتناشتىم. شۇ چاغدا، جياڭسۇنىڭ بىر تىياتىرخانىسى شۇ يەردە «مودەنگۈل راۋىقى» دېگەن ئويۇننى قويدى. ئويۇن قويىدىغان چاغدا، بىز نۇرغۇن ھەرىكەتلىك سۆرەت كۆرۈنۈشى تەييارلىغان. ئەمما، ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ، بۇنىڭدىكى نېمىسچە تەرجىمە ياخشى قىلىنماپتۇ، باشقىلارنىڭ ئەسەرگە بولغان باھاسىغا تەسىر يېتىدۇ. يەنە ھەرىكەتلىك كۆرۈنۈشمۇ بەك كۆپ ئىكەن، توختىماي كۆرۈنۈپ تۇرسا كۆپچىلىكنىڭ ئويۇننى كۆرۈشىگە تەسىر يېتىدۇ،-دەپ بۇ كۆرۈنۈشلەرنى قويغىلى قويمىدى. ۋە بىزگە تەكلىپ بېرىپ، پۈتكۈل ۋەقەلىك سۆزلەنگەن بىر چۈشەندۈرۈش قوللانمىسى تەييارلاڭلار، ئويۇن كۆرگىلى كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى تىياتىر جەھەتتە تەربىيىلەنگەنلەر بولغاندىكىن، بىر كۆرۈپلا چۈشىنىدۇ،-دېدى. بىرھازا تالاش-تارتىش قىلغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ تەكلىپى بويىچە ئىش كۆردۇق. ئاقىۋەتتە شۇنداق ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتۇق. تاماشىبىنلارمۇ قوبۇل قىلالىدى. شۇڭا دەيمىزكى، ياخشى بولغان سەنئەت تۇيغۇسىنى يىتىلدۈرسەك، بىزنىڭ ئاتالمىش بىمەنە بولغان ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردىمى بولىدۇ.

ئاخىرىدا مەن كۆپچىلىككە ئۆزۈمنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەتكە بولغان ئۈمىدىمنى، تىلىكىمنى سۆزلەپ بېرەي. مەن دائىم، ئۆزۈمنىڭ سەنئەتتىكى خاسلىقىمنى نامايان قىلىش بىلەن بىرگە، ئوقۇرمەنلەر بىلەن بىر خىل ئورتاقلىق ھاسىل قىلغىلى بولماسمۇ، دەپ ئويلايمەن. سىز ئۆز ئەسىرىڭىزدە زاماندىن زارلاشلىرىڭىزنى ئىپادىلىسىڭىز، ئېنىقكى بۇ سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدە تالاي تۈگۈن بارلىقىنىڭ، دۇنياغا گۇمان، دىلىغۇللۇق، نارازىلىق بىلەن قارايدىغانلىقىڭىزنىڭ ئىپادىسى. ئەمىسە باشقىلارچۇ؟ باشقىلارمۇ دۇنياغا سىزدەك قارىسا، ئۇنداقتا ئۇلار سىزنىڭ ئەسىرىڭىزنى ئوقۇپ، ئۇنىڭدىن ھوزۇرلىنىش بىلەن بىللە، سىز بىلەن پىكىرلەشتىغۇ؟ ئەدەبىي ئەسەرلەر ئىچىدە مۇشۇنداق نەرسىلەر كۆپ. مەسىلەن بىر ئايال يازغۇچى بىر ئەسەر يازدى، ئۇنىڭدىكى ئاساسلىق مەزمۇن پۈتۈن دۇنيادا بىرمۇ ياخشى ئەركىشى يوق، ئەرلەرگە ئىشىنىشكە قەتئىي بولمايدۇ. ئەرلەرنىڭ ھەممىسى بۇزۇق دېگەنلەردىن ئىبارەت دەپ ئويلايلى. بۇ ئەسەرنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن ئۇ ئايالنىڭ بىر ئېسىل ئەرگە نەقەدەر تەشنالىقىنى، ئۇنىڭ ئەرلەردىن زارلىشىنىڭ ئارقىسىغا ئېسىل، ئەخلاقلىق ئەرلەرگە بولغان تەلپۈنۈشى يوشۇرۇنغانلىقىنى بىلىمىز. بۇنىڭ چۈشەنمىگۈدەك نەرى بار؟ ئۇ نېمىشقا غېرىبسىنىدۇ؟ كىممۇ ئېسىل بىر جۈپتىنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلمايدۇ؟ ئەرلەرنىڭ ئېسىل ئاياللارغا تەلپۈنۈشى، ئاياللارنىڭ ئېسىل ئەرلەرگە تەلپۈنۈشى ئىنتايىن ئادەتتىكى نورمال ئىشقۇ؟ ئۇنىڭدىن باشقا، بەزىلەر كىشىلىك ھاياتتىكى زۇلمەت، ئالا نىيەتلىك، ئۆز-ئارا قىلتاق قۇرۇش، سۈيقەستلەر دەستىدىن يۈرەكئالدى بولۇش قاتارلىق نەرسىلەرنى يازىدۇ. مەن بۇنداق ئەسەرلەرنى ئوقۇغاندا، كىشىلىك سەمىمىيەت، گۈزەل قەلبكە بولغان ئىنتىلىشنى ھېس قىلىمەن. ئۇ نېمىشقا مۇشۇنداق يازىدۇ؟ شۈبھىسىزكى، ئۇ تېخىمۇ ساپ، تېخىمۇ گۈزەل قەلب بولۇشنى ئىستەيدۇ. شۇڭا، بىر ئادەمنىڭ ئىددىيىۋى تونۇشى مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ھەممە نەرسىگە قارىتا بەلگىلىك چۈشەنچىسى شەكىللىنىدۇ ھەم ئاشۇ خىل چۈشىنىشتىن قەلب بىلەن قەلبنىڭ بىرلىكىگە ئېرىشىدۇ. ئۇرۇش، تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچراش ياكى باشقا غەلىتە ئىشلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئەدەبىيات بىلەن سەنئەت يەنىلا بىر خىل مېھىر-شەپقەت، ئازادە كەيپىياتنىڭ پەرۋىشكارى بولۇپ، ھەرگىزمۇ بالايى-ئاپەتنىڭ جارچىسى ئەمەس.

ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ يەنە بىر زور ئارتۇقچىلىقى بار. يەنى بىزنىڭ كىشىلەر بىلەن بولغان ئورتاقلىقىمىزنى رېئاللىققا ئايلاندۇرىدۇ. مانا بۇ ئۇنىڭ ئەسلى ۋەزىپىسى. مەسىلەن مەلۇم بىر ئەسەر زور دەرىجىدىكى زېرىكىشلىكنى ئىپادىلىگەن. ئەمما، يەنە بىر جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ خىل زېرىكىشلىك ئىپادىلىنىپ چىققاندىن كېيىن، زېرىكىشلىك تۈگەيدۇ. مەن باشقىلار ئانچە ياقتۇرمايدىغان ئەمەلىي مىسالدىن بىرنى سۆزلەپ بېرەي. گيۇتى ياش ۋاقتىدا «ئۆسمۈر ۋېتنىڭ ئازابى» ناملىق داڭلىق روماننى يېزىپ چىققان. بۇ ئەسەر يېزىلغاندىن كېيىن، گېرمانىيەدىكى نۇرغۇن ئادەم ۋېيت ۋە قىز باش قەھرىمانغا تەقلىد قىلىپ كىيىم كەيگەن، ھەم ۋېيتنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشىنى دورىغان. ئەمما، بىز شۇنىڭغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەككى، گيۇتى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالمىغان. ئۇ تېخى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن يازغۇچىنىڭ بىرى بولۇپ، 80يېشىدا بىر قېتىم توي قىلغان. مانا بۇ ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ ماھىيەت جەھەتتىن ئىنساننى چۈشكۈن، ئۈمىدسىز قىلمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. سىز ئۆز زېرىكىشلىرىڭىزنى، غەم تۈگۈنلىرىڭىزنى سەنئەت شەكلى ئارقىلىق ئىپادىلەپ چىقارغاندا، ئۇ سىزنىڭ قايغۇ-نەپرىتىڭىزنى بەردەملىككە ئايلاندۇرۇپ، سىزنى چېكىدىن ئاشقان يولغا باشلىمايدۇ.

كۆپچىلىككە رەھمەت.

 

شاڭخەي ئەدەبىيات-سەنئەت نەشرىياتى 2009-يىلى 8-ئايدا نەشر قىلغان «ۋاڭ مېڭنىڭ ئەدەبىيات ھەققىدە ئېيتقانلىرى» ناملىق كىتابتىن قىسمەن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى.

 

 


[①] ئەنگىلىيىنىڭ پارچە پۇل بىرلىكى

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى