شامال
شامال
دادام ئېيتقان كونا بىر ناخشا،
تۈنەپ چىقار ھەر كېچە شاختا.
بىلەلمىدىم …
قانداق ئاھاڭ ئاغزىمدىن چىققان؟.
چىغىر يولدا شەيتان مەپىسى
ئېزىپ يۈرەر ئۇچۇرتۇپ خازان .
نىسىپ بولماس چۆچەك ئاڭلاشمۇ ،
يات كۆزلەرگە تولغان شەھەردە .
ئەلەم بىرلە ياش پىچىرلايدۇ ،
چۈشتىن قاچقان ھەر بىر سەھەردە.
پۇتلىرىمغا بوپ قالدى تونۇش ،
شەھەردىكى شۇ خىلۋەت كوچا ،
بەلكىم يوقتۇر ئۇ يەردە خۇدا .
شەيتانلىققا قۇل بولدى ھايا ،
تاپالمىدىم…
يانچۇقۇمدىن زاغرا ئۇۋىقى ،
چۈشۈپ قاپتۇ يارنىڭ ياغلىقى،
ئانام ئېيتقان ئەللەي ناخشىسى.
نەگە كەتتى تۇيغۇ ساپلىقى .
قېنىپ – قېنىپ يىغلاپ باقسام بىر
سۈزۈك – سۈزۈك بولامدۇ دۇنيا .
گوگۇم پەيتى ئازاپقا تەۋە ،
ماڭا كۈلكە تۇرۇپتۇ نەدە .
تونىمايمەن، كىم ئۇ تەلمۈرگەن ؟
ماڭا تالاي قىسسە سۆزلىگەن ؟
بەلكىم بۇرۇن ئىككىمىز بىر تەن.
قورقۇپ قالدىم ئۆلۈپ كىتىشتىن .
تىترىمەيدۇ يۈرەكلەر بۇدەم ،
كۆزلىرىمگە كۆرۈنمەس لالەم ،
قېنى ئانام بەرگەن شۇ كۆز ياش؟؟
پارە – پارە بوپ كەتكىن ئالەم! .
يارىم قېنى مۇڭلۇق كۆزلىرىڭ ،
قوش كەپتەرنى چەككەن ياغلىقىڭ.
كوچىلاردا يۈرسەم تامادا ؟،
ماڭا دەرمان بولماس پاكلىقىڭ .
ئازاپ…ئازاپ… ھەممىسى ئازاپ،
ئىسەدەيسەن تۇرقۇمغا قاراپ.
يۈزلىرىمگە ئۇرۇلما شامال،
ئىچكىلى قوي پىنھاندا شاراپ.
بۇزىلىدۇ تۈندە چۈشلىرىم،
كۆزلىرىمگە تولغاندەك توپا.
بولالمايمەن ئەمدى مەن ئۆزۈم،
ئەتەم مەندىن بولسىمۇ رىزا .
كۈپۈك ئىچرە لەيلەيدۇ خانەم،
تۇمانلارغا بەڭگى بوپ ئازاپ .
مېنى ئەمدى قىينىما لالەم ،
ئۆتۈپ كەتكىن قويماستىن قاراپ .
يۈرىكىمدە يىغلار جىمجىتلا،
ھالاكەتنىڭ يەكتا پەرىسى ،
ئاڭلىنىدۇ بوران شەپىسى .
كۆز ياشلاردا تۇنجۇقۇپ ئۆلدۈم:
پەتىلەشكە كەلمەڭلار،
ئاھ ئۇرۇپمۇ كەتمەڭلار،
ھارام دەيدۇ—
مەندەكلەرنىڭ ئۆلۈم نەزىرىسى.
———————-
ئىنكاس يازىمەن | نەقىل ئالىمەن
تەۋسىيە يازمىلار
ياخشى چىققان يازمىكەن .
شائىركەنسىز شائىر… قوللايمەن، داۋاملىق ئۈزۈلمىسۇن، ھە راس كومىدىيىلىك، كىنايىلىك شېئىرلىرىڭىز يوقمۇ؟!