مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
قولىڭىزغا قەلەم ئالغاندا…(3)
تەۋە تۈر: تەرجىمىلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2011/04/23 | كۆرۈلۈشى: 1,114 قېتىم

5

بۇ خىل تەسەۋۋۇرغا تايىنىپ نادىر ئەسەرلەرنى يازغىلى بولامدۇ؟ مۇمكىن ئەمەس، ئەلۋەتتە. بىز يۇقىرىقى بايانلار ئارقىلىق بەدىئىي مۇلاھىزىنىڭ تۇرمۇش تەجرىبىسى، قايناق ھاياجان ۋە ئوبرازلىق تەپەككۇر (ئاتالمىش «ئەگەر، ناۋادا»لارغا بېقىنىپ پىكىر قىلىش بەدىئىي تەپەككۇردۇر) قاتارلىق مۇھىم ئامىللىرى بىلەن تونۇشتۇق. بۇ جەرياندا سىز قانداق قىيىنچىلىق ۋە جاپالارغا يولۇقىسىز؟

بىرىنچى خىل ئەھۋال. سىزنىڭ تەسىرلىك، ئەھمىيەتلىك تۇرمۇش تەجرىبىڭىز بولىدۇ. سىز تۇرمۇشتىن ياخىش بىر ماتېرىيالغا ئېرىشكەندە ئۇنى يازماقچى بولىسىز، ئالدىراپ – تېنەپ قولغا قەلەم ئالسىز، ئاقىۋەتتە يازغىنىڭىز تولىمۇ ئاددىي، مەنىسىز، ئادەتتىكى خەۋەرچىلىكمۇ چىقمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بەزى يازغۇچىلارغا ھەسەت قىلىسىز، سىزنىڭچە ئۇلار خۇددى تايىنى يوق بىر نېمىلەرنى قۇراشتۇرۇپ قويسىلا ئەپلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ يازغان يازمىلىرى ئېلان قىلىنىدۇ، تارقىلىدۇ، تەسىر پەيدا قىلىدۇ، ئەمما سىزنىڭ يازغىنىڭىزنى باشقىلار نەزىرىگىمۇ ئېلىپ قويمايدۇ.

يەنىلا يازغۇچىلارغا ھەسەت قىلمىغىنىڭىز، مۇھەررىر ۋە ئوقۇرمەننىڭ پەقەت داڭدارنىلا تونۇيدىغانلىقىغا گۇمان قىلمىغىنىڭىز ياخشى. ئەمەلىيەتتە سىز ئەدەبىي ئىجادىيەت باسقۇچىغا كىرمىگەن تۇرسىڭىز، باشقىلاردىن رەنجىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ بەزى ئىشلارنىڭ ئادەمنى تەسىرلەندۈرۈشى دەل ئۇنىڭ ياخشىلىقىدا، ئېسىللىقىدا، ئۇ ھەقىقەتەنمۇ بولۇپ ئۆتكەن، ئىشەنچلىك ئىشلاردۇر. مەسىلەن: ئالتۇن تېپىۋالسىمۇ كۆز قىرىنى سالماسلىق، باشقىلار ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىش، جان پىدالىق بىلەن ئىشلەش، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئەمگەك قىلىش… بۇلارنىڭ ھەممىسى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ئىشلاردۇر. ئاخباراتلار بىزگە قاچان، نەدە، كىم، بۇ ئىشلارنى قانداق قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەندە، ئۇلاردىن سۆيۈنىمىز، ئۇلاردىن ئۆگىنىشنى نىيەت قىلىمىز. ئەمما، بۇ ئەدەبىياتنىڭ ۋەزىپىسى ئەمەس. ئۇ ئىشلار ئوقۇرمەننىڭ قەلب تارىنى چېكەلمەيدۇ، تەسەۋۋۇرىنى قوزغىيالمايدۇ. سىز بۇلارنى يازغاندا، ئۇ ئىشلارنىڭ ئاخباراتلىق خۇسۇسىيىتىنى يوقىتىسىز، ھەم بەدىئىي ئەدەبىياتنىڭ كىشىنى زوقلاندۇردىغان پەللىسىگە يېتەلمەيسىز. سىزدە بۇ خام ماتېرىياللارنى جۇلالاتقۇدەك قىزغىنلىق يېتەرلىك ئەمەس. سىزدە رېئاللىقتا ئىشقا ئاشمايدىغان ھەم ئىشقا ئېشىشى قىيىن بولغان ئىشلارنى يازمىڭىزدا روياپقا چىقارغۇدەك تەسەۋۋۇر كەمچىل. ئەمما ئېنىقكى، يازمىڭىز ئەقىلگە مۇۋاپىق، ئازراقلا ئۆزگەرتىش بولسا رېئاللىقتىكى نەرسىگە ئايلىنىدۇ. بۇنداق ئەسەردە قانچىلىك تەم بولماقچى؟ بۇنداق ئەسەرلەرنى ئوقۇپ ئاۋارە بولغاندىن گېزىتتىن خەۋەر كۆرسە ياخشى ئەمەسمۇ؟

ئىككىنچى خىل ئەھۋال. سىزدە يېتەرلىك غەيرەت – شىجائەت بار. سىزنىڭ تالاي ھەسرەتلىرىڭىز، خۇشاللىقىڭىز، تېرەن ئويلىرىڭىز ۋە ئارزۇلىرىڭىز ئاشكارىلانماقچى، ئەمما سىز مۇۋاپىق ئىپادىلەش شەكلىنى، مۇۋاپىق پېرسوناژ ۋە سۇژىتنى تاپالمايۋاتىسىز. بۇ خىل ئەھۋالدا سىزدە دائىم كۈچلۈك ئىجادىيەت قىزغىنلىقى بولىدۇ. سىز گاھ كۈلۈپ، گاھ يىغلاپ، توختىماي يازىسىز، ئەمما يازمىڭىز تېخى پۈتمەي تۇرۇپلا بەل قويۇۋېتىسىز. يازغانلىرىڭىز مەنىسىز، مۈجمەل بولۇپ، ئوقۇغان ئادەمنى گاراڭ قىلىپ قويىدۇ. ھەتتا ئۆزىڭىز تەسىرلىنىپ تۇرۇپ يازغان نەرسىمۇ باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ساختا، ياسالما، چاكىنا كۆرۈنىدۇ. خەلق ئارىسىغا چۆكۈڭ، تۇرمۇشقا چۆكۈڭ، سىز سۆيىدىغان، سىز يازىدىغان نەرسىلەر شۇ يەردىدۇر.

ئۈچىنچى خىل ئەھۋال. سىز مۇكەممەل بولغان ۋەقەلىككە ئىگە. مەيلى ئاڭلىغان، كۆرگەن ياكى ئۆز تەسەۋۋۇرىڭىز قېتىلغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تولۇق بىر ۋەقەلىك قولىڭىزدا، سىزنى تەبرىكلەيمەن ! ئەمما، قەلەم تەۋرىتىپ يازغاندىن كېيىن ئاددىي، مەنىسىز، ئاجىز چىقىپ قېلىشى مۇمكىن. قاتتىقراق قىلىپ ئېيتسام، بەلكىم سىز بۇ ۋەقەلىكنى ۋەيران قىلىشىڭىز مۇمكىن.

ئەدەبىي ئىجادىيەت ئۈچۈن يېڭى، قىزىقارلىق، مەنىلىك بولغان ۋەقەلىكلا كۇپايە قىلمايدۇ. ئەگەر بۇ ۋەقەلىك سىزنىڭ روھىڭىزغا، تۇرمۇش تەجرىبىڭىزنىڭ جانلىق بىر قىسمىغا ئايلىنالمىسا؛ ئەگەر سىز پۈتكۈل تۇرمۇش تەجرىبىڭىزدىن، كىشىلىك ھايات ھەققىدىكى چۈشەنچە ۋە تەسىراتلىرىڭىزدىن، پەلسەپىۋى پىكىرلىرىڭىزدىن، قەلبىڭىزنىڭ چوڭقۇر قېتىدىن ئاشۇ ۋەقەلىككە ئۆزىڭىزگە خاس رەڭ، پۇراق، ئۇسلۇب ۋە بايان ئاتا قىلالمىسىڭىز؛ بولۇپمۇ، پۈتكۈل تۇرمۇش تەجرىبىڭىز ۋە ھېس – تۇيغۇلىرىڭىزدىن شۇ ۋەقەلىككە زۆرۈر بولغان تولۇقلاش، ئۆزگەرتىش، تەسەۋۋۇر ئاتا قىلالمىسىڭىز ئەڭ ياخشىسى سەۋرچان بولغىنىڭىز، بۇ قىممەتلىك ۋەقەلىكنى يېنىكلىك بىلەن ۋەيران قىلماسلىقىڭىز كېرەك.

تۆتىنچى خىل ئەھۋال. سىزدە بىر تالاي ماتېرىيال، ئوبراز، ۋەقە، پېرسوناژ ۋە ھېس – ھاياجان بار، ئەمما تېخى باش – ئاخىر رەتلەنمىگەن. قارىماققا يېزىشقا ئەرزىيدۇ، لېكىن قانداق يېزىشنى بىلمەيسىز. بۇ خىل ئەھۋال ھەقىقەتەنمۇ تەبرىكلەشكە ئەرزىيدۇ. ئۆزىڭىزنى تەمكىن تۇتۇپ، قايناق ھاياجىنىڭىزنى بېسىۋېلىڭ. بىر تالاي ئەسلىمە ۋە خىياللىرىڭىزنى تەلقىنلەڭ. چىگىش خىياللىرىڭىزنى رەتلەڭ. كەيپىياتىڭىز نورماللىشىپ، تەمكىن بولغاندا، ئاشۇ بىر تالاي ماتېرىياللار ئىچىدىن ئاۋۋال ئەڭ تارتىملىق، جەلپكار، كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان نەرسىلەرنى تۇتقا قىلىڭ؛ بۇنى بۆسۈش نۇقتىسى قىلغان ئاساستا كېڭەيتىش ئېلىپ بارسىڭىز، ئۇتۇق سىزگە يار بولغۇسى.

بەشىنچى، ئالتىنچى، يەتتىنچى ۋە سەككىزىنچى خىل ئەھۋال… كىم بىلسۇن يەنە قانچە خىل ئەھۋال بار؟ مۇشەققەتنى ۋە ھالاۋەتنى ئۆزىڭىز كۆرىسىز، يولنى ئۆزىڭىز ماڭىسىز، قەدەمنى ئۆزىڭىز ئالىسىز. گەرچە ھەربىر ئەسەر بىر ئىجادىيەت، ئىنسانىيەتكە ئاتا قىلغان مەنىۋى بايلىق، ئەدەبىياتقا قوشۇلغان يېڭىلىق بولسىمۇ، ئەڭ تەجرىبىلىك يازغۇچى بولغان تەقدىردىمۇ ئۆز ئىجادىيىتى داۋامىدا ھەر ۋاقىت يېڭى، بايقىمىغان قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ. يېڭى، بايقىمىغان قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشقا مەجبۇر بولىدۇ. قىيىنچىلىق بىلەن ئىجادىيلىق بىرگە بولىدۇ. باشقىلارغا تونۇشلۇق بولغان، دورالغان نەرسىلەرنى ئىجاد قىلىشنىڭ توسالغۇسى ئاز بولىدۇ، ئۇنداق نەرسە ھەم ئەرزىمەس بولىدۇ. جاھالەت بىر گەز ئۆرلىسە، ئادالەت مىڭ گەز ئۆرلەيدۇ. غالىبلىق بىلەن گۇمرانلىق بىللە مەۋجۇت بولىدۇ… كىم سىزنى قولىغا قەلەم ئالسۇن دەپتۇ؟

6

ئەگەر بىز ھەر قانداق بىر تەمسىلنىڭ چولتىلىقىنى ئېتىراپ قىلساق، تەمسىلنىڭ مەلۇم بىر تەرىپىگە يوشۇرۇنغان مەنە سەۋەبلىك كۇكۇلىمىزدىن ئىلىنىپ قېلىشتىن، بەتنامغا قېلشىتىن، ھۆل خىشقا دەسسەشتىن قورقماي بەدىئىي تەسەۋۋۇر باسقۇچىغا قەدەم قويغىنىمىزدا ئۆزىمىزنى نېمە ئىش قىلىۋاتىمەن دەپ ئويلايمىز؟

سىزنىڭ شۇغۇللىنىۋاتقىنىڭىز ئىلاھىي ئىشلاردۇر (ئەمما سىز ئىلاھ بولماقچى ئەمەس). سىز مۇكەممەل بىر دۇنيا بەرپا قىلماقچى؛ سىز ئاسمان – زېمىن، تاغۇدەريا، جان – جانىۋار، يىل – ئاي، جۇت – شىۋىرغان، قار – مۇز، بىپايان دېڭىز، ھەيۋەتلىك تاغ، ياپيېشىل ۋادا، چەكسىز چۆللۈك، قېرى – ياش، ئەر – ئاياللارنى ياراتماقچى؛ بۇلارنىڭ كېلىپ – كېتىشى، ئۆسۈپ – يېتىلىشى، مۇھەببەت – نەپرىتى، ئامەت – ئاپىتى، غەلىبە – مەغلۇبىيىتى… تەقدىرى سىزگە باغلىق.

سىز بۇلارنى ئويلىشىڭىز، كۆرۈشىڭىز، ھېس قىلىشىڭىز، بۇلار ئۈچۈن باش قاتۇرۇشىڭىز لازىم. شۇندىلا سىزنىڭ بەدىئىي ئالىمىڭىز ھەقىقىي ئىشەنچلىك، روشەن ۋە ئەينەن، مۇقىم بولىدۇ. شۇندىلا شۇلار ئىچىدىن ئۆزىڭىز ماھىر، ئارتۇقچىلىقىڭىزنى تولۇق جارى قىلدۇرالايدىغان ھەم جەمئىيەت ئېھتىياجلىق نەرسىلەرنى تاللىشىڭىزغا قۇۋۋەت ھازىرلىنىدۇ. گەرچە سىزنىڭ يازغىنىڭىز ئازغىنا بولسىمۇ، تەسەۋۋۇرىڭىزدا بارچىسى سىزگە ئاياندۇر. گەرچە سىزنىڭ يازغىنىڭىز بېشارەتلىك، غۇۋا بولسىمۇ، تەسەۋۋۇرىڭىزدا بارچىسى شۇنداق چۈشىنىشلىك ھەم ئايدىڭدۇر…

ئەگەر سەللا بىخۇدلۇق قىلسىڭىز ۋاقىت، پەسىل، ئورۇن، مەزگىل، سىياق، چىراي ياكى بىر تال چاچ ئۈستىدە بىپەرۋالىق قىلىپ، چاتاق كۆرۈلسە، خالىغانچە ئىش تۇتسىڭىز، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلسىڭىز، پەلەك تەتۈر ئايلىنىدۇ، ۋاقىت قالايمقانلىشىپ، سىزنىڭ بەدىئىي ئالىمىڭىز كۇمپەيكۇم بولىدۇ، يەر بىلەن يەكسان بولىدۇ.

ئەكسىچە، ئىنچىكە، ئەستايىدىل بولسىڭىز ئىلاھىي ۋەزىپىڭىزنى بەجانىدىل ئورۇنلاش، بەدىئىي ئالىمىڭىزنى يارىتىش جەريانىدا كۆزلىرىڭىز چارچاشتىن قىزىرىپ، چاچ – ساقاللىرىڭىز چىگىشلىشىپ كەتكەن؛ تالاي مېھنەت سەرپ قىلغان، پۈتكۈل زېھنىڭىزنى خوراتقان، قايتا – قايتا ئۆزگەرتكەن، ئاھ ئۇرۇپ، ئىشەنچىڭىزنى يوقاتقان چاغلىرىڭىز بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، ئاشۇ بەدىئىي ئالىمىڭىز روياپقا چىقىپ، ئۇ يەرگە قەدەم باسقىنىڭىزدا، بەدىئىي ئالىمىڭىز شۇنچىلىك سۈزۈك، شۈبھىسىز. جانلىق، جۇلالىق تۈسكە كىرىدۇكى، ئۇنىڭ ئۆز ئىجادىيىتىڭىز ئىكەنلىكىگە گۇمانلىنىسىز، ئۇنى ئەسلىدىنلا ئاشۇنداق ھالدا دەپ ئويلايسىز. ئۇ كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىگە بېقىنمايدىغان، ھەتتا ئۇنى «ياراتقۇچى» بولغان سىزنىڭمۇ ئىرادىڭىزگە بېقىنمايدىغان ئوبيېكتىپ مەۋجۇتلۇققا ئايلىنىدۇ. خىيالىڭىزچە سىز پەقەت دېڭىزچى، ئېكسپېدىتسىيىچى، ساياھەتچىگە ئوخشاش ئۇنى تاسادىپىي بايقاپ قالدىڭىز خالاس. خىيالىڭىزدا، بارلىق جەريان، راۋاج، كومېدىيىلىك كۆرۈنۈش ۋە كىشىنى تاڭ قالدۇرىدىغان ئىش ۋە يەكۈنلەرنىڭ ھەممىسى شۇ دۇنيا ۋە شۇ دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ راۋاجىنىڭ نەتىجىسى، سىز ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتەلمەيسىز؛ بارلىق ئىنچىكە، ۋايىغا يەتكەن جەريانلار، ئىنچىكە ھالقىلار، شارائىت، جابدۇقلارنىڭ ھەممىسى ئەسلىندىنلا مەۋجۇت، سىز پەقەت سەمىمىيلىك بىلەن تەسۋىرلىدىڭىز؛ بارلىق ئورۇنلاشتۇرۇش، قۇرۇلما، باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش، كومپوزىتسىيە ۋە تەكرارلىق، تەسىرلىك، ھەيران قالارلىق قۇرلارنىڭ ھەممىسى ئەسلىدىنلا شۇنداق بېكىتىلگەن؛ بارلىق تىل، مۇكەممەل ياكى كەمتۈك، كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدىغان ھەم كىشى ئويلىمىغان جۈملىلەر پەقەت رېئاللىقتىكى كىشىلەردە بار بولغان ئالاھىدىلىك؛ رېئاللىق ئەسكە سالغان ياكى كىشىلەر ئۆزى ئېيتقان گەپلەر. سىز پەقەت سادىق پۈتۈكچى خالاس. سىز ئەنە شۇنداق ئويلايسىز.

دېمەكچى، ئىجادىيەتنىڭ مېۋىسى كەم – كۈتىسىز بولىدۇ. ئىجادكار ئۆزىنىڭ ئىجادكارلىقىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ ھەم گۇمانلىنىدۇ. «ياراتقۇچى» بەدىئىيلىك ئالىمىدە بىر قۇلغا، كاتىپقا، پۈتۈكچىگە ئايلىنىدۇ؛ ئىخلاس بىلەن تاماملىغان ئەمگىكىڭىز تېرىپ – تۆشەپ پۈتتۈرگەن ئىشقا، ئايىغىڭىزنىڭ چەمى تېشىلگۈچە ئىزدەپ تاپقان نەرسىڭىز ئاسان ئېرىشكەن نەرسىگە، تۆمۈرنى سۈركەپ يىڭنە قىلغان ئىشىڭىز ئاددىي ئەمگەككە، ئاقىۋەتتە بېرىپ، تەسۋىر ۋە بايانغا، قەغەزگە قۇرلانغان يېزىقلار جانلىق ئادەم ۋە ھەقىقىي ئىشلارغا ئايلىنىپ قالىدۇ.

بۇ نەقەدەر ئۇلۇغ ھەم يەنە نەقەدەر ئاددىي بىر كەسىپ – ھە!

(داۋامى بار…)

(جۇڭگو ياشلار نەشرىياتى 2007 – يىل 1 – ئايدا نەشر قىلغان ۋاڭ مېڭنىڭ «مېنىڭ جاھاندارچىلىق مەنتىقەم» ناملىق كىتابتىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى)

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 
    • ئىجادىيەتتە تۇرمۇش تەجرىبىسىنى ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىگە ئايلاندۇرۇش ناھايىتى مۇھىم، تۇرمۇش تەجرىبىسى پەقەت ياشاشتىكى مەنپەئەتنى مەركەز قىلىدۇ . ئىجادىيەت ئەمەلىيىتى بولسا بۇ خىل تار دائىرىدىكى تۇرمۇش مەنپەئەتچىلىكىدىن ھالقىغان ، ئېستېتىك ھەركەت بولۇپ ، ئۆزىگە مەلۇم بىر خىل گۈزەللىك پىرىنسىپلىرىنى ئۆلچەم قىلىپ سەنئەتنى قىزغىن سۆيگەن ئادەملەردىلا بولۇشقا تېگىشلىك ھەركەت مىزانىدىن ئىبارەت بولىدۇ . مانا شۇنداق ئادەملەرلا تۇرمۇش خاسلىقىنى ئىجادىيەت خاسلىقىغا ئايلاندۇرۇپ ، ئۆزىگە خاس بولغان بەدىئى دۇنيانى بەرپا قىلالايدۇ .

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر 11:54
      • نۇھ ئەپەندىنىڭ قەدىمىگە مەرھابا! ئىجادىيەتتىكى خاسلىق قەلەمگە ئىخلاس قىلغۇچىلارغا يار بولغاي! ئەجرىمىز كۆكلىگەي…

        يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچ 16:08

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى