مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
ئەدەبىي تەنقىدنىڭ كۈچى
تەۋە تۈر: تەرجىمىلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2011/04/14 | كۆرۈلۈشى: 1,093 قېتىم

 

ئاپتورى: لياۋۋېن

تەرجىمە قىلغۇچى: چۈشتاق

ئىلاۋە:

تەنقىدنىڭ ئاساسىي ئىپادىلەش ئۇسۇلى ھۆكۈم. ئەمما مەزمۇنى ھەرخىل، مەۋقەسى‎ پەرقلىق بولغان ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرى قارا-قويۇق ماختاشقا ئۇچرىغاندا تەنقىد ئۆز ئەھمىيىتىنى يوقىتىدۇ، تەنقىدنىڭ كۈچىدىن ئېغىز ئېچىشمۇ ئەسلا مۇمكىن بولمايدۇ.

نۆۋەتتىكى ئەدەبىي تەنقىدچىلىككە نىسبەتەن، ھەرقانداق شەكىلدىكى زارلاش، قاخشاش ۋە ئۆزىنى قاچۇرۇش ئورۇنسىز بولۇپ، باش تارتقۇسىز ۋەزىپە شۇكى– ئەستايىدىل تىرىشىش ئارقىلىق ئەدەبىي تەنقىدچىلىكنىڭ ئىناۋىتىنى قايتا تىكلەپ، تەنقىدنىڭ ھەقىقىي كۈچىنى نامايان قىلىشتۇر.

 

ھازىرقى زامان جۇڭگو مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ

 ھالقىلىق پەيتىدىكى رېئال زۆرۈرىيەت

مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا، ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتىگە يىتەكچىلىك قىلىش، ئوقۇرمەن ياكى كۆرۈرمەننىڭ زوقلىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىستېتىك لەززىتىنى بېيىتىشتەك شەرەپلىك ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. نۆۋەتتە ئېلىمىز مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە، ئەدەبىي تەنقىدچىلىك مۇھىم ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئۆزىگە خاس سادا بىلەن ئۆز مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، مەدەنىيەت قۇرۇلىشىنىڭ زور تەرەققىيات بىلەن گۈللىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا ئەدەبىي تەنقىدچىلىك مۈشكۈل ھالەتتىن قۇتۇلۇپ، نۆۋەتتىكى ئۆز كۈچىدىن مەھرۇم بولغان نىمجان ھالىتىگە خاتىمە بېرىپ، قايتىدىن ھاياتى كۈچكە ۋە ھۆرمەتكە ئېرىشىدۇ.

ئەدەبىيات-سەنئەت تەرەققىياتىنىڭ ساغلام ھالەتنى ساقلاش-ساقلىيالماسلىقى، ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتى ۋە ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ توغرا يۆلىنىشتە ئىلگىرىلەش-ئىلگىرىلىمەسلىكىدە ئەدەبىي تەنقىد مۇھىم ئامىلدۇر. توغرا ھەم مۇئەييەن تەسىرگە ئىگە ئەدەبىي تەنقىد دەل مەۋقەسى ئېنىق، مەيدانى مۇستەھكەم، ھاق-ناھەق ئېنىق ئايرىلغان تەنقىد بولۇپ، تۇماندىكى نۇرلۇق چىراقتەك يازغۇچى، سەنئەتكار ۋە ئوقۇرمەنلەرگە توغرا يولنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ھەتتا بىر دەۋر ئەدەبىيات-سەنئىتىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى بەلگىلەپ بېرىدۇ.

19-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، رېئاللىقتىن ئايرىلغان رومانتىزم شىمالىي ياۋرۇپا ئەدەبىي ئىجادىيىتىدە ئاساسىي ئېقىم بولۇپ شەكىللىنىپ، ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىياتى تۇرغۇن ھالەتكە مەھكۇم بولدى. ئەينى چاغدىكى ئەدەبىياتنىڭ قىسمىتىگە نىسبەتەن، 1871-يىلى دانىيەلىك تەنقىدچى براندىس كوپېنھاگېن ئۇنىۋېرسىتېتىدا كەسكىن نۇتۇق سۆزلەپ، دانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىمالىي ياۋرۇپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ غەربىي ياۋرۇپا ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىدىن خېلى زور ئارقىدا قالغانلىقىنى ئۆتكۈرلۈك بىلەن كۆرسىتىپ، ئەدەبىياتتا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلدى ھەم جەمئىيەت تەرەققىياتىغا پايدىسىز بولغان «زىيادە ئابىستراكىتلاشقان غايىچىلىك»نى ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. ئەينى دەۋردىكى يازغۇچىلارنى شەخسنىڭ ئەركىن ئىرادىسى ۋە مۇستەقىل تەپەككۇر ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشقا چاقىرىپ، ئەدەبىيات سەھنىسىدە «يېقىنقى دەۋردىكى بۆسۈش»نى ياراتتى ھەم شىمالىي ياۋرۇپا ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يۈكسىلىش نىشانى كۆرسىتىپ بەردى. براندېسنىڭ تەسىرىدە ياكوبسون، ئىبسېن، بيورنسون قاتارلىق يازغۇچىلارمۇ ئارقىمۇ ئارقىدىن ئاۋاز قوشۇپ، ئىجادىيەتتە ئىجتىمائىي رېئاللىق، ئوتتۇرا-كىچىك بۇرژۇئازىيە سىنىپلىرىغا قارىتا سۆكۈش، تەنقىدلەش ئېلىپ باردى. شۇ ئارقىلىق شىمالىي ياۋرۇپا ئەدەبىياتىدا رومانتىزمدىن تەنقىدىي رېئالىزىمغا يۈزلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

بىر ئۇلۇغ ئەدەبىيات دەۋرىنىڭ بارلىققا كېلىشى كەڭ يازغۇچىلارنىڭ تىرىشچانلىقىنىلا تەلەپ قىلماستىن، كەڭ تەنقىدچىلەرنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە قەتئىيلىكىنىمۇ تەلەپ قىلىدۇ. جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخىدا بۇنداق مىساللار ئاز ئەمەس. تەنقىدنىڭ دەۋىتى ۋە ئىشارىتىدە، ھازىرقى زامان ئەدەبىيات سەھنىسىدە زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر يازغۇچىلار ۋە مۇنەۋەر ئەسەرلەر مەيدانغا كېلىپ، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىكى ئىپتىخارلىق ئەدەبىيات ھادىسىسىگە ئايلانغان ھەم كېيىنكى ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ ئىپادىلەش دائىرىسىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئىستېتىك بوشلۇقنىڭ كېڭىيىشىگە مۇھىم تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن. بۇنىڭ ئەكسىچە، نۆۋەتتىكى ئەدەبىي تەنقىدچىلىك زىيادە جانسىز ھالەتتە ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالمايۋاتىدۇ. ئەدەبىي تەنقىدنىڭ رولى، تەسىرى كۈنساناپ ئاجىزلاپ، ھەتتا، ئۆزىگە ئۆزى سۆزلەش، ھېچكىمنىڭ كارى بولماسلىقتەك قىسمەتتە تارىختىكى شانلىق نەتىجىلەر بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولماقتا. ئەجىبا، بۇ دەۋر ئەدەبىي تەنقىدكە بىھاجەتمۇ؟ ياق. بىز تارىختىكى ھەرقانداق بىر دەۋرگە نىسبەتەن ئەدەبىي تەنقىدكە جىددىي ئېھتىياجلىقمىز.

بۈگۈنكى ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتى ۋە ئىشلەپچىقىرىشى كۆز ئالدىمىزدا زاھىر قىلغان قايناق ھالەت ھەم مۇرەككەپ سەۋىيەلەر بۇرۇن بولغان ئەمەس، توختاۋسىز پەيدا بولىۋاتقان يېڭى ھادىسە، يېڭى مەسىلىلەر دەل ئەدەبىي تەنقىدچىلىكنىڭ نەزەرىيە جەھەتتىن شەرھلىشىگە ۋە رەتلىشىگە، قېلىپلاشتۇرىشىغا ۋە يىتەكلىشىگە جىددىي مۇھتاجدۇر. شۇنداقلا، رەڭ-جۇلاسى سەرخىل، شەكلى ھەرخىل ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىنى خەلق ئاممىسى قانداق پەرقلەندۈرىدۇ، تاللايدۇ؟ ھەرخىل ئېزىقتۇرۇشلارغا قانداق تاقابىل تۇرىدۇ؟ قانداق قىلىپ ئۆزىگە ساغلام مەنىۋىي ئوزۇق تولۇقلايدۇ؟ بۇلارمۇ ئەدەبىي  تەنقىدچىلىكنىڭ ئەھۋالغا قاراپ ھەل قىلىشىغا، ئېزىتقۇلارنى كۆرسىتىپ بېرىشىگە مۇھتاج. مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىجادىيەت-ئىشلەپچىقىرىشىغا بولغان يىتەكچىلىكىنى كۈچەيتىش مەدەنىيەت قۇرۇلىشىنىڭ مەۋقەسى ھەم مەزمۇنىغا چېتىشلىق بولۇپ، مەدەنىيەت قۇرۇلىشىنىڭ ئىددىيىۋى مەزمۇنى ھەم مەنىۋى قىممىتىنى ئىپادىلەپ، مەدەنىيەت قۇرۇلىشىنىڭ ماھىيىتى ۋە نىشانىنى بەلگىلەيدۇ.

ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدە تەنقىد ۋە ئۆزىنى تەنقىد قىلىش قۇرالىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئەدەبىي ئوبزور ۋە تەنقىدچىلىكنى قانات يايدۇرۇش تەدبىرى ئىدىيىۋى يىتەكچىلىكنى كۈچەيتىش، ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىشىغا، توختاۋسىز ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشتىكى نىسبەتەن دانا تەدبىردۇر. شۇنىسى ئېنىقكى دەۋر ئەدەبىي تەنقىدچىلىككە شەرەپلىك ھەم مۈشكۈل تارىخىي ۋەزىپىنى تاپشۇردى. ئەدەبىي تەنقىدچىلىك قانداق قىلغاندا ۋەزىپە ئالدىدا قارايۈز بولماي، نۆۋەتتىكى جانسىز ھالەتتىن قۇتۇلۇپ، ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتى ۋە ئىشلەپچىقىرىشىنى يىتەكلەشتىكى مۇھىم كۈچكە ئايلىنىپ، مەدەنىيەت كەسپلىرىنىڭ گۈللىنىشىنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزىدىكى خاس ئەۋزەللىك ھەم ئىقتىدارنى تولۇق جارى قىلدۇرالايدۇ؟ مانا بۇ بارلىق ئەدەبىي تەنقىدچىلەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن مۈشكۈل ۋەزىپىدۇر.

 

سەگەك ئەقىل بىلەن تونۇش ۋە سۆزلەش

ئەلۋەتتە، بىزنىڭ ئەدەبىي تەنقىدنىڭ «كۈچى»گە بولغان مەستانىلىقىمىز ھەرگىزمۇ ئەدەبىي تەنقىدنى «تىل خوجىدارى» قىلىش ئەمەس، تەنقىدنىڭ كۈچىگە قارىتىلغان قۇرۇلما چوقۇم ھۇشيار ھەم ئەقلىي تونۇشقا ئىگە بولۇشى كېرەك.

ئومۇملۇقتىن قارىغاندا، ھەقىقىي كۈچى بار تەنقىد ئەدەبىيات-سەنئەت سەھنىسىدىكى ھەققانىيەتنى قوغداش، ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ توغرا تەرەققىيات يۆلىنىشىدىن چەتنىگەن ناتوغرا يۈزلىنىشنى توغرا يولغا سېلىپ، ھەقىقىي مەنىدىن خەلق ئاممىسىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ئېھتىياجى ۋە مەدەنىيەت ئىستىمالى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. بۇ دەل ئەدەبىي تەنقىدچىلىكنىڭ ئاساسىي ئىقتىدارى ۋە ئۈنۈمىگە بولغان ئىشەنچتۇر. ئەكسىچە بولسا ئەدەبىي تەنقىدچىلىك قانچىلىك قۇدرەتلىك كۆرۈنمىسۇن، ئۇنىڭ كۈچى پەقەت «ساختا كۈچ» بولىدۇ خالاس.

تارىختىكى مۇئەييەن مەزگىللەردە، تەنقىدچىلىكىمىز ناھايىتى زور قۇدرەتكە ئىگە بولدى. ھەتتا بىر ئېغىز سۆز بىلەنلا ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى ھايات-ماماتلىق ھوقۇقىغا ئېرىشتى. بىر پارچە تەنقىد ماقالىسى تۈپەيلى بىر يازغۇچى قاراڭغۇ ئۆيگە بەند بولىدىغان، كويزا-كىشەنلىنىپ سوغۇق كامىرغا مېھمان بولىدىغان ئىشلار كۆرۈلدى. ئەمما بۇ خىل تەنقىدنىڭ دەستىكى ھەرگىزمۇ تەنقىدنىڭ ھەقىقىي كۈچى ئەمەس، بەلكى، ئالاھىدە مەزگىلدىكى سىياسىي كۈچ خالاس. ھازىر، ئۇنداق «قالپاق كېيدۈرۈش» ۋە «تۆھمەت چاپلاش» ئارقىلىق تەنقىدنىڭ ھەيۋىسىنى تىكلەيدىغان دەۋر كەلمەسكە كەتتى. ئەمما، كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى، ھازىرمۇ بىر قىسىم «رەھىمسىز تەنقىدچى»لەرنىڭ قەلىمى ئاستىدا بۇ خىل ئاسارەت ھېلىھەم مەۋجۇت، ئۇلارنىڭ گەپ-سۆزىدە پالتا-پىچاق، سۈر-ھەيۋە ماراپ ياتقان. ھەتتا، ئىلمىي تەھلىلنىڭ ئورنىغا تىل ھۇجۇمى ۋە ھاقارەت ئالماشقان. ئەلۋەتتە، ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بۇ خىل تەنقىدنى قوبۇل قىلمايدۇ، خەلق ئاممىسىمۇ كۆز قىرىنى سالمايدۇ. ئېنىقكى، ئورۇنسىز ماختاش ھەم مەدھىيىلەشمۇ تەنقىدنىڭ ئاساسىي مۇددىئاسى ئەمەس، شۇنداقلا، ئۈنۈملۈك تەنقىدمۇ ھېسابلانمايدۇ. بەزى تەنقىدچىلەر ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەرگە ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن، بار ھۈنىرىنى ئىشقا سېلىپ، شالى چېچىلغۇچە ماختايدۇ، ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەرنىڭ گۇپپاڭچىسى بولۇشنى خالايدۇ. ئاقىۋەت تەنقىدچى گۇپپاڭچىغا ئايلىنىدۇ. بۇمۇ ئوخشاشلا ئەلنىڭ نەزىرىگە ئىلىنمايدۇ.

تەنقىدنىڭ ئاساسىي ئىپادىلەش ئۇسۇلى ھۆكۈم. ئەمما مەزمۇنى ھەرخىل، مەۋقەسى‎ پەرقلىق بولغان ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرى قارا-قويۇق ماختاشقا ئۇچرىغاندا تەنقىد ئۆز ئەھمىيىتىنى يوقىتىدۇ، تەنقىدنىڭ كۈچىدىن ئېغىز ئېچىشمۇ ئەسلا مۇمكىن بولمايدۇ. بەزى تەنقىدچىلەر ئۆز نەزىرىدە ماختاش تىپىدىكى تەنقىدنىلا ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر خوپ كۆرىدۇ-دەپ ئويلايدۇ. ئەمما ئۆز قىلمىشىنىڭ دەل تەنقىدنىڭ قىممىتىگە بولغان بۇزغۇنچىلىق ئىكەنلىكىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيدۇ. ھەقىقىي غايىلىك، ئىرادىلىك ئەدىب ياكى سەنئەتكار ماختاشنى قوبۇل قىلىش بىلەن بىرگە تەنقىدنىمۇ قوبۇل قىلىشقا ماھىر بولۇشى كېرەك. چۈنكى، پەقەت تەنقىدلا، «قۇلاققا ياقماس نەسىھەت»لا ئۇلارنىڭ توختاۋسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىگە، زور ئۇتۇقلارغا مۇيەسسەر بولۇشىغا پايدىلىقتۇر. ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتىگە نىسبەتەن، تەنقىدنىڭ كۈچى ماختاش ياكى تەنقىد قىلىشتا ئەمەس، بەلكى، ئەسەرنىڭ نىگىزلىك يېرىنى بايقاپ، ئارتۇقچىلىق ۋە يىتەرسىزلىكنى دەل كۆرسىتىپ، ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا ئىپادىلىنىدۇ.

 

مەسىللەرنى بايقاش ۋە ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش

قانداق قىلغاندا ئەدەبىي تەنقىدچىلىكنىڭ ئىناۋىتىنى تىكلەپ، تەسىرگە ئىگە ئەدەبىي تەنقىدچىلىك بەرپا قىلغىلى بولىدۇ؟ ئېنىقكى بۇ ئىنتايىن مۇرەككەپ بىر مەسىلە. ئوخشىمىغان نۇقتىدىن قارىغاندا ئوخشىمىغان جاۋابقا ئېرىشىمىز. ئەمما، ئەڭ مۇھىم نۇقتا شۇكى، نۆۋەتتىكى ئەدەبىي تەنقىدنىڭ مەسىللەرنى بايقاش ۋە ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشتۇر. پەقەت ئەدەبىيات-سەنئەت تەرەققىياتىدىكى يېڭى ھالەتلەرنى، يېڭى مەسىللەرنى ئۆتكۈرلۈك بىلەن بايقاپ، ئەقلىي ھۆكۈم ۋە پەرەز تۇرغۇزۇپ، ئاخىرىدا بۇ مەسىللەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلغاندىلا ئەدەبىي تەنقىد ھەقىقىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئەمما بىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىز ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ تەرەققىيات ھالىتىگە يېتىشىپ بولالمىدى.

يېقىنقى يىللاردا مەيدانغا كەلگەن بىر قاتار يېڭى مەسىلىلەرگە—يەنى تور ئەدەبىياتى، ئاۋام مەدەنىيىتى، ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ بازارلىشىش يۈزلىنىشى دېگەندەك مەسىللەرگە قارىتا ئەدەبىي تەنقىدنىڭ ئىنكاسى ئاستا، ساداسى ئاجىز بولۇپ كەلدى. ئەگەر بۇ خىل ھالەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىنى پۈتۈنلەي تەنقىدچىلەرنىڭ يارىماسلىقىدىن كۆرسەك، چوڭ خاتالىققا يول قويغان بولىمىز. مەسىلىنىڭ تۈگۈنى شۇ يەردىكى، تاھازىرغا قەدەر بىز ئۆزىمىزنىڭ تىل ئەۋزەللىكىنى چىقىش قىلىپ، «جۇڭگوچە ساۋاق»نى ئۈنۈملۈك ھەل قىلالايدىغان جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە، جۇڭگوچە ئۇسلۇبقا، جۇڭگوچە سالاپەتكە باي ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ نەزەرىيە قۇرۇلمىسىنى قۇرۇپ چىقالمىدۇق. ماددىي مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشقا قارىغاندا، ئەدەبىيات-سەنئەت مەھسۇلاتىنى ئىشلەپچىقىرىش تېخىمۇ يارقىن، تېخىمۇ كۈچلۈك مىللىيچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، بىر مىللەتنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولىدۇ. شۇڭلاشقا، ئەدەبىي تەنقىدنىڭ تەرەققىياتى ئۆز نەزەر دائىرىسىنىڭ قانچىلىك كەڭرى بولۇشىدىن، قايسى خىل غەيرىي-يات «قۇۋۋەت»لەردىن نەپ ئالغان بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ئۇنىڭ باشلاش ھەم يەكۈن نۇقتىسى يەنىلا ئۆز مىللىتىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت رېئاللىقىغا چوقۇم باش ئېگىدۇ.

30نەچچە يىلدىن بېرى، جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەت نەزەرىيە ساھەسىنىڭ دىققىتى ھامان غەربكە مايىل بولدى. غەربنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت تەنقىدچىلىك نەزەرىيەسى جۇڭگودا تولىمۇ ئۇزۇنغا سوزۇلغان  ئالقىش ھەم مەدھىيەگە نائىل بولدى. ھەتتا بىرقىسىم تەنقىدچىلەر غەربچە سۆز-ئىبارىلەرگە «مەستانە» بولدى، ئەمما ئۇلار پەقەت كۆچۈرۈشنى ۋە دوراشنىلا بىلىدۇ خالاس. بۇنداق بەرپا قىلىنغان ئەدەبىي تەنقىدچىلىك جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئىتىنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە قارىتا، ياكى، نېمە قىلارىنى بىلمەي، باش قاشلاپ تۇرۇپ، كوللىكتىپ «زۇۋانى تۇتىلىدۇ»، ياكى بولمىسا، قىچىشمىغان يەرنى قاشلاپ، ھېچنېمىگە ئەسقاتمايدۇ. مىللىيلەشكەن نەزەرىيە سېستىمىسى ئەدەبىيات-سەنئەت تەنقىدچىلىكىنىڭ جېنىدۇر. پەقەت جېنى بولغان تەنقىدلا ھەقىقىي كۈچلۈك تەنقىددۇر.

يېقىنقى يىللاردىن بېرى، ئەدەبىي تەنقىد ھەرخىل ئەيىبلەش ۋە كەمسىتىشكە دۇچار بولدى. ئەدىب-سەنئەتكەر بولسۇن ياكى ئاددىي پۇقرا بولسۇن ئەدەبىي تەنقىدچىلىكنىڭ ھازىرقى ھالىتىدىن رازى بولمىدى. مەدەنىيەت تەرەققىياتى تېز بولىۋاتقان، ھەرخىل مەدەنىيەت قاراشلىرى ئۆز-ئارا پۇت تىپىشىۋاتقان بۈگۈنكىدەك دەۋردە ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ئۆز مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، ياڭراق سادالارنى جاراڭلىتالمىدى-دەپ قارىدى. بەزى تەنقىدچىلەر بۇنىڭ سەۋەبىنى ھازىرقى دەۋردىن كۆرۈپ، تەنقىدنىڭ بىمەززە، بىتايىن، پەسكەش بولۇشىنى دەۋر كەلتۈرۈپ چىقارغان-،دەپ توۋلاپ يۈردى. بەرھەق، جەمئىيەت تەرەققىياتى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بىر ئىلىم بولغان ئەدەبىي تەنقىدچىلىك مۇئەييەن دەرىجىدە جەمئىيەتتىكى مەدەنىيەت تىل مۇھىتىنىڭ مەجبۇرلىشى ۋە تەسىرىگە ئۇچرىشى ئېنىق. ئەمما، بىز ئەدەبىي تەنقىدنىڭ قىممىتى ۋە ئەھمىيىتىنىڭ دەل مۇئەييەن دەرىجىدىكى قەتئىيلىك ۋە چىدامچانلىق بىلەن شاكالنى شاللاپ، مېغىزىنى تاللاپ؛ پاسىققا لەنەت، پازىلغا مەدەت بېرىپ، جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي مىلودىيەسىنى ياڭرىتىشتا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشىمىز زۆرۈردۇر.

تارىختىن قارايدىغان بولساق، ھەرقانداق ئۇلۇغ تەنقىدچىلىكنىڭ ھەممىسى غايىۋى قۇرۇق ھالەتتە بارلىققا كەلگەن ئەمەس، ۋولتايرنىڭ تەنقىدچىلىكىمۇ شۇنداق، چىرنىشىۋىسكىينىڭ تەنقىدچىلىكىمۇ شۇنداق، لۇشۈننىڭ تەنقىدچىلىكىمۇ ھەم شۇنداق. نۆۋەتتىكى ئەدەبىي تەنقىدچىلىككە نىسبەتەن، ھەرقانداق شەكىلدىكى زارلاش، قاخشاش ۋە ئۆزىنى قاچۇرۇش ئورۇنسىز بولۇپ، باش تارتقۇسىز ۋەزىپە شۇكى — ئەستايىدىل تىرىشىش ئارقىلىق ئەدەبىي تەنقىدچىلىكنىڭ ئىناۋىتىنى قايتا تىكلەپ، تەنقىدنىڭ ھەقىقىي كۈچىنى نامايان قىلىشتۇر.

«خەلق گېزىتى»نىڭ 2011-يىل 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 
    • مەن مەزكۈر يازمىدا ئوتتۇرغا قويۇلغان قارشلارنى قولايمەن . ماقالا تولىمۇ ئەتىراپلىق يېزىلىپتۇ

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى كەچ 15:23
    • چۈشتاقنىڭ يېڭى ئۇسلۇبىغا مۇبارەك بولسۇن! ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىمۇ تەنقىدنىڭ ماھىيىتى ۋە رولىنى توغرا چۈشىنىش، ئۇنىڭ فۇنكىتسىيىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئەڭ تەخىرسىز مەسىلىلەرنىڭ بىرى، ھەزرەتئېلىنىڭ ئەمگىگىگە تەشەككۈر.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى سەھەر 06:03
    • مەتبۇئاتتا كۆرۈلۈپ بولۇنغىچە ئوقۇۋالدۇق مانا.
      مۇشۇنداق نەزىرىيىۋى، ئىلمىي قىممىتى بار ماقالىلار كۆپرەك تونۇشتۇرۇلسا، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكىلىك،ئىجابىي رول ئوينايدۇ.
      بۇ تەرجىمە ماقالىڭىزنىڭ مەتبۇئاتتا تېزرەك يورۇق كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى كەچ 15:46

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى