مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
قولىڭىزغا قەلەم ئالغاندا…(2)
تەۋە تۈر: تەرجىمىلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2011/04/14 | كۆرۈلۈشى: 981 قېتىم

 

 

 

 

 

 

 

3

ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمەلىيەت ۋە ئويلىنىش، سېغىنىش ۋە تەسەۋۋۇر، ئىككىلىنىش ۋە پەرىشانلىق، ئىشتىياق ۋە قىيالماسلىق ھالەتلىرى ئارقىلىق، ئاخىرى قولىڭىزغا قەلەم ئالدىڭىز. ئاخىرى ۋاقتىنچە ئاق تۇرغان قەغەزگە ئۆز ھاياتىڭىز، روھىڭىزنىڭ بىر قسىمىنى سىڭدۈردىڭىز. ئاپئاق قەغەز بەئەينى بىر بىپايان باغقا، قورۇققا ئوخشايدۇ، مانا سىز ھازىر شۇ قورۇققا كىرمەكچى. يېقىن كىشىلىرىڭىز ۋە دىلكەشلىرىڭىزنى، تەئەللۇقاتلىرىڭىزنى، قايناق ھاياتىڭىزنى ئېلىپ كىرمەكچى بولۇۋاتىسىز. سىز مەڭگۈ ئۆڭمەس، ئۆز ھاياتىڭىزدىنمۇ ئەبەدىيرەك بولغان يېزىق ئارقىلىق تولىمۇ قىسقا بولغان تۇرمۇشىڭىزنى ۋە تۇيغۇڭىزدىكى تەسىراتلارنى خاتىرىلەيسىز.

ئەمما، يەنىلا بىر مەسىلە سىزنى ئارامىدا قويمايدۇ، سىزنىڭ ئۇنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ يېزىشقا ئىشەنچىڭىز بارمۇ؟ ئۇ راستتىنلا ئوقۇرمەنگە بىرەر نەرسە ئاتا قىلالامدۇ؟ شۇ ئارقىلىق يېزىقچىلىقنىڭ قىممىتىنى ۋە مەۋجۇتلۇق ھوقۇقىنى ھازىرلىيالامدۇ؟

سىزنىڭ يازمىڭىز تەھرىر بۆلۈملەردە دۆۋىلىنىپ تۇرغان ساناقسىز يازمىلار ئىچىدە رىقابەت ئىقتىدارىغا ۋە ھەممىنى بېسىپ چۈشكۈدەك ھاياتىي كۈچگە ئىگىمۇ؟ ئۇ سىزنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى، زېھنىڭىزنى ۋە قەلەم – سىياھىڭىزنى بىھۇدە ئىسراپ قىلامدۇ، يوق؟ ھەمراھىڭىزنىڭ كوتۇلداشلىرى، خىزمەتداشلىرىڭىزنىڭ شۈبھىلىك بېقىشلىرى، باشلىقىڭىزنىڭ نارازىلىقى ھېسابىغا يازمىڭىز ئاقىۋەت نۆلگە تەڭ بولامدۇ، يوق؟

يېزىقچىلىققا يېڭىلا كىرىشكەن ھەۋەسكارغا نىسبەتەن يۇقىرىقىلار بىر تېپىشماق خالاس. يازمىڭىزنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولۇشىنى كىم بىلىدۇ؟ ئەخلەتخانىغا تاشلىنامدۇ، قولىڭىزغا قايتىپ كېلەمدۇ؟ تەڭدىن تولىسى قىرقىلىپ، ئۆزىڭىزمۇ تونۇيالمايدىغان قىياپەتتە ئېلان قىلىنامدۇ؟ ئېلان قىلىنسىمۇ دېڭىزغا چۈشكەن تاشتەك ئۈنسىز غايىب بولامدۇ؟ ۋە ياكى ئۇتۇقلۇق ھالدا، ئوبزورچىلار ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولۇپ، ئالقىش ۋە ماختاشلار ئىچىدە يېڭى ھاياتىي كۈچكە نائىل بولۇپ، يېڭى قىياپەت بىلەن ئەدەبىيات سەھنىسىگە قەدەم تاشلامسىز؟

سىز يازمىڭىزنى تاماملاپ، تەھرىراتقا ئەۋەتىپ بولدىڭىز. ئەمما سىز يەنىلا تەشۋىشلىنىسىز ۋە شۈبھىلىنىسىز. تېخى چۈشىڭىزدىمۇ يازمىڭىزنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە ئويلىنىسىز، مۇھەررىرنىڭ «قارار»ىنى پەملەيسىز. ئاخىرى تەھرىر بۆلۈمدىن كەلگەن خەتنى تاپشۇرۇۋالغاندا، شۇم خەۋەر ياكى خۇش خەۋەرلىكى نائېنىق بولغاچقا جىددىيلەشكىنىڭىزدىن كونۋېرتنى ئېچىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايسىز.

ئەلۋەتتە، بۇنداق قىلىش بىمەنىلىك ھەم بىچارىلىك خالاس. ئەمما، كىممۇ ئۆز يازمىسىنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلمىسۇن؟ قولغا قەلەم ئالغاندىن كېيىن ھەدەپ ئۆزىدىن گۇمانلىنىش ئاقىۋەتتە ئۆز كەسپىڭىزنى ۋەيران قىلىدۇ. بۇ بىر ئاپەت دېمەكتۇر. شۇنداقتىمۇ، قاراملىق قىلىشقا بولمايدۇ. توختىماي قەلەم تەۋرىتىش، ئۆز يازمىسىدىن ئۆزى سۆيۈنۈش، بىردەمدىلا تاماملاش، توختىماي قۇرۇق گەپ سېتىش، خەلقنى ئالداش، خىزمەتكە دەخلى يەتكۈزۈش، ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش… بۇنداق قىلىشنىڭ كىمگە پايدىسى بار؟

ئىشەنچ تۇرغۇزۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ تونۇشىڭىز ھاجەتتۇر.

ئىنسان قىممىتى ئۆزىنى تونۇشتا كۆرۈلىدۇ. يېزىقچىلىقتا تېخىمۇ شۇنداق. سىز ئۆزىڭىزنى، تۇرمۇش تەجرىبىڭىزنى، تەپەككۇر تەلقىنلىرىڭىزنى چۈشىنىشىڭىز، ئۆز تەسىرات ۋە قاراشلىرىڭىزنىڭ جەملەنمىسىدىن قانداق جاۋاھىراتلارنى تاۋلاپ چىققىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىشىڭىز لازىم. ھازىرقى بىر قىسىم ياشلارغا قارايدىغان بولساق، قولىغا قەلەم ئېلىپلا تارىخقا ئائىت زور ئەسەرلەرنى يازماقچى بولىدۇ. ئەپسۇس تارىخىي بىلىم ۋە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ئۆگىنىشكە مېھنەت سەرپ قىلمىغان تۇرسا مەغلۇپ بولۇشى مۇقەررەر- دە.

ئۇندىن باشقا سىز يەنە ئۆزىڭىزنىڭ بەدىئىي تالانتىڭىز ۋە ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىدىكى تەجرىبىڭىزنى، بەدىئىي ئىپادىلەشتىكى ئارتۇقچىلىقىڭىز ۋە كەمچىلىكىڭىزنى تونۇپ يېتىشىڭىز زۆرۈر. ئارتۇقچىلىقىڭىزنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمچىلىكتىن خالىي بولۇشقا ماھىر بولۇشىڭىز، ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى بېيىتىپ بېرىشقا ئەھمىيەت بېرىشىڭىز لازىم. يازغان ئەسەرنىڭ ناچار بولۇشى قورقۇنچلۇق ئەمەس، كايىش بىھاجەت. ئەمما تەلەي سىناش مۇددىئاسىدا، بېشى يوق چىۋىندەك ئۆزىنى ھەر تەرەپكە ئۇرۇش ئىدېئالىزمچىلىق ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر.

ناۋادا سىز ئۆزىڭىزنى تونۇپ يېتىپ، قىلماقچى بولغان سۆزىڭىزنىڭ مېغىزلىق، دېمىسىڭىز بولمايدىغان، زۆرۈرلۈكىدىن قولىڭىزغا قەلەم ئالمىسىڭىز بولمايدىغان ئەھۋالدا، سىز دۇچ كېلىدىغان تۇنجى مەسىلە تېما تاللاش مەسىلىسىدۇر. ئۇنداقتا تېمىنى زادى قايسى تەرەپلەرنى تۇتقا قىلىپ تاللىغاندا ئەسىرىڭىز كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ.

يازماقچى بولغان تېمىنى چوقۇم تولۇق چۈشىنىشىڭىز لازىم. يازماقچى بولغان ئادەم، ۋەقە، زامان، ماكان، مۇھىت، قائىدىلەرگە قارىتا سىزدە مۇكەممەل ئەسلىمە بولۇشى لازىم. ئەسلىمە يازغۇچىنىڭ بايلىقى ھەم دەسمايىسى. سانسىزلىغان جانلىق ئەسلىمىلەر بولغاندىلا تەپەككۇرىڭىز، تەسەۋۋۇرىڭىز، توقۇلمىڭىز ۋە ئىستىكىڭىز بولىدۇ. ئەسلىمىسى يوق ئادەم لەقۋادۇر، ئەمما يازغۇچى ئەسلىمىگە باي ئىنساندۇر. شوپۇرنىڭ يول يۆنىلىشىگە، ساقچىنىڭ خەتەر بېشارەتلىرىگە نىسبەتەن كۈچلۈك ئەسلىمىسى بولغاندەك، يازغۇچىنىڭ ئىنسان ۋە ئۇنىڭ روھىي ھالىتى، پىسخىك كەچۈرمىشى، تۈرلۈك نازۇك ھالقىلارغا قارىتا كۈچلۈك ئەسلىمىسى بولىدۇ؛ ئۇنىڭ توقۇلما ئىقتىدارى ۋە قايتا قۇراشتۇرۇش ئىقتىدارىمۇ ئاشۇ كۈچلۈك ئەسلىمىسىدىن ئايرىلالمايدۇ.

ئەسلىمىنىڭ سادىق ھەمراھى ۋە ياردەمچىسى ئۇنتۇشتۇر. ئۇنتۇش دەل ئەسلىمىنىڭ چۆكۈندىلىرى، يازغۇچىغا نىسبەتەن بۇ تۇنجى قەدەمدىكى رەتلەش ۋە پىششىقلاش جەريانىدۇر. ئۇنتۇش تەبىئىي بولىدۇكى، ئۇ سىزنىڭ سۇبيېكتىپ ئارزۇيىڭىزغا بېقىنمايدۇ. بەلكىم سىز ئۆز ۋاقتىدا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن ئىشلارنى كېيىنچە تەلتۆكۈس ئۇنتۇپ كېتىشىڭىز مۇمكىن. پەقەت سىزنىڭ قەلب تارىڭىزنى تىترەتكەن، قەلبىڭىزنىڭ تېرەن قاتلىمىدىن ئورۇن ئالغان ئەسلىمىلا ئۇنتۇلۇشتىن خالىي قالىدۇ.

يېتەرلىك ئەسلىمە ۋە ئەسلىمىگە نىسبەتەن ئۇنتۇش سىزنىڭ تېما تاللىشڭىزدىكى ئىشەنچىڭىزنىڭ تۇنجى كاپالىتىدۇر.

سىز يازماقچى بولغان تېمىدا، ھەقىقەتمۇ بەزىبىر پايدىلىق بولغان، ئوقۇرمەنگە، خەلققە بىلدۈرۈشكە تېگىشلىك، قەلبىڭىزدىن ئۇرغۇپ چىققان پىكىرلەر بولىدۇ. سىز يازماقچى بولغان ئادەم ۋە ۋەقەلەرگە قارىتا ئۇزۇن مەزگىل ئويلىنىسىز. پىكىرلىرىڭىز ئۇزۇن مەزگىللىك مۇستەقىل تەپەككۇرنىڭ جەۋھىرىدۇر. يازىدىغان نېمىڭىز تاسادىپىي بىر ئىلھامنىڭ تۈرتكىسىدىن بولغان تەقدىردىمۇ، مەسىلەن: سىز ئاڭلىغان بىرەر ھېكايە، تاپشۇرۇۋالغان بىرەر پارچە خەت، بىر قېتىملىق يامغۇر، بىر تال گۈل، بىرەر ناخشا، ھەتتا ئەتراپىڭىزدىكى بىرەرسىنىڭ ئەسىرى سىزنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقىڭىزغا سەۋەب بولۇشى، ئىلھامىڭىزنى قوزغىشى مۇمكىن. بەلكىم بۇ خىل قىزغىنلىق ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇشىمۇ مۇمكىن، ئەمما سىز پەقەت ئىلھامغىلا تاينىۋالسىڭىز بولمايدۇ. سىز يازماقچى بولغان تېمىڭىزدا ئوقۇرمەنگە بىلدۈرگۈدەك قانچىلىك قىممەت، قانداق سادا، قانچىلىك شۈبھىلەرنىڭ بارلىقىنى؛ يازماقچى بولغىنىڭىزنىڭ يۈرەك سۆزلىرىڭىزمۇ ئەمەسمۇ؟ باشقىلارغا پايدىسى بارمۇ – يوقمۇ؟ دېمىسىڭىز بولمىغۇدەك جىددىي گەپمۇ – ئەمەسمۇ؟ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى باش قاتۇرۇپ ئويلىنىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئەتراپلىق تەپەككۇر، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەستايىدىل ئويلىنىش بولمايدىكەن، ئەسەرنىڭ ئاساسىي ئىدىيىسى، ئىدىيىۋى ئەھمىيىتى بولمايدۇ. سىز ئەسەر يازغىنىڭىزدا بەلكىم بىردەمدىلا تاماملىشىڭىز، بىرەر پارچە ھېكايىگە بىر نەچچە سائەتلا سەرپ قىلىشىڭىز مۇمكىن. ئەمما سىزنىڭ ئەسىرىڭىز چېتىشلىق بولغان تۇرمۇش، ئادەم ۋە ۋەقەلەرگە بولغان باھا دەل سىزنىڭ ئۆمۈرلۈك تەجرىبىڭىز ۋە تەپەككۇرىڭىزنىڭ ھاسىلاتىدۇر. قولىڭىزغا قەلەم ئېلىپ، يېزىشنى باشلىغاندىن كېيىن، ئۇزۇن مۇددەت قەلبىڭىزنى ئىگىلىۋالغان پىكىرلەر ئۆزىگە خاس سىياقتا، تەمگە، پۇراققا، كىشىگە زوق ئاتا قىلىدىغان ھالەتكە ئىگە بولىدۇ.

مانا بۇ ئىشەنچىڭىزدىكى ئىككىنچى كاپالەتتۇر. مانا بۇ سىز ئەتراپلىق تەپەككۇر قىلغان، ھېس – ھاسىلاتلىرىڭىز بولغان، ئەھمىيەتلىك نەرسىلەردۇر.

سىز يەنە ئۆز يازمىڭىزنىڭ سېھرىي كۈچكە، جەلپكارلىققا، قىزغىنلىققا تويۇنغانلىقىغا ئىشىنىشىڭىز، شۇنداقلا بۇلارنى تونۇپ يېتىشىڭىز، ھېس قىلىشىڭىز لازىم. سىزنىڭ ئۇنى يېزىشىڭىز قانداقتۇر ئەدەبىياتقا قىزىقىشىڭىز، يازغۇچىلىققا ھەۋەس قىلىشىڭىز ۋەجىدىن ئەمەس، شۇنداقلا مەلۇم بىر خىل تېمىنىڭ بازارلىق ئىكەنلىكى، تەھرىراتلارنىڭ ئاشۇ خىل تېمىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىدىنمۇ ئەمەس، بەلكى ئاشۇ خىل تېما سىزنىڭ قەلب قەسىرىڭىزنىڭ ئىشىكىنى چېكىپ، سىزگە يىلان كەبى چىرمىشىپ، سىزنى ئارامىڭىزدا قويماي، قولىڭىزغا قەلەم ئېلىشىڭىزنى كۈتكەنلىكى، تەخىرسىزلىكى، يازمىسىڭىز سىزگە ئاراملىق بولمايدىغانلىقى سەۋەبلىك قولىڭىزغا قەلەم ئالىسىز. ئۇ سىزنى مەپتۇن قىلىدۇ، سىزگە ئاراملىق بەرمەيدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆزىگە خاس ئاھاڭغا، ساداغا ۋە سىياققا ئىگە؛ ئۇ بەلكىم قايغۇ ئىلكىدە كۆزدىن ياش ئىچەر، تېرەنلىكىدىن كۆزگە مۇڭ تۆكەر، جۇشقۇنلۇقىدىن تەنگە كۈچ قوشار، رەھىمسىزلىكىدىن دىلغا ۋەھىمە سالار، خۇشاللىقىدىن كەيپنى چاغ قىلار، ئۆتكۈرلۈكىدىن جاننى يايرىتار، ھەزىللىكىدىن كۆڭۈل خۇش بولار، يەكتالىقىدىن ئاپىرىن ئېيتقۇزار، يېقىشلىقىدىن جان ئارام تاپار، مۇكەممەللىكىدىن دىلنى يورۇتار… ئۇ بەلكىم ساناقسىز جەلپكارلىققا ئىگە بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇ ھەرگىزمۇ مەززىسىز ھەم مەنىسىز بولماسلىقى كېرەك.

مانا بۇ ئىشەنچىڭىزنىڭ ئۈچىنچى كاپالىتى. جەلپكارلىققا ئىگە ئەسەرلەرنى يېزىش يېزىقچىلىقنى جاپالىق ئەمگەككە ئايلاندۇرۇش بىلەن بىرگە قەلبىڭىزنىڭ ئېھتىياجى، روھىڭىزنىڭ ئىشتىياقى ھەم گۈزەللىكنىڭ ئىمتىيازىغا ئايلاندۇرىدۇ.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقتا «يەكتا» بىر ئەسەرنى روياپقا چىقىرىۋاتقىنىڭىزغا ئىشەنچىڭىز كامىل بولۇشى كېرەك. ئادەمنىڭ ئىقتىدارى پەرقلىق بولىدۇ. يازغۇچىنىڭ ئىجادىيىتىمۇ ھەم شۇنداق. ئەمما يېزىقچىلىقتا چوقۇم ئىجادىيلىق بولۇشى كېرەك، ئىجادىيلىق بولمىسا قەلەم تۇتماڭ. يېزىقچىلىقتا مەغلۇپ بولغان، يازمىڭىز ئىنكار قىلىنغان ھالەتتىمۇ، شاتۇتى كەبى دورامچىلىقتىن، تەقلىدچىلىكتىن خالىي بولۇڭ. تەقلىدچىلىك ئەدەبىياتنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنىدۇر. تەقلىدچىلىك بولىدىكەن ئەدەبىيات مەۋجۇت بولمايدۇ.

ھەربىر ئادەمنىڭ تۇرمۇش سەرگۈزەشتىسى، بوي – تۇرقى باشقىلاردىن پەرقلىق بولىدۇ. دۇنيادا مۇتلەق ئوخشاش ئىككى ياپراق بولمىغىنىدەك، مۇتلەق ئوخشاش ئىككى ئادەممۇ بولمايدۇ. ھەر بىر ئادەم ئاۋام ئارىسىدا يۈرگىنىدە ھەمراھىنىڭ، دوستلىرىنىڭ ئۆزىنى تونۇيالماسلىقىدىن ئەنسىرەش بىھاجەت. چۈنكى ھەربەندە خاس بىر ئىجادىيەت. ئەپسۇسكى، سىز ئۆز ئەسىرىڭىزنىڭ باشقىلارنىڭ ئەسىرى بىلەن دوقۇرۇشۇپ قېلىشىدىن ئېسەنكىرەيسىز. ئەدەبىي ئىجادىيەت يولىدا تالايلارنىڭ بىر خىل تۈس، بىر خىل ھالدا ئىكەنلىكىدەك ئوخشاشلىق ھالىتىنى بايقايسىز، بۇ نەقەدەر يىرگىنچلىك ۋە بىچارىلىك – ھە !

بۇ خىل مەغلۇبىيەتتىن خالىي بولۇشتىكى نېگىزلىك مەسىلە ئىجادىيەت داۋامىدا ئۆزىڭىزنىڭ خاس تۇرمۇش سەرگۈزەشتىڭىزنى، ئۆز روھىيىتڭىزنى قېدىرىشقا. ئۆزىڭىزنىڭ بەدىئىي ئۇسلۇبىڭىزنى تولۇق يېتىلدۈرۈش ۋە جارى قىلدۇرۇشقا ماھىر بولغان – بولمىغانلىقىڭىزدا. ھەرگىزمۇ «جاھان رەپتارى»غا مەپتۇن بولماڭ، ئۇتۇققا ئېرىشكەن ئەسەرنىڭ ئۇسلۇبىغا كۆز تىكمەڭ، دورامچىلىق قىلىش، مۈشۈككە قاراپ يولۋاس سىزىش نەقەدەر تېتىقسىزلىق، نەقەدەر بىزارلىق – ھە ! خاسلىق ئىشەنچىڭىزنىڭ تۆتىنچى كاپالىتى.

سىز ئەمەلىي تۇرمۇشقا، ئەسلىمىگە، تەپەككۇرغا، ئىشتىياق ھەم خاسلىققا ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە قەلەم تەۋرىتىشكە تۇشلۇق بۆسۈش نۇقتىسىغا ئىگە. دېمەكچى، سىز يازماقچى بولغان ئەسەر ئەمدى سىزگە نىسبەتەن ئەبجەش، رەتسىز ئۇقۇم ئەمەس، بىر خىل قايناق، قىزغىن ھەۋەس تېخىمۇ ئەمەس. مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا ئۇ ئاللىبۇرۇن ئۆزىنى ئاشكارىلاپ، سىزگە تەلمۈرمەكتە. ئۇ بەلكىم بىرەر پېرسوناژنىڭ خاس خاراكتېرى بولۇشىمۇ، بىرەر ھېكايىنىڭ پۈتكۈل سۇژىتى بولۇشىمۇ، ۋەقەلىكنىڭ مۇقەددىمىسى ياكى خاتىمىسى بولۇشىمۇ، بىر بۆلۈك قەلب ئىزھارى بولۇشىمۇ، ھەتتا مۇھىت تەسۋىرى ياكى پورترېت تەسۋىرى بولۇشىمۇ مۇمكىن. دەل يۇقىرىقىلار سىزنىڭ روياپقا چىققۇسى ئەسىرىڭىزنىڭ ئىدىيىسى ۋە ئۇسلۇبىدۇر. مانا بۇ ئىشەنچىڭىزنىڭ بەشىنچى كاپالىتى.

يۇقىرىقى بىر قانچە تەرەپ سىزنىڭ قەلەم تەۋرىتىشىڭىزنىڭ ئاساسى ۋە يۆلەنچۈكى بولىدۇ. ئەلۋەتتە يۇقىرىقى بىر قانچە تەرەپتىن باشقا يەنە سىزنىڭ تەپەككۇر كامالىتىڭىز، تۇرمۇش تەجرىبىڭىز، بەدىئىي ئىقتىدارىڭىز، بەدىئىي ئىپادىلەش ماھارىتىڭىزمۇ مۇھىمدۇر. ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ئۆزىڭىز چۈشەنگەن نەرسىلەرنى باشقىلارغا چۈشەندۈرەلىشىڭىز، سىز تەسىرلەنگەن نەرسىلەر باشقىلارنى تەسىرلەندۈرەلىشى، سىزنى مەپتۇن قىلغان نەرسىلەرنىڭ ئوقۇرمەننى مەپتۇن قىلىشى ناتايىن. بۇنىڭ ئەكسىچە ئۆزىڭىز چۈشەنمىگەن، تەسىرلەنمىگەن، مەپتۇن بولمىغان نەرسىلەرنى مەجبۇرىي زورلاپ يازسىڭىز سىزگە قۇچاق ئاچىدىغىنى مەغلۇبىيەت يولىدۇر.

4

ھازىر، سىز ئاچقۇچلۇق، نازۇك، جاپالىق ۋە پارلاق بولغان باسقۇچقا قەدەم ئالدىڭىز. بۇ جەرياندا سىز رېئاللىقتىكى ئەسلىمىلەر قوينىدىن تەسەۋۋۇرىڭىزدىكى بەدىئىي دۇنياغا يۈزلىنىسىز. مانا بۇ ئىجادىيەتتۇر. چۈنكى، بۇنداق بىر دۇنيا ئەزەلدىن مەۋجۇت ئەمەس، سىزنىڭ تەسەۋۋۇرىڭىز ئۇنى يارىتىدۇ. مانا بۇ تەپەككۇر. سىز روھىي تالالىرىڭىز بىلەن ئنى توقۇيسىز، روھىي تۈۋرۈكىڭىز ئارقىلىق بۈيۈك بىر ئىمارەت بەرپا قىلىسىز؛ روھىي چاپچىشلىرىڭىز بىلەن بىپايان دالىنى بارلىققا كەلتۈرىسىز؛ روھىي ئۆتكۈرلىكىڭىز بىلەن تاغ باغرىنى قازىسىز.

بۇ يەنە توقۇلمىدۇر. چۈنكى ئۇ ھەقىقىي ئەمەس. ناۋادا بۇ پەقەت رېئاللىقتىن پەرقسىز ھالدىكى تەسۋىرلەش بولسا، ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ نېمە ھاجىتى؟ ھەر قانچە گۈزەل تۇرمۇشتىمۇ تەكرارلىنىدىغان ئاددىي، ئەھمىيەتسىز ئىشلار بولىدۇ؛ ئەسلىدە بىباھا، جەلپكار نەرسىلەر ئېتىبارسىز، بىنەزەر قالىدىغان، ۋاقىتنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىدىغان، چاكىنىلىق تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ. شۇڭا ئاددىي ھالدىكى خاتىرىلەش، تەسۋىرلەش ئەدەبىيات بولالمايدۇ.

ئەلۋەتتە، پەزلى پازىل ھەم تۇيغۇن كىشىلەرگە نىسبەتەن، ھەقىقىي بىر يازغۇچىغا نىسبەتەن، تۇرمۇش مەڭگۈ ئۆز سېھېىي كۈچىنى يوقاتمايدۇ. ئۆتكەن ھەر بىر كۈن يېڭى تۇيغۇ، يېڭى پىكىر ئاتا قىلىدۇ. ئەمما يىللارنىڭ ھەر بىر كۈنى ھەم كۈنلەرنىڭ ھەر بىر سائىتى پۈتۈنلەي ئوخشاش ۋە باراۋەر بولغان ئىستېتىك قىممەتكە ئىگە دېيىشكە بولمايدۇ.

ئەدەبىياتتىن ئىبارەت بۇ دۇنيا ئويدۇرمىلىققا تولغان. تالايلىغان توقۇلما پېرسوناژلار توقۇلما مۇھىت ئىچىدە ئۆزلىرىنىڭ توقۇلما تۇرمۇشىنى ئۆتكۈزۈپ، سۈنئىي ياشلىرىنى تۆكىدۇ.

بۇلار توقۇلمىدۇر، ئەمما ساختا ئەمەس، قارىماققا ئۇ بارلىق ئەينەنلىكتىنمۇ ھەقىقىيدەك كۆرۈنىدۇ؛ ئۇ شۇ قەدەر روشەن، جانلىقكى، خۇددى سىز ئۇنىڭدىكى ئاۋازنى ئاڭلىغاندەك، پېرسوناژلارنى كۆرگەندەك، شۇ جايدا ھازىردەك ھېس قىلىسىز. ئۇ يەنە شۇ قەدەر ئەمەلىي، ئۇيغۇن، قايىل قىلارلىق دەرىجىدىكى، سىز ئۇنى ھەقىقىي دەپ تونۇپ، دائىم ئاپتورنىڭ قايسى ۋاقىتلاردا بۇنداق كەچمىشلەرگە يولۇققانلىقىنى، باش پېرسوناژنىڭ پروتوتىپىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىسىز ھەم ئۇنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىسىز.

ئۇ ئىنتايىن مەپتۇنكار بولۇپ، خۇددى بارلىق رېئال تۇرمۇشتىن ھەسسىلەپ كۆركەمدەك، رېئاللىقتىكى بارلىق كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، روھىي چاڭقاقلىققا شىپا، جان – تەننى ئاسارەتتىن جۇدا، ھېسسىي خۇمارىمىزغا داۋا، جاسارىتىمىزگە لاۋا ئاتا قىلالايدىغاندەك كۆرۈنىدۇ.

دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، بىر قىسىم ئەدەبىي ئىجادىيەت ھەۋەسكارلىرى بۇ خىل ئىجادىيەت ئالىمىگە قەدەم ئالالمايدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە توقۇلما قىلىش يالغانچىلىقتىن ئىبارەت. ئۆزى بىلگەنچە يول تۇتۇش، بىھۇدە ئويلىنىش، تېزىنى باسسا مېزى چىقىش، قەلىمى ئاجىز كېلىش سەۋەبلىك يازمىسى ئاخىرى مەغلۇپ بولىدۇ.

ئۇنداقتا، ئەسلىمىدىن تەسەۋۋۇرغا، رېئاللىقتىن توقۇلمىغا، تۇرمۇشتىن بەدىئىيلىككە سەكرەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى سىر زادى نەدە؟

ئالدى بىلەن ئىككى مىسال كەلتۈرەي. مەسىلەن: سىزنىڭ كىچىك ۋاقتىڭىزدا بىر دوستىڭىز بار، سەبىي بالىلىق چاغلارنى بىرگە ئۆتكۈزدۈڭلار، يەرۇ ئاسماننى شىپى كەلتۈرۈپ، چىن دوستلۇققا قەسەم ئىچتىڭلار، ئەمما تەقدىر سىلەرنى بالدۇرلا ئايرىۋەتتى. ياكى ۋاقىتلىق ئايرىلدىڭلار، ياكى ۋاقىتسىز ئايرىلدىڭلار. كۆرۈشمىگىنىڭلارغا تالاي يىللار بولدى. ئەمما سىزنىڭ بالىلىققا بولغان سېغىنىشىڭىز كۈچىيىپ، كۈچلۈك سېغىنىش بىلەن بالىلىق چاغدىكى دوستىڭىزنى ئەسكە ئالغاندا سىز كادىرلارنى تەكشۈرگۈچى مۇپەتتىشتەك ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقى، كەمچىلىكى، تەرجىمىھالى دېگەنلەرنى ئويلامسىز؟ ھېسابات تەكشۈرگەندەك بىرگە ئۆتكەن چاغلارنى سانامسىز؟ سىرتتىن كەلگەن كادىرلارنى كۈتۈۋالغان كەبى قاپىقىڭىزنى تۈرۈپ ئەسلىمىلەر قوينىدا يۈرەمسىز؟ ياق، كۆڭۈل ئالىمىڭىزدە تولىمۇ ئوماق، تولىمۇ دىلكەش بىر ئوبراز تەبىئىي رەۋىشتە زاھىر بولىدۇ، گەرچە مۇكەممەل بولمىسىمۇ، ئاددىي بولغان، سىزگە نىسبەتەن ئالاھىدە تەسىرگە ئىگە ئۇنتۇلماس بىر ھالەت پەيدا بولىدۇ. مانا بۇلار دوستىڭىزنىڭ ئىزناسى، بالىلىقىڭىز، مەڭگۈ قايتىلانماس بالىلىقىڭىزنىڭ سىمۋولىدۇر. سىز بۇلارنى ئويلىغىنىڭىزدا ئاچچىق ھەم تاتلىق كۆز ياشلىرىڭىز ئىختىيارسىز تۆكۈلىدۇ. ھېسسىياتىڭىزنىڭ داۋالغۇشىغا ئەگىشىپ، ئەسلىمىلەر قوينىدا دوستىڭىزنىڭ ئوبرازى شەكىللىنىدۇ. بۇ ئوبراز بالىلىق چاغلاردىكىدىن تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ ئوماق، تېخىمۇ ھۆرمەتلىك، تېخىمۇ دىلكەش بولىدۇ. ھەتتا، ئەينى چاغدىكى ئاددىي ئىشلارمۇ سىزنىڭ سېغىنىشىڭىزنىڭ شاپائىتىدىن ئۆزگىچە مەنىگە ئىگە بولىدۇ ھەم پۈتۈنلەي ئۆزگىرىدۇ.

ئەمدى مۇھەببەتلىشىشنى مىسال ئالساق، سىز بىراۋنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىڭىزنى ھېس قىلدىڭىز، ئەمما ئۇنىڭغا بولغان چۈشىنىشىڭىز يېتەرلىك ئەمەس، سىز تېخى ئۇنىڭغا كۆڭۈل ئىزھار قىلمىدىڭىز، سىز ئۇنىڭ تۇيغۇڭىزغا قانداق قارايدىغانلىقىنى بىلمەيسىز، ھەتتا سىز ئۆز سۆيگۈڭىزنىڭ تەقدىرىنى ھەم بىلمەيسىز. ئەمما، سىزدە ئويغانغان ئاتەش كەبى مۇھەببەت سىزنى مەست قىلىدۇ. سىزدە تالاي مۇددىئا، تالاي ئارزۇ، تالايلىغان ئىستەكلەر تۇغۇلىدۇ؛ كۆكتىكى بۇلۇت، دەريادىكى سۇ، قىرغاقتىكى دەل – دەرەخ، گۈل بەرگىدىكى شەبنەم قاتارلىقلار مەشۇقىڭىزنى ئويلاشقا سەۋەب بولىدۇ. «ناۋادا ئۇمۇ مېنى ياخشى كۆرسە…» دەپ، تالاي گۈزەل ۋە بەختلىك چاغلارنى ئويلاپ ئۈلگۈرىسىز؛ ناۋادا ئۇ سىزنى چۈشەنمىسە، تېخى بىر قارارغا كەلمىگەن بولسا، ئۇنىڭغا ئىمكان بېرىسىز؛ ناۋادا دېڭىزغا چۈشۈپ كەتسە، قىلچە ئىككىلەنمەستىن سۇغا شۇڭغۇپ، ئۇنى قۇتقۇزىسىز. ئۇنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يارىلىنىسىز. ئۇ تالدەك ئېگىلىپ، سىزگە باققاندا دەرد – ھەسرىتىڭىزنى ئۇنىڭغا ئىزھار قىلىسىز…

يۇقىرىقىلاردىن ئايانكى، بۇ خىل سېغىنىش ۋە ئىستەك، بۇ خىل توقۇلما كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئەمما يازغۇچىنىڭ توقۇلمىسى مۇكەممەل، ئاڭلىق بولىدۇ؛ يازغۇچى بۇ خىل ئىقتىدارغا ماھىر كېلىدۇ. كۆزىنى يۇمسىلا ئۆزىنىڭ دۇنياسىغا غەرق بولىدۇ.

دېمەكچى، بۇ خىل تەسەۋۋۇر ۋە توقۇلما ھېسسىيات مۇھەببەت ۋە نەپرەتتىن، ئەسلەش ۋە ئىنتىلىشتىن، خۇشاللىق ۋە ئىلھامدىن، ھەتتا غەزەپ، ئۈمىدسىزلىك ۋە ۋەھىمىدىن ئايرىلالمايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى تەسەۋۋۇر خام خىيالنى روياپقا چىقىرىدۇ. ئەمما يازغۇچىنىڭ بۇ خىل تەسەۋۋۇر كۈچى تولۇق ۋە مۇكەممەل تەرەققىي قىلغان خالاس. چەت ئەللىكلەرنىڭ قارىشىچە، ئىجادىيەتتىكى پىسخىكىلىق جەريان دەل بىر خىل روھىي كېسەللىك ھادىسىسى. بىر خىل چۈش ھالىتى، ھېستىرىيە كېسىلى (بىنورمال روھلىنىش)نىڭ قوزغىلىشى ئىمىش. بۇنداق بىمەنە سەپسەتىنى بىز قوبۇل قىلمايمىز، ئەلۋەتتە. بىزنىڭ قارىشىمىزچە، ئەدەبىي ئىجادىيەت ئاڭ، مۇددىئا ۋە ئىدراكنىڭ يېتەكلىشى ۋە چەكلىشى ئاستىدىكى مەنىۋى پائالىيەت، ئەمگەك، مەنىۋى ئىشلەپچىقىرىشتۇر. ئەمما، نېمىشقا بۇ خىل «روھىي كېسەللىك» قارىشى پەيدا بولغانلىقىنى ئويلىنىپ باقساق ئورۇنسىز بولماس. يازغۇچى ئەدەبىي ئىجادىيەت ئالىمىگە كىرگەندىن كېيىن، گەرچە ئەتراپلىق پىلان تۈزگەن بولسىمۇ، ئويلاپ يەتمىگەن، ھېسسىياتنىڭ داۋالغۇشى ۋە قەلەمنىڭ يۈرۈشىگە بويسۇنغان تۇيغۇلار پەيدا بولىدۇ. مانا بۇ ئاتالمىش «تەڭرىدىن كەلگەن ئىلھام»دۇر. ئىجادىيەت ئالىمىگە كىرگەندىن كېيىن، ھەقىقەتمۇ مەستۇ مۇستەغرەق بولىدىغان «مەپتۇنلۇق» ھالەت شەكىللىنىدۇ. بۇ خىل ھالەتنى كۆپتۈرۈپ روھىي كېسەللىك دېيىش بىمەنىلىكتۇر. ئەمىسە ئازراقمۇ «مەپتۇنلۇق» بولمىسا، قانداقمۇ قەلەم تەۋرەتكىلى بولسۇن.

شۇنىسى ئېنىقكى، «ئەگەر»، «ناۋادا» دېگەندەك شەرتلىك باغلىغۇچى سۆزلەر دائىم تەسەۋۋۇرنىڭ باشلىنىشىدۇر. يازغۇچى «ناۋادا»، «ئەگەر»لەرگە بېقىپ ئويلاشقا ئەڭ ماھىر ۋە ئەڭ ئامراق ئىنساندۇر. رېئاللىقتىكى ئادەملەر، رېئاللىقتىكى تۇرمۇش «ئەگەر»، «ناۋادا»لار سەۋەبىدىن ئۆزىدە يېڭى بىر مەنزىرە ھاسىل قىلىدۇ. ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن ئاخبارات يېزىقچىلىقى ئوخشىمايدۇ. ئاخباراتتا «ئەگەر»، «ناۋادا» دېگەنلەرنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. ئەدەبىي ئىجادىيەتتە كەم بولسا بولمايدۇ، رېئاللىقتا يۈز بەرگەن ئىشلار پەقەت ئۆز ھالىتىدە، مۇقىم بولىدۇ. تەكشۈرگىلى، سېلىشتۇرغىلى بولىدۇ. ئەمما «ئەگەر»، «ناۋادا» دېگەنلەر چەكسىز بولىدۇ. ئوخشاش تۇرمۇش خام ماتېرىيالىغا ئوخشىمىغان «ئەگەر»لەر قوشۇلسا، ئوخشىمىغان ئەسەرلەر مەيدانغا كېلىدۇ. مىڭلىغان «ئەگەر»نىڭ مىڭلىغان يېزىش ئۇسۇلى بولىدۇ. ئەمما سىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەڭ ياخشىسى بىر خىل بولغىنى ياخشى. مىڭلىغان «ئەگەر»لەر ئىچىدىن ئەڭ ياخشىسىنى تاللاش، ئاشۇ «ئەڭ ياخشى»سى ئۈچۈن مىڭلىغان «ئەگەر»لەرنى ئويلاش دەل ئىجادىيەتنىڭ جاپاسى ۋە ئازابىدۇر. ئەگەر شۇنى تېپىۋالسىڭىز بۇ دەل ئىجادىيەتنىڭ خۇشاللىقى ۋە ھالاۋىتىدۇر.

سەمىمىي ھېسسىيات ئىجادىيەتكە كىرىشىشنىڭ مۇھىم شەرتىدۇر. سىز ھەرگىزمۇ «تەلەپ»ئۈچۈن، جاھان رەپتارى ئۈچۈن يازىدىغان يولغا قەدەم قويماسلىقىڭىز؛ بىلەرمەنلىك، چاققانلىق ۋە «خامېلېئون»لىققا تايىنىپ، تېرىپ – تۆشەپلا ئىش قىلماسلىقىڭىز لازىم. بۇ ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى قىڭغىر يولدۇر. بۇنداق ئۇسۇلدا روياپقا چىققان ئەسەرنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئۇنىڭ ھالاكىتىدۇر. ئەلۋەتتە، ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى تەسەۋۋۇر بىلەن شەخسكە تەۋە بولغان ھېسسىيات داۋالغۇشى، پىسخىك پائالىيەتتىكى تەسەۋۋۇر ئوخشىمايدۇ. مەيلى سىز قىيامەتلىك دوستىڭىزنى ئەسلەڭ ياكى مەشۇقىڭىزنى سېغىنىڭ، سىزنىڭ تەسەۋۋۇرىڭىز قىلچىمۇ ئىجتىمائىي ئۈنۈم يارىتالمايدۇ. ئادەتتە ئىجتىمائىي ئەھمىيەت مەسىلىسى بولمىغان ئەھۋالدا، شەخسنىڭ ھېسسىي پائالىيىتىنىڭ يۈكسەك بولۇشىنى، ئېسىل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەمما، ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ يۈزلىنىدىغىنى خەلق، جەمئىيەت ۋە تارىختۇر. بارلىق ھېسسىيات داۋالغۇشلىرى ئىجادىيەتنىڭ ئېنېرگىيىسى بولالمايدۇ؛ شۇنداقلا بارلىق تېمىلارمۇ يېتەرلىك ھېسسىي مەنبەگە ئېرىشەلمەيدۇ. تۇرمۇشنىڭ ئەھمىيىتى، جەمئىيەتنىڭ باھاسى بىلەن پىسخىك پائالىيەتلىرىڭىزنى؛ ئاڭلىق ھالدىكى ئىجادىيەت بىلەن تەبىئىي رەۋىشتىكى تەسەۋۋۇرىڭىزنى بىرلەشتۈرۈشىڭىز، بىردەكلىككە ئىگە قىلىشىڭىز كېرەك. مانا بۇ ئىجادىيەتنىڭ جاپاسى ۋە ئازابىدۇر. شۇنداقلا ئىجادىيەتنىڭ خۇشاللىقى ۋە ھالاۋىتىدۇر.

يۇقىرىدا مىسالغا ئالغان ئىككى مەسىلىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تەسەۋۋۇر تۇرمۇشتىن كېلىدۇ، تۇرمۇشىمىزدا يۈز بەرگەن، يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان، تېخى بىخ يېرىپ چىقمىغان، تېخى ئىلكىمىزگە ئۆتمىگەن نەرسىلەردىن كېلىدۇ. ئەدەبىي ئىجادىيەتمۇ دەل شۇنداق. ئۇمۇ تۇرمۇشتىن كېلىدۇ. تۇرمۇشتىكى مەلۇم خىل بىزارلىقتىن كېلىدۇ. «يوقىتىپ قويغان ۋە ئېرىشەلمىگەن نەرسىلەر ئەڭ قىممەتلىكتۇر.» بۇ خىل ئەمەلىيەتكە قىسمەن ماس كېلىدىغان قاراش ئىنسانلارنىڭ رەزىللىكىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. بەلكى، پىسخىك پائالىيەتلىرىمىزنىڭ مەلۇم قانۇنىيىتىگە ماس كېلىدۇ. سىز ئۆز دىلبىرىڭىز بىلەن قول تۇتۇشۇپ سەيلە قىلىۋاتقاندا، سىزنىڭ خىيال قىلىدىغىنىڭىز سەيلە قىلىش بولماستىن، بەلكى سەيلە قىلىشنىڭ خۇشاللىقى. سىز ئېرىشكەن مۇھەببەت لەززىتى خىيالىڭىزنى تېخىمۇ يىراق ۋە ئۇزاقتىكى بارچە نەرسىلەرگە، ئۆتمۈش ۋە كەلگۈسىگە، باقىيلار ۋە پانىيلارغا، تەبىئەت ۋە ھاياتلىققا باغلايدۇ. سىزنىڭ كەچمىشلىرىڭىز قانچىكى مول، قەلبىڭىز قانچىكى ئالىيجاناپ بولسا، سىزنىڭ تەسەۋۋۇرىڭىزمۇ شۇنچە بىپايان بولىدۇ. بۇ دەل، كىشىلەر ئۆز تەسەۋۋۇر ئارقىلىق تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرۈپلا قالماي يەنە ئۆز ئارمانلىرىنىمۇ ئەكس ئەتتۈرىدۇ، تەسەۋۋۇر بوشلۇقىدا رېئاللىقتا ئىشقا ئاشمىغان تۈرلۈك ئارمانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ دېگەنلىكتۇر. ئەلۋەتتە، ناۋادا سىزنىڭ مەنىۋىيىتىڭىز پۇچەك، مېھىر – مۇھەببىتىڭىز سۇس، ئارزۇ – ھەۋەسلىرىڭىز چاكىنا بولسا، سىز مەلۇم «ساھە»گە كىرگەن تەقدىردىمۇ، نادىر ئەسەرلەرنى روياپقا چىقىرالامسىز؟ ياكى تۇرمۇشىڭىز مەنىسىز، ئاساسسىز بولسا، ئەدەبىياتنى سۆيۈپ، ئۇنىڭ يىلتىزى بولغان تۇرمۇشنى سۆيمىسىڭىز، سىزنىڭ تەسەۋۋۇرىڭىز مەنبەسىز سۇغا، يىلتىزسىز دەرەخكە ئوخشاش پەقەت قۇرۇق پاراڭدىن ئىبارەت خالاس. ئۇنداقتا ئىجادىيەت راستتىنلا «روھىي كېسەل» تۈسىنى ئالامدۇ – قانداق؟

(داۋامى بار…)

(جۇڭگو ياشلار نەشرىياتى 2007 – يىل 1 – ئايدا نەشر قىلغان ۋاڭ مېڭنىڭ «مېنىڭ جاھاندارچىلىق مەنتىقەم» ناملىق كىتابتىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى)

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى