مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
قولىڭىزغا قەلەم ئالغاندا…(4)
تەۋە تۈر: تەرجىمىلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2011/05/02 | كۆرۈلۈشى: 1,185 قېتىم

 

7

تەڭرى ياراتقان مەجۇداتنىڭ نېگىزى ئادەمدۇر. يېزىقچىلىقتىكى نېگىزلىك ۋەزىپىمۇ ئوخشاشلا ئادەمنى تەسۋىرلەشتۇر. گەرچە قىسمەن ئەسەرلەر ئەپسانىۋى ۋەقەلەر ياكى شەيئى – ھادىسىلەرنى يېزىشنى ئاساس قىلسىمۇ، ئۇنىڭدا ئىپادىلىنىدىغىنى يەنىلا  ئىسناننىڭ تەقدىرى ۋە پىسخىكىسىدۇر.

بىزنىڭ ئەنئەنىۋى قارىشىمىزدا، «تەڭرى» ئىنساننى تۇپراقتىن ياسىغاندىن كېيىن، ئۆز تىنىقى ئارقىلىق ئۇنىڭغا جان ئاتا قىلغان.

بۇ قاراش ئومۇمىي جەھەتتىن يازغۇچىدىن ئىبارەت «تەڭرى»گىمۇ ماس كېلىدۇ. بىرىنچىدىن، تۇپراقنى مەنبە قىلىدۇ، يەنى پېرسوناژ يارىتىشتىكى ماتېرىيال تۇرمۇشتىن كېلىدۇ.  ئىككىنچىدىن، ئۆز تىنىقىنى سىڭدۈرۈش، يەنى روھىڭىز، ھېسسىياتىڭىز ۋە تەپتىڭىزنىڭ بىر قىسمىنى ئۇنىڭغا سىڭدۈرىسىز.

ئەسىرىڭىزنىڭ تۇرمۇش ئاساسى بولۇشى كېرەك. سىزنىڭ مەلۇم پېرسوناژنى تەسۋىرلىشىڭىز قانداقتۇر مەلۇم خىل ئۇقۇمنى ئىزاھلاش ياكى سۇبيېكتىپ تەسەۋۋۇرىڭىز سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي تۇرمۇشتا ھەقىقەتەنمۇ ئاشۇ خىلدىكى ئادەملەر بىلەن ئۇچراشقانلىقىڭىز ۋە ئۇلارنى دىلكەشلىرىڭىزنى چۈشەنگەندەك چۈشەنگەنلىكىڭىز، ئۇلارنىڭ ھەر بىر تىۋىشىنى ئاڭلىغىنىڭىزدا، سېيماسىنى كۆرگەندە ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلەلىگەنلىكىڭىز سەۋەبىدىندۇر.

ئۇلار(پېرسوناژ)غا ئۆز روھىڭىزنى سىڭدۈرۈشىڭىز، ئۇلار بىلەن ئىچقويۇن – تاشقويۇن بولۇشىڭىز، ئۇلارنىڭ سۆيگۈسى ياكى نەپرىتى، ھۆرمىتى ياكى رەھمى، كۆيۈمى ياكى ئۆچلۈكى، مەدھىيىسى ياكى مەسخىرىسى بىلەن بىرىكىشىڭىز… قىسقىسى، ئۇلار بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇشىڭىز كېرەك. مەلۇم پېرسوناژنىڭ تەسۋىرى تاماملىنىش پەيتىدە، پويىز ئىستانسىسىدا يېقىنلىرىڭىزنى ساقلىغاندەك ياكى دۇئېل مەيدانىدا رەقىبىڭىزنى كۈتكەندەك بىتاقەت بولىسىز، تەمتىرەيسىز. ئاشۇ پېرسوناژلار ھەرىكەتلىنىپ، زورايغاندا، ئۇلا ئۈچۈن تەشۋىشلىنىسىز، ھەسرەتلىنىسىز، شادلىنىسىز، قاقاقلايسىز، غەزەپلىنىسىز، تېرىكىسىز، تەنتەنە قىلىسىز، ئاھ ئۇرىسىز… مەلۇم پېرسوناژ سەھنىدىن ئايرىلغاندا ياكى ئەسىرىڭىز تاماملىنىش پەيتىدە، بارلىق پېرسوناژ سىز ۋە ئوقۇرمەنلەر بىلەن خوشلىشىدىغان چاغدا، كۆزىڭىز قىيمايدۇ، پەرىشان بولىسىز، ۋەدىلىشىسىز، ئەمما دىدارلىق كۈنلەرگە ئۈمىدلىنىسىز.

ئاشۇ پېرسوناژلارنىڭ ھەقىقىيلىكىگە ئىشىنىشىڭىز، ئۇلارنىڭ يۈرەك ساداسىغا قۇلاق سېلىشىڭىز، ئۇلارنى ئۆز سەنىمىگە دەسسىتىشىڭىز لازىم. شاھمات ئۇرۇقچىلىرىدەك خالىغانچە بويسۇندۇرۇشتىن، ئۇنىڭ دوپپىسىنى بۇنىڭغا كىيدۈرۈشتىن ساقلىنىشىڭىز لازىم. ئۇنداق بولمايدىكەن، سىزدىن ئىبارەت ئىجادكار ئاتالمىش «تەڭرى» ئىساننى ھالاك قىلغۇچى ئالۋاستىغا ئايلىنىدۇ. چەت ئەل چۆچەكلىرىدىكىگە ئوخشاش، چاتاقچى قولىڭىز تېگىپ كەتكەن ئادەم شۇ ھامان كېرەكسىز تاشقا ئايلىنىپ قالىدۇ.

پېرسوناژلىرىڭىز بىلەن سىردىشىشىڭىز، مۇنازىرىلىشىشىڭىز، ئۇلارنىڭ قەلب تەكتىدىكى ئەڭ پىنھان سىرلىرى ئۈستىدە توختاۋسىز سوئال سورىشىڭىز لازىم. ئۆزىڭىزنى پېرسوناژلارنىڭ ئورنىدا قويۇپ، ئۇلارنىڭ ھەم ئۆزىڭىزنىڭ روھىنى قېزىشىڭىز لازىم. ئەڭ ھاماقەت، ئەڭ رەزىل، ئەڭ ئەكسىيەتچى دۈشمەن ياكى ئەسكى ئادەممۇ ئۆز قىلمىشلىرىنى يولسىز دەپ قارىمايدۇ. جاھىل، ئىدىيىسى قاتماللار ۋە بيۇروكراتلارنىڭمۇ تەۋرەنمەس يولى، باشقىلانى تەسىرلەندۈرگۈدەك ئەلەملىرى بولىدۇ. ئۆز پېرسوناژلىرىڭىزنىڭ سۆزلىشىگە، مۇنازىرە قىلىشىغا، ھال ئېيتىشىغا ئىمكان بېرىشىڭىز لازىم. پېرسوناژلارنى پەقەت تەلتۆكۈس قازغاندىلا ئاندىن ئۇلارغا توغرا ۋە قايىل قىلارلىق باھا بەرگىلى بولىدۇ. تېشى پال – پال ئىچى غال – غاللارنى ھەرقانچە تەرىپلىسىڭىزمۇ يەنىلا ئۇچىغا چىققان تېتىقسىزلىق بولىدۇ.

پېرسوناژنىڭ خاسلىقىغا ئېتىبار بېرىشىڭىز لازىم. ھەرقانداق ئادەم باشقىلاردىن پەرقلىق بولىدۇ. ھەرقانچە ئوخشاش بولسىمۇ ئىككى ئادەم ئوخشاش بىر ئىشنى قىلسا، بىر خوتۇننى ئالسا، ئوخشاش نەپەس ئالسا بولمايدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق بىز ياراتقان پېرسوناژ باشقىلارنىڭكىگە ئوخشاپ قالسا بۇ ھەقىقەتەنمۇ غەلىتىلىكتۇر. مەسىلە شۇ يەردىكى، سىز ھە دېسە ئۇ پېرسوناژنىڭ ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان ئىشلىرىنى، پەرقسىز ھالەتلىرىنى يېزىشتىن ساقلىنىڭ.

ھەر بىر ئادەم ئۆزگىچە بىر دۇنيادۇر. ئۇنىڭدىن دەۋر، مىللەت، سىنىپ، تارىخ ۋە جەمئىيەتنىڭ نۇرلىرى چاقناپ تۇرىدۇ. ھەرقانداق خاسلىقنىڭ ئۆزگىچىلىكى بولىدۇ. خاسلىقنى ئالدىراڭغۇلۇق، بىپەرۋالىق… قاتارلىق مىجەزنىڭ بەلگىسى قىلىۋالماڭ. بۇ خىل يۈزەكى بىر تەرەپ قىلىش ئوبراز يارىتىشقا پايدىسىزدۇر.

پېرسوناژنى كۆڭۈلدىكىدەك يارىتىش ئۈچۈن سىز ئەڭ مۇھىمى ئىنسانپەرۋەر روھقا، مېھنەتكەشلەردىكى ئىنسانىي خىسلەتكە باي بولۇشىڭىز كېرەك. ئەتراپىڭىزدىكىلەرنى، ئىنسانىيەتنى سۆيۈشىڭىز، كىشىلەرگە كۆيۈنۈشىڭىز لازىم. شۇندىلا ھەر بىر ئىنساننىڭ قەلب دەرۋازىسىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچقا ئېرىشەلەيسىز. ئىنسانىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشىگە، تەرەققىي قىلىشىغا، پارلاق ئىستىقبالىغا ئىشىنىشىڭىز لازىم. قەھرىمان ياكى دۈشمەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇلارنى ئادەملىك سۈپىتى بىلەن يېزىشىمىز، ئالۋاستى ياكى ئىلاھ ئورنىغا قويماسلىقىمىز لازىم. چۈنكى كۆز ئالدىمىزدىكى ھەر خىل ئىشلار جەننەت ياكى دوزاختا ئەمەس، بەلكى رېئاللىقتا يۈز بېرىدۇ.

قولىڭىزغا قەلەم ئېلىپ، بىر قانچە پېرسوناژنى قاملاشتۇرۇپ يېزىڭ ! بولۇپمۇ ئاشۇ سۆيۈملۈك، يېقىملىق، ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەرنى يېزىڭ. تالايلىغان ئاددىي كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ تېخىمۇ سۆيۈملۈك، تېخىمۇ يېقىملىق بولالايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ سانسىز بايلىقلارنى يوشۇرۇپ ياتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھازىرقىدىنمۇ ئالىيجاناپ، پەزىلەتلىك بولالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈڭ. قەلىمىمىزنى كەڭ خەلقنىڭ قەلبىدىن گۆھەر قېزىشقا، شۇ ئارقىلىق مەنىۋىيەت مۇنارىمىزنى مۇستەھكەملەشكە ئىشلىتەيلى. پەقەت خەلقنى سۆيگەن كىشىلا ياخشى پېرسوناژ يارىتالايدۇ. بۇنىڭ ئورنىنى ھەرقانداق ئېسىل تەدبىرمۇ باسالمايدۇ. خەلقنى سۆيگەن يازغۇچىلار خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولالايدۇ، بۇ ھەر قانداق قۇرۇق ماختاشتىن قىممەتلىكتۇر.

8

ئەدەبىياتنى قىزغىن سۆيىدىغان ياش دوست ! قولىڭىزغا قەلەم ئېلىش ئۈچۈن ناھايىتى ئۇزاق ئويلىنىش، نۇرغۇن تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق ئاخىرى تالاي ئۆتكەللەردىن ئۆتۈپ، پەللىگە يېقىنلاشتىڭىز. ۋۇجۇدىڭىزدا بىر يازغۇچىدا بولۇشقا تېگىشلىك پەزىلەت ۋە مۇئەييەن ئىقتىدارنى ھازىرلىدىڭىز. قايناق ھېسسىيات ۋە رېئاللىقىڭىز ئارقىلىق تېمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاللىدىڭىز. تەسەۋۋۇرىڭىز يېڭىچە ھەم ئىللىق بىر دۇنيانى ياراتتى. پېرسوناژ روھىيىتىگە سىڭىپ كىرىدىڭىز ھەم ئۆزىڭىزنىڭ پېرسوناژلىرىنى ۋە ۋەقەلەرنى بەش قولدەك چۈشىنىپ يەتتىڭىز. قولىڭىزدىكى قەلەم تېپىرلاشقا، تەشۋىشلىنىشكە، تاقەتسىزلىنىشكە، بەيگە ئالدىدىكى تۇلپارغا ئوخشاش چاپچىشقا باشلىدى. سىز پەقەت چۇلۋۇر بىلەنلا ئۇنى تۇتۇپ تۇرالايسىز. پەقەت سىزنىڭ «تىرت» دېگەن بۇيرۇقىڭىز بولسىلا ئۇ جان جەھلى بىلەن ئالغا قاراپ ئېتىلىدۇ.

ئەمما يەنە بىر مەسىلە – قۇرۇلما مەسىلىسى سىزنىڭ بېشىڭىزنى قاتۇرىدۇ، بولۇپمۇ ئەسىرىڭىز ھەقىقەتەنمۇ رېئاللىقنى ئاساس قىلغان، تۇرمۇشتىن ئوزۇق ئالغان بولسا، سىز بىر قەدەر مۇكەممەل مەزمۇننى يازماقچى بولىسىز، بولۇپمۇ يازماقچى بولغىنىڭىز زور ھەجىملىك ئەسەر بولسا، ئۇنداقتا سىز قەيەردىن تۇتۇش قىلىپ، قانداق داۋاملاشتۇرىسىز؟ قانداق قىلىپ كىشىنى جەلپ قىلىدىغان كەم – كۈتىسىزلىككە ئىگە قىلىسىز؟ قانداق قىلىپ ئۆزگىچە تەرتىپكە ھەم رەڭدارلىققا ئىگە قىلىسىز؟

قۇرۇلمىنىڭ ۋەزىپىسى شۇ يەردىكى، ئۇ بىر قاتار زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىدۇ. بىر قاتار مۈشكۈلاتلارنى يېڭىدۇ، يۈزەكى ھادىسىدىن ماھىيەتكە ئۆتىدۇ. چېچىلاڭغۇ قىلماستىن مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، چەكتىن ئاشۇرماستىن موللاشتۇرىدۇ. تومتاق قىلماستىن چۈشەندۈرىدۇ، تېرە تاراقشىتماستىن تېرەنلىككە ئىگە قىلىدۇ… بۇنداق مىساللار ناھايىتى كۆپ. بۇنداق ئىدىتلاش پەقەت تەجرىبىگە، ئۆز تۇيغۇسى بىلەن ھېس قىلىشقا، دەڭسەشكە باغلىق.

ئەسەرنىڭ بايان تەرتىپىگە كەلسەك، تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تەرەپتىن ئويلىنىش كېرەك: 1. شەيئىلەر تەرەققىياتىنىڭ نورمال تەرتىپى بويىچە، ۋاقىت تەرتىپىگە ئاساسەن يېزىش؛ 2. باياننىڭ قانۇنىيىتىگە ئاساسەن، ئوقۇرمەننى جەلپ قىلىش، چۈشىنىشلىك بولۇش تەلىپىگە ئاساسەن ئورۇنلاشتۇرۇش؛ ئۇندىن باشقا يەنە بايان بىلەن مۇھاكىمىنى ئارىلاشتۇرۇش، ئۆتمۈشنى ئەسلەش، قىزىقتۇرۇش… ئىشقىلىپ ھېكايە ئېيتىشقا ماھىر بولۇش لازىم؛ 3. پىسخىك پائالىيەتنىڭ قانۇنىيىتى ۋە تەرتىپى بويىچە يېزىش. باغلىما تەسەۋۋۇر، قوزغىتىش، خام خىيال، رېئاللىق، سىرتقى دۇنيا، ئىچكى دۇنيا قاتارلىقلارنى ئۆزئارا باغلاپ يېزىش قاتارلىقلار. يەنە باشقا ئۇسۇللارمۇ بار، ئەلۋەتتە.

مەيلى قانداقلا يازماڭ، تەلەپ بىر. ئۇ بولسىمۇ ئۆز ئەسىرىڭىزنى ئوقۇرمەننىڭ قەلبى بىلەن ھېس قىلىشقا، كۆزىتىشكە ماھىر بولۇشىڭىز كېرەك. سىز يازارمەن، شۇنداقلا ئوقۇرمەن. بۇ يەردە ئۆز – ئۆزىنى ماختاش دېگەن سۆزنى ئىشلىتىشنىڭ قىلچىمۇ مەسخىرە تۈسى يوق. سىز ئۆزىڭىزنى ماختىسىڭىز شۇنى بايقايسىزكى، بىر خىل كۈچ سىزنى داۋاملىق يېزىشقا ئۈندەيدۇ، ياكى سىزنىڭ ئۇسۇلىڭىزنى، قارىشىڭىزنى ئۆزگەرتىشىڭىزگە تۈرتكە بولىدۇ. سىز قەلبىڭىزدىكى بۇ خىل ساداغا قۇلاق يېقىشىڭىز، ئۆزىڭىز بېكىتىۋالغان قېلىپقا بېكىنۋالماسلىقىڭىز لازىم؛ بىر ئەسەرگە نىسبەتەن ئەقەللىي بولغان شۇنداقلا، ئاسانلىقچە ئورۇندىغىلى بولمايدىغان تەلەپ شۇكى، «ئوقۇغۇسى كېلدىغان» بولۇشتۇر. «ئوقۇغۇسى كەلمەيدىغان» ئەسەر ھەرقانچە قالتىس بولسىمۇ باشقىلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمايدۇ. ئاتالمىش ئۆز – ئۆزىنى ماختاش، قۇرۇلمىنى ھېس قىلىش ۋە كۆزىتىشتىكى ئىقتىدار دەل «ئوقۇغۇسى كېلىش – كەلمەسلىك»تىكى سەزگۈرلۈكتۈر. ئازراقلا «ئوقۇغۇسى كەلمىگەن» تۇيغۇ بولسىلا قەلەمنى توختىتىپ، باشقىغا تۇتۇش قىلىش كېرەك.

قۇرۇلما جەھەتتە، ئابزاسلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش، يېزىقچىلىق ئۇسۇلى، سۆز ئىشلىتىش، جۈملە قۇرۇلمىسى قاتارلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا تەدبىرلىك، ئۆزگىرىشچان بولۇش؛ بايان ئەسلەشكە، تەسۋىر، ھېسسىيات ۋە مەنتىقىگە توسالغۇ بولماسلىقى لازىم؛ ئوڭ بايان، تەتۈر باياندىن كېيىن قىستۇرما بايان كەلسىمۇ بولىدۇ، دېئالوگدىن كېيىن مونولوگ كەلسىمۇ بولىدۇ. تراگېدىيە بىلەن دراما ئارىسىدىمۇ ئۈمىد، بەزلەش ۋە ھەزىلگە ئورۇن بولۇشى؛ كومېدىيە ئارىسىدىمۇ كەسكىن، سۈرلۈك كەيپىيات بولۇش چەكلىمىگە ئۇچرىماسلىقى كېرەك. قىسقىسى، ئوقۇرمەننى يېڭىچە بىر يولغا باشلىشىڭىز، ھەر قەدەمدە كۆرۈپ تۈگەتكۈسىز يېڭى نەرسىلەرگە يولۇقتۇرۇشىڭىز لازىم. ئوقۇرمەننىڭ قەلب ئالىمى بىلەن بىرلىشىشىڭىز لازىم.

ئومۇمەن «ئوقۇغۇسى كەلمەيدىغان» نەرسىلەرگە قارىتا سىزمۇ «يازغۇسى كەلمەيدىغان» ھالدا بولۇشىڭىز لازىم.

ئەلۋەتتە، ئەرزان مال قوغلاشسىڭىز بولمايدۇ. چاكىنا نەرسىلەر بىلەن بازارنى كېڭەيتىپ، ئەسىرىڭىزنىڭ ئىدىيىۋى ساپاسى ۋە بەدىئىي زوقىنى تۆۋەنلەتسىڭىز بولمايدۇ. جەلپ قىلىشتىكى مەكسەت تۆۋەنلىتىش ئەمەس، بەلكى يۇقىرى كۆتۈرۈشتۇر.

9

«قولىڭىزغا قەلەم ئالغاندا…» يېتەرلىك يېزىلدى. قولىغا قەلەم ئالغان ياش دوستلارنىڭ كەيپىنىمۇ ئوبدانلا ئۇچۇردى. ھەتتا سىزنى «دەرھال قەلەمنى تاشلاش» خىيالىغىمۇ كەلتۈردى. كىممۇ ئەدەبىي ئىجادىيەتنى ئېنىق چۈشەندۈرەلىسۇن؟ بۇ بىر خىل تۇرغۇنلىقى ئاز، تاسادىپىيلىقى كۆپ؛ قېلىپى ئاز، ئۆزگىرىشى كۆپ بولغان مەنىۋى پائالىيەتتۇر.

شۇڭلاشقا، سىز ھەرگىزمۇ «قولىڭىزغا قەلەم ئالغاندا…» غا ئوخشاش ئىجادىيەت سەپسەتىلىرىگە بەك ئىشىنىپ كەتمەڭ. ئەكسىچە، سىزگە نەپ بېرىدىغىنى يەنىلا ئەمەلىي تۇرمۇشقا، ئىدىيىۋىلىك ۋە بەدىئىيلىككە، ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىشكە ئائىت كونا پاراڭلاردۇر.

ئەدەبىي ئىجادىيەت بىر خىل ئۇستىلىق تەلەپ قىلىدىغان ھۈنەر. ئەمما ھۈنەردىن باشقا يەنە مۇھىم تەركىبلەرمۇ بار. شۇڭا ئۇنىڭ ئەپلىك چارىسى يوق ھەم مىراس قالدۇرغىلى بولمايدۇ. دۇنيادا ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلغان تامچى، موزدۇزلار بار، ئەمما ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلغان يازغۇچى يوق.

تىلنى ئېلىپ ئېيتساق، قەغەزگە جىجىلاش ئارقىلىق تىلنى مەڭگۈ بېيىتقىلى بولمايدۇ. تىل بىر خىل بەلگە، پەقەت تۇرمۇش تەجرىبىسى، كەچمىشلىرى، بىلىمى مول بولغان، ھېسسىياتقا باي، ئىدىيىسى مول بولغان كىشىلا تىلغا باي بولىدۇ. پەقەت كاللىسى سەگەك، ھېسسىياتى نازۇك، كۆزى ئۆتكۈر، بىلىمى ئەتراپلىق كىشىلا تىلدا نەپىس ۋە تېرە بولالايدۇ. پەقەت تەسىراتى چوڭقۇر، تەپەككۇرى تېرەن، بىلىمى چوڭقۇر كىشىنىڭ تىلىلا ئۆتكۈر بولىدۇ. شۇڭا ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ماھارەت تاشقى ئامىلدۇر.

سىزگە يەنە شۇنى ئەسكەرتىپ قويايكى، تىرىشىپ يازسىلا ياخشى يازغىلى بولمايدۇ، ھەممە ئادەم يېزىقچىلىققا ماس كېلىۋەرمەيدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب «يازما» ۋە «يېزىش»تا ئەمەس.

مەغلۇبىيەتتىن قورقماڭ، لېكىن قارىسىغا ئىش قىلماڭ. ھەر قېتىملىق مەغلۇبىيىتىڭىزدىن ساۋاق ئېلىپ، سەۋەبىنى تېپىپ، ئۆزگەرتىپ مېڭىڭ. ھەر بىر قەدەمنى پۇختا بېسىڭ.

ئۆزگەرتىشتىن قورقماڭ. مۇھەررىر سىزگە ئۆزگەرتىش تەكلىپىنى بەرگەندە بىلەرمەنلىك قىلماڭ، تېرىكمەڭ. ئەمما ئۆزگەرتىشتە ئېھتىياتچان بولۇڭ، قىلدەك يېرىنى دەپ، پىلدەك يېرىگە تەسىر يەتكۈزمەڭ. ناۋادا ئۆزگەرتىش پىلانىڭىز سىز ئويلىغاندەك ئۇقۇشلۇق بولماي، ئەكسىچە، بېشىڭىزنى قاتۇرسا، ھەتتا ئەسىرىڭىزنىڭ بەدىئىي ئالىمىدە قالايمىقانچىلىق، تۇرغۇنلۇق ۋە ۋەيران بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، ئۆزگەرتىشتىن ۋاقتىنچە ساقلىنىڭ.

دائىم يازسىڭىز بولىدۇ.  ئەمما ئالدىڭىزدىكى ھەر خىل شەيئى ۋە شارائىتلاردىن، ھالەتلەردىن قورقماڭ. بىزنىڭ كۆزدە تۇتىدىغىنىمىز بىر خىل غايىۋى ھالەت. رېئاللىقتىكى ئىجادىيەت داۋامىدا نۇرغۇن پەرقلىق ھالەتلەر مەۋجۇت. مەسىلەن: ھەۋەسكارلار ئۆگىنىش داۋامىدا تام گېزىتى، قارا تاختاي گېزىتى، ئىشتىن سىرتقى مەدەنىي پائالىيەتلەر، ئەدەبىيات – سەنئەت شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان سىياسىي تەشۋىقاتلار، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق تەشۋىقاتى، پىلانلىق تۇغۇت تەشۋىقاتى… دېگەنلەردىن ئۆزىنى قاچۇرماسلىقى كېرەك. بۇ ئىشلارنى قىلىش خەلققە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، قەلىمىڭىزنى تاۋلاشقىمۇ پايدىلىق؛ شۇنداقلا سىزنىڭ ئىجادىي پائالىيىتىڭىزنى رەھبەرلەرنىڭ ۋە ئەتراپتىكىلەرنىڭ چۈشىنىشى ۋە قوللىشى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق.

دائىم يازسىڭىز بولىدۇ. ئەمما ئۆز خىزمىتىڭىزگە تەسىر يەتكۈزسىڭىز، يېزىقچىلىقنى ئۆمۈرلۈك كەسىپ قىلىشنى يەڭگىللىك بىلەن قارار قىلسىڭىز بولمايدۇ. يېزىپ بولغاندىن كېيىن، ئەتراپتىكىلەرگە، دوستلىرىڭىزغا كۆرسىتىڭ. ئۆزىڭىزگە تەلەپنى قاتتىقراق قويۇڭ. تولۇق چۈشەنمەيدىغان، يېڭىلىقى يوق، چۇۋالچاق، ئىشەنچىڭىز يوق نەرسىلەرنى تەھرىراتلاغا ئەۋەتىش ھاجەتسىز. كۆپرەك يازسىڭىز بولىدۇ، ئەمما تەھرىراتلارغا ئەۋەتىشتە تەلەپچان بولۇڭ. تەلەي سىنايدىغان، تەۋەككۈلچىلىك قىلىدىغان ئىشنى قىلماڭ. ئەسىرىمنى ئەستايىدىل كۆرمەپتۇ، ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلماپتۇ، دەپ مۇھەررىردىن ئورۇنسىز ئاغرىنماڭ، كايىماڭ. ناۋادا سىز ئەستايىدىل بولماي، تۇتۇرۇقسىز يازمىڭىزنى ھەممە يەرگە ئەۋەتسىڭىز، بۇ مۇھەررىرنىڭ ئەمگىكىگە قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەتبۇئات ئورۇنلىرى شۇنچە كۆپ تۇرسا، بىرىگە ماس كەلمىسە، يەنە بىرىگە ماس كېلىدۇ. يازغىنىڭىز راستتىنلا ياخشى بولسا ھامان تاشلىنىپ  قالمايدۇ. ئەلۋەتتە، مۇھەررىرگە پىكرىڭىزنىڭ بارلىقىنىمۇ نەزەرگە ئېلىش كېرەك، ئەمما ئۆزىڭىزگە قاتتىق تەلەپ قويسىڭىزلا، ئۇلارمۇ سىزنىڭ نارازىلىقىڭىزنى قوزغىمايدۇ.

زىيادە قىزىق قان بولۇپ كەتمەڭ، بولمىسا چارچاپ قالىسىز. ئاشۇ ئوتتەك ئىجادىيەت قىزغىنلىقىڭىز بىلەن تەۋرەنمەس ئىرادىڭىزنى، سەگەك كاللىڭىزنى بىرلەشتۈرۈڭ.

ئۇتۇن قازىنىشقا ئالدىراپ كەتمەڭ، خالىغانچە باشقىلاردىن ياردەم سورىماڭ، قانداقتۇر داڭلىق كىشىلەرگە تايىنىپ نام چىقىرىشنى خام خىيال قىلماڭ. ئۇرۇق سۈپەتلىك بولسىلا ناچار شارائىت، تۆۋەن تېمپېراتۇرىدىمۇ بىخلىنالايدۇ. ھەر قانداق ئۇرۇقنىڭ بىخلىنىشى ئۆزىگە باغلىق. ھەر قانداق ئۇرۇقنىڭ بىخلىنىشىغا مەلۇم بىر جەريان كېتىدۇ. ئەلۋەتتە، جەمئىيەت مۇئەييەن شارائىت، مۇۋپىق ھارارەت ۋە نەملىك بىلەن تەمىنلىشى، يېڭى كۈچلەرنى بوغىدىغان، سەل قارايدىغان ئەھۋاللارنى توسۇشى لازىم. مۇھىم مەسىلە شۇكى، ئۆزىنى يېڭى كۈچ دەۋالىدىغان ھەۋەسكارلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يېڭى كۈچ بولۇشى ناتايىن.

قولغا قەلەم ئالغاندىن كېيىنكى مۇشەققەت ۋە قولغا قەلەم ئېلىشنىڭ كارامىتى ئۈستىدە كۆپ سۆزلىدۇق. ناۋادا سىزدە ھەقىقەتەنمۇ شۇ خىل ئىقتىدار ۋە غايە بولسا، جاپا – مۇشەققەتتىن قورقمايسىز، يېزىقچىلىق ئۈچۈن بەدەل تۆلەشتىن باش تارتمايسىز. «يازغۇچىغا نىسبەتەن ۋاقىت ھامان يېتەرسىز»، «ئاشىقلىقتىن شائىرلىق چىقىدۇ» دېگەندەك ھېكمەتلەرنىڭ ھېلىھەم مۇئەييەن ئاساسى بار. قىيىنچىلىقتىن قورقماسلىق ئىلىم – پەننىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، شۇنداقلا ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىشنىڭمۇ ئالدىنقى شەرتى. ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ يۈكسەكلىكى ۋە مۇشەققەتلىكىگە، بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشتىكى مۇقەددەس مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان سېھرىي كۈچىگە قارىغاندا، ئۇتۇق قازىنىش ۋە قازانماسلىق ئانچە مۇھىم ئەمەس. بۇ كەسىپنى سۆيگەن ئىكەنسىز، ئىشتىياق ھەم ئېھتىيات بىلەن ئۆزىڭىزنى بېغىشلاڭ، غەلىبە سىزگە يار بولغاي !

(تۈگىدى)

(جۇڭگو ياشلار نەشرىياتى 2007 – يىل 1 – ئايدا نەشر قىلغان ۋاڭ مېڭنىڭ «مېنىڭ جاھاندارچىلىق مەنتىقەم» ناملىق كىتابتىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى)

 

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 
    • تتەرجىمە ياخشى چىقىپتۇ. ۋاڭ مېڭنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇرچىغا تېخىمۇ كۆپلەپ تونۇشتۇرۇش زۆرۈر دەپ قارايمەن. مەنمۇ يېقىندا بۇ يازغۇچىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يازغان ئىككى پارچە نەسىرىنى تەرجىمە قىلدىم. ئۇلىنىش بۇ يەردە http://pasahet.blogbus.com/index_3.html
      http://pasahet.blogbus.com/logs/122805948.html

      بۇرۇن ۋاڭ مېڭنىڭ ئەسەرلىرىنى جىق ئوقۇپ باقماپتىكەنمەن. تەرجىمە قىلىش جەريانىدا ماڭا بەك تەسىر قىلدى. بۇ يازغۇچىنىڭ تىل ئىشلىتىش سەنئىتى يۇقىرى ئىكەن.
      ھەزرىتى ئەلى، بىلوگىڭزىنى بەك ياقتۇرۇپ قالدىم. ئۆزۈمگە ئۇلىنىش قىلىۋالدىم. مېنىڭ مەخسۇس چەت ئەل ئەدەبىياتىنى تونۇشتۇرىدىغان بىلوگ، بولسا مېنىمۇ بىلوگىڭزغا قېتىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. ھۆرمەت بىلەن: پاساھەت

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى سەھەر 03:10
    • بىر كىتاپتىن تەرجىمە قىلغان گەپما …..قايىل بولدۇم…..ھارمىغايسىز~~~~
      كىرىشكە ئاڭلىنىدىغان ناخشىنى تولىمۇ ياقتۇردۇم ،چۈشۈرىۋالدىم،رەھمەت~

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى كەچ 14:21

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى