مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
بۇلاق سىرى
تەۋە تۈر: شېئىرلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2011/05/13 | كۆرۈلۈشى: 985 قېتىم

 

مەن بۇلاقنى بۇلاق ئاتىدىم،

شۇ بۇلاقتا كىمنى ساقلىدىم؟

مەن ئوخشايتتىم تەنتەك خىيالغا

تەم كىرمەستە سۈزۈك يېشىمغا

ئاقتى بەلكىم ياشلار بۇلاققا .

چۈشىنىدۇ بۇلاقلار مېنى

(چۈشەنگەندەك مەنمۇ ھەم ئۇنى)

چۈشەنمەيسەن ۋەلېكىن مېنى.

غىچىرلايدۇ ئەپكەش ياغىچى

يىراقتىكى دەرتمەن سەھرادا .

ئەللەي بولۇپ بۇلاق نىداسى

كىم ئۇ … ؟

ئۇخلاپ قالغان بۇلاق بويىدا،

لەززەت بېرەر كۈتۈشمۇ بۇ دەم.

ھاياجاندىن تىترىدى ئالەم ،

ئالەم دېگەن شۇ يەردە بۇدەم .

بۇلاق كۈلەر تەمكىن ۋىلىقلاپ ،

ئۇنتۇلدۇردى ئالەمنى ئالەم .

ئالەم كەتتى ئالەمدىن يىراق،

ئىشىك بېشىغا ئېسىلدى پىراق .

تاڭ ساھەردە مەكتەپكە ماڭدى ،

تېخى ئاخشام ئىڭرىغان بوۋاق .

بۇلاق بەلكىم تىلسىز بىر شاھىد

كېچە كۆرگەن ئۇنتۇلغان بىر چۈش

ئەسلىمىنىڭ تۇنجى بېتى ئۇ .

بۇلاق شۇنداق سۆيگۈچان تارىخ .

2003-يىل ئاۋغۇست

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى