مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
تېڭىرقاش
تەۋە تۈر: شېئىرلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2011/02/19 | كۆرۈلۈشى: 887 قېتىم

 

تېڭىرقاش

 

بۈگۈن قاي كۈن كىملەر كۈلىدۇ؟

بۈگۈن قاي كۈن كىملەر يىغلايدۇ؟

بۈگۈن قاي كۈن…

كىملەر ماڭا بەخت تىلەيدۇ؟

بىلەلمىدىم زادى كىم ئۆزۈم؟

 

شارابلارنىڭ كەيپى كەلدىمۇ؟

شۇنچە ئىچسەم مەست قىلمايدىغۇ!

تولۇن ئاينىڭ رەھمى كەلدىمۇ؟

قاراڭغۇغا قەست قىلمايدىغۇ؟

بىلەلمىدىم ئايدىڭ ئۇ نېمە؟

 

مۇشۇ دەقىق كىملەر ئۇيقىدا؟

چۈشلىرىدە كۆردىمۇ بىر چۈش؟

مۇشۇ دەقىق كىملەر كوچىدا؟

ئۇچرىدىمۇ بىرەر دىليۈرۈش؟

بىلەلمىدىم تەنھالىق نېمە؟

 

ۋاقىت بەلكىم توختىدى بۇدەم،

ئۇ ساقلايدۇ كىملەرنى پىنھان؟

كۆلەڭگىلەر بولدى غەمگە يەم،

كىملەر ئەمدى تار يولدا ئازغان؟

بىلەلمىدىم كۈتۈش ئۇ نېمە؟.

 

مەن قەلبىمدە گۈللەر سۇغۇرسام،

يار كۆزىدە چاقنايدۇ كىملەر؟

ئىشەنچ بىلەن يولىغا باقسام،

يار يۈرەمدۇ سالدۇرۇپ رەملەر؟

بىلەلمىدىم ساداقەت نېمە؟.

 

قېنىپ- قېنىپ يىغلىۋالغۇم بار،

ئاققۇزغۇدەك يېشىم يوق توۋا؟

ئىنجىق- ئىنجىق ئىڭرىۋالغۇم بار،

ئىڭراشقىمۇ ئىڭىم يوق توۋا؟

بىلەلمىدىم پىغان ئۇ نېمە؟.

 

بىر ئەسرار بار ئەسلىمنى كۈتكەن،

زاھىر بوپتى كۆڭلۈم قالدىغۇ؟

بىر جۇلا بار قارچۇقتا ئۆچكەن،

بىر كۆرۈپلا كۆزۈم تالدىغۇ؟

بىلەلمىدىم ئىستەك ئۇ نېمە؟

 

تۇغۇلمىقىم نۇرانە ھېكمەت،

زورۇقىمەن ياشامدا رەت – رەت.

كۆز نۇرۇمغا قانماستىن بىر رەت ،

مەن نېمىگە ئىزدەيمەن قىممەت؟

بىلەلمىدىم يۈرەك ئۇ نېمە؟

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى