مېنىڭ ئۈچ ئانام | WWW.QUXTAK.COM

مېنىڭ ئۈچ ئانام

پەن خې [شۈيزۇ]

مېنىڭ ئۈچ ئانام

ھەزرەتئەلى ئەخەت تەرجىمىسى

ئۈچ ئانام ئەينى ئۈچ تال ھاياتلىق تارىدەك قەلب خانەمگە باغلانغان؛ بالىلىقتىكى ئىللىق قۇياش نۇرى ھالا بۈگۈن مەندىن يىراقلاشقان؛ ۋۇجۇدۇمدىكى ئۈچ خىل تېرەن ئانا مېھرى، يەڭگىل ھەسرەت ئېقىن سۇدەك ئاي-كۈنلەرگە يانداشقان. تۇيۇقسىز كىمدۇر بىرىنىڭ: «پەقەت بالا-قازا قوشلاپ كەلمىسىلا، ھايات مەڭگۈ قەدىرلىنىشكە ھەقلىق» دېگەن سۆزىنى ئەسلەپ قالدىم.

ئانام مەن ئۈچۈن كۆرۈنمەس شامال. مەن بىر تال شاختىكى مېنى ئاپىرىدە قىلغان ھەم پەپىلىگەن يىلتىزىنى كۆرەلمەيدىغان ياپراق. 20يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئانامغا قىيمىغان مۇھەببەتلىك  قارىچۇقلىرىمنى قويۇق مانان كەبى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىپ كەلدى.

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرى ئانام ۋاپات بولغاندا مەن ئىككى ياشتىن ئاشقان ئىكەنمەن. ئارىدىن 20نەچچە يىل ئۆتۈپ، قەغەزگە مۇشۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقىنىمدا، مەن ئۇنىڭ سېيماسىدىن مەھرۇم سەۋەبلىك ئېيتقۇسىز ئەپسۇسلۇق ئىلكىدە پۇچىلىنىۋاتىمەن.

مەن ئىلگىرى تولىمۇ ساددا ھالدا، ناۋادا ئانام ھايات ۋاقتىدا ماڭا بىرەر پارچە سۆرىتىنى قالدۇرغان بولسا، ئەشۇ سۆرەتنىڭ غىدىقلىشى سەۋەبلىك ئەسلىمىلىرىم قايتا ئەسلىنىپ، ئۇنىڭ كۆڭلۈمنىڭ تېرەنلىرىدە ساقلانغان ئوبرازى كاللامدا قايتا زاھىر بولاتتى،-دەپ ئويلىغان. ئەپسۇس بىر ئۆمۈر يىراقتىكى نامرات يېزىدا ياشىغان ئانام بەلكىم ئۆزىنىڭ 40يىللىق ھايات مۇساپىسىدە سۆرەتكە چۈشۈپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى مەن تا ھازىرغىچە ئۇنىڭ بىرەر پارچە سۆرىتىنى كۆرۈپ باقمىغان.

ئانام توغرۇلۇق تۇنجى ئەسلىمەم كىچىك بىر توپا دۆۋىسىدىن ئىبارەت خالاس.

كىچىك چېغىمدا، ئائىلىمىزدە بىر سۇ كالىسى باققان ئىدۇق. ئۇنى بېقىش مېنىڭ ۋەزىپەم ئىدى. بىر پارچە كەڭ كەتكەن ئېتىزلىقنىڭ شىمالىدا دەل-دەرەخ ۋە قويۇق ئوت-چۆپ ئۆسكەن تۆپىلىك بولۇپ، ھەر قېتىم ئاشۇ تۆپىلىكتىن ئۆتكىنىمدە، چوڭلار دائىم بىلىپ-بىلمەي تۆپىلىكتىكى بىر ياۋا ئوت-چۆپ بېسىپ كەتكەن توپا دۆۋىسىنى كۆرسىتىپ، ئۇ ئاناڭنىڭ قەبرىسى،-دېيىشەتتى. مەن چوڭلارنىڭ گېپىنى تالاي قېتىم ھاڭۋاققىنىمچە ئاڭلاپ، ئاشۇ توپا دۆۋىسىنىڭ ئانامنىڭ قەبرىسى ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن ئىدىم. كالىلار ئوتلاپ يۈرگەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئانامنىڭ قەبرىسى ئالدىغا باراتتىم. ئەپسۇس ئانامغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ئەسلىيەلمەيتتىم.

ئەسلىمە خۇددى زەنجىرگە ئوخشايدۇ. پەقەت ئارىدىكى بىرەر ھالقىسى چۈشۈپ قالسىلا، ئەسلىمە سىزگە قايتا قۇچاق ئاچمايدۇ.

مومامنىڭ ئۆيى ئۆيىمىزگە ئانچە يىراق ئەمەس ئىدى. بىر قانچە تۆپىلىكتىن ئۆتۈپ، ئېتىزلىق ئارىسىدىكى چىغىر يولدا ئازراق ماڭساقلا باراتتۇق. تەخمىنەن 4-5 چاقىرىملىق يول ئىدى. ئەمما مەن كۆپ بارمايتتىم. مومام ئالەمدىن ئۆتكەچكە، ئۆيدە تۇرىدىغان ئادەم قالمىغان ئىدى. بوۋام ئانام كىچىك ۋاقتىدا يۇرتتىن چىقىپ كەتكەن بولۇپ، كېيىن ياقا يۇرتتا ۋاپات بولغان ئىكەن. مومامنىڭ ئىنتىزارلىقىدا، مۇشەققەتتە چوڭ بولغان ئانام 20ياشقا كىرگەن يىلى باشقىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ئائىلە شارائىتى ئانچە ياخشى بولمىغان دادامغا ياتلىق بولغان ئىكەن. كىشىلەرنىڭ دېيىشىچە ئانامنىڭ مىجەزى نازۇك ئىكەن. مېنىڭچە مۇھتاجلىق ۋە باش-پاناھسىز مۇھىتتا چوڭ بولغاچقا ئانامدا ئاشۇنداق مىجەز شەكىللەنگەن.

ئانام تۇغۇتتا ئۆلۈپ كەتكەن.

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىكى يۇرتىمىزدا، تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ھەممىسى ئۆيىدە بوشىناتتى. ئاشۇ ھاۋا تۇتۇق سەھەردە، ئانام مىڭ بىر مۇشەققەتتە سىڭلىمنى تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنى بىر كۆرۈۋېلىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي پايانسىز قاراڭغۇلۇققا يول ئالدى. يۇرتىمىزدا ئاياللار تۇغۇتتا ئۆلۈپ كەتسە «نەم ئالدى» دېيىلىدىغان بولۇپ، «نەم ئالدى»نى شۇملۇقنىڭ ئالامىتى دەپ قاراپ، ئۇياتلىق ئىش ھېسابلايتتى. «نەم ئالدى» دا ئۆلۈپ كەتكەن ئاياللارنىڭ جەمەتىنىڭ قەبرىستانلىقىدا يېتىش سالاھىيىتى يوق ئىدى. ئانام شۇ سەۋەبتىن تۆت چاقىرىم يىراقلىقتىكى قاقاسلىققا دەپنە قىلىنىپ، ئوت-چۆپلەر بىلەن يېپىپ قويۇلغان ئىدى.

ئانا! ھاياتىڭىزدا ئاتا مېھرىگە قېنىپ باقمىدىڭىز، ۋاپات بولۇپمۇ يەنە چەت قاقاسلىققا دەپنە قىلىندىڭىز. قەلبىڭىز ھەسرەت ۋە غېرىبلىققا تولغانمۇ؟ قاپقاراڭغۇ كېچىللىرى ئەتراپتىكى ئورمانلار سۈرلۈك قارىيىپ، يىرتقۇچ ھايۋانلار ھۇۋلاپ، قۇشلار ئەنسىز سايرىغان دەملەردە، قورقۇنۇچ ئىلكىدە ئورمانلىقتىن ئۆتۈپ، ئۆيىمىزدىكى ئوچاق بېشىغا قويۇلغان چىراغ نۇرىنى ئىزدەمسىز؟

يەنە كۈز شامىلى چىقتى. ئانامنىڭ قەبرىسى ئالدىدىكى نەچچە تۈپ قېرى دەرەخ يەنە غازاڭ تاشلايدۇ. تۇپراقتىن تۆرەلدۇق يەنە تۇپراققا قايتىمىز. مانا بۇ ئاددىي ھەم ئۆزگەرمەس ھايات.

بىردىنلا، يەنە ئاشۇ قاقاس تۆپىلىك ئۈستىدە تۇرىمەن. كۆزۈمگە ھېچنېمە كۆرۈنمەيدۇ. يۈزۈمگە ئۇرۇلغىنى پەقەت ئورمانلىقنى سۆيۈپ ئۆتكەن شامال، بەلكىم ھەردائىم ئانامنىڭ قەبرىسىنى سۆيۈپ ئۆتىدىغاندۇ… …

ئانا! مەن ھاياتىڭىزنىڭ داۋامى. بۇ ئالەمدە سىزنى ئەسلىيەلەيدىغان ئادەمدىن پەقەت مەنلا بار. مەن ئەسلەشكە تىرىشىمەن، ئەپسۇس يادىمدا بارى پەقەت شۇنچىلىك.

 

ئۆگەي ئانام سۆيگۈ بۇلىقىم.

ئۆگەي ئانام ھاياتىمدىكى كەم بولسا بولمايدىغان ئادەم. ناۋادا ئۇ بولمىغان بولسا، ھاياتىم ھەسسىلەپ زۇلمەتلىك بولاتتى. ئۇ ھاياتىمنى قۇتقۇزىۋالدى. ماڭا ئادەملىك غورۇر ۋە ھاياتىمغا ئىمكان ئاتا قىلدى. كىچىكىمدىن چوڭ بولغۇچە مەن ئۇنى ئانا دەپ چاقىرىشقا كۆنۈككەن. بۇ خىل چاقىرىش ۋۇجۇدۇمغا سىڭىپ كەتكەن.

ئەسلىي بۇرۇنلا ئۇنىڭغا ئائىت بىر نەرسە يازماقچى ئىدىم. ئەمما كۆپ ھاللاردا يېرىم يولدا تاشلىنىپ قالدى.

ئۆگەي ئانام ھەقىقەتەن ئاددىي-ساددا ئىدى. ئۇنىڭ ئاددىي-ساددىلىقىنى تىل بىلەن ئىپادىلەشكە ئامالسىزمەن. ئۆگەي ئانام بىلەن دادام ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا توي قىلغان. ئۇ چاغدا مەن 3-4ياشتا ئىدىم. بالىلىق ئەسلىمىلىرىم قوينىدا ئۆگەي ئانامغا باغلانغان ئىشلار كۆپ ئەمەس. پەقەت ئۆگەي ئانامنىڭ كەسكىن ئايال ئىكەنلىكىنى، پەرزەنتلىرىنىڭ قىلدەك خاتالىقىغىمۇ يول قويمايدىغانلىقىنى بىلىمەن. كەپسىزلىكىمدىن ھەمىشە ئانامدىن تاياق يەيتىم، ئەمما، جاھىللىقىمدىن ئۇنىڭغا باش ئەگمەيتىم. تېخى مېنى ئۆگەيلەۋاتىدۇ دەپ گۇمان قىلاتتىم. بىر خىل ئۆچمەنلىك تۇيغۇسىدىن دائىم ئۇنى دادامغا چاقاتتىم، ئەمما دادام دائىم كەڭ ئالىقانلىرى بىلەن بېشىمنى سىلاپ تۇرۇپ، ئۆگەي ئانامغا: «بالا كىچىك ئەمەسمۇ، قاتتىق قوللۇق قىلماڭ»-دەيتتى. ئۆگەي ئانامنىڭ دائىم  كەسكىنلىك چىقىپ تۇرىدىغان چىرايىغا قاراپ، مېنى قىلچىمۇ ياخشى كۆرمەيدىغان ئوخشايدۇ؛ پەقەت سىڭلىمغىلا كۆڭۈل بۆلىدىغان چېغى دەپ ئويلايتتىم.

ئۆچمەنلىك ھېسسىياتى خۇددى پاڭ بولغان ياۋا ئوت-چۆپتەك قەلبىمدە يامرايتتى. ئۆگەي ئانامنى ھەمىشەم تونۇشلۇقۇم بار يات ئادەمدەك ھېس قىلاتتىم. شۇ ئەمەسمۇ، ئىككىمىز پەقەت بىر لەمپە ئاستىدا ياشاۋاتقان يات كىشىلەردىن ئىدۇق.

نە چارە، دادام مېنى بالىلىقىمدا تاشلاپ قويۇپ، مەڭگۈگە ئايرىلدى. ئاشۇ مۇدھىش ئىيۇل ئېيى قاراڭغۇ ئورمان كەبىي دادامنى يۇتۇپ كەتتى. تالايلىغان تىمتاس گۇگۇملاردا، ئۆز گۈدەكلىكىم بىلەن يېزا دوقمۇشىدا ئۇنى كۈتتۈم، ئاخىرى بېرىپ يەنىلا دادامنىڭ قارىسىنى كۆرەلمىدىم. كىچىكىدىلا دادىسىدىن ئايرىلىپ قېلىش كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ زور ئەلەم. پەقەت مۇشۇنداق قىسمەتكە دۇچار بولغان كىشىلا بۇنىڭ ھەقىقىي ئازابىنى ھېس قىلالايدۇ. ھالا بۈگۈنگە كەلگەندىمۇ، بالىلىق چاغلىرىمدا تەڭتۇشلىرىم بىلەن تاغقا ئوتۇن كەسكىلى چىقىپ، ئەتراپقا تۈن پەردىسى يېيىلغاندا، ئۇلارنىڭ دادىلىرىنىڭ ئۆز بالىلىرىنىڭ ئوتۇنلىرىنى كۆتۈرۈپ، ئىلدام قەدەملەر بىلەن ئۇزاپ كېتىشلىرى، بىپايان دالىدا ئۆزۈم يىگانە ھالدا ھارغىن قەدەملەر بىلەن ماڭغان كۆرۈنۈش تېخى تۈنۈگۈنكىدەكلا ئېسىمدە بار. شۇنچە يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ھەر قېتىم جۈپ-جۈپ ياش ئاتا-ئانىلارنىڭ سەبىي بالىسىنىڭ قولىدىن يىتىلەپ كېتىۋاتقىنىنى كۆرگىنىمدە، ئاشۇ كۆرۈنۈش يەنە كۆز ئالدىمدا زاھىر بولىدۇ.

ئۆگەي ئانامنىڭ ئوتتۇرا يېشىدىلا تۇل قالغاندىكى ئازابىنى بەلكىم مەن بىر ئۆمۈر ھېس قىلالماسلىقىم مۇمكىن.

ئائىلىنىڭ بارلىق يۈكى ئورۇق ۋە ئاجىز بولغان ئانامغا يۈكلەندى. ئاشۇ جاپالىق كۈنلەرگە ئانامنىڭ قانداق بەرداشلىق بەرگەنلىكىنى بىلمەيمەن.

ئۆگەي ئانام بىر ئۆمۈر ساۋاتسىز ئۆتكەن. ئەمما ئۇ سىڭلىم ئىككىمىزنى ئوقۇتۇشتا ئىزچىل تەۋرەنمەي، بىزگە دائىم: «پەقەت بىلىملا تەقدىرىڭلارنى ئۆزگەرتەلەيدۇ» دەيتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىككى قولىغا تايىنىپ، پەقەت ئۈچ مولا كېلىدىغان ئېتىزىمىزغا كېچە-كۈندۈز جاپالىق ئىشلەپ، سىڭلىم ئىككىمىزنى ئوقۇتتى. ئاشۇ جاپالارنى ھەقىقەتەنمۇ ئويلاپ يېتەلمەيمەن.

ئۆگەي ئانامنىڭ جاپالىق قان تەرى بەدىلىگە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇشىنى تاماملىدىم. ئەمما ئۇزۇن مۇددەتلىك جىسمانىي ئەمگەك ۋە يېمەك-ئىچمەكتىكى تەرتىپسىزلىك ئۆگەي ئانامنى ساقايماس ئاشقازان كېسىلىگە گىرىپتار قىلدى. كانىدەك چاپلاشقان مۇدھىش كېسەل ئۆگەي ئانامنىڭ ۋىجىك ۋە ئاجىز بەدىنىنى ھەرۋاقىت قىيناپ كەلدى.

ئۆگەي ئانام ماڭا يەنىلا قاتتىق قول ئىدى. مېنى دەپ سىڭلىمنىمۇ ئوقۇشتىن چېكىندۈرگەن ئىدى. ئەمدى چۈشەندىمكى، ئۇنىڭ قاتتىق قوللۇقىدا شۇنچە تېرەن مېھرى-مۇھەببەت ساقلانغان ئىكەن.

ئۆگەي ئانام مېنى «تۆمۈر تاۋاق»لىق زىيالىي قىلىشنى ئارزۇ قىلاتتى. يۇرتداشلىرىنىڭ ھەۋەسلىك گەپ-سۆزلىرىدىن كەلمىكى تەس بولغان كەلگۈسى بەخت ھۇزۇرىنى سۈرەتتى. بىر شائىرنىڭ:

 

       «مەن ئەزەلدىن جان ئانامنىڭ كۆزىدە ياپراق ھامان،

       خام خىيال بىرلە ئۇچارمەن بىقارار نىشان تامان…»

 

دېگەن مىسرالىرى ئېسىمدە بار.

بىر خىل ئازاب بار، خۇددى ئۆتكۈر خەنجەر پەرزەنتىنىڭ يۈرىكىگە سانجىلغاندەك، بۇ ئازابنىڭ ئارقىسىغا پەرزەتنىڭ ئاتا-ئانا مېھرىگە تەشنالىقى يوشۇرۇنغان. بۇ خىل بىشارەت كېچىلىرى چۈشتىن ئويغانغىنىمدا تاشقىن دەريا سۈيىدەك قەلبىمگە بۆسۈپ كىرىپ، ئۈنسىز ياشلىرىم مەڭزىمنى بويلاپ ئاققىنىدا، ئۆزۈمنىڭ بەردەم بولۇش بىلەن بىرگە يەنە ئاجىز چاغلىرىمنىڭمۇ بارلىقىنى بايقايمەن. ئۆمۈرلۈك تىرىشچانلىقىم ئارقىلىق ئۆگەي ئانامغا ئاراملىق ئاتا قىلماقچى بولىمەن. ئۆگەي ئانام ئاشۇ كۈنلەرگە ئۇلىشالامدۇ يوق بۇنى بىلمەيمەن. پەقەت مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا ئانىسىز ئۆتكەن ھاياتنىڭ مەززىسىزلىكىنى، ئانىسىز ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ ئورۇنسىز كۈتۈش ئىكەنلىكىنى بىلىمەن.

 

ئاتاق ئانام مېھرىبان شەپقەتچىم.

بالىلىق چېغىمدا، ئىللىق قۇياش نۇرى ئاستىدا، قوللىرى جاپادىن تىلىم-تىلىم يېرىلغان ئاتاق ئانام ئېتىزلىق ئارىسىدىكى چىغىر يولدا مېنى ئەگەشتۈرۈپ يېزا بازىرىغا قاراپ ماڭاتتى. مانا بۇ ئاتاق ئانامنىڭ مەندە قالدۇرغان تۇنجى ئەسلىمىسى.

مەن تەخمىنەن بىر ياش چاغلىرىمدا ئۇ ماڭا ئاتاق ئانا بولغان. كىشىلەرنىڭ دېيىشىچە، ئۇ چاغدا مەن كېچە-كۈندۈز توختىماي يىغلاپ، قۇلۇم قوشنىلارنى ئارامىدا قويمىغان ئىكەنمەن. شۇڭا قولۇم قوشنىلار دادامنى ماڭا بىر ئاتاق ئانا تېپىپ بېرىشكە كۆندۈرگەن ئىكەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، يىغلاڭغۇ بالىغا ئاتاق ئانىدىن بىرنى تېپىپ بەرسىلا، ئۇ يىغلىماي ساغلام چوڭ بولىدىكەن.  كۆيۈمچان ئاتا-ئانام قوشنىلارنىڭ نەسىھىتى بويىچە ماڭا ئاتاق ئانا تېپىپ بەرگەن ئىكەن.

كىشىلىك ھايات سەپىرى ھېكمەتلەرگە باي. ئانچىكىم پۇرسەتلەر مۇئەييەن شارائىت ئاستىدا كىشى ھاياتىغا تېپىلغۇسىز ئىمكان يارىتىدىكەن. مېنىڭچە، ئاتاق ئانام ماڭا دەل ئاشۇنداق ئىمكاننى بەرگەن.

گۆدەك چاغلىرىمدا، ھەر يىلى چاغان ھارپىسىدا، ئاتاق ئانام ماڭا بازاردىن يېڭى كىيىملەرنى ئېلىپ بەرگەچكە چاغان بايرىمىنىڭ كېلىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتەتتىم. ئۇ چاغلاردا ئۇچام يىل بويى تۈزۈكرەك كىيىم كۆرمەيتتى. پەقەت ئاتاق ئانام ئېلىپ بەرگەن كىيىملا يېڭى بولغاچقا، يېڭى كىيىمىمنى كونا كىيىملىرىم ئۈستىگە كىيىپ، سوغۇق ھەم گۈزەل قىش پەسلىنى ئۆتكۈزەتتىم. تەڭتۇشلىرىمغا مەغرۇرلانغان ھالدا: «قاراڭلار، ئاتاق ئانام ئېلىپ بەرگەن كىيىم نېمىدىگەن ئىسسىق»-دەپ ماختىناتتىم. سۇس ئاي يورۇقىدا، ئۇلارنىڭ ھەۋەسلەنگەن تۇرقىغا قاراپ، چەكسىز خۇشاللىققا چۆمەتتىم. كىچىكىمدىكى ئاشۇ ماختانچاقلىقىم ھالا بۈگۈن رەھىمسىز يىللار قوينىدا نەلەرگىدۇر غايىب بولدى. ئەمما ھازىر قاياققىلا قارىماي، گۆدەكلىكىمدىكى مېنى مەست قىلغان ئاشۇ خۇشاللىق ۋە شادىمانلىقنى تاپالمايمەن.

دادام ئالەمدىن ئۆتكەن يىلى، ئاتاق ئانام مېنى يېزا بازىرىغا ئاپىرىپ ئوقۇتماقچى بولدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆيى يېزا بازىرىدا ئىدى. ئەمما مەن ئۆيدىكى سىڭلىمدىن ھەم بېقىۋاتقان سۇ كالىمىزدىن ئايرىلىشقا قىيالماي، بارغىلى ئۇنىمىدىم. باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن يىلى ئاندىن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كۆچۈپ باردىم. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان ۋاقتىمدا ئاساسەن ئۇلارنىڭ ئۆيىدە تۇردۇم. پەقەت ھەپتە ئاخىرىلا سىڭلىمنى كۆرگىلى ئۆيگە قايتاتتىم. ئەپسۇس ئۇ چاغلاردا قېتىرقىنىپ ئۆگىنىشكە كۆڭۈل بۆلمەي، قېلىن بىر جانبازلىق كىتابىنى ئوقۇشقا بېرىلىپ كەتتىم. ئاتاق ئانام ساۋاتسىز بولغاچقا، مېنىڭ ئوچاق بېشىدا ئوت قالاۋېتىپمۇ پۈتۈن دىققىتىم بىلەن «دەرسلىك كىتاب» ئوقۇۋاتقىنىمنى كۆرۈپ، مېنى ئۆيگە كىرىپ ئوقۇشقا دەۋەت قىلاتتى. مېنىڭ «ھىيلىگەرلىكىم» كارغا كەلگەندىن كېيىن، تالاي قېتىم ئاشۇ ئۇسۇلدا يايراپ يۈردۈم. ئەمما كاللام ئاخىرى بىر تالاي تۇترۇقسىز نەرسىلەر بىلەن تولۇپ، دەرسلەردىكى نەتىجەم بارغانسېرى تۆۋەنلەپ ماڭدى.

كەپسىزلىكىمدىن ئاتاق ئانام مىڭ بىر مۇشەققەتتە يارىتىپ بەرگەن ئوقۇش پۇرسىتىنىڭ قەدرىگە يەتمەي، نۇرغۇن ۋاقتىمنى جانبازلىق ئەسەرلىرىنى ئوقۇش بىلەن ئۆتكۈزدۈم. ۋاقىت ھەممىگە قادىر. ھاياتلىقتىكى ھەممە ئىشلار ئۆزگەرمەكتە. سىرتتا سوغۇق شامال ھۇۋلىغان قەھرىتان قىش كۈنلىرى، مەن ئۆيگە بېكىنىپ ئولتۇرۇپ، قېلىن بىر جانبازلىق كىتابىنى كۆرىۋاتقان، ئاتاق ئانام ئوچاق بېشىدا ئالدىراش يۈرگەن، كۈمۈشتەك ئاقارغان چاچلىرى يېنىك يەلپۈنگەن كۆرۈنۈش دائىم كۆز ئالدىمغا كېلىۋېلىپ، مېنى خىجىللىق قوينىغا ئىتتىرىدۇ.

كىشىلىك ھاياتتا، ئاتا قىلغۇچى قىلچە مىننەت قىلمايدىغان، مۇيەسسەر بولغۇچى بىر ئۆمۈر بىلمەسلىكى مۇمكىن بولغان، ئەمما، قەلبىمىزدىن ئۇرغىغان زەر نۇرلارنى پاكلاپ، يىللار قوينىدا تاۋلاپ، كۈنسېرى رەڭدار، جۇلالىق قىلىدىغان، قايناق ھاياجانغا تولغان قەلبتىن ئۇرغىغان، ئۈنسىز ئېقىۋاتقان ئېقىنغا ئوخشاش بىر خىل مېھرى مۇھەببەت بار. مانا بۇ ئانا سۆيگۈسىدۇر.

ئاتاق ئانام 1944-يىلى تۇغۇلغان. بۇ يىل 62ياشقا كىردى. ئۇ بىر ئۆمۈر جان پىدالىق بىلەن ئىشلەپ كەلدى. ئاتاق دادامنىڭ كېسەللىك سەۋەبىدىن ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغىنىغا ئۇزۇن بولدى. شۇنچە يىلدىن بېرى ھېچ ساقىيىدىغاندەك ئەمەس. ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاتاق ئانامغىلا قاراشلىق بولۇپ، ئۇنىڭ ئاشۇ تىلىم-تىلىم يېرىلغان بىر جۈپ قولىدىن يىل بويى قان تەپچىپ تۇرىدۇ. قارىغان ئادەمنىڭ ئىچى سىيرىلىدۇ. ئىشلەتكەن دورىلارمۇ قىلچە كار قىلمايدۇ. چۈنكى ئەتىگەندىن-كەچكىچە تىنىم تاپماس ئاشۇ بىر جۈپ قول بىردەممۇ بىكار تۇرمايدۇ.

كەچكۈز يەنە چىراي ئاچتى. قاقاس تۆپىلىكتىكى تاتلىق ياڭيۇلۇقتا، ئاتاق ئانام بەللىرىنى ئەگكىنىچە، قولىدىكى ئاددى ئورغىقىنى پۇلاڭلىتىپ، تاتلىق ياڭيۇنىڭ پىلىكىنى ئورۇش بىلەن ئاۋارە. سىم-سىم يامغۇر ياغماقتا، تاتلىق ياڭيۇ ياپراقلىرى يامغۇرنىڭ شىرىلدىغان ئاۋازى ئىچىدە ئاتاق ئانامنىڭ تىنىمسىز يەلپۈنۈپ تۇرغان كۈمۈشتەك چاچلىرىغا ئوخشاش تەۋرەنمەكتە. تىلىم-تىلىم يېرىلغان ئاشۇ جاپاكەش قوللاردىن يەنە قىپقىزىل قان تەپچىپ تۇرغانمىدۇ؟

ئارقا ھويلىدىكى كىچىك بۇلاق سۈيىنىڭ شىرىلداپ ئېقىشلىرى ۋە بۇلاق بويىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان قېرى ئارچا دەرىخى ئەينى ئانامنىڭ سۇلغۇن چىرايى كەبى دائىم چۈشۈمدە ئايان بولىدۇ.

خەنزۇچە «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 2009-يىللىق 1-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.



ئىنكاس يازىمەن | نەقىل ئالىمەن

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت *

تور بېكەت