كۆكتىكى مۇھەببەت | WWW.QUXTAK.COM

كۆكتىكى مۇھەببەت

ۋەنبەن دەيبەي

كۆكتىكى مۇھەببەت

ھەزرەتئەلى ئەخەت تەرجىمىسى

بۇ ماۋزۇ ئۆزىگە جەم قىلغان مەنە «مۇھەببەت قۇشى» ناملىق ناخشىدىن كەلگەن. بۇ مۇھەببەت قۇشى ناخشىچى لىن يىلۈننىڭ چوڭقۇر مۇھەببەتكە تولغان ئىزھارلىرىدا ئۆزىنىڭ بارلىق زوق-شوقىنى، ئارزۇ-ئىستىكىنى ۋە جاسارىتىنى نامايان قىلغان؛ بىر ئىنساننىڭ مۇھەببەت ئىستىكىنى ئۆزىگە يۈكلەپ، كۆپكۈك سامادا ئەركىن پەرۋاز ئەيلىگەن؛ بەخت، شادلىق ۋە بەردەملىك ھاياتى كۈچگە تولغان ئىدى. دەنجەي تاغلىق كەنتىدە مياۋزۇ قېرىنداشلارنىڭ داڭلىق «قىرغاۋۇل ئۇسۇلى»نى كۆرگەن چاغدا مەن بۇ خىل تونۇشقا كەلگەن. مەن مانياۋ كەنتىگە بېرىشتىن بۇرۇن، مېنىڭ بەي جاڭيەنگە بولغان مۇھەببىتىم چوڭقۇر ئۈمىدكە تولغان ئىدى؛ تېخى ئۇنىڭ مۇھەببىتىنى جەزمەن ئەشۇ گۈزەل، جۇشقۇن، تېتىك قىرغاۋۇل ئۇسسۇلىغا ئوخشاش دەپ تەسەۋۋۇر قىلاتتىم؛ ئۇنىڭ مۇھەببىتىنى قۇمۇش نەينىڭ لەرزان كۈيىدە قانات قېقىپ، ساما سەتھىگە سىڭىپ كېتىدۇ، دەپ ئويلايتتىم.

ئەپسۇس، مەن مانياۋ كەنتىگە بېرىپ، بۈگۈنگە قەدەر ئۆزىنىڭ قەدىمىيلىكى ۋە خاسلىقىنى يوقاتمىغان، تاغ ئۈستىگە جايلاشقان ئۆيلەر كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان مياۋزۇ تاغلىق كەنتىنى كۆرگەندىن كېيىن، كۆزلىرىم ئېيتقۇسىز ھەيرانلىققا، قەلبىم بېسىلغۇسىز غەليانغا تولدى. مەندىكى بۇ ھەيرانلىق ۋە غەليانلىق ھالىتى دەل ئۇلارنىڭ نامراتلىقى ھەم قالاقلىقى، شۇنداقلا، ئۇلارنىڭ ياڭراق ھەم يېقىملىق نەي ساداسى ۋە جۇشقۇن «قىرغاۋۇل ئۇسسۇلى» ۋەجىدىن ئىدى. كۈلپەتلىك بىر مىللەتنىڭ−ئۆز يېزىسىدىن بىر قەدەممۇ نېرىغا بېرىپ باقمىغان بىر مىللەتنىڭ بۇنچىلىك جۇشقۇن كەيپىياتقا ۋە ئازادە روھىي ھالەتكە ئىگە بولۇشىغا ئەقلىم لال ئىدى. ئۆزۈم گۈيجۇ ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى تۆپىلىك تاغ رايونىدا چوڭ بولغان مياۋزۇ پۇشتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن تاغ ئۈستىدە ياشاۋاتقان مانياۋ كەنتىدىكى قېرىنداشلىرىمنىڭ باتۇرلىقىغا، بەردەملىكىگە ۋە جۇشقۇنلىقىغا قايىل بولماسلىققا ھەققىم يوق ئىدى.

ئەمەلىيەتتە، مانياۋ كەنتىدىكى بىر ئۇرۇق، بىر جەمەتتىن بولغان قانداشلىق مېنىڭ بۇ يەرگە نىسبەتەن قانداقتۇر بىر ئۆتكۈنچى مېھمان ياكى ھەيرانلىققا ئەسىر بولغان سەيياھ ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ بىر ئەزاسى، ئۇزۇن يىل جۇدالىق دەردى تارتىپ، ئاخىرى جەم بولغان بىر قېرىندىشى ئىكەنلىكىمنى بەلگىلىگەن ئىدى. مەن مانياۋ كەنتىگە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمى يوقلاپ كەلدىم، دەپ قارايتتىم. چۈنكى، بۈگۈن دەل مېنىڭ قېرىندىشىم بەي جاڭيەن ئۆزىنىڭ مۇھەببەت قۇشىنى ئۇچىرىدىغان قۇتلۇق كۈن ئىدى. مەن ئۇنىڭغا بەخت تىلەيمەن، يەنە تېخى ئۇنىڭ ئۈچۈن مىللىتىمىزنىڭ ئۇزاق كۆچمەنلىك تارىخى ۋە تالاي قىسمەتلىرى يۇغۇرۇلغان، بىزگە ئەبەدىيلىك مەنىۋى تۈۋرۈك ۋە روھىي گۈللۈك بولغان كلاسسىك بىر ناخشىنى ئېيتىپ بېرىمەن.

بەي جاڭيەننىڭ مېنىڭ روھىمدىن ئۇرغۇپ چىققان ناخشا ساداسىنى ئاڭلىغان ياكى ئاڭلىمىغانلىقى ماڭا مۇئەمما، ئەمما بىر قېرىندىشىنىڭ ئۇنىڭغا بەخت تىلىگەنلىكىنى ھېس قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل. مۇھەببەت دېڭىزىدا ئۈزۈپ يۈرگەن بىر ئادەمگە بەخت تىلەش ئىنتايىن مۇھىم. ئەمما، بەي جاڭيەن ئۆزىنىڭ ئوتتەك قىزغىنلىقى ۋە ھاياتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مۇھەببەت ئەھدىسىگە ئەمەل قىلماقچى بولغىنىدا، نېمىشقىكىن، ئەزەلدىن ھېس قىلمىغان بىر خىل سالماقلىق ۋۇجۇدۇمنى ئىگىلىدى. خۇددى تەڭداشسىز گۈزەل بىر قۇشنىڭ ئىللىق ئۇۋىسىدىن ھالسىز ئانا يەر باغرىغا زەرب بىلەن چۈشۈپ، ئۆز ناخشىسىدىن، ئۆز پەرۋازىدىن جۇدا بولغانلىقىنى كۆرگەندەك بولدۇم. شۇنداق قىلىپ، بىر كىچىك قۇش، بىر جۇشقۇن قىرغاۋۇل قىز ئۆز رازىلىقى بىلەن رەھىمسىز ئادەتلەر تەرىپىدىن بوغۇشلىنىپ، ئۆزىنىڭ جاپالىق قىسمەتلەرگە تولغان مۇھەببەت سەپىرىنى باشلىدى.

بۇ دەل 2007-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى بولۇپ، بۇ كۈننىڭ بەي جاڭيەن ئۈچۈن ئېيتقاندا مەڭگۈ ئېسىدىن چىقمايدىغان بىر كۈن ئىكەنلىكى مۇقەررەر. چۈنكى، دەل شۇ كۈنى ئۇ باشقا بىرىنىڭ جۈپتىگە ئايلانغان ئىدى. بۇ كۈنى ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، قۇياشنىڭ ھارارەتلىك نۇرى زېمىننى سۆيۈپ تۇراتتى؛ تاغدىن ئەسكەن ئىللىق شامال كىشىلەرنىڭ مەڭزىنى سۆيۈپ تۇراتتى. توپ-توپ ئاق بۇلۇتلار ئاستىدىكى مەغرۇر تاغلار شۇنچە خىيالچان تۈستە، ئۆزىنىڭ تەۋرەنمەس ھەيۋىتى ۋە غەيرىتىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى. بۇنداق تېپىلغۇسىز ئوچۇق ھاۋا بەي جاڭيەننى ئۇزاقتىن بېرى كۈتۈپ تۇرغاندەك قىلاتتى. مانا بۇ تەڭرىنىڭ ئىنئامى، شۇنداقلا تەڭرىنىڭ تىلىكى.

مەن بەي جاڭيەننىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى ئاچقىنىمدا، ئۇ ياغاچ قۇرۇلمىلىق قورۇسىنىڭ ئايۋىنىدا مېنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن. ئۇ مېنىڭ كېلىدىغانلىقىمنى بىلىدىغاندەك قىلاتتى. ئۇ ئايۋاندا تۇرۇپ، ھاڭۋاققىنىچە ماڭا قاراپ تۇرۇپ قالدى؛ ئاناردەك لەۋلىرى يەڭگىل تىترىدى؛ بىر نېمە دېگۈسى باردەك قىلاتتىيۇ ئەمما ئۈندىمىدى. ئۇنىڭ مەڭزىگە شۇئان قىزىللىق تەپتى، ئۇنىڭ ھاياجانلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم؛ يارقىن كۈن نۇرى تورۇستىكى ياغاچلار ئارىسىدىن شۇڭغۇپ، ئۇنىڭ گەۋدىسىگە چۈشكىنىدە، ئۇ خۇددى شۇ يەرگە ئويۇلغان نەپىس بويۇمدەك گۈزەل سىياققا كىردى. كۆزلىرى چاقناپ، چىرايى نۇرلىنىپ كەتتى. ئۇنىڭ بوي-بەستى نەزىرىمدىكى تاغلىق قىزلارغا ئوخشىمايتتى؛ تۇرمۇشنىڭ مۇشەققىتى ۋە مۇھىتنىڭ ناچارلىقى سەۋەبىدىن يېشىغا ماس بوي تارتالمىغان بولۇپ، شەھەرلىك قىزلاردەك زىلۋا ئەمەس ئىدى. ئۇ ھەيۋەتلىك تاغنىڭ يەنە بىر خىل شەكىلدىكى مەۋجۇتلىقى بولۇپ، ئۇنىڭ ھەربىر كۈلكىسى ھەيۋەتلىك تاغلاردەك شۇنچە مەغرۇر، شۇنچە تەمكىن ئىدى. ئۇ بۇ تاغلىق يۇرتنىڭ جانلىق سۆرىتى ئىدى.

ئاق كۆڭۈللۈك، تەمكىنلىك ۋە لاتاپەتلىك بەي جاڭيەننىڭ مەندە قالدۇرغان تۇنجى تەسىراتى ئىدى.

ئۇ ئەنە شۇ سىياقتا بىر خىل جۇلالىق نۇردەك ئايۋاندا ھاڭۋېقىپ تۇراتتى؛ شۇ تۇرقىدا ئۇ چەكسىز سۆيگۈ-مۇھەببەت ساھىبى ئىدى. مېنىڭ نەزىرىمدە بۇ يەر چەكسىز ساماغا ئەڭ يېقىن جاي ئىدى؛ قولنى شۇنداقلا سوزسا سامادىكى بۇلۇتلار قولغا ئۇرۇلاتتى. مەن ياغاچ ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ ئۇنىڭغا تەلمۈرگەن ۋاقتىمدىمۇ ئۇ خۇددى چەكسىز سامادا تۇرغاندەك ھېس قىلغان ئىدىم. ئۇ ئەنە شۇ سامادا بولغان ئىكەن، ئۇنىڭ بۇ رەھىمسىز ئادەتلەرگە تولغان تۇرمۇشتىن يىراق تۇرۇشى مۇقەررەر ئىدى؛ ئۇ پەقەت مېنىڭدەك بىر شەھەرلىك ئادەم ئارقىلىقلا ئۆزىگە ناتونۇش بولغان بۇ دۇنيانى چۈشىنەتتى. بىپايان زېمىندا داۋاملىشىۋاتقان بىر خىل رېتىمدىكى تۇرمۇش ئۇنىڭ ئۈچۈن مەڭگۈلۈك مۇئەمما بولۇپ، ئۇ بۇ خىل تۇرمۇشنىڭ قوينىغا كىرىشكە ئامالسىز ئىدى.

ئۇ كۈتىۋاتاتتى. رىسقى چۈشكەن يىگىتنىڭ كېلىشىنى كۈتىۋاتاتتى. بۇ خىل كۈتۈش ئۇنىڭ ياشلىق باھارىنى ۋە مۇھەببىتىنى خوراتقان ئىدى.

ئاخىرى، قولىدا بىر شەمشەر تۇتقان ئەر ئۇلارنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى چەكتى؛ شۇنداقلا ئۇنىڭ قەلب ئىشىكىنىمۇ چەكتى. شۇندىلا ئۇ ئۆزىنىڭ تويلۇق كىيىملەرنى كىيىدىغانلىقىنى بىلدى. ئۆزىنىڭ خاس ھۇجرىسىدا، سالماقلىق ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن جابدۇشقا كىرىشتى؛ ئۇنىڭ چىرايىدا ئەلەم، كۆزلىرىدە نەم كۆرۈنمەيتتى؛ ئۇ شۇ تۇرقىدا بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىر ئايال كىشى تاماملاشقا تېگىشلىك رەسمىيەت ئىكەنلىكىنى بىلگەندەك قىلاتتى. ئۇ ئەڭ ئاخىرقى بىر تال كۈمۈش بىزەكنى چېچىغا قىستۇرغاندا، ھويلىدا ئۇنىڭ ئۈچۈن نەي ئاۋازى ياڭرىدى.

قولىدا شەمشەر تۇتقان ئەر چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن ئۇنى چاقىرىۋاتاتتى.

مەن لەرزان نەي ئاۋازى ئىچىدە جىمجىت قاراپ تۇردۇم؛ ناتونۇش بىر يەرگە كېلىپ قالغاندەك تۇيغۇدا كۆز ئالدىمدىكى ھەممە نەرسىگە قىزىقىش ۋە مېھىر بىلەن قاراپ تۇردۇم. تويلۇق كىيىم بىلەن ياسانغان بەي جاڭيەننىڭ بىر تالاي كىشىلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا ئايۋاندىن چۈشۈپ، ھېلىقى ئەرنىڭ ئالدىغا بارغانلىقىنى، چىرايىدا بەخت كۈلكىسى پارلىغانلىقىنى كۆردۈم. چۈنكى ئۇ ئۆزى ياتلىق بولماقچى بولغان ئۇ ئەرنىڭ بۇندىن كېيىنكى ھاياتلىق سەپىرىدە ئۆزىنىڭ دەردىگە داۋا، رەنجىگە شىپا بولىدىغانلىقىنى؛ تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلىدىغانلىقىنى بىلەتتى.

شۇنداق قىلىپ، ئۇ قولىنى ھېلىقى ئەرگە تۇتقۇزغىنىچە ئۆيىدىن، ئاتا-ئانىسىدىن، ئۆزىگىلا خاس بولغان ھۇجرىسىدىن ئايرىلىپ، نىكاھلىق تۇرمۇش يولىغا قەدەم ئالدى. بۇ يولدا ئۇنىڭ ئۇچىسىدىكى رەڭدار شارپا ۋە قاتلاق يوپكا مەيىن شامالدا تىنىمسىز يەلپۈندى، بېشىدىكى كۈمۈش بېزەكلەرمۇ سۈزۈك قۇياش نۇرىدا كۆزنى چاققىدەك جۇلالىدى. مانا مۇشۇنداق گۈزەللىك ئالدىدا، قولىدا شەمشەر تۇتقان ئەر خۇشاللىقىدىن شەمشەرنى ئوينىتىپ، بالا-قازانى قوغلاپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن يول ئېچىۋاتاتتى؛ ئۇنىڭ مۇھەببىتىگە ئۆز ساداقىتى ۋە مېھرىنى ئايان قىلىۋاتاتتى. ئۇ چاققانلىق بىلەن شەمشەر ئوينىتىۋاتاتتى، ئۇنىڭ شەمشىرى قانداقتۇر بالا قازانى ئەمەس، بەلكى، بىر ئىنساننىڭ يۈرىكىنى چېپىۋاتاتتى. ئىشقىلىپ، ئۇنىڭ ئاشۇ مەغرۇر ۋە قامەتلىك تۇرقى ئۆز سەكرەشلىرى ئارقىلىق مۇھەببەتنىڭ ماھىيىتىنى ئۈنسىز جاكارلاۋاتاتتى. ئۇ بېشىنى تىك تۇتۇپ، ئۆتكۈرلۈك بىلەن ئالدىغا تىكىلگىنىچە يۈرىكىدە قىيام بولغان ئىشق شارابىنى چاچرىتىشقا ھەردەم تەييار ئىدى. ئۇنىڭ ھەر بىر ماھارىتى، ھەر بىر جاسارىتى تىنىق ساما قوينىدا، سىرلىق ئۆرپ-ئادەتلەر ئىچىدە قايناق ھاياجان بىلەن، كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چەككۈدەك چاپچىپ تۇراتتى. بۇ خىل ھالەت چوڭقۇر مەناغا تويۇنغان بولۇپ، بىر ئايال زاتىنىڭ ھاياتىدىكى بارلىق قىسمەتلەرنى ئۆزىدە جەم قىلغان ئىدى.

مانا بۇ جاپا-مۇشەققەتكە بوي ئەگمەس مۇھەببەت.

پۈتۈن چۈشتىن كېيىن، بەي جاڭيەننىڭ ئايۋىنىدا ئولتۇرۇپ، ئۆزۈمنى ئۇنتۇغان ھالدا بۇ بىر جۈپلەرنىڭ مۇھەببەت قەسىمىگە شاھىت بولدۇم؛ باشقىلار بىلەن بىرلىكتە، ئۆزۈمنى تۇتالمىغان ھالدا بۇ خىل ئاددىي-ساددا، بىغۇبار گۈزەللىكتىن مەست بولدۇم.

مانياۋ كەنتىدىكى بۇ خىل مۇھەببەت مېنى چوڭقۇر ھاياجانغا سالدى. گەرچە، بۇ مۇھەببەت قارىماققا ئازراق ھاياجانلىق ۋە تەنتەنىلىك بولسىمۇ، ئەمما ئەشۇ ئەر پۇلاڭلاتقان شەمشەرنىڭ شولىسىدىن بىر خىل مەسئۇلىيەتنى، مۇھەببەتكە بولغان تەۋرەنمەس ئەقىدىنى كۆردۈم. دەل مۇشۇ خىل تەۋرەنمەس ئەقىدە ئۇلارنىڭ مۇستەھكەم نىكاھ تۇرمۇشىنى بارلىققا كەلتۈرگەن ئىدى. مۇشۇ خىل نىكاھ شەكلى بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس تۇرمۇش شەكلى چەمبەرچەس باغلانغان بولۇپ، شۇنچىلىك ساپ، نەپىس، ئازادە ۋە تەمكىن ئىدى.

 بۇ خىل جاپا مۇشەققەتكە بوي ئەگمەس مۇھەببەت ۋەجىدىن مەن مانياۋ كەنتىدىكىلەرنىڭ «قىرغاۋۇل ئۇسسۇلى»غا قارىتا يىپيېڭى تونۇشقا ئىگە بولدۇم. مانياۋلىقلارنىڭ نەزىرىدە بولسا تۇرمۇشنىڭ جاپا مۇشەققىتى ھەممىلا يەردە بار ئىدى، قازاننىڭ قۇلىقى ھەممىلا يەردە تۆت ئىدى؛ جاپا مۇشەققەت خۇددى ئاچكۆز يىلاندەك مانياۋلىقلارغا مەھكەم چىرماشقان ئىدى. دېمىسىمۇ ئەمەلىيەت شۇنداق ئىدى. ئۇلار ئەشۇ پىغانلىق كلاسسىك ناخشا ساداسى ئىچىدە، تالاي قېتىم قىرغىنچىلىققا ۋە قوغلىنىشقا دۇچار بولۇپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن رايونىدىكى مۇنبەت يايلىقىدىن ئامالسىز ئايرىلىپ، قاغجىراق ھايات تىترەپ تۇرغان تاغلىق رايونغا كەلگەن ئىدى. ئۆزىنىڭ مۇنبەت ۋە ئىللىق ئۆي-ماكانى قانلىق ياشلىرى ئىچىدە ئۇلاردىن يىراقلاشقان ئىدى. شۇنداق قىلىپ، تىنىمسىز كۆچۈپ يۈرۈش ئۇلارنىڭ پىشانىسىگە پۈتۈلگەن قىسمەتكە ئايلانغان ئىدى. ئاقىۋەت، ئۇلار ئۆز يۇرتىغا بولغان چەكسىز قىيالماسلىق مېھرى ۋە ھارغىن قەدەملىرى بىلەن مۇنبەتلىك ۋە باياشادلىقتىن ئەسەرمۇ بولمىغان تاغلىق رايون ― مانياۋ كەنتىگە كېلىپ ماكانلاشقان ئىدى. بۇ يەرنىڭ جەبرۇجاپاسى ۋە ناچار مۇھىتىدىن مىللىي قەھرىمان لىن زېشۈمۇ چوڭقۇر خۇرسىنغان ئىدى. مىلادىي 1819-يىلى، ئۇ يۈننەنگە بېرىش سەپىرىدە، گۈيجۇنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى بۇ چەت-ياقا يەردىن ئۆتكەندە، تۆۋەندىكى «يول ئۈستىدە» ناملىق شېئىرنى يازغان:

 

تاغ ئارا ھەيۋەت ئېقىندۇر، جانۇتەنلەر تىترىدى،

قاپلىغان ئەتراپنى مانان، كۆز يىراققا يەتمىدى؛

مەن ئۆزۈم تاغدا، كۆلەڭگەم جىلمىيار سۇ يۈزىدە،

تەن ئامان، ۋەھىمە ئىچرە جان قەپەزدىن سەكرىدى.

باش ئېگىپ ھاڭغا تىكىلسەم، غەيرىتىم بەرمەس مادار،

كۆككە باقسام، تاغ بەئەينى بۇ سامانىڭ شەمشىرى.

پەھلىۋان ئۈزسە قولىنى شۇ ئەلەملەر كارىدىن،

ئويغىنىپ تاغلار سۈكۈتتىن، كۆككە تۆكتى دەردىنى.

 

تاجاۋۇزچىلارنىڭ ئەپيۇنىنى تارمار قىلىشقا پېتىنغان قەھرىمان لىن زېشۈ ئاشۇ سۈرلۈك تاغ ئۈستىدە تۇرۇپ، «باش ئېگىپ ھاڭغا تىكىلسەم، غەيرىتىم بەرمەس مادار» دەپ يازدى. شۇنىسى ئايانكى، قەھرىمان شەپقەتسىز تەبىئەت ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى ۋە يارىماسلىقىنى تەن ئالماسلىققا ئامالسىز قالدى. دەنجەي كەنتىدىن مانياۋ كەنتىگە بارغۇچە، داغدام تاشيوللار ياسالمىغان ئاشۇ يىللاردا، قەھرىمان لىن زېشۈ مۇشۇنداق سۈرلۈك تاغ-قىيالارغا دۇچ كەلگەندە چېكىنىشنى ئويلىغانمۇ يوق؟ ئۇ قانداق جاسارەت ۋە ماھارەت بىلەن بۇ تاغ-قىيالاردىن ھالقىپ ئۆتكەن؟ دېگەنلەرنى ئويلىدىم. ئەپسۇس، تارىخنىڭ بۇ سىرلىرى ۋاقىت تەرىپىدىن يوقىتىلغان ئىدى. بىز پەقەت ئۇنىڭ شېئىرىدىنلا ئۇنىڭ ھەممىگە قادىر تەبىئەتكە بولغان ھېيىقىشىنى كۆرەلەيمىز. مانا بۇ جاسارەتلىك پەھلىۋاننىڭ تەبىئەتكە بولغان قايىللىقىدۇر.

گەرچە مەن مانياۋ كەنتىگە كېلىشتىن بۇرۇن، لىن زېشۈنىڭ بۇ شېئىرىنى ئېسىمدە ساقلىۋالغان، مۇشۇ شېئىر ئارقىلىق مانياۋ كەنتىدىكى سىرلىق قىيا-تاغلار ئۈستىدە ئازراق «سىرلىق» تونۇشقا ئىگە بولغان بولساممۇ، مانياۋ كەنتىگە بارغاندىن كېيىن، بىر خىل سېزىم يەنىلا ۋۇجۇدۇمنى لەرزىگە سالدى، بۇ سېزىم دەل قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قېتىدىكى بىر خىل ئازاب ئىدى. بۇ خىل ئازابنى ھەيۋەتلىك تاغلار شۇنچە ئاددىي تۈستە سۆزلەۋاتاتتى؛ قۇياش، ئايمۇ سۆزلەۋاتاتتى، بەردەم شامال ۋە ئىنتىزار كۆزلەرمۇ سۆزلەۋاتاتتى. نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى بىر مىللەت مانا مۇشۇنداق بۇرۇختۇرما ۋە يىگانە ھالدا تاغلار ئارىسىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتاتتى. بىلمىدىم، قەھرىمان لىن زېشۈ ئاشۇ شېئىرنى يازغان ۋاقتىدا «تاغ سامانىڭ شەمشىرى»نىڭ بۈگۈنكى مانياۋ كەنتىدىكىلەر ياشاۋاتقان مۇھىتنىڭ ھەقىقىي سۆرىتى ئىكەنلىكىنى ئويلىغانمىكىن؟

بۇ خىل ناچار مۇھىتتا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھاياتلىققا بولغان ئىشەنچىسىنى دىنىي ئەقىدىگە باغلىغان؛ ساما سەتھىدە ئۇچۇپ يۈرگەن روھلارغا باغلىغان. ئۇلار مۇسەپپا ساما سەتھىدە روھلار ئەمىن تاپقىدەك بىر جاي ئىزدىگەن. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار قۇشلار ۋە قۇياشقا چوڭقۇر ئەقىدە باغلىغان. بۇنىڭدىن مانياۋلىقلارنىڭ كلاسسىك ناخشىسىدا تەسۋىرلەنگەن ئەپسانە دەۋرىگە نەزەر سالغىلى بولىدۇ. مانياۋلىقلار ئۆز رىۋايىتىدە مەن بىلەن سېغىزخان 12 تۇخۇمنى بېسىپ، ئىنسانلارنىڭ تۇنجى ئەجدادىنى ۋە باشقا جانلىقلارنى بارلىققا كەلتۈرگەنمىش. ئۇلارنىڭ قەدىمكى يۇرتىدا، پەقەت قۇياش پارلىغانلىكى جايدا، ئۇچار قۇشلار بوشلۇقتا يۇلتۇزدەك ئۇچۇپ يۈرەرمىش. قىرغاۋۇل دەل مانياۋلىقلارنىڭ بوۋىقۇشىمىش.

مانياۋلىقلارنىڭ قىرغاۋۇلنى توتېم قىلىش سەۋەبىگە ئائىت تارىخى پاكىتلار يوق، شۇڭا مەنمۇ ئۇلارنىڭ نېمە سەۋەبتىن شۇنچە ئۇچار قاناتلار ئارىسىدىن قىرغاۋۇلنى ئۆزلىرىگە توتېم قىلغانلىقىنى بىلمەيمەن. دەنجەي كەنتىدە ئۇلارنىڭ «قىرغاۋۇل ئۇسسۇلى»نى كۆرگەندىن كېيىنلا، ئۇلارنىڭ ئەسلىدە بىر خىل گۈزەللىكنى ۋە لىرىكىلىقنى تاللىغانلىقىنى بىلدىم.

بىر مىللەتنىڭ ماددىي مەئىشەتتىن باياشاتلىققا ئېرىشەلمىگەندە، سەنئەت ۋاستىسى ئارقىلىق ئۆز ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئىزھار قىلىشنى ئىستەيدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان. شۇ سەۋەبتىن مانياۋلىقلار ئۆزلىرىنىڭ ئاددىي-ساددا، مەززىسىز تۇرمۇشىدا قىرغاۋۇلنى دوراشقا باشلىغان. تېتىك ھەم جەلبكار قىرغاۋۇل ئۇلارغا ئۇسسۇل ئىلھامى، سەنئەت ئىلھامى ئاتا قىلغان. باشقا كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا قىرغاۋۇل ئۇسسۇلى پەقەت مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئۇسسۇل شەكلىدە ئىپادىلىنىشى خالاس؛ ئەمما مانياۋلىقلارغا نىسبەتەن قىرغاۋۇل ئۇسسۇلى ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ھاياتىنىڭ بىر خىل شەرھى ۋە ئىقرارىدۇر.

مانياۋلىقلار ئۆزلىرىنىڭ «قىرغاۋۇل ئۇسسۇلى»نى ئويناشقا باشلىغان چاغدا، ھەممە ئۆز نەپسىگە قۇل بولغان بۈگۈنكى كۈندە ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئۇسسۇلىنىڭ ھەممە ئىنتىلىدىغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىغا ئايلىنىپ، دۆلەت تەرىپىدىن قوغدىلىنىدىغانلىقىنى ئەسلا ئويلاپ باقمىغان ئىدى. بۇ بىر مىللەتنىڭ قەيسەرلىكىنىڭ ۋە ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى ئىدى.

مەن نەپىس قىرغاۋۇل ئۇسسۇلىغا، تېتىك ئۇسسۇلچىلارغا يۈزلەنگىنىمدە، بىر خىل مۇقەددەسلىك تۇيغۇسى ۋۇجۇدۇمنى چۇلغايدۇ. مېنىڭ نەزىرىمدە، قىرغاۋۇل ئۇسسۇلى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان ئەشۇ مەنىۋى باغلىنىشلار دەل مانياۋلىقلارنىڭ ھاياتقا ۋە ئۆز يۇرتىغا بولغان پىداكارلىقى ۋە ھىماتچانلىقىدۇر، بىر خىل تەۋرەنمەس كۈچتۇر، ھاياتلىقنىڭ ئەسلىي ئىنتىلىشى ۋە ئېتىقادنىڭ بىرىكىشىدىن پۈتكەن جەۋھەردۇر.

شۇ سەۋەبتىن، مەن مانياۋ كەنتىدىكى بەي جاڭيەننىڭ توي مۇراسىمىدا، قىرغاۋۇل ئۇسسۇلى ئوينىغۇچىلارنىڭ گۈزەل قاناتلىرىنى قاققان كۆرۈنۈشىنى كۆرگىنىمدە، ئۆزۈمنىڭ نېچۈن ئارامسىزلىنىدىغانلىقىمنى، نېچۈن ئويغا پاتقانلىقىمنى چۈشەندىم. مەن بەئەينى بىر دەريادا پاكلىنىۋاتاتتىم، چايقىلىۋاتاتتىم؛ توساتتىن قەلب تەكتىمدە ئېيتقۇسىز ھەسرەت غەليان كۆتۈردى. بەي جاڭيەننىڭ قىرغاۋۇل ئۇسسۇلىنىڭ يېقىملىق رېتىمىغا ماسلاشقان جاپا مۇشەققەتلىك مۇھەببەت يولىدا، مەن نەي ئاۋازىنى تىڭشىدىم؛ شۇنداقلا بىر مىللەتنىڭ ئاشۇ يېقىملىق رېتىمغا ماسلاشقان روھىي قىسمەتلىرىنى كۆردۈم. قىرغاۋۇل ئۇسسۇلىدىكى نەپىسلىك ۋە مۇھەببەتتىكى ساداقەتمەنلىك بەي جاڭيەننىڭ تېنىدە مۇكەممەل بىرلەشكەن ئىدى. شۇڭا، بەي جاڭيەننىڭ توي مۇراسىمىدا، مەن قاننىڭ ئانا تۇپراققا ئېقىۋاتقانلىقىنى، ھاياتلىقنىڭ توسقۇنسىز ھالدا بىپايات ئانا يۇرتقا ۋە تارىخ تېرەنلىكىگە سىڭىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم؛ مۇھەببەتنىڭ غۇبار ۋە بىۋاپالىقنى كۆتۈرمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. شۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىلكى، قىسمەتلەرگە شاھىد بولغان ھەر بىر كۈن ۋە خەلققە ھەمدەم بولغان ھەربىر ئىنسان بىر مىللەتنىڭ ئۆز ئېتىقادىغا بولغان تەۋرەنمەس ئەقىدىسىگە ئىززەت-ئېكرام بىلدۈرىدۇ.

ئەلۋەتتە، مانياۋ كەنتىدىكى بۇ خىل ئۆزگىچە مۇھەببەت شەكلى باشقا جايلار بىلەن ئوخشىمايدۇ؛ ئەمما ئۇلار يەنىلا ئۆزىنىڭ ئەڭ قەدىمىي تۇرمۇش ئادىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا؛ يەنىلا ئۆزىنىڭ ياشاش ئادىتىگە ئەمەل قىلماقتا. شۇنىسى ئېنىقكى، مانياۋلىقلارنىڭ بۇ خىل مۇھەببەتكە بولغان ئىنتىلىشىنى ۋە بۇ خىل مۇھەببەت ئۇلارغا ئاتا قىلغان شادلىق ۋە بەختىيارلىقنى باشقىلار چۈشەنمەيدۇ. دەل مۇشۇ خىل جاپا-مۇشەققەت ئۈستىدىن غالىپ كېلىدىغان مۇھەببەت ئۇلارنىڭ بۈگۈنگە قەدەر دۇنيادىن خالىي ھالدا ياشىشىغا دەۋەب بولغان. بۇ يەردىمۇ ۋاقىت يەنىلا ئۆز قانۇنىيىتى بويىچ كەلگۈسىگە قاراپ ئىنتىلىدۇ. گەرچە قىرغاۋۇل ئۇسسۇلىنىڭ داڭقى يىراقلارغا تونۇلغان، ئۇلارنىڭ چېھرى، مېھرى ۋە تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتكەن بولسىمۇ؛ ئۇلار ئۆز مەدەنىيىتىنى دۇنياغا تونۇتۇشنى ئارزۇ قىلسىمۇ، شۇ تۈپەيلى تەئەججۈپلۈك نىگاھلارنىڭ ئېزىقتۇرىشىدا يات بىر ماكانغا ئىنتىلمىدى، ئەكسىچە، ئۆز ئەقىدىسىدىن تايمىدى، ساماغا تۇتاش ئىللىق ماكانىدىن تانمىدى.

مانياۋ كەنتىدە، مۇھەببەت سەپىرىدىكى مۇشەققەتلەرنى يېڭىش بىر ئەركەكنىڭ تېگىشلىك مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچى؛ شۇنداقلا بۇ خىل مۇھەببەت بىر ئايال زاتىنىڭ كېچە-كۈندۈز زارىققان ئىللىق ئۇۋىسىدۇر.

بەي جاڭيەننىڭ توي مۇراسىمىغا قاتناشقىلى كەلگەنلەر ئاساسەن ياش قىز-يىگىتلەر ئىدى. قىزلار چىرايلىق قاتلاق يوپكا كىيگەن بولۇپ، بېشىغا كۆمۈش بىزەك تاقاپ، رەڭدار شارپا ئارتقان ھالدا نەپىس قىرغاۋۇل ئۇسسۇلى ئوينىماقتا ئىدى. يىگىتلەر رەتلىك كىيىنىپ، نەي چالغان ھالدا خەلق ناخشىلىرىغا توۋلىماقتا ئىدى. ئەلۋەتتە، بۇنداق سورۇندا تاماشا كۆرۈدىغان كىچىك بالىلار كەم بولمايتتى؛ ئۇلار كۆز ئالدىدىكى بۇ قاينام-تاشقىنلىق كەيپىياتتىن ھەۋەس بىلەن زوقلىناتتى. قېرى بوۋاي-مومايلار بولسا بەختلىك ئەسلىمىلەر ئىچىدە تەۋرىنىپ، بىر چەتتە قاراپ تۇرىشاتتى.

بۇ قاينام-تاشقىنلىق ئارىسىدا، مەن تۇرۇپلا ئارتۇقچە ئادەم بولۇپ قالدىم. بەي جاڭيەننىڭ ئۆيىنىڭ ئايۋىنىدا ئولتۇرۇپ، خۇشاللىققا جۆر بولغان كىشىلەرگە نەزەر سالدىم. ئۇلار قىز يۆتكەش ئىشى بىلەن ئالدىراش بولۇپ، چىرايىدىن چەكسىز بەخت بالقىپ تۇراتتى. ئەمما، ھېچكىمنىڭ مەن بىلەن كارى يوق ئىدى. چىرايلىق ياش قىزلار ئۇيەر-بۇيەردە پاراڭلىشىپ تۇراتتى. كۈلكىسى شۇنداق يېقىملىق بولۇپ، ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان غۇنچىنى ئەسلىتەتتى. ئۇلارنىڭ نېمىشقا كۈلىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى، ئۇلارنىڭ ئاشۇ تىنىمسىز سوقۇپ تۇرغان يۈرىكى ئاينىڭ پارلىشىنى، ئەتراپ سۈتتەك يورۇپ تۇرغان ئايدىڭ كېچىدە ئۆزلىرىنىڭ يېقىملىق ناخشىسى ئارقىلىق ئۆز رىسقى چۈشكەن ۋاپادار مەشۇقىنى تېپىشنى ئىستەيتتى.

مەن ئۈنسىز بىر چەتتە تۇرۇپ زوقلاندىم. بەي جاڭيەننى يۆتكەپ كېتىدىغانلارنىڭ قارىسى يىتكەندىن كېيىن، پۈتكۈل مانياۋ كەنتى يەنە بۇرۇنقىدەك جىمجىت ھالىتىگە قايتتى. دەل شۇچاغ، مەن بىر جۈپ ئامراق قىرغاۋۇلنىڭ بەي جاڭيەننىڭ ئۆيىنىڭ تۈۋىدە چۆرگىلەپ يۈرگەن بەختلىك ھالىتىنى كۆردۈم. ئۇلارنى ئۈركۈتمەسلىك ئۈچۈن يۈك-تاقامنى يۈدگىنىمچە، بەي جاڭيەننىڭ ئۆيىدىن جىمجىت ئايرىلدىم. 

«مىللەتلەر ئەدەبىياتى»(خەنزۇچە) ژۇرنىلىنىڭ 2010-يىللىق 1-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.



ئىنكاس يازىمەن | نەقىل ئالىمەن

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت *

تور بېكەت